كۆرۈش: 224|ئىنكاس: 1

غەزەللەر:ئەكرەم ئابدۇمىجىت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 703
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2885
تۆھپە : 236
توردا: 1531
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-26

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 23:18:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزەللەر

ئەكرەم ئابدۇمىجىت

1

كەچۇر دىلبەر، بۇ گۈلشەننىڭ يۈزىگە خال چېكەر بولدۇم،

ئېلىپ  بىر  دەستە  سۈبھىدىن، ئۇپۇقلارنى  كېزەر  بولدۇم.

مېنى ئاچ قالدى دەپ  ئويلاپ  ئېتىپ  سالما  كېيىكلەرنى،

ئۈزۈپ قىزغۇچ يوپۇرماقتىن ئۆمۈرلۈك  ئاش  ئېتەر  بولدۇم.

تىڭىرقاش  ئەسلى  ھاجەتسىز  ھامانەم   كەيپى  ئىنسانغا،

شۇڭا بىر قەترە كەۋسەر دەپ ئۇلۇغ ئوكيان كېچەر بولدۇم.

مالامەت   يەتسە   باشىمگە   ساڭا   قىلغان   ئەقىدەمدىن،

جۇدالىق  مەۋسۈمى  ئىچرە  ئۆزۈم   كېپەن  تىكەر  بولدۇم.

جۇلا   قىلغان  بەرىگلەردەك   كۈلۈپ  چىققاندا  ئارمانىم،

ھامان  ئەجرى  سۈيۈم  بىرلە  بېغىمنى  كۆكلىتەر  بولدۇم.

2

كۆزۈمدىن قاچتى جۈپ يۈلتۇز، كۆزۈڭگە بىر قاراپ دىلبەر،

ۋۇجۇت مۈلكىمنى كۈل قىلدىڭ لېۋىڭدە ئوت قالاپ دىلبەر.

ئۆزۈم گۈلچى ئىدىم ئەپسۇس، تۈمەن گۈللەرنى رام قىلغان.

ئەجەپ ئالماشتۇرۇپ قويدۇم سېنى بىر گۈل ساناپ دىلبەر.

غېرىپ خانەمدىكى ئۇيقۇ، تېڭىرقاش  ئىلكىدە  سەرسان،

ئالالماي  مەن  كەبى  سەۋدا  يىگىتتىن  بىر  جاۋاپ  دىلبەر.

ئەجەل  يەتكەچكە بۇ  دەمدە  بېغەملىكلەر  كېپەنلەندى،

گويا   دەرياچە   بىر   سۆيگۈ   تومۇرلارغا   تاراپ   دىلبەر.

قەلەم قەسرىگە باش قويسام قەلەم  ياش تۆكتى ھەسرەتتىن،

ۋە  يا  ئۆتكەيمۇ  بۇ  ئۆمرۈم  قىلىپ  شۇنداق  تاۋاپ  دىلبەر.

3

جۇدالىق مىسلى بىر قولۋاق، جۇدا بولغان پالاقلاردىن،

ۋىسال ئىزھارى بىر ناخشا، كېلۇر چەكسىز يىراقلاردىن.

جۇدالىق كەيپى ئىنساننى قۇرۇق قاقشالغا يىغلاتسا،

ۋىسال ئىزھارى مەست قىلغاي ھامان ئىللىق پۇراقلاردىن.

جۇدالىق ئۇرسا بىر خەنجەر ئاشۇ چۈشكىن رەقەملەرگە،

ۋىسال ئىزھارى كۈي ئىزلەر، غەزەل ئېيىتقان بۇلاقلاردىن.

جۇدالىق تۈننى قوغلاشقا يۇلۇپ چىقسا قۇياشلارنى،

ۋىسال ئىزھارى كۆپ رەنجىپ تۇرار نۇرلۇق چىراقلاردىن.

جۇدالىق چۈشنى يەڭگۈشلەپ كېلەر بولسا چېچەكلەرگە،

ۋىسال ئىزھارى بىر چۈشنى ئۈزۈپ ئالغاي شىۋاقلاردىن.

4

يۈرۈرمەن ناتىۋان قەلبىم قېتىدىن بىر غەزەل ئىزلەپ،

ئۇپۇقنىڭ باغرىدا كۈلگەن چېكىتتەك بىر گۈزەل ئىزلەپ.

ئەقىلدىن ئالجىغان ئارزۇ ئۈچۈن ئوڭكۈر ماكان بوپتۇ،

ئۇنى ئۇچراتقىنىم ئەپسۇس، كېلىپ سۈبھى مەھەل ئىزلەپ.

مىنىپ دەرياغا توختاۋسىز، يېزىپ ئىسمىمنى تاڭلارغا،

ئېرىشتىن بىر ئوچۇم كۈيگە ھامان لەيلى- لەھەل ئىزلەپ.

تاپالماي ئۆز ئۆزۈمنى مەن قىيا تەكتىدە قان تۆكسەم،

پىغان لەشكەرلىرىم شۇ دەم كېلۇر تەندىن بەدەل ئىزلەپ.

ھامان  مىسرالىرىم بىر بىر ئورۇن ئالغاي دائىرەمدىن،

يېتىم جىسمىمنى يەم قىلماق ئۈچۈن كەلسە ئەجەل ئىزلەپ.

5

ئىلاھتىن ئىلتىپات كۈتسەم ئىلاھ ئاق يەرنى كۆرسەتتى،

زىمىنغا بىر سالام بەرسەم زىمىن شەلپەرنى كۆرسەتتى.

قىزىللىق قاپلىغاچ كۆزنى بوسۇقتىن رەنجىدىن ھەردەم،

يېنىمدا ئايلىنىپ شەيتان ھامان مۇنبەرنى كۆرسەتتى.

بوياپ قەغەزنى مىڭلارچە كىيىپ چىقسام چىرايلىق تون،

بۇراپ باشىمنى بىر دانىش ماڭا كەپتەرنى كۆرسەتتى.

مېڭىپ يۈرگەچكە ئەللىك يىل يولۇمدىن ئىزلىسەم ئاتلاس،

قەسەمگە لىق تولۇپ كەتكەن قېلىن دەپتەرنى كۆرسەتتى.

دۇئاغا قول كۆتەرگەندە بولۇپ دەرۋىش مازارلاردا،

كېلىپ ئالدىمغا ئابىدە سۇنۇق خەتلەرنى كۆرسەتتى.

6

خۇدا شەيتاننى بىر مەرتەم مېنىڭچۈن مەست قىلىپ بەرگىن،

بېسىپ كۆكسىگە بىر تامغا ئەبەت يۈتمەس قىلىپ بەرگىن.

بېھىشنى  پاتپاراق  قىلغاچ  ئۇنى   تۇپراققا   قوغلاپسەن،

   چۈشۈمنى بۇزدى ھەر كۈن كەچ، ئىشىك چەكمەس قىلىپ بەرگىن.

تىنىقتا تۇغدۇرۇپ نەيرەڭ ئەجەپ تىترەتتى روھىمنى،

ئۇنىڭ نەيرەڭلىرىنى ھەم ماڭا ئۆتمەس قىلىپ بەرگىن.

مىنىپ ماڭغاندا  تۇلپارغا چىقار، دەيدۇ، تۇياقلاردىن،

ئەگەر راست بولسا بۇ تەسۋىر، كۆزى كۆرمەس قىلىپ بەرگىن.

ئۇنى ئوتتىن يارالغان دەپ زەھەر كۆمدۈم قوقاسلارغا،

جىمى شەيتاننى جەم ئەيلەپ شۇئان ئوت- خەس قىلىپ بەرگىن.

(1995-يىلى بىيجىڭدا  ئۆتكۈزۈلگەن 5- قېتىملىق«خانتەڭرى ئەدەبىياتى مۇكاپاتى» دا رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن)


idraksoft

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1238
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3139
تۆھپە : 1
توردا: 561
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-20

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 19:10:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يۇقۇرقى« غەزەللەر  » ئاز كەم يىگىرمە يىل بۇرۇن يېزىلغان بولسىمۇ يەنىلا يېڭى تۇيىلىدىكەن.بۇنىڭدىكى سىر چىن ۋە چوڭقۇر تۇيغۇلارنىڭ تەبىئىي يورۇتۇپ بېرىلگەنلىكىدە،مىسرالارنىڭ جانلاندۇرۇلغانلىقىدا بولسا كېرەك.مەزمۇن كەڭ،قاتلىمى كۆپ قىرلىق،تىل پاساھەتلىك بوپتۇ.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش