18-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ئەسەر:
تەنھا بۆرە
(پوۋست)
مامۇت داۋۇت
كىمىكى پەلەكسېرى ئاتار تاشنى،
تاش بىلەن ئارۇزدە① ئىتەر باشنى.
__ئەلىشىر ناۋائى.
1
ــ ھوۋ...ھوۋ...
دەھشەتلىك ھوۋلىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ يەنە ئويغىنىپ كەتتىم. قارىسام، ئۆي ئىچىگە غۇۋا يورۇق چۈشۈپتۇ.كەيىپنىڭ تەسىرىدىنمۇ ياكى يىرىم كىچىگىچە تاۋكادا ئولتۇرۇپ چىقىنى ئۈچۈنمۇ، دادام تىخىچە سۇنايلىنىپ يىتىپتۇ. ساناپ بولالمايلا،تاشلىۋەتكەن پۇللىرى ياستۇقنىڭ بىشىدا قالايمىقان چىچىلىپ تۇرۇپتۇ. مەن بۇ پۇللارغا قاراۋاتقىنىمدا، ئۇ ئۇيقىچىلىقتا كىمدۇر بىرسىنى «ۋاي كۆزۈمنىڭ سەتى...» دەپ تىللاپ قويدى-دە،ئۆرۈلۈپلا يەنە خورەك تارتىشقا باشلىدى. ئىھتىمال، ئۇ ئانامنى تىللىغاندۇ. چۈنكى ئانامدەك كۈن بويى « ئۆيۈم »، «ئېرىم»، «بالام» دەپ چىپىپ يۈرۈيدىغان ئايال بىلەن دادامدەك 40ياشتىن ئاشقاندىمۇ، بىشى قايغان، پۇتى تايغان يەرلەردە لاغايلاپ يۈرۈيدىغان ئادەمنىڭ بىرگە ياشىمىقى، ھەقىقەتەنمۇ تەسكەن. ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى تۈگىمەس ماجرالارنىڭ ھەممىسى دادامنىڭ ئاشۇ شوپۇر ئاغىنىلىرى كەلگەندە باشلىنىپ، كەتكەندە ئاخىرلىشىدۇ. چۈنكى ئاشۇ شوپۇرلار دادامغا سالجىدەك چاپلىشىۋىلىپ، دەسلىۋىدە ھاراق ئىچىشنى، كىيىن قىمار ئويناشنى ئۈگەتتى. مانا، ئەمدى دادام بىچارە قىمار بىلەن ھاراققا شۇ قەدەر بىرىلىپ كەتتىكى، تەزدۈرۈش مۈمكىن ئەمەس.بۇ قىمارۋازلار ئاۋال قۇلاق مىدىرىغۇچە ئىچىشىدۇ. كىيىن ئالا-تاغىل توۋلاپ ناخشا ئىيتىشىدۇ. كەيپى تەڭشەلگەندە بولسا، 《دەتتىكام!》 دەپ ۋاقىراپ، مەيدىسىگە گۈپ-گۈپ قىلىپ مۇشتلاپ، قىمارغا چۈشىدۇ.بۇنداق چاغدا،ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ئىسىل نەرسە يەنىلا دادامنىڭ ھىلىقى بۆرە ھوشۇقى.چۈنكى يىنىدا بۆرە ئوشۇقىلا بولسا، قىماردا ئامەت دىگەن دومۇلاپ كىلەرمىش...
ـــ ھوۋ...ھوۋ...
ھوۋلىغان ئاۋاز قايتا ئاڭلانغاندا، ياتاق ئۆينىڭ دەرىزىسىمۇ جالاقلاپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە،يىقىنقى بىر-ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى زۇلمەت كېچىلەردە ھەمىشە مۇشۇنداق قورقۇنۇچلۇق ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى. كونا چارۋىچىلار ئۇنى 《چىلبۆرە》دىيىشتى. لىكىن مەن ئانچە ئىشىنىپ كەتمىدىم. چۈنكى قەدرى يوق قارا تاشتەك تاشلىنىپ ياتقان بۇ تاقىر تاغلارغا ئىتنى كۆرسىمۇ، قورقۇپ تىترەپ كىتىدىغان نۇرغۇن كان ئىشچىلىرى كەلدى. ئەگەر كۈدە جىلغىسىدا راستىنلا بۆرە بولىدىغان بولسا،ئاشۇلارغا ئۇچرىماي قالمايىتتى. يەرلىك كىشىلەر ئاشۇ كان ئىشچىلىرىنىڭ گىپىگە شەكسىز ئىشىنىدۇ. ئۇلاردىن ئاڭلىغان ھەر بىر ئىغىز گەپ ئۈستىدە ئۇزۇنغىچە مۇلاھىزە قىلىشىدۇ:
_ـــ_جىلغىدىن كۆمۈر چىقىپتۇ.
ـــ__كۆمۈر دەيدىغۇ بۇ؟! تۆمۈر چىقىپتۇ،تۆمۈر!
_ـــ_نەدىكى گەپنى قىلىسەن-ھوي، ئالتۇن چىقىپتۇ، ئالتۇن...
ـــ__قارغۇدەك گەپ قىلماڭلا. دۇڭپۇڭ ماشىنىغا لىققىدە باسقىنى كۆمۈر ئەمەسما؟!
_ـــ_ھەببەللى، ئاشۇ كۆمۈردىن ئالتۇن تاسقايمىش جۇما؟
ـــ__ئالتۇن دىگەننى تاسقىمايدۇ،چايقايدۇ...
ـــ_ ھەي ئاداش، تاشتىن سۈزسە تاسقايدۇ.
_ـــ گەپ ئېغىر كەلسە،سېكىلەكتەك يايقايدۇ.
_ـــ_چىدىمىسا،يىلمان سۇدا چايقايدۇ.
_ـــ_ھا...ھا...ھا..
ـــ_ھى...ھى...ھى...
ئاشۇ كان ئىشچىلىرى سەۋەبىدىن، ئائىلىمىزنىڭ شىنجاڭ-شىزاڭ تاشيولىنىڭ كۈدە ئۆتىڭىگە ئىچىۋالغان بۇ كىچىككىنە ئاشخانىسى بىردىنلا ئاۋاتلىشىپ كەتتى. كۈدە ئۆتىڭى ئەسلىدە كىچىككىنە بىر تاغلىق مەھەلللە ئىدى. كىيىنچە قاتمۇ-قات تاغلار ئارىسىغا دۆلەت تاشيولى ياسىلىپ، بۇ خىلۋەت مەھەللە بىر ئاۋات ئۆتەڭگە ئايلاندى.
دىمىسىمۇ،كۈدە جىلغىسى شىمال تەرەپتىن قارا قۇرۇم تاغلىرى ئارىسىدىكى ئىگىز چوققىلارنىڭ بىرى بولغان ئاقاز داۋانغا تۇتاشسا،جەنۇپ تەرەپتىن ياپ-يىشىل ئورمانلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان خالاستان دەرياسىغا تۇتىشاتتى. ياپ- يىشىل ئۆرۈكلۈك باغلىرى ياز ۋە كۈز پەسلىدە كىشىنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك ئارامگاھ ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە،كۈدە ئۆتىڭى بىلەن ناھىيە بازىرىنىڭ ئارىسى ئۈچيۈز كىلومىتىرچە كىلىدىغان يىلان باغرى تاغ يولى بولغاچقا، تاغدىن چۈشكەنلەرمۇ،تاغققا چىقىدىغانلارمۇ بىر توختىماي كىتەلمەيىتتى. مۇشۇنداق ئالاھىدە ئورۇن كۈدە جىلغىسىنىڭ نامىنى يىراق- يىقىنغا تاراتقان ئىدى. گەرچە بۇ يەرگە كىلىپ-كىتىپ يۈرۈيدىغانلار كۆپ بولسىمۇ، لىكىن دادامنىڭ نەزىرىدە، ئاشۇ قاسماق شوپۇرلارلا ھەقىقى ئەزىز مىھمانلار ئىدى. ئاشۇ شوپۇرلارمۇ ھەر قىتىم كەلگىنىدە ئۇزۇن كوزۇپلۇق يۈك ماشىنىلىرىغا ئۇن، گۈرۈچ، سەي-كۆكتات قاتارلىق نەرسىلەرنى ئالغاچ كىلەتتى-دە، ئېقى كىلىشىدىغان بىرنەچچىسى توپلىشىپ بولغۇچە ئۆيىمىزدە بەھوزۇر يەپ- ئىچىشەتتى.سەپەر تەييارلىقلىرى پۈتكەندە، ئەگرى-بۈگرى تاغ يوللىرىنى بويلاپ، بىراقلا ئۇزاپ كىتىشەتتى. ئارىدىن 15-20كۈنلەر ئۆتكەندە، يەنە يەردىن ئۈنگەندەكلا لوككىدە پەيدا بولاتتى-دە، ئاچ ئەرۋاھتەك ئوخشاش توختىماي يەپ- ئىچەتتى. ئۇزاقتىن-ئۇزاق ئولتۇرۇپ، ئىگىزلىكتە كۆرگەنلىرىنى، زاڭزۇلاردىن ئاڭلىغانلىرىنى،يەنە مازار، كۆكئات ۋە جەسەت داۋانلىرىدا يۇلۇققان دىشۋارچىلىقلىرىنى توختىماي سۆزلەپ كىتەتتى. بۇنداق چاغلاردا، ئۇلار پۇل دىگەننى سۇدەك خەجلەيىتتى. دادام ئۇلارغا بەكمۇ سىخىيلىق بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. 40-50يىلغىچە مۇشۇ تاغلىق كەنتتىن باشقا جايغا چىقىپ باقمىغان چوپانلار ئۇلارغا قارىغىنىچە ھاڭۋىقىپ ئولتۇرۇپ قالاتتى. بولۇپمۇ خوشنىمىز ئاقنىياز ئاچقان ساتراشخانىغا سىغماي قالغان ياكى ئۆچرىتى كەلمىگەن خىرىدارلار ئاشخانىمىزنىڭ بوش ئورۇندۇقلىرىغا ئولتۇرۇپ، شوپۇرلارنىڭ قىززىقچىلىقلىرىنى كۆرەتتى. ئاقنىياز تۇغۇلۇشىدىنلا ئاجىز بولۇپ، ھەمىشە ئاغزىدىن شاھال ئېقىپ، تاققۇ-تۇققۇ سۆزلەپ، ھېجىيىپلا يۈرەتتى.لىكىن ئۇ ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمىغۇدەك دەرىجىدە مىيىپمۇ ئەمەس ئىدى. ئانامدىن ئاڭلىسام، دادام ئاقنىياز ۋە ئۇنىڭ ئاكىسى شاھنىياز بىلەن نەۋرە تۇققانلاردىن ئىكەن. شاھنىياز 20 يىلنىڭ ئالدىدا ئەسكەر بوپتىكەن. شۇڭا ئۇ كەنتتە، ھەتتا پۈتكۈل تاغلىق يىزىدىمۇ ئاتالغان مەرگەن ئىدى. قايتىپ كەلگەندىن كىيىن،دەسلەپتە تاغلىق يىزىنىڭ ساقچىخانىسىدا ۋاقىتلىق ئىشلەپ يۈرۈپتۇ. كىيىنچە پاخپۇ كەنتىگە كىلىپ،كەنت مۇدىرى بوپتۇ. نىمىلا دىگەن بىلەن، ئۇ يەنىلا كەنت بويىچە ئەڭ بىلىملىك كىشى ئىدى. مۇشتلىشىش دەمسىز، ياقا-يۇرتلۇقلارنى دوراش ياكى تاغدىكى ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاش دەمسىز، ھېچكىم ئۇنىڭغا تەڭ كىلەلمەيىتتى. ھەتتا چېلىشىش مۇسابىقىسىدىمۇ ئۇنىڭ داڭقى بار.بىراق تاغ خەلقىنىڭ “تاغلاردىن تاغلار ئىگىز”دىگەن تەمسىلىدە ئىيتىلغىنىدەك شاھنىياز ئاكام بىزنىڭ بۇ يەردە ھەممىدىن نوچىسى ئەمەس. چۈنكى داداملا ئۇنى ياراتمايدۇ. ھەمىشە يۈزىدىن يۈزىگە ‹‹ئالا قۇرساق››،‹‹نامەرت›› دەپ تىللاپ كىتىدۇ.دىمىسىمۇ، داداممۇ شاھنىياز ئاكامغا ئوخشاشلا ئاتالغان ئەزىمەت. شۇڭا شاھنىياز ئاكاممۇ دادامغا ئارتۇق گەپ قىلالمايدۇ. ئاڭلىسام، ئۇلارنىڭ زىدىيىتى ئىككىنچى قىتىملىق يايلاق ھۆددىسىدە باشلانغان ئىكەن. شۇ چاغدا كەنتنىڭ چارۋىچىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ تۇرىۋاتقان شاھنىياز ئاكام چارۋىسى ئاز دەپ،بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرگە “ئالتۇن يايلاق”تىن يازلىق ئوتلاق تەقسىملەپ بەرمەپتۇ. ئەمەلىيەتتە ئىشەك-ئات،سەكرەتكۇ، قۇتلۇق قاتارلىق ئۈچ داۋان ئارىسىغا جايلاشقان بۇ “ئالتۇن يايلاق”پەقەت سۈيىنىڭ قىسلىقىنىلا دىمىسە، ئالتۇنغا بەرگۈسىز ئىسىل جاي ئىدى. ھەممىلا چوپانلار ئۇ يەردە مال بىقىشنى، تۆت پەسىلنىڭ ھەر كۈنىدە ئوت-چۆپتىن غىمى يوق، قوي-كالىلىرىنىڭ قۇرسىقى توق يۈرۈشنى ئارزۇ قىلىشاتتى.
_ـــ ھوۋ...ھوۋ...
دىرىزە يەنە ئەنسىز جىغىلداپ كەتتى. مەن ۋەھىمە بىلەن ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتىم.چۈنكى بۇ دەھشەتلىك ئاۋاز قوتىنىمىزغا يىقىنلا جايدىن ئاڭلىنىۋاتاتتى. دىمەك، چارۋا ماللىرىمىز نامەلۇم بىر يىرتقۇچنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ بولغاندەك قىلاتتى. دەرۋەقە، چارۋىچىلارنىڭ قوتانغا قارىتىپ قويغان مال ئىتلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن قاۋاپ كەتتى.غەلىتە يىرى، شاھنىياز ئاكام باققان سېرىق قانچۇق نىمىشقىدۇر قاۋىمايىتتى. ئاق تۆشلۈك، پۇت-پاچاقلىرى يوغان بۇ جانۋار تولىمۇ سەزگۈر ۋە قەھرىلىك ئىت ئىدى. شۇڭا شاھنىياز ئاكام ئۇنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ يۈرەتتى.
دىلىغۇل بولۇپ ياتقىنىمدا، تۇيۇقسىزلا ئانامنىڭ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى:
_ـــ_مىرئەھمەت، ھەي مىرئەھمەت!
ـــ ھە...
__ـــ بۆرە كەلدى...
راستىنلا بۆرە كەپتۇ. بىراق كۈدە جىلغىسىدا ئەزەلدىن بۆرە يوق ئىدى.شۇڭا ئۇيقىدىن كۆزلىرىمنى ئاچالماي، ئۆزەمچىلا غۇدىرىدىم: “بۇ دىگەن ئادەملەرنىڭ ماكانى تۇرسا، نىمە قىلىسىلەر بۇ يەردە؟ ئەجىبا، شۇنچە چەكسىز قارا قۇرۇم تاغلىرى كىچىك كەلدىمۇ سىلەرگە؟ ئادەملەرنىڭ ئۆز رېسقىغا چىقىلغانلارنى قانداق جازالايدىغانلىقىنى بىلمەيىتتىڭلارمۇ؟ ئەجىبا، ئۇلارنىڭ مال-چارۋىسىغا چىقىلساڭلار،ھايات قالامسىلەر؟... ”
__ـــ ھوۋ...ھوۋ...
دادام تىخىچە مەست ھالەتتە ياتاتتى. شاھنىياز ئاكام بولغىنىدا،قىلچىمۇ غەم قىلمىغان بولاتتىم. بىراق ئۇ يىزىغا يىغىنغا كەتكەن. شۇڭا نىمە قىلىشنى بىلەلمەي تىتىلداپ كەتتىم. چۈنكى شاھنىياز ئاكامنىڭ كۆك كۆزلۈك ئۈچ قىزى بىلەن كىسەلچان خوتۇنى مال-چارۋىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، بىزنىڭ قارىشىمىزغا قالغان. مۇنۇ ئاقنىياز كېچىلەردە ساتراشخانىسىدا ياتسىمۇ، لىكىن بويى پەتەك، تېنى ئاجىز پولغاچقا، كىچىك بالىلارمۇ ئۇنى بوزەك قىلىپ يۈرىيدۇ...
__ــــ تىز بول!
ئانامنىڭ ئەنسىزلىك بىلەن ۋاقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
_ــــ_ھە مانا...
مەن شۇنداق دەۋىتىپ، ئوچاقنىڭ يىنىغا تاشلاپ قويغان شاخ پالتىسىنى بىلىمگە قىستۇرۇپ،دەرھال يۈرۈپ كەتتىم. كىتىۋىتىپ قارىسام، ئانام بىچارە تىخىچە جالاقلاپ تىترەپ تۇرۇپتۇ. چىرايىمۇ خوتەن قەغىزىدەك سارغىيىپ كىتىپتۇ. كۈلكىلىك يىرى، قورقۇپ تۇرغىنىغا قارىماي، يەنە ئاشخانىدىكى نوغۇچنى كۆتۈرىۋاپتۇ. ئايال خەق دىگەن مۇشۇنداق غەلىتە، بۆرە دىگەن يايغۇدىن قورقىدىغان خېمىر ئەمەسقۇ ئاخىر؟!...
شۇ خىياللار بىلەن ئېغىل تەرەپكە ئۆزۈمنى ئاتتىم. ھايت-ھۇيت دىگۈچە ئاشخانىدىن،شوپۇرلار ماشىنا توختىتىپ قويىدىغان سەينادىن ئۆيىمىزدىكىلەر سامان كۆمىدىغان دۆڭلۈككە ئۆتتۈم. يۈگرەپ كىتىۋاتسام، ئانامنىڭ يىغلامسىراپ ۋاقىرىغىنى ئاڭلاندى:
ــ مىرئەھمەت،توختاپ تۇر، بالام...
غەلىتە مىجەزىم بار.يۈگەرگەنسىرى، يۈگەرگۈم كىلىدۇ. بىرلىرى ھاي دىگەن ئېشنى تىخىمۇ ئاشۇرۇپ قىلغۇم كىلىدۇ. مانا، شۇ تاپتا ئانامنىڭ توختا دىگىنىنى ئاڭلاپ تۇرۇقلۇق، تىخىمۇ تىزرەك يۈگەردىم.ئانامنىڭ يىغلامسىراپ تۇرغىنىغا قاراپ، ئاشۇ بۆرىنى كاپپىدە تۇتۇپلا، بوغۇۋەتكۈم كەپ كەتتى. شاھنىياز ئاكامنىڭ ئىيتىشىچە، بۆرە دىگەن ئوتتىن قورقىمىش. ئېغىلنىڭ ئەتراپىغا بىسىقلىق قۇرۇق چۆپلەرگە گۈررىدە ئوت يىقىۋەتسەملا، بۆرىلەر قۇيرۇقىنى خادا قىلىدۇ. شۇ چاغدا ھەممە مال-چارۋىلىرىمىز ئامان قالىدۇ...
بىراق قۇرۇقدىلىپ قالغان ئېغىلغا قاراپ، ھەيران قالدىم: “توۋا،شۇنچە كۆپ كالا-قويلار نەگە كەتتىكىنە؟بىرەرسىمۇ كۆرۈنمەيدىغۇ؟! ئەجىبا، ھەممىسىنى بۆرە يەپ كەتكەنمىدۇ؟ لىكىن بۇ مۈمكىن ئەمەس؟! چۈنكى قويلارنى بۆرە يىگەن بولسا،ئىغىلدا قان يۇقۇندىلىرى ياكى يارىدار چارۋىلار بولۇشى كىرەكقۇ؟! ئەتراپ نىمىشقا بۇنچە جىمجىت؟...” ھاڭۋىقىپ تۇرغىنىمدا، قۇلۇقىمغا بوراننىڭ گۈكىرىگىنىدەك، دەريا سۈيىنىڭ شاقىرىغىنىدەك غەلىتە ئاۋازلار ئاڭلاندى. بىراق بۇمۇ ئەقىلگە سىغمايىتتى.چۈنكى ياز پەسلىدە بوران چىقمايىتتى.خالاستان دەرياسىمۇ يامغۇر پەسلىدىن باشقا چاغلاردا،بۇنداق شاۋقۇنلاپ ئاقمايىتتى.
شەپە چىققان تەرەپكە قاراپلا، چۆچۈپ كەتتىم. چۈنكى سانسىزلىغان قوي- كالىلار دالىغا كەڭ يىيىلغان بولۇپ،بىشىنى پەس قىلىپ، بىر خىل يۆلۈنۈشتە جىمجىت كىتىپ باراتتى. سەپنىڭ ئالدىدا ئىككى- ئۈچ قارا كۆلەڭگە بولۇپ،مال-چارۋىلارنىڭ ئۆزلىرىگە يىتىشىپ مىڭىشىنى ساقلاۋاتقاندەك ئاستا كىتىپ باراتتى. قارىماققا كالا-قويىلار ئۆز سەركىسىگە ئەگىشىپ يايلاق كۆچۈۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. بىراق يايلاق كۆچكەن چاغلاردا،ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان بۇ بىچارىلەر يىڭى ئوت-چۆپلەرنىڭ شاتلىقىدا ئاغزى بىسىلماي ۋاقىرايىتتى. قوزا-پاقلانلار سەكرىشىپ، ئويناقشىپ كىتەتتى. لىكىن بۇ قىتىمقىسى ئالاھىدە بىر كۆرۈنۈش بولۇپ، كالىلار مۈڭگۈزلىرىنى پەسكە تەڭلەپ، كۈچەپ پۇشقىرىشاتتى. قويلار قاسساپ پىچىقى گىلىغا تىرەلگەندەك ئېغىر ھالسىرايىتتى. لىكىن نىمىشقىدۇر ئالدىدىكى قارا كۆلەڭگىلەرنىڭ ئارقىسىدىن تېۋىشسىز ھالەتتە ئېز بىسىپ كىلەتتى. مەن قوي-كالىلارنىڭ ئالدىدا كىتىۋاتقان سېرلىق قارا كۆلەڭگۈلەرنى ئىنىق كۆردۈم. بىرنەچچە جۈپ ۋەھىمىلىك كۆز زۈلمەت كېچىدە خۇددى باتارىيىسى ئاز قالغان قول چىراقتەك بوشقىنا پىلدىرلاپ تۇراتتى.
ــ بۆرە! ئۇلارنىڭ ھەممىسى چىلبۆرە...
مەن بار ئاۋازىم بىلەن قوي- كالىلىرىمغا قاراپ ۋاقىرىدىم:
__ــــ ھاي-ھاي!
جىمجىت كىتىۋاتقان چارۋىلار بۇيرۇق بىرىلگەن ئەسكەردەك شىپپىدە توختىدى-دە، ماڭا بويۇنداپ قاراشتى. مەن تىخىمۇ قاتتىق ۋاقىرىدىم:
_ــــ_ئېغىلە- ئېغىلە!
چارۋىلار ئىككىلىنىپ، بىر پەس جىمجىت تۇرۇپ قىلىشتى. بۇ خىل جىمجىتلىق خۇددى ئۇرۇش ئالدىدىكى قىسقىغىنا جىمجىتلىققا ئوخشاش شۇنچىلىك ۋەھىمىلىك ئىدىكى، مېنىمۇ ئىختىيارسىز ھالدا سۈر باستى.لىكىن شۇ تاپتا، پەقەت مەنلا بۇ بىر مەيدان قانلىق قىرغىنچىلىقنى توسۇپ قالالايدىغان ھەقىقى سەركە ئىدىم. شۇڭا ئاۋازىمنى تىخىمۇ قاتتىق چىقىرىپ، بولۇشىغا ۋاقىرىدىم:
__ــــ ھاي-ھاي! ئېغىلە-ئېغىلە...
ئاۋازىم تۈن قوينىدا ئەكىس سادا چىقىرىپ، يىراق- يىراقلارغا تاراپ كەتتى.دەل شۇ چاغدا ھېلىقى قارا كۆلەڭگۈلەر شاققىدە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، ساڭگىلىتىپ تۇرغان ئۇزۇن قۇيرۇقلىرىنى ئاستا تۈزلىدى-دە، ماڭا قاراپ خېقىراشقا باشلىدى. ئاي يورۇقىدا ئۇزۇن ۋە ئۇچلۇق ھېنگان چىشلار يالىلداپ، مۇدھىش كۆزلەر خۇددى ياغ سالغان چايدەك پارقىراپ كەتتى. قورقۇنۇشتىن ۋۇجۇدۇم ياپراقتەك تىترەيىتتى. لىكىن ھاياتلىق پۇرسىتىنى ئىگەللەش ئۈچۈن باتۇر، جىگەرلىك بولۇشقىلا بولاتتىكى، ھەرگىزمۇ ھودۇقۇشقا، قورقۇشقا بولمايىتتى. شۇڭا قورقۇپ تۇرساممۇ، پالتا سىپىنى چىڭ تۇتۇپ، قاتتىق ۋاقىرىدىم:
ـــ ھاي-ھاي...
سەككىز- ئوندەك پىستان كۆزلەر ئوت بولۇپ ياندى. ئارقىدىن يەر-زېمىن قېزىللىققا ئورالدى. دەل شۇ چاغدا كالا- قويلارمۇ خۇددى ناغرا- سۇناي چالغاندەك بار ئاۋازى بىلەن ۋاقىرىشىپ كەتتى. كالىلار مۈڭگۈزلىرىنى يەرگە تىرەپ،دەھشەتلىك ھۆكۈرىدى. قويلارمۇ قاتتىق مەرىشىپ، ماڭا مەدەت بىرىشتى. كۈدە جىلغىسىدا قىيامەت قايىم بولغاندەك قورقۇنۇچلۇق زىل-زىلە پەيدا بولۇپ، يەر- زېمىن ھەيۋەتلىك تىترەپ كەتتى. بىردىنلا بىشىم قايقاندەك، يەر- زېمىن پىقىراۋاتقاندەك، پۇت- قوللىرىمدا جان قالمىغاندەك تۇيۇلدى. شۇنداقتىمۇ پالتىنىڭ سىپىنى چىڭ تۇتتۇم. توساتتىن قارا كۆلەڭگۈلەردىن بىرسى ئىتىلىپ كەلدى. بىر قارىسام،قېزىلدەك،يەنە بىر قارىسام،سېرىقتەك كۆرۈندى. ئۇ نەچچە ئون مىتىر يىراقلىقتىن ئوقتەك ئۇچۇپ كەلدى. ئارقىدىن يەنە بىرسى،ياق، بىرنەچچىسى بىراقلا يوپۇرۇلۇپ كەلدى.مەن پالتىنىڭ سىپىنى چىڭ تۇتتۇم.شۇ تاپتا شۇنداق قىلىشلا، ھېچ ئىش بولمايدىغاندەك تۇيغۇ ئاتا قىلاتتى. بىراق پۇت-قوللىرىم ئاللىقاچان ماغدۇرىدىن كەتكەن بولۇپ، ھازىرلا يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك قىلاتتىم. ئاخىرى يىقىلدىم. قوي-ئۆچىكلەرنىڭ ماياق ھېدى كىلىدىغان يۇمشاق توپا ئۈستىگە پوكلا چۈشتۈم. كىيىن... كىيىن...
كۆزۈمنى ئاچسام،ئۆيدە يىتىپتىمەن. دىرىزىدىن چۈشكەن كۈن نۇرى ياستۇقىمنى قىزدۇرۇپ، يۈزۈمنى كۆيدۇرۇپ تۇرۇپتۇ. دادام تىخىچىلا سۇنايلاپ يىتىپ،خورەك تارتىۋىتىپتۇ. ئاشخانىدا بىر توپ كىشىلەر قىززىق پاراڭغا چۈشۈپتۇ. ئارىدا شاھنىياز ئاكامنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.دىمەك، ئۇ قايتىپ كەلگەن ئىدى.
ـــ_ۋاقتىدا بىرىپتۇق،بولمىسا چاتاق چىقاركەن.
ئۇلاپلا يەنە بىرسى گەپ قىستۇردى:
ـــ_شىر يۈرەك بالىكەن، كاساپەت.
ـــ_ مۇشتۇمدەك تۇرۇپ، تۆت-بەش بۆرىنى قوغلاپتۇ...
ـــ_تۆت- بەش دەيسەنغۇ؟! ئون تۆت-ئون بەش بۆرىكەن!
ـــ ھەممىسىلا بۆرە ئەمەسكەن،ئارىدا ماۋۇ شاھنىياز دۇيجاڭنىڭ سېرىق قانچۇقىمۇ باركەن...
ـــ_توۋا،قانچۇق ئىت نىمە قىلار بۆرە توپىدا؟!
ـــ_كۇسۇپ قاپتۇ،بۆرە تۇققۇدەك...
ـــ_كۈچۈكتىن بىرەرنى بىرەلا بىزگىمۇ...
ـــ_بىرىدۇ پۇلۇڭ بولسا.
ـــ_ئەمىسە،كۈچۈك سېتىپ، باي بوپ كەتكۈدەك بىزنىڭ دۇيجاڭ...
ئارىدا يەنە ئانامنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:
ـــ_رەھمەت سىلەرگە،ئوغلۇمنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭلار...
ئارقىدىن شاھنىياز ئاكامنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:
ـــ_ ئۇنداق دىمەڭ.چوپانلار ئەزەلدىن مۇشۇنداق.
ـــ_شۇنداق چىنارخان،لىكىن-زە،رەھمەت دىگەننى ئېغىزدىلا دىسە،ھىساپمۇ؟
ـــ__پىلتەم تۈگەپ كەتتى، چالىسىنى چۈشتە.
_ـــ_ما گىپىڭىزنىڭ جىنى بار.چۈشتە كىلىمىز ئەمىسە...
_ـــ يالماپ، يۈتىدىغان بولدۇڭ-دە؟!
ـــ_ چېۋىنغا ئوخشاش ھەمىشە كىلىۋالىدۇ بۇ.
ـــ__مۇت، زەھەر بولسىمۇ يۇت...
ـــ__ھا...ھا...ھا...
ـــ__ھى...ھى...ھى...
شۇندىلا كۆرگەنلىرىمنىڭ چۈش ئەمەسلىكىنى،ئۆزەمنىڭمۇ بىر قىتىملىق بۆرە قېرغىندىن ئامان قالغىنىمنى بىلدىم. بىراق بەدىنىمدە ھېچقانداق جاراھەت ئېزى يوق ئىدى.” ئەجىبا، ئۇ قېزىل بۆرە ماڭا نىمىشقا چىقىلمىدىكىنە؟ شاھنىياز ئاكامنىڭ ئىيتقىنىچە بولغاندا، بۆرە دىگەن كۆك، ئاق، كۈلرەڭ بولاتتى. بىراق ئۇ بۆرە ئوتقاشتەك قېزىل كۆرۈندى دىسە؟! بۆرە دىگەنمۇ قېزىل بولامدۇ؟ ياكى قاراقۇرۇم بۆرىسى شۇنداق كىلەمدۇ؟ چوپانلارنىڭ سېرىق قانچۇقنى كۇسۇپ قاپتۇ دىگىنى نىمىسى؟ ئەجىبا، قانچۇق ئىتمۇ بۆرە بىلەن جۈپ بولامدۇ؟...“ شۇنداق چىگىش سۇئاللار بىلەن بىشىم يەنە ئاغرىپ كەتتى.
2
بىرنەچچە كۈندىن كىيىن،ئېسىمگە كەلدىم. قارىسام،دادام ئۆزىنىڭ ھىلىقى ئەتىۋارلىق بۆرە ئوشۇقىنى تېشىپ، بوينۇمغا ئېسىپ قويۇپتۇ.ئاڭلىسام، بۆرە ئوشۇقىنى ئېسىۋالغان ئادەم چىداملىق بولارمىش. بۇنىسى راستمۇ يالغانمۇ، بىرنىمە دىمەك تەس. لىكىن مەن ئاشۇ كېچىدىكى بۆرە ۋەھىمىسىدىن بەكلا قورقۇپ كەتكەچكە، ئەتىسىدىن باشلاپ، ئۇدا بىرنەچچە كۈن ئوت-ئاتەش قىززىپ، ئاللىنىمىلەرنىدۇر جۆيلۈپتىمەن. گىلىمدىن سۇدىن باشقا ھېچنىمە ئۆتمەپتۇ. سەييارە داۋالاش گۇرۇپپىسىدىكىلەر كەلگەندە بەرگەن بىرمۇنچە دورىلارنى ئىچكۈزسىمۇ، يەنىلا ھۇشۇمغا كەلمەپتىمەن. ئانام كۈن بويى مىشىلداپ يىغلاپ، يىنىمدىن نىرى كەتمەپتۇ. غەلىتە يىرى، دادام ھىلىقى بۆرە ئوشۇقىنى بوينۇمغا ئىسىشى بىلەن تەڭلا،ھۇشۇمغا كەپتىمەن.شۇندىلا، خولۇم- خوشنىلارنىڭ ھەممىسى بۆرە ئوشۇقىنىڭ خاسىيىتىگە يەنە بىر قىتىم ئىشىنىپتۇ.
ئەسلىمگە كەلگەندىن كىيىن،دەرھال قويلىرىمنىڭ يىنىغا چاپتىم. بۇ بىر يەكشەنبە كۇنى بولغاچقا، مەھەللىدىكى بىكارچى بالىلارنىڭ ھەممىسى قويلىرىنى دەريا ساھىلىدىكى كالتە يايلاققا قويىۋىتىپ،كۈزلۈك ئاغدۇرما يەردە ئولتۇرۇپ، چىلبۆرە توغرىسىدا پاراڭغا چۈشكەن ئىدى.ھىلىقى بۆرىلەر ئۈن-تىنسىزلا غايىپ بولغاچقا، شاھنىياز ئاكاممۇ ئىنىسى ئاقنىياز بىلەن بىرگە مال- چارۋىلىرىنى ھەيدەپ،خاتىرجەم ھالدا ئىشەك-ئات داۋىنىدىكى 《ئالتۇن يايلاق》قا كەتكەن ئىدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ داۋان ئاشالمايدىغان ئاجىز- ئورۇق،ئاقساق- چولاق قويلىرىغا قارايدىغان ئىش يەنىلا چوڭ قىزى پاتىمەگە قالغان ئىدى. شاھنىياز ئاكامنىڭ بۇ شادا پاچاق كۆك كۆز قىزى مەندىن ئىككى ياشلا چوڭ بولۇپ، شوپۇرلارنىڭ نەزىرىدىكى بىر قار مەلىكىسى ئىدى.لىكىن مەن ئۇنى چۆچەكلەردىكى كۈل قىزغا ئوخشىتاتتىم. چۈنكى ئەسكى كىيىملەر ئارىسىغا پۈركىنىپ، ئۆز گۈزەللىگىنى يامان كۆزلەردىن يوشۇرۇپ يۈرگەن بۇ قىز كەم ئۇچرايدىغان ساھىپجاماللاردىن ئىدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئاق سۈزۈك يۈزى ۋە قاپقارا ئەگمە كىرپىكلىرى ئارىسىدىكى ئاشۇ يوغان كۈلرەڭ كۆزلىرى بەكلا چىرايلىق ئىدى. بۇنداق چىرايلىق كۈلرەڭ كۆزلەرنى ئۇچرىتىش ھەقىقەتەنمۇ قىيىن.بىر كۈنى ئاشخانىمىزغا قارامتۇل كەلگەن بىر شوپۇر يىگىت كىرىپ كەلدى. چاينەكنى كۆتۈرۈپ كىتىۋىتىپ، ئۇنىڭمۇ پاتىمەگە ئوخشاش كۈلرەڭ كۆزلىرى بارلىقىنى ھىس قىلدىم-دە، جايىمدا شىپپىدە توختاپ، سىنچىلاپ قارىدىم. بىراق ئۇنىڭ بۇ كۆزلىرى قارامتۇل يۈزىگە پەقەتلا ياراشمىغان بولۇپ، ئۇنى ئوغرى مۈشۈكتەك تولىمۇ يىقىمسىز كۆرسىتىپ تۇراتتى. شۇندىلا كۈلرەڭ كۆزلەرنىڭ پەقەت پاتىمەگىلا يارىشىدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم. دىمەك، پاتىمە خۇدا ياراتقان ھەقىقى بىر كۈل قىز ئىدى. لىكىن ياندىكى ھېسىپنىڭ قەدرى يوق دىگەندەك چوپان يىگىتلەر ئۇنىڭغا پەرۋاسىز ئىدى.
شۇ كۈنى كىچىككىنە بىر ئىش سەۋەبىدىن پاتىمە ئىككىمىز قىيداپ قالدۇق. ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئاشۇ غىياس ئىسىملىك ياغاق يۈز بالا سەۋەپچى ئىدى. ئۇ ھەمىشە ئادەم بار ياكى يوق دىمەي، ئوسۇرۇپلا يۈرىيدىغان بولغاچقا، كەنتتىكى بالىلار ئۇنى《غىياس غېڭ》دەپ چاقىراتتى. شۇ چاغدا پاتىمە ئوغۇللارنىڭ بۆرە توغرىسىدىكى تۈگىمەس گەپلىرىگە ئارىلاشماي،بىر چەتتە جىمجىت ئولتۇراتتى. كىمنىڭ تاپقان گەپلىگى ئىسىمدە يوق. لىكىن شۇنداق بىر تەكلىپ بىلەنلا، بىز قۇرداشلار ئارا چىلىشىپ، يايلاقتىكى بالا پالۋاننى ئايرىيدىغان بولدۇق. چىلىش مۇسابىقىمىز بەكلا قىززىدى. ھەتتا مەنمۇ يىڭىلا كىسەلدىن قوپقۇنىمنى ئۇنتۇپ،قۇرداشلىرىم بىلەن چىلىشىپلا كەتتىم. يىڭىش-يىڭىلىش ئالدىدا ھەممىمىز كۈچىمىز بىلەن ئەقلىمىزنى تەڭلا ئىشقا سالغان ئىدۇق. كۈچى بارلارنىڭ پەنتى يوق،پەنتى بارلارنىڭ كۈچى يوق ئىدى.شۇڭا ئوننەچچە بالا ئۆئارا چىلىشىپ، ئاخىرىدا ‹‹غىياس غېڭ›› بىلەن مەنلا تاللىنىپ چىقتۇق. غىياس گەرچە مەن بىلەن تەڭ دىمەتلىك بالا بولسىمۇ، لىكىن يەلكىسى ئىيىقنىڭكىدەك كەڭ،ئالقىنى ناۋاينىڭ قوللىرىدەك يوغان بىر كۈچتۈڭگۈر ئىدى. شۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭدىن بىر ئاز قورقۇپ تۇراتتىم. بىراق ئۇ مېنى قىرىشقاندەك تار يەردە قىستاپ قويدى:
ــــ_قانداق مىرئەھمەت، قورقىۋاتامسەن؟ قورقساڭ،پاتىمەنىڭ ياغلىقىنى ئارتىۋال...
ـــ_بولمىسا،پاتىمەنىڭ كۆڭلىكىگە مۆكۈۋال!
ـــ_ ئورنۇڭغا پاتىمە چىقسۇن،بولمىسا.
ـــ_ھا...ھا...ھا...
ـــ_ھى...ھى...ھى...
بولۇنغان پاراڭلار غۇرۇرۇمغا تەگدى.شۇنداقتىمۇ چىلىشىپ،ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كۆرە، چىلىشمايلا كۈلكىگە قىلىشنى ئەۋزەل كۆردۈم-دە، چىشىمنى چىشلەپ، جىملا تۇرىۋالدىم. لىكىن غىياس غېڭ تىخىمۇ ھەددىدىن ئاشقىلى تۇردى:
ـــ بويى ئىگىز، ئۆزى ئورۇق، قىز بالىغىلا ئوخشايدۇ...
ـــ شۇڭا ھەمىشە پاتىمە بىلەن بىللە يۈرۈيدۇ.
ـــ_بەزىدە يانداش ئولتۇرۇپ،چاچ تارايدۇ.
ـــ_بەزىدە دۆڭگە چىقىپ،بەز مارايدۇ.
ـــ_ھا...ھا...ھا...
ـــ_ھى...ھى...ھى...
گەپلەر مۇشۇ ھالەتتە داۋاملاشسا،توختاپ قىلىشىمۇ مۈمكىن ئىدى.لىكىن ئويلىمىغان يەردىن پاتىمەنىڭ ئاچچىغى تۇتتى:
ـــ_جىم تۇرسا، شۇنداقمۇ ھەددىڭلاردىن ئاشامسىلەر؟ سىلىۋەتسەڭلار، يەرگە سالىسىلەرغۇ شۇ؟! بولدى، ئىككىڭلار چىلىشىڭلار. مەن ئۇتقىنىڭلار بىلەن چىلىشاي. قانداق؟
“ئۇيات، ئۇيات! 15-16ياشلىق چوپ-چوڭلا بىر قىز ئاق ئالمىدەك كۆتۈرۈلۈپ قالغان كۆكسىنى شۇنچە كۆپ خەقنىڭ ئالدىدا غىياس غېڭنىڭ مەيدىسىگە يىقىپ تۇرۇپ چىلىشماقچى. ئۇيات ئەمەسمۇ؟! نومۇس، نومۇس...”خىيال بىلەن تۇرغىنىمدا غىياس غىڭ ئۆزىچىلا چىلىشىشقا ئالدىراپ قالدى:
ـــ_قانداق مىرئەھمەت،يىڭىلگىنىڭگە ئىقرارغۇ-ھە؟
بىردىنلا ئۆزگۈرۈپ قالدىم: “نىمىلا دىگەن بىلەن پاتىمە مېنىڭ تۇققىنىم. قاراپ تۇرۇپ ئۇتتۇرىۋەتسەم،پاتىمە غىياس بىلەن چىلىشىدۇ.ئۇ چاغدا چىلىشتىن قورقۇپ، ئورنىغا ئاچىسىنى چىقاردى دەپ، يەنىلا مەن كۈلكىگە قالىمەن. ئاقىۋىتى شۇنداق تۇرسا، نىمە دەپ جىم تۇرغۇدەكمەن؟!...”
شۇ خىياللار بىلەن غىياس غېڭنىڭ بىلىنى تۇتتۇم.بىراق چىدىماس غېڭ ئىككى قولۇمنى ئۇچراشتۇرۇپ بولغۇچە مېنى كاپلا تۇتۇپ، پوككىدە ئاتتى. ئانام يىڭىدىن ئەپ بەرگەن كىيىملىرىم باھار ئاپتىۋىدا پوپاڭلىشىپ كەتكەن سەھرا توپىسىغا مىلىنىپ،گۆردىن چىققان ئۆلۈكتەكلا بولۇپ قالدىم.بالىلارنىڭ ھەممىسى چۇقىرىشىپ كەتتى. كۈلكە-چاقچاقلار ئارىسىدا بىز قايتا تۇتۇشتۇق. بۇ قىتىمدا مەن ئۇنىڭ بىلىنى كاپپىدە تۇتۇپ، ئومرۇتقا سۆڭەكلىرىمنى رۇسلاپ، قاتتىق تىركەشتىم. ئۇنى توختىماي سول تەرەپكە سىلكىيىتتىم. چۆيۈندەك ئىغىرلاپ كەتكەن غىياس مېنى ئوڭ تەرەپكە سېلكىيىتتى. بۇنداق چاغلاردا مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئۆزەمنى يەرگە بىسىپ، تېرەجەپ تۇرىۋالاتتىم. بويۇم غىياستىن ئىگىز بولغاچقا،ئۇ مېنى سىلكىگەن چاغدا خۇددى تاپىنىمغا يىلىم سۈركەپ قويغاندەك پۇتۇمنى يەردىن ئاجراتماي، چىڭ تۇراتتىم. بىر پەس ئۇياق-بۇياققا چۆرۈشكەندىن كىيىن،غىياس نىمە قىلىشنى بىلمەي، تۇرۇپ قالدى. دەل شۇ چاغدا، مەن ئۇنىڭ بىلىنى ئالدىمغا قارىتىپ شاقلا تارتتىم-دە، كۆتۈرۈپلا، ئاتتىم.گۈپپىدە قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭلا غىياس غېڭ ئاستىمغا چۈشتى. بالىلار چۇقىرىشىپ كەتتى. ئۈچىنچى قىتىمقى چىلىش بەكلا قىيىنغا چۈشتى.غىياس غېڭ بورا باداڭدەك كىلەڭسىز گەۋدىسىنى زاڭىقىمغا چىڭ تاقاپ، مېنىڭ بايامقىدەك بىرلا تارتىپ يانپاشقا ئىلىۋىلىشىمغا ئىمكان بەرمىدى. مەن يەنىلا قول- پۇتۇمنىڭ ئۇزۇنلۇقىدىن پايدىلنىپ، ئۇنى ئامبۇردەك چىڭ قىسىۋالغان ئىدىم. غىياس غېڭ قولىنىڭ، بىلەكلىرىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ،بازغاندەك مۇشتۇمىنى خۇددى ناۋاي خېمىر دېسلىغاندەك بىلىمگە كۈچەپ پاتتۇرۇشقا باشلىدى. ئاغرىق ئازاۋىدىن تىنالماي كەتتىم. لىكىن يىڭىلسەملا، بايامقى گەپ بويىچە غىياس غېڭ پاتىمە بىلەن قۇچاقلىشىپ، مەيدانغا چۈشەتتى-دە، يۈزۈم بىراقلا چۈشەتتى. شۇڭا يىڭىلىشكە قەتئى بولمايىتتى. بىز يەنىلا تۇنجى قىتىمقىدەك بىر- بىرسىمىزنى ئوڭ- سول يۆلىنىشكە چۆرگىلەتتۇق. ئىككى- ئۈچ رەت چۆرگىلەتكەندىن كىيىن، غىياس غىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ، بۇرۇنقىدەكلا پوكىنىمغا كىرىپ قالدى. مەن پۇرسەتتىن پايدىلنىپ،ئۇنى سول تەرەپكە بىرلا بىسىۋىدىم، ئۇ خۇددى تاغ غۇلىغاندەك گۈپپىدە قىلىپ، بوش توپىغا يىقىلدى. زىرىكىپ يۈرگەن تاغ بالىلىرى خىلىغىچە قىقاس- چۇقان سىلىشتى.
ـــ ئاتاڭغا رەھمەت!
ـــ_يارايسەن مىرئەھمەت!
ـــ_يارايسەن ئوغۇل بالا...
شۇنداق قىلىپ، مەن مەھەللە بالىلىرىنىڭ نوچىسى بولدۇم. دەل شۇ چاغدا بىرسى بىلىمدىن كاپپىدە تۇتتى.كىملىگىنى بىلىشكە ئۈلگۈرمەيلا، يۇمشاق،لىكىن تولىمۇ ئىسسىق بىر جۈپ نەرسە مەيدەمگە بوشقىنا يىقىلدى. قارىسام، ئۇ پاتىمە ئىكەن. نىمىشقىدۇر خىجىللىق ۋە نومۇس كۈچىدىن ھەيكەلدەك تۇرۇپلا قالدىم. بىراق پاتىمە بىلىمدىن چىڭ قۇچاقلاپ، مېنى ھازىرلا ئاتىدىغاندەك راسا كۈچەپ كىتىپتۇ. قېنىم قىززىپ، غەلىتىلا بىر ھىس تۇيغۇلارغا چۆمدۈم. قانداقتۇر بىر كۈچنىڭ تۈرۈتكىسىدە ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ، لىككىدە كۆتەردىم-دە، يەرگە كۈچەپ ئاتتىم. غەلىتە ئىش! ئۇ يەنىلا بوينۇمغا ئېسىلغان پىتىچە كۆزلىرىنى يۇمۇپ،خۇددى ئانىسىنىڭ قۇچىغىدا تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بوۋاقتەك جىمجىت يىتىپتۇ. ئىككىنچى رەت ئۇنى يەنە ئاتتىم. بىراق ئۇ يەنىلا قۇچۇغۇمدا يىتىپتۇ...
ـــ_ياخشى! باسە ئاستىڭغا.
ـــ_چىڭ باس!
ـــ_ھا...ھا...ھا...
ـــ_ھى...ھى...ھى...
بالىلارنىڭ قىقاس-چۇقانلىرى بىلەن ئىسىمگە كەلدىم. قارىسام، بالىلار بىزنى بىر- بىرىگە كۆرسىتىپ، ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ، كۇسۇرلاشقىلى تۇرۇپتۇ. شۇندىلا مەن پاتىمەنى دەرھال قويىۋەتتىم. لىكىن پاتىمە قىزىل مۇچتەك قېزىرىپ، ماڭا لەغمەن چوكىسىدەك ئىنچىكە قوللىرىنى شىلتىدى:
ـــ_ھۇ يۈزى قېلىن!
مەن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي، جايىمدا ھەيكەلدەك قىتىپلا قالدىم: “توۋا، چىلىشىمەن دىگەن مەنمۇ؟ ئۆزەڭ چىلىشىمەن دەپ بىلىمنى تۇتقان تۇرۇقلۇق، يەنە مېنى تىللامسەن؟... ”
شۇنىڭدىن كىيىن، بىزمۇ دادىلىرىمىزغا ئوخشاشلا گەپلەشمەيدىغان بولدۇق.لىكىن ئۇ نىمىشقىدۇر ‹‹قاراكۆز›› دىگەن بىر ناخشىنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي ئىيتاتتى. تۇغۇلۇشۇمدىن قارامتۇل، قارا كۆز بالا بولغىنىم ئۈچۈن بەزى چاغلاردا مېنى دەۋاتامدىغاندۇ دەپ ئويلاپمۇ قالاتتىم. لىكىن ئۇنىڭ غازنىڭكىدەك ئۇزۇن ۋە ئاق بويۇنلىرىنى سوزۇپ، تاياقتەك قېتىپ يۈرگەنلىرىنى كۆرگىنىمدە، بۇنداق خىياللىرىمدىنمۇ ۋاز كىچەتتىم. بىكار قالغان چاغلىرىمدا بولسا، يەنىلا پاتىمە توغرىسىدا ئويلايىتتىم. ھەتتا چۈشۈمدىمۇ پاتىمەننى كۆرەتتىم.ئەپسۇس، ئۇ مېنى كۆرسىمۇ، كۆرمەسكە سېلىپ يۈرەتتى...
3
پاخپۇ كەنتىنىڭ ئادەملىرى تولىمۇ غەلىتە. مەسىلەن، نوپۇسى مىڭغا يەتمەيدىغان كىچىككىنە بىر كەنتتىكىلەر جەمەت، مەھەللە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك گۇروھلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەمىشە ئۆئارا پۇت تېپىشىپلا يۈرۈيدۇ. شۇڭا شاھنىياز ئاكامنىڭ ئىشلىرى بەكلا كۆپ. بىرلىرىنى ماختاپ ئۇچۇرۇپ، يولغا سالسا، بىرلىرىنى تىللاپ، قورقۇتۇپ يۈرەتتى. ئەگەر بىرەرسى مۇشت كۆتۈرۈپ، ئۇرۇشۇپ كەتسە، شاھنىياز ئاكام دەرھال ئۇلارنى ئايرىۋىتەتتى. لىكىن ئۆزئارا تىللىشىپ كەتسە، گىزىت قەغىزىگە يوغان قىلىپ ئورالغان موخۇركىسىنى چىكىپ، تاماششا كۆرەتتى. مەن بۇنى پەقەتلا چۈشەنمەيىتتىم. شۇڭا بىر كۈنى ئۇدۇللا سورىدىم:
ــ شاھنىياز ئاكا، نىمىشقا تىللاشقانلارنى ئاجراتمايسىز؟
ـــ_بىلەمسەن؟ــ_دىدى ئۇ مۈرەمگە يىنىك ئۇرۇپ قويۇپ __قاۋايدىغان ئىت چىشلىمەيدۇ. چىشلەيدىغان ئىت قاۋىمايدۇ. شۇڭا تىللاشقانلاردىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. لىكىن گەپ-سۆزسىزلا تۇتۇشۇپ قالىدىغانلار چاتاق...
ـــ قارا قۇرۇمدا قېزىل بۆرە بارمۇ؟
ــ قانداق دەيسەن؟
ــ ھىلىقى كۈنى كېچىدە بىر قېزىل بۆرىنى كۆردۈمغۇ؟!
ــ ئەخمەق بالا ــ دىدى ئۇ كۈلۈپ ــ سېرىق قانچۇق قول چىراق نۇرىدا قېزىل كۆرۈنگەن گەپ ساڭا...
ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى خىلى كۈنلەرگىچە ئويلاپ يۈردۈم. توغرا،بۆرە ھۇجۇم قىلمايدىغان چاغدا، توختىماي ھوۋلاپ چىقىدۇ. لىكىن ھۇجۇمغا ئۆتىدىغان چاغدا ئالۋاستىدەك جىمجىتلا كىلىدۇ. ئادەم دىگەن باشقا گەپ. ئۇلاردا بىر- بىرىنى چۈشۈنەلەيدىغان ئورتاق تىل، ئورتاق ھىسسىيات بار. شۇڭا ئۇلار تالاش-تارتىشلارنى ئىتغا ئوخشاش چىشلىشىپ، ئاغزى- بۇرنىنى قان قىلىشىپ ئەمەس،بەلكى ئادەمگە ئوخشاش سۆزلىشىپ ھەل قىلىدۇ...
شاھنىياز ئاكام دادامنىڭ ھەمىشە قارشى مۇقام توۋلايدىغان مىجەزىنى ياقتۇرمايىتتى. داداممۇ شاھنىياز ئاكامنى چىپىلغاق دەپ كۆزگە ئىلمايىتتى.لىكىن ئانام ئىككى ئارىدا ھېچكىمگە يامان بولمايىتتى.ئۇ دائىم شاھنىياز ئاكامنىڭ كىسەلچان خوتۇنىغا تاماق سۇنۇپ تۇراتتى. كەم سۆز، كىسەلمەن ئىنسى ئاقنىيازغىمۇ كۈنىگە بىرەر ۋاق تاماق بىرىپ تۇراتتى.ئەلۋەتتە، ئاقنىيازمۇ تاماقنى بىكارغا يىمەيىتتى. ئۇ سەتراشخانىسىدا ئادەم بولمىسىلا ئىككى-ئۈچ يۈز مىتىرچە يىراقلىقتىكى دەريادىن ئاشخانىمىزغا سۇ توشۇپ بىرىپ، ئۆزىنىڭ تاماق قەرىزىنى تۆلىگەن بولاتتى. شاھنىياز ئاكاملارنىڭ كۈل قىزى پاتىمە تاغلىق يىزىنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىۋىنى پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن كىيىن، ئىشنىڭ تايىنى يوق، بىكار قالغاچقا،پات-پات كىلىپ، ئاشخانىمىزغا قارىشىپ بىرەتتى. شاھنىياز ئاكامنىڭ بىرمۇ ئوغلى بولمىغاچقا، ماڭا بەكلا ئامراق ئىدى. دادام ئۇنىڭ ماڭا يىقىنچىلىق قىلىشلىرىغا نارازى بولسىمۇ، لىكىن ئىغىر- يىنىك ئىشلارغا قاراشقۇدەك ۋاقتى بولمىغىنى ئۈچۈن كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سىلىپ يۈرەتتى.
شۇ كۈنى مەن شاھنىياز ئاكام ۋە ئۇنىڭ كىسەلمەن ئىنىسى ئاقنىياز بىلەن بىرگە قىشلىق ئېغىللىمىزنى قۇرۇقداپ يۈرەتتۇق.
ـــ_شاھنىياز ئاكا ــ_دەپ سورىدىم مەن ــ_بۆرىلەر نىمىشقا كەنتكە كىلىدۇ؟
ئۇ قولىدىكى تۆمۈر ئارىسىغا تايىنىپ تۇرۇپ، تاشيولدا بىرىنىڭ ئارقىسىدىن بىرى ئۈزۈلمەي كىتىۋاتقان يۈك ماشىنىلىرىنى ئىما قىلدى.مەن ماشىنىلارغا قاراپ،يەنىلا ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىگىنى چۈشىنەلمىدىم. چۈنكى ماشىنىلار بۆرىلەرنى قوغلاپ كەلمەيدۇ ياكى بۆرىلەر ماشىنىغا چىقىپ كەلمەيدۇ.ماشىنا بىلەن بۆرىلەرنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى بولسۇن؟!
ـــ_چۈشەنمىدىڭما؟ـــ دىدى شاھنىياز ئاكام ماڭا قاراپ خۇرسىنىپ قويۇپ ـــ_ئاشۇ ئادەملەر قارا قۇرۇم تاغلىرىدىن رودا كولايمىز دەپ، بۆرىلەرنىڭ نەچچە ئەسىرلىك ماكانىغا بىسىپ كىردى. شۇڭا ئاچ قالغان بۆرىلەر جان ساقلاش ئۈچۈن يىزا-قېشلاقلىرىمىزغا بىسىپ كىرىشتى...
دىمىسىمۇ،كۈدە جىلغىسى زۈلمەت كىچىلەردىمۇ تىنىچسىز ئىدى. ئەگرى- بۈگرى تاغ يولىدا سان-ساناقسىز ماشىنىلار تىنىمسىز گۈكىرەپ تۇراتتى. سېرىق داۋان تەرەپتىكى كان رايۇنىدىن پات- پات قۇلاقنى يارغۇدەك پارتىلاش ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. چۆچۈپ كەتكەن سان- ساناقسىز ياۋا كەپتەرلەر ئۇۋىسى بۇزۇلغان ھەرىدەك تەرەپ- تەرەپكە پىتىراپ كىتەتتى. ئولجىلىرى يۆتكىلىپ كەتكەن يىرىتقۇچ ھايۋانلارمۇ ئاچلىق ئازاۋىغا چىدىماي، تۈن بويى ئۇياق بۇياققا سوكۇلداپ چىقاتتى. بەزىدە يىگانە ئادەملەرگە،بەزىدە قاراقسىز چارۋىلارغا ھۇجۇم قىلاتتى. شۇڭا شاھنىياز ئاكاممۇ يىغىن ئىچىپ، ھەمىشە مۇداپەئە خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ تۇراتتى. بىراق بۆرىلەر ھەممىنى كۆرۈپ تۇرامدۇ ياكى تۇغۇلۇشىدىنلا شۇنداق موللا تاپقاقمۇ، ئىشقىلىپ، مۇداپەئە كۈچەيتىلگەن، ئادەملەر ئۇخلىماي كۈزەتتە تۇرغان چاغلاردا جىمجىتلا غايىپ بولاتتى. بۇنداق چاغدا ھېچكىم بۆرە ھۇجۇمى بولىدىغىنىغا زادىلا ئىشەنمەيىتتى. ھەتتا مەنمۇ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئاشۇ قىتىمقى ‹‹بۆرە ھۇجۇمى››نى ئۇنتۇشقا باشلىغان ئىدىم.
شۇ كۈنى كەچتىكى دىجۈرنىلىك نۆۋىتى بىزنىڭ ئائىلىگە كەلگەن بولسىمۇ، لىكىن دادام قوزا چۈش (بىزنىڭ بۇ يەردە چۈش ۋاقتىنى ئىلگىرى-كىيىنلىك تەرتىۋىگە ئاساسلىنىپ، قوزا چۈش ۋە چۈش دەپ ئىككىگە ئايرىيمىز) تىلا تەڭشىلىپ قالغاچقا، ئۇنىڭ ئورنىدا مەن چىققان ئىدىم. ئانام بىچارە ھىلىقى كۈندىكى بۆرە قىرغىنىدىن بەكلا قورقۇپ كەتكەچكە، خاتىرجەم بولالماي شاھنىياز ئاكامنى ماڭا ياردەمگە چاقىرغان ئىدى. بىز ئۈچىمىز ئىشلىرىمىزنى تۈگىتىپ، قوتاندىكى قوزىخانىدا (يىڭى تۆللىگەن قويلارنى ئايرىيدىغان ئېغىل) يىتىپ قالدۇق.
سېرىق ساقال شەھنىيازنىڭ بىلمەيدىغىنى يوق ئىدى. مانا، شۇ تاپتا ئۇ تورغاي تۇخۇمىدەك سەپكۈن يۈزلۈك ئىنىسى ئاقنىياز بىلەن بىرگە، سېسىق سامانلارنى كالىنىڭ قۇرۇق تېزەكلىرى بىلەن قوشۇپلا دۆۋىلەپ چىقتى-دە، ئوت يىقىپ، جىلغىنى كۆپ-كۆك ئىسقا توشقۇزىۋەتتى. ئۇلاپلا يەنە ئاقنىيازغا يىڭىلا قوزىلىغان بىرنەچچە قوينىڭ قوزا ھەمرىيىنى يىغدۇرۇپ، جىلغىنىڭ ئات-ئىشەك داۋىنى تەرىپىدىكى يوغان قارا تاشقا قاتار قىلىپ تېزىپ قويدى. مەن ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭدىن يەنە سورىدىم:
ــ شاھنىياز ئاكا،نىمىشقا ئىس سالىمىز؟
ـــ_ئىس سالساڭ،پاشا چاقمايدۇ.
ـــ ئەمىسە نىمىشقا تاش ئۈستىگە قوزا ھەمرىيىنى تىزىپ قويىمىز؟
ـــ_بۆرىنىڭ قۇرسىقىنى تويغۇزۇپ، كەتكۈزىۋىتىمىز شۇ...
ـــ يەيدىغاننى يەپ بولۇپ، يەنە كەتمىسىچۇ؟
ـــ تاڭ يورۇسىلا كىتىدۇ.
_ـــ_ئەتە يەنە كەلسىچۇ؟
ـــ_ئۇنىڭدا تىخىمۇ ياخشى. چۈنكى بىر- ئىككى چىلبۆرىنى تۇتۇپ، تېرىسىنى تېۋىپقا، ئوشۇقىنى قىمارۋازغا ساتىمىز شۇ...
شاھنىياز ئاكامنىڭ بۇ گىپى بىلەن تاپىنىمدىن كىرگەن مىق مىڭەمدىن چىققاندەك بولدى. چۈنكى دادام قىمارۋاز، مەن دىگەن قىمارۋازنىڭ ئوغلى. لىكىن قىمار ئوينايدىغان ئوشۇقنى دادامغا شاھنىياز ئاكام بەرگەن.شۇنداق تۇرۇقلۇق، يەنە دادامنى ئەيىپلىگىنى نىمىسى؟...
شاھنىياز ئاكام مېنىڭ جىمىپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ، بايامقى گەپلىرىدىن ئۆزىچىلا ئوڭايسىزلىنىپ قالدى-دە، كۆكۈش كۆزلىرىنى ھەييارلىق بىلەن قىسىپ قويۇپ،سۆز تىمىسىنى يەنە دادامنىڭ ھېلىقى ئىچەرمەن دوستلىرىنى يۆتكىدى. مەن ئۇنىڭ دادام توغرىسىدا ئۇنى-بۇنى سورايدىغان مىجەزىنى ياقتۇرمىغىنىم ئۈچۈن قاپىقىمنى تۈرۈپ، جىمجىتلا تۇرىۋالدىم. ئۇ ئاخىرى ئادىتى بويىچە چۆچەك ئىيتىشقا باشلىدى.
مەن شاھنىياز ئاكام ئىيىتقان يالماۋۇز قىزنى خىيال قىلىپ، ئۇزاققىچە ئۇخلىيالمىدىم:”ئىھتىمال، ئۇ يالماۋۇز قىز ئەسلىدە بەكلا ئوماق بىر قىز بولغىيىتتى. لىكىن ئاچارچىلىق ۋە مۇھتاجلىق سەۋەبىدىن يالماۋۇز قىزغا ئايلىنىپ كەتكەندۇ. ئىھتىمال، ئاخشىمى ساپ-ساق ياتقان بىر قىز جىن چاپلىشىۋالغىنى ئۈچۈن بىردىنلا يالماۋۇزقىزغا ئۆزگۈرۈپ كەتكەندۇر...“. خىياللار بىلەن ئورنۇمدىن ئاستا تۇرۇپ، سېرىق قانچۇققا ئاش قۇيۇپ بەردىم.يىقىنقى بىر-ئىككى ھەپتىدىن بىرى، سېرىق قانچۇقنىڭ بوغازلىقى خىلىلا بىلىنگەن بولۇپ، بوش قويىۋەتسەممۇ، ئىزىلەڭگۈلۈك بىلەن ھەمىشە سوزۇلۇپ ئۇخلايىتتى. كۈندۈزلىرى سالپاڭ قۇلاقلىرىنى كۆكۈيۈن چېقىپ قان چىقىرىۋەتسىمۇ، ئۆلۈكتەك جىمجىتلا ياتاتتى. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇنى قوي قوتىنىغا قارايدىغان مال ئىتى دىگەندىن كۆرە، بىكارغا يەيدىغان لالما ئىت دىگەن تۈزۈك ئىدى.
شۇ كېچىسى چۈش كۆرۈپتىمەن.چۈشۈمگە شاھنىياز ئاكام ئىيتقان ھىلىقى يالماۋۇز قىز كىرىپتۇ. غەلىتە يىرى، ئۇ يالماۋۇز قىز نىمىشقىدۇر پاتىمەنىڭ سىياقىدا تۇرغۇدەك. كۆزلىرى كۆك، كىرپىكلىرى ئۇزۇن، چىرايى ئاق سېرىق... ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپتۇ. قارىسام، كۈلكىسى شۇ قەدەر يىقىملىق، چىشلىرىمۇ سەدەپتەك ئاق ھەم پاقىراق. مەن نىمىشقىدۇر ئۇنى باغرىمغا بىسىپتىمەن. ھەتتا ئاق سېرىق يۈزىنى ئالقانلىرىم ئارىسىغا ئىلىپ، تومۇچۇق باچكىسىغا دان يىگۈزگەندەك ئۇنى راسا سۆيۈپتىمەن. پاتىمە سىياقىدىكى ھېلىقى قىز نىمىشقىدۇر توختىماي كۈلۈپتۇ. كۈلگەندىمۇ، قاقاقلاپ كۈلىۋىرىپتۇ. كۈلىۋىتىپ، ھىلىقى سەدەپتەك ئاپئاق چىشلىرى تۇيۇقسىزلا ئۇزىراپ، خەنجەرگە ئوخشاش ئۇچلىنىپتۇ-دە، بىراقلا بۆرىنىڭ قوزۇق چىشلىرىغا ئايلىنىپ قاپتۇ. لىكىن بەدىنىنىڭ بىشىدىن باشقا قىسمى يەنىلا پاتىمە سىياقىدا تۇرارمىش. مەن بۆرە باشلىق پاتىمەگە قاراپ، بەكلا قورقۇپ كىتىپتىمەن. غەلىتە يىرى،پاتىمە سىياقىدىكى ھىلىقى چىشى بۆرە يەنىلا ماڭا ئەركىلەپ، سۈركىلىپ، قىپ-قېزىل تىلى بىلەن يۈز-كۆزلىرىمنى شارت-شۇرت قىلىپ يالاپ تۇرغىدەك...
ـــ_مىرئەھمەت... ھەي مىرئەھمەت!
شاھنىياز ئاكامنىڭ چاقىرىشى بىلەن چۆچۈپ ئويغاندىم.لىكىن چۈشۈمدە كۆرگەن پاتىمە سۈپەتلىك ھىلىقى چۇۋۇق چاچلىق قىز بىلەن قىلىشقان ئىشلىرىم ئىسىمگە كىلىپ، نومۇستىن يەرگە قاراپ تۇرىۋالدىم. جىمجىت تۇرغىنىمغا ئاچچىغى كەلگەن شاھنىياز ئاكام ئامبۇردەك قاتتىق قوللىرى بىلەن بۇرنۇمنى كاپپىدە تۇتىۋىلىپ، كۈچەپ سوزدى-دە، بىشىمنى زورلۇق بىلەن ئۆزىگە تارتىپ قاراتتى. شۇ چاغدا،ئۇنىڭ قولىدىكى سامان تاسقايدىغان غەلۋېرگە كۆزۈم چۈشتى. قارىسام، مۈشۈك ئارىسلىنىدەك تۆت-بەش دانە جانىۋار غەلۋېردە تىنىمسىز قىمىلداپ تۇرۇپتۇ. شاھنىياز ئاكام بۇ جانىۋارلارنى ئىما قىلىپ،ئۆزىچىلا ماختىنىپ كەتتى:
ـــ_بۆرە! توپتوغرا بەش بۆرە...
ئەسلىدە شاھنىياز ئاكامنىڭ سېرىق قانچۇقى كۈچۈكلىگەن بولۇپ، كۈچۈكلەرنىڭ غېڭشىغان ئاۋازلىرى ئۇيقىچىلىقتا بىردەم كىچىك بالىلارنىڭ يىغىسىدەك، بىردەم شاھنىياز ئاكام ئىيتقان چۆچەكتىكى ھىلىقى چۇۋۇق چاچلىق قىزنىڭ نازۇ-كەرەشمىلىرىدەك ئاڭلىنىپ، مېنى پۈتۈن بىر كېچە ئۇخلاتمىغان ئىكەن. بۇ بەش كۈچۈكنىڭ ھەممىسىلا كۈلرەڭلىك بولۇپ،ئارىدا پەقەت بىرسىنىڭلا بوينىدا ئىقى بار ئىدى. قارىماققا ئۇلاردا بۆرە كۈچىكىگە خاس ھېچقانداق ئالاھىدە بەلگۈمۇ يوق ئىدى.لىكىن قارا قۇرۇم بۆرىلىگە خاس بولغان رەڭگى بىلەن توختىماي تىترەپ تۇرغان ئۇزۇن قۇيرىقىدىنلا ئۇلارنى بۆرىگە ئوخشاتقىلى بولاتتى. ئارىدا ھىلىقى ئاق بويۇن كۈچۈك تولىمۇ جەلىپكار ئىدى. ئۇ يوغان بىشىنى توختىماي سىلكىپ، قاپ-قارا بۇرنى بىلەن سېرىق قانچۇقنىڭ ئەمچىكىنى ئىزدەيىتتى. تۇرۇپ-تۇرۇپ، ماڭا، شاھنىياز ئاكامغا، يەنە نىمىگە كۈلىۋاتقىنىنى بىلىش قىيىن بولغان ئاقنىيازغا قاراپ، دىمىقىنى بوشقىنە قېقىپ قوياتتى. بەزىدە يىنىك پىشقىرىپمۇ قوياتتى. شاھنىياز ئاكام گەپ ئارىسىدا ئۇنى ‹‹ئالا بويناق›› دەپ ئاتىدى.بۇ ئىسىم ماڭا بەكلا يارىدى. ئۇنىڭ ئىيتىشىچە، بويناقنىڭ كامشېرى بۆرە كۈچۈكلىرىنىڭكىدىن يوغان بولغىنى ئۈچۈن كىيىنچە ئىتلار ئارىسىدا قانخور، قورقۇمسىزسەركە بولارمىش. يىراق- يىقىندا ئۇنىڭغا تەڭ كىلەلىگۈدەك ھېچقانداق ئىت چىقماسمىش...
شاھنىياز ئاكام ئالا بويناقنىڭ قۇيرۇقىنى بىر قۇر سىلاپ چىققاندىن كىيىن،ئايىغىنىڭ يىپىنى سۇغۇرۇپ، قۇيرۇقىنىڭ تۈۋىدىن چىڭلا قىلىپ چىگدى. ئالا بويناق ئاغرىق سەۋەبىدىنمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ، شاھنىياز ئاكامغا قاراپ، ” خېر...خېر... “ قىلىپ، ھەيۋە قىلدى. لىكىن شاھنىياز ئاكام پەرۋاسىز ھالەتتە يەنىلا كۈچۈك قۇيرۇقىنىڭ چىگىلگەن جايلىرىنى سېلاشتۇرۇپ، نىمىدۇر بىر نەرسە ئىزدەۋاتقاندەك قىلاتتى. مەن ئۇنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي تۇرغىنىمدا،ئۇ ھەمىشە يىنىدىن ئايرىمايدىغان غېلاپلىق پىچىقىنى شارتتىدە سۇغۇرۇپ ئالدى:” نىمە قىلىدىغاندۇ ئۇ قاسساپ پىچىقىنى؟ ئەجىبا، قاق-سەھەردىلا تىرنىقىنى ئالامدىكىنە؟...“دەل شۇ چاغدا،ئۇ كۈچۈك قۇيرۇقىنىڭ ئاياق يىپىدىن چىقىپ تۇرغان قىسمىنى چىڭ تۇتۇپ، كىرىتلا قىلىپ، كېسىۋەتتى.ئاغرىق ئازاۋىغا چىدىمىغان ئالا بويناق بىردىنلا تولغۇنۇپ، شاھنىياز ئاكامنىڭ باش بارمىقىنى كاپلا چىشلىدى. ئارقىدىن قاپ-قارا قان سېرغىپ چىقتى. مەن بىردە يەرگە چۈشۈپ كەتكەن قۇيرۇققا، بىردە شاھنىياز ئاكامنىڭ قان ئېقىۋاتقان بارمىقىغا قاراپ، تىخىمۇ ھەيران بولدۇم: ”توۋا، نىمە كەپتۇ بۇنچە قىلىپ؟ ھېچبىر گۇناھى بولمىغان نارىسىدە كۈچۈكنىڭ قۇيرۇقىنى كەستى. ئۇنىڭ جازاسىغا قولىنى كۈچۈك چىشلەپ، قانغا بويىدى. ئەجەپ بىر ئىشلىرى بار بۇنىڭ؟...“شۇ خىياللار بىلەن تۇرغىنىمدا، ئۇ قان ئېقىۋاتقان بارمىقىنى ‹‹بويناق››نىڭ ئاغزىغا تىقتى. غەلىتە ئىش!ئالا بويناق خۇددى سېرىق قۇانچۇقنىڭ ئەمچىكىنى شورىغاندەك شاھنىياز ئاكامنىڭ قان ئېقىۋاتقان بارمىقىنى كۈچەپ شۈمۈشكە باشلىدى.
ـــ_ھا...ھا...ھا...، تازا قانخور بولغۇدەك بۇ كاساپەت، ھىھ.... ھىھ.... ھىھ....
شاھنىياز ئاكامنىڭ ئالا بويناقنى ئۆز قېنى بىلەن ئېغىزلاندۇرىۋاتقىنىغا قاراپ، ئويلىنىپ قالدىم: “توۋا، بىز ئادەملەر بۆرىلەرنىڭ قانخورلۇقىدىن قورقىمىز.لىكىن كۆزىمىزگە سېغمىغان، بىزنىڭ رېسقىمىزغا چاڭ سالغان ئادەملەرنى تالىتىش ئۈچۈنلا مۇنۇ بۆرە ئەۋلاتلىرىنىڭمۇ يەنىلا ئۆز ئەجداتلىرىدەك قانخور بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز. دىمەك، ئاچكۆزلىگىمىز ئۆز توپىمىزدىن ھالقىپ، يەنە ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتقا، ئىت-مۈشۈكلەرگىچە چىتىلىپ كەتتى.شۇڭا قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىز شۇقەدەر مۇرەككەپ ۋە چۈشۈنۈكسىز...”
تۇيۇقسىزلا‹‹خېر...ر...ر...›› قىلغان قورقۇنۇچلۇق ئاۋاز ئاڭلاندى. چۆچۈپ قارىسام،كۈچۈكلىرىدىن قىزغىنىۋاتقان سېرىق قانچۇق كۆزلىرىدىن ئوت چاقناتقان پىتىچە شاھنىياز ئاكامغا ئىتىلىپ كىلىۋىتىپتۇ. شۇندىلا شاھنىياز ئاكام قولىدىكى ئالا بويناقنى دەرھال يەرگە تاشلىدى. كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇرغان سېرىق قانچۇق ئالا بويناقنى كاپپىدە چىشلەپ، ئۆز ئىنى تەرەپكە ئىلىپ كەتتى. مەن سېرىق قانچۇقنىڭ بايامقى ئوت چاقناپ تۇرغان قورقۇنۇچلۇق كۆزلىرىگە قاراپ،بىردىنلا ھېلىقى كۈنى كېچىدىكى بۆرە قېرغىنىنى ئەسلەپ قالدىم. توغرا،دەل مۇشۇ كۆزلەر ماڭا شىددەت بىلەن ئىتىلىپ كەلگەن. مەن قورققىنىدىن ھۇشۇمدىن كەتكەن. دىمەك، شاھنىياز ئاكام ئىيىتقاندەك، مېنىڭ ئالدىمغا كەلگىنى قانداقتۇر بىر قېزىل بۆرە بولماستىن، بەلكى بىزنىڭ مۇشۇ سېرىق قانچۇقىمىز ئىكەن.شۇ چاغدا،سېرىق قانچۇقنىڭ ماڭا ئەركىلەۋاتقىنىنى كۆرگەن ئەركەك بۆرىلەرمۇ ئاستا- ئاستا پەسكويغا چۈشكەن. نەتىجىدە، بىر مەيدان قانلىق قېرغىنچىلىق مۆجىزىلەرچە بىسىقىپ قالغان، مەنمۇ مۇشۇ سېرىق قانچۇقنىڭ سەۋەبىدىنلا ھايات قالغان ئىكەنمەن...
ئەتىسى ئەتتىگەندە،مەن بۆرە كۈچۈكلىرى ئۈچۈن كونا كىيىملىرىمدىن كىچىك بىر گەمە ياسىدىم. ئاندىن ئاشخانىدىن ئوغرىلاپ كەلگەن قوي جىگىرىنى قۇشقاچ تېلى قىلىپ توغراپ، بىر-بىرلەپ كۈچۈكلەرنىڭ ئاغزىغا سالدىم. كىيىن ئىختىيارسىز ناخشا ئىيتتىم:
ئالتە ئاي باقتىم قويۇڭنى،
كۆرسەتمىدىڭ بويۇڭنى.
كۆرسەتمىسەڭ، كۆرسەتمە،
بۆرە يىسۇن قويۇڭنى...
تاڭ سەھەردىكى يىگانە ناخشا ئاۋۋال غېرىپ جىلغىنى، كىيىن دۈگدىيىپ تۇرغان تورغاينى ئويغاتتى. ئاخىرىدا شاقىراپ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيى بىلەن قوشۇلۇپ،ئۆزگىچە بىر كۈيكە ئايلىنىپ كەتتى...
4
شۇ كۈنى كەچكە يىقىن، يايلاقتا قورقۇنۇچلۇق بىر خەۋەر تارقالدى. ساراڭ قېتىش ئاقنىيازنىڭ ئىيتىشىچە، غىياس غېڭنىڭ 20نەچچە تۇياق قويىنى ئوغرى ئاپتۇمىش.ئەسلىدە غىياسنىڭ يايلىقى ئۇلۇق يايلاق دەرياسى تەرەپتە بولۇپ،كۈدە جىلغىسىغا ئون-ئونبەش كىلومىتىرچە كىلەتتى. گەرچە يايلاقتا 20نەچچە ئائىلىلىك چارۋىچى بولسىمۇ، لىكىن ھېچكىم ئوغرىنى سەزمەپتۇ. ھەتتا بىرەر قوي مەرەپمۇ قويماپتۇ.دالىدا ھېچقانداق تۇياق ئىزىمۇ يوقمىش.
20نەچچە تۇياق قوي دىگەن نامرات چوپانلار ئۈچۈن ئاز گەپ ئەمەس. ھېچ بولمىغاندا،بىزگە ئوخشاش چۆپچەلراق چارۋىچىلارنىڭ بىر ئېغىللىق مىلى دىگەن گەپ! شۇڭا ۋەھىمىگە چۈشكەن ئادەملەر ئاسمانغا يۇلتۇز چىققۇچىمۇ ئۆيلىرىگە كەتمەي،بۇ ھەقتە پاراڭغا چۈشكەن ئىدى.
ـــ_چوقۇم ماشىنىلىق ئوغرىلار كەلدى. بولمىسا، ئېزى قالاتتى.
ــــ_ناتايىن.
ـــ_قانداق دەيسەن؟
ـــ_ئۇلۇق يايلاقتا ماشىنا ماڭىدىغان يول بولمىسا، قانداق بارىدۇ ئۇ يەرگە؟!
ـــ_ماشىنىسىنى ئاقاز داۋاندا تاشلاپ، ئۇلۇق يايلاققا پىيادە كەلدىمىكىن دەيمىنا؟!
ـــ_پىيادە كەلسىمۇ، نە ئادەم، نە قويلارنىڭ ئىزى چۈشمىگىنى قىززىق-تە؟!
_ـــ ئالۋاستى كەلدىمۇ-يا؟
ـــ_توۋا دە، يامان بولىدۇ...
_ـــ_توۋا!
ـــ_خۇدايا توۋا...
ـــ_بىراق ئاغىنىلەر، يايلاق يىقىندىن بىرى تىنچ ئەمەس جۇما؟!
ـــ_راست،ئىتلار بەزىدە تۇيۇقسىزلا قاۋاپ كىتىدۇ.
ــــ_تۆت ئادەم مىدىرلىتالمىغۇدەك قورام تاشلار ئۆزىچىلا دومۇلاپ چۈشىدۇ تىخى.
ـــ_ غەلىتىلا ئاۋازلار ئاڭلىنىپ، كىچىدە ئادەمنى سۈر باسىدۇ...
ـــ_ئۈلۈشكۈن ئەمەت بوراننىڭ ئاپتۇۋۇزى قۇتلۇق داۋاندا بۇزۇلۇپ قاپتىكەن. ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك، ئولۇغ-ئۇششاق، توڭ-پىششىق ئوننەچچە يولۇچى ئامالسىزلىقتىن تاغنىڭ يېرىقىدا تۈنەپتۇ. كىيىن نىمە بوپتۇ دىمەمسىلەر؟ سېرىتتا بىر ئەر كىشىنىڭ ھە! ھۇ! ھە! ھۇ... قىلغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ قاپتۇ. قارىسا...
ـــ_نىمىكەن ئۇ؟
ـــ_ھەقىچان، ماشىنا ئوڭشاۋاتقان ئەمەت بوراندۇ شۇ...
ـــ_كاساپەت! كۈندۈزدە ئوڭشىيالمىغان ماشىنىنى كېچىدە ئوڭشىيالامتى؟!
ـــ_ۋاي ئىسكەتى يوق تاز!
ـــ ئاڭلىماپتىكەنسەن-دە؟
ــــ_نىمىنى؟
ـــ_قوناق تاپساڭ، غازغا بەر. تۇخۇم تاپساڭ، تازغا بەر، دىگەننى...
ـــ_ھا...ھا...ھا...
ـــ_ھى...ھى...ھى...
ـــ_ئوھۇش، جىم تۇرۇڭلار، ما گەپنى قىلغىلى قوياپ.
ـــ_توخۇدەك كەچكىچە روكۇلدىماي،دىمەمسەن تىزراق؟
ـــ_تورپاقتەك بىر ئىيىق ئىككى كۈچۈگىنى ئەگەشتۈرۈپ، ھە! دىگەندە بىشىنى ئوڭغا، ھۇ! دىگەندە بىشىنى سولغا تاشلاپ، ئۇدۇللا كىلىۋاتقۇدەك...
ـــ_ئالە شەرىڭنى!
ـــ_قاچە-قاچ!
ـــ_قاچ دەيدا ماۋۇ؟! نەگە قاچىدۇ ئۇ خالتا ئۆڭكۈردىن؟ ھەممىسىلا قورققىنىدىن سۈببىھانۇئاللاھنى تەتۈر ئوقۇپتۇ. دەل شۇ چاغدا ئەمەت بوراننىڭ كاللىسى ئىنژىنىردەك ئىشلەپ كىتىپ،ماشىنىنىڭ چىرىغىنى لاپپىدە يورۇتىپتىكەن،ئۇلار جىنغا ئوخشاش غىپپىدە يوقاپ كىتىپتۇ...
مەن گەپلىشىپ تۇرغانلارنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سىلىپ تۇرغىنىمدا، تۇيۇقسىزلا سېرىق قانچۇق كېرىشىپ قاۋاپ كەتتى. قارىسام، ئىغىل ئەتراپىدا ھېچقانداق شەپە-شىماھ يوق. ئەمەلىيەتتە،شاھنىياز ئاكام ئادەم تەشكىللەپ، ئوغرى تۇتىۋاتقان بۇ ئاي، بۇ كۈنلەردە سېرىق قانچۇق خاتىرجەم ئۇخلىسا توغرا بولاتتى. بىراق ئۇ بۆرە ئائىلىسىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئۇدۇمى بويىچە ھەمىشە كۈدۈزدە ئۇخلاپ، كىچىدە توختىماي قاۋاپ چىقىدۇ. “ساراڭ قانچۇق! قاۋىساڭ، قاۋا! كارنىيىڭ يىرتىلغىچە قاۋا. شۇ تاپتا، ساڭا قارىغۇدەك ھالىم يوق مېنىڭ. دەسلەپتە قورسىغىنى رولغا ئارتىپ قويۇپ، ماشىنا ھەيدەيدىغان ھېلىقى پور كۆتەك شوپۇرغا كاۋاپ سالدىم. كىيىن رودا كولايدىغان ھاراقكەشلەرگە چاينەك شورپىسى قىلدىم. ئاخىرىدا سۇ توشۇيمەن دەپ، دەريا بويىغا توپ-توغرا بەش قىتىم بىرىپ كەلدىم. بۇنداق جاپاغا مەن تۈگۈل،سەنمۇ چىدىمايسەن. دادامنى دەيمەن،كۈن بويى يەۋاتقان،ئىچىۋاتقان، ئەتىسى تېقىمىغا ئاپتاپ چۈشمىگۈچە سۇنايلىنىپ ياتقان. پۈتۈن سۈرۈك ئەر تۇرۇپ، ھېچ بىر ئىشقا قول تىقمىغان. باش كىسىپ بەرسەممۇ، بىرەر قوينى ئۆز قولىچە سويمىغان. كۈدە جىلغىسىدىكى بائىس نوچىنىڭ ھالى شۇنچىلىك تۇرسا، چارچىماي قالاتتىممۇ مەن؟ بولدىلا، قاۋېساڭ، قاۋا...” سېرىق قانچۇق خۇددى قىززىتمىسى ئۆرلەپ كەتكەن كىچىك بالىدەك ئاغزى بىسىقماي توختىماي قاۋاپ چىقتى. بۇ چاغدا جىلغىغا تۈن پەردىسى يىيىلغان بولۇپ، بايامقى بىكارچىلارمۇ ئۆيلىرىگە كىتىشكەن، كىچىككىنە ئۆتەڭدە كېچە جىمجىتلىقى بالدۇرلا باشلىنىپ كەتكەن ئىدى.
ـــ ھاۋ!...
سېرىق قانچۇق يەنە غېڭشىدى. توۋا، نىمانداق غېڭشىيدۇ بۇ؟ قاراپ باقايمۇ-يا؟ بىراق يەنە جىمىپ كەتتىغۇ؟ شىتىلە چوكانلار بىلەن مۇنۇ قانچۇق ئوخشىشىپ كىتەمدۇ-نىمە؟ خوشلۇقى تۇتقاندا، ئۆزىنى تۇتالماي ئوينىشىپ، پومىداقلىشىپ كەتكەن؛ بىر يەرلىرى ئاز-تولا ئاغرىپ كەتسە،چىدىماي كاڭشىپ توختىمىغان... ئىھتىمال،شۇ تاپتا كۈچۈكلىرى بىلەن يەنە تالىشىپ-چېشلىشىپ كەتكەندۇ. بولدىلا،يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن ئۇيقۇمنى بۇزماي...
تورغايلار چۇرۇلدىغاندا،ئۇيقۇم ئىچىلدى.قارىسام،ياتاق ئۆينىڭ ئىچىمۇ خىلىلا يورۇپ قاپتۇ. شۇڭا ئادىتىم بويىچە قوتانغا قويلرىمنى يوقلىغىلى باردىم. بىراق مال توپىدىكى قاشقا تېكىگە قاراپلا ھەيران قالدىم. چۈنكى ئۇ شۇ تاپتا ئۇ يىرتقۇچ بۆرىنى كۆرگەندەك ئالدى پۇتلىرىنى يەرگە كۈچەپ ئۇرۇپ، قۇلاقلىرىنى شىڭتايتىپ، ماڭا غەلىتىلا قاراپ تۇراتتى. ئۆزەم بىر قوللۇق بىقىپ كىلىۋاتقان پادىلىرىمنىڭ تۇيۇقسىزلا ياتسىراپ قالغىنى ئۈچۈن ئىختىيارسىز ھالدا دېلىم غەش بولدى. شۇنداقتىمۇ بىرنەچچە باغلام قۇرۇق بېدە ۋە پاخالنى ئېغىلغا قارىتىپ پىقىرىتىپ ئاتتىم-دە،ئاشخانىدىن ئالغاچ كەلگەن ئېشىندى تاماقنى كۆتۈرۈپ، سېرىق قانچۇقنىڭ يىنىغا كەلدىم. لىكىن ئىت يالىقىغا قاراپلا چۆچۈپ كەتتىم. چۈنكى ئارقا پۇتىدىن قان تېمىپ تۇرغان ئالا بويناق ياغاچ يالاق ئىچىدە سوزۇلۇپ ياتاتتى.
ئۇ بوشقىنا تىترەپ تۇراتتى. سېرىق قانچۇق بىلەن باشقا كۈچۈكلەر نىمىشقىدۇر كۆرۈنمەيىتتى. قوتاننىڭ ئەتراپىغا تەپسىلى چىقتىم.بىراق ئۇلار يەنىلا تىپىلمىدى. قان ئىچىدە بوشقىنا غېڭشىپ تۇرغان ئالا بويناققا قارىغانسىرى بەدىنىم تىكەنلىشىپ، ئىچىمگە بىر خىل ۋەھىمە كىرىۋالدى. چۈنكى مال ئىتلىرىنىڭ ھەممىسى يازلىق يايلاقتىكى چارۋىلارنىڭ يىنىدا بولغاچقا، پۈتۈن كۈدە جىلغىسىدىمۇ سېرىق قانچۇققا چىقىلالايدىغان بىرەرمۇ ئىت قالمىغان ئىدى. بۆرە ياكى ئىيىق بولۇشى تىخىمۇ مۈمكىن ئەمەس. چۈنكى چوپانلارنىڭ قوغلاپ يوقۇتۇشلىرى سەۋەبىدىن بۆرە-ئىيىقلار كۈدە جىلغىسىدىن ئاللىقاچان يوقالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، راستىنلا بۆرە كەلسىمۇ، بۇنداق ئاۋاق كۈچۈكلەرنى ئەمەس، بەلكى ئېغىلدىكى سىمىز پاقلانلارنى تاللاپ يەيىتتى.
ئىشەك- ئات داۋىنى تەرەپتىكى ۋاننا ئورىكىدىن سېرىق قانچۇقنى تاپتىم. كارنىيى ئۈزۈۋىتىلگەن سېرىق قانچۇق ئاللىقاچان سەكراتقا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، گىلىدىن توختىماي خات-خۇرت قىلىپ ئاۋاز چىقىپ تۇراتتى. بوينىدىكى ئۇيۇپ قالغان قاپ-قارا قانغا بىر توپ چېۋىنلار قونىۋالغان بولۇپ، تىنىمسىز ھالدا گاژ-گۇژ قىلىپ ئاۋاز چىقىرىپ تۇراتتى. مەن تۇرغۇزۇش ئۇچۇن سېرىق قانچۇقنى ئاستا يۆلىدىم. بىراق ئۇ زەردە بىلەن بىلىگىمنى كاپپىدە چىشلىدى-دە، بوشقىنا سىلكىپ،بىراقلا بوشاپ كەتتى...
سېرىق قانچۇقنىڭ ئۆلۈمىدىن كىيىن،كاللامدا نۇرغۇن گۇمانلىق سۇئاللار پەيدا بولدى. چۈنكى بوينىدىكى ئۆتكۈر قوزۇق چىشلارنىڭ ئىزلىرى، ئۇنىڭ ياۋايى قانخورلار تەرىپىدىن قالدۇرۇلغان جاراھەت ئىكەنلىگىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى.لىكىن ئەقىلگە سىغمايدىغان بۇ قونخورلۇق ئۈچۈن ئۆز-ئۆزەمگە توختىماي سۇئال قوياتتىم:” ئۇ قانخور زادى قانداق نەرسە؟ نەدىن كەلگەن؟ نەگە كەتتى؟...“ بۇلارنىڭ ھەممىسى خۇددى ئۇلۇغ يايلاق دەرياسىدىكى تۇتۇلمىغان قوي ئوغرىلىرىغا ئوخشاشلا چوپانلار ئۈچۈن يەنە بىر يىشىلمىگەن سېر ئىدى.
5
يايلاقتا ئەزەلدىن ئوغرى بولمايدۇ. چۈنكى ساناقلىقلا ئادەم بار بۇ خىلۋەت ماكاندا بىرلا قىتىم ئوغرىلىق قىلغان كىشى ئۆچكىنىڭ ئەۋرىتىدەك بىر ئۆمۈر چىقىپلا قالىدۇ. ئۇ چاغدا ھالىغا ۋاي! بالىلىقتا بالا ئوغرى، ياشلىقتا ياش ئوغرى،قېرىلىقتا قېرى ئوغرى! ئىشقىلىپ، بويىنى يۈز قىتىم سۇغا سالسىمۇ، يەنىلا بىر ئۆمۈر ئوغرى. شۇڭا بىر بولسا، بېشى چۈشكەن جايلارغا كىتىشى كىرەك. بىر بولسا، ئۆلۈپلا قۇتۇلۇشى كىرەك. بولمىسا، ئىت- ئىشەكنىڭ كۈنىنى كۆرىدۇ.
غىياس غېڭنىڭ قويلىرى يوقالغاندىن كىيىن،يىغىن ئىچىلىپ، جىلغىنىڭ مۇداپەئە خىزمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ھەممىلا قوتانلارنىڭ ئەتراپىغا قېسماق قۇيۇلدى.ئوۋ ئىتلىرى باغلاندى.چوپانلار تۆمۈر نەيزىلەرنى ياساپ، قوتاندا نۆۋەتچىلىك قىلىشقا بەلگۈلەندى. جىلغىدىكى مۇھىم يول ئىغىزلىرىغا قېزىل يەڭلىك تاقىغان خەلق ئەسكەرلىرىدىن پوست قويۇلۇپ، يوچۇن ئادەملەر بىر-بىرلەپ، تەكشۈرۈلدى. شاھنىياز ئاكام پوستتا تۇر دىسىلا، دادامنىڭ جىدەل تېرىيدىغىنىنى بىلگەچكە،قۇلاق يوپۇرۇپ، باشقىلارنى سۈيلەشكە كىرىشتى.لىكىن ئۇلۇق يايلاققا ئوغرى تۇتۈشقا بارىدىغان خەلق ئەسكەرلىرى مىڭىش ئالدىدا، ئاشخانىمىزنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، تەبىئىلا دەرت-تۆكۈپ،بەس سېلىشقا باشلىدى:
ـــ_ھەي بائىس نوچى، سېلىمۇ ئەركەك بولغاندىكىن، ئوغرى تۇتقىلى بىرىشىڭلار كىرەكقۇ؟!
ـــ_شۇ ئەمەسمۇ؟ بىر-ئىككى كۈن ھە-ھۇ قىلىشىپ بەرسە، يامان بولامدۇ؟!
ـــ_ئاز دىگەندىمۇ بىر ھەپتە ياتسۇن!
ـــ_بىر كۈن ياتسىمۇ مەيلى.
ـــ_ئۇ ياتمىسا، بىزمۇ ياتمايمىز.
ـــ_شۇ ئەمەسمۇ؟! بىزنىڭ مۇشۇ بائىستىن نەرىمىز كەم زادى؟
ـــ_كەم يىرىمىز خىلى بار!
ـــ_مەسىلەن؟
ـــ_ھاراق ئىچىپ، قارا تاشتا ياتالامسەن؟
ـــ_دەتتىكام! دەپ،توككىدە ئاتالامسەن؟
ـــ_ھا...ھا...ھا...
گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە،خىلىدىن بىرى پەرۋايىغا ئالماي ئولتۇرغان دادام بىردىنلا ۋاقىراپ كەتتى:
ـــ__ھەي نائىنساپلار، يايلاق ئۈلەشتۈرگەندە، چارۋىسى ئاز دەپ تىخى بېرىشمىدىڭ. ئەمدى بولغاندا، يەنە نىمەڭگە زەدەك قېرىيسەن؟! تولا ئاغزىمنى تاتىلاشماي، ئىشىمنى قىلغىلى قويۇشقىنا مېنى...
ـــ_نىمە ئىشىڭلا بار بائىس نوچى؟
ـــ_ بىلمەمسەن ياكى بىلمەسكە سالدىڭمۇ؟
ــــ__كەنت بويىچە ئوغرى تۇتقىلى بارىدىغىنىمىزنى، كىچە- كىچىلەپ جاپا تارتىدىغىنىمىزنى بىلىمىز، لىكىن بائىس نوچىنىڭ بۇ يەردە قىلىپ، بىز بىلەن بىللە بارمىغۇدەك بىرەر جىددى ئىشى بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمىز...
ــــ_بوپتۇ ــ دىدى دادام چوپانلارنىڭ ئالدىغا دىۋەيلەپ ــ سىلەر سورىغاندىكىن،دىمىسەم بولماس. مەن بارغۇ، سىلەر ئۇلۇق يايلاققا كەتكەندە، ئۆيۈڭلارنى نۆۋەت بىلەن يوقلايمەن. قانداق، ئەمدىغۇ بىلگەنسىلەر؟!
تاغلىقلار پاكىزلىقنى، ئۆزلىرىگە ئاش-ئوزۇق بەرگەن تۇپراقنى، ئۆزىگە تەئەللۇق مىھرى- مۇھەببەتنى ھەممىدىن بەك قەدىرلەيدۇ. شۇڭا يايلاققا قالايمىقان كۈل- ئەخلەت تۆكمەيدۇ. تۈكۈرمەيدۇ، تاھارەت قىلمايدۇ. ئۆزلىرى قەدىرلەيدىغان نەرسىلەرنى قوغداش يولىدا قان تۆكۈشتىنمۇ يانمايدۇ. شۇڭا ئۆزەمچىلا قورقۇپ قالدىم. لىكىن ئويلىغىنىمنىڭ ئەكىسچە،چوپانلار دادامغا قول سالماي، نىمىشقىدۇر ھەدەپ تىللاشقا باشلىدى:
ــــ ھۇ توخۇنىڭ پوقى! لەنەت ساڭا.
ــــ_ھۇ ئانىسى يالىمىغان سوقچى قوزا...
ــــ_ھۇ ئادەم بولمايدىغان جوھۇت!
ــــ_ھۇ ئىشەك سۈيدىكىدە ئەقلى كۆيگەن دۆت...
مەن شۇندىلا شاھنىياز ئاكامنىڭ‹‹ قاۋىغان ئىت چىشلىمەيدۇ. چىشلەيدىغان ئىت قاۋىمايدۇ›› دىگەن گىپىنىڭ توغرىلىقى بىلدىم. لىكىن كىشىلەر ئارىسىدىن شاھنىياز ئاكامنى كۆرۈپلا قورقۇپ قالدىم. چۈنكى ئۇنىڭ كۆزلىردىن بىر خىل غەزەپلىك، مۇدھىش ئۇچقۇنلار چاقنايىتتى. پۇتلىرى تىنىمسىز يۆتكىلىپ تۇرسىمۇ، لىكىن ئۇ ئوۋغا تاشلىنىش ئالدىدا تۇرغان بۆرىگە ئوخشاش كۆزلىرىنى قورقۇنۇچلۇق چەكچەيتىپ، تۇراتتى.
جىددى پەيىتتە، يەنىلا ئانام ئارىغا چۈشتى:
ــــ_رەنجىمەڭلا تۇققانلا، ئۇ ئەسكىنىڭ ئاغزى ئەزەلدىن شۇنداق سېسىق. لىكىن گىپىنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق تىگى بار. بىرى، دۇكانغا يىتىشەلمەي قىلىۋاتىمەن.يەنە بىرى، مۇشۇ بىر- ئىككى كۈن ئىچىدە ئۇنىڭ ھېلىقى شوپۇر ئاغىنىلىرى كەلمەكچىدى...
ئانامنىڭ بۇ ياغلىما گەپلىرى بىلەن ئاچچىقتىن ئاران تۇرغان چوپانلار ئاستا-ئاستا بىسىقىپ قىلىشتى.لىكىن شاھنىياز ئاكام ئۇلۇق يايلاققا ماڭىدىغان چاغدا، مېنىڭدىن نىمىشقىدۇر غەلىتىلا بىر گەپنى سورىدى:
ــــ_مىرئەھمەت، ئاناڭنىڭ دىگەنلىرى راستمۇ؟
ــــ_قايسى گەپنى دەيسىزكىن -تاڭ؟
ــــ_داداڭنىڭ ئاغىنىلىرى كىلىدىغان گەپچۇ؟
كىلىدۇ دىسەم، چاشقاننىڭ كاماردىن قاچان چىقىدىغىنىنى بىلگىلى بولمىغاندەك، ئۇ ھاراقكەش شوپۇرلارنىڭمۇ كۈدە جىلغىسىغا قاچان كىلىدىغىنىنى بىلگىلى بولمايىتتى.كەلمەيدۇ دىسەم،شاھنىياز ئاكام دادامنى ئوغرى تۇتۇشقا سۆرەپ ماڭاتتى. ئۇ چاغدا ئەمدىلا بىسىققان جىدەل يەنە باشلىناتتى. شۇڭا تۈكنى يىتىشىغا سىلاپلا گەپنى تۈگەتتىم:
_ــــ راست...
شاھنىياز ئاكام ئىختىيارسىز ھالدا ئالقىنىنى بىر-بىرىگە سۈركەپ، ئۇياق- بۇياققا ماڭدى. مەن ئىچىمدە ئۇنى ئالدىيالىغىنىم ئۈچۈن راسا كۈلدۈم. بىراق“ئون كۈلكىگە بىر يىغا”دىگەندەك، مۇشۇ گەپلىرىم ئۈچۈن ئاخىرىدا نۇرغۇن خاپىلىققا قالدىم.
6
دەرۋەقە، دادامنىڭ ھېلىقى شوپۇر ئاغىنىلىرى ئىككىنچى كۈنى كەچتىلا يىتىپ كىلىشتى. كەلگەندىمۇ،ئاسماندىن چۈشكەندەك بىراقلا كەلدى.
ــــ_قانداق بائىس نوچى__دىگىنىچە قۇچاق ئاچتى گەپ خالتىسى زىلالىدىن ئاكام ـــ_ياخشى تۇردۇڭمۇ؟ خوتۇن-بالاڭ، موزاي-كالاڭ ساق-سالامەتمۇ؟ ئىنشائاللا، مەنمۇ ساق، بۇمۇ ساق، ئۇمۇ ساق،بىز ھەممىمىز ساپ-ساق. سىچۇەنخادىن چىققاندا، جاھان تىنچ، ئەل ئامان،مازار يولى تىك داۋان، كۈدە يولى بەك راۋان ئىدى. ۋادەررىخا، سېرىق داۋانغا كەلگەندە، يامغۇر يىغىپ، تاغ گۆمۈرلۈپ، يول ئېتىلگىنىدىن خەۋەر كەلدى. شۇنىڭ بىلەن، خولۇم-خوشنا،ھەقەم-سايە، كونا-يىڭى ئۈچ ئاغىنە ئۇدۇللا كەلدۇق دىگىنە بۇ يەرگە. قەدەم يەتتى، بالا يەتمىسۇن، قۇت-بەرىكەت نېرى كەتمىسۇن،ئوۋمىن، ئاللاھۇ ئەكبەر...
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، تاغۇ-تاشلار سېرىق داۋاننىڭ يولىغا ئەمەس،مېنىڭ بىشىمغىلا چۈشكەندەك بولدى. چۈنكى بۇ تەرەپلەردە يول بىرلا بۇزۇلسا، كەم دىگەندىمۇ ئۈچ-تۆت كۈنگىچە ئەسلىگە كىلەلمەيىتتى. بۇنىڭدا ئۇلار ئۈچ-تۆت كۈنگىچە بىزنىڭ ئۆيدىلا تۇراتتى-دە، دادام بىلەن ئانامنىڭ ھاراق سەۋەبىدىن پەيدا بولغان كونا جىدىلى يەنە باشلىناتتى. ئۇ چاغدا ھالىمغا ۋاي! ئۆيدە ئاتا-ئانا جىدەللەشسە، ئازاپنىڭ ھەممىسى بالىغا. ھاي دىمىسەڭ،ئۇۋاڭ بۇزۇلغان، ھاي دىسەڭ، سەندەك كىچىك بالىنىڭ گىپىنى ھېچكىم ئاڭلىمىغان. ئۇ چاغدا، يىتىم بالىدەك بىر بۇلۇڭدا شۈمشىيىپلا ئولتۇرغان. نوچىنىڭ كۈلكىسى، پوچىنىڭ يىغىسى كاللا-مىڭەڭنى يەپلا كەتكەن. بۇ سەتچىلىكنى ئاڭلىغانلار ئادەم قويماي، ھەممىسىگە دەپ كەتكەن...
شۇ كۈنى كەچتە ئىچكۈلۈك سورۇنى يەنە باشلاندى. بۇنداق سورۇنلار ئادەتتە كەچلىك تاماقتىن كىيىنلا باشلناتتى-دە،يىرىم كىچىگىچە داۋام قىلاتتى.سورۇننىڭ دەسلىپى ھاراقتا،ئوتتۇرىسى ناخشا- ئۇسسۇلدا، ئاخىرىسى قىماردا قىززىيىتتى. قىمار بىرلا باشلانسا، تاكى بىرەرسىنىڭ يانچۇقى قۇرۇقدالمىغۇچە توختىمايىتتى. ئۇتقانلار ئاللاكىملەرنى ‹‹پىت!›› ‹‹قەلەندەر!›› دەپ تىللايىتتى. ئۇتتۇرغانلار ھازىدار ئادەمدەك ھۆكۈرەپ يىغلايىتتى. بۇنداق چاغلاردا ئادىمىگەرچىلىگى بار ئادەم يەنىلا مېنىڭ دادام بولاتتى.چۈنكى ئۇ مەرتلىك مەيدىسىگە ئۇرۇپ، ئۇتتۇرغانلارنىڭ يانچۇقىغا ئاز-تولا پۇل تېقاتتى-دە، جىدەلنى بىسىقتۇراتتى. پۇلنىڭ بىر ئۇچى بىلەكتە،بىر ئۇچى يۈرەكتە. گەرچە ھەممىسى ‹‹دەتتىكام!›› دەپ مەيدىسىگە گۈپ - گۈپ قىلىپ ئۇراتتى - يۇ، ئۇتسىمۇ، ئۇتتۇرسىمۇ، ئوخشاشلا باش چايقىشىپ، ھېكىمگە ئىلتىپات قىلمايىتتى. بۇنداق چاغلاردا ئۇيقۇم كەلگىنىدىن ئاچ بۆرىدەك ھاپ- ھاپ قىلىپ، ئەسنەپ چىقاتتىم. بىراق بۇنىڭ بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق. مانا، شۇ تاپتا زىلالىدىن ئاكام ئادىتى بويىچە دۇتتارنى سازلاپ، ناخشا باشلىدى:
گۈل مىدىڭ ساچىلغىلى،
غۇنچە مىدىڭ ئاچىلغىلى؟
ۋەدىمىز شۇنداقمىدى،
ئۆلمەي تىرىك ئايرىلغىلى؟
ئالتۇن تارتايمۇ؟
يامبۇ تارتايمۇ؟
كەلمەي يەنە كەلدى دەپ،
ئۆزەمنى ئاتايمۇ؟...
زىلالىدىن ئاكام ئادەتتە لەتىپىسىنى بىرلا باشلىسا، بىرىنىڭ ئارقىسىدىن بىرىنى ئىيتىپ، كېچىنى تاڭغا ئۇلاپ، ئادەمنى ئېڭىكى چۈشۈپ قالغۇدەك كۈلدۈرۈپ چىقاتتى.ئۇنىڭ ئىيتىشىچە، ئاۋۇ ئەسئەت دىگىنى سىچۇئەنخادىكى بىر قىتىمقى قىماردا زاڭزۇلارغا ھەممە دەسمايىسىنى ئۇتتۇرىۋەتكەندىن كىيىن، ئۇلارنى مەست قىلىۋىتىپ، يانچۇقلىرىنى قىسىپ تارتىپ، ئۇتتۇرىۋەتكەنلىرىنىڭ ھەممىنى قايتۇرىۋاپتۇ-دە، كېچىلەپ شىنجاڭغا قاراپ قىچىپتۇ. ‹‹لاخشىگىر›› دىگەن لەقەم شۇنىڭدىن كىيىنلا ئۇنىڭغا سىڭىپ قاپتۇ. لاخشىگىرمۇ ناخشا ئىيتىپ، دۇتتار چالاتتى. بەزىدە ھاراقنىڭ كەيپىگە تايىنىپ، ئەڭ ئەپسانە ۋە لاۋۇزا چاقچاقلارنى قىلاتتى.بۇنداق چاغلاردا مەن قاچىدىغانغا يەر تاپالماي قالاتتىم. شۇنداقتىمۇ،ئەسئەت بىلەن زىلالىدىن ئاكام ناخشا بىلەن چاقچاقتا بىر-بىرىگە ماسلىشىپ،ھەممە كىشىنى كۈلدۈرۈپ، بۇ خىلۋەت قونالغۇنى قىززىتىپ تۇراتتى.
ــــ_قىنى، ئەسئەت ئۇكا_ـــ_دىدى زىلالىدىن ئاكام دۇتارنى ئۇنىڭغا تەڭلەپ__سورۇننىڭ ئوتى ئۆچكۇچە، بىر-ئىككى پەدە چۇخچىلاپ تۇرايلى.
ـــ_نىمە دەۋاتىسىلەر زىلالىدىن ئاداش_ـــ_دىدى دادام پىيالىگە ھاراق قۇيۇپ_ـــ قانداق ئوتكەن ئۇ كۆيمەي تۇرۇپ ئۆچكىلى؟ ئاۋۋال ئەسئەت ئادىشىمغا بىرنى تۇتىمەن. ھە مانا،مانا... بىلىق كۆزى! قېنى خوش...
ـــ_نىمىگە خوش دەۋاتىسەن بائىس نوچى؟ بىزنى بۈگۈنلا كەتسۇن دىمەيدىغانسەن؟
ــــ_يا...ياق! ھاراققا خوش، ھاراققا.
ـــ_قۇرۇقلا خوشما؟ بىر-ئىككى ئىغىز بىيىت-پىيىتلىرىڭ يوقمۇ ماندا؟
ـــ_بار، ئەسەت ئاغىنە. قېنى، ئاڭلاپ تۇر-ھە؟ خوش كەتتى، كۆڭۈل كەتتى، كۆڭۈل بىرلە، دۇتتار كەتتى.سىز دوستلارنىڭ ھۆرمىتىگە، بىر پەدە ئۇسۇل كەتتى. خوشە!
ــــ_خوش!
ـــ_خوش...
مەستلەرنىڭ قىقاس-چۇقانلىرى ئىچىدە،قۇلاقلىرىم چۇڭۇلداپ كەتتى. زىلالىدىن ئاكام دادامنىڭ بىيىتلىرىنى ئالقىشلاپ،قېرى خورازدەك تېقىمىغا ئۇرۇپ، سەت چىقىرايىتتى. يىنىدىكى يىڭىدىن قوشۇلغان ئاۋاق شوپۇرمۇ باش بارماقلىرىنى چىقىرىپ،‹‹قالتىس!›› ‹‹ قالتىس!›› دەپ ۋاقىراپ قوياتتى.
زىلالىدىن ئاكامنىڭ زورى بىلەن لاخشىگىر دۇتتارنى باشقىدىن سازلىدى-دە، يىڭى بىر پەدىگە چالغىلى تۇردى:
ئالىيغا چىقاي دەيمەن،
مەنزىلىم يىراق،يارىم.
مەن كۈدىگە يانغۇچە،
كۆيدۈرەر پىراق، يارىم.
باغ سالدىم،ئانار سالدىم،
كۆرۈپ قويسىلا، يارىم.
يۈرەككە ئوتنى سەپ قويلا،
سۆيۈپ قويسىلا، يارىم.
ئۇنداق دىمىسلە يارىم،
مۇنداق دىمىسلە يارىم...
رېتىمى تىز ۋە جۇشقۇن، پەقەت ئۇسۇل ئۈچۈنلا ئىيتىلغاندەك شوخ ۋە ئويناق ناخشا ساداسى بىلەن تەڭلا دادام قاس چىقىرىپ ئۇسۇلغا چۈشتى. لىكىن مېنىڭ پىكىر-خىياللىرىم پۈتۈنلەي چىچىلىپ كەتتى. “لاخشىگىر نىمىشقا بۇنداق لاۋۇزا ناخشا ئىيتىدۇ؟ ئەجىبا، كۈدە ئۆتىڭىدە ئۇنىڭ بىرەر سۆيگۈنى بارمىكىنە؟” لىكىن دادام توختىماي قاقاقلاپ كۈلەتتى.ئانام بىچارە تىخىچە مەستلەرنىڭ پىيالىلىرىغا چاي قۇيۇش بىلەن ئاۋارە ئىدى.كىينچە شۇنى سەزدىمكى، دۇتتارنىڭ قۇلىقىنى ھېلى چىڭىتىپ، ھېلى بوشىتىپ تۇرغان لاخشىگىر ئەتەي ھاراقتىن ئۆزىنى تارتىپ تۇراتتى. دادام ئۇنى پات-پات ھاراققا زورلايىتتى.لاخشىگىر يەنىلا ‹‹سەل تۇرۇپ...››دىگەن مەنىدە بىشىنى چايقايىتتى. بىر چاغدا زىلالىدىن ئاكام تېرىكىپ كەتتى:
ـــ_غېلجىڭ خوتۇندەك نىمە نازلىنىۋېرىسەن ئۇكاموي؟ بىز ئاغىنىمىز بائىس بىلەن ئۈلپەتچىلىك قىلغىلى ئىككى يىلدىن ئاشتى. كىم كۆرگەن ئۇنىڭ بۇنچە خوش بولغىنىنى؟ مەنمۇ؟ سەنمۇ؟ ئۇمۇ؟ ياق، ھېچكىم كۆرمىگەن. بىراق ئۇ بۈگۈن بەكلا خۇشال. چۈنكى بىز دىگەن قىيامەتلىك دوست! شۇڭا دەيمەن، ئادەمنىڭ ئىچىدە ئادەم بار. ئىنسانچىلىقتا ھۆرمەت بار، ھۆرمەت...
بۇ گەپ بىلەن تەڭلا ياندىكى ۋېجىك شوپۇرمۇ خەنزۇچە ئارىلاشتۇرۇپ، ۋاقىراپ كەتتى:
ـــ_ئاز-تولا يول قويدى،بولمىسا،ھەيدىلەتتىڭ سورۇندىن!
ـــ شۇ ئەمەسمۇ؟ نىمانداق قىلىدۇ ماۋۇ شادىپاچاق خۇنەنجى؟!
ـــ_ئىچە لاتا!
ـــ_ئىچە ماز...
تېل-دەشناملار ۋايىغا يەتتى. لاخشىگىر غېڭ قىلماي،رومكىنى ئالدى-دە،يەنە ئەزمىلىك قىلىشقا باشلىدى:
ـــ_يەۋاتىمىز. ئىچىۋاتىمىز. سىلەرنى يەتكۈچە ئاۋارە قىلىۋاتىمىز. پۇل بەردۇق دىگەندىمۇ، چوققىسىغا قارىساڭ، تۇمىقىڭ يەرگە چۈشىدىغان بۇنداق تاقىر تاغدا نىمە كىلەتتى شۇ ئىككى-تۆت تال پۇلغا؟! لىكىن زە، بۇ يەردە ئاغىنىمىز بائىس بار،يەنە چىنارخان... ياق! بىزنىڭ شەخسى يەڭگىمىز چىنارخان بار. شۇڭا قوساق توق، كۆڭۈل شوخ. ھېچنىمىدىن غىمىمىز يوق. بوپتۇ، بۈگۈن ئاغىنەم بائىسنىڭ قولىدىن ئۆپكە چىلىشقۇچە راسا بىر ئىچەي...
ئەگەر شاھنىياز ئاكامنىڭ قىزى پاتىمە بولمىغىنىدا، ئانام مىھمانلارنى كۈتۈشكە يىتىشەلمەي قالاركەن. شۇ تاپتا پاتىمە تەييارلىغان قورۇمىلار ئانامنىڭ قولى بىلەن مىھمانلارنىڭ ئالدىغا ئۇدۇللۇق توشۈلۈپ تۇراتتى. ھاراقنىڭ پۇرىقىدا تەم سەزگۈسىنى يوقاتقان ئىغىزلار تىنىمسىز ماچىلداپ تۇراتتى. غەلىتە يىرى، قوناق شىخىدەك ئارانلا تۇرىدىغان ئەسەت لاخشىگىر پات-پات كۆزلىرىنى ئوغرى مۈشۈكنىڭكىدەك ئالاق-جالاق قىلىپ، سورۇندىن ياكى سېرىتتىن قانداقتۇر بىر نەرسىنى ئېزدەۋاتقاندەك قىلاتتى. مەنمۇ سەللا بىخەستىلىك قىلسام، ئۇ بىرەر قىممەتلىك نەرسەمنى ئوغرىلاپ كىتىدىغاندەك ئۇنىڭغا مىقتەك تىكىلىپ تۇراتتىم. بىراق دادام بۇ ئىشلاردىن بىخەۋەر ئىدى.ئەسئەت بولسا، رومكىنى قولىغا ئىلىپ،ئەتەي ۋاقىتنى سوزۇپ، باشقىلارنىڭ پاراڭغا چۈشۈشىنى كۈتەتتى. باشقىلار ئەمدىلا پاراڭغا چۈشكەندە، ئۇ بار ئاۋازى بىلەن ‹‹خوشە!›› دەپ ۋاقىراپ قوياتتى-دە،رومكىنى ئاغزىغا توغرىلاپ،ھەممە ھاراقنى گىلىغا قارىتىپ كوررىدە تۆكەتتى. ئاندىن سەسكىنىپ تۇرۇپ، چاي پىيالىسىنى لىۋىگە چىڭ باساتتى. بىراق بۇ چالا مەست كىشىلەر ئۇنىڭ ھاراق ئىچكەنلىگىنى ياكى ئىچمىگەنلىگىنى پەقەتلا بىلمەيىتتى...
ـــ_ھوۋ...ھوۋ...
داۋامى بار:
|