يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: ئابدۇخېلىل

يۈسۈپجان قىيىمغا ھەسپىھال: ئابدۇخېلىل مىرخېلىل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-3-23 22:10:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەي ئا.خېلىل نىمە دىشۋار بۇ؟!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-24 13:46:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستتۇم ئابلەت ئابلىكىمنىڭ بىزدىن سۆيۈنۈپ ھەم كۆيۈنۈپ يازغان ھەزىلىگە ئىقتىباس...

ياخشى قىپسەن سەنمۇ ئابلەت، ئويماق ئويۇنغا قېتىلىپ،
يۈرگىچە پىنھاندا پىتتەك، چىققانمۇ ئەۋزەل ئېتىلىپ،
توقۇناق تەنبىھ بىلەنلا، كەتكەي كېتىكلەر ئېتىلىپ،
چىققۇسى چىمدىم گۇناھلار، ئاسىي گۇناھقا چېتىلىپ،
تۇتىسەن مەيدەڭنى مەھكەم، كەتكەندە ئۆپكەڭ قېقىلىپ.

مەن بىلەن يۈسۈپ يەنە، مەڭگۈ ئەمەسمىز پەللىدە،
كى قوساق تويماس پەقەتلە، خۇرجۇنغا تىققان زەللىدە،
ئىتىقات دەۋرەيدۇ دىلدا، ھەرگىز ئەمەستۇر سەللىدە،
دوستقا نەدە ئىتىمات، سەندەك قوشۇقچى دەللىدە،
ئەمدى بايقا كىم قېلىپ ، كىملەر كېتەركىن چېقىلىپ.

كۆزىنى ھەقلەرگە يۇمغان، بۇلغايدۇ ئاخىر سوتىنى،
ياندۇرىدۇ كەينىگىلا، يالغاندا مىلتىق ئوقىنى،
ئالىدۇ ھوسۇلنى قاپلاپ، تىيىز سېلىپلا سوقىنى،
بىلىمىز كۆزىنى يۇمغان، يەيدۇ ئۆزىنىڭ پوقىنى،
ئويلىغىن كىم تىك تۇرۇپ، كىملەر يېتىپتۇ يېقىلىپ.

بايقىىسام ئۆرۈپ قويۇپسەن، يۈسۈپ قىيىمنىڭ دېيىنى،
ھەي چاتاق ئىچىپ قويۇپسەن، ھارغاندا كەندىر مېيىنى،
دورا دىسە يەپ يۈرۈپسەن، پىستە كۈچۈكنىڭ پېيىنى،
سەن كەبىي ئىنجىقچىنىڭ، كىملەر يۇغارغان لېيىنى،
ۋاھ قارا كەتكەنلىرىڭنى، ئۇشبۇ ھەزىلدە يېتىلىپ.

ئادىشىم قولۇڭغا قارا، تۇتتۇڭ نېمىنىڭ سېپىنى،
مېنى جىملەپ بىردە قىپسەن، يۈسۈپ قىيىمنىڭ گېپىنى،
نە سەۋەپكىن تارتىۋاپسەن، جىنكەشكە بەرمەي دېپىنى،
ۋە يېرىپسەن ياندۇرۇپ، تۆھمەتتە گەپنىڭ قېپىنى،
ئېيتقىنە ئالغانمۇ بارمۇ، مۇنداقمۇ ئىشنىڭ ئېپىنى،
يالىدىن يۇيغان چىنەڭمۇ،كەنكەندۇ ئەمدى چېقىلىپ.

كى سۆزۈڭچە بولغىنىدا، بىزلەر كېتىپتتۇق مازلىشىپ،
توخۇ تۈگۈل ئۆردىكىڭ يوق، كەتكەن چېغىڭ بار غازلىشىپ،
سەن تېخى يۇرۇق جاھانغا، كەلگەن چېغىڭ بار ئازغىشىپ،
چوقۇشار توخۇ جېنىدا، ئەۋۋەلدە ئىككى بازغىشىپ،
مۇرتلىرىڭ چىقتى ئەنە، ئازمان ئۈنىدە ئازنىشىپ،
شۇ سەۋەپ جۇت قىشلىرىڭ، كەتكەندۇ دوستتۇم يازلىشىپ،
ئەسكى تامدىن چىققان كەبىي، بىزنىڭ ھوشۇدەك تازلىشىپ،
مارىغان ئىت خۇيىدا، قويدۇڭغۇ بىزگە چېقىلىپ.

شۇنچە ئەزۋەي نە كېرەككىن، ژورنال- كىتاپ ساتقانغىمۇ،
يار- يۆلەكى بوپ بىراۋنىڭ، جېنىغا جان قاتقانغىمۇ،
دىلنى- دىلغا بىر مېھىرنى، رىشتە قىلىپ چاتقانغىمۇ،
بەرمىيىن قىلچە ئاراملىق ، گۆردە ئۆلۈپ ياتقانغىمۇ،
كۈلدۈقا قەھ- قەھ سېلىپلا، پۇتىغا تاش پاتقانغىمۇ،
ئۆزىنى ئۆزلۈكتە رۇسلاپ، كى شىنىدەك قانقانغىمۇ،
كۈلىمىز مايماق تېخىچە، ئوقنى نىشانغا ئاتقانغىمۇ،
تويغۇزۇپ توق بۇرنىغىچە، ئەلنىڭ سۈيىدە ئاققانغىمۇ،
ئۇپرىتىپكى ئاياقىنى، ھەر- ھەر قايان چاپقانغىمۇ،
شۇنداق قىلىپ بىرەر ئىشنىڭ، يوللىرىنى تاپقانغىمۇ،
ھېچ ھىيىقماي ھىيلە بىلەن، دەسسىتىپ قاپقانغىمۇ،
بىر سۆڭەك پاتتى گېلىڭغا، يۈر ئەمدى سەنمۇ قېقىلىپ.

ئادىشىم ئىچىڭ كۆيۈپكى، يازغانلىرىڭ مۇشۇمىدى،
ئىچىمىزنى ئۆڭتۈرۈپكى، قازغانلىرىڭ مۇشۇمىدى،
ئۆلتۈرۈش قەستىدە ئۇرغان، بازغانلىرىڭ مۇشۇمىدى،
تارتىۋەتكەن تاشلىرىنى، ئازمانلىرىڭ مۇشۇمىدى،
يالىدىن يالغان ياساشتا، ئازغانلىرىڭ مۇشۇمىدى،
پىترىدەك ئوقلاردا قالدىڭ، كەتكەندۇ مەيدەڭ تېشىلىپ.

چاينىغىنىڭ تەمى كەتكەن، يۈسۈپ قىيىمنىڭ شالۋىقى،
كى سۈدۈكچە سۈتلىكى يوق، نەلەرگە كەتكەن قايمىقى،
بايقىسام سېىڭدە كۆپكەن، گەپنىڭ قۇتۇرى، مايمىقى،
ئېيتقىنە ھەزىلدە بولغان، كىملەرنىڭ ئالغان ئايمىقى،
بولسىمۇ بولغاي سېنىڭچە، ئازگالچىلارنىڭ ناينىقى،
تۇتمايىن ئۆزۈمنى مەن ھەم، كەتتىم تېرىقتەك چېچىلىپ.

سەن ئۆزۈڭ شۇنداق يۇۋاشسەن، يۇشماق يۇۋاشنىڭ ئورۇقى،
ئۆلسىمۇ يۇۋاش يىيەلمەي، بولغان ئەمەستۇر سورىقى،
توۋۋا دەي پوقمۇ ياۋاشدۇر، بارساڭ پۇرايدۇ پۇرىقى،
ۋاھ ئەجەپ كاتتىڭ پۇراپلا، بولمايدىغاندەك سورىقى،
ئۆرۈلەر ھامان تېگىدىن، سەندەك يۇۋاشنىڭ قورىقى،
ۋاي ئاداش تۇرساڭلا ئىشقا، چاپچاق مۈشۈكتەك چېپىلىپ.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇخېلىل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-24 14:04  


ۋاقتى: 2014-3-24 14:04:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
             بىر چىرايلىق باشلانغان شېئىرىي چاقچاق رەسمىي تاپتىن چىققىلى تۇرۇپتۇ،بۇ ياخشى ئىش ئەمەس. شۇ تاپتا ھەر ئىككى تەرەپ بېشىغا ياغلىق ئارتىۋالغاندەك تۇيغۇ بېرىپ قويدى ماڭا. دېققەت قىلىڭلار،چاقچاقنىڭ داۋامى ئۇششاق سۆزگە ئايلىنىپ كەتمىسۇن. يازغۇچىلار تورى ھەركىمنىڭ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىۋالىدىغان سەھنىسى ئەمەس.

ۋاقتى: 2014-3-24 14:42:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى ئابدۇخېلىل ،مەيلى يۈسۈپجان قېيۇم مەيلى ئابلەت ئابلىكىم بولسۇن ئىلى دىيارىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزىمەتلىرى ، بۇلارنىڭ بۇ يەردە ئەمەس خېلى يەردە سالمىقى ،ۋەزنى بار شەخىسلەر ، بۇلارنى يىراق يۇرتلاردا غايىۋانە ياد ئېتىدىغان ، ئەسرالىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلارمۇ كۆپ ، ئۈچپارچە شېئىرىي مۇخەممەس بۇلارنىڭ خاراكتىرىنى ، كىشىلىك قەدىر -قىممىتىنى ،ئۇلارنىڭ تۇرمۇشقا ،ياشاشقا ،پۇلغا ۋە باشقا كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان نازۇك قاتلاملارغا بولغان قارىشىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ قانداقلىقىنى ئىسپاتلىغاندەك تۇرىدۇ ، چۈنكى بۇ ئۈچ شەخسبىر بىرىنى بەش بارمىقىنى بىلگەندەك بىلىشىدىغان ،چۈشىنىشىدىغان ئوتتۇرا ياش كىشىلەر  ، گەرچە بۇلار مۇخەممەسلىرىدە «دوست يىغلىتىپ ئېيتار ، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ ئېيتار »دىگەندەك بىر -بىرىنىڭ ئەيىپ نۇقسانلىرىنى كۆرسۈتۈپ بۇندىن كېيىن توغرا يول ،ئالىجاناپ خىسلەتكە ئىگە دىگىنى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك پاكىز يۈرەك ئەدىپلەردىن بولۇشنى تەلەپ قىلغاندەك قىلغان بولسىمۇ ، ئەمىلىيەتتە بىر بىرىنىڭ يېغىرىنى تاتىلاپ ئاچچىق ئاغرىق تېپىۋالغاندەك تەسىرات پەيدا قىلىپ قويغان ،ھەر كىم بىلىدۇ ،بىراۋنىڭ ئەيىبىنى كۆپنىڭ ئالدىدا دىيىش ،شۇ ئادەمنى تولىمۇ وسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ ، مەيلى كىم بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇ بۇنداق تەنقىدنى قوبۇل قىلالمايدۇ ، شۇڭا بۇ ئۈچ ئەدىپ قىزىقارلىق بۇ شېئىرىدا ھۇجۇم قىلغۇچى شەخسنىڭ ئەيىبىنى تېپىشتا بەك كۆپ ئىزدەنگەن ، ماتىريال كۆرگەن ، ئۇچۇر توپلىغان ، تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان . ئەمدىلا ئىجادىيەتكە قەدەم قويغان سەبى ھەۋاسكارلاردەك ئېچىلىپ ،يېيىلىپ پىكىر بايان قىلغان ،قاپىيە سۇ ئامبىرىنى بىراقلا ئېچىپ ،قەلىپ ئېتىزلىرىنى ۋەيران قىلىشقا زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ھەم بىزنى پىخىلداپ كۈلۈش شەرىپىگە مۇيەسسەر قىلغان ، بۇ ئۈچ شەخىستە بىر خىل شۇملۇق بارمۇ نىمە دىگەن تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىشقا يوشۇرۇن ھەم ئاشكارە بىشارەتلەر بېرىلگەن .

ۋاقتى: 2014-3-24 14:46:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غېرىپلىق كوچىسىدىن قۇتۇلۇپ ، پۇل ئۈچۈن تىركىشىش ھەممە ئادەمنىڭ بېسىپ ئۆتىدىغان يولى ،بۇ يولنى تالاشتا ۋاستە تاللىماسلىق بۇمۇ بىر لەززەت دەپ قارايدىغانلارمۇ كۆپ

باھا سۆز

ۋاستە-ۋاسىتە...  ۋاقتى: 2016-4-2 01:13 AM
ۋاقتى: 2014-3-24 14:54:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ يەرگە ئېزىقىپ كىرىپ قاپتىكەنمەن ، كالىچىم يوق تۇرىدۇ ...قايسىڭلار دەسسىۋالدىڭلاروي ؟  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەبىبە.ت.دىدار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-24 14:55  


ۋاقتى: 2014-3-24 17:13:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ۋاقىپ بولغايسىلەركى،3-ئاينىڭ 21.كۈنى نېلقىنىڭ سۇپتاي يېزىسىدا نورۇز مۇناسىۋىتى بىلەن يەتتە ئېقىلىمدىكى نەزمىچىلەر يىغىلىپ،يىتۈك ئۇستازىمىز ئابدىخىلىل مىرخېلىلغا جىددى سوت ئېچىلدى.مەن بۇ سوتنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىنى تور ئەھلىگە سۇندۇم.

باشتا چىن پۈتمەپتىمەن،ئا،خېلىل ئۆلدى دىسە،
ماختىغان مەزمۇت تېنى،بېلىدىن سۇندى دىسە،
جىسمى گۆرگە كىرمەيىن،كۆزگە توپا قوندى دىسە،
تىترىدى دار ئالدىدا،تومۇزدىمۇ توڭدى دىسە،
توردا تور سالغانلىرىغا،بۇرنىغىچە تويدى دىسە،
ئۆز تىغىدا ئۆزىنى،پۇشمان بىلەن سويدى دىسە.

بايقىسام جىسمى ھايات،روھى ئۆلۈپتۇ ئالدىدا،
روھى قاپتۇ تور ئارا،بوپتۇ بىراق جىسمى جۇدا،
ئا،خېلىل ‹‹تور پادىشاھى››،دەپ زۇۋال چىققان سادا،
بۇ كۇپۇرلۇق دەستىدىن،تەستەككە بىر ئۇردى خۇدا،
تورغا ئاشىق بۇ ساياق،ئەيلەپ بۈگۈن جاننى پىدا،
ئەل ئاڭا نەپرەت ئوقۇپ،ئوتلارغا  يول ئالدى دىسە.

ئەمدى ھەقىقەت ئوتىدا،كۆيگەنلىرىنى كۆرىمىز،
توردا ھە،‹‹ئالتۇن بېلىق››،سۈزگەنلىرىنى كۆرىمىز،
قىلچە تەپ تاتماي يېلىڭ،يۈرگەنلىرىنى كۆرىمىز،
نەچچە مېڭ ۋايجاندا،زەنجىر ئۈزگەنلىرىنى كۆرىمىز،
توردا توختام كىم بىلەن،تۈزگەنلىرىنى كۆرىمىز،
ئا،خېلىل شۇنداق لەنەت،غەزەپكە كۆپ قالدى دىسە.

ئاستانىگە ئاتتى پەشۋا،مويۇنگۈزەل ئايماق تۇرۇپ،
ئاۋازى خىر بۇ بەندىنىڭ،ئۆزى بىر مايماق تۇرۇپ،
چىقتى بۇ ئورۇنغا قانداق،ئەقلى يوق نايناق تۇرۇپ،
قىلدى كىم ئۆتۈككە تەڭ،ئۇ تېخى پايپاق تۇرۇپ،
قىلدى رەسۋا بارچىنى،ئاخىرى شاتراق ئۇرۇپ،
ئەمدى تەس ئىشەنمىكىم،ئۇ تىرىلىپ قالدى دىسە.

تەگدى خاننىڭ يارلىقى،شاكىر ئىلاجى قولىغا،
كۆرۈپ ئۇنىڭ گۇناھىنى،قېتىلدى خاننىڭ خورىغا،
قوغلا توردىن دىدى ھەم،جاللات بىلەن ئۇ دورغىغا،
كۆيدۈرۈڭلار ئا،خېلىلنى،مەھكەمۇ ئوراپ بورىغا،
تۇپراقنى بۇلغاپ كەتمىسۇن،كۈلنى چېچىڭلارچۇ سۇغا،
كىم ئىشەنگەي شاكىرى،يالغان مۇقام چالدى دىسە.

بۇ قارار ئەلگە يىيىلدى،سۇپتايدا ھەم نورۇز كۈنى،
جېمىكى شائىر يىغىلىپ،چىقتى شاكىركام ئۈنى،
دىدى ئۇ غەزەپ بىلەن،خېلىل دىگەن ‹‹پېشۋا›› قېنى،
ئېپ كەلدى جاللاتلار شۇ دەم،پالاز كەبىي سۆرەپ ئۇنى،
بىر چىراي بولدى ئايان،بۇت كەبىي يوقتۇر قېنى،
ئادەمگە ئار نۇمۇس ئىكەن،قېرى تۇرۇپ ئازدى دىسە.

ئۇ،گۇناھكارنى كۆرۈپ،قەھرىدە ئۆرە تۇدى،
بۇ گۇناھكار ئەسلى تورنى،باشقۇرار بىر زات ئىدى،
كەلسە مەزلۇم ھال ئېتىپ،ئەپلەپ تۇرۇپ پارە يىدى،
شېئىر چىقارماق بولسا كىم،نەپ بولمىسا تامدەك تۇدى،
بۇ گۇناھىڭ ھەققۇ ھە،دىسە خېلىل شۇنداق دىدى،
توۋۋا دەپ تۇتتۇم ياقا،توردىن كۆمۈش سۈزدى دىسە.

گەپ ئېلىپ ئەسئەت پىرىم،ھەممىنى ئېيىت دىدى يانا،
ئا،خېلىل ياشلار تۆكۈپ،دىدى نىچۈن تۇغدۇڭ ئانا،
دىدى ھەم ئاسىم چىقىپ،تور ئىچىدە قۇردۇڭ ‹‹سانا››،
ئا،خېلىل ئەتراپقا باختى،ئىزدەپ ئۆزىگە باش پانا،
دىدى چىقسۇن سۆرىگەنلەر،ئۇنىڭ بىلەن بىللە چانا،
كىم ئىشەنگەي ئۆز كۆزىنى،ئۆزى ئېزىپ ئويدى دىسە.

بۇ سوراقتىن تىترىدى،ئا،خېلىلنىڭ مورتلىرى،
كوچىدا ۋاي-ۋاي ئېتىپ،قاچتى جەپەر،مەخمۇتلىرى،
مەن خاتا بىرىپتىمەن،ھوقۇقنى دەپ ئە،ناسىرى،
بىر تېپىك ئاتقان ئىدى،يېرىلدى خېلىل قاڭشىرى،
چۈشتى شۇنداق ئورىغا،ئىبرەت تېغىنىڭ قاسقىرى،
ئا،خېلىل يىدى بىشىن،ئاڭلىماي بولدى دىسە.

بۇ نۇمۇسلۇق سوت ئارا،ھەيرانە ھەس بولدى ئاۋام،
تۈگمىگەش قىلغان ئىشى،يەنە سوراق قىلدى داۋام،
ئا،خېلىل كىچىكلىدى،بولدى ئوچاققا بىر تۇتام،
كىملەرگە تۆھمەت ئەيلىدىڭ،دىگەندە بولدى مېڭ تارام،
ئۇ دېدى راس يەپتىمەن،ئايرىماي ھالال-ھارام،
بەلكىم ئىشەنمەس ھىچ كىشى،مۇنداق بايان قىلدى دىسە.

ئۇ دىدى مەن ئا،ھەسەنگە،باشتا پۇت ئاتقان ئىدىم،
بۇ چىلىشتا دۈم چۈشۈپ،ئورۇن تۇتۇپ ياتقان ئىدىم،
شەۋكىتىنى ئوڭشىماق بوپ،دۆڭلەرگىمۇ چاپقان ئىدىم،
نەزمىسىگە گەپ تاپالماي،پۇچەك قوشاق قاتقان ئىدىم،
بىر مەھەل تور باشقۇرۇپ،ئانچىكى يۈز تاپقان ئىدىم،
ئىشىنىڭلار ئەي خالايىق،بۇ يەردە ئۇ چاندى دىسە.

ئۇ دىدى: ئارقىسىدىن،تاتسام يۈسۈپ كالپۇكىنى،
باشلىرىمغا ئۇردى دەششەت،تەييار قىلىپ كالتىكىنى،
مەن ئىدىم ئەسلى ئاغا،ئۇنى دىگەنتىم ئۆز ئىنى،
توردا تۆھمەت توقىغانتىم،رەسۋا ئەزىم قىلدى مېنى،
بۇنى كۆرۈپ راستنى ئېتسام،دەتتە پېقىر چىقتى جېنى،
ھەسرەتتە ئۆرلەپ ئۆپكىسى،گەپتىن تامام قالدى دېسە.

مەن دىدىمكى:ئەي ئاغا،پېقىرغا ئۇستاز ئۆزلىرى،
ماڭا ھەرگىز باقمىغاي،نەپرەت بىلەن جۈپ كۆزلىرى،
تور ئارا قويدۇم يىنىپ،بولغاشقا تۆھمەت سۆزلىرى،
يىگىنىم راستۇر تائام،مېھمان بولۇپ بىر كۈنلىرى،
خويما ئىللىق بىلىمەن،مېھمانغا جەننەت ئۆيلىرى،
كەلمەمدۇ پېقىرغا ئېغىر،ھەقسىز توغاش ئالدى دىسە.

مېھمانغا سالماق دەستىخان،ئۇدۇمغۇ ئۇيغۇر ئەھلىگە،
بەرگەنلىرىنى داملىسا،ئايلانغۇسى ئۇ زەھرىگە.
قىلسا مىننەت ئەر تۇرۇپ،قالمامدۇ تەڭرىم قەھرىگە،
سىزدە ھېچ قازا ئەمەس،بامدات،پېشىن،نامازدىگە،
يەنە شەيتان ئازدۇرۇپ،يىسە چەكلەنگەن مېۋە،
سىزگە دوزاقتۇر راۋا،ھەق يولىدىن ئازدى دىسە.

ئۇ دىدى:يۈسۈپ يىسە،يىگەنگە ھەق ئالغان ئىدىم،
نەزمىدە يەڭمەك بولۇپ،گەپنى مەن يالغان دىدىم،
قويغان چېغى يول كۆرسۈتۈپ،پۇلنىمۇ تاپقان ئىدىم،
بۇنى يالغانغا بۇراپ،قازاننى ھىم ياپقان ئىدىم،
بىرنى شۇنداق ئون قىلىپ،توردا قوشاق قاتقان ئىدىم،
ئويلىسام نۇمۇس ئىكەن،مېھمانغا ھەق ئالدى دىسە.

مەن دىدىم:بايلىق دىگەن، ئەي ئاكا قولنىڭ كىرى،
خان قەلەندەر بولغۇسى،مۈشكۈل ئاكا جاھان سىرى،
مەن لېكىن تاپتىم روناق،بەلكىم بىلەرسىز كۈنسىرى،
ئۆمرۈمگە يىتىپ ئاشقۇسى،پايدىغا قالغان دىرى،
يەنە شۈكرى ئېتىمەن،كەتسە قولدۇن ھەر-بىرى،
مەيلى بەرگۈم بار مېنىڭ،ھەققىم يەنە قالدى دىسە.

مەن دىدىمكى:قازىغا،مەيلى ئۇ كالپۇك  دىسە،
يازغىنىم دەپ ھەسپىھالدا،تۆكسە مەيلى دەت-ئېسە،
نە،ئۈچۈن بۇنچە چېچىلغاي،كالپۇك ئۇنى بىر سۆيمىسە،
ياكى يەملەپ ئاغزىنى،‹‹خىر-خىر›› قىلىپ ئۆلتۈرمىسە،
كالپۇكۇم بەرگەن خۇدا،ئېغىرىنى بىلدۈرمىسە،
شۇل ئىگەم كالپۇكتا خىسلەت،يەنە رىزىق باردى دىسە.

ئۇ دىدىكى:‹‹ئەممىۋاي››نى،باشتا مەن قىلغان ئىدىم،
تاپقىنىمنى رەڭ قاتاردا،ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىدىم،
ئۆيدە جىڭ گۆش يوق تۇرۇپ،باشقىغا قوي سويغان ئىدىم،
ئۆيدە بەش تەرەت ئېلىپ،تەسۋى سېرىپ تۇرغان ئىدىم،
ئاتلىسام بوسۇغۇدۇن،ھەر خىل سورۇن قۇرغان ئىدىم،
بۇنى ئاڭلاپ قازىنىڭ،غەزىپى ئوت ئالدى دىسە.

قازى كالان شاكىرى،بۇ ئىشقا بىر بەردى باھا،
ئۇ دېدىكى:قىلغىنى،قىلدى باغرىمنى يارا،
ئىشەككە تەتۈر مىندۈرۈپ،يۈزىگە سۈركەپ قارا،
ئا،خېلىلنى ئاخىرى،رەسۋا قىلىڭلار ئەل ئارا،
ئېسىڭلار ۋىجدان دارىغا،يىسۇن تېنىنى تاز قارا،
ئىشىنىڭلار ئا،خېلىلنى،تىترەپ تۇردى دىسە.

شاۋكىتى ئىبرايىمۇپ،كەتتى شۇ چاغ بەك ئاھ،ئۇرۇپ،
دوستى دار ئالدىغا ماڭسا،باغلىرى كەتتى قۇرۇپ،
تىزلاندى دەرھال قازىغا،دوستى ئۈچۈن يىغلاپ تۇرۇپ،
قىلىڭ ئۆلۈمدۈن كەچۈرۈم،دىدى يەر تىلغاپ تۇرۇپ،
ئالدى شۇندا قازى بەگ،ئۇنىمۇ يەردىن يۇلۇپ،
شەۋكىتى دەرھال ئۆزىنى،دالدىغا ئالدى دىسە.

قازى بەگ دىدى:غەزەپتە،خېلىلنى دارغا ئاسمىساق،
تور ئەھلىگە يوق تېنىچلىق،‹‹خىر-خىر›› ئۈنىنى باسمىساق،
گەندىدەك چاچرايدۇ تىنماي،ھەتتاكى چالما ئاتمىساق،
تور ئارا ئەدەيدۇ غەيۋەت،گەر ئۇنى يوقاتمىساق،
تېنىنى سولاپ قەبرىگە،تاناۋىنى بىر تاتمىساق،
‹‹ئەيبۇ شاخ›› بەرمەس ئارام،ئۇ تىرىك قالدى دىسە.

ئېتقىنىم يالغان ئەمەس،باردۇر گۇۋاھلىق بەندىلەر،
سۆزۈمنى گەر يالغان دىسەڭ،بۇنى ئەكرەمكام بىلەر،
چۈنكى سوت مەيدانىدا،تارانچى پىر ئەدھەم يۈرەر،
يەنە قورغاستىن ئۇچۇپ،رەخىمى قاينام كېلەر،
مىركايىل،ئىمىن يەنە،سورىساڭ سۆزلەپ بىرەر،
سۇپتايدا جاھالەت پىرى،ئىشىنىڭ ئۆلدى دىسە.

مەن بىلەرمەن ئا،خېلىل،گۆردىن ئۆمىلەپ چىقىدۇ،
مۇرتلىرى دەي-دەيگە سېپ،يەنە يۆلەپ چىقىدۇ،
سۇلىرى ئاققان چىلەكنى،يەنە تۈۋلەپ چىقىدۇ،
يېرېلغىنىنى بىلمىگەن،شارنى پۈۋلەپ چىقىدۇ،
ئاخىرى شۇنداق قىلىپ،ئۇنى بالاغا تىقىدۇ،
تىنىقى ئۈزۈلگىچە،ئۇنىماس بولدى دىسە.



ۋاقتى: 2014-3-25 00:27:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامىنە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-5-18 12:47 AM  

دوستلىقىڭلارغا كۆز تەگمېسۇن ئەزىزلېرىم !!

باھا سۆز

شىرىن زۇبان غولجىلىق-شېرىن زۇۋان غۇلجىلىق...  ۋاقتى: 2016-4-2 01:15 AM
ۋاقتى: 2014-3-25 00:31:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاقچاقلارنى ئالامەت يېزىۋېتىپسىلەرغۇ دوستلار.

ۋاقتى: 2014-3-25 11:21:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تــۆۋىنــامە
(يازغۇچى ئابدۇرسۇل سېيىت،ئادىلجان ھەسەن ۋە باشقا تورداشلارنىڭ تەۋسىيەلىرىنى ئاڭلاپ...)

چاقچىقىم كەپتۇ ئېغىر، ئالىلىرى.
قەلبىڭىز بوپتۇ يېغىر،ئالىلىرى.
ئوقوبان بولدۇم خىجىل،ئالىلىرى.
قىزىرىپ خۇددى بېغىر،ئالىلىرى.
پۇشمىنىم بەكمۇ ئېغىر،ئالىلىرى.

ئۆزلىرى چاقچاقچىلارنىڭ كاتتىسى،
ئۆزلىرى تۇيۇقچىلىق يول باشچىسى،
ئۆزلىرى خىر-خىرچىلارنىڭ ئاتىسى،
ئۆزلىرى يول باشچىلارنىڭ ياخشىسى ،
يـاشلىرىم لىغىر-لىغىر،ئــالىلىرى.

«بولىدۇ چاقچاق دېگەن دوستلار ئارا،
قېرى-ياش،يىراق-يېقىن،يۇرتلار ئارا،
قىلىدۇ چاقچاقنى دىل تارتسا يانا.»
دەپتىمەن بۇ ئىشنى ئويلاپ بەك چالا.
ئىقتىباس بــولدى تېگىل ئـالىلىرى.

ئەسلىغۇ چاقچاق دېگەن يالغان نېمە،
شۇ سەۋەپ بىزگە ئۇدۇم قالغان نېمە،
گەپ بىلەن بىر-بىرىنى چالغان نېمە،
ئويلىبان پىرغا ھۇجۇم قىلغاندىمەن،
ئـاقتىغـــۇ شــالىلىرى،ئـــــالىلىرى.

مۇنچىلىك دەۋرەش كېتەرمۇ بىلمىدىم،
مۇنچىلىك«تەۋرەش»كېتەرمۇ بىلمىدىم،
غۇنچىنى چەيلەش كېتەرمۇ بىلمىدىم،
كۈلكىگە ئەۋرەت كېتەرمۇ بىلمىدىم،
سەۋرىگە بـەكمۇ بېخىل ئــالىلىرى.

يازغىنىم ئەمەس يۈسۈپنىڭ شالۋىقى،
ماڭغىنىم بىلىڭ ئۆزۈمنىڭ قولۋىقى،
تـۇتىدۇ گاھىدا ئىلھام تــولغىقى،
ئەسلى بۇ كۆڭۈل كۆزۈمنىڭ كورلىقى،
گەپلىرى دۇرمۇ-شېخىل، ئالىلىرى.


ئا.سېيىت خويمۇ خىجىل قىلدى مېنى،
ھەق ئەمەسمۇ «شوتا»نىڭ دېگەنلىرى،
ئـاتمىدۇ،تــۇلپارمىدۇ مىنگــەنلىرى،
ئـۇنتۇلۇپ قـالغانمىدۇ يــۈگەنلىرى،
خــۇيلىرى ئـەسلى ئېسىل ئالىلىرى.


ي.قېيىم سوتلاپتۇ توردا قارىسام،
دىسلىبان قاتلاپتۇ توردا قارىسام،
ئۆزىنى ئاقلاپتۇ توردا قارىسام،
پىچىقىن چاقلاپتۇ توردا قارىسام،
يۈزىڭىز تاتلاپتۇ توردا قارىسام،
ئۆلتۈرۈپ پاتلاپتۇ توردا قارىسام...
ئۆزلىرى بەكمۇ دېلىل، ئالىلىرى.

يېڭىلىش،يېڭىش دېگەن مەۋجۇت ئەمەس،
بىرىڭىز سـا،بىرىڭىز بۈركۈت ئەمەس،
ئەسلى بۇ چاقچاق دېگەن ساغلام ھەۋەس،
ئادىمى بولماق لېكىن ھەممىدىن تەس،
ئـۆزلىرى بىزگــــە لېدىر ئــالىلىرى

بولدى بەس! توردا «ئۇرۇش»لار توختىسا،
قۇترۇشۇپ بەزمە قۇرۇشلار توختىسا،
سەھنىسىز ئويۇن كۆرۈشلەر توختىسا،
لېيىتىپ باز-باز قىلىشلار توختىسسا،
ھەر كىشى سىرىن قىنىدا ساقلىسا،
ئۆتىلى ئىناق-ئىجىل ئالىلىرى.

4.24

ۋاقتى: 2014-3-25 18:38:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەزىل شېئىرلارغا ھەزىل ئوبزۇر
ئەكرەم ئابدۇمىجىت
بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر تور مۇنبەرلىرىدە بىر-بىرىنىڭ «ئەيىبىنى ئېچىش، چاۋىسىنى چىتقا يېيىش، يۈزىنى مورلاپ يارا قىلىش» مەقسەت قىلىنغان يازمىلار ۋە ئىنكاسلارنىڭ تور ئەھلىنى قىزىقتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان پاكىت. مانا مۇشۇنداق جەلىپكار تېمىلارغا مۇراجەت قىلغان، ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر «ھەزىلىزىم» ئەدەبىياتىدا يۈكسەك ئورۇنغا ئىگە، چاقچاق ماكانى غۇلجىدىن چىققان ئىككى نەپەر شېئىرى         چاقچاق چولپىنى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئىككى چولپان» دېيىلىدۇ)نىڭ مۇشۇ سەھىپىگە ئۈزۈلمەي بېرىلىپ تور ئەھلىنى جەلىپ قىلىپ كېلىۋاتقان يازمىلىرىنى ئوقۇپ بۇ ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنىڭ زوررۇلىكىنى ھېس قىلدىم.
  1. ئالدى بىلەن بۇ «ئىككى چولپان»نىڭ ھەزىل قىلىشتىكى يۈكسەك ماھارىتى «كالپۇكتىكى قېلىنلىق ۋە ئاۋازدىكى خىر-خىرلىق»تىن ئىبارەت موھىم ئىككى جىسمانىي ئۆزگىچىلىكنى چىڭ تۇتۇپ تەسۋىرلەشتە كۆرۈلىدۇ. ئۇلار قارشى تەرەپنىڭ بۇ خىل جىسمانىي بەلگۈسىنى ئارقا كۆرنۈش قىلغان ھالدا ھەر بىر ھەزىل موھىيتىدا بۇنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ تەسۋىرلەيدۇ. ئۇلار بۇ ھەققىدە مۇنداق مىسرالارنى تىزغان.
ئا.مىرخېلىل:
«بارچە خەققە كۆپتىن ئايان ئاشۇ يوغان كالپۇكىڭىز»،
ي. قېيۈم:
«كالپۇكۇمنى تىلغا ئاپتۇ،ئۆزى بىر خىر-خىر تۇرۇپ،»
مانا بۇ مىسرالاردىن بىز بۇ «ئىككى چولپان»نىڭ جىسمانىي ئۆزگىچىلىك ۋە ئۇنىڭ رولىنى چىڭ تۇتۇشقا ماھىرلىقىنى، بۇ ھەققىدىكى بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ مول، تەپەككۈرىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ھېس قىلالايمىز. ئەگەر بۇ «ئىككى چولپان» شېئىرىيەت نۇقتىسىدىن ئەمەس بەلكى، بىئولوگىيەلىك ۋە فىزۇلۇگىيەلىك نوقتىدىن چىقىپ تەتقىقات ئېلىپ بارسا «ئاۋازنىڭ تۇيۇقسىز ئېچىلىپ كېتىشى» ۋە «كالپۇكنىڭ تۇيۇقسىز نېپىزلاپ كېتىشى»دىن ئىبارەت يېڭى بىر بايقاشقا ئېرىشكەن بولاتتى. ئەمما بۇلار بۇ يەردە بىر خىل لېروس بوشلىقى پەيدا قىلىپ بۇ نوقتىلارنى كىتابخانلارنىڭ مۇلاھىزىسىگە قالدۇرغان.
  2. «ئىككى چولپان» ھەزىلچىلىك ئىجادىيىتىدە «بار ئەيىپنى تاپماق، يوق ئەيىپنى چاپلىماق، يېغىرىنى تاتلىماق»تىن ئىبارەت ئۈچ موھىم ئىجادىيەت پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىپ ئۆز مۇددىئالىرىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنغان. نەتىجىدە ھەر بىر مىسرالاردا قويۇق شېئىرىي پۇراق بىلەن ئاھانەت پۇرىقىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ گۇڭگاچىلارمۇ، ئەنئەنىچىلەرمۇ، ھازىرقى زامانچىلارمۇ ۋە كەلگۈسىزىمچىلەرمۇ  بىلگىلى بولمايدىغان بىر خىل يېڭىچە پۇراقنى شەكىللەندۇرگەن. شۇنداقلا بۇ پۇراق ئارقىلىق مائارىپ سەھەسىدە بەلگۈلۈك نەتىجە قازانغان بولسىمۇ شېئىرى چاقچاق ساھەسىدە تېخى بىخ ھالەتتە تۇرىۋاتقان ئابلەت ئابلىكىم، شېئىرى چاقچاققا ئانچە-مۇنچە ياندىشىپ قويىدىغان، ئەمما ئۇنىڭ ئەھلى بولمىغان تېۋىبە ئامىنە ئابدۇۋايىتقا ئوخشاش نارىسىدىلەرنى ئۆزلىرىگە ئوخشاش شېئىرى چاقچاق يېزىشقا رىغبەتلەندۇرگەن.نەتىجىدە ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدەك ئابلەت ئابلىكىم بۇ ئويۇنغا قوشۇلغان. ئۇلار ئىجادىيەتتىكى يېتەكلەشلىرىنىڭ ئىنتايىن  تېز ئۈنۈم بېرىپ ئىزباسارلىرىنىڭ دەرھال يېتىشىپ چىققانلىقىدىن تولۇمۇ خۇشال بولۇشقان.  ھەتتا ئەگەشكۈچىلىرىنى توۋەنامە يازدۇرۇشقىمۇ ئىلھاملاندۇرغان.
3. «ئىككى چولپان» ئۆز يازمىلىرىدا ئاۋال «ئاكا، ئىنى»، «ھۆرمەتلىك ئۇستاز»، «كۆپ قىرلىق ماھارەت يېتىلدۇرگەن» دېگەندەك ھۆرمەت ۋە ئىززەت سۆزلىرى بىلەن باشلاپ ئاندىن ئاساسىي مەخسەتكە كۆچكەن. بۇ خۇددى كىلاسسىكلىرىمىزنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىدە ئاۋال ئاللاھقا، پەيغەمبەرلەرگە ۋە پادىشاھلارغا ھەمدۇسانا ئوقۇپ ئاندىن ئۆز مۇددىئاسىنى يېزىشتەك ئىجادىيەت پىرىنسىپىغا مۇئەييەن دەرىجىدە ئۇيغۇن كېلىدۇ. مەسىلەن: ئابدۇخېلىل مىرخېلىل ئۆز يازمىسىنى« يازغۇچىلار تورىدا يېقىندىن بېرى كۆپ قىرلىق ماھارەت يېتىلدۈرگەن شۆھرەتلىك قەلەم ساھىبى يۈسۈپجان قېيىم ... مەن بۇ بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر قەلەم ساھىبى ئىنىمىزنىڭ ياخشى تىلەك، خالىس نىيەتلىرىگە جاۋابەن ئۇشبۇ نامىنى يوللاشنى لايىق كۆردۈم.» دەپ باشلىغان بولسا، يۈسۈپجان قېيۈم: «   ھۆرمەتلىك ئۇستاز نورۇز پائالىيەتلىرىنىڭ ئالدىراشچىلىغىدا ماڭا سۇنغان تىكەنلىك گۈل دەستىڭىزگە ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرالماي قالدىم كەچۈرۈڭ! كېچىكىپ بولسۇمۇ يازغان بۇ يازمامنى قوبۇل قىلارسىز» دەپ باشلايدۇ. بىز يازمىلاردىن بىز «ئىككى چولپان»نىڭ قەلبىدە ئاتەش مىسال يالقۇنجاۋاتقان دوستلۇق مېھرىنىمۇ ۋە ئارقىدىن كۈچلۈك مەسخىرىگە يول ئالىدىغانلىقىدىن ئىبارەت سۇس بېشارەتنىمۇ ھېس قىلىمىز.
4. بۇ «ئىككى چولپان» بىر بىرىنى ھەزىل قىلىشتا ئوقۇرمەنلەرنى ناھايىتى كەڭرى تۇرمۇش موھىيتىغا باشلاپ كىرىدۇ. شېئىرى چاقچاقلارنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى قەلەيچىلىك، ھەسەلچىلىك، كىتابچىلىق ، شېرىكچىلىك، تىبابەت، تىجارەت، تاپاۋەت ... قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە تۇتىشىدۇ. بۇنىڭدىن ئوقۇرمەنلەر بۇلار ھەققىدە قىسمەن ياكى تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولىدۇ. ئىككىسى ئوتتۇرسىدىكى بۇنداق پىنھان سىرلارنىڭ ئوچۇق-ئاشكارە تور ئەھلىگە نامايەن بولىشى «دوستقا ماتەم، دوشمەنگە توي» بولۇشتىن ئىبارەت ھەقىقەتنى دەلىللەيدۇ. بۇنداق دەل جايىدا شېئىرى مىسرالار ئارقىلىق دەلىلەش قەلىمى پىشقان ۋە تۇرمۇشنى كۈزەتكەن ھەم بىر بىرىنىڭ ئىچكى سىرلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە ياكى باشقىلاردىن ئۇلار ھەققىدىكى مەلۈمەتلەرنى چالا-پۇچۇق ئاڭلىۋالغان شائىرلارنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ ئەلبەتتە.
  5. بۇ شېئىرى چاقچاقلار ئارقىلىق بۇ «ئىككى چولپان»نى ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ شېئىرى شەكىللىرىنى بېيىتىشقا زور تۆھبە قوشتى دېيىشكە بولىدۇ. ھەر بىر پارچە شېئىرى چاقچاقتا مۇخەممەس، مۇسەددەس، مۇسەممەن، مۇستەھزات قاتارلىق كىلاسسىك شېئىرى شەكىللەرنىڭ ۋە ئارۇز ۋەزىن بارماق ۋەزىن  قاتارلىق ۋەزىن تۈرلىرىنىڭ ئارلاشمىسى تولۇق گەۋدىلەنگەن بولۇپ قايسى خىل شەكىلنىڭ ۋە قايسى خىل ۋەزىننىڭ ئاساسلىق ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولماسلىق، ھاياجانلانغاندا كۆزىگە ھېچنېمە كۆرۈنمەسلىك، ئېغىزىدىن چىققاننى مىسرالاشتۈرۈشقا ئالدىراش، بىر يولدىلا دەۋالمىغۇچە بولدى قىلماسلىق مىتۇدىنى قوللانغان.
ئومۇملاشتۇرغاندا بۇ «ئىككى چولپان»نىڭ يازمىلىرىنىڭ مەزمۇنىنى «ئاغزىدا كۈلكە-چاقچاق، قوينىدا پالتا-پىچاق»، «مۆشۈككە ئويۇن چاشقانغا قىيىن»، «ئىككى قوشقار ئۇسسۇشسە بۆرىنىڭ قۇرسىقى ئېچىپتۇ» قاتارلىق ماقال-تەمسىللەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. مەن ئاخىرىدا بۇ «ئىككى چولپان»نىڭ بۇندىن كېيىنكى مۇشۇ خىل ئىجادىيىتىگە «ئۇتۇق»، قەلىمىگە «بەرىكەت» تىلەيمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ekremabdumijit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-25 18:40  


باھا سۆز

ھاھاھا قالتىس«ئوبزور»بوپتۇ بۇ،چاقچاقنى گەپكە ئوراپ قاچىلىغاندەك...  ۋاقتى: 2016-5-19 02:47 PM
ۋاقتى: 2014-3-25 19:36:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرنى قان ئىككى‹چولپان›نىڭ،
ئېغىزى گەپكە فۇنتاننىڭ.
پىچاق ئۇرۇش نە ھاجەت،
قېرىسىغا  قوتاننىڭ!...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-26 10:37:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   نەچچە كۈندىن ھاۋا ياخشى بولماي، يامغۇر يېغىپ بۇ چەت- ياقىنىڭ توكى تۇراقلىق بولمىغاچقا، يوللانمىدا كېچىكىش مەسىلىسى كۆرۈلدى.

 ۋاي ئۇكام ئۆزلە تېخىچە، چاپتى بىلەن ئاتتىدىمۇ،
ئۆزىڭىز ئۆرە جاھاندا، كى باشقىلار ياتتىدىمۇ،
دېمىڭىز ئۈزۈك- ئۈزۈكلا، يۈرەككە تاش پاتتىدىمۇ،
سۆرىتىپ شاخ كەينىڭىزگە، يەنە ئېلىپ- ساتتىدىمۇ،
مۇنچە ئۇششاق گەپ بولامدۇ، سىزدەك بۈيۈك- كاتتىدىمۇ؟

ئۆيدە جىم ياتقان ئىدىم ئىھ، كەلگەندە نەۋرەمنى بېقىپ،
نەچچە قايتا كەلدىڭىزغۇ، ھەزىل بىلەن ئىشىك قېتىپ،
مومىيىم ئاۋارە بولدى، «چىقما» دەپ، مېنى تېقىپ،
شۇنچە قىلساق كىردىڭىزغۇ، ئاخىرىدا ئىشىك چېقىپ،
سىز يەتتىڭىز پەللىڭىزگە، قۇمدەك قوشاق قاتتىدىمۇ.

 بوپتۇ جاكار نامىڭىزدا، سۇپتايدا خېلىل ئۆلدى دەپ،
ئەسلىدىنلا بۇ ساياقنىڭ، ھاياتى دۈگلەك نۆلتى دەپ،
ئۆزىمۇ ئاقماس ئېقىندۇر، لەشلەرگە تولغان كۆلتى دەپ،
تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يېرىمۇ، ئادەمگە بەك يات چۆلتى دەپ،
يەنە شۇ گەپ كىكۇيۇۋدا، ياتلارغا كۆڭۈل بۆلدى دەپ،
شۇ چىرايلىق ئاغزىڭىزغا، ياخشى گەپلەر پاتمىدىمۇ؟

 نامىڭىزغا گۇۋاھ ئىكەن، ھەر يەردە ھەر خىل بەندىلەر،
سىزگە ئالقىش ماڭا قارغىش، ھەر جايدا قىقاس خەندىلەر،
ئارلىشىپ كەتتى مانا، چاقچاققا بەدبۇي گەندىلەر،
بىرلىرى سالماقتا ئەنە، خارەت بولۇپكى رەندىلەر،
بولمىسا بولماس ھەزىلمۇ، دىل رىشتىنى چاتتىدىمۇ؟

ھەر ئىككىمىز كەتتۇق مانا، يالغان بىلەن بازارلىشىپ،
بىلمىگەنلەر دەپ قالىدۇ، قالغانمىدۇ ئازارلىشىپ،
بىز ھېچقاچان يېڭىمەن دەپ، قويمىغانغۇ قارارلىشىپ،
ئېغىر گۇناھ بوپ قالمىسۇن، كەتسەك ئۆلۈپ قازارلىشىپ،
ئويلىماق ھاجەت ئۆلۈمنى، بىر تال ئۈشكە چاققاندىمۇ!

ئېغىر كەتكەن گەپلىرىمنى، كۆڭلىڭىزگە ئالمىغايسىز،
ئەمدى خەقنىڭ يانچۇقىدىن، قوينىڭىزغا سالمىغايسىز،
كى كۆكەرگەن قوناق ئۇندا، بەدتەم ئوماچ چالمىغايسىز،
سۆزلەۋىرىپ پەلە- پەتىش، تىل- زۇۋاندىن قالمىغايسىز،
توختىمىساق ئەمدى بولماس، بىراز دەملەر ئالدىدىمۇ؟

چەيدۇ بىلەپ چىقتى بىرى، قالقان قىلىپ ئاغىڭىزنى،
ھاي دىمىسەم گەر ياياتتى، چىتقا تېخى جاۋىڭىزنى،
چوڭ چاتاقمۇ سىزدە يوقكەن، بايقاپ باقسام چامىڭىزنى،
قازى بىلىپ شا بېگىمنى، ئۇن قىلىپسىز يامىڭىزنى،
ئۇن تارت دىسە سىز تېخىچە، يەنە ياما تارتدىمۇ؟

بىز شاشلىنىپ يۈرگەن بىلەن، سىلاتماستىن ساغرىمىزنى،
باشقا ئەللەر تاراڭلىتىپ، تېشىۋەتتى ناغرىغىمىز،
ئەمدى غاجاپ ئولتۇرامدۇق، تەنگە سىڭگەن زاغرىمىزنى،
يېڭىۋاشتىن بىر كېلەمدۇق، ئىللىق ئېچىپ باغرىمىزنى،
خەقنى قويماي كىرىپ قالغان، كالاچ ئۇنتۇپ قالدىدىمۇ!

تەرەپباللا چۈشۈپتىمىز، بىلىشمەستىن دامىمىزنى،
قىزىپ كېتىپ سۈركىشىپتۇق، يەنە يالغان يالىمىزنى،
ئالدىم- بەردىم پاس ھەيدىشىپ، تولۇقلاشقا چالىمىزنى،
ئۆرلەتمەككە ئۇرۇنىپ بىز، چوغ چوقچىلاپ لاۋىمىزنى،
ئەل- جامائەت كۆردى مانا، ھەزىلدىكى تاۋىمىزنى،
ئىچىمىزدە نان پۇشۇردى، تەڭشەپ تۇرۇپ ھاۋىمىزنى،
تاپقا چۈشمەي، لاپقا چۈشۈپ، ئىشتتۇق بىز داۋىمىزنى،
چېقىۋالدۇق شۇنداق قىلىپ، سورۇن ئارا كاۋىمىزنى،
قېنى ئېيتىڭ سىز تۇرامسىز، چپىچاقتىمۇ، پالتىدىمۇ؟

ئەمدى ھەرگىز جىم ياتقانغا، كېلىپ تاشلار ئاتمىغايسىز،
سەتەڭلەرنىڭ سۈلكىتىدە، نازغىپ قاشلار ئاتمىغايسىز،
سىلاپ تۇرۇپ غول- دولامنى، يەنە باشلار ئاتمىغايسىز،
ئېتىپ قويۇپ ئاخىرىدا، پۈتمەس دەرتنى تاتمىغايسىز،
كى پايلىماي شىلتىڭ ئېتىپ، پالاسلاردا ياتمىغايسىز،
زورلاپ يۈرۈپ سورۇن ئارا، ئۆتمەس مالنى ساتمىغايسىز،
سىزگە تۇشلۇق گەپ تۇرۇپتۇ، تاغار ئەمەس خالتىدىمۇ؟

ئويلاپ بېقىڭ بارمۇ بىزدەك، قىشتا تۇرۇپ بازغاشقانلار،
ئاتلاشماستىن چىقىپ كەتكەن، خوراز كەبىي بازغاشقانلار،
ھىسلىرىدىن سۈر كۆرسۈتۈپ، ئەقىلىدىن ئازغاشقانلار،
بۇ غۇلجىنىڭ چاقچىقىدا، ئەزمە ئېزىپ مازلاشقانلار،
بولدى دىسەم سۆرەپ چىقىپ، ئۇردىڭىز ئاھ دالدىدىمۇ؟

ھەسپى- ھەزىل ئاسمىنىدا، خۇنى ئۆچكەن چولپان بولدۇق،
يالا- يالغان تۆھمەتلەردىن، چاچراپ تۇرغان فونتان بولدۇق،
قايناپ قىزىپ پارتلاپ تېخى، ئاۋازى يوق ۋولقان بولدۇق،
دەسمى چىقىپ غالتەكلەرگە، مانا قۇرۇق دۇكدن بولدۇق،
بىر تېپىككە پايلىمىغان، ئېتى نىپىز پوكان بولدۇق،
ئەركەكلىككە ئەرك بەرمەي، ياغلىق سالغان چوكان بولدۇ،
مېلى تامام تېزىپ كەتكەن، ئىسسىقى يوق قوتان بولدۇق،
ئويىڭىز نەكىن يۈسۈپجان، ياكى خېلىل قايتتىدىمۇ؟

مەمنۇن ئىدىم مەن ئەزەلدىن، شۇ ئەكرەمنىڭ غەزىلىدىن،
قېچىپ كەلگەن ئۇ دوستتۇممۇ، ئادەملەرنىڭ رەزىلىدىن،
نېمە بىلدۇق بىزگە يازغان، ئوبزورسىمان ھەزىلىدىن،
چۆچۈگەنسىز نەقىل ئالغان، ئاۋۇ ماقال- تەمسىلىدىن،
ئىزدىدىڭىز تاپالمايسىز، مېنى بەدەر قاچتىدىدىمۇ...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇخېلىل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-26 10:39  


ۋاقتى: 2014-3-26 13:11:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                ئاخىرقى جاۋاپ
يازمىڭىزدىن بىر خىجىللىق،ھېس قىلىپ قالدىم ئاكا،
ئۇستازغا پەشۋا ئاتقىنىمنى،مەن گۈناھ بىلدىم ئاكا،
ئالدى بىلەن ئەپۇ ئەيلەڭ،مەن ئىگىلەي دىلدىن ئاكا،
بەزىلەرگە بىر ئويۇنكەن،بۇ جەڭدە گەر بولساق ناكا،
تۆرىدە سىز ئولتۇرۇڭ،ماڭا ئورۇن بەرسۇن پەگا،
ئەپۇ ئەيلەپ ئىنىسىنى،ئۇستاز،پىرىم قىلغاي دۇگا.

شاتلىق بىرىپ تور ئەھلىگە،ئالغا قەدەم تاشلىغانتۇق،
ئاغا-ئىنە بولۇپ يەنە،گەپنى سىلىق باشلىغانتۇق،
ئۆز رىسقىمىز يىگىنىمىز،سىڭسۇنچۇ دەپ ئاشلىغانتۇق،
جېمى پىتنە-پاساتلارنى،ئارقىمىزغا تاشلىغانتۇق،
ئەلگە تىلەپ ئىناقلىقنى،تېخى كۆپسەپ قاخشىغانتۇق،
بوپتىمىز شەيتانغا قۇل،ئېزىپ مانا يولدۇن ئاكا.

سىزدە بولسا بىزدىمۇ،چەيدۇ كۆتەرگەن كۆپ ئىدى،
سىزدە بولسا بىر تاغار،بىزدە تېخى بىر كۈپ ئىدى،
ئا،سېيىت ئاغام چىقىپ،ئاغزىڭغا بىر تەستەك دىدى،
بولدى قىل بۇ نەزمىنى،ئەمدى قىل ئەمگەك دىدى،
ئەكرەمكەممۇ تۆھمەت ئۈچۈن،ئەلنىڭ ئۆزى ئەلگەك دىدى،
ئالەمدە ھېچ دوس قالمىغاي،كەتسە ئىشەنىچ قولدۇن ئاكا.

بىر ھەقىقەت مەندە چاتاق،يوقلىغىنى بىلگىنىڭىز،
ئاغدۇرۇپ تۆھمەت تېغىنى،ئەلگە ئېقرار قىلغىنىڭىز،
تېخى سىز بىر تاغ ئاكا،يوق ھېچقاچان سۇلغىنىڭىز،
يوق ھەزىلدە راستنى ئېتسام،ئۇتتۇرۇپ قويغىنىڭىز،
ئەمدى ئىجادقا يول ئېلىڭ،تۇتسۇن ئاڭا تولغىقىڭىز،
مېڭ قەدىرلىكتۇر ئىجاد،بايلىق بىلەن پۇلدۇن ئاكا.

چىقسا گەر توپلامىڭىز،گۈل تۇتاي ئالدى بىلەن،
غەلبىڭىزگە چاي قۇيۇپ،كۆڭۈل ئۇتاي ئالدى بىلەن،
سىزگە زەھەر سۇنسا كىم،مەن يۇتاي ئالدى بىلەن،
سىزگە ئاتسا ئوۋچى ئوق،قالقان بولاي ئالدى بىلەن،
چىقسا بوران سىز قېلىڭ،مەن سۇناي ئالدى بىلەن،
بىز تاپايلى بىر نىجات،بۇندىن كېيىن توردۇن ئاكا.

سىز دىگەندەك بولدى بولسۇن،قويغان ئۈشبۇ ئويىنىمىز،
ئۇستاز شاگىرت سۆيگۈسىدە،چىڭ سىقىلسۇن قوللىرىمىز،
بۇرۇنقىدەك بىللە بولسۇن،سۈرگەن خىيال-ئويلىرىمىز،
قىززىپ كەتسۇن ھە،ئىلاھىم،ئىجادتىكى تويلىرىمىز،
بۇرۇندىنلا ئىجىل ئىناق،ئاچا-سىڭىل مومىيىمىز،
رەنجىمەڭ ھىچ رەنجىمەڭ،پېقىر كەبىي گولدۇن ئاكا.

يۇرتىمىزغا بىر كېلىڭ،قىلغۇزاي سەيلى ئاكا،
بىللە كەلسۇن يەڭگىمىز،قېپ قالمىسۇن نەۋرى ئاكا،
بالا كۆرۈپ بىزنى ھەم،قىلىڭچۇ بىر سەبرى ئاكا،
ئۆتىلىدۇ دوستقا-دوسنىڭ،بىر كۈنى قەدرى ئاكا،
ساتار ‹‹كىتاپ››نى ئېپ كېلىڭ،ساپ ئىنىڭىز قەلبى ئاكا،
بىز ئىجادتا مەڭگۈگە،مەجنۇن بىلەن لەيلى ئاكا.

ۋاقتى: 2014-3-27 10:20:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاقچاقچىلارغا بېېيجىڭدىن سالام!
  ھەزىل چاقچاقلىرىڭلارنى ئوقۇپ، ناھايىتى كۈلىۋالدۇق، ھەقىقىي چاقچاقتىن ھۇزۇرلاندۇق. ئاخرىسىنىڭ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تۈس بىلەن تۈگەللەنگەنلىكىدىن تېخىمۇ خوش بولدۇق.
بۇ چاقچاقلارنى ھەرگىزمۇ بىر ـ بىرىنىڭ ئەيىبىنى ئېچىش ۋە ياكى بىر ـ بىرىگە زەربە بېرىش دەپ چۈشەنمىدۇق.  بەلكى، كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىز ئەنئەنسىگە ۋارسىلىق قىلىش ئاساسىدا يوقنى بار قىلىش، بارنى چوڭايىتىش ئۇسۇلىدا ھەزىل قىلىنغان. بۇنداق ھەزىل قىلىشنىڭ كىشىلەرنى ئەدەپ ـ ئەخلاققا، توغرىلىققا، ساداقەتمەنلىككە يېتەكلەشتە تەربىيەۋى قىممىتى زور! بىزنى كۈلدۈرگەن قەلىمىڭلار ھارمىغاي!!!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش