كۆرۈش: 180|ئىنكاس: 1

ئەھەت داۋۇت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 511
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1544
تۆھپە : 160
توردا: 669
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 09:38:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

2010913230710aasft7ugt.jpg


ئەھەت داۋۇت، 1969-يىل 3-ئايدا كۇچا ناھىيسىنىڭ خانىقىتام يېزىسىدا خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . 1986- يىلى 7- ئايدا ئاقسۇ پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ مۇزىكا سىنىپىنى پۈتتۈرگەن، كېيىن ئۆزلىكىدىن بىلىم ئاشۇرۇپ ، 1998 - يىلى 10-ئايدا ئويغۇر تىل- ئەدەبىياتى كەسپى بۇيىچە شىنجاڭ ئۇنۋىرستېتىنىڭ تۇلۇق كۇرسنى تاماملىغان ؛ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ، كۇچا ناھىيە خانىقاتام ئوتتۇرا مەكتەپ ، كۇچا ناھىيىلىك 5– ئوتتۇرا مەكتەپ ، كۇچا ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى، كۇچا ناھىيىلىك كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىدە  ئوقۇتقۇچى  ، تەرجىمان ، مۇپەتتىش ، مائارىپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ، تەربىيىلەش باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن . 2008 – يىل 4 – ئايدىن بۇيان ، ج ك پ كۇچا ناھىيلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ  ئىشلىمەكتە.
   ئۇنىڭ تۇنجى ئىجادىيىتى 1989-يىلى«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»دا ئېلان قىلىنغان «كۆندەشلىك »ناملىق ھېكايىسى بىلەن باشلانغان بۇلۇپ ، ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ مۇزىكا تەتقىقاتىغا دائىر « دولان مەشرەپ- مۇقاملىرى» ( 1995-يىل ) ، « كۇچا خەلق ناخشىلىرى» (2004 – يىل ، ئويغۇرچە ، خەنزۇچە ) ، مائارىپ تەتقىقاتىغا دائىر « كۇچا مائارىپچىلىرى » (2006 – يىل ، ئويغۇرچە ، خەنزۇچە) قاتارلىق ئۈچ كىتابى نەشر قىلىنغان ؛«بىچارىلەر» ، « كۇچا خەلق ناخشىلىرى ۋە ئۇنىڭ كۈي شەكلى ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا » ، « كۇچا خەلق ناخشىلىرىنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە ئىلمىي قىممىتى » ، «قانات قىسسىسى»، «تەسكەي پاراڭلىرى»، « چىمپىيون»، «مەمتىمىن ھوشۇر ھېكايىلىرىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى »قاتارلىق 250 پارچىدىن ئارتۇق ھەرخىل ژانىردىكى ئەسەرلىرى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ھەر قايسى گېزىت – ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان . « شەبنەم ۋە كۆز ياش » ناملىق ئىككى قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى ، «تۆھپىكارلارغا سالام» ( 2006 – يىلى شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانىسىسى بىلەن كۇچا ناھىيىسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن ) ناملىق تېلىۋىزىيە بەدىئىي فىلىمى ۋە كۇچا ناھىيىسى بىلەن شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسىسى 2009 - يىلى 6 – ئايدا بىرلىشىپ ئىشلىگەن « مەدەنىيەت بوستانى » ( 4 قىسىم ) پروگراممىسىنىڭ سىنارىيىسىنى يازغان ؛  « كۇچا خەلق ناخشىلىرى » ناملىق كىتابى 2004 – يىل12 – ئايدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن «ئون بىر يورۇقلۇق قۇرۇلۇشى» دىكى ‹ بىر ياخشى ئەسەر› مۇكاپاتىغا ؛ « يازغاننىڭ پايدىسى يوقمۇ ؟» ناملىق ماقالىسى 2006– يىل 4 – ئايدا  «كروران » ژورنىلى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان « ئويغۇرلار ۋە تەرەققىيات» ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
   ئۇ ھازىر ئاپتونۇم رايۇنلۇق مۇقام تەتقىقات ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى ؛ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خەلق سەنئەتكارلىرى ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى .


idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  152
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 417
تۆھپە : 13
توردا: 36
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 21:10:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستىمىز ئەھەت داۋۇتنىڭ ئىجادىيەت ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ يۈكسۈلىشىگە تىلەكداشمەن .قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش