شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرى يانفۇن تېرمىنالى ئېلان قىلىندى
كەڭ تورداشلارغا قولايلىق يارىتىش، يازغۇچىلار مۇنبىرىمىزنىڭ تەسىر كۈچىنى ۋە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، كۈنسىرى كۈچىيىۋاتقان قول تېلېفۇن ۋە تورنىڭ بىرگەۋدىلىشىش يۈزلىنىشىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرى ئاندىرويىد (Android) يانفۇن تېرمىنالى (ئەپ) ئېلان قىلىندى. مەزكۇر ئەپنى تورىمىز باشقۇرغۇچىلىرىدىن rasheedۋە Yanghin لارنىڭ پىلانلىشى بىلەن نۇرقۇت تورىدىن DILXIR ئەپەندىگە «روھلان تورى يانفۇن تېرمىنالى»غا تەققاسلاپ تۇرۇپ ياساتقۇزۇلغان. شۇنداقلا تورىمىزدىن تورداش «گۈلبەدەن» مەزكۇر ئەپنىڭ تېلېفۇن يۈزى كۆرۈنمە (ئايكون ۋە ئەپ بوسۇغىسى) سۈرىتىنى لايىھەلەپ بەردى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇلارغا چىن دىلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.
بۇ ئەپ ئارقىلىق ئاندىرويىد (Android) سىستېمىلىق تېلېفۇنلاردا مۇنبەرنى زىيارەت قىلىشقا ۋە بىر قىسىم ئاساسىلىق مەشغۇلاتلارنى قىلىشقا بولىدۇ.
ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. بۇ ئەپتىكى بارلىق مەشغۇلاتلار كومپىيۇتېردىكى مۇنبەر مەشغۇلاتلىرى بىلەن ماس قەدەملىك بولۇپ، بۇ ئەپ ئارقىلىق يانفۇنىڭىزدىلا مۇنبەر مەشغۇلاتى قىلالايسىز. يەنى مۇنبەرنى نورمال زىيارەت قىلغىلى، مۇنبەرگە تېزىملاتقىلى، تېمىلارنى كۆرۈپ، ئىنكاس يازغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا، تېما بىلەن ئىنكاسلارنى ئايرىپ خاسلاشتۇرۇپ(پەقەت تېما كۆرۈش ياكى پەقەت ئىنكاس كۆرۈش دېگەندەك تاللاش ئىقتىدارى بار) كۆرگىلى، سەھىپىلەردىكى تېمىلارنى، ئەڭ يېڭى يوللانغان، ئەڭ يېڭى ئىنكاسلىق، ئاۋات تېمىلارنى ئايرىپ تاللاپ كۆرگىلى بولىدۇ. شۇنداقلا يەنە ئۆزى يوللىغان تېمىلارنىمۇ ئايرىم كۆرگىلى بولىدۇ.
2. يانفۇندا يوللىنىدىغان تېما ، ئىنكاس چەكلىمىسى 1000 ھەرىپتىن 3000 ھەرىپكىچە بولۇپ، يانفۇندىمۇ كۆپ مەزمۇننى يوللاش ئەمەلگە ئاشتى.
3. بۇ ئەپ ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ئىسىمدا تىزىملاتقانلارنىڭ تىزىملىتىش، كىرىش كۆزنىكىگە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كونا يېزىقى ۋە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى بويىچە كىرگۈزۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.
4. بۇ ئەپ ئارقىلىق تېزىملاتقان ئەزا ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك مۇنبەر ئارخىپىنى، ئۆزىنىڭ تېمىلىرىنى ئالبۇم، بىلوگ، سۆز تاختىلىرىنى، بۇرۇن ساقلىۋالغان تېمىلارنى، مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ شەخىس بېتىگە كەلگەن زىيارەتچىلەرنى، ئۆزى يېقىندا شەخىس بىتىنى زىيارەت قىلغان ئەزالارنى ئايرىم كۆرگىلى، دوستلىشىش ئىلتىماس قىلغىلى ۋە ئىلتىماسىنى تەستىقلىغىلى بولىدۇ.
5. بۇ ئەپ قوزغالغاندا يانفۇننىڭ پۈتۈن ئىكرانىنى ئېگەللەپ، ئۈستىدىكى سائەت، سىگنال بەلگىسى، باتارىيە توك قالدۇقى،... قاتارلىقلار كۆرۈنمەيدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت ئەمەس. باشقا يانفۇن ئەپلىرىگە ئوخشاش قولايلىقلاشتۇرۇلغان.
6. بۇ ئەپ ئارقىلىق يازغۇچىلار مۇنبىرىگە يوللانغان چۈشۈرۈش ئادرىسى تەمىنلەنگەن تېمىلاردىكى دىتال، سۆرەت ،ماتېرىياللارنى(مەسىلەن: «خانتەڭرى» تور ژورنىلىدەك) يانفۇنغا چۈشۈرگىلى بولىدۇ.
7. android سىستېمىلىق ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇلغان ۋە تۇنۇتۇلمىغان بارلىق نەشىردىكى يانفۇندا مۇنبەر يۈزىدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەر نورمال كۆرۈنىدۇ.
8. يانفۇنغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلانمىغان بولسىمۇ يانفۇندىكى بەيدۇ، سوگو كىرگۈزگۈچلەردە كومپيۇتېردىكىگە ئوخشاشلا مۇنبەرنىڭ ئىنكاس، تېما يېزىش كۆزنىكى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە تېما، ئىنكاس يازغىلى بولىدۇ. (4.0 دىن تۆۋەن ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇلمىغانلىرىدا ئىنكاس يازغاندا خەتلەر تەتۈر ھالەتە يېزىلىدۇ، ئەمما يوللانغاندا نورمال يوللىنىدۇ).
9. بۇ ئەپ ئارقىلىق تىزىملىتىپ كىرگەندىن كېيىن تېمىدىكى رەسىم ۋە ئەزالارنىڭ باش سۈرىتىنىڭ كۆرۈنۈش-كۆرۈنمەسلكىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئىھتىياجىڭىزغا، يانفۇننىڭ ئېقىم مىقدارىغا ئاساسەن ئىشلەتكۈچى خالىغانچە تەڭشىۋالالايدۇ. يانفۇن ئېقىم مىقدارىنى ئىنتايىن ئاز خورىتىدۇ.
10. بۇ ئەپ ئارقىلىق يېڭى ئەزالار نورمال تىزىملىتىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارالايدۇ. كونا ئەزالار مەخپىي نومۇر ئۆزگەرتىش، شەخىس بېتىنىڭ زىيارەت تەڭشىكىنى تەڭشەش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلالايدۇ.
11. باشقۇرغۇچىلار يانفۇندىمۇ ئوخشاشلا ئىنكاسلارنى ئۆچۈرەلەيدۇ.
12. مۇنبەردىكى تېمىلارنى گۈدۈك، تېڭشۈن، شىنلاڭ، ۋاڭيى مىكروبىلوگلىرىغا ھەمبەھىرلەشكە بولىدۇ.
13. بۇ ئەپ ئارقىلىقمۇ مۇنبەرنىڭ كومپىيۇتېر نۇسقىسىدىكىگە ئوخشاش مۇنبەردىكى ئۆزىڭىزگە يارىغان تېمىلارنى ساقلىۋالغىلى بولىدۇ. «ئىزدەش» ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، مۇنبەردىكى كېرەكلىك بولغان مەلۇم تېمىلارنى ئىزدەپ كۆرگىلى بولىدۇ.
14. تىزىملاتقاندىن كېيىن مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ شەخىس بېتىنى كۆرگىلى، دوستقا قوشقىلى، ئۆز ئارا مۇنبەر قىسقا ئۇچۇرى يوللىغىلى بولىدۇ.
15. مۇنبەردىكى دوستلار، نۆۋەتتىكى توردا بار ئەزالار، ۋە يېقىن ئەتراپتىكى (500 مېتىر ئەتراپتىكى مۇنبەرگە تېزىملاتقان ئەزالار) نى كۆرگىلى بولىدۇ (خۇددى ئۈندىدارغا ئوخشاش) .
16. يانفۇن قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق يازغۇچىلار تورىنىڭ بۇ يانفۇن ئەپ دېتالىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى دوستلىرىغا تەشۋىق قىلالايدۇ (ئەلۋەتتە ئۆزىڭىز خالىسىڭىز) .
«يازغۇچىلار مۇنبىرى يانفۇن تېرمىنالى»نىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى:
1- مەنبە