بۇ ناھايتى ياخشى ئىش بوپتۇ. لىكىن يانفۇن نۇسخسىنى تىلفۇنۇمغا چۇشۇرگەندىن كىيىن نورمال ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىگى بولمىدى.ئاساسلىق ئەھۋال تۈۋەندىكىچە:
تىلفۇن ماركىسى: شاۋمىي ئاندىروىد سېستىمىلىق يەنى ( ANDIROID 5.5)。
1-ئەپ چۈشۈرلگەندىن كىيىن ئېچىلغان بەت يۈزۈدىكى خەتلەر ئىنتايىن كىچىك بۇلۇپ خەتنى چۇڭايتىش ،كىچىكلىتىش بەلگىسى .ھەم مۇمكىنچىلىگى يوق. خەتنى ئاساسەن پەرىق ئىتىش تەس.
2-مۇنبەرگە كومپۇيوتۇردا تىزىملىتىپ كىرگەن ئىسىم بىلەن يانفۇندا مۇنبەرگە كىرگىلى بولمايۋاتىدۇ. (كومپۇيوتۇردا مۇنبەرگە ئىسمىمنى لاتىن يېزىغى بىلەن تىزىملىتىپ كىرگەن)
ئەمما يانفۇن نۇسقىسىدا ئىسىمنى ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزۈش ئەسكەتمىسى كىرگۇزۈلگەن بۇلۇپ ئىسىمنى ئۇيغۇرچە يازغاندىن كىيىن كىرگۈزگەن ئىسمىڭىز خاتا دىگەن ئەسكەرىتمە چىقىپ مۇنبەرگە كىرەلمەي تىما يوللاش ۋە ئىنكاس يېزىش ھۇقۇقۇمنى يۈگۈزۈپ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئىمكانىيىتى بولمايۋاتىدۇ.
شۇڭا مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچى ۋە كەڭ تورداشلاردىن بۇ مەسىلىنى قانداق قىلغاندا ھەل قىلغىلى بۇلۇدىغانلىغى توغرىسىدا مەسلەھەت سۇراپ ئولتۇرۇپتىمەن.بىلىدىغانلىرىڭلارنى مەندىن ئايىماي ماڭايول كۆرسۈتۈشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.
|