كۆز يېشىڭنى سۈرتۈۋەت جېنىم
(پەرىزات)
ياش تۆكۈشۈڭ سەۋەبى نېمە؟
ھەسرەتمۇ يا يارنى سېغىنىش .
بىلىۋالدىم سېنى يىغلاتقان ،
ئۇ ئىھتىمال شۇنداق ئايرىلىش.
سۈكۈتلىرىڭ ئەزدى دىلىمنى ،
يۈرەكلىرىم بولدى كۆپ يارا .
ئامان بولغىن، ئۇزاتتىم سېنى ،
ياشاپ ئۆتكىن بەختلەر ئارا .
ۋەدە بەرمە ماڭا قايتىلاپ ،
ئەسلى ئىككى دۇنيا ئىككىمىز.
كۆز يېشىڭنى سۈرتىۋەت جېنىم،
قوشۇلمىغان چېغى رىسقىمىز .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرىزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-1 22:15