يۈسۈپجان قىيىمغا ھەسپىھال
يازغۇچىلار تورىدا يېقىندىن بېرى كۆپ قىرلىق ماھارەت يېتىلدۈرگەن شۆھرەتلىك قەلەم ساھىبى يۈسۈپجان قىيىم شاۋكەت رۇستەم بىلەن يېزىشقان شېئىرى چاقچاقلىرىدا مېنىمۇ يېقىن كۆرۈپ بەزىبىر كۆڭۈل سىرلىرىنى بايان ئەيلىگەن ئىدى. مەن بۇ بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر قەلەم ساھىبى ئىنىمىزنىڭ ياخشى تىلەك، خالىس نىيەتلىرىگە جاۋابەن ئۇشبۇ نامىنى يوللاشنى لايىق كۆردۈم. شۇڭا باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىدىيىسىددىن ئۆتسە تەستىقلاپ قويۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
سىزگە زادى نېمە بولدى بىر ئېيتسىڭىز يۈسۈپ ئۇكام،
ئۇچرىغاننى بۇقىدەكلا يۈرىسىزغۇ ئۈسسۇپ ئۇكام،
ھەسپىھالنىڭ ئېرىقىدا كەلمەكتەسىز ئۈزۈپ ئۇكام،
يەنە سوراي ئالدىڭىزكىن نېمىلەرنى سۈزۈپ ئۇكام،
تۈك ئۈندۈرۈپ تۇخۇملاردىن سورۇنلارنى تۈزۈپ ئۇكام.
تۇرغىنىمنى تۇيمىدىڭىز خېلىدىن كى زەنجىر يىغىپ#،
يۈرىكىڭىز كەتمىدىمۇ كەلمىش قازادىن دىر-دىر ئېغىپ،
كۆرگۈلۈكتىن كەتسە ئەمدى كۈلكىڭىزگە قارلار يېغىپ،
سىزگە كىملەر كۈلكىلەرنى بېرەر ئەمدى كىمدىن سېغىپ،
ئاغىڭىزمۇ چىقماقچىدۇر زەنجىرنى بىر ئۈزۈپ ئۇكام.
چېھرىڭىزدىن رەڭلەنگەچكە لەۋلىرىڭىز قىزىرىپتۇ،
سۈرمە تارتىپ قاپاقلارغا قاشقا قەلەم سىزىلىپتۇ،
جالا- جالا كىرپىكلەرمۇ رەت- رەت بولۇپ تىزىلىپتۇ،
سىز كەبىيلەر ھۇزۇرىدا زادى كىملەر تىزلىنىپتۇ،
ئاغىڭىزمۇ ئويناپ قويار شۇنداق رەڭنى سۈزۈپ ئۇكام.
بارچە خەككە كۆپتىن ئايان ئاشۇ يوغان كالپۇكىڭىز،
كار قىلامتى ئاغىڭىزغا بۇ قەسلىبان چاپۇتىڭىز،
شۇمۇ توردا ھەسپىھالدىن ئەيلەپ كەتكەن ئاخۇتىڭىز،
ئۈگۈتىدىن كۆپكەن يەنە كۆرۈڭ ئەنە پاخۇتىڭىز،
قاپىيەنى قوغلىشىڭدە ھەم جايىدا تۈزۈپ ئۇكام.
ئىلگىرىمۇ يۈرگەنتىڭىز، كۆيمەي ئۆرگە ئوتىلىرىڭىز،
كى مىنسىڭىز ماشىنىنى، چۈشمەي دائىم خوتلىرىڭىز،
بىسلىرىنى داتلار باسقان، كەسمەس ياغاچ چوتلىرىڭىز،
نەچچە ئوراپ باغلىسا چىڭ، بەلدە تۇرماي ھەم پوتىڭىز،
سۇيى لەشلىك كونا كۆلدە، كى يۈردىڭىز ئۈزۈپ ئۇكام.
كى ئوڭۇشلۇق ئېچىلغانتى، بىر چاغلاردا سوتىڭىزمۇ،
ھەممە ياقنى قاپلىغانتى، شەپشەك ئاتتەك مودىڭىزمۇ،
ئۆرۈكىڭىز مىڭ قاق بولۇپ، ئاققان ئىدى سودىڭىزمۇ،
ھەممىمىزنى قالدۇرۇپ تاڭ، ناقناقلاپ بەل- يوتىڭىزمۇ،
شۇ نېسىۋە بولمايىن ساپ، كى كەتتىغۇ توزۇپ ئۇكام.
نىرۋا، يۈرەك ئاغرىقىدىن، يوقالغانتى خۇدىڭىزمۇ،
تازا كۈچەپ كەتكەن ئىدى شىۋىرغانلىق جۇتىڭىزمۇ،
نىجاسەتتە بۇلغانغانتى، سىز قېتىلغان سوتىڭىزمۇ،
سىزگە زادى ئارام بەرمەس، ئوڭشالدىمۇ خوتنىڭىزمۇ،
ئۇزىراتقان شۇ كالپۇكنى، ھەر بىر كېچە سوزۇپ ئۇكام.
قايسى يىلى قىپ قالدىڭىز، ۋاھ پۇلنى دەپ قەلەيچىلىك،
قەھرىتانلا كۈچەپ كەتسە، سىز قىلىسىز پەلەيچىلىك،
تېلىفۇندا دېگەنتىڭىز، قىلساق ئاكا بىر ئەمچىلىىك*،
قىلىڭ ئۇكام، سىز قىلمىغان، قالغان پەقەت بىر رەمچىلىك،
نېمە قىلماڭ كويچەن پۇلنى، ئالدىڭىزغۇ سۈزۈپ ئۇكام.
تىلنى تىركەپ كى قويۇپسىز، كۈيۈ بالام زەپەرىگە،
بۇ قىلىقلار قاپتۇ ئوخشاپ ، ئۆچكەن ئۆڭى دەرپەردىگە،
نەكىن ئەيلەش تەۋەككۈللۈك، مۇنچە ئۆلۈم خەتەرىگە،
ھايتلا دىسەم ئىشلار چاتاق، مەخمۇت بىلەن جەپەرىگە،
كى چىقسىڭىز ئەمدى چىقىڭ يەڭنى چىڭراق تۈرۈپ ئۇكام.
زورلىغانتىم كوپتتىن بېرى مەن ئۆزۈمنى سەۋرىلەرگە،
قويدىڭىزغۇ تۆھمەت بىلەن، پىقىرنىمۇ جەۋرىلەرگە،
كۆمگىلىمۇ تاس قالدىڭىز ، ئۆسەك قوشۇپ قەۋرىلەرگە،
بوۋا بولۇپ كەتسەممۇ مەن، ئەلگىياردەك نەۋرىلەرگە،
نېمە قىلغان سىزگە مەن ھەم، قەدەمدە بىر ئۈسسۇپ ئۇكام.
قان تۆكمىلىك سوقۇشلاردا، مەن ۋاك دېگەن خوراز ئەمەس،
پەمى پەسرەك دېھقان تۇرۇپ، سالغان خاتا پوراز ئەمەس،
گۇندىسىغا باچكا قويغان، كى قايچىسىز جۇۋاز ئەمەس،
سىزگە ئوخشاش ئاچىسىنىڭ، ئېرى قازاق ئوراز ئەمەس،
ھە گەپ قىلىڭ بولسا ئاڭلاي، سىنارىست يۈسۈپ ئۇكام.
يازغىنىڭىز بولمىدىغۇ توردىن مېنى قوغلاندى دەپ،
مەن دېدىمغۇ ئۇشبۇ تىلدىن تەستەكلىرىم چوغلاندى دەپ،
بۇ ھەزىلدە مەن غېرىپقا تۆھمەت- قارا جۇغلاندى دەپ،
ئەل دىمەسمۇ بۇ ئاداشنىڭ ھەم سۈلكىتى دۇغلاندى دەپ،
شۇڭا دەيمەن ھەرقاچانكى گەپنى قىلىڭ سۈزۈپ ئۇكام.
بۇ قىساسنى نەۋرىلەرگە تاشلاش ماڭا خاسمۇ ئەمەس،
چالغانلىرىم جەڭ دۇمبىقى داراڭلىغان داسمۇ ئەمەس،
كى نەۋرىلىك بولغان بىلەن قۇلاقلىرىم گاسمۇ ئەمەس،
راۋاندۇركى توك يوللىرىم سىز دېگەندەك ماسمۇ ئەمەس،
شۇنچە شىلتىڭ ئاتقان بارمۇ، ئات دېسىلا ئوزۇپ ئۇكام.
ھەم قوغلىدى دەپسىز مېنى، قوغلانغىنىم راسمۇ ئەمەس،
بۇ ھەزىلىم چاتما فىلىم، ھەرگىز كالتە چاسمۇ ئەمەس،
مەقسەتلىرىم يۈسۈپجاننى ، كالپۇكىدىن ئاسمۇ ئەمەس،
ياكى چىشى چىۋىش بىلىپ، تېقىملارغا باسمۇ ئەمەس،
يۈرمىگەيسىز ئاغىڭىزغا، ئوغرى بىلىپ ھۈرۈپ ئۇكام.
گەپنى يۇمشاق قىلغانلىرىم ئېھتىراملىق چاسمۇ ئەمەس،
سىزنى توپكا چاغلىۋىلىپ، چىقارغىنىم پاسمۇ ئەمەس،
چەككەلىرىم تاماكۇدۇر كالپۇكتىكى ناسمۇ ئەمەس،
بېلىڭىزنى ئۇشتىغاندا چىققان ئاۋاز قاسمۇ ئەمەس،
ئاھ! ئاغىڭىز قويغۇسىدۇر تېخى نەچچە ئۇشتۇپ ئۇكام
پەيزىڭىزنى مەن پەملىسەم ، ئامراقكەنسىز دورىلارغا،
بەكمۇ ئىجىل بولغىنىدەك، ئاچچىق تۈتۈن مورىلارغا،
شۇڭا كالپۇك ئوخشىغاندە، مايماق- مىجىق كورىلارغا،
ئاغىڭىزچۇ ھەزىللەردە ، ئورار سىزنى بورىلارغا،
يۈرمىگەيسىز ئەمدى بەس ھە، كى ھەزىللەر يېزىپ ئۇكام.
شۇڭا مېنى ئوخشىتىپمۇ، قالماڭ ياغاچ پورلىرىىغا،
دەڭسىسىڭىز چۈشىنىسىز، سۆزلىرىمنىڭ تورلىرىغا،
قەدەملىرى تەڭكەشمىكىن، ھەزىلچىك خورلىرىغا،
ئاغىڭىزلا سادىق پەقەت، ئەھلى ئايال- جورلىرىغا،
بۇ گېپىمدىن قالدىڭىزغۇ بىر نېمىنى سېزىپ ئۇكام.
ئۇن چىقىدۇ سۇ قۇيسىڭىز تۈگمەنلەرنىڭ نورلىرىغا،
خامنى پىششىق قىلغۇلۇققۇ چاپلاپ تونۇر شورلىرىغا،
ئۆزىڭىزنى قاقلاپ كەتمەڭ شەرەپ- شاننىڭ ھورلىرىغا،
چۈشەندۈرۈش تەسكەن گەپنى بۇ زاماننىڭ كورلىرىغا،
كورلار قاچان ئۆتتى دەڭە، قانچە دەۋران سۈرۈپ ئۇكام.
ھەسپىھالدا ئا. ھەسەننى ۋاي ئاكا دەپ ۋاقىراتقان،
شەۋكىتىنى لەگلەك قىلىپ ئاسمانلاردا غاقىراتقان،
ئا. سادىرنى پايپاسلىتىپ موكويلىدا داقىراتقان،
ھەسپىھالنىڭ تۈگمىنىدە سۇلىرىنى شاقىراتقان،
بۇ زادى كىم تېز تېپىڭە قالمايىن ھەم ئېزىپ ئۇكام...
ئىزاھات #- تۇرسۇنجان ئەمەتنىڭ شۇ ناملىق يۇمۇرىغا ئىشائىرە قىلىندى.
* يۈسۈپجان قىيىم بۇلتۇر مەن ھەممىمىزنىڭ يېقىن دوستتى پەرھات ئىلياسنىڭ كىتاۋىنى سېتىپ يۈرگەندە قايسى بىر ساغلاملىق شىركىتىنىڭ دورىسىنى شېرىك ساتساق دېگەن ئىدى. مەن ئۇنىمىغان ئىدىم. كىتاپقا دورا ئارىلاشتۇرۇپ ساتساق، بىز خەلىقنىڭ ھەم جىسمانى كېسىلىنى ھەم روھى كېسىلىنى داۋالايدىغان لوقمانى كىتاب بولۇپ قالمايمىزمۇ؟- دىسەم يۈسۈپجان مۇنداق بىر شېئىرىي نەقىلنى ئېيتقان ئىدى. شۇنىمۇ سىلەرگە دەۋىتەي...
ئوغرى ئامراق شورىغا، پاقا ئامراق ئورىغا.
بىلىۋىلىڭ جان ئاكا، ئىسمۇ ئامراق مورىغا.
نەقرات- كىگىز ئامراق بورىغا، ئەتكەنچايمۇ كورىغا،
يەنە بىلىڭ جان ئاكا كېسەل ئامراق دورىغا
ئۇنىڭغا ئۇلاپلا مەنمۇ ئامراقتىن بىرنى دېگەنتىم:
دېھقان ئامراق ئارىغا، مەدرىس ئامراق قارىغا،
بىلىپ قېلىڭ يۈسۈپجان دۇتتار ئامراق تارىغا.
بى نەقرات- مەرگەن ئامراق قارىغا، ئاشىقلارمۇ يارىغا،
يەنە بىلىڭ يۈسۈپجان باشلىق ئامراق پارىغا.
شۇنىڭ بىلەن مەن يۈسۈپجانغا ئاقىل ئالار كىتاپ،- دىۋىدىم. – يۈسۈپجان.- دورا ئالار بىتاپ.- دەپ گەپنى خۇلاسىلىغان ئىدى. ئەلقىسسە! بۇ ئىش شۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق كېلىشەلمەيدىغان داۋانى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىشى مۈمكىن........................