كۆرۈش: 3617|ئىنكاس: 17

مەن ئېرىمنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم(ئامانگۈل ئەزىز) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 636
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2392
تۆھپە : 234
توردا: 1297
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-9

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 10:12:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«كروران» ژۇرنىلى 2005- يىللىق 3- سانىدا ئېلان قىلىنغان.«14-قېتىملىق خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن .



مەن ئېرىمنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم



ئامانگۈل ئەزىز



ئۇنىڭغا ئېسىلىپ قانچىلىك يىغلىغىنىمنى  بىلمەيمەن  . خۇددى  ئاشۇ كۆز  ياشلىرىم ، قەلبىمدىكى بارلىق ئازابلارنى  يۇيىۋەتكەندەك  ، شۇ مىنۇتتىن  باشلاپ مەن ئېرىمىنى  ياخشى كۆرۇپ  قالدىم . ئېيتقۇسىز  قىزغىنلىق  ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە  سېلىپ  ماڭا  مۇھەببەتنىڭ  ھەقىقى لەززىتىنى  تېتىتماقتا  ئىدى  .  توي قىلىپ  ئۈچ يىل  بولغاندا  ، مەن ئۈچۈن  ئۆلۇمدىنمۇ  ئېغىر  تۇيۇلغان  ئازابلىق  كۈنلەر  بېشىمدىن  ئۆتكۇزۇپ  بۇلۇپ  ، ھاياتىمنىڭ  بارلىق  خوشاللىقلىرىدىن ئۈمىدىمنى  ئۈزۈپ  پەقەت  ئوغلۇم ئۈچۈنلا  ئۇنىڭ  بىلەن  بىللە  ياشاۋاتقان  ئاشۇ  كۈنلەردە  ، ئاجىرىشىشنى  ھەر  مىنۇت  ئېسىمدىن  چىقارماي يۇرگەن  كۈنلىرىمدە مەن ئۇنى  ياخشى كۆرۇپ  قالدىم  .

ئېرىم  ئىككىمىز  بىر  شەھەردە  چوڭ  بولغان  بولساقمۇ  ئىلگىرى  بىر-بىرىمىزنى زادىلا  كۆرۇپ  باقمىغان  ئىكەنمىز  ،  ئۇنىڭ بىلەن  تۇنۇشۇپ 25- كۈنى تويىمىز بولغان ئىدى  . ھازىر  ئويلىسام  ئۆزۈمنىڭ  شۇنچىلىك  چوڭ  تاللاشتىمۇ  تەۋەككۈلچىلىك  قىلغىنىمغا  ھەيران  قالىمەن  . شۇنداق  قىلىپ  تويىمىز  بولدى  .  توي كۈنى  خۇددى مېنى  بىرى  ئۆلۇمگە  ئېلىپ  ماڭغاندەك  دادامغا  ئېسىلىپ  ئاجايىپ ئېچىنىشلىق  يىغلىغىنىم  ھازىرقىدەك  ئېسىمدە  . ئاشۇ  يىغام  خېلى  نۇرغۇن  سۆز چۆچەككە  سەۋەپ  بولغان ئىدى  .  مەن پەقەت  شۇ  كۈنىلا ئۆزۈم 8يىل  سۆيگەن«ئۇنىڭسىز ياشىيالمايمەن «دەپ ئويلىغان  ئادىمىمدىن  ھەققىي تۈردە  ئايرىلدىم  دەپ  ئازابلانغان  ئىدىم  . ھەر  قانچە  قىلىپمۇ  بۇ  ئازابنى  يۇتىۋېتەلمىدىم  .  ئەمەلىيەتتە   بۇ  تويغا  مېنى  ھېچكىم  مەجبۇرلىمغان  ئۆزۈمنىڭ  رازىلىقى بىلەن  بولغان  ئىدى  . ئەمىسە  نېمىشقا   دەمسىز ؟

مەن  توي  قىلمىسام  بولمايدىغانلىقى ، ئەتىراپىمدىكى  مېنىڭ  ئۆمۈرلۇك  ئىشىمغا  خۇددى  ئۆز  قىزلىرىدەك  باش  قاتۇرۇشۇپ  كېچىلىرىى ئۇيقۇدىن  ، كۈندۈزلىرى   تاماقتىن  قېلىۋاتقان «ياخشى نىيەتلىك«كىشىلەرنىڭ  مۇرادىنى  ھاسىل  قىلىپ ، ئاتا -ئانامنى باش ئاغرىقىدىن  قۇتۇلدۇرمىسام  ، مەندىن  بىر يىرىم  ياشلا  پەرقلىنىدىغان سىڭلىمنىڭ  سۆيگەن  يىگىتى  بىلەن  توي  قىلىشىغا »يول«ئاچمىسام  بولمايدىغانلىقى  ئۈچۈنلا  توي  قىلغان  ئىدىم  .«توي قىلىپلا  ئاجىرىشىپ  كېتىمەن ، ھېچ بولمىغاندا   بىر ھەپتىدە  چوقۇم ئاجىرىشىپ  كېتىمەن »دەپ ئويلايتتىم  . شۇڭا  مېنۈ  قوغلاشقان,  باشقا  قىزلارنىڭ  نەزىرىدە ، زامانىمىز قىزلىرىنىڭ  ھەممە  ئۆلچەمگە  چۈشىدىغان  ئۇلار  بىلەن توي قىلىش  ئەمەس ، بىر  ئۆمۈر  مالايلىقىنى  قىلسىمۇ  ئەرزىيدىغان  نۇرغۇن  يىگىتلەرنى  ئەمەس  ، ئاغزى بىلەن  ئەمەس كۆزلىرى  بىلەن  سۆزلەيدىغان  ، ھەر  بىر  ھەرىكىتىدىن  كۆيۈمچانلىق  ،ئاقكۆڭۇللۈك چىقىپ  تۇرىدىغان  بۇ  يىگىتىنى تاللىۋالغان ئىدىم  .مەندىمۇ ئامال  يوق  يوقتە ؟!  يەنە كېلۈپ   ئۇ  مېنى  ياخشى  كۆرۇپ  قالدى  .

شۇنداق قىلىپ تويىمىز  بولدى . نېمىندىندۇر  قورقاتتىم  . ئوچۇقىنى   ئېيتسام  ، روھىمنى  پاك ساقلىغىنىم بىلەن  جىسمىمنى پاك  ساقلىيالماي  قېلىشىمدىن  قورقاتتىم  .خىيالىمدا  سۆيگۈنۈمگە  مەڭگۇ سادىق  بۇلۇپ ياشاش ئويۇم بار ئىدى . كەچتە  يەڭگەم  مېنى  ھۇجرۈغا  ئەكىرىپ  قۇيۇپ  چىقىپ  كەتتى  . يۇرىكىم  قېپىدىن  چىقىپ  كېتىدىغاندەك  سالاتتى .  قارىسام  ئېرىم مەندىن  بەكرەك  جىددىيلىشىۋاتقاندەك  گەپ -سۆزى  ،  ھەرىكىتى  قولاشمايۋاتاتتى  . چىگىش  خىياللىرىم  ېارۈسۈدۈن چىقىپ بولالماي  قاققان قوزۇقتەك ېولتۇراتتۈم ېۇ كېلۈپ ېاستا مۈرەمنۈ تۇتتۈ. ېەنسۈز توۋلۈۋەتتۈم ېۇ نۈمە بولغۈنۈمنۈ   ئاڭقىرىپ  بولغىچە  قولىدىن يۇلقۇنۇپ  چىقىپ مېھمانخانا  ئۆيگە كىرىپ  ئىشىكىنى ئىچىدىن  تاقىۋالدىم ، ئۇ كېلىپ ئىشكىنى  چەكتى  .

- نېمە بولدىڭىز  ؟ نېمە قىلغىنىڭىز  بۇ   ؟  بىز  ئەمدى ئەر -خوتۇن بولدۇق  ...

ئۇ نۇرغۇن  سۆزلىدى  ، بىر ئېغىزمۇ  قۇلىقىمغا   كىرمەيتتى  ، ئۇ  ئىشكىنى  ئىتتىرەتتى  ،  ۋارقىرايتتى  ،  ئىشكىنى  ئاچقۇچ  بىلەن ئاچالماس قىلىۋەتكەن  ئىدىم  . ئەگەر  كىرمەكچى بولسا ئىشىكنى چېقىشتىن  باشقا ئامال يوق ئىدى  . ئۇ ئەتىراپتىكى  خوشنىلاردىن  نۇمۇس قىلدىمۇ  بەك  قاتتىق تاراقشىتالمايتتى  ، قاتتىق  ۋاقىرالمايتتى  .  بىر كېچە  ھەر  ئىككىمىز  ئۇخلىمىدۇق  ، تاڭ ئاتتى  ، يەڭگەم  كەلگەندە  خۇددى  ئالۋاستىدىن  قۇتۇلغاندەك   ئۇھ !  دەپ  ئىشىكتىن چىقىۋالدىم  ، شۇنداق قىلىپ  مېنىڭ  توي  كېچەم  مۇشۇنداق«ئۇنتۇلغۇسىز»ئۆتتى .

يەڭگەم بىلەن قېينئاناملارنىڭ  ئۆيگە باردىم  ، ناھايىتى  تارتىنچاق  قىياپەتتە  يەرگە  قاراپ  ئولتۇراتتىم . ھېچنىمىنى چاندۇرمىدىم. تۇرۇپ«غەلبەم»دىن شاتلىنىپ كۈلگۈم  كېلەتتى ، بىراق  چۈشتىن  كېيىن قېينئاپامنىڭ كىچىك ياتاق  ئۆيگە«بىردەم ئارام  ئېلىڭ» دەپ سېلىپ بەرگەن  كۆرپىنىڭ  ئۈستىدە  تۆت سائەت مىدىر - سىدىر قىلماي  ئۇخلاپ  قالغىنىم  ، ئۆمۈر بويى  ئەستىن چىقمىغۇدەك نۇمۇسلۇق ئىش بولدى . (بۇنىڭ ئۈچۈن  ھازىرغىچە  ئۆزۈمنى كەچۇرەلمەيمەن )  ئۇلار  مېنى  كېچىچە  چارچاپ  كەتتى  دەپ ئويلىغان  چېغى ئۆزۈم  ئويغانمىغۇچە  ئويغىتىشماپتۇ  . ئىش قىلىپ  بىر كۈن  ساق -سالامەت  ئۆتۇپ كەتتى  .

كەچتە  ئۆيگە قايتىشىم  كېرەك . يەڭگىلىرىمگە«سىلەر بىلەن  ئۆيگە كېتەيچۇ»دىگۇم كەلدى ، بىراق  دېيەلەيتتىممۇ؟  كاللامدا :«ئىش قىلىپ نېمىلا بولمىسۇن ئەتە -ئۆگۇن  ئاجىرشىپ  كېتىمەن، بۈگۈننى  ئۆتكۇزۈۋالساملا  بولدى » دېگەن  خىيال  ئەگىيتتى  . ئۆيگە كىردۇق  ، كىرىپلا شۇنداق ھەيران قالدىم ، كارۋاتنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن  ئەتىرگۈللەردىن  يۈرەكنىڭ  شەكلى  ياساپ  قۇيۇلغان  ئىدى . ئۆينى  ئەتىر گۈلنىڭ  پۇرىقى  بىر ئاپتۇ  . ئۇنىڭ رومانتىكلىقىدىن كۈلگۈم  كەلدى ، يەنىلا  سۆيگۇنۈمنى  ئەسكە  ئالدىم . بۇنىڭ  ئورنىدا  ئۇ بولغان  بولسا  قانچىلىك  بەختىلىك  بولار ئىدىم  .....

-   خىيالىمنى  ئۇنىڭ  سۆزى  بۆلدى .

99تال ئەتىر گۈلنىڭ مەنىسى «ئۆلسەكمۇ ئايرىلمايمىز»دىگەن  مەنىدە  ئىكەن ، سىزنى  ياخشى كۆرسىكەن دەپ ئويلايمەن.ئۇنىڭ بۇ قەدەر ئېغىر-بېسىقلىقى،  ئاخشامقى  ئىشنى  ئازراقمۇ  ئېغىر ئالمىغانلىقىدىن  ھەيران  بولدۇم ۋە ھېسىياتسىزلا:

-رەھمەت  بىكار ئاۋارە بوپسىز ، بىردەم تېلۋىزۇر  كۆرەيلى !

خىيالىمدا ئۇنى  بۈگۈنمۇ  ئامالسز قالدۇرماقچى  بولۇپ  :

- ئۆزىگە تۇنجى  قېتىم  ئىللىقىراق  سۆزلىگىنىمدىن خوشال بولدىمۇ ، بېلىمدىن  تۇتۇپ  مېھمانخانا ئۆيگە  ماڭدى . بىردەم  ئولتۇرۇپلا «كىيمىمنى ئالماشتۇرىۋېتەي »دەپ  ياتاق ئۆيگە  چىقتىم  : ئۇ بىخارامان  ئولتۇراتتى  ، خىيالمنىڭ  ئەمەلگە ئېشىشىدىن ئۈمىدۋار  بۇلۇپ  ، ئىشكنى تاقاي دەپ  شۇنداق  ياپسام ، ئىشىكنىڭ  ھەممىسىنىڭ بىخەتەرلىك  قۇلپىنى  ئېچىۋىتىپ  تاقالماس قىلىۋېتىپتۇ. نىمە قىلىشىمنى  بىلمەي ئولتۇراتتىم  . ئازابتىن  ساراڭ  بولاي  دىگەن  ئىدىم  ، ئۇنىڭدىن نەپىرەتلىنەتتىم ، ئۆيدىن  قېچىپ چىقىپ كەتكۈم كېلەتتى  . بىراق  ئۆزۈم  ئۈچۈن  ئۇنى  ئىزا-ئاھانەتكە  قويغۇممۇ يوق ئىدى . ئۇنىڭدا  نېمە گۇناھ ؟ ئۇنىڭ  مېنى  ياخشى  كۆرۇپ قالغانلا گۇناھى  بار .

ئاخىرى  ، ئۇ   تېلۋىزۇرنى ئۆچۆرۇپ  ياتاق ئۆيگە كىردى .

كىيمىڭىزنى ئالماشتۇرماپسىزغۇ؟ كېلىڭەمەن ئالماشتۇرۇپ قوياي  دىگىنىچە كوپتامنىڭ  تۈگمىسىگە  قول  ئۇزاتتى. ئورنۇمدىن  قانداق تۇرۇپ كەتكىنىمنى  بىلمەيمەن ، ئۆزۈمنى  ئېلىپ قېچىپ  تامنىڭ  تۈۋىگە كېلىشىمگە  ئۇ مېنى  تامغا  تىرەپ  تۇرىۋىلىپ  ، ئاجايىپ  كۈچلۈك  تەشنالىق  بىلەن  سۆيۈشكە  باشلىدى . ئۇنى ئىتتىرەتتىم ، يۇلقۇناتتىم  ، بىراق كۈچۈم يەتمەيتى . مەن  قانچە  ئىتتىرىگەنسېرى ئۇ  شۇنچە يېپىشاتتى  . پەقەت  ھالىم  قالمىدى . ئۇ بىردىنلا  مېنى كۆتۇرۇپ  كارۋاتقا ئالدى  ، گۈللەرنىڭ ئۈسىتدە  ياتاتتىم  ، ئۆزۈمنى ئاشۇ  گۈللەردەك  چەيلىنىۋاتىمەن  دەپ  بىلەتتىم . شۇنچىلىك  تىرماشتىم  ، ۋۇجۇدۇمدىكى   بارلىق  كۈچۈمنى  يىغىپ  ئورنۇمدىن  تۇرۇپ  كەتمەكچى ، ئۇنىڭ  چاڭگىلىدىن  قۇتۇلماقچى  بۇلاتتىم  ، بىراق  ھالسىزلىنىپ  كېتىپ باراتتىم ، ئۆزۈمنى  باسقۇنچىلىققا ئۇچىرىغاندەك  ھېس قىلاتتىم  ، بىراق  مەن ئۇنىڭ  قانۇنلۇق ئايالى ئىدىم ...

قەلبىمدە  قانچىلىك  غەزەپنىڭ بۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر  ئۇنىڭ  سۆيۈشلىرى  ، قۇچاقلاشلۈرۈدۈن  ، توختىماي  سىلاشلىرىدىن ۋۇجۇدۇمدا  ئاجايىپ  بىر  لەززەت غەليان كۆتەرمەيمۇ   قالمايتتى، ئۇ  سۆيەتتى، توختىماي  سۆيەتتى ..... ئەتىر گۈللەر  ئارىسىدا  بىر  پەرى  ئىپپىتىنى قوغداپ قالماقچى  ئىدى ، ئەمما ... مەن ئەنسىرىگەن   ئىش ئاخىرى  قەلبىمدىكى  ئازاب، قارىشىلىق،  ۋۇجۇدۇمدىكى   توسالغۇسىز  بىر خىل  تەشنالىق  ئارىسىدا بىردەمدىلا  يۇز  بەردى . مەن 25يىلدىن  بۇيان پەقەت  ئۆزۈم سۆيگەن  ئادەم ئۈچۈنلا  تەييارلىغان  پەرۋىش  قىلغان «ئەتىر گۈل »بىردەمدىلا  باشقا  بىرۋا تەرىپىدىن«چەيلەندى » ئاجايىپ  كۈچلۈك   بىر ئاغرىق  پۇتۈن ئىچ باغىرىمنى  قۇچۇپ  ئۆتۈپ  پۇت ،قولۇمنىڭ  ئۇچىدىن  چىقىپ كەتتى. ھۇشۇمدىن كەتكۈدەك بۇلۇپئەنسىز ئىڭرىۋەتتىم ، «ئەتىر گۈل» يىغلىۋەتكەن  ئىدى  .....

ئۇمۇ  بىردىنلا  لەسسىدە  بولدى   ۋە بىشىنى  كۆتىرىپ  ئاجايىپ  بىر مۇھەببەت بىلەن  قارىدى . ( بۇ  قاراشلار  مەڭگۈ ئېسىمدىن  چىقماس...)ئاندىن  مېنى يەنە  قايتىدىن  چىڭ قۇچاقلاپ  باغرىغا  باستى ، قۇلاقلىرىمغا ،  لەۋلىرىمگە سۆيۇپ  تۇتۇپ  :

  - رەھمەت سىزگە!مەن  بەكمۇ  بەختلىك ، سىزنى بىر  ئۆمۈر قەدىرلەيدىغىنىمغا ، ياخشى كۆرىدىغىنىمغا ئىشىنىڭ ، ئۇ ھاياجاندىن تىترەيتتى ، ھاسىرايتتى . مەن بولسام  خۇددى  ھەيكەلدەك كۆزلىرىمنى  يۇمۇپ  ياتاتتىم . ياشلار  ياستۇقۇمنى ھۆلدەپ  توختىماي  ئاقاتتى . ھېچنىمە  دىمىدىم ، نېمىمۇ دېيەلەيتتىم  ؟ مەن  ئۆزۈمنىلا ئەيىپلىيەلەيمەن، 25ياشلىق  بىر قىز  توي  قىلسا  ئاخىرى  مۇشۇنداق  ئاقىۋەتنىڭ  بولدىغانلىقىنى  بىلىشى  كېرەك ئىدى  .دۇنيانى  بۇنداق  گۇزەل  ئەرلەرنى  ، ئۇنداق  ئاقكۆڭۇل ئۆزىنى  ئۇنداق  قابىل  ئويلىماسلىقى  ، تۇرمۇشنى  كىتابلاردىكىدەك  رومانتىك  چۈشەنمەسلىكى  كېرەك  ئىدى ....

-تۇرۇپ كېتىڭ –ئاۋازىم ئاجايىپ  قاتتىق  چىقىپ كەتتى .

-بىر يېرىڭىز  ئاغرىۋاتامدۇ ؟ ئۇ  شۇنداق  دېگەچ  ئاستا ئورنىدىن  تۇرۇپ ، ماڭا  يوتقاننى يېپىپ  قويدى  ۋە  ئۆزى  كۈيۈنۈپ  مېھمانخانا  ئۆيگە  چىقىپ  كەتتى . شۇنچىلىك  تەستە ئورنىمدىن تۇرۇپ  تازلىق ئۆيىگە كىردىم . سۇنى  چۈشۈرۈپ  قانچىلىك  تۇرغىنىمنى  بىلمەيمەن ، نىمىنى ئويلىغىنىمنى  بىلمەيمەن ، پەقەت  يۈرىكىمگە قاتتىق  بىر ئاغرىق  كىرگەنلىكىنى  بىلىمەن .خۇددى  سۇدا  قانچە ئۇزۇن  تۇرسام  شۇنچە  پاكلىنىدىغاندەك  ھېس قىلاتتىم  ....

مەن كىچىكىمدىن  سۇنى ياخشى كۆرەتتىم . ئۆيمىزنىڭ يان تەرپىدىن  ئېقىپ  ئۆتىدىغان  بىر ئۆستەڭ  بار ئىدى ،5-4 ياش چاغلىرىمدىن تارتىپ دوستلىرىم بىلەن  ئاشۇ ئۆستەڭگە چۆمۈلۇپ ئوينايتتىم  ، سۇدا ئۆزۈمنى  ئاجايىپ  راھەت  ھېس قىلاتتىم . سائەتلەپ  سۇدىن چىقماي  ئوينىسام ، ئاپام خاپا بۇلۇپ :

-خەپ سېنى  قانداق قىلارمەن  سوغۇقۇڭ  ئېشىپ كېتىدۇ ، مەن سېنى مايلاپ ئاۋارە ، سەن قىلغان  دورامنى  بىر پۇڭ  قىلىپ  بېلىقتەك  سۇدىن چىقماي  ئاۋارە . سەنغۇ بېلىق يىللىق ئەمەس ، نېمانداق سۇغا  ئامراقسەن ، -دەپ  كايىپ مېنى قانداقتۇر بىر مايلار بىلەن  مايلاشقا  باشلايتتى .

-ئاپا سوغقى ئاشتى  دىگەن  نېمە گەپ  ؟  سوغقى  ئاشسا  قانداق بولىدۇ  ؟ دىگەندەك  سوئاللارنى  ياغدۇرىۋېتەتتىم. بۇرندىن   ئازراقلا  گۇمانلىق  نەرسە  بولسا  سوراپ تېگىگە يەتمىگە بولدى قىلمايدىغان ئادىتىم  بار ئىدى . ئاپام  بولسا  ئېرىنمەي  چۈشۈندۇرەتتى .كىچىكىمدىن  ھەممە ئادەمنىڭ  ئامراقلىقىنى كەلتۇرەتتىم . مەكتەپتىمۇ ياخشى  ئوقىدىم ، ئۆزۈم  ئارزۇ قىلغان  ئالىي مەكتەپكىمۇ  كەلدىم  . 16يېشىمدىلا يات بىر شەھەردە مۇستەقىل  ياشىشىمغا توغرا كەلدى . ئاپام  مېنى يولغا سالغىچە  ئەنسىرەپ  كۆز يېشى قىلدى ، شۇ چاغدا  كۆڭلۈم يىرىم بولغان  بولسىمۇ ، يات  شەھەرگە  بولغان  قىزىقىش  ئۆزۈم  ئارزۇ قىلغان  كەسىپكە  بولغان  ئىنتىلىش كۆڭۈل يېرىملىقلىرىمنى بېسىپ  كەتكەن ئىدى .

- جىنىم بالام - دېگەن ئىدى  ئاپام  : ئۇ يەردە  سېنىڭ  ھالىڭدىن  خەۋەر ئالدىغان  داداڭ ئىككىمىز يوق ، ھەممە ئىشىڭغا ئۆزۈڭ  ئىگە بولىسەن . سەنغۇ  ئەقىللىق قىز بولدۇڭ ، بىراق  بەك ساددا سەن ، ھەممە ئىشلاردا بەك ئويلىشىپ ئىش قىل ، ئوتتۇرا مەكتەپتىكىدەك  ساۋاقدىشىم ، دوستۇم دەپ ئوغۇللار  بىلەن  ئۇنداق  ئەركىن  ئارىلىشىپ يۈرمە ، باشقىلار چۈشەنمەيدۇ  ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىنىپ قىلىشىڭدىن قورقىمەن ، ھەر قانداق  ئىش بولسا ماڭا دېگىن ، مەن دېگەن سېنىڭ ئاناڭ ، ھەر قاچان ساڭا ياخشى بولسۇن دەيمەن .گېپىم قۇلىقىڭدا تۇرسۇن .... ئاپام  نۇرغۇن  ئىشلارنى تاپىلىدى .مەن ئوتتۇرا مەكتەپنى  پۇتۈرگىچە  سىنىپنىڭ  ئۆگىنىش  ھەيئىتى  بۇلۇپ  ، بەك ياخشى ئوقۇدۇم .چىرايلىق قىز ئىدىم  (باشقىلار دائىم مۇشۇنداق ماختايتتى ) ئۆزۈمنى ناھايىتى ئەركىن  تۇتاتتىم .باشقىلارغا ئىمكانىيىتىمنىڭ  بارىچە  ياردەم قىلاتتىم ، شۇڭىلاشقىمىكىن  ماڭا ھەممە ساۋاقداشلىرىم  ئامراق ئىدى . ئوغۇللار  بىلەنمۇ  دوستلاردەك ئۆتەتتىم .تۇلۇق 2-يىللىققا  چىققاندا  سىنىپىمىزدىكى  قىزلار  بىر خىل  سىرلىقلىشىپ  ئىككىدىن ،ئۈچتىن  بۇلۇپ  بىر- بىرى بىلەن سىرداش بۇلۇپ كېتىشتى ،كېيىن  ئۇقسام  ئۇلار مۇھەببەتلىشىۋېتىپتۇ ، بىر – بىرىگە«سىر» ئېيتىشىدىكەن . كۈلگۈم كەلدى  ،بىراق  بۇ ئومۇملۇقتە . مەن تۇرۇپ  ئۆزۈمنى ئويلاپ باقتىم ، ماڭا ھېچكىم  گەپ ئېچىپ باقمىدى .مەن ئۆزۈممۇ  بىرەر يىگىتنى  ھەجەپ بولىدىغان يىگىتكەن !؟  دەپ ئويلاپ  باقمىدىم  ،بولمىسا  ئەتىراپىمدا  خېلىلا ياخشى  ، كېلىشكەن  ئوغۇللار بار .بۇلار بىلەن شۇنداق ياخشى ئۆتىمەن .بەزىدە ئۆزۈمنى  مەن نورمالسىزمۇ  يە دەپ ئويلاپ  قالاتتىم ، ئاندىن  قېنى  قاراپ  باقمايمەنمۇ ، نۇرمالسىز  بولسام  يالغۇز  ئۆتسەم  ئۆلۈپ  قالاتتىمۇ  دەپ ئويلاتتىم ، شۇنداق قىلىپ  تۇلۇق ئوتتۇرا ھاياتىم نۇرغۇن  ئوغۇللار ئارىسىدا ، بىراق بىرىسىنىمۇ  ياخشى كۆرۇپ قالماي  تىنچلا  ئۆتۇپ  كەتكەن  ئىدى .

ئالىي مەكتەپكە  كەلگەن كۈنۈملا تولىمۇ چىرايلىق قارلىغاچتەك ۋىچىلاپ  تۇرىدىغان خوتەنلىك زۇلپىيە ئىسىملىك  قىز بىلەن  تۇنۇشۇپ چىقىشىپلا  كەتتىم . ئىككىمىزنىڭ  كارۋىتى  ئۇدۇل ئىدى ، ئۇ  ئىككى كۈن بۇرۇن  كېلىپ  ئورۇنلىشىپ  بولغاچقا  ، ئەتىراپنى  خېلى  پىششىق  بىلىپ  بوپتۇ ، دادامغا :

- خاتىرجەم  بولسىلا  ، بىز   بار  كۆندۇرىۋالىمىز  دەپ خۇددى  يوقىرى قارارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدەك  سۆزلەپ  يۈرۈپ  ،مېنى   شۇ كۈنىلا ياتاقتا قوندۇرىۋالدى . دادام ئەتىسى  قايتماقچى بۇلۇپ   ماڭغاندىلا  بىر خىل  يىتىمسىراش ھېس قىلدىم  ئەمما كۆز يېشىمنى  پەقەت كۆرسەتمەي دادام ماشىنىغا چىققۇچە  ئارانلا چىدىيالىدىم  - دە  ، ياتاققا  كىرىپلا  كارۋاتقا  ئۆزۈمنى تاشلاپ  يىغلىۋەتتىم  . زۇلپىيە  ئاجايىپ تاتلىق گەپ  قىىلدىغان  قىز ئىكەن  ، بىردەمدىلا  مېنى بەزلەپ  يىغامنى  توختاتتى   ۋە كىيىملىرىڭنى ئالماشتۇرە  ، تاماققا  چىقىپ كىرەيلى  ، ئەتە  دەرس باشلايدىكەنمىز ، ئانچە - مۇنچە لازىمەتلىك  ئېلىپ كىرىمىز ،دېدى . خۇددى ئۇزۇن يىللىق  دوستۇمدەك  زۇلپىيەنى  ھەقىقەتەن  ياقتۇرۇپ  قالغان ئىدىم  .كۆڭلۇم  ئازراق  بولسىمۇ   تەسەللى تاپقاندەك   بولدى  ،ئىككىمىز تاماققا ماڭدۇق  .ياتاق  بىناسىنىڭ  ئالدىغا چىقىشىمىزغىلا بويلىرى  بىر - بىردىن   ئانچە پەرقلەنمەيدىغان بىرى  ، ئۇرۇقراق  يەنە بىرى گەۋدىلىك  كەلگەن  ئىككى يىگىت  كۈلۈمسىرەپ  ئالدىمىزغا  كەلدى . مەن ھەيرانلىقتا  زۇلپىيەگە قارىدىم ، ئۇنىڭ  چىراينىڭ  گۈلدەك  ئېچىلىپ  كۆزلىرىنىڭ  نۇرلىنىپ  كېتىشىدىن  ، ئۇلارنىڭ  ئۇنىڭ  خېلىلا  يېقىن  ئادىمى  ئىكەنلىكىنى پەملىدىم  . تىنچىلىق سوراشقاندىن  كېيىن   زۇلپىيە تۇنۇشتۇردى . بۇياق  ئورۇقراقىنى  كۆرسىتىپ  ئىسمى  مۇرات  ، شىنجاڭ  ئۇنۋېرىستېتىدا ئوقۇيدۇ  . ئۆتكەن يىل  كەلگەن  . بۇياق  ئەلقەم  ،  مۇرات  بىلەن بىر مەكتەپتە  . ئىككىلىسى  مېنىڭ  يۇرتلۇقۇم  ،كەلگەندىن  بېرى  بۇلار بولغاچقا  غېرىپسىنمىدىم  . بۈگۈن  بىللە  تاماق  يەپ كېلەيلى  دەپ  كەپتۇ .

مەن  بىردىنلا  ئوڭايسىزلىنىپ  قالدىم .تۇنجى  قېتىم  يات  ئوغۇللار بىلەن  تۇنۈشىششم بولغاچقىمىكىن  ، بىر خىل  خىجىللىق  يۇزلىرىمگە  تېپىپ  مەڭزىم  ئوتتەك  قىزىپ  كېتىۋاتاتتى . زۇلپىيە مېنى  تۇنۇشتۇرۇشقا باشلىدى .

-ئىسمى  گۇزەلنۇر  ، ياتاقدىشىم ، ئىسمى - جىسمىغا  لايىق «كروران گۈزىلى »بەك  قارىماڭلار  ، بولمىسا قېچىپ كىرىپ كېتىشى مۇمكىن. ھازىرمۇ يالۋۇرۇپ  ئاران  ئېلىپ چىقتىم  دېدى  .ئەلقەم  :

-كورلىلىقكەنسىزدە  ؟  بىزنىڭ سىنىپتىمۇ كورلىلىق بالىلار  بار  دەپ  بىر قانچىسىنىڭ  ئىسىمىنى  دېدى . بەزىلۈرىنى تۇنۇيدىكەنمەن ، شۇنىڭ بىلەن  تەبىئىيلا پاراڭ تېمىسى  چىقتى . زۇلپىيە مۇرات  بىلەن پاراڭلىشىپ ماڭدى .مەن ئەلقەمنىڭ  سوئاللىرىغا خۇددى ئوقۇتقۇچىنىڭ  سوئالىغا جاۋاپ بىرىۋاتقاندەك ئېھتىيات  بىلەن جاۋاپ  بىرىپ  مېڭىۋاتاتتىم  .تاماق  ئۈستىدىمۇ بىر نەرسە ئالغىلى ماگىزىنغا كىرگەندىمۇ  ، ئىشقىلىپ  ئۆزۈمنى  پەقەتلا ئەركىن تۇتالماي  ساۋاقداشلىرىمنى  ئەسلەپ  ئولتۇردۇم  . قانداق  كۆڭۈللۈك  چاغلار ئىدى  -ھە ! خالىغىنىمىزنى  دەپ كۈلۈشۇپ  ،خوشال يۇرەتتۇق  . شۇنچىلىك  چارچىساقمۇ  بىلىنمەيتتى ، بۇلۇپمۇ  ئالىي مەكتەپ  ئىمتىھانىغا  بىر ئاي  قالغان  چاغلاردا  بىر  - بىرىمىزگە بەكلا ئىجىل  بۇلۇپ  كەتكەن ئىدۇق ..... مەن خىيالغا  پاتقانسىرى  ئەلقەم  مېنى  خىيال  قوينىدىن  تارىۋالماقچى  بولاتتى . ئۇلار بىلەن  بىللە يۈرۈش جەريانىدا  زۇلپىيە بىلەن  مۇراتنىڭ  مۇناسىۋىتنىڭ  ئەسلى  يۇرتداشلىق  مۇناسىۋىتىدىن  يېقىن  ئىكەنلىكىنى  ئۇلارنىڭ  مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم . زۇلپىيە بۈگۈن  بەكلا خوشال  ئىدى ،توختىماي  سۆزلەيتتى  ،كۈلەتتى ،ئۇ  تېخىمۇ  گۈزەللىشىپ كەتكەن  ئىدى ، ئەتىسىدىن  باشلاپ  دەرىسىمىز باشلاندى .

نۇرغۇن يېڭى  ساۋاقداشلار  بىلەنمۇ تۇنۇشتۇم  ، بىر  ئاي ئۆتۇپ كەتتى  ، مۇھتقا  ئازراق  كۆنگەندەكمۇ بولدۇم ،  كۆنمەي ئامالىم  يوقتە !؟  ئوتتۇرا مەكتەپتىكى  ساۋاقداشلىرىم بىلەنمۇ ئىزدىشىپ  تۇرۇم . ئاشۇ  كۈنلەردە  زۇلپىيە  ئىككى  كۈندە  بىر  مېنى  بىللە  تاماق يەپ  كېلەيلى  ، مۇرات  كەپتىكەن  دەپ تەكلىپ  قىلىپ تۇردى ، ھەر قېتىم  بىرەر  باھانە  سەۋەبلەر  بىلەن  رەت قىلاتتىم ، ئاخىرى  ئىككى ئاي ئۆتۇپ  بىر كۈنى  ،زۇلپيە  ئەتە مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم  ئىدى ،مۇرات  ئىككىڭلار  بىلەن  ئۆتكۈزگۈم بار  ، ئەمدىغۇ  چىقارسەن  مۇراتمۇ  بىزدىن  رەنجىپ  قاپتۇمۇ  ؟ دەپ سوراۋاتىدۇ ،دېدى .

- سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭدە سېنىڭ گېپىڭنى  ئاڭلىمىسام  قانداق بولىدۇ  ؟ چىقىمەن ، سەنلا  خوش بولساڭ  بولدى ، دېدىم  .

ئەتىسى  دەرستىن چۇشۇپ  چۈشلۈك  ئارامدا  زۇلپىيەگە سوۋغات تاللىدىم  . ئۇندا  ئويلاپ  ، بۇندا  ئويلاپ  ئۇنىڭغا  يەنىلا كىتاب  سوۋغا قىلىش قاراىغا كەلدىم .«چالىقۇش» رومانى مەن  ئەڭ ياخشى  كۆرىدىغان  رومانلارنىڭ  بىرى ئىدى .  زۇلپىيەگىمۇ شۇ  كىتابنى  ئېلىپ  سوۋغا  قىلايچۇ  ، دەپ  ئويلىدىم  .بۈگۈن  جۈمە بولغاچقا  ئەتە ئارام ، ئوقۇغۇچىلارمۇ دەرستىن چۇشۇپلا  ئۆزلىرى  ئەڭ خوشال  بولدىغان  ئىشلارنىڭ  ھەلەكچىلىكىدە  ئالدىراش  ئىدى . قىزلار  تاياق بىناسىنىڭ ئالدى يىگىتلەر بىلەن  تۇشۇپ كېتەتتى  . بۈگۈن  ئۆزۈم  ئەڭ  ياخشى  كۆردىغان  سۇس  يېشىل رەڭلىك  توردىن  ئاق  ياقا  تۇتۇلغان كۆينىكىمنى  كىيىۋالغان ئىدىم . بۇ كۆينەكنى  كەيسەم  مەلىكىلەرگىلا  ئوخشاپ  قالدىڭ  قىزىم  ،كۆز تەگمىسۇن دەيتتى ئاپام  . شۇڭا  بۇ كۆينىكىمنى  بەك  ئاياپ كىيەتتىم .زۇلپىيە توزدەك چىرايلىق  بۇلۇپ  ،ئۆزىنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكى  بىلەن  تېخىمۇ ئېچىلىپ  كەتكەن  ئىدى . مەن ئۇنى ، ئۇمېنى  چىرايلىق بۇلۇپ  كەتتىڭ دېيىشىپ، ياتاق  بىناسى ئالدىغا چىقتۇق .مۇراتنىڭ  يېنىدا يەنە  ئەلقەم  تۇراتتى . مەن زۇلپىيىگە قاردىم  ، ئۇ خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك  ، مۇراتتىن كۆزىنى ئۈزمەي  ساقلىتىپ  قويدۇق ھە!  دېگىنىچە  مېڭىۋەردى .قېچىپ  كىرىپ  كەتكۈم كەلسىمۇ بۈگۈنكىدەك  كۈندە  ،ئۇنى خاپا قىلىشنى  خالىمىدىمدە  مەنمۇ  ئۇلار بىلەن  سالاملاشتىم . تاماقنى  يەپ  بۇلۇپ  بىر چايخانىغا  كىرىپ  ئولتۇردۇق .مۇرات  ئېغىز ئاچتى .بۈگۈن  ئەلقەمنىڭ  تۇغۇلغان  كۈنى بولغاچقا  بىللە تەبرىكلەيلى  دەپ بۇ يەردە  ئولتۇرۇپ  قالدۇق .گۇزەلنۇر  سىزمۇ ئازادە ئولتۇرۇڭ ، بىزنى ئۆز يۇتلۇقىڭىزدەك  كۆرۇڭ  ،زۇلپىيە  ھەر  كۆرۇشسەك  سىزنىڭ  گېپىڭىزنى  قىلىپ سىزنى  كونا  تۇنۇشىمىزدەك ھېس قىلىدىغان  بۇلۇپ قالدۇق  . مەن زۇلپىيەنى ياخشى كۆرگەن ئىكەنمەن ، ئۇنىڭ دوستلىرى مېنىڭ دوستۇم ، شۇڭا مېنىمۇ يېقىن دوستىڭىز قاتارىدا  كۆرىشىڭىزنى  ئۈمۈد قىلىمەن  . مەن زۇلپىيەگە ئاچچىق  بىلەن قارىدىم . قارا بۇنىڭ مېنى ئوسال قىلغىنىنى ، ئەمدى  مەن نېمە دەرمەن  ؟ زۇلپىيە ئەلقەمگە ئورالغان  بىرقاپنى  سۈنۈپ ، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە  مۇبارەك  بولسۇن ! دېدى . مەن ئاغزىمنى ئۆمەللەپ بولغىچە  ، گۇزەلنۇرمۇ  سىزگە سوۋغا  ئالغانتى ، بېرىشتىن  خىجىل بولىۋاتىدۇ ، دەپ  مەن ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان  كىتابنى  سۈندى . ئۆزۈمنى قويىدىغان يەر تاپالمايۋاتاتتىم  ، ئىچىمدە  زۇلپىيەنى  مىڭنى تىللايتتىم ، نېمىلا  بولمىسۇن  ئۆزۈمنىڭ  بۇ ئىشلاردىن  خەۋەرسىز ئىكەنلىكمنى ئېيتىپ  قويماقچى  بۇلۇپ ، بېشىمنى كۆتىرىپ ئەلقەمگە  قاراپلا نىيتىمدىن  ياندىم .چۈنكى  ئۇ زۇلپىيەنىڭ  سوۋغىسىدىن  كۆرە  مېنىڭ  بۇ يەرگە  ئىكەنلىكىمدىن ، بەكرەك  خوشال بولغاندەك  قىلاتتى . كىچىكىمدىن  كۆڭۈلچەك  ئىدىم ،  مەن سەۋەبلىك  باشقىلار  خوشال  بولسا  ،يەنە كىلىپ  بۇ  خوشاللىق  ماڭا ھېچقانداق زىيان  يەتكۇزمىسە  ئۇلارنى خاپا  قىلىشىمنىڭ  ھاجىتى  بارمۇ  ؟   شۇنىڭ  بىلەن ھېچنېمە دېمەسلىك  قارارىغا  كەلدىم  . قىزغىن  پاراڭلار ، ئۇسسۇللار ، تانسىلار  بىلەن بىرنەچچە سائەت بىردەمدىلا  ئۆتۇپ  كەتتى  ، ئىككىلىسىنىڭ  ياخشى يىگىتلەر ئىكەنلىكىنى  ھېس قىلىدىم . ئەمدى ئۆزۈمنى ئازراق ئەركىن  تۇتالايدىغان بولدۇم . شۇنداق  قىلىپ كەچتە ئۇلار بىزنى  ياتاققا ئەكىلىپ قۇيۇپ  قايتتى . ياتاققا  كىرمەيلا زۇلپىيەنى ئەيىپلىدىم ،  نېمىشقا  مېنى  ئالدايسەن  ؟قانچىلىك  ئوسال  بولغىنىمنى  بىلەمسەن ؟ سېنىڭ  يۇزىڭىنى  دەپ  چىداپ  ئولتۇردۇم . زۇلپىيە كۈلۈپ تۇتۇپ :

- ساڭا  راست  گەپنى  قىلسام  چىقامتىڭ ؟  ئۇلار سېنى  يېمىسە  يا  ،  نېمىگە  شۇنچىلا  قىلىپ  كېتىسەنكىن  تاڭ  !   ھەممىمىز  ياشلارغا  ، ئارىلىشىپ   ئۆتكەنگە  نېمە  بوپتۇ  ؟ ئۆزەڭنى رامكىنىڭ  ئىچىگە  ئېلىۋىلىپ  شۇنىڭ  ئىچىدىن  چىقماي ياشايدىكەنسەن  ، 17ياشلىق  قىزلاردەك  ياشاپ باقە  ، نېمانداق ئۆزەڭنى  ئەركىن تۇتالمايسەن ؟جۈمجىت بۇلۇپ قالدىم  ، راسىت  نېمىدىن  خىجىل  بولىمەن ؟  نېمىشقا ھەممە ئىشىمغا  رامكا بېكىتىۋالمەن  ؟دەپ  ئويلاپ قالدىم  . مەن خىيال  قۈلۈپولغىچە  زۇلپىيە يەنە  گەپ  باشلىدى . راسىت گەپنى قىلسام  ئەلقەم  سېنى ياخشى  كۆرۇپ  قاپتۇ  . ئىككى ئايدىن بىرى  مۇرات  بىلەن  كېلىپ يۇردى ، بىراق  سەن جاھىللىق  قىلىپ چىققىلى  ئۇنىمىغاندىكىن كۆڭلى  يىرىم بۇلۇپ كېتىپ  قالىدۇ . بۇ قېتىم  ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى  خوشال  ئۆتسۇن دەپ  شۇنداق قىلدۇق . بىرەر يىرىڭ  كاملاپ  قالمىغاندۇ  ؟ چۈشىنىكسىز  بىر خىل  ھېسلاردا ئىدىم .تۇنجى  قېتىم  ئوغۇل بالىنىڭ  مېنى ياخشى كۆرۇپ  قالغانلىقىنى ھېس قىلىۋاتاتتىم . كۈلىمەن  ئوغۇل دوستلىرىمنىڭ شۇنچە جىق  بۇلۇشىغا قارىماي ئۇلارنىڭ بىرەرىمۇ  مېنى ياخشى كۆرۇپ  قالمىغان ئىدى بەلكىم  ياخشى كۆرسىمۇ  مەن ھېس قىلمىغاندىمەن ....جىمجىتلا ياتاققا كىرىپ يېتىپ  قالدىم  .ئەتىسىدىن باشلاپ تېخىمۇ جىمىپ كەتتىم . زۇلپىيە توختىماي  ئەلقەمنىڭ  گېپىنى قىلاتتى . ئۇلار4 قىز ،  5ئوغۇل  ناھايىتى  يېقىن ئۆتىدىكەن . 4 قىز دوست  بۇلاردىن  ئادىل ، مۇرات ،  مەمەت ،كامىل تۆتى بىلەن مۇھەببەتلىشىپتۇ ، ئۇلارنىڭ  ھەممىسى  بىزدىن  بىر قارار  يوقىرى يىللىقتا  ، ھەر قايسى  ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن . پەقەت ئەلقەملا مۇشۇ كەمگىچە بىرسىنى ياخشى كۆرۇپ  باقمىغان ئىكەن ، ئۇ ناھايىتى قىزىقچى ، مۇزىكا چالالايدىغان ، ناخشا ئېيتالايدىغان  يىگىت بولغاچقا ، ئۇنى ياخشى كۆرۇپ  قالىدىغان قىزلارمۇ جىقكەن نېمىشقىكىن  ئەلقەم ئۇلاردىن بىرنىمۇ ياخشى كۆرەلمەپتىكەن .ھېلىقى  چاغدا مېنى كۆرگەندىن كېيىنلا ئەلقەم  بۇرۇنقى ئەلقەمگە ئوخشىماي  قاپتۇ . بۇ دوستلارنىڭ يىغىلىشىدىمۇ  بۇرۇنقىدەك  قىزىقچىلىق  قىلمايدىكەن ، سازمۇ چالمايدىكەن ، چۈشكۈنلىشىپلا كېتىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن مۇرات  بىر كۈنى ئۇنىڭدىن راست گېپىڭىنى  قىلە نېمە بولدۇڭ  دەپ سوراپ تۇراۋالغاندىن كېيىن ، ئاشۇ  كۈنىدىن كېيىن  نېمە بولغىنىمنى  بىلمەيمەن ، گۇزەلنۇر كۆز ئالدىمدىن  كەتمەيدىغان  بولىۋالدى ، ھېچنېمە خوش ياقمايدىغان  ، بىر  نېمە دېسەم  مېنى قانداق  بالا  بۇ ، بىر قېتىم  كۆرۇپلا  ياخشى كۆرۇپ  قالدىم  دەيدىغان  دەمدىكىن  دەيمەن .ئۇ قىز بەك  نازۇك قىز ئىكەن ، ئۇنى رەنجىتىپ قۇيۇشتىن قورقتۇم دەپتۇ .شۇنىڭ بىلەن مۇرات  زۇلپىيەگە  دەپ  ئىككىمىز كۆپرەك  ئۇچرىشىش پۇرستى  يارىتىپ  بېرەيلى  دېسە مەن جاھىللىق بىلەن  ئۇنىماي  تۇرىۋالغانكىن ، ئەلقەمنىڭ  تۇغۇلغان كۈنىدە مېنى ئالداپ بولسىمۇ ئۇنى مۇرادىغا  يەتكۇزمەكچى  بوپتۇ . ئالي مەكتەپكە كېلىپلا  بۇنداق ئىشلارغا يولۇقىمەن  دەپ ئويلىمغان  ئىدىم . ئەلقەمنى ياخشى بالىكەن دەپ ئويلىغاندىن  باشقا . ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھېچقانداق  چۈشەنچەم  يوق ئىدى  .يەنە كېلىپ بۇ گەپلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن  ئەمدى  ئۇنىڭ بىلەن  كۆرۇشكىلى  چىقىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى . شۇندىن كېيىن زۇلپىيە بىلەن  قەتئىي  بىللە  چىققىلى  ئۇنىماس بولدۇم . زۇلپىيەدىن  ئەلقەمنىڭ  نەچچە قېتىم  ئۆزى كېلىپ  ، مېنى كۆرىۋىلىپ كەتكىنىنى  ئاڭلاپ تۇردۇم . يەنە ئىككى  ئاي  ئۆتۇپ  كەتتى  ، دەل  ئەتە يېڭى يىل  ھارپىسى  دېگەن كۈنى  كەچتە زۇلپىيە  مۇرات بىلەن   كۆرۇشكىلى  چىقىپ  كېتىپ ، قايتىپ كىرگەندە  بىر  پارچە خەتنى    ماڭا تۇتقۇزۇپ قۇيۇپ  گەپ قىلمايلا  يېتىپ قالدى ،خەتنى قەستەن ئوقىمىدىم ، لىكىن كېچىچە  ئۇخلىيالمىدىم  . ئەتىسى  ئەتىگەندە  زۇلپىيە  خەتنى  كۆردۈڭمۇ ؟ نېمە دەپتۇ  ؟دېدى  ، كىم نېمە  دەيتتى ؟ كۆرمىدىم . دېدىم . زۇلپىيە بىردىنلا خاپا بولدى .سەن ئۆزەڭچە ئۆزەڭنىڭ  غەيرەتلىكىڭىنى  ماڭا كۆرسىتپ  قويىۋاتامسەن .سېنى ياخشى كۆرۇش گۇناھما ؟ سەندە ئەلقەمگە نىسپەتەن مۇھەببەت بولمىسىمۇ  ئىنساننىڭ  ئىنسانغا  بولغان ئەقەللى مېھرىمۇ  يوقما ؟ ئۇنىڭ  خېتىنى ئوقىغانغا  نېمە بولۇپ  قالاتتىڭ ؟ كېيىن  ئۇنىڭ  ئۇۋالىغا قالما يەنە .سەن  ئۇنىڭ  بۇرۇن  قانداقلىقىنى  بىلمىگەنكىن  ئۇنىڭ  ھازىرقى  ھالىتىنى  تەسەۋۇر  قىلالمايسەن ، بىر  ئوغۇل  بالىنىڭ  بىر قىزغا  ئۇنداق  سەۋدايىلارچە  ئاشىق بولغىنىنى  كۆرمەپتىكەنمەن .خەقنىڭ  كۆڭلىدىكى  مۇھەببەتنى  يوق قىلساڭ  بىر كۈنى  ئۆزەڭ  ئازاب  تارتىپ قالىسەن .  قالغىنىنى ئۆزەڭ  بىل ، ئۇ  تۇنجى قېتىم  مېنى  يالغۇز قالدۇرۇپ سىنىپقا  چىقىپ كەتتى .خەتنى ئاچتىم ، بەكمۇ  چىرايلىق  پوچۇركا  بىردىنلا مەندە  ئۇنىڭغا  نىسپەتەن  ھۆرمەت  ھېسياتى ئويغاتتى ،خەت قىسقىلا يېزىلغان  ئىدى .

سۆيۈملۈك گۇزەلنۇر

سىزنى  تۇنجى كۆرۇپ  ھازىرغىچە  147كۈن بوپتۇ ، بۇ  كۈنلەر سىزنى ئۇچىرتىش ،كۆرىۋىلىش  تەشنالىقىدا ئاجايىپ  تەستە  بىراق  تولىمۇ  تاتلىق  ئازابلار  ئىچىدە  ئۆتتى . بۇ جەرياندا سىز   بىلەن  خىيالىمدا  نەچچە يۈز  قېتىم  پاراڭلاشقاندىمەن ......بىراق  سىز  بىلەن  يۈزتۇرانە  تۇرۇپ  ئاشۇنداق پاراڭلىشىش پۇرسىتى  ماڭا نىسىپ  بولمىدى . ئەگەر خالىسىڭىز 31-دېكابىر  چۈشتىن  كېيىن سائەت 2دە  سىزنى«سىتراھەت باغچىسى» دا  ساقلايمەن ، چوقۇم چىقىدىغىنىڭىزغا  ئىشىنىمەن  ، ئەگەر  چىقالمىسىڭىز  سىزدىن  رەنجىمەيمەن ، بىراق  ئەمدى سىزنى  ئاۋارە  قىلمايمەن . ئىككىنچى كۆزىڭىزگىمۇ  كۆرۇنمەيمەن  .

يوللىرىڭىزغا  تەلمۇرۇپ  ئەلقەم يازدىم  .

چۈشكىچە   ئۆتۇلگەن دەرسمۇ زېنىمگە چۈشمىدى .بۈگۈن  يېڭى يىل ھارپىسى  بولغاچقا  ، چۈشتىن كېيىن  قۇيۇپ بىرىلگەن  ئىدى .ياتاقتىكى ھەممە  قىزلار ياسىنىپ  قەيەرگىدۇر  مېڭىشتى ، بىزنىڭ  ئوتتتۇرا مەكتەپتىكى  ساۋاقداشلار  بۈگۈن  يىغىلىپ  يېڭى  يىل  ېۆتكۈزمەكچۈ ېۈدۇق.زۇلپۈيە يېڭۈ يۈلنۈ مۇرات بۈلەن بۈللە ېۆتكۈزمەچۈ بولۇپ مېڭۈش ېالدۈدا

- چوقۇم چىققىن ، ھېچ بولمىغاندا گېپىنى ئاڭلاپ  باق  ،  ئۇ  راستىنلا  ياخشى بالا ، كېيىن  بىلىپ قالىسەن  دەپ  تاپىلىۋېتىپ چىقىپ  كەتتى  .ياتاقتا ئولتۇراتتىم ، سائەتكە قارايتتىم ، ئىككى بولدى ،جىددىيلەشتىم ، كىيىملىرىمنى  يۆتكەپ  تەييارلاندىم  ، نېمىلا  بولمىسۇن  چىقايچۇ دەپ ئويلىدىم  ، تۇرۇپ يەنە تەبىئىتىمدىكى  قانداقتۇر  بىر خىل  تۇيغۇ  مېنى چىقما ،چىقمىساڭ  قانداق قىلىدۇ  كۆرۇپ باق  دەپ  توساتتى  . 4-3 مۇ بولدى  ، ئاخىرى چىقماي دوستلىرىم بىلەن  ساۋاقداشلار چېيىغا كەتتىم .ئۇ يەردە ساۋاقداشلىرىم بىلەن كۆرۇشۇپ شۇنداق خوشال  بولغان بولسامۇ  تۇرۇپ - تۇرۇپ ئۇنى ئويلاپ قالاتتىم دېمەك ،  قەلبىمنىڭ ئاراملىقى بۇزۇلغان ئىدى . بۇرۇنقىدەك  بىخارامان ، ئەركىن  قىز ئەمەس ئىدىم .نېمە ئىشلىقىنى ئۇقمايمەن ، قەلبىمدە  بىر خىل تىتىتلىق ، ئىنتىلىش ، يەنە قورقۇش  ئۆزۇمنى  قاچۇرۇش ھېسلىرى  تەڭلا مەۋجۇت بولاتتى. ھەر قېتىم  ئىنتىلىشنى ئىرادەم   يېڭىۋالاتتى .ئوتتۇرا مەكتەپتە  ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ئەدەبىيات  ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە «ساۋاقداشلار ئادەم  ھاياتىدا  ئەقىل  بىلەن  ھېسىيات  ئارىسىدا  ياشايدۇ ، ئەقىل بىلەن  ياشاش جاپالىق ، بىراق نەتىنجىلىك بولىدۇ . ئادەم ھاياتىدا  ھېسىياتىنى  ئەقلى بىلەن  باشقۇرۇپ ياشىسا نۇرغۇن نەتىنجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇپ ئۇتۇقلارغا ئېرىشىدۇ ، ئەمما بۇنداق ياشاش ئادەمدە ئاجايىپ چىدام غەيرەت ، ئىرادە بۇلۇشىنى  تەلەپ قىلىدۇ .چۈنكى ئادەمنىڭ يېڭىشى ئەڭ تەس  بولىدىغىنى  ئۆز ھېسياتى دېگەن  ئىدى » بۇ سۆزنىڭ  ھەقىقەتەن توغرا  ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم . چايدىن  10دىن  ئاشقاندا  قايتىپ كەلدىم.  يېتىپلا ئۇخلاپ قاپتىمەن . ئەتىسى  زۇلپىيە  مۇرات بىلەن كۆرۇشكىلى  چىقىپ كەتتى . چىقىپ يىرىم سائەتتىلا  قايتىپ  كىرىپ ماڭا كايىپلا كەتتى :

سەن قانداق ئادەم ؟ نېمىشقا بىر ئادەمنى  قاراپ تۇرۇپ قىينايسەن  ؟چىقىپ  مەن سىزنى ياخشى  كۆرمەيمەن ، دەپ قۇيۇپ بولسىمۇ  كىرسەڭ  بولمامدۇ ؟ئەلقەم  تۈنۈگۇن  باغچىدا سېنى 7سائەت ساقلاپتۇ  . شۇنىڭ بىلەن  بۈگۈن  سوغۇق ئۆتۇپ  ئاغرىپ  يېتىپ قاپتۇ . خوش بولغانسەن  .ئاجايىپ باتۇر قىز ئىكەنسەن  ، ئىشقىڭدا شەمشادتەك بىر ئوغۇل  بالىنى  ئورۇن تۇتقۇزۇپ ياتقۇزۇپ قويغاندىكىن ، ساڭا قول قويدۇم .

ئىچىم شۇنداق  ئېچىشتى ، شۇ تاپتا  تۈنۈگۈنكى  قىلىقىمنى  ياندۇرىۋىلىش  ئىمكانىيتى  بولسا  ھەر قانداق  بەدەل  تۆلەشتىن  يانمايتتىم ، لېكۈن مۇمكىنمۇ ؟ ھېچنېمە دېيەلمىدىم  . ئۇنىڭ  يېنىغا   بارغۇم  بار ئىدى  . بىراق ، بىرىشتىن  خىجىل  بولاتتىم  ، ئەمدى نېمە دەپ  بارىمەن .بولدىلا  بۇ ئىشلارمۇ  ئۆتۇپ كېتەر ، ئۇمۇ  مېنى چۈشىنىپ  قالار .زۇلپىيە  ماڭا بىردەم  قاراپ  تۇرىۋەتكەندىن كېيىن  :

-بەك  رەھىمسىز ئىكەنسەن ، دەپ  قۇيۇپ چىقىپ كەتتى .شۇ كۈندىن باشلاپ  زۇلپىيە ماڭا  ئەلقەمنىڭ  گېپىنى  قىلماسلا  بولدى . ئەلقەم ئۆزىنىمۇ  كۆرمىدىم ، بىر  ئاي بولغاندا    چىدىيالماي  ئۆزۇم سورىدىم   ئەلقەم  ياخشى  بۇلۇپ قاپتىمۇ  ؟

-ئەمدى كۆڭۇل  بۆلۇپ  قاپسەنغۇ  ؟! ياخشى  بۇلۇپ قاپتۇ ،دېدى  زۇلپىيە . ئۇ  ماڭا  بۇرۇنقىدەكلا  ئامراق  ئىدى ،كۆڭۇل  بۆلەتتى .پەقەت  ئەلقەمنىڭ گېپىنى قىلمايتتى . تۇرۇپ  ئەلقەمنى  دائىم ئويلايدىغان ، ئۇنى  سېغىنىدىغان بۇلۇپ قالدىم ، بىراق بۇنى  ھېچكىمگە  تىنالمايتتىم . شۇ  تەرىقىدە  بىر يىل ئۆتۇپ كەتتى  ، بۇ جەرياندا  نۇرغۇن يىگىتلەر مېنى  قوغلىشىپ  باقتى ،بىراق  بۇلارنىڭ  ھېچقايسىسىنى  مەن ياخشى كۆرەلمىدىم . ئاشۇ ئىشتىن  بىر  يېرىم  يىل  كېيىن 4-ئاي  ۋاقىتلىرىدا زۇلپىيە قالغان ئۈچ دوستى مۇرات  مۇشۇ  شەھەردە  خىزمەت قىلىدىغان  دوستىنىڭ ياتىقىدا مېنىڭ  تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۇزۇپ بەرمەكچى بولدى . نېمىشقىكىن  بىر يېرىم  يىلدىن  بېرى،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق خاتىرە كۈنلىرىمدە ئەلقەمنى سىغىنىپلا كەلدىم .ئۇ چاغدىكى ئازابنى ئويلىساممۇ  يىغلىغۇم كېلىدۇ . شۇنداق  قىلىپ  قىزلار ياتاققا  باردۇق  . مۇرات  ۋە بىر قانچە  ئوغۇللار  نەرسىلەرنى  تەييارلاپ  قىزلارنىڭ تاماق قىلىشىغا  ياردەملىشىۋاتاتتى  . تاماق  تەييار بۇلۇپ  ھەممىمىز ئۈستەلىنى  چۆرىدەپ  ئولتۇردۇق .نېمىدىندۇر  بىر نەرسەم  كامدەك  يىغلىغۇم  كېلەتتى  . مۇرات  گەپ  باشلىۋىدى  ،ېۈشۈك چېكىلدى  ، ھەممىمىز  تۇلۇق  ئىدۇق  ، كىمدۇ ؟  مۇراتنىڭ  دوستى  ئادىل ئىشكنى ئاچتى  . ئىشىكتىن  بىر دەستە  گۈل  كۆتۇرۇپ  ئەلقەم   كىرىپ  كېلىۋاتاتتى . ئۆزۈمنى  چۈش كۆرىۋاتقاندەك  ھېس  قىلاتتىم  ، پۇت-قۇلۇمدا  كۈچ  قالمىدى .يۈرىكىم  قېپىدىن  چىقىپ  كېتىدىغاندەك سالاتتى  . ئۇنىڭدىن  كۆزۈمنى  ئۈزەلمەيتتىم ، ھاياجىنىمنى  قانچە  باساي  دېگەنسېرى خائىن  كۆزلەر باشقۇرۇشىمغا  بويسۇنماي  ئەلقەمگە  قاراپ  قېتىپ قالغان ئىدى .بىر يېرىم  يىلدىن  بېرى  قەلبىمدە  بېسىلىپ  قالغان  چوغ  بىردىنلا  يالقۇنجاپ پۇتكۈل  ۋۇجۇدۇمنى  ، ئەقلىمنى  قۇشۇپ  كۆيدۈرىۋاتاتتى  . ئۇ  ناھايىتى  تەمكىن  ھالدا « تۇغۇلغان  كۈنىڭىزگە  مۇبارەك  بولسۇن ، بەختىلىك  بۇلۇڭ » دېدى .گۈلنى  قانداق ئالغىنىمنى  بىلمەيمەن  ، ئارانلا  رەھمەت  !  دېيەلدىم   .ئۇ  كۈن  مەڭگۈ  ئەستىن  چىقمايدىغان  كۆڭۈللۈك  كۈن بولدى . كەچتە قايتىشىمىزدا  ھەممىسى  بىزنى  يالغۇز  قالدۇرۇشۇپ  قايتىشتى  ، ئەمەلىيەتتىمۇ   مەن ئۇلارنىڭ  ھېچقايسىسىغا  قىستۇرىۋالالمايتتىم  . بۈگۈن  قېچىش نىيىتىممۇ  يوق  ئىدى . ئىككى يىلدىن  بۇيانقى  ھىجران ئازابى  ، مېنى  خېلى  تاۋلىغان  ئىدى .

بىر يېرىم يىلنىڭ  ئالدىدا  ئۇ مېنى  ساقلىغان  باغچىغا كىردۇق . چېچەكلەرنىڭ  خۇشبۇي ھىدى  ئەتىراپنى  قاپلىغان  ئاشۇ  چېچەكلەر  ئارىسىدىكى  ئورۇندۇققا  كېلىپ  ئولتۇردۇق . قولۇمدىكى ئەتىر گۈلنى  دەرەخ  شېخىغا  قويۇپ  قويدۇم .

ئارىدىكى جىمجىتلىقىنى  يەنىلا ئۇ  بۇزدى .

-گۇزەلنۇر  سىزگە  ئەمدى  كۆزىڭىزگە كۆرۇنمەيمەن  دەپ  ۋەدە  قىلغان  ئىدىم  ،بىراق  ۋەدەمدە  تۇرالمىدىم .سىزنى پەقەتلا ئۇنتىيالمىدىم ، ئىككى  كۈندە  بىر مەكتىپىڭىزگە بېرىپ   ،  يىراقتىن  سىزنى كۆرۇپ تۇردۇم . زۇلپىيەدىن  ئەھۋالىڭىزنى  بىلىپ تۇردۇم  ( زۇلپىيە خەپ مېنى  سېتىپسەندە  ؟! ) سىزنى باشقا بىرى  بىلەن بەختلىك بولسا دېسەم  ھېچكىمگە  كۆڭۇل بەرمىدىڭىز  . شۇنداق  بەرداشلىق بىرەي  دېسەممۇ  كۆڭۇل  دېگەن بەزىدە  ئىرادىگە باقمايدىكەن . مەن سىزنى  ھازىرلا  مېنى  ياخشى  كۆرۇڭ دېيەلمەيمەن ، ئەمما مەن  بىلەن پاراڭلىشىشقا  ھېچ بولمىغاندا  ھەپتىدە  بىر بولسىمۇ  مەن بىلەن كۆرۇشۈشكە  ماقۇل  بۇلۇڭ  ، سىزنى كۆرسەملا بولدى  . ماقۇلمۇ  ؟  ئۇ  قۇلۇمنى  ئاستا تۇتتى  ، ھاياجاندىن  تىترەپ  كېتىۋاتاتتى ،مەنمۇ  زارىقىپ كۈتكەن  مىنۇتلار  ئىدىغۇ بۇ !  بىراق  خائىن  ئاغزىم بىكاردىنلا  《ياق》!  دەپ   سالدى  ، ئۇنىڭ قولىدىن  ئىتتىك قولۇمنى تارتىۋالدىمدە  ، ئۇ  مېنىڭ  يالغان  سۆزلىگىنىمنى  بىلىپ  قالغۇچە  ، چىدىيالماي ، گېپىمدىن يېنىۋالغۇچە  ئۇنىڭ  يېنىدىن  كېتىۋالاي  دەپ  يۈگۈرگىنىمچە  ماڭدىم . ئارقامدىن  ئۇنىڭ  توۋلىغان  ئايانچىلىق  ئاۋازى  ئاڭلاندى .

-گۇزەلنۇر نېمىشقا مېنىمۇ  ئۆزىڭىزنىمۇ  قىينايسىز . چىپپىدە  توختام  قالدىم  ، مېنى  راستىنلا ئازراقمۇ  ياخشى  كۆرمەمسىز  ؟ ئەگەر   شۇنداق بولسا  ماڭا  قاراپ تۇرۇپ «سىزنى ياخشى  كۆرمەيمەن» دەڭ  ئاندىن  مەن  سىزنى  قىينىمايمەن ، ئىككىنچى  كۆزىڭىزگە  كۆرۇنمەيمەن ، بۇ قېتىم  گېپىمدە  راست تۇرىمەن ، سىزلا خوشال  بولسىڭىز  مەن قانچىلىك  ئازابلانساممۇ  مەيلى  ،قېنى كېلىپ  ماڭا  قاراپ تۇرۇپ  دەڭا .

ئۇنىڭ ئالدىغا ناھايىتى  دادىللىق  بىلەن  باردىم . كۆزلىرىگە  تىكىلدىم  ، كۆزلىرىمدىن  ئىختىيارسىز ياش تۆكىلەتتى . سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن  دېگىنىچە  ئۇنىڭ  باغرىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم . ئۇنى  چىڭ قۇچاقلىغىنىمچە مۈرىسىگە  بېشىمنى  قۇيۇپ  شۇنداق  ئۇزاق  يىغلىدىمكى  ، ئىككى  يىللىق سۆيۈش ، سۆيۈلۈش ،ھىجران  زارىقىپ  كۈتۈش ھەممە-ھەممە ئاشۇ  كۆز ياشلىرىم  بىلەن  يۇيۇلۇپ ، ئۆزەمنى  شۇنداق  بەختىلىك  ھېس قىلدىم . ئۇ مېنى  باغرىغا  بېسىپ شۇنداق  بىر ئىشتىياق  بىلەن  ئۇزاق  سۆيدى . دەل 18يېشىمدا  ئۆزۈم  ياخشى  كۆرگەن  ئادىمىم  تەرىپىدىن  سۆيۈلگەن  بەختىلىك قىز ئىدىم . كۆزلىرىمدە  ياش ، چېھرىمدە كۈلكە بېشىمنى كۆتۇرگەن چېغىمدا  ئۇ  ماڭا سوۋغا قىلغان ئەتىر گۈل بىزگە كۈلۈپ قاراپ  تۇراتتى . ئۇمۇ يىغلۈغان  ئوخشايدۇ ، بەرگىلىرىدە«ياش تامچىلىرى»پارقىرايتتى ..... شۇنداق  قىلىپ ئۇ قىز ئەتىر گۈلنى  گۇۋاھ قىلىپ  تۇنجى سۆيۈشكە ئېرىشتى ....

شۇندىن كېيىنكى ئىككى  يىل  تولىمۇ  بەختىلىك ئۆتتۈم ، دۇنيادىكى ھەر قانداق  قىزدىن  بەختلىك  ئىدىم . دەرسلەرنىمۇ  تىرىشىپ  ئۆگىنەتتىم . ئەلقەمنىڭ  ماڭا  ئامراقلىقىغا ھەر كىمنىڭ  مەستلىكى  كېلەتتى ، ئۇنى  سۆيەتتىم . سۆيگەندىمۇ  ئاجايىپ  بىر ئەقىدە ، ئاجايىپ  بىر مېھرى  بىلەن سۆيەتتىم  . مۇھەببەتنىڭ  قۇدرىتىنى  ئەمدى  تۇلۇق  چۈشىنۋاتاتتىم . ئاشۇ كۈندىن  كېيىن  ئۇ مەندىن  ، مەندىن  نېمىشقا  شۇنچە  ئۆزىڭىزنى  قاچۇرۇپ  يۈردىڭىز دەپ سورىغان  ئىدى .

-مەن ئويلىغىنىمنى  تۇزلا  دېدىم . ئىككىمىز  ئىككى يۇرتلۇق ، مۇھەببىتىمىزنىڭ  ئاخىرى  چىقماسلىقىدىن  ئەنسىرىدىم . ئۇنداق  بولسا  ھەر ئىككىمىز  ئازابلىنىمىز  ، ئۇنتۇپ كېتەلەيدىغان  ئىش بولسا  باشتىلا  ئۆزىمىزنى  تۇتىۋالغىنىمىز  ياخشى  دەپ  ئويلىغان  ئىدىم . بىراق  ئاخىرغىچە  بەرداشلىق  بىرەلمىدىم  ، بۇ سۆزۈمدىن كېيىن  ئۇ  لەۋلىرىمگە  سۆيۈپ  تۇتۇپ « ئەخمەق مۇھەببەتنى  مۇنداق  قىلسام  بولىدۇ  ياكى  بولمايدۇ دەپ توختىتىپ  قويغىلى  بولىدىغان  نەرسە  دەپ  ئويلىغانمىدىڭىز . چوقۇم  ئەمەلگە  ئاشۇرىمىز . بولمىغاندا  مەن سىزنىڭ يۇرتۈڭىزغا  كەتسەم بولمىدىمۇ ، سىزنىڭ  ئۆيىڭىزدە ئوغۇل بالا يوق  ، ئەتىۋارلىق  ئوغۇل  بۇلۇپ  ئۆتمەمدىم » دېگەن  ئىدى . مەن  بەشىنچى يىللىققا چىققان يىلى  ئۇ ئۇقۇش پۈتتۈردى . مۇرات  ئۈرۈمچى شەھەرلىك  باج ئىدارىسىدا ، ئەلقەم  ئۇنىۋېرسىتېتا قالىدىغان بولدى . خوشال ئىدىم ، مەن ئۇقۇش پۈتتۈرسەم  يە بۇ يەردە  قالىمەن  ، يا كورلىغا كېتەرمىز ئۇنىڭ بىلەن بەختلىك بولىمەن دەپ ئويلايتتىم ،  ئەمما ئويلىمىغان  يەردىن  تەتىلگە ئاز قالغان كۈنلەردە  ئەلقەمنىڭ  داداىسى  مېنى ئىزلەپ  كەلدى . دەرستىن  چۈشۈپ  ياتاققا كېتىۋاتاتتۇق  ، زۇلپىيە بىردىنلا  ئەختەمكام  دەپ  ھەيرانلىق  بىلەن بىزدىن 100مېتىر نېرىدا  تۇرغان 50نەچچە ياشلاردىكى  كىشىنى  كۆرسەتتى  ۋە ناھايىتى  تېزلا  《ئەلقەمنىڭ  داداسى》دېدى . يۈرىكىم  سېلىپ  بىردەمدىلا جىددىيلىشىپ  كەتتىم . ئۈستىبېشىم قانداق بولغىيتتى  ؟  دەپ   قاراپ  كەتتىم  . ھەر ھالدا  چوڭلارنىڭ كۆزىگە سىغمىغۇدەك ئەمەس ئىدىم . بىز يېنىغا  باردۇق ، زۇلپىيە  ناھايىتى  قىزغىن سالاملاشتى  . مەن  بىز چەتتە  قاراپ  تۇردۇم . زۇلپىيە  مېنى تۇنۇشتۇرىۋىدى  ،  ئۇ كىشى  ئىللىق  كۈلۈمسىرەپ  قىزىم ياخشى تۇرىۋاتامسىز  ؟ سىزنى  ئاڭلىغان دېدى .خىجىللىقتىن   قىزىرىپ  كەتتىم ، ئۇ كىشى  زۇلپىيە ئىككىمىزگە  يۈرۈڭلار ، بىرەر ۋاق  تاماق  يېگەچ پاراڭلىشايلى  دەپ  ماڭدى . تاماق يېگەچ  ئاساسەن زۇلپىيە بىلەنلا پاراڭلاشتى . بىراق  ماڭا پات- پات قاراپ قوياتتى  ، مەن قۇرۇنۇپ  ئاران-ئارانلا ئولتۇراتتىم  .تاماق  يەپ بۇلۇپ  زۇلپىيەگە      -قىزىم گۇزەلنۇرخان  بىلەن  پاراڭلىشىدىغان  ئازراق  ئىش بار ئىدى دېدى ، زۇلپىيەمۇ   ئىتتىك  ئورنىدىن  تۇرۇپ  ماڭا قاراپ شوخلۇق بىلەن كۆزىنى قىسىپ  قويدى - دە ، خوش ئەختەمكا  مەن چىقىپ  تۇراي  دەپ ماڭدى . ھەر نېمىلەرنى پەرەز قىلاتتىم  ، ئاخىرى  ئۇ كىشى  ئېغىز  ئاچتى  :

-قىزىم ھەقىقەتەن  باشقىلار تەرىپىڭىزنى  قىلغاندەك  يۈزى  تۆۋەن  ئەدەبلىك  قىزكەنسىز ، ئەلقەمجان بىلەن  ئىككىڭلارنىڭ  ئىشىدىن  بىز خەۋەردار  ، سىزدەك  بىر ئەقىللىق  قىزنى تاللاپ ياخشى ئۆتۇپ ،مۇشۇ  كەمگە كەلگىنگە  بىزمۇ  بەك خوش ئىدۇق . ئەمما  بۇ يىل  بېشىدا ئەلقەمنىڭ  ئانىسى  قاتتىق ئاغرىدى ، تەكشۈرسەك  جىگەر  راكى  دەپ دىئاگنوز قويدى ، ئىشەنمەي نەچچە دوختۇرخانىدا تەكشۈرتتۇق  ، دىئاگنوز  ئوخشاش  ئەلقەمجانغىمۇ  شۇ  ۋاقىتتا  بىلدۈرمىدۇق . ئوقۇشنى  پۈتتۈرسە كېلىدىغۇ  دەپ ئويلىساق  بۇ يەردە  قالىدىغان بوپتۇ .شۇڭا  مەن  مۇشۇ ئىش ئۈچۈن  كەلدىم . ئۇنى  خوتەنگە ئېلىىپ  كەتمەكچى ،  ئۇ بالىنىڭ  چوڭى ئۇنىڭ  ئۈستىگە بىر ئوغۇل  بولغاچقىمۇ ئانىسى  ئۇنىڭغا پەقەت چىدىمايدۇ . كۆزۈمنىڭ  ئوچۇق ۋاقتىدا  ئۇنىڭ  تويىنى كۆرسەم  دەپ  يىغلايدۇ . بەك  ياق دەي دېسەم  30 يىللىق قەدىناسىمنىڭ  ئاخۈرىقى  ئارزۇلىرىنى  قاندۇرسام  بولمىسا  ، ماقۇل  دەي دېسەم  سىلەرنى ئايرىۋەتكۈم يوق  ، مۇراتجاندىن ئەھۋالىڭلارنى تەپسىلى ئۇقتۇم ، بۈگۈن  سىزنى ئۆز كۆزۈم  بىلەن كۆرۈپ  تېخىمۇ  ئازابلىنىۋاتىمەن  .ھېچنېمە دېمەي  يەرگە قاراپ  يىغلىۋېتىشتىن ئۆزۈمنى  بەك تەستە  تۇتۇپ  ئولتۇراتتىم  ، نېمىمۇ دەيتتىم   .ياق  مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلسام  ياشىيالمايمەن  دەيمەنمۇ  ؟ ئۇنداق  دەيدىغانغا  مەن  ئۇنىڭغا  نېمە  قىلىپ بېرەلىدىم . ئانا ئۇنى  تۇغۇپ  قاتارغا قوشۇپ  مەن ياخشى كۆرگىدەك  قىلىپ  تەربىيلىگەن  بىر ئانىنىڭ  ئاخىرقى  ئارزۇسى ئالدىدا  دۇنيادا  ھەر قانداق  ھېسىياتنىڭ  ئاجىز  ئىكەنلىكىنى بىلگۈچلىكىم  بار  تۇرسا  ، ماڭۈغۇ گۈزەل  ئەسلىمە  مۇھەببەتنىڭ  گۈزەل  ئەسلىمىلىرى  بار  ئۇ  ئانىغىچۇ  ؟.....

ئاخىرى  مەن قەتئىي  قارارغا كەلدىم  - دە « خاتىرجەم  بولسىلا  ، مەن  ئەلقەمجاننى  سىلى  بىلەن يولغا سېلىشقا  ۋەدە  بېرىمەن . مەن  توي قىلىش  ئۈچۈنلا  ئۇنى  ياخشى  كۆرگەن  ئەمەس»  دەپ  ئاشخانىدىن  چىقىپ  كەتتىم . توغرىراقى  ياشلىرىمنى  ئۇ كىشىگە  كۆرسەتمەسلىك  ئۈچۈن چىقىپ  كەتتىم .  باغچىغا  بېرىپ  ئىككىمىز  ئولتۇرغان ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ  نەچچە سائەت يىغلىدىم . شۇ كۈنى كەچتە ئەلقەم  بىلەن كۆرۇشمەكچى  ئىدىم ،  ياتاققا كىرىپ  كىيىملىرۈمنى  يۆتكەپ يۈزلىرىمگە سۇس گىرىم  قىلىپ ، قاپاقلىرىمنىڭ  ئىششىقىنى  بىلدۈرمەسلىككە  تىرشتىم . ئۇ مېنى كۆرۇپلا  باغرىغا باستى .بەك سېغىنىپ كەتتىم سىزنى بىلەمسىز  ؟  بۈگۈن  دادام كەلدى .سىز بىلەن ئەتىگىچە كۆرۈشتۈرىمەن  ،دادام  چوقۇم سىزنى ياقتۇرۇپ  قالىدۇ . ھەي  بۇ بىر يىل  قانداق  ئۆتەر ، سىزنى ئەمرىمگە ئالسام  خوشاللىقتىن يۈرىكىم  يېرىلىپ  كېتەرمۇ  ؟ ئۆزۈمنى  شۇنچە  تۇتىۋالساممۇ  ياشلىرىم  توختىماي ئاقاتتى . ئۇنى  چىڭ قۇچاقلاپ تۇراتتىم . ئىمكان بولسا  ئۇنىڭ  بەدىنىگە كىرىشىپ كەتكۈم  كېلەتتى . ھېلىقى كام قوۋۇرغسىغا  ئايلىنىپ  ئۇنىڭ  بەدىنىنىڭ بىر  قىسىمى  بۇلۇپ  كەتسەم  دەپ  ئويلايتتىم  بىراق .......

ئۇنى قۇچاقلايتتىم  ، سۆيەتتىم ، سىزنى ياخشى  كۆرىمەن  ...... دەپ  تەكرار- تەكرار پىچىرلىدىم .ئۇ مېنىڭ  بۇنداق قىزغىنلىقىمدىن ، تەشەببۇسكارلىقىمدىن  مەست  بولاتتى ، دۇنيانى  ئۇنتۇغان  ئىدى . ئاشۇ  تەرىقىدە  قانچىلىك  ئۇراق  تۇردۇقكىن .....

بىزنى تەتىلگە  قۇيۇپ بەردى ، قايتماقچى  بولدۇم . ئازابتىن  جۈدەپ كېتىۋاتاتتىم ، زۇلپىيەگىمۇ ھېچنېمە  دېمىدىم  ، دېسەم  ۋەدەمدە  تۇرىشىمنىڭ تەسكە توختىشىدىن  ئۇنىڭ  مېنى  ئىرادەمدىن  ياندۇرىۋېتىشىدىن  قورقتۇم  . ئەتە ماڭىمەن  دېگەن كۈنۈم  بىر كېچە كىرىپ كەتمەي ئەلقەم  بىلەن ئۈزۈمچىنىڭ  كوچىلىرىنى  ئايلاندۇق ، پاراڭلاشتۇق ،كۈلىشەتتۇق . تاڭ ئاتماسلىقىنى  خۇدادىن تىلەيتتىم ، ئۇنىڭغا مەڭگۈ  ھەمراھ بولغۇم  بار ئىدى . ئۇنىڭ  بېلىكىگە ئېسىلىپ بېشىمنى مۈرىسىگە  قۇيۇپ ماڭاتتىم  ، ئۇنىڭ  قىززىق  گەپلىرىدىن  ھوزۇرلىناتتىم ، يېرىم  كېچە  بولغاندا ياتاقتىن بىرسىگە كىرىپ ئۇخلىۋالامسىز ؟ بەك ھېرىپ كەتتىڭىز دېدى ، ئۇنىمىدىم  ، ئۇ  مەندىن  ئەندىسە  قىلىۋاتامسىز  ؟ خاتىرجەم  بۇلۇڭ   مەن سىزنى  ياخشى  كۆرىمەن  .سىزگە توي  كېچىسى ئېرىشسەم  دەيمەن . ئوغۇل  بالا  ئۆزى  ياخشى كۆرگەن قىزنى«پاختىنىڭ ئىچىدە ئوتنى ئاسرىغاندەك ئاسرىيالايدۇ »دېدى  .




باھا سۆز

بۇمەريەم  بۇ ئەسەرنى ئوقوپ كۈزياشلىرىم مارجاندەك ئاقتى .  يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 17:26:26
idraksoft

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 636
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2392
تۆھپە : 234
توردا: 1297
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-9

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 10:14:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆزلىرىمگە ياش كەلدى ، تۇنجى قېتىم  ئۆزۈم  ئۇنىڭغا  ئېسىلىپ  ئۇنى  سۆيۈپ  قويدۇم  ۋە  رەھمەت سىزگە  ، بىراق  بۈگۈن  كېچە  ئۇخلىغۇم  يوق سىزگە ھەمراھ بۇلۇپ مۇشۇنداق  ماڭغۇم  بار دېدىم  .

ئۈرۈمچىنىڭ  ئاسمىنى يۇلتۇزلۇق  بولمىسىمۇ  ، كوچىلىردىكى  يۇلتۇزلاردىنمۇ جىق  چىراقلىرى  ئارىسىدا  ئۆزۈمنى  يۇلتۇزلار ئالىمىدە  تۇرىۋاتقاندەك  سېزەتتىم  .  ھەممە ئۇيقۇدا پەقەت بىزلا ئويغاق  ئىدۇق  .مۇشۇ كۆچىلاردا  نۇرغۇن  گۈزەل ئەسلىمىلىرىمىز  قالغان  ئاپپاق  قارلارنى غاچىلداپ  دەسسەپ ماڭغانلىرىمىز  ، چېچېەكلەرنىڭ پۇرىقىدىن  مەس بولغان ، كۈزنىڭ  يامغۇرلىرىدا كۈنلۈك تۇتىۋېلىپ  سەيلە  قىلغان   بۇلار مەڭگۈ ئۆچمەس سۈرەت  بۇلۇپ  قەلبىمىزدە  ساقلىنىپ  قالغان  ، قالداق ئۇنتۇي ئاشۇ  دەقىقىلەرنى .

ئەتىسى  مەن ماڭدىم . ئۇ پويىز ئىستانىسىسىغا چىقىپ  مېنى ئۇزاتتى ، ئاخىرقى  قېتىم  كۆرىشىۋاتقىنىمىز ئېنىق  ئىدى . بىراق  ئۇ بۇنى بىلمەيتتى  ،ئۇنىڭدىن  ئايرىلىپ ئۆيگە كەلگەن  بىر كېچىنى قانچىلىك  ئازاپتا ئۆتكۈزگىنىم  ئۆزۈمگىلا  ئايان ، ئازاپتىن  ساراڭ  بۇلۇپ  قالمىغىنىمغا  ئۆزۈممۇ ھەيران  ،تەتىلدە  ھېچنەگە چىقىمىدىم  ، باشقىچىلا  بىر ئادەم  بۇلۇپ قالغان  ئىدىم .  ئۇنىڭدىن  تېلېفون كېلەتتى  . ئانىسىنىڭ  مىجەزى  يوقلىقىنى ، شۇڭا  تەتىلدىن  يانغاندا  بىراقلا  قايتىدىغىنىنى  دەيتتى ، تېلېفوننى قويۇپلا يىغلايتتىم . تەتىلگە  يىغىلىدىغانغا ئاز قالغاندا  بىر كۈنى  ئۇ تېلېفون بەردى ، خىزمەت ئىشىمنى  كېيىنراق ئويلشىدىغان بولدۇم ، ئاپامنىڭ كېسىلى خېلىلا ئېغىر ، ئاۋازى تىتىرەپ  كېتىۋاتاتتى  . ئۇنىڭغا  تەسەللى بەردىم ، نېمىلا  بولمىسۇن  ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ  ئۇزۇنراق  ئۆمۈر  كۆرىشىنى مۆجىزە  يۈز  بېرىپ  ساقىيىپ  قېلىشىنى  تىلەيتتىم .

مەن ئەتە ماڭىمەن  دېگەن كۈنى ئۇنىڭدىن تېلېفون كەلدى . ئاپام  كېسىلىنى دەپ  مېنى يېنىمدا  تۇرغىن  دەيدۇ ، شۇڭا  خوتەندە ئىشلەپ  تۇرىدىغان  بولدۇم  ، ئاپاممۇ  ياخشى  بۇلۇپ قالار ، كېيىن  چوقۇم  سىزنى  ئەكىۋالىمەن  يا مەن كورلىغا كېتىمەن ، مەن سىزدىن ئايرىلىپ قالسام بولمايدۇ . يىغلىۋېتىشتىن ئۆزەمنى ئارانلا تۇتۇپ تۇراتتىم ، ئانىسىنى  ياخشى كۆرمىگەن  ئوغۇل بالىنى  مەنمۇ  ياخشى كۆرمەيمەن ،  ئانىڭىزنىڭ ئارزۇسىنى  ئەمەلگە ئاشۇرۇڭ ،  ئۇ جىم بۇلۇپ  كەتتى . بىر مۇنچە تەسەللى  بېرىپ تېلېفوننى قويدۇم .ھەر قېتىم تېلېفوندا ئۇنىڭ  بىلەن  سۆزلىشىپ بولساملا  ۋەدەمدىن يېنىۋالغۇم  ئۇنى   ھەر قانداق  قىلىپ  قايتۇرۇپ  كەلگۈم  كېلەتتى ، بىراق .......

تەتىلدىن يىغىلىپ  ئوقۇش  باشلىدۇق . زۇلپىيە  تەتىلدىكى ئىشلارنى  دەپ بەردى ، ئانىسىنىڭ  ئۇنى  بىر دوستىنىڭ  قىزى بىلەن توي قىلىسەن  دەپ زورلىغىنى  ، زۇلپىيەلەرنى  خىزمەت ئىشلەڭلار  دېگىنى ، زۇلپىيەنىڭ  ئۇنىمىغىنى  ئىشقىلىپ  نۇرغۇن جەرياننى ، ئەلقەمنىڭ  مەندىن يوشۇرىۋاتقان  ئازاپىنى  بىلىۋالدىم . ئەمدى مەن  تەدبىر  قوللانمىسام  بولمايتتى  ، ئويلاپ  ئوتتۇرا مەكتەپتە  ماڭا بەكمۇ  كۆڭۈل  بۆلىدىغان ، كىچىكىمىزدىن   بىر مەھەللىدە  چوڭ  بولغان  ھازىرغىچە  ھېچكىم  بىلەن مۇھەببەتلىشىپ  باقمىغان ، ئۆگىنىشتىن باشقىغا كۆڭۈل  بۆلمەيدىغان ساۋاقدىشىم ئەسقەرنى  مېنىڭ 《سۆيگۈنۈم》نىڭ رولىنى  ئېلىپ بېرىشكە كۆندۈردۈم . زۇلپىيەگە ئەمدى ئەلقەمدىن ئۈمىدىمنى  ئۈزدۈم . خوتەن  يېقىن يەر بولمىسا  ئۇ ئەمدى  كېلەلمەيدۇ ، ئۇمۇ  ئانىسىنى مۇرادىغا  يەتكۈزسۈن  ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسقەرمۇ كىچىكىمىزدىن  مېنى  ياخشى كۆرەتتى ، شۇڭىمۇ  ئۇنىڭ  بىلەن يۈزۈش قاراىغا كەلدىم ، دېدىم . زۇلپىيەنىڭ چىرايلىق كۆزلىرى  يوغىناپ  ماڭا ھەيرانلىق  نەزىرى  بىلەن قارىدى  ۋە  ساڭا  ھەيران  قىلىۋاتىمەن ، ئەلقەمنى  بىر يىلمۇ  ساقلىيالمامسەن ؟  ئۇ چوقۇم دېگىنىنى قىلىدۇ ، سەن  ئۇنىڭغا قېيداۋاتامسەن يا ؟  سېنى بۇنداق  ئىتتىك  ئۆزگىرىدۇ  دەپ ئويلىماپتىكەنمەن ، توۋا ، توۋا  .....دەپ كەتتى .

مەن جىممىدە  يەرگە قاراپ  ئولتۇراتتىم  .ئۇ بۇنىڭدىن  مېنىڭ  بىر قارارغا كېلىپ  بولغىنىمنى  بىلدى . ئەسقەرمۇ  چاندۇرماي  كۈندە دېگۈدەك  كېلىپ يۈردى ، ئۇنى قولتۇقلاپ زۇلپىيەنىڭ كۆزىچىلا چىقىپ  كېتىپ  يۈردۈم . ئەسقەر بىلەن  ھېلىقى  باغچىغا  كىرەتتۇق ، ھېلىقى  ئورۇنداقتا ئولتۇراتتۇق ، ئۇ  ھەممە ئەھۋالنى بىلەتتى  ، ماڭا تەسەللى  بېرەتتى .ئىشلار ئويلىغىنىمدەك تەرەققىي قىلىۋاتاتتى ، بىر كۈنى  ئەلقەم  مۇراتقا تېلېفون  بېرىپ  ، مېنى تېلېفون بەرسۇن  دەپتۇ . تۇنجى قېتىم  تەشەببۇسكار ھالدا  ئۇنىڭغا تېلېفون  بەردىم  ،يىغىلىۋېتىشتىن  ئۆزۈمنى  تەستە  تۇتۇپ  تۇرىۋاتاتتىم  ،  ئۇ  تېلېفوننى  ئېلىپلا :

- زۇلپىيەنىڭ دېگىنى  يالغان  دەڭا ، مەن خوش  بولاي  دېدى ، ئاۋازى  تىترەۋاتاتتى . جىمجىت تۇرۇپ – راست- دېدىم . مەن سىزگە يالغان  سۆزلىيەلمەيمەن ، ئىككىمىز  ئۆز  يولىمىزغا ماڭايلى ، سىزنىمۇ  ئۆزۈمنىمۇ قىينىغۇم  يوق . ئىشىمىز بەرىبىر ئەمەلگە ئاشمىغاندىكىن  باشتىلا ۋاز كەچكىنىمىز ياخشى دېدىم .

- بىر يىلمۇ ساقلىيالمامسىز؟ مەن چوقوم كېتىمەن . ئۇنداق قىلماڭ ! سىز ئۇنداق قىز ئەمەس ، سىزگە زادى  نېمە تەسىر  قىلدى ؟ نېمىشقا  ماڭا ئىشەنمەيسىز  ؟چۈشەنچىمۇ  بېرەلمىدىم  ، چۈشەنچە  بەرسەم  يىغلاپ  تاشلىشىم  ، ئۇنى  ئۈمىدسىزلەندۇرۇپ  قويىشىم  مۇمكىن ئىدى .

-خاپا بولماڭ  مەن  ئۇنىڭ  بىلەن يۈرۈپ بولدۇم ، ئوقۇشنى  پۈتۈرۈپلا  توي  قىلىمىز ، ئىككى  ئۆيدىكىلەرمۇ  ئۇقۇپ بولدى . ئەمدى ئىككىمىزگە ئىمكانىيەت يوق . تېلېفوننى قويۇپلا يىغىلىۋەتتىم . شۇنداق  قىلىپ  دەل مەن  ئۇنى  7 سائەت  ساقلاتقان  كۈنى  ئۇنىڭ  ھېلىقى  قىز بىلەن  تويى  بولدى  .زۇلپىيەمۇ   ماڭا خاپا  بۇلۇپ  چىراي  ئاچماس  بۇلۇپ  قالدى . ئوقۇشۇمنىڭ  تىزرەك  پۈتۈشىنى ، ھەر  بىر تال  گىياھسىغا  قارسام  يۈرەك  يارەم  بىر  تاشلىنىدىغان  بۇ شەھەردىن  تىزراق كېتىشنى  خالايتتىم . ئۇنىڭ  تويى  بولغان  كۈنى  ئەسقەر  ماڭا ھەمراھ  بولدى . 5يىللىق  ھاياتىمىزنى  ، ئەلقەمنى سېغىنىشلىرىمنى توختىماي  سۆزلەپ  بېرەتتىم ، ئاخىرىدا  شۇنچىلىك  ئېچىنشىلىق  يىغلىدىمكى  ئەسقەر  نېمە  قىلىشنى  بىلەلمەي  بىلەكلىرىمنى  تۇتۇپ  بولدى ، بۇنداق  قىلماڭ ، مەن چىدىيالمايدىكەنمەن دېدى . ئۇنىڭ  مۈرىسىگە  بېشىمنى  قويۇپ  ئۇزۇندىن - ئۇزۇنغا يىغىلىدىم . ئەمدى  مەن ئۈچۈن  ھەممە  نېمە  مەنىسىز ئىدى  . دۇنيادا  ئەلقەمسىز ياشاشنى  تەسەۋۇر قىلالمايتتىم  ، ئەمما  ياشىماي ئامالىم  يوق ئىدى  ، شۇ  كۈندىن  كېيىن  ئەسقەر  بىلەنمۇ  خوشلاشتىم  .

ئۇ  توي بۇلۇپ  بىر يېرىم ئايدىن كېيىن  ئانىسى  ئۆلۈپ كەتتى . زۇلپىيەدىن  ئۇقتۇم  ، ئۇنىڭغا تېلېفون بېرىپ  تەسەللى  ئېيتتىم ،ئۇنى  سۆيەتتىم  ، ئۇنى  سۆيگەنلىكىم  ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالدىم  ..... ئۇنىڭ  مەندىن  رەنجىۋاتقىنى ئېنىق  ، بىراق ......

ئوقۇشىمىز پۈتۈپ  قايتىدىغان كۈنۈمنىڭ  ئالدىنقى  كۈنى  زۇلپىيە ، مۇراتلارغا  ھەممەە ئەھۋاللارنى  دېدىم  . زۇلپىيە مېنى  قۇچاقلاپ جىنىم ئاداش  سەن نېمانداق  غەيرەتلىك  ، نېمىشقا  ئاشۇنىچىلا ئازابلارنى  ئۆزەڭ  يالغۇز تاتتىڭ ؟  دەپ يىغىلىۋەتتى .

-ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىكىم  ئۈچۈن.  بۇنىڭدىن  ئارتۇق  سەۋەب بولماس ، ئۇنى  مەڭگۈ ياخشى  كۆرىمەن  ئەمدى  يەنە  بىرنى  سۆيىشىم مۇمكىن ئەمەس ، كۆڭلۈمدە ئىككىنچى  بىر ئەلقەم  بولمايدۇ ، دېدىم .

ئۇ ئىككىسىگە بەخت تىلەپ  يۇرتۇمغا قايتتىم . خىزمەتكە چۈشتۈم  ، خىزمەتتىن  باشقا  ئىشىم  يوق ئىدى . بىكار بولسام  كىتاب ئوقۇيتتۇم . ئەلقەمنى سېغىناتتىم ، بەزىدە  چىدىيالماي يىغلىۋېتەتتىم .مۇشۇنداق چاغلاردا  ھېلىقى كىچىكىمدە چۆمۆلۈپ ئوينايدىغان ئۆستەڭ مېنىڭ ئەڭ  سادىق ھەمراھىم ئىدى . يىغلىغۇم كەلگەندە  (قاراڭغۇ چۈشكەندە )  ئۆستەڭگە چىلىنىپ تۇرۇپ  ئاۋازىمنى  چىقىرىپ  يىغلىۋالاتتىم  ، ئىچىم  بوشاپ  ، سۇ  كۆڭلۈمنى  كۆتىرىپ  قوياتتى ، 3يىل  ئۆتۇپ  كەتتى  ،  توي قىلماي  دېسەم  پەقەت  مۇمكىن  بولمىدى .....باشتا دېگەندەك  ئامالنىڭ  يوقىدىن  توي قىلدىم .

- تازلىق  ئۆيىنىڭ چېكىلىشى  مېنى  خىيالدىن  ئويغاتتى .

نېمە  بولدىڭىز  سۇدا  بەك ئۇزۇن  تۇرۇپ  كەتتىڭىز ، بىرەر ئىش بولمىغانسىز  ؟

ھازىر  چىقىمەن  -  دېدىم  . قوپاللا .

-شۇندىن كېيىن  ئۇنىڭغا  پەقەتلا چىراي  ئاچمىدىم  ، گەپمۇ قىلمايتتىم  . ئۇ  مېنىڭ  بۇنداق  خاپا بۇلۇشىمنىڭ  تېگىگە يېتەلمەي  قىينىلاتتى  . ئەتىسىدىن  باشلاپ  قان  توختىمىغانلىقىنى  بىر يەرلىرىمنىڭ  ئاغرىغانلىقىنى  بانىداپ ېۇنۈ يېقىن كەلتۈرمەي  يۈردۈم . ئىككى  ھەپتە  بولغاندا  ئۇ ئاخىرى چىدىيالماي  يەنە ماڭا يېقىنلاشتى  ، ئەگەر  گېپىمگە كۆنمىسىڭىز  ئاجرىشىپ  كېتىمەن  نېمە دېسىڭىز  دەڭ ، - دېدىم  . ئۇ بۇ قېتىم  بەكلا تىرىكتى :

-سىز دېگەن مېنىڭ  ئايالىم تۇرسىڭىز بۇنداق يولسزلىق قىلامسىز  ؟ ئاجراشسىڭىز ئاجرشىڭ ، ئاخىرى  ئۇ  يەنە مەقسىتىگە  يەتتى  . شۇنىڭدىن  كېيىن  ئۆچ بۇلۇپ كەتتىم  . ئاجرىشىش ئىلتىماسنى  يېزىپ  ئاھالىلەر  كومىتېتىغا   بارسام  ئەر - ئايال   بىللە كېلىسىلەر  دېدى  . ئەگەر  ئۇ كەلگىلى  ئۇنىمىسا   مەن  سوتقا ئەرز قىلسەم ئاندىن  سوت ئارقىلىق  ئۇنى  چاقىرتىدىكەن . ئەرز قىلسام  نېمە دەپ  ئەرز قىلىمەن  . يوقارقى   ئىشنى  ئەرز قىلسام  خەقلەر  مېنى  ئەقلىدىن  ئادىشىپتۇ  دەر  ، ئۇنىڭ  باشقا  ھېچقانداق  گۇناھى  بولمىسا  ، ئاخىرى  يېنىپ  كېلىپ  ئۇنىڭدىن  ئاجرىشپ  كېتىشنى ئويلاپ  ،  بىر ئىككى ھەپتىنى  ئۆتكۈزىۋەتتىم . ئۆزۈمدە غەيرىلىك  ھېس قىلىشقا باشلىدىم . توختىماي  كۆڭلۈم ئېلىشاتتى ،  ئۇيقۇچانلىشىپ كېتىم باراتتىم  . بۇ  ئالامەتلەر  بارا- بارا  ئېغىرلاپ  نېمىلا يېسەم  ياندۇرىدىغان بولدۇم  . پەقەتلا چىدىيالماي دوختۇرخانىغا  ( ئۇنىڭ مەجبۇرلىشى )بىلەن  بېرىپ  تەكشۈرتتۇق . ئويلىمىغان يەردىن   دوختۇر مۇبارەك   بولسۇن   بويىڭىزدا  باركەن  دېگندە  ھوشۇمدىن  كەتكىلى تاس قالدىم  .

ئەمدى  قانداق  قىلىمەن  دەپلا يىغلىۋەتتىم  . ئۇنىڭ خوشلۇقدا ئاغزى  قۇلىقىغا يەتكەن ئىدى . ئۇنىڭغا  چىش - تىرنىقىمغىچە   ئۆچ بۇلۇپ  كەتتىم  .

بالىنى  ئالدۇرۋېتىمەن  دەپ ئويلىدىم . ئۆزۈم  ئازراقمۇ  ياخشى كۆرمەيدىغان  بىر ئادەم  بىلەن  بىر ئۆيدە ياشاش يەنە كېلىپ  ئۇنىڭ بالىسىنى تۇغۇش مەن ئۈچۈن ئۆلۈمدىنمۇ ئېغىر ئىدى .مۇشۇنداق  ئارسالدىلىقتا كۆڭلۈم  يېرىم  يۈرىۋاتقان چېغىمدا يەنىلا زۇلپىيە ئېسىمگە كەلدى . ئۇنىڭغا دەردىمنى  تۆككۈم  يىغلىۋالغۇم كېلەتتى  . زۇلپىيە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچىدىكى  بىر ئوتتۇرا  مەكتەپكە  ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالدى . ئۇزاق ئۆتمەيلا مۇرات بىلەن  تويى  بولدى  . شۇ چاغدا ئۇنىڭغا شۇنداق ھەۋىسىم  كەلگەن ئىدى . ئۆزى  ياخشى كۆرگەن ئادەم بىلەن بىر ئۆمۈر  بىللە ياشاشتىنمۇ ئارتۇق  بەخت  بولمىسا كېرەك  . زۇلپىيە ئىككىنچى يىلى تاتلىق ئوغۇلدىن  بىرنى  تۇغۇۋالدى ، بالىسىمۇ ئىككى ياشلارغا  كىرىپ قالغان ئىدى  . تويدا ئۇ كىلىپ  تويۇمغا قاتنىشىپلا  ئەتىسى  قايتتى . ماڭدىغان  چېغىدا ئەمدى سەندىن خاتىرجەم بولدۇم سېنىڭ جاھىللىقىڭدا راستىنلا  يالغۇز  ئۆتۇپ  كېتەرمۇ دەپ قورققان ئىدىم . سەن توي قىلماي يۈرىۋەرسەڭ  ئەلقەممۇ  بەك ئازاپلىنىپ كېتەتتى .يىگىتىڭ  خېلى  بولىدىغان بالىدەك قىلىدۇ .ھايات دېگەن مۇشۇنداق  بولىدىكەن  ، بەزىدە سەن شۇنداق ئارزۇ قىلغان  نەرسىگەئېرىشەلمەي ، ئويلاپمۇ باقمىغان نەرسىنىڭ ئىگىسى  بۇلۇپ قالىدىكەنسەن .تەقدىرگە تەن بەرمەي نېمە ئامالىمىز  ؟! ئاللا ساڭا ئاتا قىلغان ھەر بىر كۈندىن ھوزۇرلىنىشنى  ، ھەر بىر  نەرسىنى  قەدىرلەشنى  بىل ،  ئەمدى  جاھىللىقىڭنى  قوي  بولامدۇ  جىنىم ئاداش . سېنى ھەر بىر ئويلىسام مەنمۇ ئازاپلىنىمەن ، بىراق نېمە ئامال ؟! دېگەن ئىدى . مەن نۇرغۇن گەپلىرىمنى ئۇنىڭدىن يۇشۇرۇپ  قالغان ئىدىم . ئۇنىڭ  مېنى  ئەلقەمگە سېتىۋېتىشىدىن قورقاتتىم  .مۇشۇنداق ئازاپلىق كۈنلىرىمدە   يەنىلا زۇلپىيە ئېسىمگە كەلدى . ئۇنىڭغا تېلېفون بەردىم  . تېلېفوندا يىغلاپ تۇرۇپ ئۇچرىغان «ئۇۋالچىلىقلىرىم»نى  بىرمۇ  دەپ  دەپ  بالىنى قانداق ئۇسۇلدا ئالدۇرسام ئەڭ بىخەتەر ، ئەڭ ئاسان بولدىغانلىقىنى دېدىم . ئۇ  بىردەم تۇرۇپ كېتىپ ، ئاداش  سەن ياخشى ئويلا ! سەن توي قىلدىڭ ، توي قىلىش  ، بالا  تۇغۇش ، ئانا  بۇلۇش  بىر قىزنىڭ  بالىنىڭ  بېشىغا  كېلىدىغان  ئىش  . سەن بالىنى ئالدۇرۋەتسەڭ سالامەتلىكىڭ زىيانغا ئۇچىرايدۇ ئېرىڭ  ھەر قانداق ئىشنى كەچۇرۇشى مۇمكىن ، بالىنى  يوق قىلغىنىڭنى  ھەرگىزمۇ  كەچۈرمەيدۇ . ئاجرىشىپمۇ كېتەرسەن ، سەن نېمىگە ئېرىشمەكچى  ؟ ئەگەر  سەن ئاجراشساڭلا  ئەلقەمنىڭ تۇرمۇشى تىنىچ ئۆتمەيدۇ .  ئۇ  ھەتتا  سېنۈ  مەن ئۈچۈن  بەدەل تۆلىدى دەپ ئويلاپ ئايالى  ۋە  بالىسىدىن  ھەممىدىن  كېچىپ  يېنىپ  كېلىشى  مۇمكىن .سەن باشتا  بەدەل تۆلىگەن ئۇ چاغدا  بىر ئانا ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەن ، ئەمدى  بولسا بىر ئاجىز ئايال  ۋە بالا  ئۈچۈن ئېرىڭ ئۈچۈن  قورسىقىڭدىكى  بالا ئۈچۈن جاھىللىقىڭىنى تاشلىساڭ  نېمە بولىدۇ ؟ ئويلاپ باق  .

- مەن ئۆمۈر بويى  خەق ئۈچۈنلا ياشايمەنمۇ  ، ئۆزى ياخشى كۆرمىگەن  ئادەم بىلەن  بىر ئۆيدە  ياشاشنىڭ  قانچىلىك  ئازاپلىق ئىكەنلىكىنى  نۇرغۇن  ئىشلارنىڭ  دېمەككە  ئاسان ، قىلماققا  قانچىلىك  تەس  ئىكەنلىكىنى  بىلەمسەن ؟ يەنە يىغىلاۋېتىپ  سۆزۈمنىڭ  ئاخىرىنى  دېيەلمىدىم  .

- خاپا بولما ئاداش «دوست ئاغرىتىپ ئېيتار،دۇشمەن كۈلدۇرۇپ »دەپتىكەن . مەن  ھازىر  ساڭا تەسەللى بەردىم  ، دەپ  بالىنى  ئالدۇرىۋەت دېسەم  كېيىن ھەر ئىككىلىمىز تولدۇرۋالغۇسىز  پۇشايمانغا  قالىمىز . سەنمۇ  مېنى  چۈشەن ، ياخشى  ئويلاپ  باق  بولامدۇ  ؟

-ئويلاپ باقاي  دەپلا تېلېفونى قويىۋەتتىم. ئېرىمنىڭ  بۇ كۈنلەردە  خوشاللىقىغا ھېچنېمە  توغرا كەلمەيتتى  .

مېنى ھەددىدىن زىيادە ئايايتتى،ھەتتا ئۇزاقراق  ماڭغىلىمۇ  قويمايتتى ، كېچە -كۈندۇز دېگۇدەك  ھەمرا  بولاتتى  ، سائىتىگە  بىر قېتىم  تېلېفون  بېرىپ  ئەھۋالىمنى  سورايتتى  . خۇددى  مەن  دۇنيادا  ئىنسان  بالىسى  تۇغۇپ باقمىغان  نەرسە تۇغىدىغاندەك ، مەن بولسام  بالىنى قانداق چۈرۈشنىڭ  ھەلەكچىلىكىدە  ساراڭ  بولايلا  دېگەن  ئىدىم . ئاخىرى  قەتئىي قارارغا كېلىپ  ھەر قانداق  ئاغرىقتىن  قوقماي  بالىنى  سۈنئىي ئۇسۇلدا چۈشۈرۈش  قارارىغا كېلىپ ، بىر كۈنى  چۈشتىن كېيىن  سىياسىي ئۆگىنىشىنى  باھانىداپ تېلېفوننى  ئەتتىمدە  دوختۇرخانىغا  چاپتىم . بېرىپ  دوختۇرغا بالىنى چۈشۈرۈش قارارىغا كەلگىنىمنى دېدىم .  دوختۇر  ئالدى بىلەن  تەكشۈرۈپ بېقىش زۆرۈرلۈكىنى ئېيتتى  . تەكشۇرۇپ  كۆرۇپ  سىزدە  بۆرەك  زەئىپلىشىشنىڭ  دەسلەپكى  ئالامەتلىرى  بار ئىكەن . بالىنى  ئالدۇرسىڭىز  ساغلام  ئادەملەردەك  تېز  ئەسلىگە كېلەلمەسلىكىڭىز  مۇمكىن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە  تۇنجى  بالىنى  سۈنئىي  ئۇسۇلدا چۈشۈرسىڭىز  كېيىن ئادەتلەنگەن  بويىدىن  ئاجىراش  ، توغماسلىق  قاتارلىق  ئاقىۋەتلەرنىڭ  كېلىپ  چىقىش  ئېھتىماللىقى  بار  ، يەنە  تۇيۇقسىز   قانسىراش  ئەھۋاللىرىمۇ  كۆرۇلىدۇ . مەن  دوختۇر بۇلۇش  سۈپىتىم ھەر قانداق  ئېھتىماللىقلارنى  ئىشتىن  بۇرۇن  سىزگە بىلدۇرۇش  مەجبۇرىيتىم بار . شۇنىڭ   ئۈچۈن ياخشىراق  ئويلىنىپ  ،يولدىشىڭىزنى ئېلىپ كېلىڭ . بىز يولدىشىڭىز قوشۇلغان  ئەھۋالدا  ئاندىن  بۇ ئوپېراتسىيىنى قىلالايمىز دېدى . ئىچىمدە  قانداق قىلارمەن  ؟ مەن نېمىدېگەن  بىتەلەي  ، نېمىلا ئىش قىلماقچى  بولسام ، شۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ . نېمىنى ئارزۇ قىلسام شۇنىڭغا  ئېرىششەلمەيمەنيۇ ! نېمىدىن  قاچسام  شۇ  ماڭا كانىدەك چاپلىشىۋالىدۇ ، دەپ ئويلايتىم . ئامالسىز يولدىشىم  بىلەن كېلەي  دەپ  چىقىپ  كەتتىم . بۇ ئىشنى ھېچكىمگە دېيەلمىدىم ، دېسەملا  ھەممە  ئادەمنىڭ مېنى  ئەيىپلەيدىغانلىقىنى  بىلەتتىم . ئاخىرى  ئەمدى بولار ئىش  بولدى ، چىداپ  بالىنى  تۇغاي  ، بالىنى  ئالارمەن ، ياق  بەرمەيمەن دەپ  تالاشسا بېرىۋېتەرمەن  ، ئىشقىلىپ  ئۆزۈم  ياخشى كۆرمىگەن  ئادەم  بىلەن  ھەرگىزمۇ  بىر ئۆيدە  ياشىمايمەن  ، دېگەن  قارارغا  كەلدىم . جىمجىت ياشاۋاتاتتىم ، ياشاۋاتىمەن دېگەندىن كۆرە  ، ئىتتىكراق  بالىنى تۇغۇپ بۇلۇپ  بۇ دوزاقتىن  قۇتۇلۇشنى ساقلاۋاتاتتىم  دېگىنىم  تۈزۈك . ئۇ  ماڭا شۇنچىلىك كۆيۈنسىمۇ  ، ئاسىرسىمۇ  دۇنيادىكى  ھەر قانداق  ئەردىن  بەكرەك  ياخشى  كۆرسىمۇ  ، لېكىن  ئۇنى   ھەرگىزمۇ «سۆيگىنىم»نىڭ ئورنىغا قويالمايتتىم، كېچە - كۈندۈز دېگۇدەك ئۇنى  ئويلايتتىم . ھەتتا  ئېرىم مېنى  شۇنداق  بىر تەشنالىق بىلەن قۇچاقلاۋاتقاندىمۇ ، سۆيىۋاتقاندىمۇ  كۆزۈمنى  يۇمۇپ  تۇرۇپ  خىيالىمدا  ئۇنى  تەسەۋۇرقىلاتتىم. ئۇنى  سۆيىۋاتىدۇ  دەپ  ئويلايتتىم . رەھىمسىزلىك  قىلىۋاتقىنىم  ، پەسكەشلىك  قىلىۋاتقىنىم  ئۆزۈمگە ئايان  ، بىراق تەبىئتىمدىكى  جاھىللىق  ئېتىقادىمدىكى  مۇھەببەتكە بولغان چەكسىزسادىقلىق قەلبىمگە  يەنە  بىر ئادەمنى   سىغدۇرمايۋاتاتتى  . ئېغىرلىشىشقا باشلىدىم ، نېمىشقىدۇر بالا مىدىرغان كۈندىن باشلاپ  ۋۇجۇدۇمدا  ئاستا - ئاستا بىر خىل  مېھر توغرىراقى  توسىۋالغۇسىز  بىر خىل  ئانىلىق  مېھر يېلىنجىشقا  باشلىدى  .  ئۇ ھەر قېتىم  قورسىقىمدا  مىدىرغاندا  مېنى  تېپىپ  شوخلۇق قىلغاندا قىزىقسىنىپ  ئۇنى سىلاپ  قوياتتىم  . چىراينى  ھەر خىل  تەسەۋۇر  قىلىپ باقاتتىم . بازار  ئارىلىسام بوۋاقلارنىڭ  لازىمەتلىكلىرىنى كۆرسەم  ئالغۇم كېلەتتى . بىردىنلا  ھېلىمۇ  بۇ بالىنى ئالدۇرۋەتمەپتىكەنمەن  ، ئانا بۇلۇش  نېمىدېگەن كۆڭۈللۈك ، ھەممە ئادەم مېنى ئايايدۇ ، نېمە دېسەم  شۇنى قىلالايمەن ، ئېرىمۇ  مېنى باشقا ئىشلارغا  مەجبۇرلىمايدۇ  . نېمىدېگەن ياخشى  مەڭگۈ مۇشۇنداق  يۈرسەم بوپتىكەن دەپ  ئويلاپ قالدىم  ۋە  بۇ ئەخمىقانە خىيالىمدىن كۈلگۇم  كەلدى . ئاشۇنداق  خىياللار ۋە  مەيلى  قايسى جاي  ، قانداق شارائىتتا بولسۇن  ئاجايىپ ئەتىۋارلىنىشلار ئىچىدە بۇ توققۇز ئايمۇ ئۆتۇپ  ئوغلۇم  ئەلقۇت دۇنياغا  كۆز ئاچتى  . ئۇ ماڭا قۇيۇپ قويغاندەك  ئوخشايتتى  . بۇ ۋاقىتتىكى   ئېرىمنىڭ  خوشاللىققىنى تىل بىلەن  تەسۋىرلەپ  بېرەلمەيمەن . ئوغلۇمنىڭ  ئىسمنى ئۆزۈم تاللىدىم  . ئەمەلىيەتتە  ئۇ  ئەلقەم  بىلەن مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن چاغلىرىمىزدا  كېيىنكى  بالىمىزغا  تاللىغان ئىسمىمىز  ئىدى .بالىمىز ئوغۇل بولسا  ئەلقەمنىڭ  ئىسمىغا يېقىن ، قىز بولسا مېنىڭ ئىسمىمغا يېقىن قىلىپ قويماقچى  ئىدۇق . نېمىشقىكىن يەنىلا  شۇ ئىسىمنى قويغۇم كەلدى . ئېرىممۇ  دەرھاللا  قوشۇلدى . مەنىسىمۇ ياخشى مۇشۇنداق قويايلى  دەپ  ئوغلۇم  تۇغۇلغان كۈندىن  باشلاپلا  ئۇنى ئەلقۇت  دەپ  ئاتاۋەردى . ئوغلۇم تۇغۇلۇپ  ئۇنى ئېمىتكەندىن  كېيىن ئۆزۈمنىڭ  ئۇنى  دادىسىغا بېرىۋېتىپلا  ئاجرىشىمەن دېگەن خىيالىمنىڭ  خام خىيال  ئىكەنلىكىنى  ھەققىي ھېس  قىلدىم . دۇنيادا  ماڭا ئەلقۇتتىمۇ  مۇھىم  ئادەم يوقتەك  ھېسىياتتا ئىدىم . سائەت - سائەتلەپ ئۇنى  تۇتۇپ ئولتۇراتتىم  ، يىغلاشلىرىدىنمۇ  ئاجايىپ  بىر خىل ھوزۇر  ھېس  قىلاتتىم  . ھېچكىمگە  بەرگۈم كەلمەيتتى ، ئۆمرۈمدە  ئەلقەمدىن  باشقا  باشقىلاردىن  قىزغىندىغان  ئىككىنچى  ئادەم  مۇشۇ  ئوغلۇم  بۇلۇپ  قالدى . ياخشى  بۇلۇپ ئىشقىمۇ چۈشتۈم  ، ئېرىمۇ  مېنى بۇرۇنقىدەكلا ياخشى  كۆرەتتى ، ئايايتتى . بىراق  ئۇنىڭغا كۆڭۈل بېرەلمىدىم ئاخىرى  دەل بىر يىللىق توي  خاتىرە كۈنىمىزدە ئېرىم  بىلەن ئەستايىدىل  پاراڭلاشماقچى  بۇلۇپ  ، ئۇ ئىشتىن  كەلگىچە  ئۆيلەرنى  تازىلاپ تۈجۈپلەپ  تاماق قىلدىم . ئۇ ئىشتىن  كىرگەندە  تۇنجى  قېتىم  ئالدىغا چىقىپ  قايتتىڭىزما ؟ ھاردىڭىزمۇ  ؟ دەپ  ھال  سورىدىم ، ئۇ  بىر ئاز تاسادىپىيلىق  ھېس قىلغان  بولسىمۇ  ، شۇنچىلىك  خوشال  بولغىنىنى كۆزلىرىدىكى  چاقىنغان  نۇرلار ئارقىلىق  ماڭا بىلدۇردى . بالا ئۇخلاپ قالغان ئىدى .  تاماق يەپ بۇلۇپ  ئولتۇرۇپ  مەن ئېغىز ئاچتىم  «توي قىلغىنىمىزغا  بىر  يىل  بوپتۇ . بۇ بىر  يىل  جەريانىدا سىز ھەقىقەتەن  مېنى  ئىزچىل ياخشى كۆرۇپ  مېنىڭ بارلىق يولسىزلىقلىرىمغا  چىداپ  كەلدىڭىز .سىزدىن بەكلا مىننەتدارمەن ، ئەمما مەن سىزنىڭ ئاشۇ  ياخشىلىقلىرىڭىزغا  مۇھەببەت  بىلەن جاۋاپ قايتۇرالمىدىم  . گەپنىڭ  ئوچۇقىنى قىلسام  سىزنى ياخشى كۆرەلمىدىم  . مېنىڭچە  ئۆزى  ياخشى كۆرمىگەن  ئادەم بىلەن  بىر ئۆيدە  ياشاشنىڭ  ئۆزى ئالدامچىلىق ، ئەخلاقسىزلىق . بۇ  سىز  ئۈچۈنمۇ  ئادىل ئەمەس، ئەسىلدە توي  قىلىپلا  سىزدىن  ئاجرىشىپ كەتمەكچى  ئىدىم ، بىراق... » جەريانلارنى  سۆزلىدىم  ئۇ جىممىدە ئولتۇرۇپ  گەپلىرىمنى ئاڭلىدى  ۋە  ئەمدى  مەن  ئويلىغىنىمنى دەپ  باقاي  دەپ گەپ  باشلىدى .

-سىزنىڭ  سەمىمىيلىك  بىلەن ئويلىغانلىرىڭىزنى دېگىنىڭىزنىڭ  ئۆزىلا  ماڭا بولغان   ھۆرمەت. سىز مېنى ئالداپ  ئۆتسىڭىزمۇ  ئۆتەلەيسىز،سىزدىكى بۇ  ئوي - خىياللارنى  مەن باشتىلا ھېس قىلغان، بىراق  سىزنى  ياخشى  كۆرۇپ قالدىم . سىزنىمۇ  ھامان بىر كۈنى مېنى  ياخشى كۆرۇپ قالىدىغۇ  ؟! دەپ ئويلىدىم  . ئۇنىڭ  ئۈستىگە  ياخشى كۆرۇش ئۆزۈمنىڭ ئىشى  ، شۇڭا ئاستا - ئاستا ئۆزگىرىدۇ  دەپ  نۇرغۇن ئىشلاردا يول قويۇپ كەلدىم  .بۇنىڭ  ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئەيىپلىشىڭىزنىڭ  ھاجتى يوق  ، مەن سىز ئۈچۈن  ئەمەس ئۆزۈم  ئۈچۈن  ئۆزۈم خالىغىنىم  ئۈچۈن شۇنداق  قىلدىم  . ئۇندىن باشقا  سىز  ئوغلىمىزنى ھەممىدىن  بەكرەك  ياخشى كۆرىسىز  ، ئۇنىڭدىن  ئايرىلىشقا  چىدىيالامسىزمۇ ؟ ئۇنىڭ ئۆمۈر بويى ئانىسىز  ئۆتۈپ كېتىشىگە چىدارسىزمۇ ؟  سىزگە  دەيدىغىنىم  ، ئوغلۇم ئىككىمىز سىزنى  ياخشى كۆرىمىز ، بىزگە سىز بولمىسىڭىز  بولمايدۇ ، سىزدىن  ئايرىلىپ  قالغۇمىز يوق  ، زادى  ئاجرىشىمەن  دەپ تۇرىۋالسىڭىز  يەنە بىر مەزگىل  قاراپ  بېقىڭ  ، مەن  بارلىق  تىرشچانلىقىمنى كۆرستىپ  سىزدە  مۇھەببەت ئويغىتىشقا تەييار  ، ماڭا بۇ پۇرسەتنى  بېرىڭ  ، مەن ئۆزۈمگە ئىشىنىمەن  . بىر ئايالنىڭ  قەلبىدە  مۇھەببەت  ئويغىتالايدىغىنىمغا ئىشىنىمەن  . ۋاقىت  بۇ ئىشلارغا  جاۋاپ  بەرسۇن  بىر مەزگىل  مەن  بىلەن ياشاپ بېقىڭ ، ئۇنىڭغىچە  بالىمۇ  چوڭ  بولىدۇ  ، ئەگەر شۇ چاغدىمۇ مېنى  ياخشى كۆرەلمىسىڭىز، مەن  ئاجرىشىشقا  قوشۇلاي  بىراق  شەرتىم  ئوغلۇمنى  مەن ئۆزۈم تەربىيلەيمەن  ، ئارتۇقچە  تالاشمىدىم ، ئۇ تولىمۇ  نازۇك  جايدىن  ماڭا  ھۇجۇم  قىلغان ئىدى . مېنىڭ  ئەڭ   كېچەلمەيدىغان ئادىمىمنىڭ  ئوغلۇم  ئىكەنلىكىنى  ئۇ بىلەتتى . ئويلىدىم  ياشاپ  باقاي  پەقەتلا چىدىغۇچىلىكىم  قالمىغاندا  بىر گەپ  بولار ....

شۇ تەرىقىدە  يەنە ئىككى  يىل  ئۆتۇپ  كەتتى . ئۇ  يەنىلا  شۇنداق  قىزغىن  ، شۇنداق  رومانتىك  ، شۇنداق  ياخشى  ئىدى . مېنى  بۇرۇنقىدىنمۇ  بەكرەك  ياخشى كۆرەتتى . خۇددى  ئارىمىزدا  ھېچقانداق  سۆز بولمىغاندەك  ئىدى . مەن بولسام  بىر خىل سوغۇق  جىمجىتىلىق ئىچىدە  ئۇنىڭ  قايناق  مۇھەببىتىنى قوبۇل قىلاتتىم  ،سۆيگۈنۈمنى دائىم  ئويلاتتىم ، بازىدە  ئېرىم يوق  چاغلاردا  رەسىملىرىنى  ، كۈندىلىك  خاتىرلىرىمنى  يېزىشقان  خەتلىرىمىزنى ئېلىپ ئوقۇپ  يىغلايتتىم . ئۇنىڭ  مۇھەببىتى يۈرىكىمگىلا  ئەمەس  ،قان - قېنىمغا پۈتكۈل ۋۇجۇدۇمغا سىڭىپ  كەتكەن ئىدى  . ئۇنى   ئويلىمايدىغان  بىرمۇ  كۈنۈم  يوق دېسەم  ئارتۇقلۇق  قىلمايتتى  ، ھازىر تۇرمۇشۇمدىكى  بىردىنبىر  خوشاللىقىم  ئوغلۇمنىڭ  تاتلىق  قىلىقلىرى  چۈچۈك سۆزلىرى  ئىدى .

مۇشۇ  تەرىقىدە  توي  قىلغىنىمىزغا ئۈچ يىل  بولغان يىلى  سالامەتلىكىم پەقەتلا  ياخشى  بولمىدى . نەچچە  قېتىم  بالنىستا  يېتىپ  چىقىتىم ، ئاخىرقى  قېتىم  كۆرۈنگىنمدە  مەسئۇل دوختۇر  بۆرەك  زەئىپلىشىش  بەكلا  ئېغىر ،  بۆرەك  ئالماشتۇرۇش  ئوپېراتىسيسى قىلغۇزغىڭىز  ئەڭ  مۇۋاپىق  بولمىسا  ئېغىرلاۋەرسە باشقا ئەزالارغىمۇ  بېسىم  بۇلۇپ  ئۆزىڭىزگە  ياخشى بولمايدۇ ، دېدى  . كۆڭلۈم  شۇنچىلىك  يېرىم ئىدى  .30ياشقا  كىرمەي  تۇرۇپ بۇنداق  يېرىم  جان  بۇلۇشنى  ئويلاپمۇ  باقمىغان   ئىدىم  . ئاپام ، داداملارغىمۇ  دېمىدىم ، ئۇلارنى ئەندىشە  قىلدۇغۇم  يوق ئىدى . ئىقتىسادنىمۇ   بەك ئويلىمىدىم ، ھازىرقى  ئىقتىساى شارائىتىمىزدا  ھەر ھالدا  قەرز  ئالساقمۇ  بۇ ئوپېراتىسيىنى قىلدۇرالايتتۇق  ، ئەمما  ئوپېراتسىيە  مېنى بەكلا قورقۇتاتتى ، ئەگەر ساقىيالماي  ئۆلۈپ  كەتسەم  ، بالام كىچىككىنە  تۇرۇپ  ئانىسىز قالسا ...... نۇرغۇن خىياللارنى قىلاتتىم  ، بىراق  ھاياتىمنى  ساقلاپ  قىلىشنىڭ  بىردىنبىر  يولى  ئاشۇ  ئوپېراتسىيەنى قىلىش ئىكەنلىكى ئېنىق  . رىئاللىققا يۈزلەنمىسەم  بولمايتتى ، ئاخىرى  ئوپېراتسىيە قىلدۇردىغان  بولدۇم . ئېرىم  بىلەن ئاتا - ئانا ، ئۇرۇق - تۇققانلىرىم  شۇنداق ئەنسىرەپ ئازاپلاندى . مەن بولسام  خۇددى قولۇمم كېسىلىپ  كەتسە  يەنىلا تاڭدۇرغىلى دوختۇرخانىغا ماڭغاندەكلا  پەرۋاسىز ھالدا  يۈرەتتىم . ئەمەلىيەتتە  ھەممىدىم  بەكرەك قورقىۋاتقىنى يەنىلا ئۆزۈم ئىدىم . بىر كۈنى  ياتاقتا ئېرىم  ئىككىمىزلا  يالغۇز قالدۇق .

ئۇ قوللىرىمنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ :

-سىزنى قانچىلىك  ياخشى كۆرىدىغىنىمنى بىلەمسىز  ، گۇزەلنۇر  ماڭا سىز بولمىسىڭىز  بولمايدۇ ، مەيلى  ئىككىمىز  بىر ئۆيدە  ياشىيالمىساقمۇ مەيلى  ، بۇ دۇنيادا  سالامەت  ياشاۋاتقىنىڭىزنى كۆرۇپ  تۇرۇشمۇ  مېنىڭ بەختىم . مەن ئەينى  ۋاقىتتا بالىنى  مەن ئالىمەن  دېدىم  . شۇ چاغدا  مېنى قىيناش ئۈچۈن  ياكى  يېنىدا تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن  شۇنداق دەۋاتىدۇ  دەپ ئويلىغانسىز  . مەن  ھەرگىزمۇ  ئۇنداق  ئويلاپ ئەمەس ، ئوغلىمىزدىن سىزنىڭ ھىدىڭىزنى پۇراپ تۇرۇش ، تاتلىق  سۆزلىرىدىن  ، قىلىقلىرىدىن سىزنىڭ ئوتىڭىزنى بىسىش ئۈچۈن شۇنداق دېدىم . سىز ئۆزى  ياخشى كۆرگەن  ئادەمنىڭ  مۇھەببتىگە ئېرىشەلمىسلىك  قانچىلىك  ئازاپ ئىكەنلىكىنى  چۈشەنمەيسىز  .بۇ قېتىم  ساقىيىپ چىقىسڭىز  سىز  تەل -تۆكۈس ساقايغاندا ئاندىن  ئاجرىشىشقا  قوشۇلاي . ئۆزۈمنىڭ  خوشاللىقى  ئۈچۈن  سىزنى قىينىغۇم  يوق ، بىراق  ئالدىنقى قېتىم  پاراڭلاشقىنىمىزدا دېگەن  شەرتىم  ئۆزگەرمەيدۇ ، دېدى . خوشال بولىۋاتاتتىم  ، بىراق  بالامدىن ھەرگىز ئايرىلغۇم يوق ئىچىمدە بۇ قېتىمقى  ئوپېراتسىيەدىن  كېيىن  ئۆزۈمنىڭ  پەرزەنتىلىك بۇلۇش ئىقتىدارىمنىڭ  ئاجىزلاپ ياكى  يوقاپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى  دەپ  يۈرۈپ  بولسىمۇ بالىنى چوقۇم  ئالىمەن  دەپ ئويلىدىم . بىر قانچە كۈندىن كېيىن  مەسئۇل  دوختۇرۇم ماڭا ماس كېلىدىغان  بۆرەكنىڭ  تېپىلغانلىقىنى يەنە  بىر ھەپتىدىن كېيىن  ئوپېراتسىيىنى  قىلدىغنالىقىنى ئۇقتۇردى . شۇنچە تېز  تېپىلغىنىغا  بەكمۇ  خوشال ئىدىم ، ئېرىم  بولسا  ئوپېراتسىيىگە 4 كۈن قالغاندا  ئىدارىدىن  بېيجىڭغا  بارىدىغان كوماندىروپكا  چىقىپ قالدى . مەن بارمىسام بولمايدىكەن ، سىز ئوپېراتسىيىگە كىرگۈچە  چوقۇم  قايتىپ كېلىمەن  دەپ  مېنى باغرىغا  چىڭ    بېسىپ  كۆزلىرىمگە ، پىشانەمگە سۆيۈپ  ماڭدى .ئۇ نېمىشقىدۇر  كۆزلىرىنى  مەندىن   ئېلىپ  قاچاتتى  ، كۆزىدە  ياش ئەگىپ  قالغانلىقىنى كۆرۇپ تۇنجى قېتىم  ئۇنىڭغا  قەلبىمدە  قانداقتۇر  بىر  خىل  يېقىنلىق  تۇيغۇسى  ئويغانغاندەك بولدى .ئادەملەر ئەسلىدە  بىر - بىرىمىزگە  مۇھتاج ، توغىرىراقى ھەر قاندىغىمىز  باشقىلارنىڭ  تەسەللىسىگە  ، كۆڭۈل بۆلۈشىگە  مۇھتاج . شۇنداق  قىلىپ  ئۇ كېتىپ قالدى . كۈندە تېلېفون  بېرەتتى ، ئەھۋالىمنى سورايتتى . ئوپېراتسىيىگە كىرىدىغان چېغىدا  ئۇ  ئايرۇپىلان كېچىكىپ  ئۇچىدىغان  بۇلۇپ  ماڭالمىدىم ، سىز  ئوپېراتسىيىدىن  چىققاندا  يېنىڭىزدا  بولىمەن  دەپ ۋەدە  قىلدى . ئاشۇ  ۋاقىتتا ئەتىراپىمدا  ھەممە يېقىن  ئادەملىرىم  تۇرسىمۇ  كىمدۇر  بىرنى  كامدەك  ھېس قىلدىم . ئوچۇقىنى ئېيتسام  ئېرىمنى يېنىمدا بولسىكەن  دەپ ئويلىدىم  ،بىراق  ..... ئوپېراتسىيىگە ئېلىپ كىرىشتى .ئېسىمگە كەلسەم ئاپام ، دادام، ئۇرۇق -تۇققانلار ، ئوغلۇم  ھەممىدى  باركەن ، ئەتىراپىمدىن ئېرىمنى ئىزلىدىم ، ئاپام قولىقىمغا پىچىرلاپ  ئايروپىلاندا كەلگۇچە  ئۇنىڭ  تۇيۇقسىز  جىددى خاراكتىرلىك  سوقۇر ئۈچەي  بۇلۇپ  ئوپېراتسىيە  قىلىنغانلىقىنى  باشقا  كېسەلخانىدا ئىكەنلىكىنى  ئېيتتى  ۋە  يىغلاپ  كەتتى . ئاشۇ  چاغدا يۈرىكىم ئاغرىغاندەك نېمىگىدۇر  بىر نەرسىگە تارتىشقاندەك  قىلدىم . مەسلىكىم  تېخى تۇلۇق  يېشىلىپ  بولالمىغاچقا   پۇت - قۇلۇمنى  مىدىرتالمايتتىم    ، بىراق ئىككى تامچە يېشىمنىڭ  كۆزلىرىمدىن  ئېقىپ  ياستۇقنى ھۆللىگەنلىكىنى ھېس قىلدىم . راستنى  ئېيتسام  ئۇنى شۇنداق كۆرگۈم  ، قۇچاقلىغۇم كەلدى . بۇنىڭ  مۇھەببەت ياكى  كونىلارنىڭ  گېپى  بويىچە  نىكاھنىڭ  ئىسسىقى .... ئىكەنلىكىنى ئايرىيالمىدىم  ، ئاستا - ئاستا  يەنە ئۇيقۇغا كەتتىم .

مەن ئوپېراتسىيە قىلىپ 3-كۈنى ئۇ  باشقىلارنىڭ  ياردىمىدە كېسەلخانامغا  كىرىپ كەلدى . ئۇنى  كۆرۇپ  قانچىلىك خوشال  بولغىنىمنى  دېمەيلا قوياي  بىراق ئۇنىڭغا خوشاللىقىمنى ، ھېسىياتىمنى  ئىپادىلەشكە ئادەتلەنمىگەن ئىدىم . ئۇ كىرگەندە دادام-ئاپاملار بار ئىدى ، ئۇلار ئۇنى  خۇددى 《خىزىر》كەلگەندەك  چوڭ بىلىپ  كۈتۈپ كېتىۋىدى ، يەنە بىردىنلا ئاچچىقىم كەلدى .مېنىڭ كېسىلىم  ئۇنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر  تۇرسا  مەن ئۇلارنىڭ ئۆز قىزى  تۇرسام ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ دېگەن ئەر كىشى تۇرسا كىچىكىنە سوقۇر ئۈچەي  ئوپېراتىسيىسىگە  بۇلار ئۇنى  شۇنچىۋلا ئاۋايلاپ  كەتتا  ! بايامقى  خوشاللىقىم  نەگىدۇر يوقالدى ، ئۇ كۆزلىرىنى  مەندىن ئۈزمەيتتى .ئاپام - دادامدىن خىجىل بۇلۇپ  ئۆزىنى ئاران  تۇتۇپ  ئولتۇرىۋاتقىنى ئېنىق ئىدى . قېرىشقاندەك  مېنى يوقلاپ كەلگەن  بىر قانچە تۇققانلىرىممۇ ئىشىكتىن  كىرىپلا ئۇنى  ئوپېراتسىيە قىلىنىپ 4 كۈن  بولمايلا   بۇ يەرگە چىقىپسىزغۇ ؟ بۇ قانداق بولغىنى ، ئۇنداق قاراملىق قىلماڭ دېيىشىپ  ئۇنىڭغا  كۆڭۈل  بۆلۈپلا كېتىشتى . ئۇلاردىنمۇ  ئىچىمدە خاپا بولدۇم  .خىيالىمدا ھەممىلا ئادەم  ماڭا كۆڭۈل بۆلۈشى  كېرەك  ئىدى . ئارىدىن  بىرەر ئايدەك  ئۆتۇپ  مەنمۇ دوختۇردىن  چىقىدىغان بولدۇم ، ئۇمۇ   بۇ ۋاقىتلارنى  كېچە- كۈندۈز مېنىڭ  يېنىمدا دېگۈدەك  ئۆتكۈزدى .بىردىنلا ئۇنىڭ  بىلەن ئىجىل  بۇلۇپ  قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم . بىراق يەنىلا  ئۆزۈمنى  《قېنى سۆيگىنىمگە بىر ئۆمۈر سادىق  بۇلۇپ ياشايمەن  دېگەن ئىرادەڭ ؟!سادىق  بۇلۇپ بولالماي جسمىڭنى بۇلغىدىڭ، تېخى  بالىمۇ  تۇغدۇڭ ، ئەمدى كېلىپ  ئۇنىڭ  بىلەن ئاپاق - چاپاق بۇلۇپ  يۈرسەڭ  مۇشۇ سېنىڭى  مۇھەببەتكە  سادىقلىقىڭما؟! "دەپ سوئال قوياتتىمدە  ، ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىپ جىمىپ كېتەتتىم .

بالنىستىن  چىقىدىغان  كۈنى  ماڭا بۆرىكىنى  ئالماشتۇرۇشقا بەرگەن  كىشنى سۈرۈشتۈردۈم . دوختۇر ئۇ  كىشىگە  پۇل  لازىمكەن  ، بۇ يەرلىك ئەمەس  كېلىپ  ئوپېراتسىيىنى  قىلىپ ساقايغاندىن  كېيىن پۇلنى ئېلىپ  كەتتى . سىز بىلەنمۇ كۆرىشىش نىيىتى  يوقكەن  دەپ تېزلا  گەپنى  تۈگەتتى  ۋە ئىش  بارلىقىنى ئېيىتىپ  چىقىپ  كەتتى ، ئۆيگە قايتتىم .يەنە3-2 ئاي دەم ئېلىشىم كېرەك ئىدى . بۇ جەرياندا  ئېرىمنىڭ  مېنى  بېقىشنى  ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايمەن . ئىشقا چۈشۈشۈمگە  بىر ھەپتە  قالغاندا  ئېرىم  گۇزەلنۇر  پاراڭلىشايلى  دېدى ،يېنىمغا كېلىپ  قوللىرىمنى ئالقىنىغا ئېلىپ :

-سىزنى قانچىلىك  ياخشى كۆردىغىنىمنى بىلىسىز ، ياخشى كۆرۇش  ئىگەللىۋېلىش ئەمەس . سىزگە مەن  سىزنى چوقۇم  ئۆزۈمنى  ياخشى كۆرگۈزەلەيمەن دېگەن  بىراق  مەن بۇنداق جاھىللىق  قىلسام  سىزنى  بەك  قىينىۋەتكۈدەكمەن .سىز دوختۇرخانىدىكى  ۋاقىتتتا دېيىشكىنىمىز بويىچە  ئاجرىشىشقا قوشۇلاي  ، بىراق  بۇ  دۇنيالىقتا  مېنىڭ پەقەت  سىز  بىرلا ئايالىم  بولىسىز  ، ئىككىنچى  بىر ئايال سىزنىڭ ئورنىڭىزنى  ئالالمايدۇ ، بۇ  سۆزۇمگە ئىشىنىڭ . 3 يىلدىن  بېرى مەن  ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن ھەممە ئىشلىرىڭىزغا  رەھمەت  ، مەن سىزنى مەڭگۈ  ياخشى كۆرىمەن  . ئۇ شۇنداق  دەپ بۇلۇپلا  يېنىمدىن  تۇرۇپ كەتتى .

سەن شۇنى ئارزۇ قىلاتتىڭمۇ  دېمەمسىز ؟ بىراق نېمىشقىدۇر  ئادەم تەسەۋۇرىدىكى  مەلۇم بىر نەرسىنى ئۇزۇن يىل  قوغلىشىپ ئاخىرى  شۇ نەرسىگە ئېرىشكەندە  ئۇ نەرسىنىڭ  ئۆزى ئويلىغاندەك  مۇھىم  ئەمەسلىكىنى  ھېس قىلىپ  قالغاندەك  بىر خىل ھېسىياتتا بۇلۇپ قالدىم .

ئەتىسى ئاپامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ« ئاپا ئاجرىشىپ كېتىدىغان  بولدۇم  ، ئۇمۇ قوشۇلدى» دېدىم  . خۇددى قەشقەرگە بېرىپ  كېلىدىغان بولدۇم  دېگەن  ئاددى  بىر گەپنى  قىلغاندەك  تەلەپپۇزدا  . ئاپام  داڭ قېتىپ  تۇرۇپ  قېلىپ  ئارقىدىنلا مۇمكىن ئەمەس ، ساڭا جېنىنىمۇ بىرەلەيدىغان  بالا  ئۇ  ، ھەرگىزمۇ سەندىن  ئاجراشمايدۇ ، سېنىڭ  نېمىنى ئويلاپ ئۇنىڭدىن  ئاجرىشىمەن  دەپ  تۇرۋالغىنىڭىنى زادىلا  چۈشۈنەلمىىدۈم .

-چۈشەنمەيدىغان نەرى بار ئاپا ! ئازراقمۇ  كۆڭلۈم يوق ئادەم بىلەن  بىر ئۆيدە ياشاش قانچىلىك ئېغىر بىلەمسەن ؟ يەنىمۇ  جىق  گەپلەرنى قىلماقچى  ئىدىم  توختاپ قالدىم .

-  سەن كىتابنى بەك ئوقۇپ  رومانتىك  بۇلۇپ كېتىپسەن ،كىتابلاردىكى تۇرمۇش  نەدە بار ؟ بىز  يا  سېنى بۇ توينى  قىلىسەن  دەپ زورلىمىساق  ئۆزەڭ بولىدىكەن  دېگەندە قىلدۇق  . ئەمدى  بىر بالىغا ئانا بولغاندا  كۆڭلۈم يوق  دەپ  تاينى يوق گەپنى قىلىپ ئاجرىشىپ كەتسەڭ  ئەلقۇتقا  ئۇۋال  ئەمەسما ؟ «يېنىڭدا كىم بولسا ، ماشايقىڭ شۇ  دەپتىكەن» ئېرىڭنىڭ  نەرى  يامان ، ئۇ ساڭا قىلغاننى كىم ساڭا قىلىپ بېرەلىدى ؟ يىراقتىكىنى ئويلاپ  ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلۈپ  بەرگىنىڭ  بىلەن  بېشىڭ ياستۇققا يەتسە  بىر چىنە  چاينى  كىم بەردى ؟ كىم  خېرىدارلىقىڭىنى  قىلىپ ، كىم  باقتى ؟ ئوبدانراق  ئويلاپ باقە ؟!  باشقىنى  ئويلىمىساڭمۇ  بالىنى ئويلا .

-ئاپا بالىنى  بۇ  قېتىمقى  ئوپېراتسىيىنى بانا قىلىپ  ھەر قانداق  بەدەل تۆلەپ بولسىمۇ  ئۆزۈم ئېلىۋالىمەن . خاتىرجەم بولە  !  ئىش قىلىپ  ئۇنى ياخشى كۆرمەيمەن  ، ئاجراشقىنىم  ئاجراشقان .

-بالام سەن  بەك يولسىز بۇلۇپ كېتىپسەن  ، نېمىنداق  ئۆزەڭنىلا ئويلايسەن سەن بالىنى ئېلىۋالساڭ ، ئۇنىڭغا قانچىلىك  ئەلەم  بولىدۇ  ئويلاپ باقتىڭمۇ ؟  ئۇ بالىنىڭ جاپاسىنى سەندىن بەكرەك  تارتتى ، ئۆزۈڭ  بىلىسەنغۇ ؟ بىردىنلا ئاچچىقىم كەلدى .

- ئاپا مەن سېنىڭ بالاڭمۇ ؟ ئۇ سېنىڭ بالاڭمۇ ؟ ھەجەپ  ئۇنىڭغا بۇلۇشۇپ  مېنى ئەيىپلەۋاتىسەنغۇ ؟ مەن يېرىم  جان بۇلۇپ قالدىم  ئەمدى  تۇغۇش ئىنكانىيتىىممۇ  يوق  ھەم  توي قىلىش نىيتىممۇ يوق ، شۇڭا  بالىنى چوقۇم  ئېلىۋالىمەن .

- سەن يېرىم جان بولساڭ  ئۇ بولماپتىما ئاپام  ئىتتىك  گېپىنى توختىتىۋېلىپ  باشقا  ياققا قارىۋالدى .

- كىچىكىنە  سوقۇر ئۈچەي ئوپېراتسىيىگە نېمانداق  قىلىپ كېتىسىلەر  ؟ سىلەر ئۇنى  ئۆز قىزىڭلاردىنمۇ  مۇھىم  بىلىپ  كەتتىڭلارمۇ ؟ مەن چىدىيالماي يىغلىۋەتتىم  . ئاپام  ، داداملار ئېرىمگە ھەقىقەتەن ئامراق ئىدى . بىر سەۋەبى  ئۇنىڭ  خارەكتېرىدىكى  ياخشىلىقلار بولسا  . يەنە بىر سەۋەبى  بىزنىڭ ئۆيدە  سىڭلىم  ئىككىمىزلا بولغاچقا ئۇنى  ئاپام - داداملار  ئوغلى  قاتارىدا  كۆرۇپ ئامراقلىق قىلاتتى . ئۇمۇ  ئاپام  - داداملارنىڭ بەك ھۆرمىتىنى قىلاتتى ، لېكىن  ھەر قانچە  ئامراق  بولسىمۇ  مەن دېگەن ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ قىزىدە ....

ئاخىرى  ئاپام يېنىمغا كېلىپ  ئولتۇرۇپ  سۆز باشلىدى .

-   بالام  ساڭا بۆرىكىنى بەرگەن كىشىنىڭ كىملىكىنى ئۇقتۇڭمۇ ؟

-   نېمە بۇنى سوراپ  قالدىڭ ؟دوختۇردىن سۈرۈشتۈرسەم باشقا  يۇرتتىن كەلگەن بىرەيلەن  سىز بىلەن كۆرۇشۈش نىيتى يوق ئىكەن  ، پۇلنى ئېلىپلا يۇرىغا قايتتى  دېدى ، دېدىم .

- ئەسلى بۇنى ساڭا دېمەيدىغانغا  ۋەدە  بەرگەن ئىدۇق . ئەمدى  دېمىسەم  سەن«ئاش بەرگەنگە مۇشت بېرىپ  قويغيدەكسەن»  ساڭا بۆرىكىنى  بەرگەن باشقا بىرى ئەمەس ، دەل سەن ئاجرىشىپ كېتىمەن دەپ قىيناۋاتقان ئادەم ، ئويلاپ  باققىن بالام  باشقىلار  ساڭا جىنىنىمۇ  ئايمىسۇن ، سەن بولساڭ  ئۇنى  ئاشۇنداق  ئازاپلا ، قىينا . سېنىڭ  خىيالىڭىدىكى مۇھەببەت  ، ياخشى كۆرۇش زادى  قانداق ؟ گۈللەرنى بەرسە ، خەت يازسا ،ياخشى كۆردۇم دەپ توختىماي  دەپ  تۇرسا  شۇ ياخشى  كۆرۈشما  ؟ئېرىڭ ساڭا قىلغاننى  ھېچكىم قىلىپ  بېرەلمەيدۇ . ئەمدى  قالغىنىنى ئۆزەك  ئويلا  .

مېڭەم  قۇپقۇرۇق  بۇلۇپ قالدى .نېمە قىلىشمنى ئۇقمايتتىم ، مەن ئۇنى  ھەرگىزمۇ  بۇنداق  قىلىدۇ  دەپ  ئويلىمىغان .

-   ئىشەنمەيمەن دېدىم ، مەن  سەن مېنى   ئاجراشمىسۇن  دەپ شۇنداق  دەۋاتىسەن  ھەرگىز ئىشەنمەيمەن . ئۇ ھەر قانچە  بولىسمۇ بۇنداق  ساراڭلىقىنى قىلمايدۇ .

- ئىشەنمىسەڭ دوختۇردىن سورا بالام ، سەندىن  باشقا ھەممە ئادەم  بىلىدۇ . ئۇ  ساڭا ئۇقتۇرمايلى ، بولمىسا  جاھىللىق قىلىپ ئۇنىماي  تۇرىۋالىدۇ دەپ  تۇرىۋالغاچقا  ھەممىمىز سەندىن  يوشۇردۇق .ئۆيدىن ئوقتەك  ئېتىلىپ  چىقتىم ،تاكسىدا كېتىپ  بارىمەن  ، ئىچىمدە  چوقۇم يالغان  ئاپام ماڭا يالغان  ئېيتىۋاتىدۇ دەپ  ئويلايتتىم .

تەلىيىمگە  مەسئۇل دوختۇر  نۆۋەتچى ئىكەن ، ئىشىكتىن  كىرىشمگە ئۇ مېنىڭ تاتىرىپ  كەتكەن چىرايىمنى  كۆزۈمدىكى  ياشنى  كۆرۇپ  بىردىنلا جىددىلىشىپ  كەتتى .

-نېمە بولدىڭىز ؟ بىرەر يېرىڭىز  ئاغرىدىمۇ ؟  دېدى  بىر ئستاكان  قايناقسۇنى  قولۇمغا تۇتقۇزۇپ  مەن  ئۇدۇللار :

دوختۇر راست گەپ قىلىڭە  ماڭا بۆرەك ئىئانە قىلغان كىم ؟ دېدىم .

دوختۇر — مەن ئۆتكەندە  سىزگە دېدىمغۇ  باشقا يۇرتتىن  ...

دوختۇرنىڭ گېپىنى  بۇلۈپلا .

- راست ئېيتىڭ دوختۇر سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي ، بۇ  مەن  ئۈچۈن  بەك مۇھىم ، مەن ئېرىم  بىلەن  ئاجىرىشىپ  كەتمەكچى ئىدىم ....

-دوختۇر گېپىمنى بۆلىۋېتىپ  نېمە دەيسىز ؟ نېمىشقا  ئەمدى ؟ ئىككى ئاينىڭ  ئالدىدا  شۇنچىۋلا نۇرغۇن  ئادەمنى تەسىرلەندۈرگەن قوشماقلار  ئىدىڭلار ئەمدى  كېلىپ  ئاجراشماقچى  بولغىنىڭلار نېمىسى ؟

-مەن دەرھاللا - نۇرغۇن ئادەمنى تەسىرلەندۈرۈپ دېدىڭىزما  نېمىشقا  ؟ دوختۇر بىردىنلا :

- مەن بىمارنىڭ  مەخپىيەتلىكىنى  ساقلاشقا  ۋەدە بەرگەن . بۇ بىزنىڭ  كەسپى  ئەخلاقىمىز  خاپا بولماڭ ، دېدى .

ئاپامنىڭ  دېگىنى راستكەندە ، راستىنلا ئېرىم  ماڭا بۆرىكىنى  ئىئانە قىلدىمۇ ؟

دوختۇر ماڭا بىردەم  قاراپ تۇرىۋەتكەندىن كېيىن :

-قىزىم  سىز  ھەقىقەتەن  بەك  بەختلىك  ئىكەنسىز  ، سىزنى شۇنچىلىك  ياخشى كۆرىدىغان  ئېرىڭىز باركەن ،  مەن  بىر ئايال ئۈچۈن  ئۈنچىلىك  بەدەل تۆلىگەن  ئەرنى كۆرۇپ باقمىغان  مەنلا ئەمەس ، نۇرغۇن بىمارلار ،دوختۇرلار ئېرىڭىزنىڭ ئىشىدىن  بەك تەسىرلەندى . ئېرىڭىز سىزنى  بەك جاھىل  ، ئۇقۇپلا قالسا  ئوپېراتسىيىنى  قىلغىلى  ئۇنىمايدۇ دەپ  تۇرىۋالغاچقا  سىزدىن يۇشۇردۇق . ئەسلى  بىر  باشقا  بۆرەك  ئىئانە قىلغۇچىلارنىڭكىنى ئىشلىتەيلى  دېگەن ئىدۇق .بىراق ئۇ ئالدى  بىلەن  مېنى تەكشۇرۈڭلار  ، ماس كەلسىلا  مېنىڭكىنى ئېلىڭلار  ، بىرەر ئەزايىمنىڭ  ئۇنىڭ  تېنىدە  بىر ئۆمۈر  تۇرىشى مەن ئۈچۈن  بەخت  بۇنى  چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن ، دېدى . ھەممىمىز ھەيران  قالدۇق ، تەسىرلەندۇق . ئۇنىڭ مۇھەببەتتىدىن بىز ئەمەس  ،خۇدامۇ  تەسىرلەنگەن ئوخشايدۇ . ئويلىمغان يەردىن ئىككىڭلارنىڭ  قېنىڭلار ئوخشاش چىقىپ قىلىپ  ، تەكشۈرۈش نەتىنجىسى ئالماشتۇرۇشقا  بولدىغان  چىقتى . شۇڭا  كوماندىروپكىغا بېرىش ، سوقۇر ئۈچەي  ئوپېراتسىيىسى كومىدىيسىنى ئوينىدۇق .

يىغلايتتىم ، ياشلىرىم يۈزلىرىمنى ،كۆينىكىمنىڭ ياقىلىرىنى ھۆللەيتتى  .«ساراڭ»دەيتتىم ئىچىمدە  بۇ سۆزنى  مەن پەقەت سۆيگىنىمگە  ئەركىلگەندىلا  ئىشلىتەتتىم  . 8-7    يىلدىن  بۇيان  پەقەتلا  ئىشلىتىپ باقمىغان  ئىدىم .بىردىنلا ئېرىمنى  ئاجايىپ  سېغىندىم  (ئەمەلىيەتتە ئۇنى  ئەتىگەنلا  كۆرگەن ئىدىم )  بۇ  سېغىنىش  ناھايىتى  ئۇزاق  زامانلار ھىجران  ئازابى  تارتىپ  سېغىنىش ھاياتىنىڭ  بىر قىسمىغا  ئايلىنىپ  كەتكەن  بىر ئاشقنىڭ سېغىنىشىغا  ئوخشاش  شۇنچىلىك  كۈچلۈك ، شۇنچىلىك  چاڭقاق  ،شۇنچىلىك تاتلىق  بىر سېغىنىش ئىدى . دوختۇرغا خوشمۇ  دېمەيلا قانداق  تېز كىرگەن بولسام شۇنداق تېز دوختۇرخانىدىن چىقتىم .

ئۆزەمنى كاچاتلىغۇم  كېلەتتى. مەن نېمىدېگەن دۆت  ،نېمىدېگەن  رەھىمسىز ، بىر ئادەم  مەن ئۈچۈن ئۈچ يىل ئۈن - تۈنسىز ئازاب چەكسۇن ، بەدەل تۆلىسۇن ، ئازابلانسام دوست، يىقىلسام يۆلەك بولسۇن ، ماڭا نېمە كېرەك بولسا   شۇنى  بەرسۇن  ھەتتا جېنىنىمۇ ...مەن بولسام مەن ئۈچۈن تاتلىق ئەسلىمە ئاچچىق ھىجران  ئازابىدىن باشقا  ھېچنېمە  بېرەلمەيدىغان  خىيالىمدىكى  سۆيگۈنۈمگە سادىق بولىمەن  دەپ ئۇنى  ھارغۇچە  قىيناي .  6يىلدىن  بېرى  مەن ئۇنى  ياخشى كۆرۇپ  ئازابتىن  باشقا نېمىگە ئېرىشتىم، ئېرىمنى  بولسا  مېنى  ياخشى كۆرگىنى ئۈچۈنلا  مۇشۇنچىلىك قىيناشقا ھەققىم بارمىدى . مەن  نېمىدېگەن شەخسىيەتچى ، ھەتتا  ئۇنىڭدىن  بالىنمۇ  تارتىۋېلىپ  ئاجىرىشىپ كەتمەكچى بولغانلىرىمچۇ ؟!

ئۆيۇمگە قانداق كەلگىنىمنى  بىلمەيمەن  ،ئىشكتىن  كىرىپلا  ئۇنى قۇچاقلىۋالدىم «ساراڭ، ئەخمەق» دەيتتىم پىچىرلاپ : نېمە قىلغىنىڭىز ؟ نېمىشقا شۇنداق  قىلدىڭىز  ، مەن ئەرزىمتىم ؟

ئۇ دەسلەپتە  نېمە بولغىنىنى ئاڭقىرالماي  تېڭىرقاپ  تۇرۇپ قالدى ، كېيىن  بىردىنلا  چۈشەندىدە  مېنى تېخىمۇ  چىڭ قۇچاقلىدى .

- سىز ئەرزىيسىز . مەن بىر ئەر ئايالىغا  قىلىپ بېرىشكە تېگىشلىك  ئىشنى قىلدىم ، سىز ئۇنىڭدىنمۇ  چوڭ ئىشلارنى قىلىپ  بېرىشكە ئەرزىيسىز .چۈنكى  سىز مەن سۆيگەن  ئايال  ئوغلۇمنىڭ ئانىسى  ، مەن سىزنى  مەڭگۈ قەدىرلەيمەن  ،ياخشى كۆرىمەن دەپ قەسەم ئىچكەن  ئاشۇ كۈن يادىڭىزدا بارمۇ ؟....

خىجىل بۇلۇپ  يۈزۈمنى ئۇنىڭ مۈرىلىرىگە يوشۇردۇم  . بۇ قىلىقىمدىن  ئۇ بەكلا سۆيۈندى  بولغاي  يۈزلىرىمنى  ئالقانلىرى  ئارىسىغا ئېلىپ  كۆزۈمگە قارىدى .

-بىراق بۇ ئىشنى سىزنى  مىننەتدار بۇلۇپ  مەندىن  ئايرىلمىسۇن  دەپ  قىلمىدىم ، ئايرىلىپ  كەتسەكمۇ  مېنىڭ  بەدىنىمنىڭ بىر پارچىسى   مەڭگۈ  ئۇنىڭغا  ھەمراھ  بولسۇن  دەپ قىلىدىم  ، خاتا چۈشەنمەڭ  بولامدۇ ؟

ئۇنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ  لەۋلىرىگە ئۇراق  سۆيدۇم  ۋە :

«ئەمدى  مەندىن  مەڭگۈ ئايرىلىپ كېتەلمەيسىز ، چۈنكى  مەن سىزنى ياخشى كۆرۇپ قالدىم»، دېدىم  ئۇ بىردىنلا  مېنى كۆتىرىپ  كارۋاتقا  ئالدى ، دەرىزىگە قارىدىم. توۋا  ئۇ ئۆزى  تۈجۈپلەپ پەرۋىش قىلىۋاتقان  ئەتىر گۈلدىن  ئىككى  تال  ئېچىلىپتۇ . شۇنداق  قىلىپ  28  ياشلىق ئايال تەشتەكتە ئېچىلىپ  تۇرغان  بىر جۇپ  ئەتىر گۈلنى گۇۋاھ  قىلىپ  ئېرىگە  روھىنى ،جسمىنى بارلىقىنى بەردى . بۇ قېتىم  ئەتىر گۈل  يىغلىۋەتمىدى ...



ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتىللاسى يىغىش سەۋەبى
گۈلخان1 + 20 --------ياخشى چىققان ئەسە.

ھەممە باھا نومۇرى : تىللاسى + 20   باھا خاتىرىسى

www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1599
تۆھپە : 81
توردا: 553
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-9

تۆھپىكار ئەزا تۆھپىكار مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 12:29:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەن ئۆزۈمگە ئىشىنىپ ياشاۋاتىمەن ...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1108
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 384
تۆھپە : 0
توردا: 47
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 01:35:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم. ..

كىتاب ئوقۇمىغان مىللەت گۇمرانلىقتا قالىدۇ...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1540
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 142
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-1

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 17:11:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەر ياخشى ئىكەن بىراق خاتا خەت بەك كۆپ ئىكەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  431
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 537
تۆھپە : 0
توردا: 73
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 21:29:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل ئەسەركەن ئامانگۇل خانىمنىڭ قولىغا دەرىت  كەلمىسۇن !

ئەيبۇكا مۇشۇنداق نادىر تېمىلارنى پات-پات يوللاپ تۇرىڭە چۆلدە يۈرۈپ كورەلمىگەن ئەسەرلەرنى مۇنبەردە كۆرەيلى ..

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  39
يازما سانى: 510
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 944
تۆھپە : 7
توردا: 108
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-9

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 00:26:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامانگۈلنىڭ ئىجادىيەت مۇساپىسى تېخىمۇ نۇرلۇق بولسۇن .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1720
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 307
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-31

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-3 18:48:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنى كىروران ژورنىلىدا نەشىر قىلىنغان ۋاقىتتىلا ئوقۇغان ئىدىم . لىكىن ئۇ چاغدا ۋەقەلىكى بۇنداق ئەمەستەك تۇراتتى . ئۇ ئايال قاتتىق زوكام بولۇپ كەتكەن ۋاقىتتا ئېرى قار شىۋىرغانلىق بىر كېچىدە ئۇ ئايالغا دورا ئەكىلىپ بىرەمدۇ ئەيتاۋۇر شۇندىقىراق بىر ۋەقەلىك ئېسىمدە قاپتىكەن . ( ياكى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەچكە ئېسمدىن چىقىپ قالدىمۇ )

بۇ قېتىم بۇ ئەسەر ماڭا نىسپەتەن يېڭىلىق تۇيۇلدى . مۇنداقچە ئېيتقاندا تېخىمۇ تەسىرلىك تۇيۇلدى .
  ئامانگۈل ئېزىزنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ، ئىجادىيەت سەپىرىگە تېخىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن !

گۆزەللىك ئىزدىمە ، ئۇ-سەندە !

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1153
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 317
تۆھپە : 0
توردا: 35
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 18:14:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاياتتىكى، بىز ئىرىشكەن ئەمما ھېس قىلمىغان مۇھەببەتنى قانداق قەدىر لەشنى بىز گە يۇرۇتۇپ بەرگىنىڭىز گە رەھمەت.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2249
يازما سانى: 273
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 714
تۆھپە : 2
توردا: 57
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 10:33:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن كىشىنى سۆيۈندۈرىدىكەن ئەمەسمۇ؟سەپداش ئامانگۈلنىڭ ئىجدىيەت ئىشلىرىغا مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن،ئۇستاز ئەيبۇنىڭ ئەجىر-مېھنىتىگىمۇ تەشەككۈر!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2319
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 128
تۆھپە : 0
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 13:49:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقلار كۆكتە ئۇچۇپ،سۇدا ئۈزۇپ ،كەتتى يىراق،
مەن مىسال يالاڭ ئاياغ ،دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن.

چۇشلىرىمدە گۇزەل ئارمانلار،
رىئاللقتا شوخ ئقىن ياسار.
قەلىبكە تولغان ھالرەڭ ئسكەنجە،
ئۆز ئوقىدا مۇڭلىنى

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2399
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 182
تۆھپە : 0
توردا: 26
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 11:57:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئىستىقباللىق  يازغۇچى ئامانگۇل ئەزىز نىڭ ھەر بىر ئەسىرىنى ئوقۇغۇنۇمدا قەشقەر سىفەن جۇەنكى ( ھازىرقى قەشقەر سىفەن شۆيۇەن) نىڭ تىل- ئەدەبىيات 67-يىللىق سىنىپىدا  63- يىلدىن 68-يىلغىچە 5 يىل بىرگە ئوقۇغان ،ئوقۇش پۇتتۇرۇپ خىزمەت تەخسىماتى بۇيىچە بايىنغۇلىن ئوبلاستىغا  كىلىپ ئىشلىگەن ، لىكىن كۆپ ئىزدىشەلمىگەن مەرھۇم ساۋاقدىشىم ئەزىز ئابدۇرېھىمنى ياد ئىتىمەن ،ئەسلەيمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2252
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 587
تۆھپە : 0
توردا: 102
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-9

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 15:16:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتاقتا جىمجىت ئولتۇرۇپ ئالتە قىز بىللە ئاڭلاپ بەك تەسىرلەندۇق.ئامانگۈل ھەدىمىزنىڭ قولىغا دەرت كەلمىسۇن!!! ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغان ئاكىمىزنىڭ ئىشلىرى بەرىكەت تاپسۇن!

ئىنساپ قىلساڭ كېلۇر قەنىت -گېزەك ،
نائىنساپتىن قاچۇر توڭ تېزەك.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1489
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 43
تۆھپە : 0
توردا: 5
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 22:44:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى ئەسەركەن، مەزمۇنىمۇ بەك تەسىرلىك ئىكەن. بەكمۇ ياقتۇردۇم. ئەسەردىكى ۋەقەلىكنىڭ ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرىشىدا سەل خاتالىق باردەك ھىس قىلدىم.تۇغۇت ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشقا چۇشكەندىن كىيىن بىر يىللىق توي خاتىرە بولغانلىقى يېزىلىپتۇ. مىنىڭچە توي خاتىرە كۈنى ئىزشقا چۈشۈشتىن بۇرۇن بولىشى كېرەك. چۈنكى ، توي قىلغان ئايدىن باشلاپ ھىسابلىغاندىمۇ بالىنىڭ تۇغۇلىشىغا ئون ئاي كىتىدۇ، ئاز دىگەندە بوۋاق ئۈچ ئايلىق بولغاندا ئاندىن دەم ئېلىش ۋاقتى توشۇپ ئىشقا چۈشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا توي خاتىرە كۈنى ئۆتۈپ كىتەمدۇ قانداق .

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  649
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1559
تۆھپە : 0
توردا: 237
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-15

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 11:58:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامانگۈلنىڭ ئىجادىيىتىگە زور ئۇتۇقلار تىلەيمەن .

مۇھەممەت توختى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش