كۆيۈۋاتقان قار
پەرىزات
قارلىق كېچە، بۇلۇتلۇق ئاسمان،
سۆزلەپ ئۆتتى نىگار سۆزۈڭنى .
كۆرۈنمەكتە ھەممە مەۋجۇدات ،
ئېپكەتكەندەك مەندىن ئۆزۈڭنى.
قارلاركۆيدى ، بۇلۇتمۇ كۆيدى ،
ئاشىق يۈرەك ئوتى تەپتىدىن .
سەن ئەسلىدە شۇنداق گۈلمىدىڭ؟
ئاچچىق ئەلەم بېرىپ ئەپتىڭدىن.
توختاپ قالغىن كۆيمىگىن قارلار ،
كۆيۈش پەقەت ئاشىققا تالىق .
مەشۇق تاشلاپ كەتسىمۇ بىراق،
كارقالمايدۇ يارغا جۇدالىق .
گۈلسىز قالغان تەشتەككە قاراپ ،
ئەسكە ئالدىم گۈل تىككەن چاغنى.
ئېيىتقىن جېنىم ئۇنتۇش ئاسانمۇ ؟
بىز ئايلانغان شۇ گۈزەل باغنى .
شۇڭا دەيمەن، كۆيمىگىن قارلار،
كۆيۈش پەقەت مەن بىلەن كەتسۇن.
دەرىت كەلمىسۇن نىگارغا زىنھار ،
بۇ تەنھالىق باغرىن ئەزمىسۇن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرىزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-1 22:18