كۆرۈش: 923|ئىنكاس: 0

ئەخمەتجان تۇرۇپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2332
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 09:46:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

201081794847clip_image002.jpg


ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈ*رك 1970-يىلى12-ئايدا گۇماناھىيسىنىڭ زاڭگۇي يىزىسىدا تۇغۇلغان.1990 -يىلى خوتەن پىداگۇگىكا ئالىي تىخنىكۇمىنىڭ تىل-ئەدەىبيات فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگن. 1994-يىلى 9-ئايدىن 1996-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنۋىرىستېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىدا ئۆزلىكىدىن ئوقۇپ تولۇق كۇرس دىپلومى ئالغان.1990-يىلى9-ئايدىن 1998-يىلى 8-ئايغىچە زاڭگۇي ئوتتۇرا مەكتىپىدە،1998-يىلى8-ئايدىن 2001-يىلى 2-ئايغىچە مۇكۇيلا ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان .2001-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ ھازىرقى قەدەر  گۇما ناھىيلىك1-ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ كەلمەكتە.
     ئۇنىڭ ئىجادىيتى1990-يىلى5-ئايدا «خوتەن گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «يىگىت كېلەر گۇلدەستە تۇتۇپ» ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان بولۇپ،ھازىرغا قەدەر ئاپتۇنۇم رايۇن تەۋەسىدىكى ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللاردا  600  پارچىدىن  ئارتۇق شېئرلىرى ئېلان قىلنغان. بىر قىسىم شېئىرلىرى «يۇرەكسىز سۆيگۇ »،«سالغاتېشى»(خەنزۇچە)،«جەزبىدارگۈلدەستىلەر»،« يۇرۇڭقاش ئۈنچىلىرى»،«شائىرلار مۇنداق دەيدۇ»،«جۇڭگۇ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى مەجمۇئەسى»(خەنزۇچە) قاتارلىق توپلاملارغا شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن.
   «تۆگىلەرنىڭ چۆچىكى» ناملىق شېئىرى باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىقلارنىڭ (11-قىسىم) تىل-ئەدەبىيات دەرىسلىكىگە كىرگۇزۇلگەن. 50 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرىي ئەسەرلىرى ھەرخىل مۇكاپاتلارغا ئىرىشكەن.ئۇ  شنجاڭ يازغۇچىلارجەمئىتىنىڭ ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلارجەمئىتىنىڭ ئەزاسى.گۇما ناھىيلىك يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ باش كاتىپى.




كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش