كۆرۈش: 176|ئىنكاس: 0

نەۋايى چەتئەلدە ۋە دىيارىمىزدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 675
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2400
تۆھپە : 232
توردا: 1458
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-1

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 19:18:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋايى چەتئەلدە ۋە دىيارىمىزدا


تۇرسۇن قۇربان تۈ*ركەش



مەزكۇر ماقالە مۇئەللىپنىڭ ئايرىم يازغان ماقالىسى بولماستىن، بەلكى نەۋايىشۇناسلىق تەتقىقاتى بويىچە كۆپ قىرلىق ئىزدىنىشلىرى ئەكس ئەتكەن بىر نەچچە پارچە ماقالىسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىدىن ئىبارەت. بۇ يىل نەۋايى تەۋەللۇتىنىڭ 570 يىللىقى خاتىرسى شەرىپىگە ئۈرۈمچىدە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنى ئېچىلغانلىق مۇناسىۋېتى بىلەن چاررۇسىيە ۋە سابىق سوۋىتلەر ئتتىپاقىدا ئېلىپ بېرىلغان نەۋايى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار، شۇنداقلا دىيارىمىزدا نەۋايى ۋاپاتىدىن كېيىنكى چاغلاردىن باشلاپ 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ كىتابەت قىلىنىش ھەم ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە ئاز- تولا مەلۇمات بېرىش مەقسىتىدە مۇئەللىپنىڭ قوشۇلىشى بىلەن نەۋايىشۇناسلىق تەتقىقاتى بويىچە يازغان بىر نەچچە پارچە ماقالىسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىدىن تەشكىل قىلىنغان بۇ ماقالىنى ژورنىلىمىزنىڭ تۇنجى سانىغا بەردۇق.


شەر*ق كىلاسسىك ئەدەبىياتى، جۈملىدىن ئەنئەنىۋىي تۈ*ركىي تىللىق خەلقلەر مەدەنىيەتىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك جۇغلانمىسى نەۋايى ۋە ئۇنىڭ تىمسالىدا ئوتتۇرا ئەسىر شەر*ق مەدەنىيەت ئويغىنىشىنى بارلىققا كەلتۈردى. شۇ سەۋەبتىن تۈ*ركىي مىللەتلەرنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىياتى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيەتىنى ئەلىشىر نەۋايى ئىجادىنىڭ تەسىرىسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. نەۋايى ئىجادىيتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلگەن ئۆز بېكىستاندا 1957–يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى9-فېۋرالدا نەۋايىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى نىشانلاش مەقسىتىدە ھەرقايسى جايلاردا ئىلمىي يىغىلىشلار ئۆتكۈزۈلۈپ، شائىر مىراسىنى ئۆگىنىش بويىچە قىلىنغان ئىلمىي ئىشلار يەكۈنلەنگەن ۋە يېڭى پىلانلار تۈزۈلگەن. بۇلاردىن باشقا نەۋايىغا بولغان تۈگىمەس ھۆرمەت - مۇھەببەتنى ئىپادىلەش، شائىرنىڭ نامىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش مەقسىتىدە سەمەرقەنت بىلەن بۇخارا ئوتتۇرىسىدىكى بىپايان ۋە قەدىمىي زەرەپشان ۋادىسى «نەۋايى ۋىلايىتى» گە ئۆزگەرتىلگەن. تاشكەنت شەھىرىنى شەر*قتىن غەربكە كېسىپ ئۆتىدىغان ئاۋات كوچىغا «نەۋايى كوچىسى» دەپ نام بېرىلگەن. كوچا مەركىزى ۋە يول بويىغا « ئەلىشىر نەۋايى نامىدىكى ئەدەبىيات مۇزىيى» قۇرۇلۇپ ھەيكىلى قاتۇرۇلغان. سەمەر قەنت دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى،  ئۆزبېكىستان دۆلەت ئوپېرا ۋە بالېت تىياتىرى، ئۆزبېكىستان دۆلەت كۇتۇپخانىسى، ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تىل ۋە ئەدەبىيات ئىنىستىتوتى ۋە شۇ ئىنىستىتۇت يېنىدىكى كۇتۇبخانا، زور مۇكاپاتلار، يەنە نەچچە ئون مەدەنىي مۇئەسسسەلەر، يۈزلىگەن مەكتەپلەر، يېزا - كەنتلەرنى ئەلىشىر نەۋايىنىڭ نامى بىلەن ئاتاش قارارلاشتۇرۇلغان. ئۆزبېكىستاننىڭ ياپونىيە ۋە فىرانسىيىدىكى ئەلچىخانىلىرىغا نەۋايىنىڭ ھەيكىلى ئورنىتىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى نەۋايى ئەدەبىيات مۇزىي  (بۇ مۇزىينى مۇئەللىپ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن) ئەمەلىيەتتە نەۋايىنى مەركەز قىلىپ، بابۇردىن ھازىرقى زامان ئۆزبېك زىيالىلىرىغىچە ئىنتايىن باي مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىكەن. مەسىلەن، ئىككىنچى قەۋەتتىن باشلانغان نەۋايى قىسىمىغا شائىرنىڭ ھەيكىلى، دىۋانلىرىنىڭ تۈرلۈك ۋارىيانتلىرى، ئەسەرلىرىگە ئىشلەنگەن قىستۇرما رەسىملەر، سۇلتان ھۈسەيىن بايقارانىڭ شائىر ھەققىدىكى پەرمانلىرى، نەۋايىنىڭ مەكتۇپلىرى، ھىرات شەھىرىنىڭ رەسىم ۋە مودىللىك تارىخى قىياپىتى، شائىر قۇرغان بەزى ئىنشائاتلارنىڭ كۆرۈنۈشى، ئولتۇرغان ئۆيى ۋە مەقبەرىسىنىڭ قىياپىتى، نەۋايىغا زامانداش رەسساملار سىزغان نەۋايى پورتېرىتلىرى، نەۋايى ھاياتىغا دائىر تۈرلۈك ھۆججەت - ۋەسىقىلەر، شائىر ئەسەرلىرىنىڭ باشقا تىللاردىكى تەرجىمىلىرى، شۇ زاماندىن ھازىرغىچە، ئۆزبېكىستاندىن چەتئەللەرگىچە بولغان نەۋايىشۇناسلار ۋە ئۇلارنىڭ تەتقىقاتلىرى بەكمۇ ئىلمىي ۋە ئىدىتلىق تىزىلغان. كۆرگەزمىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك تەرەپلەرنىڭ بىرى، ئۆزبېكىستان خەلق رەسسامى چىڭگىز ئەھمەر نەۋايى ھاياتىدىكى ئۇنتۇلماس دەملەر ئۈچۈن سىزغان رەسىملەر بولۇپ، بۇلاردىن شائىرنىڭ سەللە ۋە تونلۇق ھاسىغا تايىنىپ تۇرغان ياشانغانلىق كۆرۈنۈشى بىلەن 1500-يىلى 31–دېكابىر نەۋايىنىڭ ئاستراباد ئۇرۇشىدىن قايتقان پادىشاھ ھۈسەيىن بايقارانى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن چىقىپ سەكتىلىنىپ ئاتتىن يىقىلىپ ھۇشسىزلانغان قىياپىتى ئاجايىپ ماھارەت بىلەن سىزىلغان.

نەۋايى مىراسلىرىنى تەتقىق قىلىشنى يەنىلا دۇنيادا مەدەنىيەت جەھەتتە ئالغا كەتكەن مىللەتلەر باشلىغان بولۇپ، جۈملىدىن رۇسلارنىڭ نەۋايى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى باشقا ياۋروپا ئالىملىرىغا ئوخشاش 19-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا قولغا ئېلىنغان. بېريازىننىڭ «تۈ*رك خرىستوماتىيىسى» ناملىق نۇپۇزلۇق ئەمگىكى رۇسىيەدە تۇنجى قېتىم نەۋايى مىراسىدىن نەمۇنىلەر كىرگۈزۈلگەن مەشھۇر ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن رۇسلار نەۋايىنى ئىلمىي ساھەدە سىستېمىلىق تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن. رۇس ئالىمى نىكىتسكىي 1856-يىلى تۇنجى بولۇپ «ئەمىر نىزامىددىن ئەلىشىرنىڭ دۆلەت ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدە تۇتقان ئورنى» ماۋزۇسىدىكى چوڭ ھەجىملىك ماگىستىرلىق دىسسېرتاتسىيەسىنى يېزىپ، شائىرنىڭ سىياسى پائالىيەتى، مەدەنىيەت تۆھپىلىرى شۇنداقلا تۈ*ركىي تىل تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى يۇقىرى باھالىغان. 1868 -يىلىغا كەلگەندە رۇس شەر*قشۇناسى ۋىليامىنوۋ سانكت - پېتربۇرگدا 16 - ئەسىردىكى ئالايى بىننى مۇھىبىي تۈزگەن «ئەل لۇغەتۇن-نەۋايىىيات ۋەل-ئىستىشھادەتۇل-چىغاتائىيات» ناملىق لۇغەتنىڭ رۇسچە نەشىرىنى يورۇقلۇققا چىقارغان. ئارقىدىنلا ئىلمىنسكىي نەۋايىنىڭ «مۇھاكەمەتۇللۇغەتەين» ئەسىرىنى تېرەن ئىلمىي تەھلىل بىلەن رۇسچە نەشىر قىلدۇرغان. گەرچە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سوۋىت ئىتتىپاقى ئەدەبىياتشۇناسلىقىدا نەۋايى ئەدەبىي مىراسىغا نىسبەتەن بەزى ئىنكارچىلىق قاراشلار بولغان بولسىمۇ ،لېكىن نەۋايىنىڭ ھاياتى، بەدىئىي ۋە ئىلمىي مىراسىغا ئالاقىدار خىزمەتلەر داۋاملىق ئىشلىنىپ تۇرغان. 1926-يىلى ھېجرىيە ھېسابىدا شائىر تۇغۇلغانلىقىنىڭ 500 يىللىقى  (845-1345) مۇناسىۋېتى بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا «نەۋايى» ماۋزۇسىدا ماقالىلەر توپلىمى نەشىر قىلىنغان. بارتولد مەزكۇر كىتابتىكى خاتالىقلارنى تۈزۈتىپ ۋە تولۇقلاپ 1928-يىل «مىر ئەلىشىر» ناملىق ماقالىلەر توپلىمىنى رۇسچە نەشىر قىلدۇرغان.

  سابىق سوۋىت ئىتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ 1938-يىلى ئەلىشىر نەۋايى تەۋەللۇتىنىڭ 500 يىللىقىنى 1941-يىلى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا قارار ماقۇللىشى نەۋايىشۇناسلىق توغرىسىدىكى ئىشلارنىڭ يەنىمۇ چۇڭقۇر ۋە ئومۇمىيۈزلۈك جانلىنىشىغا سەۋەپ بولغان. گەرچە 1941 - يىلى سابىق سوۋىت ئىتىپاقى ھۇدۇدىنىڭ 2-جاھان ئۇرۇشى جەڭگاھلىرىغا ئايلىنىشى سەۋەبىدىن بۇ ئىش كېچىكتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن كەسكىن ئۇرۇش مەزگىلىدە چىقىرىلغان بۇ مەردانە قارار سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدا ياشىغۇچى تۈ*ركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ مىللىي ئىپتىخارىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كۈرەش ئىرادىسىنى زور دەرىجىدە كۈچەتكەن. نەۋايى تەتقىقاتى بىر ئۆزبېكىستاندىلا ئەمەس، بەلكى قامالدىكى سانكت–پېتربۇرگدا ئوربېلى، كراچوۋىسكىي، باراۋكوۋ، ياكۇبوۋسكىي، سېمېنوۋ، بولدىرېۋ،   كونونوۋ، پىئوتروۋسكىي، رۇدېنكو قاتارلىق ئالىملار تەرىپىدىن قىزغىن ئېلىپ بېرىلغان ۋە بۇ ئالىملارنىڭ «ئەلىشىر نەۋايى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى 1946-يىلى لېنىنگىراتتا نەشىردىن چىققان. 1948-يىلىنىڭ ماي ئېيىدا ئۇرۇش تەنتەنىسى ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەلىشىر نەۋايىنىڭ 500 يىللىق تويى پۈتكۈل سوۋىت ئىتتىپاقى مىقياسىدا نەۋايىشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ شەكىللىنىش مۇقەددىمىسىنى ئاچقان. 1968-يىلى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى بويىچە تاشكەنت شەھرىدە نەۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 527 يىللىقى خاتىرلەنگەن. دۇنيا تىنچلىق كېڭىشى مەزكۇر ئالەمشۇمۇل خاتىرىگە يوللىغان بېغىشلىمىسىدا «نەۋايىنىڭ يۈكسەك ئەخلاق - پەزىلىتى، ئۇلۇغۋار ئىدىيەسى ۋە ئىلھامبەخىش ئەسەرلىرى ئىنسانىيەتنى تىنىچلىق ۋە تەرەقىيات ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ» دېيىلگەن. بۇنداق  تارىخىي خاراكتىرلىك خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ رۇس تىلىدا 10توم قىلىپ نەشىر قىلىنىشى ۋە رۇس تىلىدىكى200 توملۇق مەشھۇر «جاھان ئەدەبىياتى» مەجمۇئەسىنىڭ بىر تومىنىڭ مەخسۇس نەۋايى مىراسىغا بېغىشلىنىشى سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ نەۋايىشۇناسلىقىنى دۇنياۋى ئىلىمگە ئايلاندۇرغانلىقى ۋە بۇ پەننىڭ گۈللەنگەن بىر دەۋرىنىڭ يەكۈنلەنگەنلىكىنى نامايەن قىلغان.

  ئۆزبېكىستاندا نەۋايىنى ئىلمىي ۋە ئاممىباپ يوسۇندا تەتقىق قىلىش ئىشلىرى 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ كەسكىن ۋاقىتلىرىدا جانلانغان بولۇپ نەۋايىنىڭ دەۋرى، ھاياتى، ئىجادىنىڭ بىر پۈتۈن ۋە ئايرىم تەرەپلىرىنى تەكشۈرۈش ھەم ئاممىبابلاشتۇرۇشتا ئالىم شەرىپىدىنوۋ، مەخسۇت شەيخزادە، خەمىت ئالىمجان، غاپۇر غۇلام، توختاسىن جەلىلوۋ قاتارلىق ئالىملار جانپېدالىق كۆرسەتكەن بولسا سەدىردىن ئەينى، مۇسا تاشمۇھەممەت ئوغلى ئايبېك، ئۇيغۇن، ئابدۇراھمان سەئىدى ۋە ئىززەت سۇلتانلارنىڭ ئەمگەكلىرىمۇ گەۋدىلىك بولغان. يەنە غۇلام كەرىموۋ ۋە ۋاھىد ئابدۇللايىۋ كەبى ياش تالانتلىقلار يېتىشىپ چىققان.

تەتقىقاتچىلار نەۋايىشۇناسلىق بويىچە ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان. تىلشۇناس ۋە يېزىقشۇناس مۇتەخەسىسلەردىن پەرساخان شەمسىيېۋ، سالھ مۇتەللىپوۋلار تېكستولۇگىيە پېنى پىرىنسىپلىرى بويىچە نەۋايىنىڭ بىرقانچە ئەسىرىنىڭ لاتىنچە نۇسخىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، نەۋايىشۇناسلىقنىڭ تېخىمۇ كەڭ قۇچاق ئېچىشىغا تۈرتكە بولغان. زامانىۋىي ئۆزبېك پېنىنىڭ پېشۋالىرىدىن بولغان بۇ ئالىملار ھەممىنىڭ بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ لۇغىتىنى ئىشلەپ تارقاتقان. نەۋايىنىڭ 1948-يىلىدىكى 500 يىللىق تەۋەللۇتىغا ئاتاپ نەشىر قىلىنغان «ئۇلۇغ ئۆزبېك شائىرى نەۋايى» ناملىق ئۆزبېكچە - رۇسچە توپلام سەۋىيەسىنىڭ ئۈستۈنلىكى بىلەن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزبېك نەۋايىشۇناسلىقىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى نامايەن قىلغان.

بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن باشلانغان نەۋايىنىڭ 525 يىللىق تەۋەللۇت تويىغا بېغىشلانغان ئىزدىنىشلەر بۇرۇنقى تەتقىقاتلارنىڭ ئۇسۇل، مەزمۇن ۋە كۆلەم جەھەتتىكى بوشلۇقلىرىنى تولدۇرۇپ، نەۋايىشۇناسلىقنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئۆستۈرۈپ ۋە ئۇنى ئىلمىي ساھەگە ئېلىپ كىرىپ، قوللانمىلىق مەخسۇس ئەسەرلەرنى يارىتىش بويىچە كۆزنى قاماشتۇرغىدەك نەتىجىلەرنى ياراتقان. شائىر مىراسىنىڭ تۇلۇق بىبلوگرافىيەسىنى تۈزۈش، ئەسەرلىرىنىڭ نادىر نۇسخىلىرىنى ئېنىقلاش بويىچە ئىلمىي تەكشۈرۈش كۈن تەرتىپكە قويۇلغان. مۇھىمى نەۋايى ئەسەرلىرىنى ئىلگىركىدەك پارچە - پۇرات ئەمەس، بەلكى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىش مەقسىتىدە كاندىداتلىق ۋە دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەلىرى ياقلاش بۇ دەۋر نەۋايىشۇناسلىقىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى بولغان. بۇلار ئىچىدە ئاكادېمىك زاھىدوۋنىڭ «ئەلىشر نەۋايىنىڭ پىكىر ۋە ئوبرازلار دۇنياسى» ، شەيخزادىنىڭ «ئۇستازنىڭ سەنئەتخانىسىدا»، مەشھۇر مەتىنشۇناس ئالىم ھەمىد سۇلايماننىڭ «ئەلىشىرنەۋايى لىرىكىسىنىڭ تېكستولوگىيەلىك تەتقىقاتلىرى»، ياقۇپجان ئىسھاقوۋنىڭ «ئەلىشىر نەۋايىنىڭ تۇنجى دىۋانى»، تۆھپىكار نەۋايىشۇناس ئالىم ئابدۇقادىر ھېيىتمەتوۋنىڭ «نەۋايى لىرىكىسى »ھەم «نەۋايىنىڭ ئىجادىي مىتودى» قاتارلىق ئىلمىي دىسىرتاتسىيەلىرى مەنتىق قۇۋۋىتى ۋە يۈكسەك ئىلمىي سۈپىتى جەھەتتىن پەقەت ئۆزبېكىستاندىلا ئەمەس بەلكى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى فىلولوگىيە تەتقىقاتىنىڭ ياخشى سەۋىيەسىنى نامايەن قىلغان دىسسېرتاتسىيەلەر ھېسابلىنىدۇ. شۇنى تىلغا ئېلىش ھاجەتكى، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىغا تەۋە بولغان ھازىرقى مۇستەقىل دۆلەتلەردە كاندىدات دوكتور ۋە دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەلىرىنىڭ ماۋزۇلىرى توردا ئېلان قىلىناتتى، ئوخشاش ياكى تەكرار تېمىلار قۇبۇل قىلىنمايتتى، بىر دىسسېرتاسىيە نەچچە ئۇنىۋېرسىتېت، تەتقىقات مەركەزلىرىدىكى ئونلىغان مۇتەخەسسىسنىڭ باھالىشىدىن ئۆتەتتى ۋە دىسىرتاتسىيەلەر سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى بويىچە 150 دىن ئارتۇق ئۇنىۋېرسىتېت، كۇتۇبخانا ۋە تەتقىقات يۇرتلىرىغا ئەۋەتىلەتتى. دىسسېرتاتسىيەلەر مەزكۇر پەن ساھەسىدىكى تۈگەللەنگەن ئىلمىي ئەمگەكلەر قاتارىدا نوپۇزلۇق كۇتۇبخانىلارغا قويۇلۇپ ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتتا قوللانمىلىق رول ئوينايتتى. ئوچۇق نەشىر قىلىنىپ ئۇنى جەمئىيەتتىكى ھەممە ئادەم كۆرەلەيتتى. قىسقىسى دىسسېرتاسىيە دەپ ئاتالغان يۇقىرىقى ئەمگەكلەر قىلنى قىرىققا يېرىپ يېزىلغان مۇكەممەل ئىلمىي ئەسەرلەر بولۇپ، بۇلارسىز نەۋايىشۇناسلىقنىڭ ئۆتمۈشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

20-ئەسىرنىڭ 70-، 80- يىللىرىدا ئۆزبېك نەۋايىشۇناسلىقىنىڭ سۈپەت ۋە ساپاسى يەنىمۇ ئۆسۈپ بارغان. نەۋايى ئەسەرلىرى ژانىرشۇناسلىق ۋە فولكلورشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىنىپ، بۇ ھەقتە يىرىك ھەم مەخسۇس ئەسەرلەر يېزىلغان. نەۋايىنىڭ ئىلمىي ۋە بەدىئىي مىراسلىرى يادرولۇق مەزمۇنلىرى بولغان قۇرئان كەرىم، ھەدىس شەرىف ۋە تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى بىلەن باغلاپ تەتقىق قىلىنىشقا باشلىغان. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە شائىرنىڭ 20 توملۇق مۇكەممەل ئەسەرلەر توپلىمى  ۋە تۆت توملۇق «ئەلىشىر نەۋايى ئەسەرلىرى تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى»نىڭ ئىشلىنىشىگە سەۋەپ بولغان.

1991-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى ئەلىشىر نەۋايى تۇغۇلغانلىقىغا 550 يىل توشقان كۈننى پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ خاتىرە كۈنى قىلىپ بېكىتكەن. 2007–يىلى ئامېرىكا پارلامېنت كۇتۇبخانىسىدا ئېچىلغان «ئەلىشىر نەۋايى ۋە ئۇنىڭ مەركىزى ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەدەنىي تەرەققىياتىغا بولغان تەسىرى» ناملىق دۇنياۋىي مەجلىستە نەۋايى مۇستەقىل ئۆزبېكىستاننىڭ سىموۋۇلى بولۇپ قالغان. ھەتتا بۈيۈك بىرىتانىيەدە ئۇلۇغ شېكىسپىرمۇ ئۆزبېكىستاندا ئەلىشىر نەۋايى شۆھرەت قازانغاندەك ئالقىشلانمىغان! غەربنىڭ تونۇلغان نەۋايىشۇناسى بادراگىلىگېتىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا،«يەر شارىدىكى تاغلار ئارىسىدا ئەڭ ئىگىزى ھىمالايا چوققىسى بولسا، شائىرلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ يۈكسىكى ھەزرەت نەۋايى» بولغان.

ئەمدى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا نەۋايى ئىجادىيتىگە بولغان تەتقىقاتلارغا كەلسەك، ئەمەلىيەتتە نەۋايىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ئەمگەكلەر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىلى بۇرۇنلا باشلانغان. مەلۇماتلارغا كۆرە، نەۋايى ھايات بولغان دەۋردىن باشلاپ ۋە  ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، بولۇپمۇ سەئىدىيە خانلىقى (1514 -1678) دەۋرىدە نەۋايى ئەسەرلىرىنى ئوقۇش، كۆچۈرۈش ۋە رەتلەش كەڭ ئەۋج ئالغان. خۇسۇسەن ئابدۇرەشىدخان زامانىسىدا تەسىس قىلىنغان «ئوردا دىۋان» نەۋايى ئەسەرلىرىنى كىتابەت قىلىپ تارقىتىشتىكى مۇھىم مەركەز ھېسابلانغان. دېمەك، شۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولۇدۇكى، سەئىدىيە خانلىقى تەۋەسىدە نەۋايىخانلىق ئەنئەنىسىنى داۋام ئەتتۈرۈش كۈچلۈك يۆنىلىش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. «16 - ئەسىردىن باشلاپ شىنجاڭنىڭ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋە كۇچا قاتارلىق شەھەرلىرىدە نەۋايىخانلىق كەڭ ۋە چۇڭقۇر يىلتىز تارتقان. مىلادىيە 1700 - يىللىرى «خەزائىنۇل –مەئانى»نىڭ بىرقانچە نۇسخىسى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە كۆچۈرۈلۈپ كىتابەت قىلىنغان.

بۇنىڭدىن تاشقىرى 16 - 17  ئەسىردە ئۇيغۇر خەتتاتلىرى تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن كىتابلار ئارىسىدىن نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ خىلمۇ - خىل نۇسخىلىرى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن. ھازىر شائىرنىڭ 1557 - يىلىدا شىنجاڭنىڭ مەلۇم بىر جايىدا كۆچۈرۈلگەن «چاھار دىۋان» نى بىلەن كۇچا ھەم خوتەن شەھەرلىرىدە كۆچۈرۈلگەن باشقا ئەسەرلىرىنىڭ قوليازما نۇسخىلىرى تېپىلدى. 1950 - 1957 - يىللاردا پۈتكۈل شىنجاڭ بويىچە ئېلىپ بېرىلغان تىل ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتى خىزمىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، دەسلەپ نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ 400 نۇسخا كۆچۈرۈلگەن قوليازمىسىدىن ئىلمىي پايدىلىنىلغان. يەنە كېيىن تېپىلغان 700 نۇسخا كۆچۈرۈلگەن قوليازما ئەسەرلەردىن 150 كە يېقىنى نەۋايى قەلىمىگە مەنسۇپ ئەسەر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

شۇنى ھەم تەكىتلەش كېرەككى، ئۇيغۇرلار نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ قوليازمىلىرىنى ساقلاپلا قالماستىن، بەلكى نەۋايىنىڭ ھېكمەتلىك بېيىتلىرىنى مەقبەرىلەرگە، مەدرىس - مەكتەبلەرنىڭ تاملىرى ۋە ۋە تورۇسلىرىغا ئالتۇن ھەل بىلەن يازغاندىن تاشقىرى، مېتال بويۇملارغىمۇ نەقىش چىقىرىپ ئىشلەشكەن. مەسىلەن. 1955 - يىلى خوتەننىڭ قارىقاش ناھىيەسىدە نەۋايىنىڭ «نې نامە ئەردۈك، غەمكىن كۆڭۈلنى شاد ئېتىڭ» سەتىرلىرى بىلەن باشلىنىدىغان غەزىلى ئويۇلغان بىر نەقىشكار ئاپتۇۋا تېپىلغان بولۇپ، مەزكۇر ئاپتۇۋانىڭ 1842 - يىلى ياسالغىنى ئېنىقلانغان.

ئومۇمەن، نەۋايى ئەسەرلىرىنى كۆچۈرۈپ ساقلاش ياكى تارقىتىش قەشقەر، يەكەن، خوتەندىلا ئەمەس، بەلكى، تۇرپان، ئۈرۈمچى ھەتتا تەكلىماكان بويىدىكى سىرلىق دىيار لوپنۇرغىچە ئومۇملاشقان. دەۋر تەقەززاسى بىلەن بەزى كاتىبلار شائىرنىڭ ئەسەرلىرىنى تولۇق، ئايرىملىرىنى تاللاپ ھەر خىل خەت نۇسخىلىرىدا كۆچۈرگەن. قىستۇرما رەسىملەر ۋە نەقىشلەر ئىشلىنىپ كىتاب ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن. ئايرىملىرىغا شائىر ئەسەرلىرىنىڭ ئەسلى نامى قويۇلسا، بەزىلىرى «كۇللىيات»، «باياز» «دىۋان» دەپ ئاتالغان. بۇ دەۋردە «كاشغەرىي» تەخەللۇسىدا شائىرنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆچۈرگەن خەتتاتلارنىڭ شۆھرىتى ۋە قوليازمىلىرى پەقەت شىنجاڭدىلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا، تاتارىستان ۋە ئازەربەيجانلارغىچە يېتىپ بارغان. ھازىر ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيتى ئەبۇ رەيھان بىرۇنى نامىدىكى شەر*قشۇناسلىق ئىنىستېتۇتى قوليازمىلار فوندىدا ساقلىنىۋاتقان ۋە 150 كە يېقىن خەتتاتلار تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن نەۋايىنىڭ قوليازما ۋە باسما ئەسەرلىرى ئىچىدە 66 قوليازما نۇسخىسىنىڭ تۈزگۈچىسى ۋە كاتىبنىڭ ئىسمى ئېنىقلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالتىسى «كاشغەرىي» تەخەللۇسلۇق ئەدىبلەر ئىكەن.

مەزكۇر فونىدتا ساقلىنىۋاتقان «نەۋايى كۇللىياتى» تىنى 1824 - 1830 - يىللاردا قەشقەردە ئابدۇلرەھىم فازىل كاشغەرىي ئىسىملىك زات كۆچۈرۈپ كىتابەت قىلغان. «كۇللىيات» تا نەۋايىنىڭ 19 ئەسىرى جەملەنگەن بولۇپ، نەۋايىنىڭ دەۋرىمىزگىچە مەلۇم بولغان كۆچۈرۈلگەن قوليازما ئەسەرلىرى ئىچىدە بۇ نۇسخا ھەجىم، كىتابەت سەنئىتى ۋە ئىلمىي قىممىتى جەھەتتىن ئەڭ تولۇق نۇسخا ھېسابلىنىدۇ.

بەش ئەسىردىن بىرى ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا خەمسەنەۋازلىق ئەنئەنىسى داۋام ئېتىپ كەلگەن. ئۇيغۇر خەمسەنەۋازلىقىدا ئىككى مەقسەت كۆزدە تۇتىلىدۇ. بىرى نەۋايى «خەمسە» سىنى كۆچۈرۈپ تارقىتىش بولسا، ئىككىنچىسى، «خەمسە» دىكى داستانلارغا تەقلىد قىلىپ داستانلار يېزىشتۇر.

ھازىرمۇ نەۋايى «خەمسە» سىنىڭ نۇسخىلىرى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا تۈرلۈك مەدەنىيەت ئوچاقلىرىدا ساقلانماقتا. پەقەت قەشقەر ۋىلايەتلىك مۇزىيدىلا ئۇنىڭ 21 نۇسخىسى بار. ئۆز ۋاقتىتىكى ئەلىشىر نەۋايى «خەمسە» سىنىڭ قوليازمىلىرى كاتولوگىدىكى مەلۇماتلارغا كۆرە، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيتى پەنلەر ئاكادىمىيەسى شەر*قشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى ۋە ھەمىد سۇلايمان نامىدىكى قوليازمىلار فوندىدا ساقلىنىپ كەلگەن 172 نۇسخا «خەمسە» نىڭ 12 نۇسخىسىنى ئىسمى ئېنىق كۆرسىتىلگەن شىنجاڭلىق ئۇيغۇر كاتىبلار كۆچۈرگەن. ئاشۇ زامانلاردا كاتىب - خەتتاتلار «خەمسە» دىكى داستانلارنى ئالاھىدە ئىشتىياق بىلەن  كۆچۈرگەن ۋە توپلاپ كىتابەت قىلغان.  1747 - يىلى ئەزىز كىچىك قۇمۇلى كۆچۈرگەن ۋە كىتابەت سەنئىتى ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك نۇسخىلاردىن ھېسابلىنىدىغان «خەمسە» گە «پەرھاد ۋە شېرىن» دىن باشقا تۆت داستان كىرگۈزۈلگەن. نەۋايى «خەمسە» سىنى كۆچۈرۈش ۋە تارقىتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر قىسىم كاتىبلار شۇ دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىىياتىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. ھەتتا ئۇيغۇر ئەدىبلىرى «خەمسە نەۋايى» دىكى مۇھەببەت داستانلىرىدىن تەسىرلىنىپ، ئەسەرلەر يارىتىشقان. 18 - ئەسىر شائىرلىرىدىن ئىبراھىم خوتەنىينىڭ «مەنتىقۇت - تەير» ۋە سالاھىينىڭ «گۈل ۋە بۇلبۇل» داستانلىرى نەۋايىنىڭ «لىسانۇت - تەير» داستانىدىن تەسىرلىنىپ يېزىلغانلىقى مەلۇم.

1830- 1850- يىللاردا قەشقەر جەنۇبى شىنجاڭنىڭ مائارىپ ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولغانىدى. ئەدەبىيات ۋە سەنئەت راۋاج تاپقان، ئاشۇ دەۋردىكى مەرىپەتپەرۋەر قەشقەر ھۆكۈمدارى زوھورىدىن ھېكىمبەگ ۋە تۇرپان ۋاڭى ئەپرىدۇن ۋاڭنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئابدۇرىھىم نىزارىي، نورۇز ئاخۇن زىيائىي، تۇردى غەرىبىي، سەبۇرىي قاتارلىق مەشھۇر ئەدىبلەر ئەلىشىر نەۋايى «خەمسە» سىدىن ئىبرەت ئېلىپ، بىر قاتار داستانلار يارىتىشقان. بۇنىڭ يارقىن مىسالى قىلىپ نىزارىينىڭ «پەرھات ۋە شېرىن»، «لەيلى ۋە مەجنۇن»، زىيائىينىڭ « مەسئۇد ۋە دىلئارا»، « ۋامىق ۋە ئۇزرا»، غەرىبىينىڭ «شاھبەھرام» (بەھرامگور) داستانلىرىنى كۆرسىتىش مۇمكىن.

دېمەك، 1841 - 1842 - يىللىرى ئابدۇرىھىم نىزارىي ۋەكىللىكىدىكى بىر گورۇھ ئەدىبلەر تەرىپىدىن نەۋايى «كۇللىياتى» غا تەقلىد قىلىپ يېزىلغان 39 نۇسخا ئەسەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئەينى ۋاقىتتا رۇسىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسى شەر*قشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىدىكى سانكىت-پىتىربۇرگ قوليازمىلار فوندىدا ساقلىنىۋاتقان «ھېكايەتى غەرب» (مۇھەببەت داستانلىرى) ناملىق زور ھەجىمدىكى ئەدەبيات قامۇسى شىنجاڭ ئۇيغۇر خەمسەنەۋازلىقىنىڭ 19 - ئەسىردىكى ئەڭ يۈكسەك مۇۋەپپىقىيتى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇر «خەمسە» چىلىكىنىڭ ئۇتۇقلىرىدىن بىرى «خەمسە» تەركىبىدىكى داستانلارنىڭ ئاممىۋى تىلدا نەسىرى بايانىنى تۈزۈش ئەنئەنىسىدۇر. بۇنىڭدا شائىر ئەسەرلىرىدىن كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بەھرىمان بولۇشى ئىتىبارغا ئېلىنغان. بۇ يۆنىلىشتە سەمەرىلىك ئەمگەك ئىجاد قىلغانلار ئارىسىدا ئۆمەر باقى ياركەندى بىلەن موللا سىددىق ياركەندىنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. ئۆمەر باقى ياركەندى 1792 – يلى «پەرھات ۋە شېرىن» ،«لەيلى ۋە مەجنۇن» داستانلىرىنى ئاددىي نەسىرى ئۇسلۇبتا قايتا يېزىپ چىقىدۇ ۋە بۇلار «قىسسەئى پەرھات ۋە شېرىن»، «كىتابى لەيلى ۋە مەجنۇن» دېگەن ناملار بىلەن تاشكەنتتە 1910-، 1912-، 1915- يىللاردا تاشباسمىدا بېسىلىدۇ. «قىسسەئى پەرھات – شېرىن» غا ئون ئۈچ، «كىتابى لەيلى – مەجنۇن» غا ئون بىر قىستۇرما رەسىم سېزىلغان. موللا سىددىق ياركەندى 1813 – يىلى «خەمسە» دىكى تۆت داستانغا «لىسانۇت - تەير» نى قوشۇپ ئۇنى «بۇلبۇلى گۈلشەنى نەۋايى» نامى بىلەن نەسىرلەشتۈرگەن. ئۆز نۆۋىتىدە بۇ ھادىسە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا پىروزا ژانىرى ۋە ئىپىك ئەسەرلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئاشۇ دەۋر ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك مەنبەدۇر.

نەۋايى ئەسەرلىرىنى كۆچۈرگەن ۋە داستانلىرىغا تەقلىد قىلىپ داستانلار يازغان ئەدىبلەر ئۆز زامانىسىنىڭ مەشھۇر ئەدەبىياتشۇناسلىرى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپلىگەن شائىر ۋە يازغۇچىلار نەۋايىنى مۇرەببى ھېسابلاپ، ئەسەرلىرىدە نەۋايى ئەسەرلىرىدىن نەمۇنىلەر ئالغان. جۈملىدىن نەۋايىنىڭ نەسىر ۋە نەزملىرىدىكى ئىستىتىك مەنە، غايىۋى مەزمۇن ۋە يوشۇرۇن جازىبلەرنى تېپىشقا ئىنتىلگەن. ئەلىشىر نەۋايى دىۋانلىرى سەئىدىيە خانلىقىدىن باشلاپ مەكتەب ۋە مەدرىسىلەردە ئوقۇتۇلۇشقا باشلىغان. غەزەللىرى نەۋايىخانلىق بەزمىلىرىگە پەيز بېغىشلىغان. شۇ سەۋەبتىن 18 - ئەسىردە قەشقەردە نەۋايى ئەسەرلىرى لۇغىتى تۈزۈلگەن. ئابدۇرىھىم  نىزارى 1806- يىلى «نەۋايى» نامىلىق دەرسلىك تۈزۈپ تارقاتقان.

شائىر سەبۇرى 1840 – يىلى «نەۋايىنىڭ ئادالەتپەرۋەرلىكى خۇسۇسىدا» مونوگرافىيسىنى يېزىپ «سەددى ئىسكەندەر» داستانىنىڭ ئىجتىمائى – غايىۋى خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن. «قۇرئان كەرىم» ۋە «قىسسەئى رەبغۇزى» (قىسەسۇل ئەنبىيا) دا تەسۋىرلەنگەن ئىسكەندەر ھەققىدىكى شەر*ق رىۋايەتلىرىنىڭ «سەددى ئىسكەندەر» بىلەن قوشۇلۇشى نەۋايى داستانلىرىنىڭ يىراق قىشلاقلارغىچە يېتىپ بېرىشىغا سەۋەب بولغان. بۇ ھەقتە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەركىزى ئاسىيا بويلاپ كۆپ قىتىم ساياھەت قىلغان ۋە تەڭرىتىغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى ئايلىنىپ چىققان شىۋىتسىيەلىك ئالىم سىۋىن ھېدىن شۇنداق يازىدۇ: «نەۋايى بۇيەردىكى كىتابخانلار ئۈچۈن پەۋقۇلئادە سۆيۈملۈك مۇئەللىپ ئىكەن. بۇنىڭغا مىسال تەرىقىسىدە ئاشۇ يەرلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان نەۋايىنىڭ خىلمۇ خىل ئەسەرلىرىنى ئالساق بولىدۇ. ھەتتا شىنجاڭنىڭ ئەڭ ئىچكىرىسى بولغان لوپنۇردا نەۋايى شېئىرلىرى ئەشۇلا قىلىپ ئېيتىلىپ نەزمگۇفتارلىق قىلىناركەن. نەۋايى داستانلىرى ئاددى خەلق ئارىسىدا قىسسەخانلىق كۆرىنىشىدە كەڭ تارقالغانىكەن».

بۈگۈنكى كۈندە ئەلىشىر نەۋايىنىڭ تەسىرى ئوتتۇرا دېڭىزدىن ياپون دېڭىزىغىچە؛ ھىنگان ۋە ئالتاي تاغلىرىدىن ھىمالايا چوققىسىغىچە بولغان بىپايان مەركىزى ئاسىيا زىمىنىدا ياشىغۇچى خەلقلەر ئارىسىغا يېيىلغان. نەۋايى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى شائىر ۋاپات بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ياۋروپادا تەتقىق قىلىنىشقا باشلىغان. دۇنيادىكى مەشھۇر كۇتۇپخانىلار شائىر ئەسەرلىرى بىلەن بىزەنگەن. ئىجادىيەتى ئېنگلىز مۇتەپەككۇرلىرىدىن شائىر ئېللوئوتقا ۋە ئوكيان ئاتلاپ ئامېرىكىلىق يازغۇچى مارك تېۋىنغىچە تەسىر كۆرسەتكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن «دۇنيادىكى ئەڭ باي قوليازمىلار فوندى» رويىخىتىگە ئېلىنغان ئۆزبېكىستان ئەبۇ رەيھان بىرونۇ نامىدىكى شەر*قشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى ھازىر ئۆزبېكىستان دۇنيا نەۋايىشۇناسلىقىنىڭ مەركىزى سۈپىتىدە تەن ئېلىنىپ، شائىر ھەققىدىكى تەتقىقات ئالتىنچى يۈز يىللىغا قەدەم قويماقتا. نەۋايى ئەسەرلىرى تاشكەنت قاتارلىق مەدەنىيەت ئوچاقلىرىدا دۇنياۋىي كىلاسسىك ئەسەرلەر قاتارى ھەر يىلى يېڭى سەۋىيە، يۇقۇرى سۈپەت ۋە كۆپلىگەن نۇسخىدا نەشىر قىلىنماقتا. چەتئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنماقتا. ھالبۇكى بۇ قەسىرنىڭ بوسۇغىسى نەۋايىنىڭ ھەقدار ئەۋلادلىرى بولغان بىزنىڭ دەۋرىمىزگە كەلگەندە يەنىلا ئەپسانە تەرىزدە دۇنيايىمىزنىڭ سىرتىدىكى سىرلىق بىر مۇئەمما بولۇپ تۇرماقتا!

مەنبە: «بۇلاقكۆل» ژورنىلىنىڭ 1- سانى



يازغۇچىلار مۇنبىرىگە يوللىغۇچى:ئابدۇمىجىت مۇھەممەت


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش