كۆرۈش: 768|ئىنكاس: 0

ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 674
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2396
تۆھپە : 232
توردا: 1458
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 09:43:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

untitled.bmp


ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىر 1962- يىل 18- يانۋار چىرا ناھىيىسىدىكى نۇرى  يېزىسىنىڭ چوڭكۆل كەنتىدە زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن؛ 1981-يىلى چىرا دارىلمۇئەللىمىن  مەكتىۋىنى تاماملاپ «خوتەن گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر  بۆلۈمىگە خىزمەتكە ئۇرۇنلاشقان.2001- يىلغىچە ئالىي مائارىپ  بويىچە ئۆزلىگىدىن ئۈگىنىشكە قاتنىشىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىدە  تۇلۇق كۇرۇسنى  تاماملىغان؛ 2005- يىل 3- ئايدىن 8- ئايغىچە  جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېنجۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ۋەزىپە بىلەن چېنىققان.ئۇ، ھازىر خوتەن ۋىلايەتلىك رادىئو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى.
      ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىر خوتەن « يېڭى قاشتېشى» ژورنىلىنىڭ 1984- يىللىق 1- سانىدا ئېلان قىلغان «مەنزىلگە ئات سالدىم » ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي  ئىجادىيەت  مۇساپىسىنى باشلىغان  بولۇپ، ھازىرغىچە ھەر دەرىجىلىك گېزىت- ژورناللاردا 1000 پارچىغا يېقىن شېئىر، 30 پارچىدىن ئارتۇق ھىكايە ، نەسىر ۋە بىر قىسىم ئىلمىي نەزىرىيىۋى  ماقالىلارنى  ئېلان قىلغان. «يۇرۇڭقاش شاتلىقى»، «توي تەنتەنىسى»، «ئارزۇ بوستانى»، « مەسەللەر غەزىنىسىدىن»، «مۇھەببەت لىرىكىلىرى»، «قامچا»، « خوتەندە راۋان يوللار»، « يول راۋان، ئەل شادىمان» قاتارلىق كوللىكتىپ شېئىر توپلاملىرىغا 60 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى  تاللاپ كىرگۈزۈلگەن. ئۇ يازغان ھەم رېجىسسورلۇق قىلغان « ئايەم كۈلكىسى»، «توي شاتلىغى»،« نۇرۇز تەنتەنىسى» قاتارلىق ئون نەچچە تېلېۋىزىيە بەدىئى سەنئەت فىلىمى خوتەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىپ تارقىتىلغان. ئۇنىڭ رېجىسسورلۇق قىلىشىدا ئىشلەنگەن «يۇرۇڭقاش ۋادىسىدا  شاتلىق»، «ئايەم كۈلكىسى»، «ئانا يۇرتتا ئالتۇن كۈز»، «قۇتلۇق ئايەم»، «يېڭى ئەسىر باھارى»، « بىخەتەرلىك ساداسى» قاتارلىق چوڭ تىپتىكى بەدىئى سەنئەت فىلىملىرى شىنجاڭ تېلېۋىيە ئىستانسىسىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ قانىلى ئارقىلىق پۈتۈن شىنجاڭغا تارقىتىلغان. ئۇنىڭ «ھايات كەچمىشلىرى»، «يول شەجەرىسى»، «ئاتا قەدرى» قاتارلىق داستان-باللادىسى؛ «كۆڭۈل مەرغۇللىرى»، «سىلەر ھايات كۆكۈمدىكى ئاي»، «ناخشامدا  مۇھەببەت، ناخشامدا سەن بار»، «سېخىيلەر شاھى سەن، سېخىي بىر قۇياش»، «گۈگۈمدىكى چۈش»، «ئېخ، يۇرتۇمنىڭ خىسلەتلىك  يولى»، «ئانامغا ئىلتىجا»، « سۆيگۈ سۈرەتلىرى»، «يول ناخشىلىرى» قاتارلىق شېئىرلىرى «شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، « ئالتۇن چاغ مۇكاپاتى»، كىرەم ئىمىن نامىدىكى «قاشتېشى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» ۋە خوتەن ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك ئەدەبى ئەسەرلەرنى  باھالاشلاردا دەرىجىگە ئىرىشىپ مۇكاپاتلانغان؛ « ئاق ئەترە»، «كۆركەم يوللار»، « پەخىرلەن دېھقان ئاتا»، «سېغىنىش كۈيى»، « سۆيگۈ ناۋاسى»، «ۋىسال نازى»، «كۈلۈپ باققىن يار»، «لىۋەن قىزلار» قاتارلىق 30 پارچىدىن ئارتۇق ناخشا تېكىستى مەملىكەت، ئاپتونۇم  رايۇن تەۋەسىدىكى رادىئو، تېلېۋىزىيە ئارقىلىق كەڭ ئامما بىلەن يۈز يۈرۈشكەن.
      ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىرنىڭ «سۆيگۈ چوقانلىرى»، «سۆيگۈ نازاكەتلىرى»، «گىرىمسەن سۈرەتلەر»، «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى(9)» (تۇرغۇن يىلتىز بىلەن) قاتارلىق كىتاپلىرى  نەشىر قىلىنغان. ئۇ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت  يازغۇچىلىرى  ئىلمىي جەمىئيىتى، شىنجاڭ   يازغۇچىلار جەمىئيىتى، خوتەن ۋىلايەتلىك  يازغۇچىلار جەمىئيىتى ۋە خوتەن «يېڭى قاشتېشى» ژورنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئەت  ئەزاسى .




كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش