كىرىش
QQ ئارقىلىق كىرىش
تىزىملىتىش
پارول قايتۇرۇش
تىزىملىك
باش بەت
Portal
مۇنبەر
BBS
ھويلا
Space
مىكروبىلوگ
تور خاتىرىسى
يازغۇچىلار لۇغىتى
خەنزۇچە
قازاقچە
»
مۇنبەر
›
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى رايونى
›
مۇكاپاتلانغان ئەسەرلەر
›
ئابدۇلئەھەد قادىرى: دوستلۇق نەزمىلىرى
تىزىملىككە قايتىش
كۆرۈش:
1793
|
ئىنكاس:
10
ئابدۇلئەھەد قادىرى: دوستلۇق نەزمىلىرى
[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
eybuyaqup
eybuyaqup
توردا يوق
ۋاقتى: 2012-5-1 10:16:08
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
|
كۆرۈش شەكلى
دوستلۇق نەزمىلىرى(1)
ئابدۇلئەھەد قادىرى
ئەرشىدىن راشىدىن گە(2)
( مۇۋەششەھ )
ئەزىم دەريا يۇرۇڭقاش بويلىرىدىن بىر يارنى ئىزدەيمەن ،
سېغىنغاندا يېنىمدا يوق ، دىلىمدا بارنى ئىزدەيمەن .
رىزالىق يوق ئۇنى تاپماي ، دېسەم بىمارىدەك ياتماي ،
ماڭا روھىي مەدەت بەرمىش يۆلەك - ھەمكارنى ئىزدەيمەن .
شامالدىن سورىسام چۆلدە ئېچىپ بوز ئالدىراش دەيدۇ ،
ئاۋامنىڭ دەردىگە دەرمان ، دىلى سەكپارنى ئىزدەيمەن .
ئىجات- مېھنەتتە شان قۇچقان، قەلەم - كەتمەننى تەڭ تۇتقان ،
تاپاي دەپ كۆيچى بۇلبۇلنى ھامان گۈلزارنى ئىزدەيمەن .
دىلىدا ئەل - ۋەتەن زىكرى ،تېرەن ، ئويغاق خىيال - پىكرى ،
ئۇ يازغان ۋەزنى ئارۇزدەك ئېسىل ئەشئارنى ئىزدەيمەن .
ئىدۇق بىز بەيگىدە چاپقان ،نېمىشقا ئەمدى ئۇ پىنھان ،
قەلەمنى تاشلىسا ئەپسۇس ، سۆزى ئىنكارنى ئىزدەيمەن .
نېسىپ بولسا ئۇنى تاپماق ، چېقىلساق تەڭ بولۇپ چاقماق ،
شىئېرىيەت كۆكىدە تالماس قانات شۇڭقارنى ئىزدەيمەن .
2000-يىلى 8-ئاينىڭ16-كۇنى
مۇتەللىپ سەيفۇللا غا
( مۇۋەششەھ )
مۇبارەك ئايىمى نەۋرۇز كۇنى بىر جاننى ئىزدەيمەن ،
دىدارلاشماققا بىتاقەت بولۇپ تۆت تامنى ئىزدەيمەن .
ئۇنى ئۇچراتسا كىم بەرسۇن خەۋەر، تەشنائى بىتاپمەن ،
ئاشۇ بىر چاغدا مەي ئىچكەن شىپالىق جامنى ئىزدەيمەن .
تونۇشتۇق قايسى چاغ، شۇندىن بېرى كەلدۇق بولۇپ ئەسرار ،
ئاكا- ئىنى قېرىنداشتىن ئۆتە ھەمقامنى ئىزدەيمەن .
ئەزەلدىن نەزمىگە ئاشىق ئىجادكار نەسلىدىن بولغاچ ،
بېرىپ كەلدى يەنە بەرمىش مەدەت - ئىلھامنى ئىزدەيمەن .
لاياقەت ھەم شىجائەتتە ئۇنىڭدىن كۆپ تۆۋەندۇرمەن ،
گۈزەل ئىنسانىي خىسلەتتە گوياكى شامنى ئىزدەيمەن .
لېۋىم گەز، يۈرىكىم زەرداپ ، ئىچىم ھەسرەتكە تولغاندا ،
ئاجايىپ مەنىلىك ئۆتكەن ئاشۇ ئاخشامنى ئىزدەيمەن .
ئىشەنمەڭلار، ئەمەل تۇتسا قەلەمنى دات بېسىپتۇ- دەپ ،
ئىجاتتا چارچىماس ، ھارماس بىلى مەھكامنى ئىزدەيمەن .
پېقىرنىڭ ئىزگۈ ئارمانى - ئۆمۇردىن ھالقىسۇن دوستلۇق ،
قەلەمداشىم ، كۆڭۈل قەسرىمدىكى ئېھرامنى ئىزدەيمەن !
1999-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۇنى
شائىر كۈلكىسى
( شائىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇيغا مۇشائىرە )
جابدۇنۇپ چىققىنىمدا سەھەر يولغا ،
بىر دوستۇم سوراپ قالدى: سەپەر نەگە ؟
گۇمىغا ماڭدىم دېسەم ، كاتتا تويغا ،
ئۇ دېدى :بەرمەكچىكەن كىمنى ئەرگە ؟
ياق ، دېدىم توي ئەمەس بۇ ئادەتتىكى ،
ئون يىللىق مەرىكىسى ئەدىبلەرنىڭ . (3)
ئاڭلايدۇ جاھان بۈگۈن ساداسىنى ،
بۇلاقتەك بۇلدۇقلىغان قەلبلەرنىڭ .
سۆزۇمنى ئاڭلاپ دوستۇم لىڭشىتتى باش،
ۋەيەنە سوراپ قالدى مۇنداق سوئال :
گۇمىدا شائىرغۇ كۆپ ، مەن بىرسىنى -
تونۇيمەن، ئىسمى ئۇنىڭ مەمەت كامال .
ئېيتقىنا، تەخەللۇسى <خۇشخۇي > تۇرۇپ ،
نېمىشقا بىر ئېچىلىپ كۈلمەيدۇ ئۇ ؟
ھەمىشە قاپاقلىرى تۈر*ۈك ئۇنىڭ ،
ۋەياكى كۈلۈش نېمە، بىلمەمدۇ ئۇ ؟
بولمامدۇ كۈلكە خۇمار شائىر دېگەن ،
ئەجىبا ، ئۇنىڭ چىراي- تۇرقى خاپا .
بارمۇ يە يۈرىكىدە ساقايماس دەرت ،
قىينامدۇ ياكى ئۇنى بىر بىۋاپا ؟
دوستۇمنىڭ سوئالىغا كۈلۈپ قويدۇم ،
نېمە دەي، بىر گەپ بارغۇ گەپ تېگىدە .
قىسقىسى، شائىر دېگەن شۇنداق بەندە ،
يىغلايدۇ ھەم كۈلىدۇ يۈرىكىدە .
يۈرەكتىن ئۇرغىمىسا ئەگەر كۈلكە ،
نەھاجەت، ساختا، يالغان كۈلۈشلەرگە .
سەۋەپسىز كۈلمەس شائىر پۇركىسەڭمۇ،
بويىنى ھەتتا ئالتۇن ، كۆمۇشلەرگە .
قەدىناس شائىر دوستۇم خۇشخۇيمۇ ھەم ،
ئاشىقتۇر شىئېر ئاتلىق جانانىغا.
ئۇ قانداق كۈلەلىسۇن يەتمەي تۇرۇپ ،
كۆڭلىگە پۇككەن ئارزۇ - ئارمانىغا .
خۇشخۇينى <مۇز چىراي> دەپ ئەيىپ ئەتمەڭ ،
كۈلكىگە بايدۇر ئۇنىڭ مىسرالىرى .
ھەر قاچان قاپاق تۈرگەن پەھلىۋاننىڭ ،
جايىغا تىگەر ئاتقان پەشۋالىرى .
قانائەت ھاسىل قىلىپ جاۋابىمدىن ،
دوستۇمغۇ ماڭا ئاقيول تىلەپ قالدى .
ھە، ئەمدى خۇشخۇي دوستۇم نېمە دەر ،دەپ
شۇ تاپتا بولۇپ قالدىم يۈرەك ئالدى ...
2000-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۇنى
سالامنامە
(شائىر ئابدۇغېنى سىيىت ئەپەندىگە مۇشائىرە )
سالام ، ئابدۇغېنى دوستۇم تېرەن دوستانە ھۆرمەتتە ،
ھەزىل - چاقچاقنى مىسراغا تىزىپ چىقتىم سالام خەتتە ،
مېنىڭ كۆڭلۇم ، مىجەز - پەيلىم ئاياندۇر سىزگە ئەلبەتتە ،
قەسەمبىللا ، بۇنى يازغان ئەمەسمەن غەيرى نىيەتتە ،
شۇڭا كەتسە تېگىپ ، يۇرمەڭ گىنە ساقلاپ ئاداۋەتتە .
سالامدىن سوڭ تىلەي سىزنى ئىلاھىم ساق - ئېسەن قىلسۇن ،
كۆڭۈللەر تۆرىدە چولپان ۋەيا ھەسەن - ھۈسەن قىلسۇن ،
جىمى دەردۇ - بالا ،رەنجى- جاپالارنى ئاسان قىلسۇن ،
ئاقارغانچە ساقال - چاچلار ياشارتىپ نەۋقىران قىلسۇن ،
نېسىپ بولغاي يېتىپ - قوپماق باياشات ئۆي- ئىمارەتتە .
ئۇزۇن يىللار بولۇپ قالدى بۇرادەر بىز تونۇشقانغا ،
بولۇپ ھەمدەم ئىجات سەيناسىدا ئۇلپەت بولۇشقانغا ،
تەلەي- قىسمەتتە ئايلاندۇق گاھى شىر، گاھى توشقانغا ،
ۋەلەيكىن قايتمىدۇق ئارتقا ، ئۇنامدۇق ئەمدى توسقانغا ،
ئىلاھىم ، بىللە بولساقكەن ھامان بۇ جەڭگىۋار سەپتە .
قاچانكى ئۇچرىشىپ قالساق قىلارمەن بىمالال چاقچاق ،
سەۋەپكى، سىزمۇ مەن قىلغان ھەزىل - چاقچاققا بەك ئامراق ،
ھېسامدەك گەپكە پىششىقسىز، ۋەلەيكىن مەن تېخى خامراق ،
قىزارمايسىز ، تاتارمايسىز تېگىپ كەتسەممۇ سەل چىڭراق ،
نى ئارمان ياشىسا ئادەم بۇ يەڭلىغ خۇي - پەزىلەتتە .
ئۆتەرمىز ئۆي يېقىن ئەمما كۆرۇشمەي ھەپتىلەپ - ئايلاپ ،
كېلىپ تۇرمايدۇ، - دەپ سىزنى كېتەرمەن بەزىدە قايناپ ،
چۆكەرمەن گاھىدا غەمگە بۇرادەر سىزنى كۆپ ئويلاپ ،
نىچۇك ھالى، سالامەتمۇ ،ياتامدۇ ياكى ۋاي- ۋايلاپ ،
ئەگەر بىر ئىش بولۇپ قالسا قالۇرمەن ئاھ ، نادامەتتە .
ئەزەلدىن بۇساراڭ تەقدىر كىشى رايىغا باقماسكەن ،
ھاياتلىق بىر ئەزىم دەريا، ھامان بىر خىلدا ئاقماسكەن ،
ۋاقىت ئۆتسە ، ئۆمۇر كەتسە ئەجەپ كەينىگە يانماسكەن ،
غەنىمەت ئۇشبۇ پۇرسەتلەر كۈتۈپ بىزلەرنى ياتماسكەن ،
شۇڭا كەلدىم قىلىپ ئارمان، بولاي دەپ زىكرى - سۆھبەتتە .
مېنىڭغۇ سىزنى تەنبىھلەپ مازاقلاش مۇددىئايىم يوق ،
ئۆزەمنى چوڭ تۇتۇپ قەستەن قۇسۇر تاپماققا رايىم يوق ،
كۆيۇنمەي سىزگە بىر چەتتە تۇراي قانداقمۇ لام - جىم يوق ،
ئىكەنمەن دوستىڭىز سىزنىڭ ، ئېغىز ئاچماي ئىلاجىم يوق ،
يېقىن دوست يىغلىتىپ ئېيتار دېگەن گەپ بارغۇ ئادەتتە .
خوتەندە كۆپ كىشى سىزنى ئېزىزلاپ مۆھتىرەم دەيدۇ ،
قەلەمكەش ئەھلىمۇ ھۆرمەت قىلىپ ساھىب قەلەم دەيدۇ ،
نىچۇنكى ، يازمىڭىزنى بىر كۆرۇپ :< بىر نەرسە كەم ... > دەيدۇ ،
بىلەمسىز ، نېمە كەم سىزدە ؟ ئۇنىڭ ئاتىنى <تەم > دەيدۇ ،
يېمەس ھېچكىم ئەگەر تەمسىز ئىكەن ھەتتا پولو - بەتتە .
شىئېرنىڭ تەمى - ھېسسىياتتۇر، ئۇنىڭ جانۇ - قېنى - چىنلىق ،
پىكىر ، ھېسسىياتى سۇس شىئېردا نە قىلسۇن جىلۋە - يارقىنلىق ،
ئىشەنسۇن كىممۇ < جۇت قىشنىڭ دېسەھاۋاسى بەك ئىللىق >،
دېمەك ، شائىر ئۇچۇن ئالى مىزاندۇر توغرا - راستچىللىق،
يېزىڭ دوستۇم ، رېئال دۇنيا نەزەردىن قالمىسۇن چەتتە .
يېزىڭ ، ئەمما شىئېر يازماق ئۇچۇنلا شامدا ئولتۇرماڭ ،
قاچان ئولتۇرسىڭىز مەيلى ، چېنىپ ماڭدامدا ئولتۇرماڭ ،
ئىچىڭ ئاز- ئاز، بىراق تۇرمۇز قىلالماي جامدا ئولتۇرماڭ ،
ئۇچۇپ مەستلىكتە لەگلەكتەك تۈۋى بوش تامدا ئولتۇرماڭ ،
مادامىكى ، تىرىك شائىر پەقەت ئابروي - ئىناۋەتتە .
<سەيىد> ئەۋلادى مەن دەيسىز ، بۇ گەپلەر ئېيتىڭا راستمۇ ؟
ئەگەر شۇنداق ئىكەن ، ئەۋلاد ئۇرۇق نەسلىگە تارتماسمۇ ؟
ھامان ئىزدەپ رېئاللىقتىن ئۆزىنى ، ئويغا پاتماسمۇ ،
ۋەيا پەرۋانە ئاشقتەك ئۆزىنى ئوتقا ئاتماسمۇ ،
دېمەك ، ھەركىم سىنالغاي ئۆز ئاتاسىغا ساداقەتتە .
قاچانكى <جېق تۇغۇپ > يازغان شىئېر ئالقىش - چاۋاك تاپتى ،
شۇئان بىرسى < تۇغۇڭ ئاز > دەپ يېقىندىن سىزگە دوس تارتتى ،
مۇشۇنداق يازمىڭىز بەزەن سورۇندا سىزگە ئەسقاتتى ،
ۋەلەيكىن بەزىلەر سىزنى < تۇغۇمچان > دەپمۇ گەپ تاپتى ،
بۇغۇ چاقچاق ، بىراق ئۆتمەڭ داۋام مۇنداق ئاھانەتتە .
يەنە سەنئەت دېسە تۇغما ھەۋەس - ئىلھامىڭىز باردۇر ،
ئۇسسۇلغا چۈشسىڭىز ھەي - ھەي ئەجەپ خۇش نازىڭىز باردۇر ،
خۇدايىم سىزگىلا بەرگەن بەلەن ئاۋازىڭىز باردۇر ،
ئېلىپ رول سەھنىدە < شاۋاز ۋەزىر > ئوبرازىڭىز باردۇر ،
تارالدى داڭقىڭىز چولپان كەبى كۆپ خىل ماھارەتتە .
بىراۋدىن ئاڭلىسام كىيمەك بولۇپسىز باشقا بىر بۆكنى ،
تۇرامسىز ھېلىمۇ دەملەپ ئىچىپ بابۇنە ، سوك - سوكنى ،
ئاسانمۇ شامدا ئولتۇرماق ، ئاۋايلاپ كەتكىلى توكنى ،
گېپىممۇ ئۇزىراپ كەتتى ، ۋەلەيكىن دېمىدىم يوقنى ،
ئىلاھىم ، تەندۇرۇس ، ساغلام ئۆتەرسىز ئەمدى راھەتتە .
مېنىڭدىن مەسلىھەت شولكى :بىراۋ قىچقارمىسا بارماڭ،
بولۇڭ سەگەك ، بىراق مىش- مىش پاراڭلارغا قۇلاق سالماڭ ،
كۆرەلمەي بەزىلەر سىزنى قىلاركەن ئاۋۇتۇپ داۋراڭ ،
پىيادە ماڭغۇلۇق يولدا ، مۇبادا بولمىسا ھارۋاڭ ،
دېمەكچى : يۈرسىڭىز ياخشى ئەمەسمۇ چوڭ سالاپەتتە .
شارايىت بولمىغاچ ئۆيدە توخۇ - توشقان باقالمايسىز ،
ۋەيا بىر ، ئىككى قوي - ئۆشكە بېقىپ پۇلغا ساتالمايسىز ،
نەچارە ، ئازغىنا ئايلىق مائاشتا جان باقالمايسىز ،
بىراق ، شۇنداق پېقىر، نامرات شائىرلىقتىن تانالمايسىز ،
مېنىڭچە ھەممىدىن بايسىز بىلىم ، ھېكمەت ، دىيانەتتە .
غېنى دوستۇم ، ئاتاپ سىزگە مۇشائىرە يېزىپ سۇندۇم ،
ۋاھالەنكى ، قەلەم چولتا ، ئۆزەمنى چاغلىماي قويدۇم ،
نەزەرگە ئالسىڭىز دەرمەن جاھانغا قايتا توغۇلدۇم ،
ئەھەدى دوست بىلىپ سىزگە دېگۇم بار گەپنى دەپ بولدۇم ،
قاچان چىققاي سادا سىزدىن ، كۈتەرمەن سەۋرى - تاقەتتە !
2000-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۇنى
(1) << دوستلۇق نەزمىلىرى >> ماۋزۇلۇق بۇ ئەسىرىم << يېڭى قاشتېشى >> يورنىلىنىڭ 2001-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان ، 11- نۆۋەتلىك << خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى>> غا نائىل بولغان .
(2) مەرھۇم شائىر ئەرشىدىن راشىدىن 1947-يىلى 8-ئايدا لوپ ناھىيە جىيا يېزىسىنىڭ قومباغ كەنتىدە دىخان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ،ئۆزىنىڭ 35 يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىدا ئاز ئەمما ساز يازغان ، بولۇپمۇ ئارۇز ۋەزنىدىكى ئىسىل غەزەللىرى ۋە بىر تۇر*كۇم ساتىرىك شىئېرلىرى بىلەن شىئېرىيەت ئاشىنالىرىنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئابىدە تىكلىگەن شۆھرەتلىك شائىر ئىدى ،2005 -يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۇنى 58 يېشىدا ۋاپات بولغان.
(3) بۇ مۇشائىرە -2000-يىلى ئاپرىلدا گۇما ناھىيىلىك يازغۇچىلار جەمىيىتى قۇرۇلغانلىغىنىڭ 10يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۇزۇلگەن داغدۇغىلىق مۇراسىمدا ئوقۇلغان .
ئىنكاس
جابدۇق
پاش قىلىش
ئاينۇرى
ئاينۇرى
توردا يوق
ۋاقتى: 2012-5-1 10:27:38
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر يۈرۈش شېئىرلارنى چىرايلىق قىلىپ رەڭلەپ قويغان بولساق ئىدى-ھە...................
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
م.توختى سەببەت
م.توختى سەببەت
توردا يوق
ۋاقتى: 2012-5-1 11:15:01
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەھەدى ئاكا!
سىز بۇ دوستلۇق نەزمىلىرىڭىز بىلەن مېنى بۇنىڭدىن 10يىللار بۇرۇنقى ئەشۇ ئۇنتۇلماس دەقىقىلەر قوينىغا باشلاپ كەتتىڭىز...
كەمىنە مۇھەممەدتوختى دەل ئەشۇ زىكىر-تەۋسىپى بولۇنغان مەرھۇم قەلەم ساھىبى ئەرشىدىن راشىدىن ئاكا بىلەن بىر يۇرت،بىر مەھەللىدىن بولغىنىم ئۈچۈن،ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن كۈنلىرىم ئېسىمگە كېلىپ كۆزلىرىمدىن ياش، يۈرىكىمدىن قان تامچىلىدى-قان!....
شائىر ئاكىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي....
سالامەت بولۇڭ ئەھەدى ئاكا... دۇردانە يازمىلىرىڭىزنى ئايىماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
a.sadir
a.sadir
توردا يوق
ۋاقتى: 2012-5-1 15:28:09
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرشىدىننىڭ ياتقان يېرى جەننەتتىن بولغاي!
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
hojakabiz
hojakabiz
توردا يوق
ۋاقتى: 2012-5-4 00:56:40
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھەدىنىڭ رىشتەنامىلىرى كىشىگە ئالاھىدە زوق بېغىشلاپ، دوست-بۇرادەرلەرنى كۆڭۈل ئىكرانىدا قايتا زاھىر قىلىدىكەن. باشقىلارنىڭمۇ جاۋاپنامىلىرى ئىكرانغا چىققان بولسا-ھە!
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
alahidin
alahidin
توردا يوق
ۋاقتى: 2012-5-4 09:39:27
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك ئابدۇئەھەد ئەپەندى:
مۇنۇ بېيىتقا بىر نەزەر سېلىپ باققايلا:
«ئەزىم دەريا يۇرۇڭقاش بويلىرىدىن بىر يارنى ئىزدەيمەن ، )17(
سېغىنغاندا يېنىمدا يوق ، دىلىمدا بارنى ئىزدەيمەن .)16(»
«بويلىرىدىن» نى «بويىدىن»دېسەكچۇ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-4 09:40
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
سەزگۈر
سەزگۈر
توردا يوق
ۋاقتى: 2012-6-3 17:17:36
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل كۈيلەر ئىكەن .ھوزۇرلاندىم.
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
بۇژغۇن
بۇژغۇن
توردا يوق
ۋاقتى: 2013-3-28 18:05:21
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر تۇركۇم مۇۋەششەھ ھەم مۇشائىرىلەر كىشى كۆڭلىنى تولىمۇ سۆيۈندۇرىدىكەن ئەمەسمۇ؟
ناھايىتى يىقىملىق كۈي-چەشمىسى ئىكەن!ئاپىرىن ئەيبۇغا!
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
قۇتلانى
قۇتلانى
توردا يوق
ۋاقتى: 2013-6-28 21:31:23
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
ئابباس تۇرسۇن
ئابباس تۇرسۇن
توردا يوق
ۋاقتى: 2013-11-28 17:33:10
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھەدى ئاكىمىزنىڭ تىنى سالامەت بولغاي...ئىجادىيەت تۇلپىرى مەڭگۈ ھېرىپ قالمىغاي...
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
م.توختى سەببەت
م.توختى سەببەت
توردا يوق
ۋاقتى: 2014-6-30 19:28:40
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر قېتىم ئوقۇۋەتتىم.
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
تىزىملىككە قايتىش
ئالىي ئىنكاس
B
Color
Image
Link
Quote
Code
Smilies
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش
|
تىزىملىتىش
سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى
ئىنكاس يوللاش
ئاخىرقى بەتكە ئاتلاش
ستاتىستىكا
|
يانفون نۇسخىسى
|
新疆作家协会网
Powered by
Discuz!
X3.2
(
NurQut Team
)
© 2001-2011
Comsenz Inc.
For
www.xjzjxh.com
جۇغلانما 0, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن جۇغلانما
چوققىغا قايتىش