كۆرۈش: 239|ئىنكاس: 0

يۈسۈجان بارات جەۋھىرى-كاككۇك گۈلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2330
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 23:23:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

(14-نۆۋەتلىك  ‹‹ خانتەڭرى   ئەدەبىيات  مۇكاپاتى››غا ئىرىشكەن  ئەسەر)

قەشقەر ژۇرنىلىنىڭ 2005-يىلى  1-سانىدا ئىلان  قىلىنغان

كاككۇك گۈلى

(باللادا)

يۈسۈپجان بارات  جەۋھىرى

مەپتۇن بولۇپ كاككۇك گۈلىگە،

يۈرەكلەردە يالقۇنجايدۇ ئوت.

گۈل دۇنياسى ئىچرە يۈرگەندەك،

تەبەسسۇمدا  شادلاندى ۋۇجۇت.

جۇلالىنار  ئانا  تۇپراقتا،

كاككۇك گۈلى ئەيلەپ دىلنى جەم.

دولقۇنلاندى قىزنىڭ كۆكسىدەك،

بەرگىدىكى كۈمۈشرەڭ  شەبنەم.

نازاكەتلىك كاككۇك گۈللىرى،

باغاشلاپتۇ زىمىننى  قەۋەت.

بۇژغۇنلىتىپ دىللاردا سۆيگۈ،

گۈلخانلارنى ئۆرلەتتى رەت-رەت.

ھىدلاپ كەتتىم كاككۇك گۈلىنى،

رىشتىم ئاڭا چېتىلغاچ مەھكەم.

خىياللىرىم كۆكتە پەر قاقتى،

تاشقىنلىتىپ مىھرىمنى بۇدەم.

باھار سۆيگەن كاككۇك گۈللىرى،

كەڭ دالادا قىلار تەبەسسۇم.

چېكىپ دىلغا سۆيگۈ كەشتىسى،

كۆرىنىدۇ شۇ قەدەر مەسۇم.

............

غۇۋا چۈشتەك ئۆتتى يادلىنىپ،

بوۋام ئېيتىپ بەرگەن رىۋايەت.

كاكككۇك گۈلى -كاككۇككەن ئەسلى،

زەينەپ قىزنىڭ شەيداسى ئەبەت.

يارالمىش شۇ زاماندىن باشلاپ،

كاككۇك –زەينەپ دىلىدا ئىشىق.

ھارارەتلەر بالقىپ جىسمىدىن ،

بىر-بىرىگە بولۇپتۇ ئاشىق.

كاككۇك –زەينەپ لەۋلىرىدىن بال-

تۆكۈلەركەن ئېچىلغاندا گۈل.

بەزمىسىدىن مەس بولۇپ جاھان،

تاڭ قالاركەن ھەتتاكى بۇلبۇل.

شەبنەم سۆيگەن چىمەن باغلارغا،

تارالغاندا قۇشلار  ئاۋازى.

قالدۇرۇپتۇ بارچىنى ھەيران،

ئاشىقلارنىڭ تەبەسسۇم –نازى.

كاككۇك- زەينەپ ۋىسال پەسلىدە،

پىنھانلاردا سىلكىگەندە پەر.

سۆيگۈلىرى ياساركەن ئېقىن،

ئۇپۇق ئانا تۇغقانغا قەدەر.

كۆكتىن چۈشۈپ سەيلە قىلغاندەك،

لەيلىسىنى ئاشىقى –مەجنۇن.

شوخ كۈيلىرى كاككۇك- زەينەپنىڭ،

يۈرەكەرنى ئەيلەيدۇ –مەپتۇن.

ئىككى ئاشىق پىنھاندا خۇشال،

يۈرگۈنىدە چىقىپتۇ بوران.

زەينەپ قىزنى ئۇچۇرۇپ كىتىپ،

يىقىتىپتۇ كاككۇكنى شۇئان.

قانداق قىسمەت كاككۇكقا كەلگەن،

يا شەيتاننىڭ كۆزى تەگدىمۇ؟

نىمجان قىلىپ سۆيگۈنى تەقدىر،

شۇم بوراننىڭ ئۆزى تەگدىمۇ؟

چاڭگال سىلىپ  كاككۇكغا ئەنە،

كوھىقاپتىن چىققان شۇم قۇيۇن.

ئايرىلغىنى ئىككى ئاشىقنىڭ،

تەقدىرمىدۇ ۋە ياكى ئويۇن؟

ئېزىلىپتۇ كاككۇكنىڭ  باغرى،

يۈرۈكىنى بېسىپ جۇدالىق.

ھايات سىرلىق كەچمىش ئاجايىپ،

سۆيگۈ بۇندا كىملەرگە تالىق؟

ئاچچىق-ئاچچىق ھىجراندا ئۇنىڭ،

بوپتۇ باغرى لەختە-لەختە قان.

بولمىغاچقا كاككۇكتىن دېرەك،

قالماپتۇ ئۇ،  كەزمىگەن جاھان.

ياش تۆكۈپتۇ ھىجران چۆلىدە،

ئاشىقىنىڭ دەردىدە زەينەپ.

ئاھ ئۇرۇپتۇ ،چېكىپتۇ پەرياد،

تاپالماستىن كاككۇكنى ئىزدەپ.

ياقا يىرتىپ  بولۇپتۇ بىھۇش،

تەنھالىقتا يۈدۈپ ھىجراننى.

پىراق چېكىپ سەھەر-كەچلەردە،

ئايلىنىپتۇ باغنى –بوستاننى.

تۈن نىسپىدە  تۇپراققا بوران،

تاشلىغانكەن كاككۇكنى كۆمۈپ.

ياش تۆكۈپتۇ كاككۇكقا بۇدەم،

يۇلتۇزلارمۇ قايغۇغا چۆمۈپ .

توختىمىغاچ بوران ھەيۋىسى،

ئۇچراتماپتۇ كاككۇكنى ھېچكىم.

كۆز يۇمۇپتۇ كاككۇك ۋاقىتسىز،

تەقدىرىمۇ  شۇنداقتۇر بەلكىم.

بارچە قۇشلار قىلىپ كۆز يېشى،

ئۇۋىسىدىن كىتىپتۇ ئېزىپ.

زەينەپ قىزمۇ بولۇپتۇ بىھۇش،

نالىسىدىن دىللارنى ئېزىپ.

بولمىغاچقا كاككۇكتىن خەۋەر ،

زەينەپ يىغلاپ قىپتۇ كۆز يېشى.

ئاڭلىناركەن شۇڭا باغلاردىن،

‹‹كاككۇك...›› دىگەن نالە قىلىشى.

گۈلباغلارمۇ سۈكۈت ئېچىدە،

بىرەلمەپتۇ ھىجرانغا بەرداش.

ساما قىزى  ئۇپۇقتا يىغلاپ،

يامغۇر كەبى تۆكۈپتۇ كۆز ياش.

زەينەپ بۇندا ‹‹كاككۇك...››دەپ توۋلاپ،

پەيلىرىنى تاشلاپتۇ يۇلۇپ.

چۆلنى كېزىپ بولۇپتۇ سەرسان،

يۈرىكىگە قان-زەرداپ تولۇپ.

يېرىلىپتۇ باغرى تۇپراقنىڭ،

ئاڭا ئېغىر ماتەمدار بولۇپ.

ئۈنۈپتۇ ھەم ئانا تۇپراقتىن،

‹‹كاككۇك›› روھى كاككۇك گۈل بولۇپ.

كاككۇك گۈلى ئېچىپتۇ جامال،

تاڭ قوينىدىن  تۆكۈلگەندە نۇر.

شۇندىن باشلاپ ئانا تۇپراقتا،

يىلتىز تارتىپ ئۆسۈپتۇ چوڭقۇر.

..........

توختىماسكەن زەينەپمۇ شۇڭا،

ياقا يىرتىپ ‹‹كاككۇك ...››دەپ سايراپ.

ئېچىلاركەن كاككۇك گۈلىمۇ،

زەينەپ قىزنى باغرىغا  چىللاپ.

كاككۇك گۈلى تۇپراقتا ئۆسۈپ،

ئېچىلاركەن جۇلالىق كۆركەم.

توزىماسكەن  بەرگىمۇ  ھەتتا،

يوقاتماستىن  رەڭگىنىمۇ ھەم.

چىمەنلەرگە تاشلاپتۇ نىگاھ،

كاككۇك گۈلى، گۈللەرنىڭ شاھى.

ئاشىقلارغا بىرىپ  تەسەللىي،

زەينەپ قىزنىڭ بوپتۇ ھەمراھى.

جېلۋىسىدە  مىڭ قوياش ئەكسى،

كاككۇك گۈلى ياپراقلىرىدا.

سىن ئالاركەن ئاشىقلىق  مېھرى،

زەينەپ قىزنىڭ تۆككەن يېشىدا.

...........

كەچمىشلەردىن  ئاڭلىدۇق  ئەنە ،

كاككۇك گۈلى  رىۋايىتىنى .

كاككۇك گۈلى- كاككۇك روھى بوپ،

تولدۇرۇپتۇ تارىخ بېتىنى.


www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش