يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: admin

شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرى يانفۇن تېرمىنالى ئېلان قىلىندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-3-6 11:28:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەمكىن يوللىغان ۋاقتى  2014-03-06 11:23:13
بۇ ناھايتى ياخشى ئىش بوپتۇ. لىكىن يانفۇن نۇسخسىدىمۇ مۇ

مانا مەن تېلېفوندا ئنكااس يېزىۋاتىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Arghu تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-6 12:23  


ئېلى ياسىن بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2014-3-6 11:41:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-3-6 12:09:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچىلار تورىنىڭ يانفۇن تېرمىنالىنى ياسىتىشىمىزدىكى مەقسەت تورداشلارغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىشنى مەقسەت قىلغان.
لېكىن، بۇ ئىشتا مۇنداق بىر خەۋپ مەۋجۇت. يەنى:
يانفۇننىڭ ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش تاختىسىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى كىچىك، بەزى تېلېفۇنلارنىڭ ئۇيغۇرچىنى قوللىشى يېتەرلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن، تورداشلار تېما، ئىنكاس يوللىغاندا، ئېغىر دەرىجىدە ئىملا خاتالىقى يۈز بېرىدۇ.
بۇ سەۋەبتىن مۇنبەرنىڭ ئوبرازىغا، ئەڭ مۇھىمى ئانا تىلىمىزغا زەرەر يېتىدۇ.
بۇ شۇنداقلا يەنە بىز باشقۇرغۇچىلارنىڭ بېسىمىنى ئېغىرلىتىۋىتىدۇ.
تورداشلارنىڭ سەمىگە سالىدىغىنىمىز: مۇنبەرگە يوللانغان ئىنكاسلاردىن ئېغىر دەرىجىدە ئىملا خاتالىقى ساقلانغانلىرىنى مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى كۆرگەن يەردە ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا مەجبۇرمىز. ئىملادا مەسىلە ئېغىر تېمىلارنى تەستىقلىمايمىز.
شۇڭا تورداشلارنىڭ يانفۇندىن تېما، ئىنكاس يوللىغاندا، ئالدىرىماي، ئەستايىدىل، قايتا بىر - ئىككى مەرتەم تەكشۈرىۋىتىپ ئاندىن يوللىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rasheed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-6 16:38  


ۋاقتى: 2014-3-6 12:26:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن،بەكلا ياخشى لاھىيلىنىپتۇ...

ۋاقتى: 2014-3-6 12:43:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن...

ۋاقتى: 2014-3-6 12:44:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دىتال بەك ياخشى ئىشلىنىپتۇ.  مىنىڭ يانفۇنۇم تۇنجى ئەۋلات بىلكان ئەقلىفۇنى ئىدى. تېگىدىن ئۇيغۇرچە تونىياتتى.بۇنىڭدىمۇ راۋان تونۇدى. بىراق كېرىش، تېما، ئىنكاس يېزىش قاتارلىق يېزىش مەشغۇلاتى ئىلىپ بارغاندا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ تۇرسىمۇ يەنىلا پىنيىنغىمۇ ئوخشىمايدىغان بىرخىل خەت چىقىۋالدى. پەرىزىمگە ئاساسەن يوللاپ باقسام توغرا يوللىنىپتۇ بولمىسا. بولسا موشۇ تېگىدىن ئۇيغۇرچە تونۇيدىغان تىلفۇنلاردىمۇ راۋان مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشكە تىرىشىپ باقساڭلار.

ۋاقتى: 2014-3-6 13:30:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېمەكچى بولغىنىم يانفۇندا چىققاندا مۇڭداشقۇ نۇمۇرى ئارقىلىق تىزىملاتقىلى بولمىدى. چۈنكى مەن مەخپى نۇمۇر بىلەن كىرەلمەي مۇڭداشقۇ نۇمۇرۇم ئارقىلىق كىرىۋاتقىنىمغا خېلى ۋاقىت بولۇپ قالغان ئىدى. يانفۇن ۇسخىسىغا  بۇ ئىقتىدارنى قوشۇش ئىمكانىيتى بارمىدۇ؟

ۋاقتى: 2014-3-6 13:44:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە ئىقتىدارىنى بىرەر قۇر سىناپ كۆردۈم، دوست ئىزدىگىلىمۇ بولىدىكەن، مۇمكىن بولسا رايونلار بويىچە ئىزدىگىلى بولغان بولسا، بىر يۇرتتىكى قەلەمكەشلەرنىڭ ئالاقىسى تېخىمۇ قولاي بولاتتىكەن

ۋاقتى: 2014-3-6 16:44:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەمكىن يوللىغان ۋاقتى  2014-3-6 11:23
بۇ ناھايتى ياخشى ئىش بوپتۇ. لىكىن يانفۇن نۇسخسىدىمۇ مۇ ...

سىزنىڭ مەخپىي نومۇرىڭىزنىڭ تور تېخنىكىمىز ياردەم قىلىپ قايتىدىن بېكىتىپ بېرەلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ بېقىڭ.
بۇ قېتىم بۇ نەرسىنى ياسىتىشتا ئۇيغۇر بالىلاردىن تېخىمۇ ياخشى ياساپ بېرەلەيدىغانلارنى تاپالماي قالدۇق. خەنزۇ تېخنىكلار تېخى ئۇيغۇر يېزىقىنى تونۇمىغاندىكىن ئۇلارنى ئىزدىمىدۇق.
ھازىرچە بار ئىمكانىيەتتىن پايدىلىنىپ تۇرايلى.

ۋاقتى: 2014-3-6 16:52:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابباس ئۆمەر يوللىغان ۋاقتى  2014-3-6 12:44
بۇ دىتال بەك ياخشى ئىشلىنىپتۇ.  مىنىڭ يانفۇنۇم تۇنجى ئە ...

مېنىڭ تېلېفۇنۇم ئۇيغۇرچە سىستېما قاچىلىتىلغان، تېگىدىن ئۇيغۇرچە تونۇتۇلغان تېلېفۇن. تېلېفۇن سىستېمىسى (ئاندىروئىد 4.0) ئىدى. مېنىڭكىدە بارلىق مەشغۇلاتلار نورمال بولىۋاتىدۇ.
بۇ نەرسىنى تۇنجى ياسىتىپ بېقىشىمىز. بەلكىم سىز دېگەندەك ئەھۋاللار بولىشى مۇمكىن. كېيىنچە مۇنبەر نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ قالساق، ئەھۋالغا قاراپ قايتا تۈزىتىپ ياسىتىشىمىز مۇمكىن. ئەمما ھازىر «بار ئىمكانىيەتتىن پايدىلىپ تۇرغايسىز» دېيەلەيمىز.

ۋاقتى: 2014-3-6 16:56:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qaptikax يوللىغان ۋاقتى  2014-3-6 13:44
ھەممە ئىقتىدارىنى بىرەر قۇر سىناپ كۆردۈم، دوست ئىزدىگ ...

بۇغۇ ياخشى پىكىر ئىكەن.  مۇشۇنداق پىكىرلەر ئارقىلىق يەنە قانداق ئىشلارنى قىلىش كېرەكلىكىمىزنى بىلىۋالالايدىكەنمىز. نېمىنىڭ چالا قالغانلىقىنى ھېس قىلىدىكەنمىز.
ئەمما ھازىر بار ئىمكانىيەتتىن پايدىلىنىپ تۇرغايسىز. پات ئارىدا بۇ نەرسىنى قايتا ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىمىز يوق. بۇنىمۇ ئۇيغۇر تېخنىك بالىلارنىڭ كۈچىنىڭ يېتىشىچە مۇشۇنداقراق قىلىپ ياساتتۇق. خەنزۇلار يېزىقىمىزنى بىلمەيدىغان بولغاچقا ئۇلارنى ئىزدىمىدۇق. مەخسۇس شىركەتلەرنىڭ لايسەلەپ، ياساش ھەققىنى بولسا كۆتۈرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن.
كېيىنچە سىز دېگەندەك ئىقتىدارلىرىمۇ قوشۇلۇپ كېتەر بەلكىم.

ۋاقتى: 2014-3-6 18:51:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئېسىل ئىش بولۇپتۇ.

ۋاقتى: 2014-3-6 18:52:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Screenshot_2014-03-06-18-46-34.png Screenshot_2014-03-06-18-45-54.png Screenshot_2014-03-06-18-47-41.png

مانا مەنمۇ تېلغا قاچىلاپ ،ئىنكاس يېزىشقىمۇ ئۈلگۈردۈم.

ۋاقتى: 2014-3-6 22:11:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىر تېلفۇندا تورغا چىقىشنى ئۆگەنمىسەم بولمىدى.

ۋاقتى: 2014-3-6 22:33:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئ‍ىنكاس يېزىپ سىناپ بېقىۋاتىمەن . ماڭا بەرگەن تەسىرى شۇنداق يېقىشلىق تۇرىدۇ، بۇ يېڭى شەيئ‍ىنىڭ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش