سۈكۈنات
سۈكۈنات-ئۇ سۈكۈت قىلىش ئەمەس !
سۈكۈت قىلىش -يولسىزلىققا شېرىكچىلىك ۋە ئۇنىڭغا قارشى كۈرەشتە جۈرئەتسىزلىكتە ئىپادىلىنىدىغان ۋىجدانسىزلىق ئىپادىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى ھەممىگە روشەن .
سۈكۈنات-ئۇ تاقەت جۈملىسىدىكى ئەقلى ھادىسە ، ئېنىقراق ئېيىتقاندا سۈكۈنات -تەپەككۇر ئۆر كىشىدە شەكىللەنگەن ، ئىرادە ئارقىلىق تورمۇزلانغان بىر مەزگىللىك ئالاھىدە روھى كەچۈرمىشتىن ئىبارەت .
سۈكۈنات مىللەت ئۈچۈنمۇ ، شەخىس ۋە دۆلەت ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە قىممەتلىك تەپەككۇر ۋە تەدبىر پەيتى بۇلۇپ ، ئۇ مول مېۋىلىرى ، ھېكمەتلىك بېشارەتلىرى ، تەجرىبە-ساۋاقلىرى بىلەن خاتىرلەنگەن .
سۈكۈنات تۈرلىرى ۋە سۈكۈنات سەمەرىلىرى ھەرخىل . لۇشۈ ھەم ئىچ ئاغرىتىپ ھەم نەپرەتلىنىپ كەلگەن ئىجتىمائى ئوبىيكىتلىرىنى « ئاكىيۇ » ئوبرازىغا مۇجەسسەملەش ئالدىدا سۈكۈنات ئازابىدا پىكىر ئۆركەشلىرىنى باشتىن كۈچۈرگەن .
ئابدۇقادىر داموللام چەتئەلدىن ئۇقۇشنى تاماملاپ ئۆز يۇرتىغا قايىتقاندا ، مىللى زۇلۇم ۋە جاھالەت تۇمانلىرى ئۈستىگە قۇشۇلغان ئەجنەبى جاھانگىرلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ مىللى تونىغا ئورۇنىۋالغان مالايلارغا قارشى ۋولقاندەك پارتلاپ چىقىش ئالدى-كەينىدە كۆپ قېتىم سۈكۈنات خىلۋىتىگە چۆككەن .
« مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » نۇقۇل تەلۋە دەبدەبىلەر بىلەن تېتىقسىز ۋايساشلار مەزگىلى بولغىنى يوق . ئۇ ، ئۆز نۆۋىتىدە جۇڭگو تارىخدىكى ئۇلۇغ سۈكۈنات دەۋرى ھەم بولدى . جۇڭگودىكى ئىلغار كىشىلەر كۆپ جەھەتلىمە ، مول بىلىش ، چۈشىنىش ، پەرق ئېتىش ، ئويغىنىش ، ئىزدىنىش ، پىكىر تەلقىنلىرى بىلەن يىڭى دەۋىر تەسەۋۋۇرنىڭ كارتىنىسىنى سىزىشتى .
سۈكۈنات-شەخسنىڭ ئۆز ئىرادىسىدىن ھالقىپ كەتكەن تەبىئى ياكى ئىجتىمائى كۈچلەر ئالدىدىكى ئىنسانى تەپەككۇرىدىمۇ ، شۇنىڭدەك ئۆز-ئۆزىنى تىزگىنلىگەن ئاڭلىق ئىرادە ئاستىدىكى قايتا ئويلىنىشتىمۇ ، جۈملىدىن جەمىئەتتىكى ھەرخىل يالغان ياۋىداق ، بوھتان ياكى بىر مەزگىل چۈشەنمەسلىكتەك روھى بۇرۇقتۇرمىلققا ئۇچرىغاندىمۇ يۈز بېرىدۇ .
نەتىجىدە ، تەبىئى ياكى ئىجتىمائى كۈچلەر مۈشكۈلاتلىرىدىن غەلبە قىلىش ئۈچۈن ئۆز ئوبىكىتلىرىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى كونكىرىت مۇھاكىمە قىلىدۇ . ئۆز پائالىيىتىنى ئوپراتسىيە قىلىپ ئەۋزەل پائالىيەت ئۇسۇللىرىنى ئويلىنىدۇ. بۆھتان ۋە چۈشەنمەسلىكلەرنى جەمىئەتشۇناسلىق ، سىنىپى كۈچلەر سېلىشتۇرمىسى ۋە كىشىلەردە ھەقىقى ئەھۋالنى بىلىش شەكىللەنگۈچە سۈكۈنات يوللىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ .
سۈكۈنات -ئۈزىگە قارىتا ئالغاندا ، ئۈزىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ، تارىخ-ئۆتمۈشى ، ۋىجدان مەجبۇرىيىتى ، ئىرادە-جاسارىتى ، ئۇتۇق -سەۋەنلىكلىرى ئۈستىدىكى ئەقلى ئويلىنىش شەكلىدىمۇ غايەت قىممەتلىك كامالەت شەرتىدىن ئىبارەت .
مۇنداق سۈكۈنات خۇددى ئايروپىلاننىڭ ئايروپورتقا قۇنۇش سىياقىدىكى « قايتا ئويلىنىشى » ( ئۆز مەجبۇرىيەتلىرى ، ۋىجدان ئىجراسى ، قەتئىيلىكى ، تەدبىر پاكلىقى ۋە تەدبىر ئاقىلانىلىكى ) ۋە قايتا بايقىشى ( ئۆز خەلقى ۋە پۈتكۈل كىشىلىك جەمىئەتنىڭ سەۋىيىسى ۋە ئالاقە قۇرۇلمىلىرىنىڭ ھازىرقى رېئال ھالىتى ) بۇلۇپ كىتابتىن ئالالمىغان دانىشمەنلىك سەمەرىلىرىگە مۇيەسسەر قىلىدۇ . سۈكۈنات قىلىشنى بىلىش چوڭ بەخت ۋە كاتتا ئىقتىدار بۇلۇپ ، بۇ ئومۇمەن ھايۋانلاردا بۇلۇشى مۇمكىن بولمىغان ئىنسانى خاسىيەت ۋە كامالەت ھېسابلىنىدۇ .
بۇنداق سۈكۈناتنىڭ شۇئارى « مېنى ئاسارەتكە سالغان نەرسە ئۆز ئەقلىم ، تەپەككۇرۇم ، روھىمدىكى كىشەنلەر » دىگەن بولمىقى لازىم .
سۈكۈنات باشقىلارغا قارىتا ئۇلارنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ، چىن-ساختىلىقىنى ، جىددى-يەڭگىلتەكلىكىنى بايقاشتا تىپىك كۈزىتىش ۋە ئويلىنىۋېلىش مومېنتىدىن ئىبارەت .
ئۇ ساختا قەھرىمانلارنى ۋە ۋاپاسىز دوسىتلارنى پۇرسەتپەرەسلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرراق ئېچىپ بېرىدۇ .
سۈكۈنات-ئۆز مىللىتىنىڭ ، ھەتتا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ شۇ بىر دەۋىردىكى سىۋىلزاتسىيە قۇرۇلمىسى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ، ئۇنىڭ ئۇتۇق ۋە زەئىپلىكلىرىنى ئەستايىدىل ئويلنىشتىمۇ مۇھىم تەپەككۇر شەكلىدىن ئىبارەت . ۋەھالەنكى ، « تەپەككۇر قىلىدىغان » مىللەتنى يىتىشتۈرۈش بارلىق ھەقىقى تەلىم -تەربىينىڭ ئەڭ ئالى مەقسىتى ھېسابلىنىدۇ . « ئۆز-ئۆزىگە ماختىنىپ يۈرگەن» مىللەت بىلەن «تەپەككۇر قىلىدىغان» مىللەت بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان تارىخى ئىستىقبالغا يۈزلەنگەن مىللەتتۇر،خالاس .
سۈكۈنات-شەخسىنىڭ ھاياتىدا كۆپ قېتىم دۇچ كىلىدىغان روھى ھالەت بۇلۇپ ، ئۇ ئۆز مەزمۇنى ، پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ساپاسى يەكۈن ۋە تەدبىرلىرىنىڭ ئاقىلانىلىكى بىلەن بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىدۇ .
سۈكۈنات-ئۈمىدۋار ، يىراق كۈرەر ، قەيسەر قەلىبنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئاڭقىرىش ، ئۆز-ئۆزىنى كۈچەيتىش ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇش يۇلىدىكى «مىراج »ى دۇر .بۇ « مىراج » دا ئۇرېئاللىق بىلەن تۇيۇنغان تەپەككۇر بىلەن ئۇچرىشىدۇ ! ئەگەر قورقۇش كەلسە تەلۋىلەرچە لاپخورلۇق قىلىۋاتقان دۈشمەندىن ئەمەس ، زەئىپلەرچە سۈكۈنات قىلىۋاتقان رەقىبتىن قورقۇش لازىم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elxatrahim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-1 19:35