كۆرۈش: 1243|ئىنكاس: 3

داۋۇت دىڭ قۇلاق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 636
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2398
تۆھپە : 234
توردا: 1300
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-12

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 10:24:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋۇت دىڭ قۇلاق



(پوۋېست)



ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت





ئۇ ئەللىك مىڭ كوي پۇل تاپتى.

ئەمما ئۇ ئەللىككىچە سانىيالمايتتى.

شۇڭىمۇ كىشىلەر:«ھە، ئېزىقماي، دۇدۇقلىماي 50 كىچە ساناپ بەرسەڭ 10كوي پۇل بېرىمەن» دەپ ئۇنىڭغا بەس سېلىشاتتى.

ئۇ بولسا بۇ سۆزلەرگە كۈلۈپ قويۇپلا ئارتۇقچە سۆز قىلمايتتى.



1. ئۇ

پۈتۈن يېزا خەلقىگە ئايانكى، پۈتكۈل يېزا بويىچە ئىككى كىشى ئالاھىدە كىيىنىپ يۈرىدۇ. بىرى، يېزا باشلىقى، يەنە بىرى بولسا ئۇ. يېزا باشلىقىنىڭ قانداق ئېسىل كىيىنىدىغانلىقىنى دېمىسەكمۇ، بۇ زامانغا نىسبەتەن ئويلاپ يەتكىلى بولىدىغان ئىش. شۇڭا بۇنى يېزىش ئارتۇقچە. ئۇچۇ؟ پۇتىغا قونچىلىق سېرىق چوخەي كىيىدۇ. بۇقۇچىنى خۇددىي ئۆزىنىڭ روھىي دۇنياسىدەكلا چىڭ بوغۇپ چىگىۋالغان، كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولۇپ قالغان، پەقەت ئەمگەك ئۈچۈنلا تىكىلگەندەك بولۇپ كەتكەن ئىشتان. ئۈستىدە تۆت يانچۇقلۇق كونىرىغان چاپان، ئەمما بۇ يانچۇقلاردا يا پۇل، يا تاماكا قەغىزى يوق. ياكى بىرەر ـ يېرىم تال ئۈزۈممۇ سېلىنمىغان. چاپاندا يانچۇقنىڭ بار ـ يوقلىقى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەھمىيەتسىزدەكلا.

ھالبۇكى، ئادەمنى بەكرەك قىزىقتۇرىدىغىنى، ئۇنىڭ باش كىيىمى. ئۇ نەدىن تېپىۋالدىكىن، بېشىغا قىشمۇ ـ ياز «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدىكى ئىسيانىلار كىيىدىغان سېرىق شەپكە كىيىۋالىدۇ. كەنتتىكىلەرنىڭ ئىچى پۇشىدىغان، قىزىقىدىغان ئىشمۇ مۇشۇ. دېمىسىمۇ راست، بۇ يىللاردا كىممۇ ئۇنداق شەپكىنى كىيىپ يۈرىدۇ دەيسىز؟ شۇنداق بولغاچقا كىشىلەر ئۇنىڭ شەپكىسىگە ھەيران بولۇپ قارىغىنىچە:«ئەتىراپقا بېقىپ يا دۇپپا، يا كەپكە كىيسىچۇ؟» دېيىشىپ كېتىدۇ. ئەمما، ھېچكىم ئۇنىڭغا بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىپ بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار بىر جۈپ قەھىرلىك كۆزنى ھەرگىز ئۇنتىيالمايدۇ.

قايسى يىلى قۇربان ھېيتتا ئۇ ھېيت نامىزىغىمۇ شۇ شەپكىسىنى كىيىپ بېرىپ قايتىشىدا، كەنت باشلىقى ئۇنى يېنىغا چاقىرىۋېلىپ، كىشىلەرنى بىرىنچى قېتىم سۇ پۇلى تاپشۇرۇشقا قىستىغاندىكىدەك مۇلايىم ئاۋازدا:

ــ ئۇكام، مۇنۇ غەلىتە نەرسىنى...ــ دېيىشىگىلا، ئۇ كەنت باشلىقىغا شۇنداق سەت چەكچەيدىكى، كەنت باشلىقى ئىختىيارسىز تىترەپ كەتتى ـ دە، سۇ پۇلىنى ئاخىرىقى قېتىم ھەيۋە بىلەن سۈيلىگەن چاغدىكىدەك قاپىقىنى تۈرۈشكىمۇ پېتىنالماي يولىغا ماڭدى. يولدا ۋەلىسپىتلىك كېلىۋاتقان  بىرى تاسادىپىي ئۇنىڭ كۆزىدىكى قەھىرلىك نۇرنى كۆرۈپ قېلىپ، رولنى باشقۇرالماي يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر:«ئۇنىڭ قەلبىدە شەپكىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئۆچمەنلىك بار ئىكەن» دېيىشىپ بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشتىن ئېھتىيات قىلىدىغان بولۇشتى. ئۇنىڭغا كىيىمىنى ئوڭشاش ھەققىدە ئېغىز ئېچىپمۇ باقمىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ  گېپىنىڭ يېرىمى توغرا، يېرىمى خاتا. «شەپكىگە مۇناسىۋەتلىك» دېگىنى خاتا، «ئۆچمەنلىك بار» دېگىنى توغرا. ئەمما، بۇ كېيىن دېيىلىدىغان گەپ.

شۇنداق قىلىپ كىشىلەر ئۇنىڭ كىينىشىگىمۇ كۆنۈپ قېلىشتى. ئۇ بولسا شۇ كىيىملىرى بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ ئۆز خىيالى بىلەن يۈرىۋەردى.

ئۇنىڭ ئىسمى داۋۇت ئىدى. ئىسمى توغرىلىق كۆپ توختىلىش ھاجەتسىز. چۈنكى، بىز تۇغۇلۇپ ئانا مېھرىدىن باشقىنى بىلمەيدىغان چاغدا، ئاتا ـ ئانىمىز ئۆز ئارزۇسى، ئويلىغىنى، مەقسەت ـ مۇددىئالىرى بويىچە ئىسىم قويۇپ بولغان بولىدۇ. بىزگە ئوخشاشلا ئۇمۇ ئەقلىنى تېپىپ، ئۆزنى بىلگىدەك بولسا، ئىسمى داۋۇت ئىكەن. ئەمما لەقىمى باشقا گەپ.

ئۇنىڭ لەقىمى ـ دىڭ قۇلاق.

بىزدە لەقەملەر ھەرخىل قويىلىدۇ. كۆپىنچە لەقەملەر شۇ كىشىنىڭ مەلۇم تەرىپىگە يارىشا قويۇلسا، بەزى لەقەلەر ئادەمنىڭ ئىش ـ ئەمەلى، بەدەن قۇرۇلمىسىنىڭ ئەكسىچە قويىلىدۇ. مەسىلەن: تۆۋەن مەھەللىدىكى ئەقلى كەمتۈك پەرھاتنى «پەرھات پاراسەت»، ساي مەھەللىسىدىكى بويى تولىمۇ پاكار مۆمىننى «مۆمىن دۆڭ» دەۋالغاندەكلا. داۋۇتنىڭ قۇلىقى سەل پەسكە ساڭگىلاپ تۇرىدىغان سالپاڭ قۇلاق ئىدى. ئەمما كىشىلەر ئەكسىچە قىلىپ ئۇنى «داۋۇت دىڭ قۇلاق» دەپ ئاتىشىدىغان بولدى، ئاخىرى بېرىپ لەقەمنىڭ شاللاش خۇسۇسىيىتى بىلەن ئۇنىڭ «داۋۇت» دېگەن ئىسمى تاشلىنىپ قېلىپ، «دىڭ قۇلاق» دېگەن لەقىمىلا ساقلىنىپ قالدى. كىشىلەر ناۋادا ئۇ توغرىلىق پااڭلىشىپ قالسا شۇنداق دەپلا ئاتىشاتتى.

ئەمما، ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن لەقىمىنىڭ بۇ ئەسەر بىلەن چوڭراق مۇناسىۋىتى يوق. بۇ خۇددىي كۆپ ھاللاردا بىر ئادەم بىلەن ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ مەنا مۇناسىتى يوق بولغاندەك بىر ئىش. مەسىلەن:«ئالىم» ئىسىملىك ئادەم ئەقلىنى ئىشلىتەلمەيدىغان، پاراسەتسىز ئادەم بولىشىمۇ مۇمكىن. ياكى «مەندە نېمە گۇناھ» ناملىق پوۋېستتا دېيىلگەندەك «قەھرىمان ئىسىملىك بەزى بالىلار كېچىسى ئاپىسى ھەمراھ بولمىسا، سىرتقا سىيگىلىمۇ چىقالماسلىقى مۇمكىن.» شۇنىڭغا ئوخشىغان، باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈنلا ئۇنى شۇنداق دەپ ئاتاپ قويدۇق.



2. باشقىلار بىلمەيدىغان مېھىر



راستىنلا، ئۇنىڭ قەلبىدە بىر ئۆچمەنلىك بار ئىدى.

ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسى يوق، ئەمما قەبرىسى بار ئىدى.

پەيشەنبە كۈنى باشىلارغا ئوخشاشلا ئۇمۇ قەبرە بېشىغا چىقاتتى. ئۇ يەردە ئۇنى بۇ جاھانغا ئۆز ئىختىيارى ئەمەس يارىتىپ، تاشلاپ قويۇپ كېتىپ قالغان ئاتا ـ ئانىسى خاتىرىجەم ئۇخلاۋاتاتتى. ئەمما ئۇ ئۆزى خاتىرىجەم ئەمەس ئىدى. ئۇنداق خاتىرىجەملىكنىمۇ ئويلاپ يېتەلمەيتتى، تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى.

قەبرىستانلىقتا شۇنداق جىق قەبىلەر بولسىمۇ، كىشىلەر شۇنچە كۆپ ئۆيلەر ئارىسىدىن ئۆز ئۆيىنى ھېچقانچە قىينالماي تەبىئىي رەۋىشتە تېپىپ بارالىغىنىغا ئوخشاش ھەركىم ئۆزى  يوقلاپ چىققان، خەيرىلىك تىلىمەكچى، ئاللاھدىن جەننەت ئاتا قىلشنى ئۆتۈنمەكچى بولىشقان كىشىلىرىنىڭ قەبرىسىگە ئۇدۇللا بارالايتتى.

قەبرىستانلىقتا بۈگۈنمۇ كىشىلەر ئىلگىرىكى پەيشەنبە كۈنلىرىدىكىدەك كۆپ ئىدى.

دىڭ قۇلاق قەبرىستانلىققا كېلىپ ئاتا ـ ئانىسىنىڭ قەبرىسىگە قاراپ ماڭدى.

ئۇ ئاتا ـ ئانىسىنىڭ قەبرىسى ئالدىغا كەلدى ۋە پوككىدە تىزلاندى. ئاندىن ئادىتى بويىچە قەبرە توپىسىنى سىقىمداپ بىر پەس ئولتۇردى. كىشىلەرنىڭ قىرائەتلىرى قۇلاققا كىرىپ تۇراتتى.

ئۇ بىرەر ئايەتنىمۇ بىلمەيتتى. شۇڭا سىقىمىدىكى توپىنى ئاستا چېچىۋەتكەندىن كېيىن  توپا قوللىرىنى بىر ـ بىرىگە ئۇرۇپ، ئالقىنىدىكى، بارماقلىرىدىكى توپىلارنى چۈشۈرىۋېتىپ دۇئاغا قول كۆتۈرەتتى، ئاندىن غاراڭ ـ غۇرۇڭ ئاۋاز ئاڭلىناتتى:

ــ ئامىن! ئاتا ـ ئاپا، ئوبدان يېتىپسىلەرمۇ؟ بىللە بىھىشكە كىرىڭلار! ئاللاھۇ ئەكبەر...

شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قەبرە يوقلىشى ئاخىرلاشتى. ئۇ كەينىگە ياندى.

ــ مۇشۇمۇ پەرزەنتمۇ؟ تۇپراق بېشىدا بىسمىللامۇ دېيەلمىسە ـ ھە، ئېسىت!

ــ ئادەم دېگەندە مېھىر بولمىسا...

ــ ھالى شۇنچىلىكلا...

قىرائەتلىرىنى تۈگىتىشىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن شۇنداق دېيىشىۋاتقان كىشىلەر دىڭ قۇلاقنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىشمەيتتى.

دىڭ قۇلاقنىڭ ئاتا ـ ئانىسىنى ئويلىسىلا يىغلىغۇسى كېلەتتى. ئەمما، يىغلىيالمايتتى. پەقەت ھەسرەت قايغۇسى ئورنىدا قەبرە توپىسىنى بەكرەك سىقىمدايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قەلبىدىكى تۇيغۇلار تەبىئەتكە ئۆتۈپ كېتەتتى ـ دە، مۇشۇ ئانا زېمىندەك مەڭگۈ ياشناپ قالاتتى.

ئۇ راستىنلا يىغلىيالمايتتى. سېغىنىش، ھىجران دېگەنلەرنى شۇ سۆز بويىچە چۈشەنمىسىمۇ، «جان  ـ جەھلى بىلەن بىرەر مېتىر تامنى يالغۇز قۇپۇرۇۋېتىپ» دېگەندەك ئىپادىلەيتتى. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسىنى سېغىنىشى، قايغۇسى، ئّۇلارغا بولغان مۇسىبىتى شۇنچىلىك چوڭقۇركى، ئۇ ئۆز ـ ئۆزىگە بىر ھازا پىچىرلاپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئازابلىق تۇيغۇلىرى شەكىلگە كىرەتتى. ئۇمۇ ئەسلەيتتى، ئۇمۇ سېغىناتتى، ئەسلىسە، سېغىنسىلا بىر تال كەمپۈت ۋە بىر تال قۇڭغۇزنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەتتى.

ئۇ كىچىك چېغىدا مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن ئويناۋاتقاندا ئاپىسى ئۇنى چاقىرىپ ئۆيىگە ئەكىرىپ، ئېتىكىدىكى سېمىز ئوتلارنىڭ ئارىسىدىن بىر تال كەمپۈتنى ئالدى.

ــ يولدىن تېپىۋالدىم، تېز يەۋال بالام،ــ دېدى ئاپىسى خۇشاللىق بىلەن. ئۇمۇ خۇشال بولۇپ كەتتى. ئاپىسى كەمپۈتتىكى توپىلارنى تازىلىۋەتكەندىن  كېيىن ئۇنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويدى. ئۇ كەمپۈتنى ئېھتىيات بىلەن ئاياپ شوراپ، كەمپۈتنىڭ تەمى ئارىلاشقان سۇيۇقلۇقنى ئاغزىغا يىغىپ غۇرت ـ غۇرت يۇتاتتى. ئۇ كەمپۈتنى ئاپىسى ئېتىز قىرلىرىدىن يىغىپ كەلگە سېمىز ئوتنى قىيما قىلىپ مانتا تۈگۈپ بولغىچە شورىدى.

كەمپۈت ئۇنىڭغا ئالامەت تاتلىق تېتىپ كەتتى. شۇنىڭدىن  كېيىن ھېچقانداق كەمپۈت ئۇنداق تاتلىق تېتىپ باقمىدى. كېيىن ئۇمۇ كەمپۈت يەپ باقمىدى، يىگىسىمۇ كەلمىدى. ئەمما ئۇ ئاپىسىنى تولىمۇ سېغىناتتى. تېپىۋالغان كەمپۈتنى شۇنچە يەردىن يوشۇرۇپ ئەكىلىپ ئۆزىگە يىگۈزگەن ياخشى ئاپىنىڭ «ئۆلدى» دېمەكلىك بىلەن مىدىرلىماي، ئۆزىگە گەپمۇ قىلماي جىممىدە يېتىۋالغانلىقىنى، توپا ئاستىغا كۆمىۋېتىلگەنلىكىنى ئۇ چۈشىنەلمىدى. شۇنداقلا، ئۇ بارلىق ھاياتلىقنىڭ ئۆزى شۈمىگەن ئاشۇ كەمپۈتتەك ئاستا ـ ئاستا غايىپ بولىدىغانلىقىنى تېخىمۇ چۈشىنەلمەيتتى.

ئاھ ئاپا! يۈزلىرىمنى سىلىغان قاداق قولۇڭ مېنىڭ راھىتىم ئۈچۈنلا ئىدىغۇ! ئېتىز توپىسى پۇراپ تۇرىدىغان كۆڭلىكىڭنىڭ ئىچى مەن مۆكۈۋالدىغان ئەڭ ياخشى يەر ئىدىغۇ؟ ئاپا، ئاپا، ئاپا... دىڭ قۇلاقنىڭ قەلبى شۇلارنى سۆزلىشى مۇمكىنغۇ...

جۈجەم پىششىقى يەنە ئۇنىڭغا ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ. بولۇپمۇ قارا جۈجەم پىشقاندا. چۈنكى قارا جۈجەم پىشقاندا جىم تۇرغان قۇڭغۇزغا ئوخشايدۇ. ئەينى ۋاقىتتا باتۇر ئاتىسى ئۇنى قۇڭغۇزدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان.

ئۇ كىچىك ۋاقتىدا ئۆزى بىلەن تەڭتۈش، ئەقلى كەمتۈك غوپۇر دېگەن بالا بىلەن ئوينايتتى. دەل شۇ غوپۇر ئۈژمە پىشىقىدا قارا جۈجەم پىشقاندا ئۇنىڭغا:«قۇڭغۇزنى قارا جۈجەم دەپ يەپ بېرىمەن» دەپ ئۇنى ئۈژمە يېنىغا باشلاًپ باردى. ئۇ راستىنلا يېمەكچى بولغىيمىدىكىن، يەيدىغان چاغدا ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوقلا«ئاپام چاقىرىۋاتىدۇ» دەپ كېتىپ قالدى. ئۇ بىر نەچچە تال جۈجەم يەپ قايتاي دەپ، شۇنداق قاراپ چىقىرىۋەتتى. ئۇنىڭ پۇشقىقىغا بىر تال قۇڭغۇز يېپىشىۋالغان ئىدى. ئۇ بەك قورقۇپ كەتتى. نېمىشقىكىن، ئۇ شۇنداق يامان ئىتتىنمۇ قورقمايتتى. تاش ئېتىپ، توپا چېچىپ يېقىن كەلتۈرمەيتتى. لېكىن ئىتنىڭ بىر بارمىقىچىلىك كېلىدىغان قۇڭغۇزدىن قورقاتتى. ئۇ ۋاقىراپ يىغلاشقا باشلىدى. قۇڭغۇز ئۇنىڭ جېنىنى ئېلىپ ئاستا ـ ئاستا يۇقىرىغا ئۆرلەشكە باشلىدى.

دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاتىسى يېتىپ كەلدى ۋە قۇڭغۇزنى قولىغا ئالدى. ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ قولىدىكى پۇتلىرى مىدىرلاۋاتقان قۇڭغۇزغا قاراپ ئاتىسىغا يېقىنمۇ كېلەلمىدى.

ــ قورقما بالام،ــ دېدى ئاتىسى ۋە قۇڭغۇزنى يىراققا ئېتىۋېتىپ شۇنداق دېدى:

ــ ماڭ كەت، ئۈچ كۈندىن كېيىن كەل!

بۇ يېزىدىكىلەر كىشىلەر«قۇرت ـ قۇڭغۇزدىن قورقمايدىغان ئادەم ئۇنى ئېلىپ يىراققا ئېتىۋېتىپ، مانچە كۈندىن كېيىن كەل دېسە، ئىككىنچى كەلمايدۇ» دېگەن گەپكە ئىشىنەتتى.

شۇندىن كېيىن ئۇ ئاتىسىنى باتۇر ئادەم دەپ بىلدى. ئاتىسىنى كۆرسە قۇڭغۇزنى ئەسلىدى، قۇڭغۇزنى كۆرسە ئەڭ باتۇر ئادەمنى ئەسلىدى. شۇڭا ئۇ ئاتىسىنى سۆيدى. ئەمما قۇڭغۇزنى ئۆلتۈرگۈزدى. ئەپسۇسكى، قۇڭغۇز ئۆلۈپ تۈگىمىدى. ئاتىسىدىن بولسا ئايرىلىپ قالدى.

«ئاھ، ئاتا! جۈجەم قايتا پىشقاندەك قايتىپ كەلسەڭ بولمامدۇ؟» دەپ ئەلەملىك پىچىرلايتتى ئۇ.

ئەمما ئاتىسى قايتىپ كەلمەيتتى.

ئۇنىڭ ئاتىسى «جۈجەم تەرگىلى كەتكەن» ئىدى.

شۇنداق، ئاتىسى ئۆلۈپ كەتتى. ھەمدە ئۇنىڭ قەلبىدە نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىك قالدۇردى.

ئۇنىڭ قەلبىدە ياشاۋاتقان بۇ ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەت كىمگە ۋە نېمىگە؟

ئېلېكتىر توكىغا!

ئۆزىگە!

شۇ يىلى قىشتا يېزىغا كىچىك تىپتىكى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلماقچى بولۇپ، دېھقانلارنى ھاشارغا ئېلىپ چىقتى. ئىش ئورنى تاغ باغرىدا ئىدى. يۇقىرىدىن تاغ باغرىنى بويلاپ بىر ئۆستەڭ ئېلىنىپ، سۇ ئېگىز يانتۇلىقتىن چۈشۈرۈلەتتى. ئېكتىر ئىستانسىسى مۇشۇ يانتۇلۇققا سېلىناتتى.

تاغ باغرىدىكى ئۆستەڭ قۇرۇلىشى جىددىي كېتىۋاتاتتى. ئۇ ئاتىسىنىڭ يوغان ـ يوغان قورام تاشلارنى كۆتۈرىشىگە ھەۋەس بىلەن قاراپ تۇراتتى ۋە:«ئاتام باتۇر ئىكەن» دەپ، يەنە بىر قېتىم ئويلىدى. شۇ چاغدا تاغ چوققىسىدىكى بىر نەچچە ياۋا كەپتەر پالاقلاپ كەتتى. نېمىشقىدۇر ئۇ شۇ ياۋا كەپتەرلەرگە قىزىقىپ قالدى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ باتۇر ئاتىسىنى چاقىردى:

ــ ئاتا!

باتۇر ئاتىسى گۈس ـ گۈس دەسسەپ يېتىپ كەلدى.

ــ ئاۋۇ كەپتەرنى ئېلىپ بەر.

دىڭ قۇلاقنىڭ باتۇر ئاتىسى تاغ چوققىسىغا بىر قاراپ قويۇپ، ئىككىلەنمەي تاغقا ياماشتى. ئىشداشلىرى نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي قېلىشتى. ئۇنىڭ باتۇر ئاتىسى بولسا ئەپچىللىك بىلەن يامىشىپ چىقىپ كېتىپ باراتتى. ئەنە ئۇۋا، ئەنە بىر نەچە باچكا. باتۇر ئاتا بىر يوغان قورام تاشنىڭ گىرۋىكىنى بىر قولى بىلەن تۇتۇپ، يەنە بىر قولىنى ئۇۋىغا سۇنۇشى بىلەن ھېلىقى لەنىتى قورام  تاش جايىدىن قوزغىلىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن باتۇر ئاتا قورام تاش بىلەن بىللىلا غولاپ چۈشتى.

قېرىشقاندەك قورام تاش باتۇر ئاتىنىڭ ئۈستىگىلا چۈشكەنىدى.

كىشىلەر يۈگۈرۈشۈپ كەلگەندە باتۇر ئاتا ئاللاقاچان...دىڭ قۇلاق يۈگۈرۈپ كېلىپ كىشىلەرنىڭ پۇتلىرى ئارىسىدىن باتۇر ئاتىنىڭ بۇرنىدىكى قاننىلا كۆرۈپ قالدى، خالاس. بۇنى كۆرۈپ ئۇ دەرھال ئۆزىنىڭ دائىم بۇرنى قانايدىغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى. ناۋادا ئاتىسىنىڭمۇ بۇرنى قانىغان بولسا، پاختىلىق چاپىنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ باتۇر ئاتىسىنىڭ بۇرنىغا تىقىپ قاننى توختاتقان بولاتتى. ئەمما...

شۇنىڭدىن  كېيىن ئۇ ئاتىسىدىن ئايرىلىپ قالدى. ئۇ دائىم:«ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرىمىز  دېمىگەن بولسا، مەن كەپتەرنى ئالىمەن دېمىگەن بولسام...» دەپ ئۆكىنىدىغان بولدى. بۇ ئۆكىنىش ئاخىرىغا بېرىپ يۇقىرىدا دېگەندەك ئۆچمەس ئۆچمەنلىككە، نەپرەتكە ئايلاندى.

بۇ ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەت ئۆزىگە ۋە ئېلېكتىر توكىغا ئىدى. شۇڭا ئۇ تا ھازىرغىچە شام ۋە پەنەر چىراق يورۇقىدا ئولتۇراتتى.

بۇ قەلبتە ئەشۇلار بار ئىدى.

داۋۇت دىڭ قۇلاق ئاخىرىقى قېتىم قەبرىستانلىققا قارىغىنىچە ئاچچىق نىدا قىلدى:ئاھ، ئاتا، ئاپا! يا مەن يېنىڭلارغا باراي، يا سىلەر قايتىپ كېلىڭلار!»



3. ئۇنىڭ قەلبىدىمۇ...



چىۋىنلەرنىڭ ئەركەك ـ چىشىسى بار.

پاقىلارنىڭمۇ ئەركەك ـ چىشىسى بار.

كىم دىڭ قۇلاقنى ئايال جىنىسلىقلارغا ئىنتىلمەيدۇ، دەيدۇ؟

لېكىن، كىشىلەر شۇنداق دېيىشىدۇ. كىشىلەر بەزىدە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئېچىنىپ:«يا ئويۇن ـ تاماشىدا بولمىسا، يا ئاياللارغا تەلپۈنمىسە... ھەي، ئىنسان ئەمەستەكلا» دېيىشىپ كېتىدۇ.

ئەمما شۇ تاپتا قەبرىستانلىقتىن كېلىۋاتقان دىڭ قۇلاق يۇقىرى مەھەللىدە بولىۋاتقان توينىڭ ناغرا ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ تۇرۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ناغرا ئاۋازىنى ئاڭلىسىلا يايراپ كېتەتتى. كۆڭلى يايرىغانچە ناغرا ـ سۇناي ئاۋازىنى بېرىلىپ تىڭشايتتى. ئۆزى قانداق ئىپادلەشنى بىلمەيدىغان تۇيغۇلاردا بولاتتى. چۈشىدە خۇددىي بەزىبىر ئىشلار بولغاندەك ھوزۇرلىناتتى. ئۇ يىراقلاردىن قاراپ ناغرا ـ سۇناينى بولىشىغا چېلىۋاتقانلارنى كۆرۈپ:«ناغرا چېلىنغاندىكىنلا، شۇ كېچىسى بىر يىگىت بىلەن بىر قىز ھاببا قىلىشىدۇ» دەپ ئويلايتتى. ئۇ ھەرگىزمۇ ئېزىپ ـ تېزىپ «بىر ئەر بىلەن بىر ئايال»دېمەيتتى. ئۇ سۇغا چۆمۈلگىلى چىققاندا ئەپسانە گەپلەرنى قىلىشىدىغان ياش يىگىتلەرنىڭ «بىزدەك يىگىتلەر پاقلاندەك قىزلارنى مۇنداق ـ مۇنداق قىلىۋېتىمىز» دېگەن گەپلىرىنى ئېسىدە چىڭ تۇتىۋالغان ئىدى.

شۇنداق، ئۇ ناغرا ـ سۇناي ئاۋازىغا بەك ئامراق. چۈنكى، ئۇنىڭچە، «مەھەللىدە كىم بىلەن كىم تېپىشىپتۇ» دەپ ئىچى پۇشۇپ تۇرغاندا، ناغرا ـ سۇناي ئېنىقلا دەپ بېرىدۇ ئەمەسمۇ.

گۈلدەك ياسىنىپ تويغا ماڭغان بىر نەچچە قىز ئۇنىڭ دىققىتىنى بۆلدى. قىزلار ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ چىرايلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ پىچىرلىشىپ كېتىپ قالدى. دىڭ قۇلاق «غۇرت» قىلىپ تۈكۈرىكىنى يۇتتى ئۇلارنىڭ كەينىدىن قاراپ. بىراق، شۇ ئارىدا ئۇلاردىن بىرىنى تونۇۋالدى.

ــ ھەپىزەم!

ئۇ ئاچچىقىدا ئالدىدىكى ئېشەك تېزىكىنى زەرب بىلەن تەپتى. تېزەكلەر ئەتىراپقا چېچىلدى.

ئۇ كىچىك چېغىدا ئەجەپمۇ گەپدان ئىدى. شۇڭىمۇ قىزلار ئۇنىڭ بىلەن ئويناشقا ئامراق.  ئۇ چاغلاردا ھازىرقى يېزا باشلىقى بىر نەچچە ياش    چوڭ بولغىنىغا باقماي ئۇلار بىلەن ئوينايتتى. لېكىن، قىزلار ئۇنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيتتى. دىڭ قۇلاق بولسا ئۇنى گەپتە تازا سوقاتتى.

دىڭ قۇلاق ھەر قېتىم قىزلار بىلەن «توي قىلىش» ئۇيۇنىنى ئويناشتىن بۇرۇن، قىزلارنى قارىتىپ تۇرۇپ «يېزا باشلىقى»نى گەپكە سالاتتى.

ــ قىرىق دەپ باقە،ــ دەيتتى دىڭ قۇلاق.

«يېزا باشلىقى» دىڭ قۇلاقلار بىلەن ئويناش ئۈچۈن دېگىنىنى دەيتتى.

ــ قىرىق.

ــ ئاغزىڭغا مىشقىرىق.

دىڭ قۇلاق ۋە قىزلار كۈلۈشۈپ كېتەتتى.

ــ يۈز دەپ باقە.

ــ يۈز.

ــ ئاپاڭنىڭ ئەمچىكىنى ئۈز.

ئۇلار يەنە كۈلۈشۈپ كېتەتتى. ئۇلارنىڭ كۈلگەنلىكىدىن خۇشال بولۇپ كەتكەن «يېزا باشلىقى» خۇشلىقىدا تاشلارنى تىزىپ تۆت قىز ئۈچۈن تۆت «ئۆي» ياسايتتى.

ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاشۇ ھەپىزەممۇ بار  ئىدى. ئۇ دىڭ قۇلاققا ھەممىدىن بەك ئامراق ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار «كم كىمگە تېگىدۇ؟» دەپ تالىشىپ كېتەتتى. ئۇنى دەپ ـ بۇنى دەپ قىزلار ئۇنىڭغا ـ ھازىرقى شۆھرەتلىك يېزا باشلىقىغا تەگمەيمىز دەپ تۇرىۋالاتتى. ئاخىرى بېرىپ تۆتلا قىز دىڭ قۇلاققا تېگەتتى.

«يېزا باشلىقى» نىكاھ ئوقۇيدىغان موللا بولۇشقا مەجبۇر بولۇپ، كۆزىنى مۆلدىرلىتىپ ئولتۇراتتى.

دىڭ قۇلاق بۇلارنى قانداقمۇ ئۇنتۇيالىسۇن. ئىشلار شۇنداق كېتىۋەرگەن بولسا قانداق بولاركىن؟ دىڭ قۇلاق سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىدا باتۇر ئاتىسىنىڭ ئۈستىدىكى قورام تاشنى ۋە بۇرنىدىكى قاننى كۆرگەندىن باشلاپ ... ھەي، ھەممە ئىش ئۆزگىرىپ كەتتى. دىڭ قۇلاقنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپلا كەتتى. مەكتەپكىمۇ يولىمىدى، بەزىدە يولىسىمۇ «شۇ پېتىلا» قايتىپ كەلدى.

مانا ئەمدى بولسا «ئۇ» يېزا باشلىقى بلدى.

ھەپىزەممۇ گۈلدەك قىز بولدى.

لېكىن ھېچقايسىسى دىڭ قۇلاققا قارىمىدى؟ ھەتتا ئۇنىڭغا نەچچە قېتىم «خوتۇن» بولغان مۇنۇ ھەپىزەممۇ؟

نەغرا ئاۋازى ئەۋجىگە چىققانىدى. دىڭ قۇلاق قۇلاق سالغىنىچە تۇرىۋەردى. يەنە ھەپىزەمنى ئويلىدى. يا كىچىك چېغىدا تۆت قىز بىلەن «توي» قىلغاندا مۇشۇنداق ناغرا چالمىغانلىقى ئۈچۈن ئەمدىلىكتە ئۆزىگە تەگمەيۋاتامدىكىن؟

ئۇ سېرىق شەپكىسىنى قولىغا ئېلىپ كۈچەپ مىجىقلىدى. ئۇ يەنە ئازابلاندى. «مەيلى، مەيلى. مەن سىلەرنى ئالغان، سىلەر ماڭا تەككەن. سىلەر ماڭا تەككەن، مەن سىلەرنى ئالغان.»

دەلدەڭشىگەن يىگىتلەر ئۇنىڭغا نەزەر كۆزىنىمۇ سالماي ئۆتۈپ كېتىشتى. ئۇمۇ ئۇلارغا نەزەر سالمىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ گېپىنى ئېسىدە مەھكەم تۇتىۋالدى.

ــ كەچتە مارايمىز،ــ دېيىشكەنتى يىگىتلەر.

يەنە ئۇنىڭ تېنى تىترەپ كەتتى. ئۇمۇ ھاياجان بىلەن پىچىرلىدى:

ــ كەچتە...



4. ئۇ ئويلايدىغان گۇناھ



توي كېچىسى قىز ـ يىگىت ئاسماندا چاراقلاپ تۇرغان يۇلتۇزلاردىن ھېيىقىپ قاراڭغۇ ئۆيلەرگە كىرىۋالىدۇ. يۇلتۇزلار ئاشۇنداق جىمىرلاپ تۇرىۋېرىدۇ. تاڭ ئاتقاندا غايىپ بولىدۇ. پەقەت كەچلىكىلا، ئاسمان سۈزۈك بولسا يەنە پەيدا بولىدۇ. بۇ يۇلتۇزلارنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش ئەمەس. چۈنكى يۇلتۇز جانسىز، ئۇنىڭدا قەلب يوق.

ئەمما ئادەملەر جانلىق، ئۇلاردا قەلب بار، كۆز بار، قۇلاق بار. قاراڭغۇدا كۆرەلمىسە، ئاۋازنى بولسىمۇ ئاڭلايدۇ.

يۇلتۇز ۋە ئادەم.

قىز ۋە يىگىت يۇلتۇزدىن ھېيىقىدۇ، قەستەنگە ماراۋاتقانلارغا بولسا پىسەنتمۇ قىلمايدۇ.

سەھرادا بۇنى ئەخلاقسىزلىق دەپ بىلمەيدۇ.

داۋۇت دىڭ قۇلاق تېخىمۇ ئەخلاقسىزلىق دەپ بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۇ ناغرا ئاۋازىنى ئاڭلىسىلا ھوزۇرلىنىپ كېتىدۇ.

ھەپىزەمنى بوىشىغا تىللىغان دىڭ قۇلاق ئۆيىگە كېلىپ تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈپ ياتتى. ناغرا ئاۋازى ئاخىر توختىدى. ئۇ يەنە بىر پەس ياتقاندىن كېيىن، ئاستا ئۆيىدىن چىقتى.

ئۇ توي بولغان ئۆيگە يېقىن بېرىپ، بىر دەرەخنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ قاراپ تۇردى. توي ئەھلى ئاساسەن تارقىغان. ئۇ يەر ـ بۇ يەردە بىر نەچچە مەست قەلب چۈشەندۈرىشىۋاتاتتى. يەنە بىر قانچىسى بولسا، دەلدەڭشىپ مېڭىپ يۈرىشەتتى. دىڭ قۇلاق ئۇلارغا مەنسىتمەسلىك بىلەن قاراپ قويۇپ ئۆيگە نەزەر تاشلىدى. ئۇ بىرلا قاراپ ھۇجرا ئۆينى جەزم قىلدى.

تۈن نىسبى بولغاچقا ئەتىراپ جىمجىت ئىدى. داۋۇت دىڭ قۇلاق پەرەز قىلغاندەك، ئەتىگەندە «مارايمىز»دەپ مەيدىلىرىگە ئۇرۇشقان يىگىتلەر خۇدىنى بىلمەي يېتىپ كېتىشكەنىدى. بۇرۇنقىدەكلا، بۇ ئىش ئۇنىڭغا ئوڭچە قالدى. ئۇ چاققانلىق بىلەن ئۆگزىگە چىقتى، ئاۋايلاپ دەسسەپ كېلىپ تۈڭلۈكتىن قارىدى. ھويلىدىكى لامپۇچكا ئۆي ئىچىنى غۇۋا يورۇتۇپ تۇراتتى. قىز پۇتىنى كاڭدىن ساڭگىلاتقىنىچە مۈرىسىگە چۈشۈپ قالغان ياغلىقىنىڭ ئۇچىنى ئويناپ ئولتۇراتتى. يىگىت بولسا كاڭغا دۈم چۈشكىنىچە ئۇيقۇغا كەتكەن. بۇنىڭغا قاراپ داۋۇتنىڭ بەك ئاچچىقى كەلدى. قىز خۇددىي ئۇنىڭ ئىچىدىكىنى بىلگەندەك، ئورنىدىن ئاستا تۇرۇپ، يىگىتنىڭ يېنىغا بېرىپ، يېڭىدىن تارتتى، بوش ئاۋازدا چاقىردى، بېشىنى چايقىدى. .. ئاخىرى يىگىت بېشىنى كۆتۈردى ۋە شۇندىلا ئۆزىنىڭ بۈگۈن توي قىلغانلىقىنى ئېسىگە ئالغاندەك چۆچۈپ ئورنىدىن تۇردى. قىز ئورۇنلارنى سالدى. ئۇيقۇسىنى ئاچقان بولسىمۇ، كەيپچىلىكتىن تېخى قۇتۇلالمىغان يىگىت كىيىملىرىنى تەستە سېلىپ ئورۇنغا كىردى. داۋۇت دىڭ قۇلاقنىڭ ۋۇجۇدى داۋالغۇپ كەتتى، ئاغزىغا جىققىدە تۈكۈرۈك يىغىلدى. كۆزىنى چوڭ ئېچىپ سىنچىلاپ قارىدى. يوتقاننى چىڭ يېپىنىپ قىزنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالغان يىگىتنى كەيپلىك بىردەمدىلا يەنە تۇتتى بولغاي، قىزنىڭ ئۈستىدىن ئاستا سىيرىلىپ چۈشۈپ ئۇخلاپ قالدى. يىگىتنى ھەرقانچە چايقاپمۇ ئۇيغۇتالمىغان قىز مىشىلداپ يىغلىۋەتتى.

دىڭ قۇلاق ئەلەم بىلەن تۇرخۇنغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدى. ئاغزىغا يىغىلىپ قالغان تۈكۈرۈكنى تەستە يۇتىۋەتتى.

ئۇ شۇ ھالەتتە خېلىغىچە ئولتۇرغاندىن كېيىن يەنە تۈڭلۈكتىن قارىدى. يىگىت مىشىلداپ يىغلاۋاتقان قىزنىڭ يېنىدا ئۆلۈك كەبىي ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى. دىڭ قۇلاق بۇنى كۆرۈپ يەنە خىيالغا پاتتى. كىچىك چاغلىرى، توي، ئۆزىگە بىراقلا «خوتۇن» بولغان بىرنەچچە قىز...

ئۇ خىيالدىن باش كۆتۈرۈپ يەنە بىر خىلدا ئۇخلاۋاتقان يىگىتكە قاراپ ئۈمىدسىزلەندى. ئۇ ئاقىرىۋاتقان ئوپۇققا قاراپ قويۇپ تۇرخۇن تۈۋىدىن تۇردى.

بالدۇر ئويغانغان ئېشەكلەر ھاڭراشقا باشلىغان ئىدى.

ئېشەك؟

شۇنداق، ئۇ جاڭگالغا بېرىشى كېرەك.

ئۇ ئالدىراپ ئۆگزىدىن چۈشتى. ئۆينىڭ كەينىدىن ئۆتىدىغان ئۆستەڭ بويىغا باردى. ئۆستەڭدە ئىككى تاغ ئارىسىدىن ئېقىپ كەلگەن دۇغ سۇ ئېقىۋاتاتتى. داۋۇت ئۆستەڭنىڭ ئايىغىغاراق باردى ۋە ئەتىراپقا قاراپ قويۇپ كىيىملىرىنى سالدى. ئۇ بۇنداق ئىشنى قىلىشنىلا ئەمەس، ھەتتا كۆرۈشنىمۇ گۇناھ دەپ بىلەتتى.

ئۇ ــ ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھلىق ئىش.

ئەمما داۋۇت ناغرا ئاۋازىغا ئامراق.

ئۇ بۇ ئۆستەڭدە نۇرغۇن قېتىم بويىنى سۇغا سالغان. داۋۇت دۇغ سۇدا بىرنەچچە قېتىم يۇيۇنغاندىن كېيىن ئۆستەڭدىن چىقتى. ئۆزىنى يېنىك سەزدى. ئۆزىدىكى غەيرى ۋەسۋەسىلەرنى قوغلىۋەتتى.

ئەمدى ئۇ ئېشىكى بىلەن جاڭگالغا بارمىسا بولمايدۇ.



5. ئۇنىڭ ئېشىكى



ئۇنىڭ ئۈچ تۇققىنى ھەر ھەپتىدە بىر قېتىمدىن نۆۋەتلىشىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بىر ھەپتىگە يەتكۈدەك نان يېقىپ بېرىدۇ. داۋۇتمۇ ئارىلاپ ئۈچىسىنىڭ ئۆيىگە چۈشلۇق تاماققا  بېرىپ تۇرىدۇ. بارىدۇ، تاماقنى يەيدۇ، قايتىدۇ. ئۇلارمۇ كېلىدۇ، نان ياقىدۇ، كېتىدۇ.داۋۇت ئادەتتە قەتئىي خىيال قىلمايدىغان بىر ئىشمۇ بار. ئاكىلىرى جامائەتنىڭ سۆز ـ چۆچىكىدىن قورقامدىكىن، ئۇنىڭ ئازغىنە يېرىنى تېرىپ بېرىپ، يىل ئاخىرىدا يا 900 كوي، يا 1000 كوينى كۆتۈرۈپ، گەپ قىلماي داۋۇتنىڭ ئالدىغا قويىدۇ. داۋۇتمۇ گەپ قىلماي ئالىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ پۇل 1 كوي ياكى 9 موچەندىن پەرقلەنمەيدۇ.

ئەمما داۋۇتنىڭ كۈتىدىغىنى ئۇ ئەمەس.

داۋۇت دىڭ قۇلاقنىڭ ئەبگا كىيىملىرى ئچىدىكى كىر ـ قاسماق بەدىنىگە يوشۇرۇنغان قەلبىنىڭ نازۇك يېرىدە تەشنالىقتا قالغان بىر مېھىر بار. كىشىلەر ئۇنچىلىك ئوزۇقنى قوي ــ كالىلىرىغا بېرىدۇ. ئۇنچىلىك ئوزۇقنى ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى چاشقانلارمۇ ئوغرىلاپ يەپ بولىدىغۇ؟

داۋۇت دىڭ قۇلاق بۇلارنى ئۇنتۇيالمايدۇ.

ئەمما ئۇ سۆزلىمەيدۇ، سۆزلىيەلمەيدۇ،ھېچكىمگە...

باتۇر ئاتىسىنىڭ ئۈستىدىكى قورام تاش.

باتۇر ئاتىسىنىڭ بۇرنىدىكى قان.

دۋۇت دىڭ قۇلاق بۇلارنى ئۇنتىيالمايدۇ.

شۇڭا ئۇ سۆزلىمەيدۇ، ھېچكىمگە...

ئاتا ـ ئانىسىدىن قالغان ۋىجىككىنە، چاشقاندەك ئېشەك ئۇنىڭ بۇ دۇنيالىقتىكى ئەتىۋارلىق نەرسىسى. ئۇ ئېشىكى بىلەن سۆزلەشمەي سۆزلىشىدۇ، كۈلۈشمەي كۈلىشىدۇ.

ئېشەكنىڭ دۈمبىسى ئاتىسىنىڭ باتۇرلىقى ھەققىدە سۆزلەيدۇ. چۈنكى ئاتىسى ئېشەك ئۈستىدە مەزمۇت ئولتۇرغان. ئېشەكنىڭ بىر قانچە تال ئۇزۇن تۈكلۈك تۇمشۇقلىرى ئەڭ غايىۋىي سۆيۈشنى يوللايدۇ. چۈنكى مېھرىبان ئاپىسى سەھەرنىڭ ھوزۇرلۇق سۈيى بىلەن ئېشەكنى سوغۇرغان.

داۋۇت دىڭ قۇلاق ئۆيىگە كىرىپ، قۇرۇق ئوتلارنى بىر خىلدا غىرىسلىتىپ چايناۋاتقان ئېشىكىگە قارام خاتىرجەمگىنە ئولتۇرۇپ كەتتى. ئۆي ئىچىدىن تېزەك ۋە چىرىگەن نەرسىلەرنىڭ كۈچلۈك پۇرىقى كېلىپ تۇراتتى. ئۇ بۇلارغا كۆنۈك. ئۇ ئېشىكىنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆزى ياتىدىغان ئۆيدىن ئېغىلغا قارىتىپ بىر دېرىزە ئېچىۋالغان ئىدى. ئۇ بۇ دېرىزىدىن ياتقاندا، قوپقاندا، كېچىلىرى تەسادىپىي ئويغىنىپ كەتكەنلىرىدە ئېشىكىنى بىر كۆرۈۋېلىپ كۆڭلىنى ئارام تاپقۇزاتتى.

كىشىلەر دېرىزىنى سىرتنى كۆرۈش ئۈچۈن ئاچقان بولسا، داۋۇت دىڭ قۇلاق ئېشىكىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئاچقان ئىدى.

ئەزان ئاۋازى ئۇنىڭغا سېگنال. ئۇ ئورنىدىن تۇردى. بىر پارچە ناننى قايناقسۇ بىلەن يەۋەتكەندىن كيىن ئېشىكىنى ھارۋىغا قېتىپ تەييار بولدى.

جاڭگال ــ ئۇنىڭ ئۈچۈن سەيلىگاھ.

ئۇ ــ جاڭگال ئۈچۈن بىردىنبىر پۇقرا ۋە پادىشاھ.

داۋۇت دىڭ قۇلاق ھارۋىغا ئولتۇرىشى بىلەن قەلبى شېرىن ھېسلارغا چۆمۈلدى.

قەلبى: نەگە؟

ئېشىكى:جاڭگالغا.

قەلبى: ئۇ يەردە نېمە بار؟

ئېشىكى: پەرىزات!



6. سېخىي كۆكتاتچى، ئەمما...



قاراڭغۇلۇقتا ئۇ جاڭگالغا قاراپ يول ئالدى.

جاڭگالغا سوزۇلغان پايانسىز كاتاڭ يولدا ئۇ ۋە ئېشىكى

ئۇ يەنە تويى بولغان ھېلىقى مەست يىگىتنى ئويلاپ قالدى. «ناغرا ئاۋازىنى ئۇ ئاڭلىماپتۇ» دەپ ئويلىدى دىڭ قۇلاق. تېخى قۇرىمىغان چىگىش چاچلىرى سەھەرنىڭ سالقىن شامىلىدا ئۇنىڭ پىشانىسى، گەجگىسىگە سوغۇق ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. ناغرا ئاۋازى. كۆكتات پەسلىدە ئۇنىڭغا كۈندە ناغرا ئاۋازى ئاڭلانغاندەك بولاتتى. ئۇ كۆكتات پەسلىنى تولىمۇ ئارزۇلايتتى.

كۆكتات پەسلى ــ ئۇنىڭ ئېتىزىغا قارىتىلغان.

ئۇ ئىشىك ئالدىدىكى كىچىككىنە ئېتىزىغا يېزىلىقلارنىڭ ئادىتى بويىچە كۆكتات تېرىپ قوياتتى. بىر پارچە ئېتىزدا كۈدە، يەنە بىر ئېتىزدا قىزىل مۇچ،، شوخلا، پېدىگەن دېگەندەك. ئۇ كۆكتاتلىرىنى بۇلىشىغا ئوغۇتلامدىكىن، يەنە كېلىپ ئۆستەڭ بويىدا بولغاچقا يىلتىزى سۇغا قېنىپ تۇرامدىكىن، ئۇنىڭ كۆكتاتلىرى ئالامەت ئوخشاپ كېتەتتى.

ئۇ ئاشۇ كۆكتاتلارنى ساتاتتى. ئۇ كۆكتات سېتىشا تارازىدىن ھەرگىز قىينالمايدۇ. يېزىلىقلار ھەرگىز كىلولاپ كۆكتات ئالمايدۇ. كۈندە ئۇنىڭدىن ـ بۇنىڭدىن ئاز ـ ئازدىن ئالىدۇ. ئۇ كەنت باشلىقىنىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە ئىلمەك تارازىنىڭ تۆت چېكىتىنى ئوبدان بىلىۋالغان: يېرىم كىلو، بىر كىلو، بىر بېرىم كىلو، ئىككى كىلو. مۇشۇلا كۇپايە.

داۋۇت يەنە بىر بىلىۋالغان قىزىق ئىش شۇكى، يېزىلىقلاردا سەي ـ كۆكتات غېمىنى ئاياللار قىلىدىغان ئادەت بار. بىر قىسىم ئاياللار سەھەرلىكى كۆڭلىكىنىڭ ئېتىكىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، ئېتىزىغا كۆكتات تېرىغان قوشنىلىرىدىن ئۇنىڭكىدىن بىر تال قىزىل مۇچ، بۇنىڭكىدىن بىر تۇتام كۈدە سوراپ يۈرگىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۆپىنچىسى كۆكتات سېتىۋالىدۇ.

ئوچىقىنى ئېيتقاندا، داۋۇت دىڭ قۇلاقنىڭ كۆكتات سېتىشى دەل شۇنىڭ ئۈچۈندۇر.

ئەتىگەنلىكى ھارۋىسىنى ھەيدەپ ماڭدىمۇ، يۇقىرى مەھەللىدىن تۆۋەن مەھەللىگىچە، ساي مەھەللىدىن يېڭى مەھەللىگىچە نۇرغۇن قىز ـ ئاياللار يولغا قاراپ تۇرغان بولىدۇ. ئەرلەرنىڭ يېنىدىن 10 قېتىم ئۆتسەڭمۇ چاتىقى يوق، ئەمما قىز ـ ئاياللار ئالمىسىمۇ باھاسىنى سوراپ باقىدۇ. ياكى يۇمشاق، نازۇك قوللىرى بىلەن كۆكتاتلارنى تۇتۇپ كۆرۈپ باقىدۇ. خۇددىي ئۇنڭ قوللىرىنى، بەدىنىنى، تۇتۇپ باققاندەك.

ۋاھالەنكى، دىڭ قۇلاققا ياقىدىغىنى شۇ.

كۆكتات ساتقىلى چىقسا داۋۇت ئالدىرىمايتتى. ئېشىكىمۇ مادا ئېشەكلەرنىڭ سۈيدىكىنى پۇراپ تۇرىۋالسا، باشقىلاردەك ئېشىكىنى قامچىلاپ كەتمەيتتى. بەلكى ئېشىكىنىڭ تۇمشىقىنى ئاسمانغا قىلىپ خىرىلداپ كېتىشلىرىگە زوقلىنىپ قاراپ كېتەتتى.

قىز ـ ئاياللار بىر ـ بىرىگە قاراپ مەنىلىك كۈلۈشىۋالغاندىن كېيىن ئۇنى توختىتىشاتتى:

ــ داۋۇتاخۇن، كۈدە قانچە پۇل؟

ــ بەش مو،ــ دەيتتى داۋۇت ئويلانمايلا. كۈدىنىڭ ئادەتتە سېتىلىۋاتقان باھاسى سەككىز مو بولغاچقا قىز ـ ئاياللار ئالدىغا بىر قەدەم چامدايتتى. داۋۇت بۇنىڭدىن شادلىنىپ كېتەتتى.

ــ لازىچۇ؟

ئىكى كويدىن سېتىلىۋاتقان لازىنى ئۇ «بىر يېرىم كوي» دەيتتى. بىر كوي ئالتە مودىن سېتىلىۋاتقان شوخلىنى بولسا «بىر كوي»دەيتتى. بۇنى ئاڭلىغان قىز ـ ئاياللار يۇپۇرۇلۇپ كېلىشەتتى.

شۇنىڭ بىلەن داۋۇت دىڭ قۇلاققا بۇ ئەبجىچى چىقىپ كەتكەن ھارۋىسى ھۆر ـ غىلمانلار توپلانغان جەننەتتەك بىلىنەتتى.

يۈگۈرۈك ئېشەكلىرى ۋە تراكتۇرلىرى بىلەن كەلگەن باشقا كۆكتات ساتقۇچىلار ئەھۋالنى ئۇقۇشۇپ بېقىپ، غۇدىراپ، ئۇنى تىللاپ كېتىپ قېلىشاتتى.

قىز ـ ئاياللار بەس ـ بەستە كۆكتات تالىشاتتى. داۋۇت بولسا ھەربىر قىز ـ ئايالغا زەن سېلىپ، سىنچىلاپ قاراپ چىقاتتى. ئۆزىنىڭ قولى تەككەن كۆكتاتلارنى ئۇلارنىڭ تالىشىپ تۇتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يايراپ كېتەتتى. پۇل بەرگۈچە ياكى تارازىغا سالغان كۆكتاتنى تارازىدىن ئېلىپ بەرگۈچە ئۇلارنىڭ قوللىرى قولىغا تېگىپ كېتىدىغان بولسا، دىڭ قۇلاقنىڭ سالپاڭ قۇلاقلىرى راستىنلا دىڭ تۇرۇپ كەتكەندەك ھاياجانلىنىپ كېتەتتى. بەزى ئاياللار ماڭغىچە كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنگەن بىرەر تال شوخلىنى زىيادىسىگە ئېلىۋېلىپ:

ــ ماڭا بېرىۋېتىسەنغۇ ـ ھە،ــ دەپ كۆزىگە قاراپ كۈلۈپ قويىدىغان بولسا، داۋۇت دىڭ قۇلاق خۇشاللىقىدىن ھەممە كۆكتاتلىرىنى بېرىۋەتكىلى تاسلا قالىدۇ. ئەمما بۇ ئاچكۆز ئاياللار ئۇنىڭ ئىچىدىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭغا تاتلىق بىر بېقىپ قويۇپ، كۆكتاتلىرىنى كۆپەرەك ئېلىۋېلىشنى بىلىشمەيدۇ. داۋۇت بۇنى قانچىلىك ئارزۇ قىلىدۇ ـ ھە!

بەزى شەپشەك قىزلار كۆكتاتنىڭ تازا ئېسىللىرىنى تاللاپ:

ــ داۋۇت ئاكا، ھىم جۇمۇ...ــ دەپ كۆزلىرىنى ئوينىتىدىغان بولسا، ئەس ـ ھوشۇنى يوقاتقان داۋۇت دىڭ قۇلاق بەش كوي ئالىدىغان يەرگە بىر كوي ئېلىپ، قىزلارنىڭ كەينىدىن تۈكۈرىكىنى «غۇرت ــ غۇرت» يۇتۇپ قاراپ قالىدۇ.

گۇناھ، گۇناھ. دىڭ قۇلاق ماراپ قويغىنى ئۈچۈن گۇناھتىن قورقۇپ بۇيىنى سۇغا سالىدۇ. ئۇلارچۇ؟

ئۇلار داۋۇت دىڭ قۇلاقنىڭ پىنھان تۇيغۇلىرىنى غىدىقلايدۇ. قەلبىنى ياشارتىدۇ. داۋۇت دىڭ قۇلاقنىڭ ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىشىغا خۇشتار. كۆزلەرنىڭ شوخ ئوينىشى... ۋاھ، داۋۇت دىڭ قۇلاقنىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ كېتىدۇ.

دەرۋەقە، داۋۇت كۆكتاتلىرىنى باشقىلارغا قارىغاندا ئاسانلا سېتىپ بولىدۇ.

ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن پۇللىرىنى بىر يانغا تاشلاپ قويۇپ، ھوزۇرلىنىپ يېتىپ كېتىدۇ. سول مەڭزىدە مېڭى بار چوكاننىڭ تېگىپ كەتكەن قولى، كۈلۈپ قارىغان زىناقلىق چىراي، شوخ ئويناپ ئۆزىگە لەپپىدە قارىغان،كىرپىكلىرى ئۇزۇن قارا كۆز بىر دەممۇ كۆز ئالدىدىن كەتمەيدۇ.

ئېھ، كۆكتات پەسلى! داۋۇت دىڭ قۇلاق كىر ۋە ياماق يوتقانلىرى ئارىسىدا ھوزۇرلىنىپ يېتىپ، بىر يىلدا 4، 5 قېتىم كۆكتات پەسلىنىڭ بولىشىنى تىلەپ كېتىدۇ.

بۇ ئۇنىڭ ئارزۇلىرىغا مۇناسىۋەتلىك.



7. ئۇنىڭ ئىككى ئارزۇسى ۋە ئۈچىنچىسى



ئۇنىڭمۇ ئارزۇلىرى بار. ئۇ دائىم ئۈچ ئارزۇسىغا يېتىشنى ئويلايدۇ. بىرى، پۇل. ئىككىنچىسى ئايال.ئۈچىنچىسى: ھازىرچە مەخپىي.

شۇڭا ئۇ ئىككى ئارزۇسىنى تەڭ ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا ئامراق. مەسىلەن: كۆكتات پەسلى. كۆكتات پەسلى دېمەك ــ قىز ـ ئايال دېمەك ھەم پۇل تاپالايدۇ.

پۇل بىلەن ئايال ھەققىدە ئويلانغۇدەك بولغاندا، ئۇ بالىلىق چاغلىرىنىڭ گۈزەل ئەسلىمىلىرىدە يەنە يارقىن ئىككى بەتنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىدۇ.

بىرىنچى بېتىدە يەنە ئايال.

ئۇ باتۇر ئاتىسىنىڭ ئۈستىدىكى قورام تاش، بۇرنىدىكى قاننى ئۇنتۇيالماي بۇرۇختۇم بولۇپ يۈرگەنلىرىدە ئۇنى مەكتەپكە بېرىشتى. يېڭىلا بىر يەرگە جەم بولۇشقان بالىلار ھەم بىر ـ بىرىدىن تارتىنىشاتتى ھەم شوخلۇق قىلىشاتتى. داۋۇت بولسا قورام تاش ۋە ئاتىسىنىڭ بۇرنىدىكى قاننى خىيال قىلغىنىچە ئولتۇراتتى. خۇددىي قورام تاش ئۇنىڭ تىلىنى بېسىۋالغاندەك، قان ئۇنىڭ بالىلارچە شوخلۇق قىلىدىغان ھەرىكەت نېرۋىلىرىدا ئۇيۇپ قالغاندەك. ئۇ بىر نۇقتىغا تىكىلىپ جىممىدە ئولتۇراتتى. بالىلار ئۇنى چۈشەنمەيتتى. ھەتتا مۇئەللىمى ئۇنىڭ «ئا» ھەرىپىنى يازالمىغانلىقى ئۈچۈن «دۆت» دەپ تىللىدى. ئەمما مۇئەللىمى داۋۇتنىڭ قەلبىگە «ئاتا، ئاپا»دىكى «ئا»نىڭ تولىمۇ چىرايلىق، ھەيۋەتلىك يېزىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت مۇئەللىمىنىڭ كۆيۈمسىز بەدىنىگە ھېلىقى قورام تاشنى قويدى. ھەرقانچە قىلسىمۇ تاش مۇئەللىمىنىڭ ئۈستىدە تۇرمىدى. ئارقىدىن داۋۇت ھېلىقى قاننى مۇئەللىمىنىڭ سوغۇق نەپەس ئالىدىغان بۇرنىغا سۈركىدى. ئەمما قان قىلچە يېپىشمىدى. بۇنىڭغا قاراپ داۋۇت مۇئەللىمىنى مەڭسىتمىدى. ئېھ، باتۇر ئاتا!

بالىلارنىڭ ھەممىسى توپ ئوينىغىلى مەيدانغا چىقىپ كەتكەن. ئۇ سىنىپتا خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇراتتى. خىيالىدا قورام تاش ۋە قان.

سىنىپقا يۇقىرى يىللىقتا ئوقۇيدىغان بىر قىز كىرىپ كەلدى. قىز دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ قويۇپ، ئۇنىڭغا يېقىن كەلدى. قىزنىڭ بېشىدا قىپقىزىل ياغلىقى، بوينىدا قىزىل گالاستۇكى بار ئىدى. داۋۇت قىزنىڭ يۈزىگە ئەمەس، ئۇ نەرسىلەرگە قاراپ قالدى: قىزىل قان، قورام تاش قېنى؟

ــ ئىسمىڭ داۋۇتمۇ؟ ــ دەپ سورىدى قىز.

ــ ھە.

ــ ئەجەپ ئوماق ئىكەنسەن گۇي،ــ قىز شۇنداق دەپلا ئۇنىڭ يۈزىگە «چوككىدە» سۆيۈۋالدى. قىز ئىتتىك چىقىپ كەتتى. ئەمما سىنىپتا «چوك» قىلغان ئاۋاز خېلىغىچە جاراڭلاپ تۇردى.

داۋۇت باشقىچىلا بولۇپ قالدى. ئۇ ھەپىزەم بىلەن 10 نەچچەقېتىم «توي» قىلغان بولسىمۇ، ئۇى بىرەر قېتىم سۆيۈپ باقمىغان ئىدى. داۋۇت كېيىن ئۇ قىزنىڭ 5 ـ سىنىپتا ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدى. لېكىن ئىسمىنى بىلەلمىدى. كېيىنچە بولسا ئۇ قىز ئۇنتۇلۇپ كەتتى. ئەمما سۆيۈشى ئۇنتۇلمىدى. دىڭ قۇلاق ئەمدىلىكتە ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇ قىزنى ئەسلىيەلمىدى. ئىشقىلىپ مۇشۇ كەنتتىكى بىر قىز ياكى بىر ئايال ئۇنى سۆيگەن. ھەي، كىچىكىدە ھەممە قىز ئۇنى سۆيىدۇ. بىراق ئەمدىلىكتىچۇ؟ قورام تاش، قان. قان، قورام تاش.

ئىككىنچى بەتتىكىسى بولسا پۇل.

پۇل باتۇر ئاتىسىنىڭ يانچۇقىدا بار. داۋۇت شاپتۇل قېقىغا بەك ئامراق ئىدى. يازنىڭ يېڭى باشلانغان كۈنلىرى. ئاتىسى چاپىنىنى كاڭغا قويۇپ قويۇپ، ئاكىلىرى بىلەن ئۆينىڭ ئارقىسىدا كېسەك قپيۇۋاتاتتى. ئاپىسى بولسا ھويلىدا كىر يۇيىۋاتاتتى.

شۇ كۈنى ئۇ باتۇر ئاتىسىدىن تۇنجى قېتىم قورقمىدى. ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئاتىسىنىڭ يانچۇقىدىن بىر موچەن ئالدى. ئۇ ئۆيدىن جىممىدىلا چىقىپ ئۇدۇل دۇكانغا باردى. ھەپىزەم ۋە «يېزا باشلىقى» ئۇنىڭغا ھەيران بولۇپ قاراپ قالدى. ئۇ ماگزىنغا مەغرۇر كىرىپ، مەغرۇر يېنىپ چىقتى. ئىككى كىچىك يانچۇقىدا لىققىدە شاپتۇل قېقى. ھەپىزەم بىلەن «يېزا باشلىقى» كېلىپ ئۇنىڭغا تاما بىلەن تىكىلدى. داۋۇت بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ھەپىزەمگە تۆت تال، «يېزا باشلىقى»غا قۇرۇشۇپ قالغىنىدىن بىر تال بېرىپ ئۆيىگە كەتتى. ئۇ مەھەللە چېتىدىكى سۈيى تارتىلىپ كەتكەن قۇم كۆلگە بېرىپ يالغۇز مەززە قىلدى. بىر يانچۇقىنىغۇ ھوزۇرلىنىپ يىدى. ئەمما ئىككىنچى يانچۇقتىكى شاپتول قېقىنى شۇنچە زورلاپمۇ يەپ بولالمىدى. ئۆيىگە ئاپىراي دېسە ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ. ھەپىزەملەرگە بەرگۈسى كەلمەيدۇ. ئۇ ئاخىرى بولماي كۆزى قىيمىغان ھالدا كۆلنىڭ ئوتتۇرىدىكى نەم قۇمغا كۆمۈۋەتتى.

ئۇ شۇ كۈنى كېچىسى پەقەت ئۇخلىيالمىدى. ئاتىسىغۇ يانچۇققىدىكى پۇلدىن بىر موچەننىڭ كېمىيىپ قالغانلىقىنى تۇيماپتۇ. ئەمما، ئۇ ئۇخلىيالمىدى. بۇرۇن بىرەر خالتا شاپتۇل قېقى بولسا، تازا يەپ بېقىشنى ئويلىغانلىقىنى ئويلاپ، بىر موچەن بىلەنلا بۇ ئارزۇسىغا يەتكەنلىكىدىن سۆيۈنۈپ كەتتى.

لېكىن...

ئۇ يەنىلا ئۇخلىيالمىدى. بىر موچەن. شۇ ئازغىنە پۇل شۇنچە زور ئارزۇسىنى قاندۇرسا ـ ھە؟

ئۇنىڭ سەبىي قەلبى داۋالغۇپ كەتتى.

ئۇ شۇنداق نىيەتكەكەلدى:«ئاتا، چوڭ بولغاندا ئاشۇ بىر موچەننى چوقۇم قايتۇرىمەن.» ئۇ شۇندىلا ئۇخلاپ قالدى.

پۇل ۋە ئايال.

قورام تاش ۋە قان.

كۆكتات پەسلى.

ھاشار.

ئۇ ھاشارغا چىقىشقا تېخىمۇ خۇشتار. كەنت باشلىقى مەھەللىدە پەيدا بولۇپ:«ھاشار» دەپ ۋاقىرىشىغا، ئۇ بىرىنچى بولۇپ تەييار بولىدۇ. باشقىلارنى ساقلايدۇ. كىشىلەر تەستە يىغىلىدۇ. ئۇ بۇنىڭغا ھەيران. ئۇنىڭغا بولسا ھاشاردەك كۆڭۈللۈك ئىش يوق. ھاشاردا ئاياللار بار.

ئۇلار كەنتنىڭ تراكتۇرىغا چۈشۈپ ھاشارغا ماڭىدۇ. ئۇ شۇنچە كۆپ ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپمۇ گەپ قىلمايتتى. كۆزىنى يېرىم يۇمۇپ ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىنى تىڭشاپ ماڭاتتى. تراكتۇردىكى ئەر ـ ئاياللار ئۇنىڭ سېرىق شەپكىسىگە، تۆت يانچۇقلۇق چاپىنىغا ئاللىقاچان كۆنۈپ كەتكەن بولغاچقا، ئارىدا داۋۇت شۇنچە پەرقلىنىپ ئولتۇرسىمۇ، ھېچكىم ئۇنىڭغا دىققەت قىلمايتتى. ئەمما ئۇلارنىڭ بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ھەرىكەتلىرى، گەپ ـ سۆزلىرى، چاقچاقلىرى ئۇنىڭ دىققەت نەزەرىدە.

ئاياللار ئەمگەك قىلغاچ ھەر تۈرلۈك كۈلكە ـ چاقچاقلارنى قىلىشاتتى. ياپتا گەپلەرنى قىلىپ ئەمدىلا يېتىلگەن قىزلارنى قىزىقتۇراتتى. تويى يېقىنلاپ قالغان قىزلارنى ھودۇقتۇراتتى. قىز بولۇپ قالغانلارنى قىزىقتۇراتتى. ئەمما، ئۇلار داۋۇت دىڭ قۇلاق ئۈچۈن تېپىلغۇسىز ھوزۇرلۇق پۇرسەت ئىدى. لېكىن، ئۇلارغا قوشۇلۇپ كۈلەلمەيتتى. ئۇلارغا قوشۇلۇپ سۆزلىيەلمەيتتى. سۆزلەي دېسىلا قورام تاش ۋە قان، كۈلەي دېسىلا قورام تاش ۋە قان، ئۇ شۇنداق ئۆتۈپ كەتكەنمۇ بولاتتى. بىر قېتىم داۋۇت دىڭ ۇلاق بىر ئۆمۈر ئەسلىگۈدەك بىر ئىش بولۇپ ئۆتتى. ھەقىقەتەنمۇ دىڭ قۇلاق ئۇ ئىشنى بىر ئۆمۈر ئەسلىدى. قەلبىنىڭ ئەڭ تاتلىق يېرىدە ساقلاپ ئەسلىدى. ئاھ، خوتۇن ـ قىزلارنىڭ جاراڭلىق كۈلكىسى قانداق تاتلىق  - ھە!

ئۇلار بىر كۈنى ھېرىپ كېتىپ ھەم ئېلىپ ئولتۇراتتى. ئەرلەر ئۆستەڭگە ئىشلىتىش ئۈچۈن دۆۋىلەپ قويۇلغان قارا تاشلارغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ بىر تالدىن موخۇركا چېكىشكەندىن كېيىن، يا ئالدىنئالا دېيىشىۋالغانمۇ ياكى دەيدىغان گەپ تاپالماي قالدىمۇ، بىر چەتتە ئۆز خىيالى بىلەن ئولتۇرغان داۋۇتقا گەپ تاشلىدى:

ــ ھەي، دىڭ، 100 گىچە سانىيالامسەن؟

داۋۇت كۈتۈلمىگەن بۇ گەپتىن مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى.

ــ شۇمۇ گەپمۇ، ــ دېدى بىر ئايال.

ــ سانىيالمايدۇ، ــ دېدى ھېلىقى كىشى.

ــ سانايدۇ، ــ دېدى ئايالمۇ بوش كەلمەي.

داۋۇت بولسا ئۇلارنىڭ تالاش ــ تارتىش قىلىشىغا ئىپادىسىز قاراپ تۇرۇۋەردى.

ــ يامان بولسا، قېنى سانىمامدۇ، ــ دېدى ھېلىقى كشى يەنە.

ــ داۋۇتاخۇن سانىۋېتە، ــ دېدى ھېلىقى ئايال جىلە بولۇپ. بىر ئايالنىڭ ئۆزىگە گەپ قىلىۋاتقانلىقىى كۆرگەن داۋۇت سەل جانلاندى. ئەمما، تىلى ھەرىكەتكە كەلمىدى. پەقەت ئورنىدىن قىمىرلاپ قويدى.

ــ قانداق، ــ دېدى دىڭ قۇلاقنىڭ جىم تۇرغانلىقىنى كۆرگەن ھېلىقى كىشى، ــ سانىيالمايدۇ، قېنى، سانايدىغان بولسا 10 كوي تىكتىم.

بۇنى ئاڭلىغان كىشىلەر غۇدىرىشىپ كەتتى. ھەممىسى بۇ تەرەپكە توپلاندى.

ــ راستمۇ، ــ دېدى ھېلىقى ئايال.

ــ راست، ــ دېدى ئۇ كىشى، ــ ئەگەر ئېزىقماي، دۇدۇقلىماي ساناپ بەرسە داۋۇتقا 10 كوي بېرىمەن. سانىيالمىسا مەيلى.

ــ ياخشى گەپكەن، ــ دېدى ئايال، ــ داۋۇت سانا، سانىساڭ بىكارغىلا 10 كوي تاپىسەن.

ئايالنىڭ ئاۋازى ۋە پۇلنىڭ گېپى. داۋۇت دىڭ قۇلاقنىڭ سەزگۈلىرى ھەرىكەتكە كەلدى. پىنھان تۇيغۇلىرى ئويغاندى، ئاغزىنى ئۆمەللىدى، ئۆمەللىدى، بىراق ...

ــ ھەي، ساراڭ، سانا، 100 گىچىمۇ سانىيالمامسەن، ــ دېدى ئەمدىلا رەسىدە بولغان بىر قىز.

داۋۇت دىڭ قۇلاققا قىزنىڭ ئاۋازى تولىمۇ يېقىملىق بىلىندى، ئۆزى بولسا بەكمۇ ئىللىق كۆرۈندى. سانا، سانا، قارا، سېنى ئاياللار ساناشقا ئۈندەۋاتىدۇ. قارا، سېنى قىزلارمۇ يېقىملىق ئاۋازى بىلەن ئىلھاملاندۇرۇۋاتىدۇ.

سانا، سانا، ئۇ نۇرسىز كۆزلىرىنى كىشىلەرگە تىكتى.

ــ قانداق؟ ــ ھېلىقى ئەر مىيىقىدا كۈلۈپ.

ــ سانايدۇ، ــ دېدى ئايال.

ــ سانايدۇ، ــ دېدى قىز.

قىزنىڭ ئاۋازى داۋۇت دىڭ قۇلاقنىڭ تىلىغا قوندى، ئۇ ساناشقا باشلىدى:

ــ 1، 2، 3 ...

ئاياللار يېنىك تىندى، قىزمۇ ئۇنىڭغا قاراپ يېقىملىق كۈلۈمسىرىدى، بۇلار ئۇنىڭغا جان قوشتى.

ــ 22، 23، 24 ...

داۋۇت دىڭ قۇلاق ئېھتىيات بىلەن سانايتتى، قىز ۋە پۇل.

ــ 68، 69، 70 ...

ئۇ سانايتتى، ئۇنىڭ بار ــ يوقلۇقى بىلەن كارى يوق كىشىلەر ئەمدى ئۇنىڭغا تىكىلىپ، تەرتىپ ساقلاپ جىمجىت ئولتۇراتتى. ئادەتتە ئۇنى كۆرسە، چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ ئۆتۈپ كېتىدىغان قىزلار شۇ تاپتا ئۇنىڭغا يېقىملىق بېقىپ، ئۇنىڭ سانىشى ئۈچۈن ئىلھام، كۈچ ــ مادار ئاتا قىلماقتا. ئۇ بۇنىڭدىن قالتىس ھۇزۇرلاندى. قىزلارنىڭ تاقەتسىزلىك ئىچىدە تەلمۈرۈپ قاراشلىرى ئۇنى قالتىس سۆيۈندۈرەتتى. راستىنى ئېيتقاندا، بۇ دىڭ قۇلاق مەڭگۈ مۇشۇ پېتى ساناشنى ئارزۇلاپ قالدى.

_ 80، 81 ... 90، 91، 92 ...

كىشىلەر جىددىيلىشىپ كەتتى. قىزلار ... ئۇلار تىت ــ تىت بولۇپ دىڭ قۇلاققا يېپىشىۋالغۇدەك بولۇپ كەتتى. بۇنىڭدىن دىڭ قۇلاق ئىچ ــ ئىچىدىن سۆيۈنەتتى.

ــ 96، 97، 98 ...

ھېلىقى كىشى ئاستا ــ ئاستا پەسكويغا چۈشتى. ئاياللار چۇۋۇرلىشىپ كەتتى:

ــ قانداق؟

_ چىقىرە پۇلۇڭنى.

_ 99 ...

ئۇ كىشى يېنىدىن تەسلىكتە 10 كوي چىقاردى. داۋۇت دىڭ قۇلاق ئىللىق قۇچاقلاردەك نىگاھلار قوينىدا ئەللەيلىنىپ ئاخىرىقى ساناقنى ئويلىنىپقىنا سانىدى.

_ 1.

كۈتمىگەندە بۇنى ئاڭلىغان كىشىلەر بىر پەس تېڭىرقاپ تۇرۇپ قېلىشتى. ئارقىدىن تەڭلا قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كېتىشتى. قىز ــ ئاياللارمۇ قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىشتى. ئۇزاق كۈلدى، ئېچىلىپ ــ يېيىلىپ كۈلدى. كۈلۈپ قېتىپ قېلىشتى. داۋۇت دىڭ قۇلاق ئۆزىنىڭ سۆزىگە قىز ــ ئاياللارنىڭمۇ كۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قەلب رۇجەكلىرى ئېچىلىپ كەتكەندەك، ئىچى يوپيورۇق بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن قىز ــ ئاياللارنىڭ كۈلكىلىرى ئۇنىڭ قەلب ئالىمىدە ماكانلىشىپ قالدى.

دىڭ قۇلاق كۆزىنى چىمىرلىتىپ كۈلۈۋاتقان چىرايلارغا بىرمۇ ــ بىر قاراپ چىقىپ، باشقىچىلا بىر دۇنياغا كېلىپ قالغاندەك بولدى.

ئەمما، بۇ دۇنيا بىر دەمدىلا گۇمران بولدى.

ــ ساراڭ، ــ دېدى ھېلىقى ئايال.

ــ 100 دەۋاتسەڭلا تۈگىمەمدۇ، كالۋا، ــ دېدى ھېلىقى قىز.

ــ مەن دېمىدىممۇ، ــ دېدى ھېلىقى ئەر پۇلىنى شاراقلىتىپ قويۇن يانچۇقىغا سېلىپ. كىشىلەر بېشىنى چايقاپ تارقىلىشتى.

قېنى، بايىقى كۈلكىلەر؟ ساناۋاتقاندىكى بېقىشلار؟ شۇندىلا ئۇ، ئادەملەرنىڭ قورام تاش بىلەن بۇرۇندىكى قانغا يەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدى.

دېمەك، كىشىلەرنىڭ ئۇنى 50 كىچە سانىيالمايدۇ، دېگىنى سەل مۇبالىغە ئىكەن. لېكىن، ئۇ 50 كىچە ساناشقا جۈرئەت قىلالمايتتى.



8. «50» تىن قورقىدىغان ئادەم



داۋۇت دىڭ قۇلاق «50» تىن قورقمايدۇ، 50 كىچە ساناشتىن قورقىدۇ، ساناشقا پېتىنالمايدۇ.

ئېشەك بىر خىلدا مېڭىپ جاڭگالغا كېتىۋاتاتتى. ئەتراپ چەكسىز قاراڭغۇلۇق ئىدى. بۇ ــ ئۇنىڭ قەلبىدىكى قاراڭغلۇققا ئوخشايتتى. يوللار ئوڭغۇل ــ دوڭغۇل ئىدى. بۇ ــ ئۇنىڭ قەلبىدىكى چوڭقۇر تۈزلۈككە ئوخشايتتى.

«قىز ــ ئاياللا ــ قانداق تاتلىق كۈلىدۇ ــ ھە!» دەپ ئويلىدى ئۇ شۇ كۈننى ئەسلەپ، ئۇ سانىدى، قىز ــ ئاياللار كۈلدى. ئادەم سانىغانغا ئادەم كۈلەمدۇ؟ ساناشمۇ قىزىقارلىقمۇ؟ ئۇ ئېشىكىگە قاراپ قويۇپ ئىچىدە ساناشقا باشلىدى: «1، 2، 3، 4، 5 ...» ئاخىرىنى ساناشقا جۈرئەت قىلالمىدى. چۈنكى، بۇ قاراڭغۇلۇق كۈلگەن قىزلارنىڭ كۆزىدىكى قارىلىققا ئوخشىغان بىلەن، يەنە شۇ كۈلگەن قىزلارنىڭ تىللىغان چاغدىكى چىرايىغىمۇ ئوخشايدىكەن.

ئېشەك بىر خىلدا جايىنى نىشانلاپ كېتىپ باراتتى. بۇ ئېشەك جاڭگال بىلەن ئېغىلنى ئوبدان بىلىدۇ. داۋۇت دىڭ قۇلاقمۇ جاڭگال بىلەن ئېغىلغا يانداش ئۆينى ئوبدان بىلىدۇ. ئوبدان بىلمىسە بولمايدۇ. چۈنكى بۇ «بىلىش» پۇلغا بېرىپ تاقىشىدۇ. ئاكىلىرى ئۇنىڭ ئازغىنە يېرىگە قاراپ بەرگەچكە، ئۇ قىشمۇ ــ ياز جاڭگالدىن يانتاق ئەكىلىپ ساتاتتى. كىشىلەر بۇ يانتاقلار بىلەن قوي ــ كالا باقىدۇ ياكى بولمىسا يەرلىك ئوغۇت ياسايدۇ. ئالىدىغان ئادەملەر چىقىپ تۇرىدۇ. بىر ھارۋىسى 20 كوي، شۇڭا داۋۇت زېرىكىپ قالماي، جاپادىن قاچماي يانتاق توشۇيدۇ. 20 كوي پۇل. ئۇنى يانتاق گۈلى قىزىقتۇرالمايدۇ، يانتاق تىكىنى تېخىمۇ قىزىقتۇرالمايدۇ. پەقەت 20 كوي پۇل. ئاندىن جاڭگالدىكى ...

جاڭگالدا نېمە بار؟

ئۇ نەرسىلەر بىردەملىككە داۋۇت دىڭ قۇلاققا ئۇچرايدۇ.

ئۇ يەنە ھېلىقى قىز ــ ئاياللارنى ۋە ئۇلارنىڭ كۈلكىسىنى ئويلاپ قالدى. قانداق تاتلىق كۈلكە. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈلۈنگەن كۈلكە. ئۇنىڭ سانىشىغا كۈلۈنگەن كۈلكە. ئۇنىڭ ئاۋازىغا كۈلۈنگەن كۈلكە. ئۇنىڭ ئاۋازى قانداقتۇ؟ ئۇ بىردىنلا بۇنىڭغا قىزىقىپ قالدى.  تا مۇشۇ يېشىغىچە ئۇ ئۆز ئاۋازىغا زەن سېلىپ باقماپتۇ. «ئاۋازىم قانداقتۇ؟» ئۇ ۋاقىراپ باقماقچى بولدى. نېمە دەپ ۋاقىرايدۇ؟ «ھەپىزەم، دەپ ۋاقىرايمۇ؟» ئۇ بېشىنى چايقىدى: «ياق ئۇ ماڭا تەگمىدى.» نېمە دەپ ۋاقىراي؟ ئۇ خىيالىغا نېمە كەلسە شۇنى ۋاقىرىماقچى بولدى:

_ ئېشەك!

ئۇ شۇنداق دەپ ۋاقىرىدى. تۇيۇقسىز ئاۋازىدىن ئېشەك بىر نەچچە قەدەمنى ئىتتىك ئېلىپ قويۇپ يەنە مېڭىشىغا چۈشۈۋالدى. قانداقراق ۋاقىرىدىكىن ئۇ بىلەلمىدى. ئەپلىكلا ئاۋازدەك خېلى جاراڭلىق، يەنە ۋاقىراپ باقايمۇ؟ ياق، بولدىلا ...

ئۇ ئىككىلىنىپ تۇرىۋىدى، ئېشىكى ھاڭراپ كەتتى، «ئىككىمىزنىڭ ئاۋازى ئوخشاش» دەپ ئويلىدى ئۇ.

نېمىلا دېگەن بىلەن داۋۇت دىڭ قۇلاق قىز ــ ئاياللارنىڭ شۇ كۈنكى كۈلكىسىنى پەقەت ئۇنتۇيالمىدى. شۇنداقلا، پەقەت سانىماسلا بولدى. كىشىلەر بۇنى بىلمەي قالامدۇ؟ شۇڭا كىشىلەر ئۇنى كۆرسىلا:

ــ ھە، داۋۇت 50 كىچە ساناپ باقمامسەن، ــ دېيىشىدىغان بولدى. داۋۇت بولسا ئۇلارغا گۇمان بىلەن قاراپ قويۇپ، سېرىق شەپكىسىنى چۆكۈرۈپ كىيىپ يولىغا ماڭىدۇ. بۇنى ئويۇن قىلىشىۋالغان كىشىلەر، ئۇ سوئالنى جىق دەپ كەتتى. ئاخىر بېرىپ داۋۇتمۇ 50 نىڭ ئۈستىنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان بولدى.

قىز ــ ئاياللارنىڭ ئۇ كۈنكى كۈلكىسى بولسا داۋۇت دىڭ قۇلاقنىڭ ھېچكىمگە، ھېچنېمىگە تېگىشمەيدىغان ئەسلىمىلىرى قاتارىغا قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ قاراڭغۇ قەلبىدە بىر يۇلتۇز بولۇپ قالدى.

ئۇلار جاڭگالغا كېلىپ قالغانىدى. ۋاپادار ئېشەك قەدىمىنى ئاستىلاتتى. ئۇ ئېشىكىگە قاراپ پىچىرلىدى:

_ سانايمەن، بىر ئېشىكىم بار، بىر.



9. ياۋا توشقان ۋە كەسلەنچۈك



ئۇپۇق تەرەپ قىزارغان، چەكسىز كەتكەن جاڭگال سەھەرنىڭ سالقىن شامىلىغا چۆمۈلگەن. داۋۇت دىڭ قۇلاق ھۇزۇرلىنىپ چوڭقۇر نەپەسلىنىپ، جاڭگالدىكى ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەرگە ھېرىسمەنلىك بىلەن قاراپ كەتتى. جاڭگالدىكى جانلىقلارمۇ ئويغىنىشقا باشلىغان. «ئويغىنىڭلار! كەتمىنىم ھەرىكەتكە كېلىپ سىلەرنى چۆچىتىۋەتكىچە ئويغىنىۋېلىڭلار!»

داۋۇت دىڭ قۇلاق يانتاق ۋە باراقسان يۇلغۇنلارنىڭ تۈۋىلىرىگە قاراشقا باشلىدى. ئۇنىڭ سۆيۈملۈكلىرى، قەيەردىسىلەر؟

جاڭگالدا نېمە بار؟

ياۋا توشقان ۋە كەسلەنچۈك

داۋۇت دىڭ قۇلاق بىلەن سىردىشىپ ئۈلگۈرگەن ئېشەك قاتتىق بىر ھاڭرىدى. يانتاقلارنىڭ ئاستىدىن، يۇلغۇنلارنىڭ ئاراشلىرىدىن ياۋا توشقان، كەسلەنچۈكلەر چىقىپ پېتىراپ كەتتى.

داۋۇت دىڭ قۇلاق شۇلارنى كۈتۈۋاتقانىدى، ئۇ كەتمەن سېپىغا تايانغىنىچە دىكىلداپ سەكرەپ كېتىۋاتقان توشقانلارغا زوقلىنىپ قاراپ تۇرۇپ كەتتى. بۈككىدە ياشنىغان يۇلغۇن ئارىسىدىن چىققان بىر توشقان ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشكە باشلىدى. ئۇ رۇسلاندى. بېشىدىكى سېرىق شەپكىسىنى تۈزلىدى. توشقان يېقىن كېلىۋىدى، دىڭ قۇلاق خۇشال بولۇپ كەتتى. ئەسلىدە ئۇ بىر قىز ئىكەن. داۋۇت ئۇنىڭغا يېقىملىق قارىدى.

ــ سىز دىڭ قۇلاقمۇ؟ ــ سورىدى قىز.

ــ لەقىمىم دىڭ قۇلاق، ئۆزۈم سالپاڭ قۇلاق، ــ دېدى داۋۇت، ئۇ سەمىمىي ئادەم ئىدى.

ــ مەنمۇ دىڭ قۇلاق، ــ دېدى ئۇ قىز.

ــ شۇنداق، سىزنىڭ قۇلىقىڭىز دىڭ، ــ دېدى داۋۇت. ئۇ سەمىمىي ئادەم ئىدى.

ــ مەن سىزنى ساقلىغىلى ئۇزۇن بولدى ــ دېدى قىز.

ــ مەن يانتاق چاپقىلى كەلدىم. بىر ھارۋىسى 20 كوي، ــ دېدى داۋۇت. ئۇ ھەقىقەتەن سەمىمىي ئادەم ئىدى.

قىز قېچىپ كەتتى، توشقان بولۇپ قېچىپ كەتتى.

داۋۇت دىڭ قۇلاق يەنە توشقان ئىزدەشكە باشلىدى، ئۇ توشقانلاردىن گۇمانلانمايتتى. توشقانلار ئۇنى ساناپ بەر دېمەيتتى. لېكىن، ياۋا توشقانلار ھېلىقى قىز ــ ئاياللاردەك كۈلەلمەيتتى.

داۋۇت دىڭ قۇلاق سىنچىلاپ قارىۋىدى، بارماق قولدەك چوڭلۇقتىكى بىر كەسلەنچۈك ئالدىدىكى يانتاق ئاستىدا تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ غەمسىزگىنە تۇرۇشى دىڭ قۇلاقنىڭ ئاپىسى ئېيتىپ بەرگەن چۆچەكنى تىڭشاۋاتقان تۇرقىغا ئوخشايتتى. داۋۇت دىڭ قۇلاقنىڭ ئاتا ــ ئانىسى ئۇنىڭغا بەس ــ بەستە چۆچەك ئېيتىپ بېرەتتى.

ئۈچ قولى بار دىۋە ئۇزۇن ــ ئۇزۇن نەشتەرلىرىنى ئۇنىڭغا سانجىش ئۈچۈن تەييارلىنىپ تۇراتتى. داۋۇت قىلچە قورقماستىن قولىغا كەتمەننى ئالدى. دىۋە ئاغزىدىن ئوت پۈركىدى. داۋۇت كەتمىنىنى قالقان قىلىپ ئوتنى قايتۇرۇۋەتتى. دىۋە نەشتەرلىرىنى ئاتتى. كەتمەن بىسى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ نەشتەرلىرىنى قايتۇرۇپ دىۋىنىڭ بەدىنىگە سانجىۋەتتى. دىۋە تىزلاندى:

ــ پالۋانغا قايىل بولدۇم. مېنى كەچۈرسىلە.

داۋۇت دىڭ قۇلاق مەردانە بۇيرىدى:

ــ دەرھال كەسلەنچۈك شەكلىگە كەلتۈرۈپ قويغان قىزنى ئەسلىگە كەلتۈر.

ــ خوپ. پالۋان.

دىۋە قىزنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

ــ پالۋان ئەمدى مېنى قويۇپ بەرسە، ــ دېدى دىۋە.

ــ ياق، ــ دېدى ئۇ قەھرى بىلەن، ــ سەندەك يامان نىيەتلەرنى قاتتىق جازلاش كېرەك!

داۋۇت دىڭ قۇلاق شۇنداق دەپ، كەتمەن بىلەن بىرنى چېپىپ دىۋىنى ئىككى پارچە قىلىۋەتتى.

ــ پالۋاننىڭ ئىسىم ــ شەرىپى كىمكىن؟ ــ سورىدى چىرايلىق قىز.

ــ پەقىر داۋۇت دىڭ قۇلاق، ــ دېدى ئۇ قاقاقلاپ كۈلۈپ، ــ خېنىم كىمكىن؟

ــ مەن ...

كاساپەت، كەسلەنچۈك پارتلا قىلىپ قېچىپ كەتتى.

داۋۇت دىڭ قۇلاق ئېشىكىگە قارىدى. ئېشىكى: «سېنىڭ بايىقى كۈلكەڭ يالغان، سەن كۈلمىدىڭ» دېدى. داۋۇت دىڭ قۇلاق ئېشىكىگە:

ــ يەنىلا يانتاق مۇھىم، ــ دېدى.

بىر ھارۋا يانتاق چېپىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانچە ئىش ئەمەس. شۇغىنىسى ئۇ ئۆي سېلىۋاتىدۇ، شۇڭا ۋاقتىدا كەتمىسە بولمايدۇ. ئۇ ھارۋىسىغا يانتاقنى بولۇشىغا باستى. بۇ جەھەتتە ئۇ ھەرگىزمۇ ساختىلىق قىلمايتتى. 20 كوينى ھالال ئالاتتى.

ئۇ كۈن بىر غۇلاچ ئۆرلىگەندە جاڭگالدىن قايتتى. جاڭگالدىكى نەرسىلەر بىلەن ئۈنسىز خوشلاشتى: «كەچۈر دىۋە!»

ئېشەك ھارۋىنى كۈچەپ تارتىپ كېتىۋاتاتتى. داۋۇت دىڭ قۇلاق يانتاقچىلىق قىلىۋاتقان نەچچە يىلدىن بۇيان بىرەر قېتىممۇ يانتاق باسقان ھارۋىغا ئولتۇرۇپ جاڭگالدىن قايتىپ باقمىدى. شۇنچە ئۇزۇن جاڭگال يولىنى پىيادە باساتتى. ئېشىكى بىلەن بىللە ماڭاتتى. چۈنكى، ئۇ ئېشەكنى چۈشىنەتتى، ئېشەكنى قەدىرلەيتتى. ئارتۇقچە زۇلۇم سېلىشنى خالىمايتتى. «بۇ ئېشەكنىڭمۇ بىر يەرلەردە تەخىيى بار» دەپ ئويلايتتى دىڭ قۇلاق.



10. ھەپىزەم



ئۇ يالغۇز ئىش قىلاتتى. باشقىلارغا ياردەممۇ قىلمايتتى. باشقىلارنى يارەمگىمۇ چاقىرمايتتى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ جاپاكەش، شۇنىڭغا بېقىپ غەيرەتلىك، چەبدەس ئادەم ئىدى. ھېلىقى كۆكتاتلىقنىڭ قاشا تېمىنىمۇ يانتاقتىن ياسىغانىدى. كىشىلەر ئىسسىققا چىدىماي سايىدا قەرت ئويناپ ئولتۇراتتى. داۋۇت دىڭ قۇلاق بولسا ئۆيدىن چىقىپ، كۈنگە قاراپ قويدى ــ دە، تام سېلىشقا تۇتۇش قىلدى. ئۇ ئىشنى يۈگۈرۈپ يۈرۈپ، تىنماي قىلاتتى. تەرلەپ ــ پىشقىنى بىلەن كارى  يوق ئىدى. كىشىلەر 9، 10 قول قەرت ئويناپ بولغۇچە ئۇ تامنى پۈتكۈزۈپ بولدى. كىشىلەر بۇنىڭغا قاراپلا قېلىشقانىدى.

تامغۇ مەيلى، ئۆيچۇ؟

ئۇ ئۆينىمۇ يالغۇز سېلىۋاتاتتى. ئۇ ئالدى بىلەن كېسەكنى ئالتىدىن كۆتۈرۈپ شوتا بىلەن چىقىپ جازا ئۈستىگە تىزىۋالاتتى. ئاندىن ئىككى چېلەككە لاينى لىق قاچىلاپ تام ئۈستىگە ئېلىپ چىقىپ يېيىتاتتى. بۇلارنى تەق قىلىۋالغاندىن كېيىن تام قوپۇرۇشنى باشلايتتى. كىشىلەرمۇ ئۇنىڭ مىجەزىنى بىلگەچكە يېقىن كەلمەيتتى. ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشمايتتى.

داۋۇت دىڭ قۇلاق ئىشنى ئاشۇندق تەكرار ــ تەكرار قىلىپ تامنى قوپۇرىۋاتاتتى. ئۇ بۇنىڭدىن قىلچە زېرىكىش ھېس قىلمايتتى. ئەمەلىيەتتە، زېرىكىش ئۇنىڭ ئۈچۈن مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ تۆت يانچۇقلۇق چاپىنى، سېرىق شەپكىسى ئۇنداق نەرسىلەر ئۈچۈن ياخشى مۇداپىئە.

پەقەت دىڭ قۇلاقنىڭ قەلب دەرۋازىسىلا مەلۇم نەرسىلەر ئۈچۈن كەڭ ئوچۇق.

ئۇ بېرىلىپ ئىشلەۋاتقاندا بىر قىز كېلىپ ئۇنىڭ ئىشلىشىگە قاراپ تۇردى. داۋۇت دىڭ قۇلاق بۇنى بىردىنلا تۇيدى.ئۇ بىر ئاز ئىشلىگەندىن كېين غەيرەتكە كېلىپ كەينىگە بۇرۇلدى:

ــ ھەپىزەم!

گۈلدەك ياسانغان ھەپىزەم.

بۇنى كۆرۈپ داۋۇتنىڭ كۆزلىرى نۇرلىنىپ كەتتى. دىگەن بىلەن ھەپىزەمنىڭ تازا تولغان چاغلىرى ئىدى. نېمىنى كۈتىدىكىن، تەڭتۇشلىرى ياتلىق بولۇپ، ئالدى ئىككىدىن بالىلىق  بولغان بولسىمۇ. ئۇ تېخىچە بويتاق يۈرەتتى.

ــ ھەي، داۋۇت، ــ دېدى ھەپىزەم، ــ بۇنداق جاپا تارتقۇچە بىرەرسىنى ياردەمگە چاقىرساڭ بولمامدۇ؟

داۋۇت دىڭ قۇلاقنىڭ ۋۇجۇدىغا سەبىي چاغلىرى پەرۋاز قىلىپ كېلىپ قوندى.

ــ خوتۇنۇم ياتىدىغان ئۆي، شۇڭا ئۆزۈم سالىمەن، ــ دېدى ئۇ.

ــ شۇنداق بولسىمۇ، قەستەنگە جاپا تارتساڭ بولامدۇ؟ ــ دېدى ھەپىزەم كۆيۈنۈش تەلەپپۇزىدا. داۋۇت دىڭ قۇلاقنىڭ خىيالى بۇنىڭ بىلەن كىچىك چاغلىرىغا كەتتى. بۇرۇنمۇ ھەپىزەم ئۇنىڭغا ئاشۇنداق كۆيۈنەتتى. «ھېلىمۇ ماڭا كۆڭلى بارمۇ نېمە؟» دەپ ئويلىدى داۋۇت. بۇنىڭ بىلەن ئۇ خېلى دادىللىشىپ قالدى.

ــ ئۇنداق جاپالارغا چىدايمەن، ــ دېدى داۋۇت ھەپىزەمگە يەۋەتكۈدەك قاراپ، ــ مەندە پۇلمۇ بار. ماڭا تېگەمسەن؟

ــ ماڭە، ساراڭ، ــ دېدى ھەپىزەم تۇمشىقىنى ئۇچلاپ.

ــ تەگسەڭ ئالىمەن، _ ــ دېدى داۋۇت شوتىدىن چۈشمەك بولۇپ.

ــ ماڭە ساراڭ، ساڭا كىم تېگىدۇ؟ ــ دېدى ھەپىزەم كەينىگە داجىپ.

ــ كىچىك ۋاقتىڭدا تەگكەنغۇ؟

ــ راستتىنلا ساراڭكەنسەن، ــ ھەپىزەم شۇنداق دەپ تىللاپ، كېتىپ قالدى.

داۋۇت دىڭ قۇلاق ئورنىدا تۇرۇپلا قالدى. نېمىشقا ئۇلار ئۇنتۇپ قالىدۇ؟ ھەپىزەمنىڭ ماڭا تەگكەنلىكىنى مۇنۇ يېزا باشلىقىمۇ بىلىدىغۇ.

ئەمما، بۇ ئۇ ھەپىزەم ئەمەس ئىدى.

كىچىك ھەپىزەم  ئەمەس ئىدى.

داۋۇت دىڭ قۇلاق بەك ئازابلاندى. سېرىق شەپكىسىنى لاي قولىغا ئېلىپ قاتتىق مىجىقلىدى: «ھەي، قىزلارنى چوڭ بولغاندا ئالسا بولغۇدەك».



11. 100 ھارۋا يانتاق



لېكىن ئۇ ئۆي سېلىشتىن توخـتاپ قالمىدى. ھەپىزەمنى ئاللىقاچان ئېلىپ بولغان. ئەمما، ئەجەپ قىلدى ئۇ.

ئۇ ئاشۇ خىياللار بىلەن ئىشلەۋاتقاندا ئۇنىڭ يېنىغا تەڭ دېمەتلىك ئىككى ياش كەلدى.

ــ ھوي، دىڭ قۇلاق، ــ دېدى بىرى، ــ ھەپىزەم كەتتىغۇ؟

ــ كەتتى، ــ دېدى داۋۇت توڭلا.

ــ ساڭا نېمە دېدى؟

داۋۇت ئۈندىمىدى.

ــ نېمە دېيىشتىڭلار؟ ــ سورىدى يەنە بىرى.

داۋۇت يەنە سۆزلىمىدى.

_ بىز كۆرۈپ تۇردۇق.

داۋۇت جىملا ئۆز ئىشىنى قىلىۋەردى. يىگىتلەر ئاچچىقلىنىپ بىر ــ بىرىگە قارىشىۋالدى.

ــ سەن ھېچنېمىدىن خەۋىرىڭ يوق، مۇشۇنداق ئىشلەۋېرەمسەن؟

بۇ گەپ ئۈنۈمىنى كۆرسەتتى. داۋۇت ئىشتىن توختاپ بېشىنى كۆتۈردى.

ــ ئايشەم ساڭا تېگەي دەۋاتسا، ھەپىزەمگە گەپ قىلىپ يۈرىسەنغۇ؟ ــ دېيىشتى ئۇلار. داۋۇت ئۇلارغا سوئال نەزىرى بىلەن تىكىلدى.

ــ راستتىنلا... ئايشەمنى بىلىسەنغۇ؟ موزدۇزنىڭ قىزى.

ھە، داۋۇت دىڭ قۇلاق ئۇنى بىلىدۇ، ئەلۋەتتە ئايشەمنى بىلىدۇ- دە. ئۇ كىچىك ۋاقتىدا ئۇنىڭغا «تەگكەن» ھېلىقى تۆت قىزنىڭ بىرى شۇ.

ــ ئىشەنمىسەڭ بوپتۇ، ــ دېدى يىگىتلەر كەتمەكچى بولۇپ، ــ بېرىپ گەپ قىلساڭلا ساڭا تېگىدۇ. بول ھازىرلا بار، كېچىكىپ قالساڭ يوق.

ئۇلار كېتىپ قېلىشتى. داۋۇت دىڭ قۇلاق خېلىغىچە ئىچىنى تىڭشاپ تۇرۇپ كەتتى. ئايشەم ھەپىزەمدىن قېلىشمايدۇ، ئايشەمنىڭ گېپى تاتلىق، كىچىك چېغىدا داۋۇتنىڭ ئىچىدىكى گەپلەرنى تېپىپ قىلاتتى. «ئۇنى ئۇنتۇپ، مۇنۇ ھەپىزەم بىلەنلا بولۇپ قاپتىمەن».

داۋۇت تام ئۈستىدىن چۈشتى ۋە ئالدىراپ ــ تېنەپ قوللىرىنى يۇيۇپ ئايشەنىڭ ئۆيىگە ماڭدى.

ھويلىدا ئايشەمنىڭ ياشانغان ئاپىسى يىڭنە ئىشى قىلىپ ئولتۇرغانىكەن. ئۇ داۋۇتنىڭ ئالدىراش تۇرقىنى كۆرۈپ ئەجەبلەندى.

ــ كەل، بالام ئورۇنداقتا ئولتۇر.

داۋۇت ئولتۇرمىدى، ئىچىدىكىنى ئېيتتى:

ــ مەن ئايشەمنى ئالماقچىدىم.

ئانا تۇرۇپلا قالدى. قولىدىكى ئىشىنى قويدى.

ــ ئايشەم كىچىك ۋاقتىدىۇ ماڭا تەگكەن، ــ دېدى داۋۇت يەنە.

ئانا بىر كىملەرنىڭ ئەسكىلىك قىلىپ، داۋۇتنى ئەخمەق ئەتكەنلىكىنى بىلدى، ئانا داۋۇتنى كىچىكىدىن باشلاپلا ئوبدان بىلەتتى. گەپدانلىقىغا ھەيران قالاتتى. شۇنداق تۈزۈكلا بالا ئاتىسىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ...

ئانا داۋۇتقا ئىچ ئاغرىتتى. ئەمما، نېمە دېگۈلۈك؟ راست گەپنى دېيىشكە ئانىنىڭ كۆڭلى پەقەتلا ئۇنىمىدى. داۋۇت بولسا زور ئۈمىد بىلەن جاۋاب كۈتۈپ تۇراتتى.

ــ بولىدۇ، ــ دېدى ئانا ئاخىرى بولماي، ــ سەن جاڭگالدىن 100 ھارۋا يانتاق ئېلىپ چىقىپ ساتالىساڭ، ئايشەمنى ساڭا بېرىمەن.

ــ بولىدۇ، ــ داۋۇت دىڭ قۇلاق شۇنداق دەپلا كەينىگە ياندى.

خۇشاللىقىدا ئۇنىڭ ئىش قىلغۇسى كەلمىدى. ئۆيىگە كىرىپ 100 ھارۋا يانتاقنىڭ ھېسابىنى قىلىشقا باشلىدى. ئۇ خېلىغىچە ئولتۇرۇپ قايتا ــ قايتا سانىغاندىن كېيىن، 100 ھارۋا يانتاقنىڭ 50 ھارۋىدىن ئىككى قېتىم ئەپكەلسە توشىدىغانلىقىنى بىلدى. ئۇ يەنە ھېسابلىۋىدى، بىر كۈندە ئىككى ھارۋىدىن ئەپكەلسە 50 كۈندە تۈگەيدىكەن، ئۈچ ھارۋىدىن ئەپكەلسە ... بولدىلا ... ئۇ ھېسابلىيالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۈندە ئىككى ھارۋا يانتاق ئەپكېلىش قارارىغا كەلدى.

داۋۇت دىڭ قۇلاق پۈتۈن كۈچى بىلەن يانتاق توشۇشقا باشلىدى، ھەپىزەمنى ئۇنتۇدى. ياۋا توشقاننى، كەسلەنچۈكنى ئۇنتۇدى، 50 كۈن يانتاق توشۇسا ئايشەمنى ئالىدۇ.

  50 ھارۋا يانتاق.

ئايشەم!

ئېشەكنىڭمۇ ئايىقى ئىتتىكلەپ قالغان، ئۇ ئەمدى بۇرۇنقىدەك مادا ئېشەكلەرنىڭ سۈيدۈكىنى پۇراپ تۇرىۋالمايتتى.

داۋۇت دىڭ قۇلاق ئاشۇنداق يانتاق توشۇپ 24 كۈن بولغاندا ئايشەمنىڭ تويى ئۈچۈن ناغرا چېلىندى.

داۋۇت دىڭ قۇلاقنىڭ قولىدىن كەتمەن چۈشۈپ كەتتى. ئېشەك چىپپىدە توختىدى.

ناغرا ساداسى ئەۋجىگە چىقاتتى. داۋۇت دىڭ قۇلاق تۇنجى قېتىم بۇ ئاۋازدىن بىزارلىق ھېس قىلدى. تۇنجى قېتىم كېچىسى بېرىپ مارىلىمىدى. تۇنجى قېتىم بويىنى سۇغا سالمىدى.

قۇرام تاش ۋە بۇرۇندىكى قان ئۇنىڭ بىر كۆزىدىن كىرىپ يەنە بىر كۆزىدىن چىقىپ كەتتى.

ــ ئالدامچىلار، يالغانچىلار! ــ ئۇ ئاچچىق ۋارقىرىدى.

ئېشەكمۇ سەت ئاۋازدا ھاڭرىدى.

داۋۇت دىڭ قۇلاق يانتاققا ئۆچمەنلىك بىلەن قارىدى. ئادەملەر ئەسلىي يانتاق ئىكەن، ئۇششاق تىكەنلىرىنى سانجىپ تۇرىدىكەن، ئۇششاق تىكەنلىرىنى ...

داۋۇت دىڭ قۇلاق غەزەب ــ نەپرىتىنى بېسىۋالالمىدى. ئۇ قەدىناس كەتمىنىنى ئېلىپ يانتاق باغلاشقا ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان قەدىناس ئارغامچىنى چېپىپ نەچچە پارچە قىلىۋەتتى. مانا يانتاق، مانا يانتاق.

ئۇ ئېشىكىنىڭ بويىنىنى قۇچاقلىغىنىچە تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ يەرگە چۈشۈپ كەتكەن سېرىق شەپكىسىدە بىر نەچچە تال يانتاق تىكىنى بار ئىدى.

داۋۇت دىڭ قۇلاق ئېشىكىگە ھالسىز شىۋىرلىدى:

ــ ئەمدى يانتاققا بارمايلى ...

ئېشەك ئېغىر پۇشۇلدىدى.

ــ ئالدامچى ئادەملەرگە يانتاق توشۇپ نېمە قىلىمىز؟



12. ئۇنىڭ ئۈچىنچى ئارزۇسى



ئۇ شۇندىن كېيىن يانتاققا بارماس بولدى. ئۇ يانتاقلار قورام تاشنى كۆتۈرەلەمدۇ؟ كۆك يانتاقلار بۇرۇندىكى قان بىلەن قىزىل يانتاققا ئايلىنالامدۇ؟

داۋۇت دىڭ قۇلاق بۇنىڭدىن گۇمانلىناتتى، ئىشەنمەيتتى.

ھەپىزەم، سەن نېمىتتىڭ؟

ئايشەم، سەن نېمىتتىڭ؟

سىلەر نېمىتتىڭلار؟

ئەمما داۋۇت دىڭ قۇلاقنىڭ قەلبىە بىر ئازاب بار ئىدى. ئۇ بۇنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇيالمايدىغاندەك قىلاتتى.

شۇندىن كېيىنغۇ ئۇ يانتاققا بارمىدى، ئارام ئالدى، ئېشىكىمۇ ئارام ئالدى.

شۇنداق كۈنلەردە، ناھايىتى ئۇزاقتا، بىرەر زۆرۈر ئىش بولۇپ قالسا ئۆيىگە يولاپ قويىدىغان كەنت باشلىقى ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىدا پەيدا بولدى.

ــ يېتىۋېرەمسەن داۋۇت، يۈر شەھەرگە بارىمىز.

كەنت باشلىقىنىڭ تۇرقىدىن ئالدىراۋاتقانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. داۋۇت ئۇنىڭغا گۇمانسىراپ تىكىلدى.

ــ بول چاپسان، باشقا كىشىلەر ساقلاپ قالدى. ئەمما، بارمىساڭ ئىختىيارىڭ.

شەھەر.

داۋۇت ئەمدىلا ئويلىنىپ تۇرۇۋىدى، كەنت باشلىقى ئاخىرقى قېتىم ئالدىراتتى.

ــ بارساڭ چاققانراق تەييارلىق قىل.

ــ بارسام باردىم، ــ دېدى داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ، كەنت باشلىقى چىقىپ كەتتى. داۋۇتمۇ قەيەرگىدۇر تىقىپ قويغان پۇلىدىن ئېلىپ كەينىدىن چىقتى.

يېپ ــ يېڭى بىر ماشىنىغا كەنتتىكى نۇرغۇن كىشىلەر چىقىۋېلىشقان بولۇپ، ھەممىسى تاقەتسىزلىنىپ ئۇنى كۈتۈپ تۇرىشاتتى. داۋۇت دىڭ قۇلاق ئۇدۇل كېلىپ كۇزۇپنىڭ كەينىدىن ماشىنىغا چىقتى ۋە ئەپلىك جايلىشىپ ئولتۇرۇۋالدى. باشقىلار ئۇنىڭ ئۈستى ــ بېشىغا قاراپ بىزارلىق بىلەن كۇسۇرلاشتى، ئالىيىپ قاراشتى.

ئەمما داۋۇت دىڭ قۇلاقنىڭ بۇلار بىلەن كارى بولمىدى. چۈنكى، ئۇلار يالغانچىلار، ئالدامچىلار.

ماشىنا قوزغالدى. سەل تۇرۇپ ئۇ بىلدىكى، كەنت بۇ ماشىنىنى يېڭىدىن سېتىۋاپتۇ، شۇنىڭ شەرىپىگە شەھەرگە بارالايدىغانلارنى شەھەرگە ئاپىرىپ ئەكىلىدىكەن.

داۋۇت دىڭ قۇلاق ماشىنا سۈرئىتىنىڭ ئىتتىكلىكىدىن سۆيۈنۈپ كەتتى. بىر خىلدا تىرىسلاپ ماڭىدىغان كىچىك ئېشىكى بىلەن سېلىشتۇرىۋىدى، ۋاھ، ماشىنا دېگەن ... ئەمما، ئازدىن كېيىن ئۇنىڭ بۇ خىياللىرى ئاستىن ــ ئۈستۈن بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ سىيگۈسى كېلىپ كەتكەنىدى. ئەگەر ھارۋىلىق بولغان بولسا «ۋوھ» دەپ، ئېشەكنىڭ نۇقتىسىنى بىر تارتىدۇ ــ دە، يەرگە سەكرەپ چۈشۈپ، بىر تۈپ دەرەخنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ، بىر قولىدا نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، يەنە بىر قولىدا ئىشنى پۈتتۈرىدۇ. ئەمما، ھازىر كىمگە دېيەلەيدۇ؟ «تورمۇزلاپ» ئولتۇرۇشتىن باشقا ئامال يوق. مۇنۇ كىشىلەردىنغۇ ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىچە نومۇسلۇق چىرايلىرىنى چىقىرىشىپ ئولتۇرۇپ كېتىشلىرىنى. قانچىلا ياسىنىۋالغىنىڭ بىلەن شەھەردە كىم تونۇيتتى سېنى؟ ئېرىڭ يېزىدا، خوتۇنۇڭ يېزىدا.

ماشىنا شەھەرگە كىرىدىغان چاغدا توختاپ، كەنت باشلىقى بىخەتەرلىك ھەققىدە سۆزلەۋاتقاندا، قىينىلىپ ئولتۇرغان دىڭ قۇلاق ماشىنا كەينىگە ئاران ئۈلگۈردى.

ماشىنا شەھەرگە كىرىپ تۇرار جايى ۋە ماڭار ۋاقتى مۇقىملاشقاندىن كېيىن كىشىلەر بازارغا شۇڭغۇپ كېتىشتى ...

كۈن ئولتۇراي دېگەندە كىشىلەر بىرلەپ ــ ئىككىلەپ ماشىنىغا يىغىلىشقا باشلىدى. يىغىلغانلىرى ئۆزلىرىنىڭ بازاردا كۆرگەنلىرىنى، يېگەن تونۇر كاۋىپىنىڭ تېتىپ كەتكەنلىكىنى، گۆشناننىڭ يېزىدىكىدىن مەززىلىك ئىكەنلىكىنى سۆزلەشسە، بەزى ئاياللار لىپتىككە كۆزى چۈشكەنلىكىنى، بىراق، ئالاي دېسە خىجىل بولغانلىقىنى... يەنە بىر نېمىلەرنى دەپ، پىچىرلىشاتتى.

شۇنىڭ ئۈستىگە ماشىنا يېنىدا تەلپەكلىرى پۈكلىشىپ كەتكەن سېرىق شەپكە پەيدا بولدى. بۇنى كۆرۈپ كىشىلەرنىڭ ئەرۋاھى ئۇچتى. ئەتىگەندىن بىر ــ بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالسا ئالغان نەرسىلىرىنى كۆز ــ كۆز قىلىشىپ، ئۇنى كۆرسە تونۇماسقا سېلىپ يۈرگەن كىشىلەر ئەمدىلىكتە ئۇنىڭغا تەتۈر قارىۋېلىشتى. يېگەن تاماقلىرىنىڭ تەمى گېلىدە غىققىدە بولۇپ قالدى. ئارزۇلىرى كۆڭلىدە مىققىدە مىقلىنىپ قالدى.

داۋۇت دىڭ قۇلاق بولسا بىر خىيالىدا يوق، بايا يېگەن زاسۈينى بىر كېكىرىۋېتىپ، چۈشتىن كەچكىچە تۆت كوچىدىكى رىشاتكىغا يۆلىنىپ تۇرۇپ كۆرگەن ئۆتكەن ــ كەچكەن قىزلارنى قايتا ئەسلەشكە باشلىدى. «ئەجەپ نوچى قىزلار ــ ھە!» دەپ ئويلىدى ئۇ. ئۇ ئۇلارغا تىنماي قارىدى. ئۇلارمۇ داۋۇت دىڭ قۇلاققا شۇنداق بىر قاراشنى ئۇنتۇمىدى. ئۇ قىزلار، شۇنداق نۇرغۇن قىزلار نەدىن كېلىپ، نەگە بارىدىغاندۇ؟

ــ ھوي قاراڭلار، ماۋۇ دىڭغا!

بىرى شۇنداق دېمىگەن بولسا، ئۇنىڭ خىيالى تۈگىمىگەن بولاتتى. باشقىلارمۇ ئۇنىڭغا دىققەت قىلمايتتى. ئۆز پاراڭلىرى بىلەن ئولتۇرغان كىشىلەر سۆزلىگۈچى كۆرسەتكەن تەرەپكە قاراپ ھەيرانلىقتا تۇرۇپلا قېلىشتى.

سائەت!

داۋۇت دىڭ قۇلاقنىڭ سول قول بېغىشىدا راستىنلا سائەت تۇراتتى.

ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر يېپ ــ يېڭى ئېلېكترونلۇق قول سائىتى ئىدى.

ــ نېمە ھال بۇ ساراڭغا، ــ دېدى ھېلىقى كىشى.

ــ شۇ ئەمەسمۇ، _ دېدى كەنتنىڭ ئامانلىق كادىرى، ــ بىز چېغىمىزدا سائەت تاقاشقا پېتىنالماي يۈرسەك.

ــ قانچىگە ئالدىڭ، ھەي، دىڭ؟

دىڭ قۇلاق ئۇلارنىڭ سۆزىگە پەرۋا قىلمىدى، جاۋابمۇ بەرمىدى. كىشىلەر بولسا بۇ ھەقتە خېلىغىچە غۇدۇراشتى. غۇدۇراۋاتقان چىرايلاردا ھەسەت، مەسخىرە، ئارمان، قىزغىنىش، كۆرەلمەسلىك ... ھەممىسى بار ئىدى.

بىراق، داۋۇت دىڭ قۇلاقنىڭ ئۇلار بىلەن نېمە چاتىقى. ئۇلار قانداقمۇ داۋۇت دىڭ قۇلاقنىڭ قەلبىنى چۈشەنسۇن. قانداقمۇ ئىچىدىكىنى ئويلاپ يېتەلىسۇن. يۈرىكىدىكى ئارزۇنى قانداقمۇ سېزەلىسۇن؟ مۇمكىن ئەمەس، مۇمكىن ئەمەس.

چۈنكى، ئۇلار يالغانچىلار!

چۈنكى، ئۇلار ئالدامچىلار!

ھالبۇكى، بۇ دەل ئۇنىڭ ئۈچىنچى ئارزۇسى ئىدى.

بۇندىن تۆت يىل بۇرۇنقى قۇربان ھېيتتا، يېزا رەھبەرلىرى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەردىن ھال سورىدى. ھال سورالغان ئائىلىلەرگە بېرىلىدىغان نەرسە بىر خالتا ئۇن ئىدى. ھال سورىغۇچىلار داۋۇت دىڭ قۇلاقنىڭمۇ ئىشىكىدە توختىدى. كۆكتاتلىقتا ئىشلەۋاتقان داۋۇت دىڭ قۇلاق ئۇلار ئارىسىدىكى يېزا باشلىقىنى تونۇپ، ئۇنىڭغا تىكىلدى. ئەمما، يېزا باشلىقىنىڭ «شاپائەتچى ئەۋلىيا» دەك قوللىرىنى كەينىگە قىلىپ غادىيىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆز ئىشىنى قىلىۋەردى. ئۇنىڭ بۇ ئىشىدىن قالغانلار ئالدىراپ قېلىشتى.

ــ ھەي داۋۇت، يېزا باشلىقى سېنى يوقلاپ كەلدى. چاققان چىقىپ رەھمەت ئېيتمامسەن؟ ــ دېدى بىرەيلەن ئاچچىق قىلىپ.

ئەمما، داۋۇت دىڭ قۇلاق مىت قىلىپمۇ قويمىدى.

ــ داۋۇت، ھېيتىڭنى ئوبدان ئۆتكۈز. باشقا قىيىنچىلىقىڭ بولسا ماڭا دە، ــ دېدى يېزا باشلىقى تەكەببۇرانە قىياپەتتە.

داۋۇت دىڭ قۇلاق بېشىنى چايقىدى. يېزا باشلىقى «ئۇننى ئەكىرىپ بېرىڭلار» دېگەن مەنىدە قولىنى شىلتىدى، شۇنى كۈتۈپ تۇرغانلار ئۇنغا يۈگۈردى.

_ ئالمايمەن!

داۋۇت دىڭ قۇلاقنىڭ بۇ سۆزى ھەممەيلەننى جايىغا مىقلاپ قويدى.

ــ نېمىشقا؟ ــ دەپ سورىدى يېزا باشلىقى ئەجەبلىنىپ.

«كىچىكىڭدە سەن مېنىڭ شاپتۇل قېقىمنى تالىشىپ يېگەن» دېدى داۋۇت دىڭ قۇلاق ئىچىدە.

ــ ئالمايمەن.

يېزا باشلىقى قاپىقىنى تۈرۈپ يەنە قولىنى شىلتىدى. ئۇن ئېلىپ كېتىلدى. ئۇلار كېتىپ قېلىشتى. داۋۇت دىڭ قۇلاق بولسا جايىدا تۇرۇپلا قالغانىدى. ئۇ يېزا باشلىقى قولىنى شىلتىگەن دەقىقىلەردە يېزا باشلىقىنىڭ قولىدىكى بىر نەرسىنى بايقاپ قالغانىدى. ئۇ نەرسە سائەت ئىدى. ئۇ مۇشۇ سائەت ئىدى. شۇندىن كېيىن ئۇ سائەت داۋۇت دىڭ قۇلاقنىڭ خىيالىدىن چىقمىدى. ئاخىرى بېرىپ ئۇ سائەت داۋۇت دىڭ قۇلاقنىڭ ئۈچىنچى ئارزۇسى بولۇپ قالغانىدى.

ئۇ سائەتنى نەچچە يىل بۇرۇن يېزا باشلىقى تاقىغان.

ئەمدىلىكتە داۋۇت دىڭ قۇلاقمۇ تاقىدى.

كىچىك چېغىدا داۋۇت دىڭ قۇلاق ھەپىزەم، ئايشەملەرنى ئالغان. بىراق، يېزا باشلىقى بىرىنىمۇ ئالالمىغان.

ئۇلارنى ماشىنىدىكى يالغانچىلار، ئالدامچىلار قانداقمۇ بىلەلىسۇن؟ قانداقمۇ سېزەلىسۇن؟



13. ئامەت كەلگەندەك قىلىدۇ



داۋۇت دىڭ قۇلاقنىڭ ئۈچىنچى ئارزۇسى شۇ ئىدى. يېزا باشلىقى سائىتىڭنى ئانچە چوڭ بىلىپ كەتمە!

داۋۇت دىڭ قۇلاقنىڭ كىشىلەر ئاللىقاچان ئۇنتۇغان سېرىق شەپكىسى ماشىنىدا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. ئۇ سول قولىنى كۆتۈرۈپ سائەتنى يەنىمۇ ئېنىقراق كۆرسەتكەچ شەپكىسىنى كۆتۈرۈپ قويدى.

ــ ھوي، داۋۇت، سائىتىڭ قانچە بولۇپ كەتتى؟ ــ بىر چاغدا سورىدى بىرى. كىشىلەرنىڭ ئەمدىلا بېسىلغان غەيرىي تۇيغۇلىرى شۇنىڭ بىلەن يەنە قۇتراپ كەتتى. يەنە كۇسۇر ــ كۇسۇر باشلاندى. داۋۇت دىڭ قۇلاق سېرىق شەپكىسىنىڭ تېگىدىن ئۇلارغا مەخپىي تىكىلدى. سىلەرنىڭ گېپىڭلار نېمىگە ھېساب؟ ئېشىكىمنىڭ تېزىكىگە قونغان چىۋىننىڭ پوقىغا. مانا كۆرۈۋېلىش!

ئۇ قولىنى ئېگىز كۆتۈردى. باياتىندىن بېرى بالىلارنىڭ رەسىملىك كىتابچىسىنى كۆرۈپ ئولتۇرغان دىڭ قۇلاق، سائەتكە قاراپ بىر ئاز تۇرۇپ كەتكەندن كېيىن، ئىختىيارسىز دەپ سالدى:

ــ سائەت 61 دىن 9 مىنۇت ئۆتۈپتۇ.

كىشىلەر مەڭدەپ قېلىشتى. يا مۇشۇنداق سائەتمۇ بۇ؟ ھېچكىم دەماللىققا بىر نېمە دېيەلمىدى. داۋۇت كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى كۆردى. كۆزلەر، كۆزلەر، ھىم، ئۇ كۆزلەر ...

شۇ چاغدا كىمدۇر بىرى ۋاقىرىدى:

ــ ئۇ سائەتنى تەتۈر تاقىۋاپتۇ.

ــ نېمە غەلىتە دەيمەن.

ــ راست، مانا سائەت 19 دىن 6 مىنۇت ئۆتۈپتۇ.

ــ ساراڭغا ساراڭ بوپتىمىز.

داۋۇت ئۇ كۆزلەرگە قارىدى. ئۇ كۆزلەردە مىسلىسىز قانائەت. بىراق، دىڭ قۇلاق قولىنى چۈشۈرمىدى.

ــ تەتۈر تاقىۋاپتۇ ــ دە.

ماشىنىدىكىلەر قاقاھلاپ كۈلۈشەتتى. بىر ــ بىرىگە شۇ گەپنى قايتا ــ قايتا دەپ كۈلۈشەتتى. داۋۇتنى كۆرسىتىپ كۈلۈشەتتى. بۇ كۈلكىلەر، ئۆزلىرىنى يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بۇ كۈلكىلىرى ئاشۇ داۋۇت دىڭ قۇلاق ئۈچۈنغۇ؟

ماشىنا سىرتىغا نىسبەتەن پەقەت ئاۋاز شەكىلدىلا تارقالغان بۇ كۈلكىنىڭ ئۈستىگە كېلىپ قالغان كەنت باشلىقى نېمە ئىشلىقىنى سورىدى. بىرى ئالدىراپ جاۋاب بەردى:

ــ داۋۇت ئالغان سائىتىنى تەتۈر تاقىۋاپتۇ.

بۇ گەپ كەنت باشلىقىنىڭ ھەمراھىنى قىزىقتۇردى.

ــ كىم ئۇ؟ ــ دەپ سورىدى ئۇ كىشى.

شۇندىلا كىشىلەر كەنت باشلىقى بىلەن بىللە كەلگەن كىشىگە دىققەت قىلىشتى. ئۇ شەھەرلىكلەرگە خاس كىيىنگەن، تۇرقىدىن سىپايىلىكى چىقىپ تۇرغان بىر ئادەم ئىدى.

ــ ئاشۇ شۇ، ــ دېدى كەنت باشلىقىداۋۇتنى كۆرسىتىپ، ــ بايا سىز سۈرۈشتۈرگەن نەمەت ئاكىنىڭ ئوغلى داۋۇت.

شەھەرلىك ئادەم داۋۇتنىڭ تۇرقىغا ھەيران بولۇپ تىكىلدى ۋە سوئال نەزىرى بىلەن كەنت باشلىقىغا قارىدى. كەنت باشلىقى دىڭ قۇلاق ھەققىدە سۆزلەپ بەردى. ئەمما، بىر ئادەمنىڭ تارىخىنى ئىككىنچى بىر ئادەم قانداقمۇ سۆزلىيەلىسۇن.

ــ ئەقلى ــ ھۇشى جايىدىمۇ؟ ــ سورىدى شەھەرلىك ئادەم تەمكىنلىك بىلەن.

ــ ئۇ بىر ساراڭ، ــ دېدى بىرى لوقما سېلىپ.

_ ئاغزىڭغا ھېلىقى، _ دېدى كەنت باشلىقى ئالىيىپ، ــ ئۇنى ئۆزۈم بىلىمەن. ئەقلى بىلەن ئىش قىلىدۇ. شۇغىنىسى باشقىلار بىلەن ئارىلاشمايدۇ. سەۋەبى بايا ئېيتقاندەك.

شۇندا شەھەرلىك ئادەم ماشىنا ئىچىدىكى باشقا كىشىلەرگە مۇنداقلا بىر قاراپ قويدى. ئەمما، ئۇلار ئاللىقاچان ئۆزلىرىگە باشقىچە سىياق بېرىشكەن. ۋاھالەنكى، ئەمدى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلار ھەرگىز داۋۇت دىڭ قۇلاق بولالمايدۇ. ئۇلارنىڭ كىيىمى ئالتۇن لىباستىن بولغان تەقدىردىمۇ، تەلپەكلىرى ساڭگىلاپ قالغان سېرىق شەپكىلىك داۋۇت دىڭ قۇلاق بولالمايدۇ. ھەتتا ئۇلار قىيپيالىڭاچ بولغان تەقدىردىمۇ، شەھەرلىك ئىزدەۋاتقان داۋۇت دىڭ قۇلاق ئاشۇ شۇ. دېمەك، كىيىم دېگەن شۇنچىلىكلا.

كەنت باشلىقى داۋۇت دىڭ قۇلاقنى چاقىردى. داۋۇت دىڭ قۇلاق ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلدى.

ــ داۋۇت، ئوبدان ئويلان. «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە ئۆيۈڭلەردە تۇرغان شېرىپ بوۋاي ئېسىڭدە بارمۇ؟ ــ ئالدىرىماي سورىدى كەنت باشلىقى.

نېمىشقا ئېسىدە بولمىسۇن. پاكىزە قېرىغان، سالامەتلىكى ياخشى، كۈچ ــ مادارىدىن قالمىغان ئۇ بوۋاينى داۋۇت دىڭ قۇلاق بىردىنلا ئېسىگە ئالدى. ئۇ ئەسلىيەلەيدۇ، بالىلىق دۇنياسى «ياخشى» دەپ تامغا باسقان نەرسىلەرنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدۇ. بوۋاينىڭ كىچىك داۋۇتنىڭ گەپدانلىقىنى ماختـاپ قىلغان سۆزلىرى... يەنە... يەنە... سېرىق، پارقىراق نەرسە ...

داۋۇت دىڭ قۇلاق بېشىنى لىڭشىتتى ۋە چىشىنى كۆرسەتتى. شېرىپ بوۋاينىڭ ئىككى تال ئالتۇن چىشى بار ئىدى.

شەھەرلىك ئادەم بۇنى دەرھال چۈشىنىپ ھاياجانلىنىپ كەتتى. ھەمدە كەنت باشلىقىغا قاراپ بېشىنى لىڭشىتتى.

ــ سىلەر ئەينى ۋاقىتتا شېرىپ بوۋايغا ياخشى قاراپتىكەنسىلەر، ــ دېدى كەنت باشلىقى، ــ ئۇ رەھمەتلىك سىلەردىن بىر ئۆمۈر رازى، خۇش بولۇپ ئۆتۈپتۇ. ئاخىرەتلىكىدە بالىلىرىدىن سىلەرگە كۆڭۈل ياندۇرۇشنى ئۆتۈنگەنىكەن. بۇ كىشى ئاشۇ رەھمەتلىكنىڭ پەرزەنتى. ئۇن ــ ياغ سودىسى قىلىدىغان كاتتا سودىگەر. مەن سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى دېگەندىن كېيىن، ئۇ سېنى لايىق تاپتى. شېرىپ بوۋاي ئاتاڭ بىلەن سېنىڭ ئىسمىڭنى تىلغا ئاپتىكەن. قىسقىسى، بۇ كىشى ساڭا پۇل تاپىدىغان يولنى ئۆگەتمەكچى.

بۇ گەپلەردىن داۋۇت دىڭ قۇلاقنىڭ خىياللىرى قالايمىقانلىشىپ كەتتى. شېرىپ بوۋاي، ئالتۇن چىش، سودىگەر، ئاتىسى، پۇل، ئۆزى ... سېرىق شەپكە، پۇل ...

ئۇ ئىككىنچى قېتىم بېشىنى لىڭشىتتى.

ــ ئەمىسە ئۆگۈنلۈككە ئۆيۈڭگە بارىمەن، ــ دېدى شەھەرلىك ئادەم خوشلىشىپ.

داۋۇت دىڭ قۇلاق ئۈچىنچى قېتىم بېشىنى لىڭشىتتى.

ماشىنىدىكىلەرمۇ «خوش، خوش» دېيىشىپ كەتتى، گەرچە شەھەرلىك ئادەم داۋۇت دىڭ قۇلاق بىلەنلا خوشلاشقان بولسىمۇ.

ــ ۋاھ، داۋۇت ئامىتىڭ كېلىدىغان بولدى.

ــ تەلەي دېگەن ــ ھە...

ــ تەلەيگە قۇسىدۇ بۇ ...

ئۇ كۆزلەر، ۋەزىپىسى ئېغىر كۆزلەر. ئەمما، داۋۇت دىڭ قۇلاق بۇ قېتىم قارىمىدى. ئۇنىڭ قۇلىقى پاڭ. قەلبى ئويغاق. ھۇ، يالغانچىلار، ئالدامچىلار!



14. يەنە «50»



داۋۇت دىڭ قۇلاق 50 كىچە ساناشقا جۈرئەت قىلالمىغان بىلەن ئامەت يەنىلا ئۇنىڭغا يار بولدى. ئامەت، تەلەي دېگەنلەرنىڭ سان بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى.

كەنتتە تارىخ يازىدىغان ئادەم يوق، يازىدىغان ئادەم بولغان بولسا بىرەر ئالەمشۇمۇل ۋەقەنىڭ ئىسمىنى يازغاندەك، ئۇ كۈنكى ئىشنىمۇ چوڭ قىلىپ ئالاھىدە يېزىپ قويغان بولاتتى.

داۋۇت دىڭ قۇلاقنىڭ ئىشىكىدە ماشىنا توختىدى. ئادەملەرمۇ توخـاپ باقمىغان رەتسىز يەرگە ماشىنا توختىدى.

شەھەرلىك ئادەم كەلگەنىدى. ماشىنىدا لىق ئۇن بار ئىدى. شەھەرلىك ئۇدۇل كېلىپ داۋۇت دىڭ قۇلاقنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ كۆرۈشتى. قاراپ تۇرغانلار گويا داۋۇت دىڭ قۇلاق ئىككى پارچە ئالتۇن تۇتقاندەك يۈرەكلىرى ئېچىشىپ كەتتى. قاراپ تۇرغانلار بېلىتى قىممەت باھالىق ئويۇنغا كىرەلمىگەن يېزا بالىلىرىدەك تىپىرلاپ قېلىشتى.

شەھەرلىك ئۆي ئىچىگە قاراپ داۋۇتنىڭ غەيرىلىكىگە ھەقىقەتەن ئىشەندى. «ئىشنى يولىدا ئېلىپ ماڭالىسا ئوبدان ياردەم قىلسام بولغۇدەك» دەپ ئويلىدى شەھەرلىك ئادەم.

ــ قانچە خـالتا چۈشۈرۈپ قويىمەن؟ ــ سورىدى ئۇ.

ــ 50، ــ دېدى داۋۇت دىڭ قۇلاق. شۇنداقمۇ دېمەي نېمە ئامال.

ــ قانچە؟  ــ قايتۇرۇپ سورىدى شەھەرلىك.

ــ 50، ــ قايتۇرۇپ جاۋاب بەردى دىڭ قۇلاق.

«ئېھتىيات قىلىۋاتسا كېرەك» دەپ ئويلىغان شەھەرلىك گەپنى يۆتكىدى.

ــ مەن ساڭا 38 كويدىن چۈشۈرۈپ بېرىمەن. سەن بازار باھاسى بويىچە 42 كويدىن ساتساڭ بولىدۇ.

دىڭ قۇلاق بېشىنى لىڭشىتتى. قانچىلىك پايدا بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئولتۇرمىدى. «ياردەم» قىلغاندىكىن ئەلۋەتتە، پايدىسى بولىدۇ ــ دە!

ــ ئۈچ كۈندىن كېين كېلىمەن. شۇ چاغقىچە سېتىپ پۇلىنى تەييار قىلىپ قويساڭلا بولىدۇ.

50 خالتا ئۇن چۈشۈرۈلدى. ماشىنا قوشنا يېزىغا كەتتى. داۋۇت ئۇلارغا قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتى. 50 خالتا ئۇن.

50!

50 ھارۋا يانتاق.

50 خالتا ئۇن.

يانتاق، يانتاق ئەمەس، ئۇن، ئۇن دېگەن پۇل، يانتاق دېگەن قىز.

كىشىلەر قىزغانسىمۇ قىزىقسىنىپ، ئۇنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ ئۇننىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇشتى. دىڭ قۇلاق 42 كويمۇ دېمىدى.

ــ 40 كوي.

كىشىلەر داۋالغۇپ كەتتى. تاماق قىلىپ يەپمۇ باقماي، ھەتتا ئاغزىنى ئېچىپ كۆرۈپمۇ باقماي ئۇننى ماختىغىلى تۇردى:

ــ بەلەن ئۇنكەن، مانتا ئەتسىزە ...

مانا 2 كوينىڭ كۈچى، ئەمما، داۋۇتقا بەرىبىر.

ئەتىسى چۈشكىچە ئۇنىڭ ھويلىسىدا بىر خالتىمۇ قالمىدى. داۋۇت قولىدىكى بىر تۇتام پۇلنى تۇتقىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇ ئۆمرىدە بىر نۆۋەتتە مۇنداق كۆپ پۇلنى تۇتۇپ باقمىغانىدى. ئۇ پۇللارنى ساناپ 38 كويدىن قىلىپ 50 توپ قىلدى. قالغىنىنى سانىۋىدى، 50 كويدىن ئىككى توپ.

ــ قانچىلىك پايدا ئاپسەن؟ ــ سوراشتى كىشىلەر.

داۋۇت ئۇلارغا قانداقمۇ سۆزلىيەلىسۇن، ئۇلار دېگەن گۇمانلىق.

ــ يا پايدا ئالالمىدى، يا 5 موچەندىن 25 كوي پايدا ئالدى. توپ ئالسىمۇ 39 يېرىم كويدىن ئالىدۇ، ــ دېيىشتى ئۇلار ئۆزلىرى جاۋاب بېرىپ. داۋۇت يەنە سۆزلىمىدى. نېمىشقا سۆزلەيدۇ؟ داۋۇتنىڭ كىشىلەر بىلەن سۆزلەشكۈدەك ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت سوغۇق بىر ئېھتىياج ئۈچۈن.

شەھەرلىك ئادەم دېگەن كۈنى كەلدى:

ــ قانداقراق؟

داۋۇت دىڭ قۇلاق 38 كويدىن 50 توپنى شەھەرلىكنىڭ ئالدىغا قويدى ۋە بىرمۇ ــ بىر ساناپ بەردى. بۇنىڭدىن شەھەرلىك ئادەم ھەيران قالدى. چۈشەنگەندەكمۇ بولدى، ئۇ قانچىدىن سېتىلغانلىقىنى كىشىلەردىن ئاڭلىغاچقا پايدىسى ھەققىدە ئېغىز ئاچمىدى.

ــ قانچە خالتا چۈشۈرۈپ قويىمەن؟ ــ دېدى شەھەرلىك ماڭغىچە.

ــ 50 ، ــ دېدى دىڭ قۇلاق.

50 خالتا ئۇننى چۈشۈرۈپ قويۇپ ماشىنا مېڭىپ كەتتى. شەھەرلىك داۋۇتنىڭ ساددا، سەمىمىيلىكىگە ھەيران قالدى. شەھەرلىك ئادەم بىلىدىغان سودىگەرلەر ئارىسىدا پايدىنى ئەسەبىيلەرچە قوغلاشمىغان بىردىن ــ بىر سودىگەر ئاشۇ داۋۇت دىڭ قۇلاق بولۇپ قالدى. شېرىپ بوۋاي ئاخىرقى تىنىقلىرىغىچە ئۇلارنى ئەسلىگەن بولسا، شەھەرلىك ئادەم بىر ئۆمۈر ئۇنى يادىدىن چىقىرالمىدى.

داۋۇت بۇ ئىشلارنى چۈشىنەلمىدى، چۈشىنىشنىمۇ خالىمىدى. ئۇننى ئەرزان ساتسا ياخشى سودىگەر، بىكارغا بېرىۋەتسە ساراڭ. 50 خالتا ئۇن ئۇنىڭغا نېمە بەردى؟ يۇرتداشلىرىنى تېپىپ بەردى، تۇغقانلىرىنى تېپىشتۇردى. لېكىن ئۇ ھېچكىمنى كۆرمىدى. ئۇنىڭ سېرىق شەپكىسى يەنىلا سېرىق، تەلپىكى يەنىلا پۈكلەكلىك، ئۇ يەنىلا داۋۇت دىڭ قۇلاق. ئايشەم، ھەپىزەملەرنىڭ ئىسمى ئوخشىمىغان بىلەن ئوخشاشلا ئايال. ئۇلار داۋۇت دىڭ قۇلاققا خۇشاللىق بىلەن تەگكەن.



15. بىر قىز



داۋۇت دىڭ قۇلاقچە جاھاندا باشقا قىز يوق ئىدى. ھەممىسى ئايشەم، ھەپىزەم ئىدى.

ھالبۇكى، دىڭ قۇلاق ئۇلارنى كىچىك چېغىدا ئالغان. شۇڭا ئەمدى ئۇلارنى ئالمايدۇ.

بۇ گەپنىڭ يالغانلىقى ئىككى كۈندىن كېيىن ئىسپاتلاندى.

شۇ كۈنى داۋۇت ئاخىرقى بىر خالتا ئۇننى سېتىپ بولۇپ ئېشىكىنى مېڭىشىغا قويۇپ بېرىپ قايتىپ كېلىۋاتاتتى. كىشىلەر ئۇنىڭغا قارىشاتتى. ئەمما، ئۇ كىشىلەرگە نەپرەت نەزىرىدىمۇ قارىمايتتى. قاراپ نېمە قىلاتتى؟ قارىغۇچىلىكى يوق.

ئۇلار چوڭ يولدىن چىقىپ، مەھەللىگە بارىدىغان ئۈزۈملۈكتىكى يولغا چۈشكەندە، بىر قىز ئۇچرىدى، توغرىسى قىز ئۇلارنى ساقلاپ تۇراتتى. داۋۇت دىڭ قۇلاقنى ساقلاپ تۇراتتى. ئۇ قىز دىڭ قۇلاق شەھەردە كۆرگەن قىزلاردەكلا چىرايلىق. شۇڭا يېقىن كەلگەندە داۋۇت ئۇنىڭغا قاراشقا پېتىنالمىدى. شۇنداقلا دىڭ قۇلاق چىرايلىق بىر قىزنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغانلىقىنىمۇ بىلمىدى.

دىڭ قۇلاق تىلىنى تاتلىق قىلىپ ئۆتۈپ كەتمەكچى ئىدى. قىز ئۇنىڭغا گەپ قىلىپ قالدى:

ــ ئۇننى سېتىپ بوپسەندە.

قىزنىڭ ئاۋازى ئېشەكنى دەرھال توختاتتى. مۇشۇ ئىش ئۈچۈن داۋۇت ئېشىكىگە ئۆزىنى ئۆمۈرۋايەت قەرزدار ھېسابلىدى.

داۋۇت قىزنىڭ گۈزەل رۇخسارىغا يېرىم ــ ياتا تىكىلىپ بېشىنى لىڭشىتتى.

ــ مەن ساڭا قايىل، ــ دېدى قىز يەنە. داۋۇت يەنە بېشىنى لىڭشىتتى. ئۇ بېشىنى لىڭشىتقاندا، سېرىق شەپكىسىنىڭ يۇمشاپ كەتكەن تەلپىكى لىكىلداپ كېتەتتى.

بۇ ئۇنىڭ بىلەن بىر مەھەللىلىك قىز بولۇپ، ناھىيىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇپ، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن، لېكىن ئۇدا ئۈچ يىل تەكرار ئوقۇپ ئىمتىھان بەرگەن بولسىمۇ ئۆتەلمەي، ئاخىرى ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ قايتىپ كەلگەنىدى. داۋۇت دىڭ قۇلاق ئۇ قىزنى بىلەتتى. ئەمما، جاھاندا يوق دەپ تونۇيتتى. خۇددى ئۇ مەڭگۈ ۋەسلىگە يېتەلمەيدىغان ساماۋى خانلىقنىڭ 18 ياشلىق مەلىكىسىدەك. داۋۇتقا نىسبەتەن ئىككىسى ئوخشاشلا.

شۇنداق بىر ئادەم داۋۇتقا سۆزلەپ تۇرۇپتۇ. ئېشەك مىدىر ــ سىدىر قىلماي تۇراتتى.

قىز كەسكىن بىر نەزەردە داۋۇتقا تىكىلەتتى. داۋۇت بولسا چەكسىز كەتكەن ئۈزۈملۈككە تىكىلگەنىدى. ئۇ بىلىدۇ: تەكتە ئۈزۈم پىشىدۇ، ئوتلىرىنى ئېشەك يەيدۇ.

قىزنىڭ قۇرۇتۇلغان كىشمىش ئۈزۈمدەك تاتلىق ئاۋازى ئاڭلاندى.

ــ مېنى ئالامسەن؟

داۋۇت چۆچىدى، ئېشەك چاپچىپ كەتتى. دىڭ قۇلاق سالپاڭ قۇلىقىنى كۆتۈرۈپ قويدى.

ــ مەن ساڭا تېگىمەن.

شۇندىمۇ داۋۇت قىزغا قارىيالمىدى، قاراش ھاجەتسىز. ئايشەم ۋە ھېپىزەم، 50 ھارۋا يانتاق.

ــ راستىنلا ، ساڭا تېگىمەن.

ئايشەم ۋە ھەپىزەم كىچىك چېغىدا، ئۇلار تەڭلا: «ساڭا تېگىمەن» دەپ ۋاقىرايتتى. داۋۇت تەكلىككە قارىدى. تەكتە ئۈزۈم، قۇرۇتۇلغان كىشمىش ئۈزۈمدىن 10 نەچچە تال ئېلىپ ئالقاندا يىمىرسە كاللەكلىشىپ يېشىل شارچىغا ئايلىنىدۇ، يېسە، ۋاھ! ...

قىز ئۇنىڭدىن جاۋاب كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. ئەمما، سوئالغا جاۋاب بەرگىلى بولمايدۇ. 50 ھارۋا يانتاق، ياق، 100 ھارۋا يانتاق، يانتاق بەرىبىر قورام تاشنى كۆتۈرەلمەيدۇ، قورام تاشقىمۇ ئايلىنالمايدۇ.

بۇ قىز تەكتىكى بىر كىرپە، داۋۇت ئۇ يېمەكچى بولغان بىر ساپاق ئۈزۈم، تەمىنى ھېچكىم تېتىپ باقمىغان ئۈزۈم.

داۋۇت ئېشەككە قارىدى. ئېشەك داۋۇتقا قارىدى. قىز ئاستا ــ ئاستا كىرپىگە ئايلىنىپ كەتتى. داۋۇت چۇلۋۇرنى شۇنداق مىدىرلىتىۋىدى، ئېشەك ئۇچقاندەك چېپىپ كەتتى.

قىز تۇرۇپلا قالدى. يولدىن توزىغان توپا ــ چاڭ قىزنى ئاشۇنداق روھقا تۇتاشتۇردى.

ئېشەك چاپاتتى، ئىگىسىنى ئېلىپ قېچىش ئۈچۈن چاپاتتى. قېچىش كېرەك، داۋۇت دىڭ قۇلاق ئۇنتۇيالمايدۇ. 100 ھارۋا يانتاقنى ئۇنتۇيالمايدۇ، يانتاقنىڭ تىكىنى بار.

ھەممىسى يالغان يانتاق، ئۆزىگە سانچىلىشقا يارالغان.



16. ياۋا توشقان، كەسلەنچۈك ۋە ھېلىقى قىز



شۇ كېچىسى ئۇ ئۇخلىيالمىدى. قىزنىڭ «ساڭا تېگىمەن» دېگەن گېپىنى ئويلاپ ئۇخلىيالمىدى.

كىچىك چاغلىرىدا ئايشەم، ھەپىزەملەر: «ساڭا تەگدىم» دېگەنلەردىمۇ، ئۆيىگە بېرىپ ئاپىسى كىچىك چىنىگە لىققىدە چىلاپ، كۆپتۈرۈپ قويغان قونان نېنىنى يېيىش بىلەن ئۇنتۇپ تاتلىق ئۇيقۇغا كېتەتتى. ئادەمنىڭ بالىلىق چېغى بىلەن ياشلىق چېغى ئوتتۇرىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بار؟ قانداق پەرق بار؟ داۋۇتنىڭ بالىلىق چاغلىرى شۇنداق گۈزەل ئىدىيۇ ... ئاتا ــ ئانىسى بار ئىدى، سۆزىدىن چىقمايدىغان «يېزا باشلىقى» بار ئىدى، تۆت خوتۇنى بار ئىدى ...

ھازىر ئۇنىڭ ئېشىكى بار.

ئەمدى بىر قىز. داۋۇت ئۇ قىزنى كۆز ئالدىدىن بىر دەممۇ نېرى قىلالمىدى. سۆزى، تۇرقى، رۇخسارى ... ئۇ ئورنىدىن ئاستا تۇرۇپ دېرىزە تۈۋىگە كەلدى. ئېشەك ھەدەپ تۇمشۇقىنى تامغا سۈركەۋاتاتتى. سۈركەلگەن كېسەك خېلى ئۇپراپ كەتكەنىدى. داۋۇت ئېشەكنىڭ ھەرىكىتىگە ئۈنسىز قاراپ تۇردى. ئېشەك بولسا ئىچىدىكى بىر غەلياننى باسماقچى بولغاندەك سۈركەشتىن توختىدى.

قىز ۋە ئېشەك.

ئېشەك بىلىدۇ، ھاڭراشنى بىلىدۇ، دىڭ قۇلاققا سۆزلەشنى بىلىدۇ، قىز تەگمەكچى، تېگەلەمدۇ؟ ھايات شۇنچىلىكلا.

داۋۇت دىڭ قۇلاق ئېغىر كەيپىيات ئىلكىدە ئېشەككە قاراپ تۇردى. ئېشەكنىڭ ساغۇچ تۈكلىرى ئېغىلدىكى تېزەك ھىدىغا تويۇنغان شامالدا ئانچىكى تەۋرىنىپ تۇراتتى. داۋۇت دىڭ قۇلاق بۇلارنى ھامىنى ئۇنتۇيدۇ. بىر كۈنلەر كېلىپ تاساددىپىي ئەسلەيدۇ ــ دە، دەرھال ئۇنتۇيدۇ.

ئۇ قىز ئۇنىڭ خىيالىدىن كەتمىدى. ئۇنىڭ خىيالى دائىملا بوش تۇراتتى. كىرىدىغان نەرسىلەر ئاز ئىدى. شۇڭا ئۇ قىز دىڭ قۇلاقنىڭ خىيالغا مەھكەم ئورنىشىۋالغانىدى.

داۋۇت دىڭ قۇلاق ئېشەكنىڭ ھەرىكىتىگە ماسلاشماقچى بولغاندەك ئالقىنىنى تامغا سۈركەشكە باشلىدى. سۈركىگەن يەردىن توپا توزۇپ چۈشۈشكە باشلىدى. بىر چاغدا ئىككىسى تەڭلا توختىدى.

داۋۇت دىڭ قۇلاق بىلەن ئېشەك بىر ــ بىرىگە روبىرو تىكىلىپ بىر پەس تۇرغاندىن كېيىن باشلىرىنى لىڭشىتىشتى.

ئۇلار يانتاققا بارىدىغان بولدى!

بارمىغىلى بىر ئايدىن ئاشقان جاڭگالغا بارىدىغان بولدى. ئۇ جاڭگال ئەمەلىيەتتە ئەزەلدىن داۋۇت دىڭ قۇلاق ئۈچۈن ھايات كەچۈرۈۋاتقانىدى. ئۇ يەردە پەقەت تەقدىم قىلىنىشلا بار. ھەتتا، قامقاق، توشقان ماياقلىرىنىڭ قارا قويۇنغا ئەگىشىپ كېتىدىغان قارا يۈزلۈكلىرى يوق.

ئۇلار تەييارلاندى. كەتمەن تەق قىلىندى. ئارغامچا ئۇلاندى.

ئۇلار يولغا چىقتى. جاڭگال يولى سۇنۇپ تۇرغان بىر نۇر ئىدى. ئۇ ھەرگىز قىيىپ كەتمەيتتى. ئۇدۇل جاڭگالغا باشلاپ باراتتى. ئەنە جاڭگال، جاڭگال ھامان سۈبھى بىلەن تەڭ كۆزگە چېلىقاتتى.

داۋۇت دىڭ قۇلاق جاڭگالغا مېھرى بىلەن باقتى. ئېشەك ھاڭرىدى.

ياۋا توشقان ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ كەينى ئىككى پۇتى بىلەن ئۆرە بولدى.

ــ مەن كىم؟ ــ دېدى ياۋا توشقان.

ــ ھېلىقى قىز، ــ دېدى داۋۇت دىڭ قۇلاق ئىختىيارسىز.

50 ھارۋا يانتاق چېپىلدى.

كەسلەنچۈك شىپىرلاپ يېتىپ كەلدى.

ــ مەن كىم؟

ــ ھېلىقى قىز، ــ دېدى دىڭ قۇلاق.

يەنە 50 ھارۋا يانتاق چېپىلدى.

ــ مەن كىم؟ ــ دېدى داۋۇت دىڭ قۇلاق.

ــ ھېلىقى قىز، ــ دېدى ئۇ ئىككىسى. يانتاقلار كۆيۈپ كەتتى.

جاڭگال يوپيورۇق ئىدى. ئەمما، گۈزەل قىياپەتتە يول بويىدا ساقلاپ تۇرغان قىز كۆزگە چېلىقمايتتى. كۆرۈنگىنى دىڭ قۇلاق، ياۋا توشقان، كەسلەنچۈك.

داۋۇت دىڭ قۇلاق ئىختىيارسىز ھەسرەت چەكتى، ئازابلاندى. ئۇ شۇنداق سېزىپ قالدىكى، جاڭگالدىكى پايانسىز يانتاقلار ئۇنىڭ ھەسرىتى، ئازابى ئىكەن. شۇڭا يانتاقلار تىكىنى بىلەن سانجىلىش خەۋپىدە ئادەملەرنى قورقىتىدىكەن. بۇ ئەشۇنداق بىر ھەسرەت، ئەشۇنداق بىر ئازاب ئىدى. بۇنىڭغا ئېشەك قاتتىق ئىشىنەتتى.

ئۇلار قايتىپ كەلدى. ئۇ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى، ئېشەك ئېغىلغا. دىڭ قۇلاققا نەچچە يىللىق ھاردۇق بىراقلا يەتكەندەك ئىدى، ئۇ ھەقىقەتەن چارچىدى.

داۋۇت دىڭ قۇلاق ھارغىنلىق ئىچىدە يېتىپ ھېچكىمنى ئەسلىيەلمىدى، جاھاندا ئەسلىگۈدەك ئادەممۇ يوق.

ئىشىك ئېچىلدى، دىڭ قۇلاق قاراپ چۆچۈپ كەتتى. ئىشىكتە ھېلىقى قىز نۇرانە قىياپەتتە كۈلۈپ تۇراتتى. بۇنىڭدىن شام يېقىلغان ئۆيمۇ، بويتاق دىڭ قۇلاقنىڭ قاراڭغۇ قەلبىمۇ يورۇپ كەتتى.

ــ مەن ساڭا تېگىمەن، ــ دېدى ئۇ قىز يەنە داۋۇت دىڭ قۇلاق دېرىزىدىن ئېغىلغا قارىدى. ئېشەك كۆرۈنمەيتتى.

ــ راستتىنلا ساڭا تەگكۈم بار، ــ دېدى قىز قەتئىي تۈردە، دىڭ قۇلاق يەنە ئېغىلغا قارىدى، ئېشەك يەنە كۆرۈنمەيتتى.

ــ ئوبدان ئويلىنىپ باق، ــ دېدى قىز ئۆتۈنۈش تەلەپپۇزىدا، قىز ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىدى. ئەمما، داۋۇت دىڭ قۇلاق قانداقمۇ سۆزلىيەلىسۇن، قىز چىقپ كەتتى. يەنە شۇ نۇرانە قىياپەتتە چىقىپ كەتتى، داۋۇت دىڭ قۇلاق جاڭگالدا تۇرغان كەبى تۇرۇپ قالدى.

نۇرانە قىياپەت ... ئېشەك ھاڭراپ ئۇنى ئېسىگە كەلتۈردى.

داۋۇت دىڭ قۇلاق يوتقان بىلەن بېشىنى پۈركىۋالدى. «ئۇ قىز ماڭا تەگمەكچى! ئۇ قىز ماڭا تەگمەكچى ... سېرىق شەپكەم بار، ئۇ قىز نېمىشقا تېگىدۇ؟ پۇلنى دەپ، شۇنداق، پۇلنى دەپ، پۇلغا تېگەمسەن؟ بوپتۇ، سەن پۇلغا تەگ، مەن سېنى ئالاي، سەن پۇلنى كۆزلىسەڭ، مەن سېنى كۆزلەي. سەن مېنىڭ بەشىنچى خوتۇنۇم».

شۇندىلا داۋۇت دىڭ قۇلاق ئاشكارا قىلدىكى: ئۇ جاڭگالدا ئەزەلدىن ياۋا توشقان، كەسلەنچۈك بولغان ئەمەس.



17. بەشىنچى خوتۇن



داۋۇت دىڭ قۇلاق قىزغا ھېيىقماي شۇنداق دېدى:

ــ مەن سېنى ئالىمەن.

قىزمۇ خىجىل بولماي تەكرارلىدى:

ــ مەنمۇ ساڭا تېگىمەن.

ئالىي مەكتەپ چۈشىدىن ۋاز كەچكەن بىر قىز بىلەن يانتاق تىكىنى سانجىلغان سېرىق شەپكە كىيگەن دىڭ قۇلاق ئەشۇنداق يوسۇندا قايناۋاتقان قازاننىڭ ئىككى قۇلىقىدىن تۇتتى. بۇ بىر چۈش ئىدى. داۋۇت دىڭ قۇلاق يانتاق ئۈستىدە بەدىنىگە يانتاق تىكىنى سانجىلىپ يېتىپ كۆرگەن چۈشى ئىدى.

ئەمما، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ چۈشنى بۇزىۋەتمەكچى بولۇشتى. قىزنىڭ ئاتا ــ ئانىسى قارشى چىقىۋىدى، قىز ۋاز كېچىپ تۈگەشتى. ئويلىمىغاندا داۋۇتنىڭ ئاكىلىرىمۇ قارشى چىقتى.

ــ لايىقىدا بولغىنى ياخشى، قىزنىڭ نېمە خىيالى بارلىقىنى ھېچ بىلەلمىدۇق، ــ دېيىشتى ئۇلار.

داۋۇت تىترەپ كەتتى. ئۇنىڭدا پۇل بارلىقىنى ئويلاشمامدىكىن؟ ئەمەلىيەتتە، ئۇلار داۋۇت دىڭ قۇلاقتەك ئادەمدە پۇلنىڭ بار ــ يوقلۇقىنى نەزەرگە ئالغان ئەمەس. پۇل ئادەم بىلەن پۇلمۇ ياكى ئادەم پۇل بىلەن ئادەممۇ؟ ھېچقايسىسى بىلەن ھېچقايسىسى ئەمەس.

ــ بۇ ئىشتا جىن بار، ــ دېيىشەتتى كىشىلەر، ــ ئوقۇغان، چىرايلىق بىر قىزنىڭ ئاشۇ داۋۇتقا تېگىشى ... قىزىقلا گەپتە بۇ.

ــ راست گەپ قىلدىڭ. ناھىيىدە ئىش چىقارمىسا، شۇنچە يىل ئوقۇپزە ... يەنە كېلىپ دىڭ قۇلاققا تەگسە ...

ــ ھەقاچان بوۋاقتىن بىرنى ھاجەتخانىغا تاشلىۋەتكەننىڭ ئىشى.

ئادەم كۆپ، گەپ جىق ئىدى. ئەمما، جاھاندا بىرلا داۋۇت دىڭ قۇلاق. ئۇ قىزنى ئالىدۇ.

ــ مەن سېنى ئالىمەن، ــ دېدى ئۇ قىزغا.

ــ ساڭا تېگىمەن، ــ دېدى قىز.

كەنت باشلىقى ئارىلىشىپ ئاخىرى بۇ توي بولىدىغان بولدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، قىز كەنت باشلىقى بىلەن سۆزلىشىپتۇدەك.

شۇنداق قىلىپ ناغرا چېلىندى. داۋۇت دىڭ قۇلاقنىڭ تويى ئۈچۈن ناغرا چېلىندى. باشقىلارنىڭ تويى ئۈچۈن چېلىنغان ناغرا ئاۋازىنى ھېرىسمەنلىك بىلەن ئاڭلىغان دىڭ قۇلاق، ئەمدى ئۆزىنىڭ تويى ئۈچۈن چېلىنىۋاتقان ناغرا ئاۋازىنى ھوزۇرلىنىپ ئاڭلىدى. پەقەت تۇيالماي كىيىپ قالغان يېڭى كىيىملەرلا ئۇنىڭ ناغرا ئاۋازىدىن ھۇزۇرلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى.

توي ئاددىي ئۆتتى. ئەمما، بۇ تويغا يېزا بويىچە ھەممىدىن كۆپ ئادەم كەلدى. ھەتتا يېزا باشلىقىنىڭ تويىغىمۇ بۇنچىلىك ئادەم كەلمىگەنىدى. داۋۇت دىڭ قۇلاق بۇتتەك قېتىپ ئولتۇرۇپ شۇنچىۋالا ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ تويىنى دەپ كەلگەنلىكىدىن چەكسىز ھوزۇر ھېس قىلدى. چۈنكى، ئۇنىڭ بۇ تويغا ئۇلارنىڭ بىرسىنىمۇ چىللىغۇسى يوق ئىدى.

ئادەم ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى. شۇڭا توي ئۆز ــ ئۆزىدىن قىزىپ كەتتى.

داۋۇت دىڭ قۇلاقنىڭ يېڭى سالغان ئۆيى تېخى تولۇق ياسىلىپ بولمىغانىدى، ئەنە شۇ ئۆيدە داۇۋت دىڭ قۇلاق بىلەن گۈزەل بىر قىزنىڭ توي كېچىسى ئۆتۈش ئالدىدا تۇراتتى. تېخىچىلا داۋۇت دىڭ قۇلاقنىڭ بىر قولى ئىسسىق، يەنە بىر قولى مۇزدەك ئىدى.

قىز ئورۇنلارنى سالدى. داۋۇت دىڭ قۇلاق قىزنىڭ ھەرىكەتلىرىگە كۆز سالغاچ مەست يىگىتلەر ئۆگەتكەن ئىشلارنى خىيال قىلىشقا باشلىدى: قىزنىڭ يېنىغا بارىدۇ، قولىنى تۇتىدۇ، يۈزىگە ھاببا قىلىدۇ، ئاندىن ... ئۇنىمىسا شاپىلاق بىلەن سالىدۇ ...

داۋۇت دىڭ قۇلاق قولىدىكى كۈچنى دەڭسەپ كۆرۈپ قىزنىڭ يېنىغا باردى، قولىنى تۇتتى، ياتقۇزدى، يۈزىگە سۆيدى، ئۇ تىترەپ تۇرپ قىزنىڭ يۈزىگە سۆيۈۋەردى.

ــ سەن بەدىنىمنى تۇتقان تۇنجى ئەر، ــ دېدى قىز مەستخۇش ھالدا. «سەن مېنىڭ بەشىنچى خوتۇنۇم» دېدى داۋۇت دىڭ قۇلاق ئىچىدە. ئۇ تىترەپ ــ تىترەپ قىزنىڭ يۈزىگە سۆيەتتى.

ــ بۇ يەرگىمۇ، ــ دېدى قىز لېۋىنى كۆرسىتىپ نازلىنىپ ...

قايتىپ كەلدى، ھەممىسى قايتىپ كەلدى.

ھەپىزەم قايتىپ كەلدى.

ئايشەم قايتىپ كەلدى.

يېزا باشلىقى قايتىپ كەلدى.

100 ھارۋا يانتاق قايتىپ كەلدى.

ياۋا توشقان قايتىپ كەلدى.

كەسلەنچۈك قايتىپ كەلدى.

ئاخىرى ... ئاھ! ھەممىسى قايتىپ كەتتى.

بۇ گۈزەل، نازىنىن قىز ئاشۇ داۋۇت دىڭ قۇلاققا ھەقىقەتەنمۇ ئۆز پاكلىقىنى تەقدىم قىلغانىدى.

سېرىق شەپكىسىنى، ئېشىكىنى ئۇنتۇغان داۋۇت ھېچنېمىگە قارىماي تىقىپ قويغان يېرىدىن تېرە خالتىنى ئېلىپ قىزنىڭ ئالدىغا تاشلىدى. «قورقما، مەندە پۇل كۆپ ...»

قىز خالتىنىڭ ئىچىدىكىنى تۆكۈپ تۇرۇپلا قالدى. خالتىدىكى پۈتۈنلەي پۇل ئىدى. قىز تېزلىك بىلەن ساناشقا باشلىدى. ساناپ بولۇپ ھەيرانلا قالدى. جەمىي 16 مىڭ 124 كوي 3 مو 2 پۇڭ. ھاياجانلانغان قىز داۋۇتنى چوكىلدىتىپ سۆيۈپ كەتتى. «مانا پۇل دېگەن، كەتمىسەڭلا بولدى» داۋۇت دىڭ قۇلاق قىزغا يەۋەتكۈدەك تىكىلگەنىدى.

ئەتىسى دىڭ قۇلاق ئۆزىنىڭ سۆزىدىن تۇنجى قېتىم گۇمانلىنىپ «جاھاندا بىرلا قىز بار ئىكەن» دەپ ئويلىدى.



18. ئىككى شەرت



داۋۇت دىڭ قۇلاققا قويۇلغان ئىككى شەرتنىڭ بىرى ــ كىيىمىنى يەڭگۈشلەش، يەنە بىرى، ساۋادىنى چىقىرىش.

ئەمما، بۇ دىڭ قۇلاق ئىككىسىنىلا رەت قىلدى.

ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىمۇ ئىزىغا چۈشۈپ قالدى. دىڭ قۇلاق بۇرۇنقىدەكلا ئۆز كىيىملىرى بىلەن يۈرىۋەردى. پەقەت ئايالى يۇيۇپ پاكىزلەپ بەردى. يىرتىق ــ تۆشۈكلىرىنى تىكىپ قويدى.

بۇمۇ نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەرگە ئوخشاشلا بىر ئائىلە.

دىڭ قۇلاق يەنىلا سۆزلىمەيتتى.

ئايالى كۆپرەك سۆزلەيتتى.

شۇنىڭ بىلەن ئارتۇق ــ كەم تولۇقلىنىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزىغا چۈشۈپ، ئىشلىرى يۈرۈشۈپ كەتتى. ئايالى ھېسابقا پىششىق ئىدى. ئۇننىمۇ ماشىنىلاپ چۈشۈردى. ھىساپنىمۇ «50» نى بىرلىك قىلىپ جايىدا ئۆتكۈزۈپ دىڭ قۇلاقنى خاتىرجەم قىلدى، پۇلنى خېلى تاپتى، دىڭ قۇلاقنىڭ ئەتىۋارلىق تېرە خالتىسى پۇلغا توشاي دېدى.

ھازىر دىڭ قۇلاق جاڭگالنى تاشلاپ، ئەتىدىن ــ كەچكىچە ھارۋىسى بىلەن يېزىنى ئايلىنىپ ئۇن ساتىدۇ، سودىدا خېلىلا چىڭ، بىر قېتىم ھەپىزەم 1 كويچەننى كەم بېرىۋىدى، ھومىيىپ: «ئىشىڭنى قىل» دەپلا 1 كويچەننى ئالدى. لېكىن يەنىلا ئۇنىڭ ئۇنى ئەرزان بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنىڭ ئۇنىنى ئېلىشاتتى، شۇنداق بولغاچقا پاكىزە يۇيۇلغان سېرىق شەپكىسىنى ئەپلەپ كەيگەن دىڭ قۇلاق، لىق ئۇن بېسىلغان ھارۋىسىنى ھەيدىگىنىچە ھەر كۈنى سەھەردە يېزا يولىدا پەيدا بولاتتى. قىز ــ ئاياللارغا بولسا كۆز  - قىرىنى سالمايدۇ، قاش ــ كۆزىنى ئويناتقانلارغا ھومىيىدۇ، بىرەرسىنىڭ قولى قولىغا تېگىپ كەتسە دەرھال ئېشىكىنىڭ دۈمبىسىگە سۈركەيدۇ. ئەمما، ئېشىكى بۇنىڭدىن بىزارلىق ھېس قىلىدۇ.

ــ تراكتۇردىن بىرنى ئالساق بولغۇدەك، ــ دېدى ئايالى بىر كۈنى. دىڭ قۇلاق بۇنىڭدىن ھەيران قالدى.

ــ جاپا تارتىپ قېلىۋاتىسەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە تراكتۇر بولسا ئۇننى جىق باسقىلى، قوشنا يېزىلارغىمۇ ئاپىرىپ ساتقىلى بولىدۇ.

دىڭ قۇلاققا ھەممىدىن بەكرەك «ئۇننى كۆپ ساتقىلى بولىدۇ» دېگەن خۇشياقتى. ئارىدا يەنە نۇرغۇن چۈشەندۈرۈشلەر، گەپلەر، ئويلىنىشلار بولۇندى. ئىشقىلىپ، ئاخىرى ئۇلار قوشنا يېزىدىكى بىر ئادەمنىڭ ئانچە كۆپ ئىشلىتىلمىگەن تراكتۇرىنى سېتىۋالدى.

ئەمما، دىڭ قۇلاققا ھەيدەش مۈشكۈل بىر ئىش بولدى. قولى ھېچ ئەپلەشمىگەچكە ئوت ئالدۇرۇشنى كېيىنچە ئۆگەندى. كىشىلەرگىمۇ بولۇپ بەردى. ئۇلار دىڭ قۇلاقنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ كۈلۈشۈپ كېتەتتى. دىڭ قۇلاق خوتنى ئەپلەپ سالالمايتتى. ياكى خاتا سېلىپ قوياتتى. شۇنداق بولغاچقا ئالدىغا ماڭىمەن دەپ، كەينىگە مېڭىپ كېتەتتى. يامان يېرى ئىتتىك كېتىۋېتىپ خوت يۆتكەيمەن دەپ، تۆۋەن خوتقا سېلىپ قويۇپ كۆپ قېتىم ئاۋارىچىلىق تارتتى. بىر قېتىم شۇنداق قىلىپ خوتنىڭ بىر چىشلىق چاقىنى قىرىۋېتىپ 30 نەچچە كوي زىيان تارتتى. يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك، ئوت ئالدۇرۇشنى كېيىنرەك ئۆگەنگەن بولسىمۇ، لېكىن، ئارقىغا ھەيدەشنى قەتئىي ئۆگىنەلمىدى. كەينىگە تۈز ماڭالماي كوزۇپ ھامان بىر تەرەپكە ئۆتۈپ قالاتتى. شۇنداق بولغاچقا، ئۇ كىچىككىنە ئارقىغا ماڭسا ئوڭشىلىدىغان ئىشلارغىمۇ، يىراققا بېرىپ تراكتۇرنى ئوڭلاپ كېلەتتى. يولنىڭ چېتى بىلەن ئېھتىيات قىلىپ ماڭاتتى.

ئۇ يەنە شۇ دىڭ قۇلاق ئىدى. تراكتۇرنى بۇتتەك تۇتۇلۇپ ھەيدەيتتى. سېرىق شەپكىسىنىڭ قاتتىقلىقى تۈگىگەن تەلپىكى تراكتۇر ماتورىنىڭ رېتىمى بىلەن لىكىلدايتتى.

ئۇ يەنىلا شۇ داۋۇت دىڭ قۇلاق ئىدى.

يەنىلا يېزا باشلىقىنى ئۆزى بىلەن تەڭ قىلمايتتى. «سېنىڭ خوتۇنىڭ بولسا، مېنىڭمۇ بار. پۇلۇمنى كۆزلىگەن بولسىمۇ» دەيتتى ئۇ ئىچىدە.

سېنىڭ ماشىناڭ بولسا، مېنىڭ تراكتۇرۇم بار.

تراكتۇرۇم شەخسىي.

ماشىناڭ ھۆكۈمەتنىڭ.

شۇنچىلىكلا ئادەم سەن، يېزا باشلىقى.

_ ــ بىر تراكتۇر ئېلىپ قويۇپ نوچىلىشىپ كەتمە، ــ دەيتتى بەزىلەر ئۇنى گەپكە تۇتۇپ، دىڭ قۇلاق بولسا، كۆزگە ئىلمىغاندەك شۇنداقلا بىر قاراپ قويۇپ ئارتۇق سۆزلىمەيتتى.

ــ نوچىلىقىڭ يالغان، راست بولسا دەپ باقە، تراكتۇرىڭدا قانچە سىۋىچ بار؟

ئاڭلاپ تۇرغانلار كۇسۇرلىشىپ كەتتى:

ــ قانچە سىۋىچ باردۇ؟

ــ قانچىدۇ؟

ــ بىزنىڭ تراكتۇرىمىز بولمىغاندىكىن بىلمەيدىكەنمىز.

دىڭ قۇلاق گەپ قىلماي ئۆيىگە ماڭدى. يېزا باشلىقى بىلەن تەڭلىشىپ كېتىۋاتقان ئادەم سىلەردىن گەپتىن قالامدۇ؟ تراكتۇر دېسە بار تۇرسا.

ئۇ ئۆيىگە كېتىۋېتىپ، مەھەللىدىكى رېمونتچى بالا بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆتتى.

ــ تراكتۇرۇمنىڭ ماتورىنى سۆكۈپ بەرسەڭ 30 كوي بېرىمەن.

رېمونتچى دىڭ قۇلاققا ئەگەشتى. ئۇلار ئۆيگە بارغاندا ئايالى پىتىر مانتا ئۈچۈن گۆشنى ئۇششاق توغراپ بولۇپ، پىياز چاناۋاتقانىكەن.

ئۇلار كېلىپلا ئىشقا چۈشتى. رېمونتچى بالا ئازراق چۇۋۇپلا سورىدى:

ــ داۋۇتكا، ساقلىغۇ؟ نەرى كاشىلا ئىدى؟

ــ كاشىلىسى يوق، نەچچە سىۋىچ بارلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ باقاي، ــ دېدى قوپال ئاۋاز بىلەن، ئاندىن بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى. بالا كۈلۈپ كەتتى ۋە بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:

ــ بىر گەپنى دەيمەن. مۇشۇنچە ئىش قىلغىنىمغىمۇ 30 كوي بېرىسەن جۇمۇ، ــ دېدى.

ــ ھە، ــ دېدى داۋۇت چۈشەنمەي.

ــ ئاۋۋال بەر.

داۋۇت بەردى.

ــ ئۇلار سېنى ئالداپ قويۇپتۇ، ــ دېدى بالا، ــ سىۋىچ دېگەن بېنزىن ماتورلاردا بولىدۇ، مۇنداق سەييۇ ئىشلىتىدىغان ماتورلاردا سىۋىچ بولمايدۇ.

ــ ھە ... راست يوقما!؟

ــ يوق ...

ــ ھۇ، ئالدامچىلار، ــ دېدى داۋۇت دىڭ قۇلاق بايىقىلارنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى ئەخمەق قىلغانلىقىنى بىلىپ.

دىڭ قۇلاق ئادەملەرنىڭ ئالدامچى، يالغانچى ئىكەنلىكىنى ئىككىنچى قېتىم تونۇپ يەتتى.

ئۇنىڭ ۋاقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ چىققان ئايالى، نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ، ئېچىنىش ئىچىدە باش چايقاپ تۇرۇپ قالدى.

شۇ كۈنى چۈشتە ئايالى ھەم مېھىر بىلەن ھەم قەتئىي قىلىپ ئاشۇ ئىككى شەرتنى ئوتتۇرىغا قويدى:

_ بىرى، بۇ كىيىملەرنى كىيمەيسەن. ئىككىنچىسى، ساۋادىڭنى چىقىرىسەن.

ئەمما ...



19. پەرىشتىدەكلا



ئەمما، داۋۇت دىڭ قۇلاق ئۇ شەرتنىڭ ئىككىسىنىلا رەت قىلىۋەتتى.

ــ بۇ زاماندا كىممۇ مۇنداق كىيىم كىيىدۇ. پۇل دېسەڭ بار تۇرسا، مۇشۇ چاققىچە ئاران چىدىدىم، ــ دېدى ئايالى چىرايلىق كۆزلىرىگە لۆممىدە ياش ئېلىپ.

لېكىن، دىڭ قۇلاق بۇرۇنلا مۇنداق چىرايلىق كۆزلەرگە ئالدانمايدىغان بولغان.

ــ توي كۈنى بىر قېتىم كىيگەنگە مەنمۇ ئاران چىدىدىم،  ــ دېدى دىڭ قۇلاق جىلە بولۇپ. ئۇنىڭ بۇ جىلىچىلىكىدە غەزەبمۇ، قايتماس جاھىللىقمۇ بار ئىدى. پاكىزە يۇيۇلغان سېرىق شەپكە ئۇنىڭ بېشىدا غالىبلارچە تۇراتتى.

دىڭ قۇلاقنىڭ مىجەزىنى بىلىپ كەتكەن ئەقىللىق خوتۇن ئۇ گەپنى قويۇپ، ئىككىنچى شەرتكە ئۆتتى:

ــ ھېچ بولمىسا ساۋادىڭنى چىقارمىساڭ بولمايدۇ. شۇنچە پۇل تاپقان ئادەمنىڭ ساۋادى بولمىسا قانداق بولىدۇ، تېخىمۇ جىق پۇل تېپىشقا تاقىشىدۇ.

بۇ گەپ دىڭ قۇلاققا خېلى يېقىپ قالدى. بۇنى خوتۇن بىلىۋالدى. چۈنكى دىڭ قۇلاقنىڭ ئېغىزى سۆزلىمىگەن بىلەن بارلىق ھەرىكىتى سۆزلەپ تۇراتتى.

ــ قانداق ئۆگىنىمەن؟ ــ سورىدى دىڭ قۇلاق.

ــ ۋاي نېمىدېگەن ياخشى، ئۇماق دىڭ قۇلىقىم، مەن ئۆگىتىمەن.

خوتۇن خۇشال بولۇپ، بىردەمدىلا قەغەز ــ قەلەم تەييارلىدى.

دىڭ قۇلاق ھەقىقەتەن ساۋاتسىز قالغانىدى. كېيىن يۇقىرىنىڭ ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتىشى بىلەن كەنتلەردە ساۋات چىقىرىش كۇرسلىرى ئېچىلغان بولسىمۇ، ئەقىللىق كەنت كادىرلىرى ساۋاتىنى چقىرىشقا كۆزى يەتمەيدىغان كىشىلەرنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن يۇقىرىغا يوللايدىغان تىزىملىككە كىرگۈزمىگەنىدى. داۋۇت دىڭ قۇلاقنىڭ ئارخىبىدىكى «ساۋاتسىزلىق سەۋەبى» دېگەن كاتەكچىگە «نېرۋىسى ئاجىز» دەپ يېزىپ قويۇلغانىدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ «ساراڭ» دېگەن سۆزنىڭ ئىلمىي يېزىلىشى.

داۋۇت دىڭ قۇلاق بۇنىمۇ ئىچىگە ئېلىپ يۈرەتتى. شۇڭا بۇ شەرتكە قوشۇلدى، ئايالى ئۇنىڭغا ھەرب يېزىشنى ئۆگەتمەكچى بولدى. يەنە «ئا». دىڭ قۇلاق بۇنى غۇۋا ئېسىگە ئالدى. ئەمما، يادىغا كەلتۈرەلمىدى. بۇ ھەرب ئۇنىڭ قەلب چوڭقۇرلىقىدا قالغانىدى. دېمەك، بەزى قىممەتلىك نەرسىلەر قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىدە ساقلانسىمۇ بولمايدىكەن.

دىڭ قۇلاق ھەرقانچە قىلىپمۇ تۈزۈك يازالمىدى. قولى بىر ئازمۇ ئەپلەشمىدى. قەلەمنى تاشلىۋەتتى. خوتۇنى قايتا ــ قايتا چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ ئاڭلىمىدى.

ــ بولدى نېمە جاپا بۇ، ــ دېدى ئۇ قولىنى شىلتىپ.

ــ ئۇنداق دېمە، ــ دېدى خوتۇنى يېلىنىپ، ــ ساۋادىڭ چىققاندا بىلىپ قالىسەن، پۇلنىلا كۆزلىگەن بىلەن بولمايدۇ.

ــ پۇلنى كۆزلىگەن سەن! ــ دېدى دىڭ قۇلاق قەھرى بىلەن.

ــ نېمە! ــ خوتۇن داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدى ۋە بوپىسىنى ئېلىپ يېڭىلا يارىشىۋالغان ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە كەتتى.

ــ كەتسەڭ كەت! ــ دېدى دىڭ قۇلاق ۋارقىراپ، ــ پۇلۇمنى كۆزلەپ كەلدىڭغۇ. كەت، پۇل دېگەن مەندە. بىللە تۇردۇڭ، پۇل بەردىمغۇ.

دىڭ قۇلاق تراكتۇرنىڭ كوزۇپىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ كەتتى. مەن خوتۇنلارنى بىلىپ قويغان، ھەپىزەمنى، ئايشەمنى ... سېنى بۇرۇنلا بىلگەن.

ئۇنتۇلۇپ قالاي دېگەن ئېشىكى ئېغىلدا قۇرۇق ئوتلارنى غىرىسلىتىپ يەپ، ئۇنڭغا سوغۇق نەزەردە قاراپ تۇراتتى. ھەتتا سېرىق شەپكىمۇ ئېشەكنى قىزىقتۇرالمىدى.

دىڭ قۇلاق كەچكىچە شۇنداق ئولتۇردى. ھېچنىمىنى ئويلىيالمىدى. ھېچنېمىنى ئەسلىيەلمىدى. ھەتتا ئېغىلدىكى ئېشىكىنىمۇ ئەسلىيەلمىدى.

ــ سەن راستتىنلا ساراڭكەنسەن.

شۇنداق دەپ ئاچچىقلانغىنىچە كەنت باشلىقى كىرىپ كەلدى. دىڭ قۇلاق ھەر ھالدا ئىشىنىپ كېلىۋاتقان بۇ ئادەمگە قاراپلا قالدى. بۇ كەنت باشلىقىنىڭ دىڭ قۇلاققا تۇنجى قېتىم ئاچچىقلىنىشى ئىدى.

ــ كېلىننى نېمە قىلدىڭ ــ ھە؟ ــ دېدى كەنت باشلىقى چەكچىيىپ.

ــ ئۇ پۇلۇمنى كۆزلەپ تەگكەن، ــ دېدى دىڭ قۇلاق.

_ ــ ئەستاغپۇرۇللا، _ ــ دېدى كەنت باشلىقى جايىدا پىقىراپ، ــ سەن شۇ گەپنىمۇ دېدىڭمۇ؟ راست، ساراڭكەنسەن. شۇنداق ئوبدان قىزنى ... ھەي، ھەي ... ئەينى ۋاقىتتا سىلەر توي قىلىدىغان چاغدا نېمە گەپلەر چىقمىغان. توي قىلىپ ئۇ قىزنىڭ قانداقلىقىنىمۇ كۆردۈڭ. توي قىلغاندىن كېيىنمۇ ئۇ سەن ئۈچۈن، ئائىلەڭلەر ئۈچۈن قانچىلىك جان كۆيدۈردى. سەن مۇشۇلاردىنلا ئۇنىڭ قانداق قىزلىقىنى بىلمەمسەن. ساڭا دەپ قوياي كالۋا، تويدىن بۇرۇن ئۇ قىز ماڭا مەسلىھەت سالغان. «داۋۇت ئىشلەمچان، جاپاغا چىداملىق، ئازراقلا كاللا ئىشلەتسە بېيىپ كېتىدۇ. مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ يېزىدا چىقىش يولى تاپاي. ماڭا ياردەم قىلسىلا» دېگەن. شۇڭا مەن بۇ تويغا ئارىلاشقان. سەن مېنىمۇ ئويلاپ قويمىدىڭغۇ؟ سەن شۇنداق ئاقكۆڭۈل، كۆڭلى ياخشى ئوبدان قىزنى ...

«مېنى دەپتۇ ــ دە؟ مېنى دەپ شۇنچە قىپتۇ. پەرىشتىدەكلا. پەرىشتە بولسا جەننەتتە تۇرماي بۇ يەردە نېمە بار؟ !» داۋۇت دىڭ قۇلاق كەنت باشلىقىنىڭ سۆزلىرىگە تازا ئىشەنچ قىلالمىدى.

ــ كىيىم يەڭگۈشلە، خەت ياز دەۋاتسا، ــ دېدى دىڭ قۇلاق غۇدۇڭشۇپ.

ــ بۇ گەپنىڭ نەرى خاتا، بار بولغاندىكىن ئوبدان كىيىپ يۈرمەمسەن. تۇرمۇشى ناچار باشقا كىشىلەرگە قاراپ باقە.

ــ كىيىمنىغۇ مەيلى ... شۇ خەت يازىدىغان ئىش ...

داۋۇتنىڭ خىيالىغا قىزنىڭ نازلىق بېقىشلىرى، ئىللىق قۇچاقلىرى كېلىۋېلىپ بىردىنلا بوشىشىپ كەتتى.

ــ بۇ تەرىپىگە مەن بار، ــ دېدى كەنت باشلىقى «ساۋات چىقىرىش» ھەققىدىكى گەپتىن ئوڭايسىزلىنىپ، ــ لېكىن، تۈزۈك كىيىنىپ يۈرىسەن.

بېشىنى لىڭشىتتى دىڭ قۇلاق.

ــ بولسا سەل تۇرۇپلا ئەپكېلىۋال. سەن ئۈچۈن ياخشى خوتۇن ئۇ.

كەنت باشلىقى تاپىلاپ چىقىپ كەتتى.

ياخشى خوتۇن؟ داۋۇت دىڭ قۇلاق ئوبدان بىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرىبىر. ھەپىزەممۇ، ئايشەممۇ، كەنت باشلىقىنىڭ قىزىمۇ ياخشى خوتعن بولالايدۇ.

خوتۇن ئالماق نېمىكەن، ئۇ كىچىكىدە تۆت خوتۇن ئالغان!

يا جاھاندا بىرمۇ ياخشى خوتۇن يوق.

يا جاھاندىكى خوتۇنلارنىڭ ھەممىسى ياخشى.



20. ئۇ ئەشۇ شۇ



ئۇ 50 مىڭ كوي پۇل تاپتى.

ئەمما، ئۇ 50 كىچە سانىيالمايتتى.

شۇڭا كىشىلەر: «ئېزىقماي، دۇدۇقلىماي 50 كىچە ساناپ بەرسەڭ 10 كوي بېرىمەن» دەپ ئۇنىڭغا بەس سالاتتى.

ئۇ قىلچە قىزارماي ئاپئاق كۆڭلىكىنىڭ يېڭىنى تۈرۈپ:

ــ سانىيالمىسام نېمە بوپتۇ، ــ دەپ تراكتۇرىنى ئېھتىيات بىلەن ئاستا ھەيدىگىنىچە ئۇن ساتقىلى ماڭاتتى.





ئەسكەرتىش:  بۇ ئەسەر 1999 ـ يىلى «تۇرپان ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنىپ 10-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.(2000-ﻳﯩﻞ، "ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ")






idraksoft

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  152
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1037
تۆھپە : 13
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 15:59:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[ئەرقۇتنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن . تەكلىپلىك يازغۇچى بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن .تىنى ساللمەت بولغاي ...

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1804
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5046
تۆھپە : 16
توردا: 373
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-11

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 16:13:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇتنىڭ ئەسەرلىرى تىلىنىڭ يېقىملىقى ۋە ۋەقەلىكىنىڭ تۇرمۇش چىنلىقى بىلەن خېلى ياخشى. مەن ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  265
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 170
تۆھپە : 7
توردا: 43
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-10

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 19:01:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇرنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە يازغان باشقا ئەسەرلىرىنى تاشلىۋىتىپلا، بۇ تۇنجى ئەسىرى يەنە قانداق ئېسىل ئەسەرلەرنى يازار ،دەپ تامادا يۈرەلىگەن بولساق ھە!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش