17- نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ئەسەر:
رەسسام چاشقان
ياسىن ئابدۇقادىر
تاختىسىنى كۆتۈرۈپ،
چاشقان چىقتى دالىغا.
بوياقلارنى بۇزاتتى،
سىزالمىغان ھالىغا.
سىزالماستىن ھېچنىمە،
كەچنى قىلدى بىردەمدە.
بۇغداي سىزدى ئاخىرى،
قورسىقىنىڭ دەردىدە.
بالىسىنى سىزسىمۇ،
سىزالمىدى بۆشۈكنى.
ئۇ ئوينىشىپ ئولتۇرۇپ،
سىزىپ سالدى مۈشۈكنى.
ئۆزى سىزىپ تۇرۇقلۇق،
رەسىمدىكى مۈشۈكنى.
قورقۇپ كىتىپ ئۆزىچە،
قاچتى ئىزدەپ تۆشۈكنى.
ــ «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلى 2008-يىل 4-سانىدىن ئېلىندى
|