كۆرۈش: 123|ئىنكاس: 0

ئۆزلۈك ئەينىكى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  414
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 449
تۆھپە : 0
توردا: 70
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 19:48:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                    ئۆزلۈك ئەينىكى

           ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن  

     ئىنسان تۇپراقتىن ئۈنگەن گىياھ ، گىياھتىن قەد كۈتۈرگەن ھايۋاننىڭ ئاخىرىغا قۇشۇلغان كارامەت مۆجىزە سۈپىتىدە يارالغان پۈتكۈل كائىناتنىڭ ئۇلۇغ ئەۋرىشكىسىدىن ئىبارەت . ئۇ-ئەينەككە موھتاج . ئۇ-ئاشۇ ئەينەك ئۆزلۈكتە ئۆزىنى كۆرگەندىن كىيىن ، ئۆزگىلەرنى كۈرۈش ئىشقىغا ، ئىنساننى ئىنسانىي كامالەتكە كۈتۈرۈش ۋە ئىنساننى بىر-بىرى بىلەن قۇشۇش مۇھەببىتىگە مۇيەسسەر بۇلىدۇ . ئۆزىنى كۆرمەسلىك-ئۆزلۈكنى بىلمەسلىك ئىنساننىڭ ھايۋانلىق زىندانىدىكى ئەڭ قورقۇنىچلۇق غاپىللىق ئۇيقۇسىدىن ئىبارەت . بۇنداق غاپىل ، مەغرۇر ، تەنتەك ، ئاخماق ۋە جاھىللىقنى « سەگەكلىك » ۋە بەخت ھالاۋىتى دەپ قاراشقا ئىجىلراقتۇر . بۇ ئاخىرقى ھېسابتا ئىنسانلىق ماھىيەتلىرىگە تولمىغان پۈچەك ئىنسانلىق سۈرىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس . ئۇ-ئىنسان ئىقتىدارىنى ، ئۇنىڭ كامالەت مۇمكىنلىكىنى ھالاك قىلغۇچى -يەڭگىلتەك غاپىللىق . ئىنسان ئۆزىنى چەكلەش ۋە ئۆزىنى كونتىرول قىلىش ئارقىلىق ، رەقىب ۋە كۈشەندىلىرىنىڭ تەھدىتى ، مۈشكۈل ۋە يېڭىلىشلارنىڭ روھىيەتتە تاۋلىشى ، ئۆلۈم تەھدىتى ۋە كىشلىك ئۈمىدى ئارقىلىق ئكزىدە ئىرادە ۋاراقلىرىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ ، نۇرانىلىق ھاسىل قىلىدۇ . بۇ نۇرلار ئۆز-ئارا قۇشۇلۇپ ، ھېكمەت ئىلھامى ئاستىدا ئۆزلۈك ئەينىكى ھاسىل قىلىشى مۇمكىن ! ئۆزلۈك ئەينىكى ئىنسانى كامالەتنىڭ قەلبتىكى ماھىيەتلىك قۇياشى . ئۇنىڭدا ئىلگىرىكى مەقسەتلەرنىڭ پەقەت ۋاستە ئىكەنلىكى ، مەيلى مەئىشەت ، مەيلى مەدەنىيەت ، مەيلىئىلىم ۋە ئىمان ، سەنەت ۋە شېئىرىيەتنىڭ ۋاستە ئىكەنلىكىنى ، ھەقىقى مەقسەتبولسا خۇددى قۇدۇققا تاشلاپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ئەسىرلەپ كىشلىك تەسەۋۋۇردىن يۇقالغان شەمسىدىن ئەتتاردەك بىرلا نەرسە-ئىنسان ۋە ئۇنىڭ كامالەتلىك ئىجتىمائى -مەنىۋى بەخت-سائادىتى ئىكەنلىكىنى كۆرىسەن. ئۇچاغدا ئۇلۇغ قۇلدارلارنىڭلاي قورچاق ۋە خار كۆرگەن قۇللارنىڭ نۇرانە مالائىكە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشىڭ ، كىشلىك يولدا مەسلەك يۆتكىشىڭ ھېچقانداق سىربولماي قالىدۇ . ئۆزىنى چۈشەنگەن كامىل ، ئۆزۈمچىلىكنى ئۇتۇغان ئالىمدۇر ، ئۇ ئۆزىنى ئۆزى ئۇنتۇيدۇ ۋە بارلىق ئىنسانىيەت ئالىمى بىلەن قۇشۇلىدۇ . بۇ ئارىدا ھەقىقەتنى يۇشۇرغان پەردىلەر ، چېگرالار ، سېپىللار ، ھېلىقى لاي قورچاقلارنىڭ كىشىلەرنى ئۆزىگە سەجدە قىلدۇرۇش كويىدا ياراتقان ئەپسۇنكەش رىسالە ۋە سېھرىگەر نىزاملار بۇلۇپ چىقىدۇ . سەن تەڭرىلىك مۇقامىدا تۇرۇپ ئىنسانغا چۇقۇنىسەن ، بۇ ئۇلۇغ ياتلىشىشتىن ئۆزلۈك ۋە ۋەھدەت دۇنياسىغا قايتا كۆز ئېچىشدىمەكتۇر . سەن شۇچاغدا ئىستىغپار ئۇقۇيسەن ؛ ئاددى كىشىلەرنىڭ ئۇلۇغلىقىنى بىلمىگەن ، ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ ھايۋانى تەرىپىنىلا تەن ئېلىپ ، كامالەت تەرىپىگە ئەقلىڭ يەتمىگەن ياكى ئۇنى تەن ئېلىشنى خالىمىغان ، ھەتتا چەتتىن ئۇلۇغۋار ئەللامە ئىزلەپ ، ئۇڭا مۇرت بۇلۇپ ، ئۆز ئۇلۇغلىرىڭنى ئېغۋا كۇيىقاپىنىڭ تاش بورانلىرىدا يىقىتىپ ، ئەيسادەك دارغا مىخلاپ ، ئۆزگىلەر قولى بىلەن قەتلى قىلىپ ، كونا جۇۋىغا پۈركۈنۈپ يۈرگەن كۈنلىرىڭگە توۋا قىلىسەن . دەرھەقىقەت ، دانىشمەنلىكنىڭ دەردى نۇرغۇن ، ئۇ ھاياتنىڭ ساختا لەززىتىدىن كېچىپ ، ھەقىقى ئازاپلىرىدا ياشايدۇ .ياشاشنىڭ قىسقىلىغىنى بىلىپ ، كېچە-كۈندۈز ئەجىر-ئەمگەك قىلىدۇ .ئۇ ئالدىن دىل يۇرۇتقاچقا قەلبى ھەقىقەت ، لەۋزى ئادالەت ئوتىدا كۈيۈپ ، كىشىلەر بىلگەن ئامەتلەرنىڭ ئىللەتلىكىنى ئېغىزىدىن چىقىرىشتىن ئەيمىنىپ ، ئېغىر -دىلكەشسىز -تەنھالىق ئىچىدەدەرت يۇتىدۇ ؛ ئۇ ئۆمۈربويى رەشىك ۋە جاھالەت ئىللىتىدىن نەپرەت ۋە مەيۈسلۈك چېكىدۇ . ئۇ ئۆز ھاياتىدا قايتا ئويغىنىش ، ئۇلۇغ بۇرۇلۇش بىلەن ئىككىنچى قېتىم قايتا تۇغۇلغان تەپەككۇر بايراقدارىنىڭ دەل ئۆزى !ئۇ قۇياش ! تەنھا ، بىراق مىليون-مىليون يورۇق يۇلتۇزلارنى ياراتقۇچى قەلب كامالىتىنىڭ ئىنژىنىرى ، ئۇلار دوزاخ ئوتىدا كۈيۈپ تۇرسىمۇ جەننەت دەرۋازىسىنى ئاچقۇچىلارنىڭ سىماھى بەستى ۋە زاھىرى ئەسلىدۇر . ئۆزلۈك ئەينىكى -مىراجى ئەلاكى ، ئۇنىڭسىز تەڭرىنى ، ئۆزۈڭنى ، ئاشىقىڭنى ، مەشۇقىڭنى ، مەھبۇبىڭنى ، مەقسىتىڭنى كۈرەلمەيسەن . ئۆزلۈك ئەينىكى كامىل ئىنساننىڭ قەلبىدىكى ۋەھىدەتتۇر . ۋەھىدەت -مۇھەببەتنىڭ ۋىسال تويى .

« ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى » ناملىق كىتاپتىن


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش