كۆرۈش: 191|ئىنكاس: 2

موللا بىلالغا دائىر ئېنىقسىزلىقلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2332
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 19:15:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موللا بىلالغا دائىر ئېنىقسىزلىقلار


ئاپتورى: ئابدۇرىشىت ھېلىمھاجى



(1) موللا بىلالنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

شائىر بىلال نازىمنىڭ تولۇق ئىسمى: موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپ، ئۇ تەخمىنەن 1825-يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە نامرات موزدۇز ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 10~11 ياشلارغا كىرگەندە دادىسىدىن يېتىم قالغان ۋە ئاكىسى جالالىدىننىڭ تەربىيىسىدە بولغان، مەدرىسىدە ئوقۇغان. موللا بىلال قورغاس «ئالتۇنلۇقۇم»، يەنى تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى يېنىدىكى «بەيتۇللا» مەدرىسىدە 11 يىل ئوقۇغان. ئەرەب، پارس تىللىرىنى مۇكەممەل ئىگىلىگەن، شەر*ق ئەدەبىياتى ۋە كلاسسىك ئەدەبىي مىراسلىرىمىز بىلەن پىششىق تونۇشقان، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى خەزىنىسىدىكى ئېسىل ئەسەرلەرنى توپلىغان. ئۇ 20 ياشقا كىرگەندە ئانىسى ئۆلۈپ كېتىپ، ئاكىسى بىلەن تېخىمۇ ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. شۇنداق بولسىمۇ بىلال نازىم قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىپ، شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ نامى ئەل ئارىسىدا تاراشقا باشلاپ، كىشىلەر ئۇنى «موللا بىلال» دەپ ھۆرمەتلەشكەن. ئۇ 27 ياشقا كىرگەندە ئۆزىنىڭ ھايات، مۇھەببەت، دوستلۇق ھەققىدە يازغان غەزەللىرىنى دىۋان قىلىپ تۈپلەپ، «نازىم» دېگەن تەخەللۇس بىلەن يېشىل تاۋار جىلتىغا ئوراپ سۆيگەن قىزى رەناخان ئاپپاققا تەقدىم قىلغان.
بىلال نازىم 1864-يىلى پارتلىغان ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغان. شۇ يىللاردا «نازۇگۇم»، «غازات دەر مۈلكى چىن»، «چاڭموزا يۈسۈپخان» قاتارلىق نادىر داستانلارنى يېزىپ چىققان. 1895-يىلىدىكى ئۈچىنچى قېتىملىق «كۆچ -كۆچ»تە يەتتە سۇ ۋادىسىدىكى ياركەنت دېگەن جايغا كۆچۈپ كەتكەن، شۇ جايدا 1900-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن.


(2) موللا بىلال تەتقىقاتىغا دائىر ئۇچۇرلار

موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپكە دائىر ئېنىقسىزلىقلارنى كۆرسىتىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى ئۈستىدە ئىزدەڭەن مەنبەلەرنى ئېنىقلىۋېلىش زۆھرە.
تالانتلىق شائىرنىڭ بەدىئىي مىراسلىرىنى توپلاش، ئۆگىنىش، ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىشى رۇسىيىدە ن. ن. پانتاسوۋ، ۋ. ۋ. رادلوۋ قاتارلىق شەر*قشۇناس، فولكلورشۇناس، تىلشۇناسلاردىن باشلاندى. كېيىن، تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ نەزەرغوجا ئابدۇسەمەت(ئۇيغۇر بالىسى)، زاكىر رەھمانقۇلى، ئەرشەم ھىدايەت، قادىر ھەسەن، ئايشەم شېمى قىزى، ساۋۇت موللا ئاۋۇتوۋ، ئا. قايداروۋ، ق. ئا. رازىيوۋ، ئوسمان مەمەتاخۇنوۋ، ماخمۇت ئابدۇراخمانوۋ، مۇرات ھەمرايوۋ، خىزمەت ئابدۇللىن، ش. كېبىروۋ، ئە. نارىنبايىۋ، ساۋۇتجان ھەسەنوۋ، مەرفۇغە ئايتخوجىنا، ماھىنۇر ئەلىيىۋا قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئۆگىنىلدى ۋە تەتقىق قىلىندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە قادىر ھەسەن(1912--1996)، ئوسمان مەمەتاخۇنۇف (1925--1985)، مۇرات ھەمرايىۋ(1936--1983) ۋە ساۋۇت موللا ئاۋۇدوفلار شائىرنىڭ ئىجادىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا زور سالماقلىق ئەجىر سىڭدۈردى ھەمدە شائىر ئىجدى ئۆزبېك، قازاق، رۇس مىللەتلىرى بىلەنمۇ يۈز كۆرۈشتى.
شۇنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئەدەبىياتشۇناس، ئالىم ساۋۇت موللا ئاۋۇدوف بىلەن ياش ئالىم، دوكتۇر مۇرات ھەمرايىف موللا بىلالنىڭ ئەسەرلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپلا قالماي، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى نەشر قىلدۇردى. ساۋۇت موللا ئاۋۇدوف نەشرگە تەييارلىغان موللا بىلالنىڭ «تاللانغان ئەسەرلەر» ناملىق توپلىمى 1961-يىلى ئالمۇتىدا، «بىلال نازىم ئەسەرلىرى»، «ۋەتەن ئىشقىدا» ناملىق توپلاملىرى 1987-يىلى يەنە شۇ يەردە «مەكتەپ نەشرىياتى» تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. «تارانچى ناخشىلىرى»(ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى دېمەكچى) بىلەن «تارانچى خەلق ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر» ناملىق كىتاب-نەشرلىرى ۋە 1958-يىلى ئابدۇمۇتالى خەلپەم تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن «غەزەلىيات»نىڭ غۇلجىدىكى قوليازمىسى ئاساس قىلىنغان بۇ كىتابلارغا موللا بىلالنىڭ تۆت چوڭ ئەسىرىدىن تاشقىرى ئۇنىڭ ئىجادى ئەمگىكى سىڭگەن «چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ قىسسىسى»، «تەبىب پادىشاھ بىرلە زۆھرەخاننىڭ ۋەكەلىرىنى بايان قىلۇر» دېگەن ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن. 1981-يىلى ئۇنىڭ يەنە دوكتۇر مۇرات ھەمرايىف تەرىپىدىن رۇس ۋە ئۆزبېك تىلىدا نەشرگە بېرىلگەن «بىلال نازىم» ناملىق كىتابى جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
موللا بىلالنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى توغرىلىق دۆلەت ئىچىدە قەلەم تەۋرەتكۈچىلەر ئانچە كۆپ ئەمەس. بۇلار ئىچىدە ئابلىزخان مەسۈمى تۇنجى بولۇپ «ئىتتىپاق» ژورنىلىنىڭ 1949-يىللىق 6-سانىدا «شائىرنىڭ رەسىمىنى ئىشلىگەندە» ناملىق ماقالىسى بىلەن بۇ تېمىدىكى تەتقىقاتنى باشلاپ بەردى. كېيىن، ي. مۇخلىسوف «تارىم» ژۇرنىلى 1958-يىللىق 1-سانىدا، نىمشېھىت «شىنجاڭ ئەدەبىياتى» 1962-يىللىق 6-سانىدا، شەرىپىدىن ئۆمەر «شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئىتى»نىڭ 1979-يىللىق 8-سانىدا، يەنە 1982-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا» ناملىق ئەدەبىي ئوبزورلار توپلىمىدا، 1998-يىلى تۈزگەن «19-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ 3-قىسمىدا، ئابدۇكېرىم مەخسۇت «شىنجاڭ ياشلىرى» ژورنىلىنىڭ 1980-يىللىق 7-سانىدا، ئابدۇرېھىم سابىت 1984-يىلى تۈزگەن «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» ئىككىنچى قىسىم 2-كىتابىدا، ئابدۇشۈكۈر تۇردى «شىنجاڭدىكى تارىخى شەخسلەر» (2)نىڭ 1985-يىلى خەنزۇچە نەشرىدە، «قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 1986-يىللىق 4-سانىدا، غەيرەتجان ئوسمان 1987-يىلى تۈزگەن «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن تېزىس»تا، «ئىلى دەرياسى» ژورنىلىنىڭ 1996-يىللىق 4-ۋە 5-سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان بىئوگىرافىك پوۋېست «جاۋاھىرۇل بىلالى»دا، غوجەخمەت يۇنۇس
«بۇلاق» ژورنىلىنىڭ 1998-يىللىق 3-سانىدا مۇئەللىپنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادى توغرىسىدىكى تەتقىقات مېۋىلىرىنى خەلقىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى.


(3) تۇغۇلغان، ۋاپات بولغان ۋاقتى

مەيلى بىزدە ياكى چەت ئەلدە بولسۇن، بۈيۈك شائىر موللا بىلال نازىمنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت سەھنىمىزنى مەڭگۈ نۇرلاندۇرۇپ تۇرىدىغان مېھنەت-ئەمگىكى ۋە ئۇنىڭ بىلەن باغلىق بولغان ئارزۇ-ئارمىنى مەلۇم چوڭقۇرلۇقتا تەتقىق قىلىندى. بىراق، بىز تا ھازىرغىچە شائىرنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى (يىلنامىسى)نى توغرا كۆرسەتمىدۇق. چەت ئەلدە قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان بۇ تېما 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ ھەل بولغان ھەم بىرلىككە كېلىڭەن بولسىمۇ، بىزدە «كىچىك ئىش» سۈپىتىدە دېققىتىمىزنىڭ سىرتىدا قالدى، بۇنىڭ بىلەن ھەركىم ھەرنېمە دەپ باقتى.
شائىرنىڭ تۇغۇلغان يىلى توغرىلىق، غۇلجا شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتى نەشر قىلغان «گۈلىستان» ژورنىلىنىڭ 1980-يىللىق 1-سانىدىكى ماقالىدە «1822-يىل»، «ئىلى دەرياسى» ژورنىلىئىنىڭ 1980-يىللىق 1-سانىدا «1823-يىل»، «شىنجاڭ ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 1962-يىللىق 6-سانى ۋە «بۇلاق»نىڭ 1980-يىللىق 1-سانىدا «ھىجرىيە 1241-يىل، مىلادىيە 1825-يىل»، «شىنجاڭ ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 1979-يىللىق 8-سانىدا «1824-يىل»، «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» ناملىق كىتابتا «1830--1831-يىللار» دېيىلگەن. يەنە بەزىلەر بۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان پىكىرلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى.
موللا بىلال ئۆز ئەسەرلىرىدە تۇغۇلغان يىلى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن، پەقەت بەزى ئەسەرلەرنى تاماملىغاندا ياكى ئۆمۈر مەنزىلىدە پەۋقۇلئاددە ۋەقە يۈز بەرگەن چاغلاردىلا ئۆزىنىڭ قانچە ياشتا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتكەن. بىراق ئۆز ئەسىرىدە يېشى توغرىلىق بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى ئىككى خىل مەلۇمات بەرگەن.
1). شائىر «غەزەلىيات» توپلىمىنى ئاياغلاشتۇرغاندا تۆۋەندىكى شېئىرنى يازغان:

ئەگەر تارىخ ھىجرەتىدىن سورارسەن،
دۇسەر شەست مەشت تۇر ئەلىف سانى.
ئەگەر فەسلىن سورار بولساڭ ھەمەلدۇر،
ئەگەر ئايدىن ئېسە بىلگىل دۇئانى.
ئەگەر سورىساڭ بىلالنىڭ ياشىدىن كىم،
يىگىرمە يەتتە دۇرلەر سىننى سانى.

بۇ شېئىردىكى «دۇسەر (ئىككى يۈز) شەست ( ئاتمىش) مەشت (سەككىز) تۇر ئەلىف سانى» دېگەن مىسراغا قارىغاندا، شائىر «غەزەلىيات»نى ھىجرىيىنىڭ 1268-يىلى (باھار پەسلى)، مىلادىيە 1852-يىلى دۇئا ئېيىدا (7-ئاي)، 27 يېشىدا تاماملىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق.
2). تارىخقا نەزەر سالساق، 1864-يىلى «ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭى» پارتىلاپ، كېيىنكى يىلى، يەنى 1865-يىلى قوزغىلاڭچىلار شىنجاڭنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مەمۇرىي، سىياسىي ۋە ھەربىي ھاكىمىيىتىنىڭ مەركىزى كۈرە جاڭجۈننىڭ ئەڭ مۇستەھكەم قورغىنى بولغان «بايانداي سېپىلى»نى بۇزۇپ، ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالىدۇ. ئۈچ سوتكىغا يەتكەن قانلىق جەڭدە بىلالنىڭ ئاكىسى جالال دورغا قازا تاپىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، موللا بىلال ئاكىسىغا ئاتاپ مەخسۇس مەرسىيە يازىدۇ، مۇخەممەس ئۇسۇلىدا يېزىلغان بۇ مەرسىيىنىڭ بىر مىسراسىدا شائىر:
«بولۇپمەن يۈز ياشار پىردەك تۆرت توققۇز ئىدى ياشىم»
دەپ يېزىپ، 1865-يىلى ئۆزىنىڭ 36 ياشتا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
يۇقىرىدىكى پىكىرگە ئاساسلانغاندا موللا بىلال 1825-يىلى، كېيىنكى پىكىر بويىچە 1829-يىلى تۇغۇلغان بولىدۇ. ئېنىقكى، شائىرنى 1825-يىلى تۇغۇلغان دېيىشنىڭ ئىلمىي ئاساسى كۈچلۈك، شۇڭا 1829-يىلى تۇغۇلغان دېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، شائىر 1876-يىلى ئۆكتەبىردە شەر*قشۇناس پانتاسوف بىلەن تونۇشقان. پانتاسوف موللا بىلالنىڭ ئەسەرلىرىنى نەشرگە بەرگەندە ئىزاھات بېرىپ، ئۇنى 1876-يىلى 52 ياشتا، 1878-يىلى 54 ياشتا دەپ كۆرسەتكەن. بۇ مەلۇمات شائىر 1825-يىلى تۇغۇلغان دېگەن قاراشنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
دېمەك، شائىر موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپ ھىجرىيە 1241-يىلى، مىلادىيە 1825-يىلى ھۈنەرۋەن موزدۇز ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. يەنە شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، شائىرنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنى تۇنجى بولۇپ توغرا كۆرسەتكەن ئادەم- شائىر نىمشېھىتتۇر. ئۇنىڭ 1962-يىلى يازغان موللا بىلال ھەققىدىكى ماقالىسى بۇ پىكىرنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
شائىرنىڭ ۋاپات بولغان ۋاقتى توغرىسىدا ھازىر ئۈچ خىل قاراش بار.
بەزىلەر «1899-يىلى» دېسە، يەنە بەزىلەر «1902-يىلى» دەپ قارىدى. يېقىندا يەنە «1900-يىلى» دەپ توغرىلاندى. شائىر بىلەن زامانداش بولغان تەتقىقاتچى ھەم ئۇنىڭ تۇغقىنى ۋە شاگىرتى ئابدۇمۇتالى خەلپەم (1867--1960) ۋە بىلالشۇناس ئالىم ساۋۇت موللا ئاۋۇدوفنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا، بىلال نازىم ھىجرىيە ھېسابىغا 1318-يىلى 77 يېشىدا، مىلادىيە ھېسابىغا 1900-يىلى 75 يېشىدا ياركەنتتە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ قەبرىسى ھازىرمۇ شۇ جايدا ساقلانماقتا.
1993-يىلى موللا بىلالنىڭ قەبرىسى ئالدىغا ئۇنىڭ ھەيكىلى ئورنىتىلدى، ھەيكەل ئورنىتىلغان باغچىنىڭ يېنىدىكى مەكتەپ ۋە ئۇنىڭ ئالدىدىكى كوچا ئۇنىڭ شەرەپلىك نامى بىلەن ئاتالدى. ھازىر بۇ يەر ئىلىم-مەرىپەت ئەھلىنىڭ مەشھۇر زىيارەتگاھى بولۇپ كەلمەكتە.


(4) مۇھەببەت سەرگۈزەشتى ۋە پەرزەنتلىرى

مەرىپەتپەرۋەر زات ئابدۇمۇتالى خەلپەم شائىر موللا بىلالغا «تەرجىمەئى بىلال شائىر مەشھۇر» نامى بىلەن تەرجىمىھال يېزىپ چىققان. مانا شۇ تەرجىمىھالدا «غەزەلىيات» ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بېرىلگەن: «فەقىر ۋە فەقە كۈنلەردە بىر ساھىبجامال مەھۋەش، پەرى پەيكارغا ئاشىق بىقارار، ئىشق مەجازىغا گىرىپتار بولۇپ، ئىشق مۇھەببىتى قايناپ، ئىشق ئوتى دىلىنى بىقارار قىلغانلىقتىن ئېيتقانىكەن». ئەمما، موللا بىلال بۇ ساھىپجامالنىڭ ۋەسلىگە نائىل بولالمايدۇ. موللا بىلالنى گاداي كۆرگەن قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ ئامرىقىنى، قىز رايىغا باقماي باشقا بىرىگە مەجبۇرىي ياتلىق قىلىۋېتىدۇ. ئىشق ئوتىدا ھېسابسىز ئازابلىنىپ، ئۆرتىنىپ يانغان موللا بىلال ئامرىقىغا بېغىشلاپ ھەر كۈنى بەيتۇللا مەدرىسىنىڭ پەشتىقىغا چىقىپ نەزم ئوقۇيدۇ.
مۇئەللىپ غەزەللىرىدە ئۆزى ئاشىق بولغان ساھىپجامالنىڭ كىملىكى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىگەن. كېيىنكى مەلۇماتلاردا بۇ قىزنىڭ ئىسمى
«غۇنچەم»، «ھەجەر ئاپئاق»، «جانارخان ئاپئاق»، «رەناخان ئاپئاق» دېگەن نام بىلەن ھەر خىل ئاتالدى. تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، بۇ «ھۆسن ئىقلىمىدا گويا بارچە قىزلار سەرۋەرى»نىڭ ئەسلى ئىسمى رەناخان ئاپئاق بولۇپ، موللا بىلال يازغان نەزملىرىنى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە رەتلەپ، تۈپلەپ، بىر يېشىل تاۋار جىلتىغا سېلىپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە تەقدىم قىلغان.
«غەزەلىيات»نىڭ بۇ قوليازمىسىنى ئەينى ۋاقىتتىكى مۇدەررىس ئارۇپ داموللامغا ياتلىق قىلىنغان رەناخان ئاپئاق موللا بىلال بىلەن بولغان ياشلىق دەۋرىدىكى مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسىنىڭ بۈيۈك نامايەندىسى دەپ بىلىپ قەدىرلەپ، خاس ساندۇقىدا ساقلىغان. ئەينى ۋاقىتتا قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ ئىشنى ئەلدىن پىنھان تۇتقان، ھەتتا قىزىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئەسەر رەناخان ئاپئاق ئائىلىسىدە 1935-يىلىغىچە ساقلانغان. رەناخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن قوليازما ئۇنىڭ ئوغلى ھاشىر مەخدۇمغا قالغان. 1935-يىلىنىڭ ئاخىرى ھاشىر مەخدۇم ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ھاشىرنىڭ ئوغلى ئابدۇمىجىت قارىيغا قالغان. 1940-يىلى ئابدۇمىجىت قارىي قوليازمىنى ئېلىپ غۇلجا دىيارىدىن كەتكەن.
موللا بىلالنىڭ قاچان، كىم بىلەن توي قىلغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بىراق، شۇنى جەزملەشتۈرەلەيمىزكى، ئۇ توي قىلىپ بىر قىز، ئىككى ئوغۇللۇق بولغان. چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى ئايۇپ، كىچىك ئوغلىنىڭ ئىسمى قاسىم، قىزىنىڭ ئىسمى ئايشەم ئىكەن. موللا بىلالنىڭ نەۋرىسى مەھەممەتجان بىلالنىڭ ئالمۇتىدا چىقىدىغان «كومۇنىزىم تۇغى» گېزىتىنىڭ 1975-يىلى 26-ئىيۇندىكى سانىغا بېسىلغان «بوۋام توغرىسىدا» ناملىق ئەسلىمىسىدە مۇنداق دېيىلگەن:
«چوڭ دادام ئايۇپنىڭ ئابابەكرى، رابىيەم، شەرۋانەم ئاتلىق ئوغۇل -قىزلىرى بولغان. چوڭ ئاپىمىز ئايشەمنىڭ ھۆرنىساخان دېگەن بىرلا قىزى بولغان. بوۋامنىڭ كىچىك ئوغلى قاسىم مېنىڭ دادام بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆمەرجان، غوجا ئەخمەت، مەھەممەتجان دېگەن ئوغۇللىرى، ئۈمگۈلسۈم، تۇراخان دېگەن قىزلىرى بولغان. بىزنىڭ ئائىلىدىكى مەندىن باشقىلىرى غۇلجا شەھىرىدە ۋاپات بولۇشتى.»
تۆھپىكار ئەرنىڭ كەينىدە مەدەتكار ئايالنىڭ بولۇشى تەبىئىي. بىراق، ھازىرغا قەدەر يېزىلغان مەنبەلەردە موللا بىلالنىڭ ئانىسى ۋە ئايالىنىڭ ئىسمى پەقەت تىلغا ئېلىنمىغان. شائىر بىلەن زامانداش تەتقىقاتچى، ئەدىپلىرىمىز بۇ نۇقتىغا زادىلا كۆڭۈل بۆلمىگەن، بۇ ھال كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
تەتقىقاتچىمىز ساۋۇت موللا ئاۋۇدوفنىڭ موللا بىلال توغرىلىق يازغان كىتابىدىكى ئىشەنچلىك دەلىللەرگە قارىغاندا، 1959-يىلى ئالمۇتىنىڭ چېلەك رايونىدا كونا كىتابلار ۋە قوليازمىلار تېپىلغان، شۇ قوليازمىلارنىڭ بىرىدە بىر ئايەتنىڭ تۆۋىنىگە يېزىلغان مەلۇماتتا، موللا بىلالنىڭ چوڭ ئوغلى ئايۇپ ئاخۇننىڭ 1860-يىلى (ھىجرىيە 1277-يىلى) تۇغۇلغانلىقى مەلۇم. ئېچىنىشلىق ئېغىر تۇرمۇش كەچۈرۈپ، تونۇرلاردا يېتىشقا مەجبۇر بولغان موللا بىلال تەخمىنەن 1859-يىلى 34 يېشىدا توي قىلغان بولۇشى مۇمكىن.


(5) شەر*قشۇناس پانتاسوف بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

موللا بىلالنىڭ رۇس شەر*قشۇناسى ن. ن. پانتاسوف بىلەن بولغان ئىلمىي ھەمكارلىقى بىزنىڭ ئالاھىدە دېققىتىمىزنى جەلپ قىلىدۇ. چاررۇسىيە 1871 -يىلىدىن 1881-يىلىغىچە ئىلىنى 10 يىل ئىشغال قىلىپ تۇرغان، مۇشۇ مەزگىلدە موللا بىلال بىلەن يەتتەسۇ گېنېرال گوبېرناتورىنىڭ يېنىدىكى غۇلجا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پانتاسوف ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە كۈچلۈك مەدەت بەرگەن ۋە ئۇنىڭ نامىنى يىراق-يېقىنغا تونۇتقان. 1876-يىلى 10-ئايدا پانتاسوف «غازات دەر مۈلكى چىن»نىڭ قوليازمىسىنى غۇلجا بازىرىدا ئۇچرىتىپ سېتىۋالغان. ئۇ ئاپتورنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، شائىر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىلمىي ئالاقە ئورناتقان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بىر-بىرىگە ياردەم بېرىپ تۇرغان. بۇ چاغدا پانتاسوف ئۇيغۇر فولكلورىغا دائىر ماتېرىياللارنى يىغىپ يۈرگەنىكەن، بۇنى بىلگەن شائىر پانتاسوفقا چىن كۆڭلىدىن سەمىمىي ياردەم قىلغان. پانتاسوفمۇ ئۇنىڭ ياردىمىدىن سۆيۈنۈپ، ئۆز يېنىدا ئېلىپ قېلىپ، بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇنىڭغا ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئۈلگىلىرى بولغان چۆچەك، قوشاق، ماقال-تەمسىل ۋە غەزەللەرنى توپلاتقۇزغان.
ن. ن. پانتاسوفنىڭ 1890-يىلى نەشر قىلدۇرغان «تارانچى ناخشىلىرى»، 1909-يىلى نەشر قىلدۇرغان «تارانچى خەلق ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىلىرى»(قازان باسمىسى)، «ئىلى ۋىلايىتىدىكى تارانچىلارنىڭ تىلىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ماتېرىياللار»(توققۇز رىسالە، قازان، 1897--1907) دېگەن كىتابلىرىنىڭ دۇنياغا كېلىشىدە موللا بىلالنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرى ئاز ئەمەس. پانتاسوفمۇ شائىرنىڭ يىرىك ئەسەرلىرى «غازات دەر مۈلك چىن»، «چاڭموزا يۈسۈپخان»، «نازۇگۇم» دېگەن ئەسەرلىرىنى ۋە بىرقانچە غەزەللىرىنى نەشر قىلدۇرغان، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلغان. پانتاسوف يەنە «تۈ*ركىستان مەلۇماتلىرى» گېزىتىنىڭ 1876-يىل 23-نويابىر ۋە 1881-يىل 16-ئىيۇندىكى سانلىرىدا موللا بىلال توغرىلىق ئىككى پارچە ماقالە ئېلان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، موللا بىلال توپلاپ رەتلىگەن خەلق ئېغىز ئىجادى «چىن تۆمۈر باتۇر قىسسىسى» ۋە «تەبىب پادىشاھ بىرلە زۆھرەخاننىڭ ۋەقەلىرىنى بايان قىلۇر»نى نەشر قىلدۇرغان. مەرھۇم ئابدۇمۇتالى خەلپەمنىڭ ئېيتىشىچە: «ماقالىلەر يېزىلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە موللا بىلالدىن پانتاسوف، يۇمغاقسۈت دېگەن نېمە، دەپ سورىغان. موللا بىلال ئۇقتۇرالماي، ئاخىرى بازاردىن ئېلىپ كېلىپ كۆرسەتكەندە، پانتاسوف خوش بوپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ موللا بىلالغا 20 تەڭگە ئالتۇن بېرىپ تۇرغان، ھەم ئۇنىڭغا «تون كىيدۈرگەن». بۇ ئارقىلىق پانتاسوفمۇ شائىرغا ياردەم قولىنى سۇنغان.
ئۇنداقتا، موللا بىلال بىلەن پانتاسوفنىڭ مۇناسىۋىتىگە زادى قانداق قاراش كېرەك؟
ئۇلارنىڭ دوستلۇقىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟
بەزىلەر ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى كەسىپداشلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت دېسە، بەزىلەر ھەقىقىي مەنىدىكى «دوستلۇق» دەپ بىلدى. مېنىڭچە، ئەركىنلىك-ئازادلىق ئۈچۈن قولىغا قەلەم ۋە قورال ئالغان بۇ باتۇر جەڭچى، ۋەتەنپەرۋەر
شائىر موللا بىلال بىلەن پانتاسوفنىڭ مۇناسىۋىتى ئىلمىي جەھەتتىكى ئالاقە بولۇپ، دوستلۇق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇ پانتاسوفقا ياردەم بەرگەندە، خەلقىمىزنىڭ ئەدەبىيات-سەنئىتىنى بالدۇرراق دۇنيا ئەھلىگە تونۇتۇشنى كۆزدە تۇتقان. گەرچە ئۇ پانتاسوفنىڭ ھەر تەرەپلىمە ياردەم بېرىشىگە مۇيەسسەر بولغان بولسىمۇ، ئەمما «غازات دەر مۈلك چىن»دىكى بىر شېئىرىدا چاررۇسىيە گېنىرالىنىڭ تەلەپپۇزىدا:

«ئەۋەتسۇن ماڭا تازابېكنى تۇتۇپ،
قورساق تويغۇزارمەن قېنىنى يۇتۇپ»

دەپ دوراپ يازغان. ئۇلارنىڭ خەلق ئاممىسىغا قىلىۋاتقان ۋەھشىيانە قىلىقلىرى ئۇنىڭ جېنىغا تەگكەنلىكتىن، پانتاسوفنىڭ ھەر ئايدا بېرىدىغان پۇلىدىن ۋاز كېچىپ، بۇرۇنقى پېقىرلىق تۇرمۇشنى ئەۋزەل بىلىپ، گېنېرال مەھكىمىسىدىن قايتىپ چىققان. مانا بۇ، شائىر دۇنيا قارىشىنىڭ ئۆز ھەرىكىتىدە ئىپادە قىلىنىشىدۇر.


(6) ئىككى كۆزىنىڭ ئەما بولغانلىقى ھەققىدە

ھازىرغا قەدەر مەيدانغا كەلگەن ھەر خىل مەنبەلەردە «شائىر 70 ياشلىرىدا قارىغۇ بولۇپ قالغان» ياكى «جەبىر -زۇلۇم ۋەئېغىر ئەقلىي مېھنەت شائىرنى ئىككى كۆزىدىن ئايرىغان» دېگەن قاراش بار. بەزىلەر، رۇسىيىگە كۆچۈشتىن ئىلگىرى قارىغۇ بولغان دېسە، يەنە بەزىلەر رۇسىيىگە بارغاندىن كېيىن بولغان، دەيدۇ.
موللا بىلال ئۆز ئانا يۇرتىغا قىزغىن مۇھەببەت باغلىغاچقا، چاررۇسىيە جاھانگىرلىكىنىڭ ئالداش ۋە تەھدىتلىرى ئالدىدا قىلچە تەۋرەنمەي كۆچۈشنى قەتئىي رەت قىلغان بولسىمۇ، قاتتىق تاللاشتىن كېيىن چاررۇسىيىگە بۆلۈپ بېرىلگەن يەتتەسۇ رايونىنى يەنىلا ئۆز ئانا ۋەتىنىنىڭ بىر قىسمى، كېيىن قايتۇرۇۋېلىش مۇمكىنچىلىكى بار دەپ قاراپ، پانتاسوفنىڭ زورلىشى بىلەن شائىر سىيىت مۇھەممەت قاشى بىلەن بىرلىكتە ياركەنتكە كۆچۈپ بارغان ۋە ئۇ يەردە يەنىلا خەلق خىزمىتىدە يۇرت مۆتىۋىرى بولۇپ ئىشلىگەن بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئىجادىيىتىنىڭ ئاكتىپ توپلىغۇچىسى بولغان. مانا مۇشۇ يەردە «ھىجرەتى مۆمىنان» دېگەن ئەسەرنى يازغانلىقى مەلۇم. ئىزچىل جاپالىق ئىزدىنىش جەريانىدا شائىرنىڭ كۆزى ئاغرىپ «كور» بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەندە، پانتاسوف رۇسىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ياخشى كۆز دورىلىرىنى ئەكەلدۈرۈپ داۋالىتىپ، شائىرنىڭ كۆزىنى كور بولۇشتىن ساقلاپ قالغان.

(تۈگىدى)
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
مەنبە: «ئىلى دەرياسى» ژورنىلىنىڭ 2000-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

(بۇ ماقالە ئەسلى مەنبەدە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدا بولۇپ، كەتمەنباي تەرىپىدىن «ئۇيغۇر ئىدىت»تا ئۆرۈلدى ۋە ئىملاسى تۈزىتىلدى. ئىملا خاتالىقى يەنە بايقالسا داۋاملىق تۈزىتىلىدۇ)
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


«يازغۇچىلار مۇنبىرى»گە يوللىغۇچى : كەتمەنباي



idraksoft

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1221
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3093
تۆھپە : 1
توردا: 548
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 00:59:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر موللا بىلالنىڭ بىز خەۋەرسىز بولغان ئەھۋاللاردىن خېلى تولۇق مەلۇمات بېرىدىغان ۋە تەتقىقاتتا  قىممىتى بار ماتىريال ئىكەن.كەتمەنباينىڭ بۇ خالىس ئەمگىگە تەشەككۈر.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  355
يازما سانى: 326
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 831
تۆھپە : 0
توردا: 133
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-9 13:32:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرنىڭ «غەزەلىيات»دىن مەندىمۇ بىرسى بار.بۇنى ئابدۇمۇتائالى خەلپەم رەتلەپ ئېلان قىلدۇرغانىكەن.1825-يىلى تۇغۇلغانىلىقى،ئائىلە كىلىپ چىقىشى،مۇھەببەت سەرگۇزەشتىسى،ئىجادىي پائالىيىتى توغرىسىدا خېلى مۇكەممەل يېزىلغان بىر تەرجىمھال بارلىقى ئېنىق.مەن يەنە بىر قېتىم ئەستايىدىل ئوقۇپ باقاي.

بۇ كەڭ دۇنيا مەن ئۇچۈن بولدى دەۋزەخ،
ياش گۇلۈمنى خازان قىلدى قانخور ئەبلەخ

                                  _ ل،مۇتەللىپ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش