جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 970 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 120|ئىنكاس: 2

جاسارەت تاش: غايە (تەرجىمە ۋە ئەسلىي ئەسەر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  344
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 36
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 20:09:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غايە

ليۇ شاخې


جاسارەت تاش تەرجىمىسى


غايە مىسلى تاش، سوقۇلسا ئۇندا ئوت– ئۇچقۇن ئايان؛
غايە مىسلى ئوت، چىراغ– شام ئۆچسە ياندۇرغاي ھامان؛
غايە مىسلى شام– چىراغ، تۈنلەردە يولنى يورىتار؛
غايە مىسلى يول، سېنى باشلاپ ماڭار سۈبھى تامان.

غايە— توقلۇق، ئاش– ئوزۇق قىس قوينى تار دەۋران ئارا؛
غايە— ئىرپان، توقچىلىق ئەل– يۇرتقا يار دەۋران ئارا.
غايە— ئۆملۈك، قۇترىغان دەمدە نىزا– ئەنسىزچىلىك؛
غايە— شانلىق يۈكسىلىش، ئۆم— بىغۇبار دەۋران ئارا.

غايە يىپقا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈنچە– مەرۋايىت گويا،
ئەيلىگەي مىليون ئەسىر– يىل ئۆتسىمۇ يارقىن جۇلا.
ئۇ بولۇپ ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئومۇرتقىسى،
ھەر زامان ھەر كىمگە كۈچ– قۇدرەت ئاتا قىلغاي ئۇدا.

غايە— كومپاس، كېمە ئۇسىز يولىدىن ئازماس دېمە؛
غايە— ئوكيانلار ئارا بىزنى سېلىپ ماڭغان كېمە.
غايە— گاھى كۆز قىسىپ چەكسىز ئۇپۇقنىڭ قوينىدا،
يەتكىلى بولمايدىغان ئالۋۇنغا ئوخشاش بىر نېمە.

خۇش نەزەر سالدىڭ ھاياتقا غايە بەرگەچكە مەدەت،
ئوت ئاچارسەن كاج پەلەككە باش– بويۇن ئەگمەي پەقەت.
يەتمىگەي يادىڭغا بالدۇر قار– قىرو قونغان چېچىڭ،
ئورنىشىپ كەتكەي دىلىڭغا ساددىلىق– پاكلىق ئەبەت.

چۈش كۆرۈپ ياتساڭ ئەگەر پۇل– مالغا باغلاپ ئىشتىياق،
غايە— شۇنداق چۈش– خىيالنى بۇزغۇچى زىل قوڭغۇراق.
غايە— سۇ، غايە— سوپۇن، پاكلار دىلىڭغا قونسا كىر،
غايە گاھ نەپ بەرسە، گاھ سەندىن بەدەل كۈتكەي بىراق.

ئەيلىسە غايە ساڭا شۆھرەت– شەرەپنى ئىلتىپات،
ئۇنتىما، بۇ ئۇ بەخش ئەتكەن قوشۇمچە مەھسۇلات.
ئۇ كېلەر باشلاپ تالاي رەت زېرىكىش سىڭگەن سۈكۈت،
شۇ سۈكۈتتە كۈلكە باردۇر، كۈلكىدە دەرد– مۈشكۈلات.

غايە ۋىجدان ئەھلىنى دائىم قىلار ئاپەتكە يار،
قىسمىتى ئاپەتكە مەھكۇم جاننى قۇت– ئامەتكە يار.
غايىسىزلەر بىر ئۆمۈر مەھرۇم ئۇلۇغلۇق تاجىدىن،
غايىلىكلەر ئەل ئارا مەڭگۈ «گىگانت قامەت»كە يار.

غايە روھسىز تەنگە ئەيلەر قايتىدىن روھ– جان ئاتا،
باشلىغاي ھەق يولغا، كىمكى تاللىسا يولنى خاتا.
بەزىلەر ئۈزسە مۇقەددەس غايىدىن دىل رىشتىنى،
ئەمما غايە ھېچكىشىدىن كەچمىگەي، بولماس خاپا.

غايىگە داغ تەگسە نەپرەت ئىلكىدە چەكمە پىراق،
چۈنكى بۇ، شەيتان ئىرادەڭدىن ئېلىپ باققان سىناق.
غايە ئوغرى چۆنتىكىگە چۈشسە زىنھار تۆكمە ياش،
ۋاقتىدا ئىزدەپ تېپىپ كەل، تۇر بىخۇتلۇقتىن يىراق.

غايىدىن قول ئۈزسە پالۋان بولغۇسى ناكەس ئەبەت،
ماختىنار ئۆتمۈشتە قۇچقان شۇ زەپەر– شاندىن پەقەت؛
ئۆتكۈسى خارلىقتا ناكەس غايىدىن قالسا قۇرۇق،
ياغدۇرار تۇرمۇش، شارائىت ئۈستىگە قارغىش– لەنەت.

غايە پۈركەندى چېچەككە، مېۋىلەر شاپتۇل، گىلاس؛
غايە بىخ سۈردى، تېرەك– تال ئارتقۇسى كۆپكۆك لىباس.
سەن مىنىپ ئاتلان سەپەرگە غايىنىڭ تۇلپارىنى،
بولدى نۇرلۇق يەر– جاھانغا نەۋباھار ئەييامى خاس.
                 


理想

流沙河

;理想是石,敲出星星之火
;理想是火,点燃熄灭的灯
;理想是灯,照亮夜行的路
。理想是路,引你走到黎明

;饥寒的年代里,理想是温饱
。温饱的年代里,理想是文明
;离乱的年代里,理想是安定
。安定的年代里,理想是繁荣

,理想如珍珠,一颗缀连着一颗
。贯古今,串未来,莹莹光无尽
,美丽的珍珠链,历史的脊梁骨
。古照今,今照来,先辈照子孙

;理想是罗盘,给船舶导引方向
。理想是船舶,载着你出海远行
,但理想有时候又是海天相吻的弧线
。可望不可即,折磨着你那进取的心

;理想使你微笑地观察着生活
。理想使你倔强地反抗着命运
;理想使你忘记鬓发早白
。理想使你头白仍然天真

;理想是闹钟,敲碎你的黄金梦
。理想是肥皂,洗灌你的自私心
,理想既是一种获得
。理想又是一种牺牲

,理想如果给你带来荣誉
,那只不过是它的副产品
,而更多的是带来被误解的寂寥
。寂寥里的欢笑,欢笑里的酸辛

;理想使忠厚者常遭不幸
。理想使不幸者绝处逢生
;平凡的人因有理想而伟大
”。有理想者就是一个“大写的人

,世界上总有人抛弃了理想
。理想却从来不抛弃任何人
;给罪人新生,理想是还魂的仙草
。唤浪子回头,理想是慈爱的母亲

,理想被玷污了,不必怨恨
;那是妖魔在考验你的坚贞
,理想被扒窃了,不必哭泣
!快去找回来,以后要当心

,英雄失去理想,蜕作庸人
;可厌地夸耀着当年的功勋
,庸人失去理想,碌碌终生
。可笑地诅咒着眼前的环境

;理想开花,桃李要结甜果
。理想抽芽,榆杨会有浓阴
,请乘理想之马,挥鞭从此起程
。路上春色正好,天上太阳正晴


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  252
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 171
تۆھپە : 2
توردا: 29
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 22:44:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىر بىزنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن.مەن بەك ياقتۇراتتىم.بۈگۈن بۇ مۇنبەردە كۆرۈپ تېخىمۇ ھوزۇرلاندىم.جاسارەت ئاكىمىزنىڭ ئەجرىگە رەھمەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاق گۈل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-1 22:44  


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  925
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 12
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇ شېئىرنى بەك ياقتۇرىدىغان بولغاچقا ئوقۇغۇچىلارغا دەرس قىلىپ ئۆتكەندە ئوقۇغۇچىلارغا يادلىتىپ مىسرامۇ - مىسرا تەھلىل قىلىپ بەرگەن ئىدىم. بۇ شېئىر تورغا يوللىنىپ ياخشى بوپتۇ. باشقىلارنىڭمۇ ئوقۇپ زوق ئىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.   

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش