جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1351 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 78|ئىنكاس: 1

شىنجاڭدىكى ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپنىڭ شەكىللىنىشى... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 1117
تۆھپە : 11
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 22:19:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   

    شىنجاڭدا ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئالاھىدىلىكى

                                             چىمەنگۈل سەمەت

(شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى تارىخ فاكۇلتېتى  2009-يىللىق شىنجاڭ مىللەتلەر تارىخى كەسپىنىڭ ماگىستىرانتى)

摘 要] 抗日战争全面爆发后,中国共产党考虑新疆的重要战略地位,与盛世才建立了抗日民族统一战线关系。当时新疆的重要战略地位和复杂的内外环境使在新疆建立的抗日民族统一战线比全国性的统一战线具有了特殊的特点。本文中主要谈论新疆抗日民族统一战线的建立及其特点。
                                                             关键词] 抗日战争;新疆;民族统一战线

   1937-يىلىدىن 1942-يىلىغىچە  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ دۇبەنى شېڭ شىسەي بىلەن شىنجاڭدا ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپ قۇردى. شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالى قىسمىغا جايلاشقان، سوتسىيالىستىك دۆلەت سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن قوشنا بولغانلىقتىن، شىنجاڭنىڭ ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىكسىپىنىڭ قۇرۇلۇشى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپنىڭ قۇرۇلۇشىغا قارىغاندا ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇپ، شىنجاڭدا شېڭ شىسەي بىلەن شەكىللەنگەن مىللىي بىرلىكسەپ مۇناسىۋىتى ئەڭ بۇرۇن سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن شېڭ شىسەي ئوتتۇرىسىدا شەكىللەنگەنىدى. شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكسەپ مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شېڭ شىسەي بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئوتتۇرىدا ۋاسىتىچىلىك رول ئوينىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن شېڭ شىسەي ئوتتۇرىسىدا ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپ مۇناسىۋىتى شەكىللەندى.
1. شىنجاڭدا ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپنىڭ شەكىللىنىشى
1933-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۆلكە مەركىزى دىخۇا (ئۈرۈمچى)دا جىن شۇرېنغا قارشى سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ جىن شۇرېن ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا شېڭ شىسەي چېگرا دوبەنى بولۇپ سايلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ھەربىي، مەمۇرىي چوڭ ھوقۇقىنى قولىغا كىرگۈزۈۋالدى، لېكىن شېڭ شېسەي ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان دەسلەپكى مەزگىلدە ئۇنىڭ تەسىر دائىرىسى كىچىك، ھاكىمىيىتى مۇستەھكەم ئەمەس بولۇپ، پەقەت ئۈرۈمچى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قانچە ناھىيەنىلا ئىدارە قىلالايتتى. شەرقىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسمىنى ماجۇڭيىڭ كونترول قىلىۋالغان بولۇپ، كېيىنچىرەك ماجۇڭيىڭنىڭ تەسىر كۈچى جەنۇبىي شىنجاڭغا قەدەر كېڭەيگەنىدى. ئىلى رايونىنى جاڭ پېييۈەن كونترول قىلىۋالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەزگىلدە ئەنگلىيە، ياپونىيە، گېرمانىيە قاتارلىق جاھانگىر دۆلەتلەر بولۇپمۇ ئەنگلىيە جاھانگىرلىكى شىنجاڭغا بولغان ئاغدۇرمىچىلىق ھەرىكىتىنى ئۈزۈكسىز كۈچەيتىۋاتاتتى. شىنجاڭنىڭ يەرلىك ۋاڭگۇڭلىرىمۇ شېڭ شېسەينى ھىمايە قىلمايتتى. جىن شۇرېن ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە كۆتۈرۈلگەن خەلقنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش كەيپىياتى ۋە كۈرىشىمۇ پەسەيمىگەن، مالىيە–ئىقتىساد جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلار تېخىمۇ ئېغىرلاشقانىدى. بۇنداق ئەھۋالدا شېڭ شىسەي ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، شىنجاڭنى كونترول قالالمايتتى. شېڭ شېسەي ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان دەسلەپكى مەزگىلدە  نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە تايىنىش ئارقىلىق ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ جىياڭ جېشى گۇرۇھىدا بولمىغانلىقى ئۈچۈن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۇنى قوللىمايتتى ھەمدە ئىلاجى بولسىلا ئۇنى ئالماشتۇرۇپ، ئورنىغا ئۆز ئادەملىرىنى قويۇپ شىنجاڭنى بىۋاسىتە كونترول قىلىشنى ئويلايتتى. شېڭ شىسەي نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە تايىنىپ ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىگىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، ياپون جاھانگىرلىكىگە تايىنىپ، ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى گۇماشتىسى بولۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما ياپونىيە بىلەن شىنجاڭنىڭ ئارىلىقىنىڭ يىراقلىقى، ئەگەر ياپون جاھانگىرلىكىگە بېقىنسا شىنجاڭدىكى شەرقىي شىمال ئارمىيەسىنىڭ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولغان سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، بۇ يولدا مېڭىشتىنمۇ ۋاز كەچتى ھەمدە ئاخىرىدا پايدا–زىيان مۇناسىۋىتىنى دەڭسەپ كۆرۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دوست بولۇش يولىنى تاللىدى. شىنجاڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن چېگراداش بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭ بىلەن تۇتۇشىدىغان چېگراسى نەچچە مىڭ چاقىرىم كېلەتتى. رۇسىيەدە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىي پارتىلاپ سوۋېت ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچرىدى. كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەتلەر ئەزەلدىنلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى رايونلىرىنى ئۇنىڭ بىر ئاجىز ھالقىسى دەپ قاراپ، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن بۇ جايلارغا سىڭىپ كىرىشىنى زادىلا توختاتمىغانىدى. ئۇلار شىنجاڭنى بۇ جايغا سىڭىپ كىرىشنىڭ پوچتا كۆۋرۈكى دەپ قارايتتى ھەمدە بۇ مەزگىللەردە شىنجاڭنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇشتىكى بازا قىلىشقا ئۇرۇۋاتاتتى. ماجۇڭيىڭ ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئەگەر ئۇ غەلبە قىلسا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر دائىرىسىگە تەھدىت پەيدا قىلاتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ قورشاۋىدا قالماسلىق ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ جاھانگىرلارنىڭ تەسىر دائىرىسىگە ئايلىنىپ قېلىشىنى خالىمايتتى. ئەكسىچە شىنجاڭدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا مايىل، ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇشنى خالايدىغان ھاكىمىيەتنىڭ بولۇشىنى خالايتتى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى سوۋېت ئىتتىپاقىنى ھىمايە قىلاتتى. مۇشۇنداق مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئاستىدا شېڭ شېسەي پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دوست بولۇپ، جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىققاندىلا، ئاندىن كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ھەمدە ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىيەلەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دوست بولۇش شۇئارىنى كۆتۈرۈپ چىقتى.
شېڭ شىسەي تەختكە چىقىپ بىر ئايدىن كېيىن تاشقى ئىشلار مەھكىمە باشلىقى چېن دېلىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى كونسۇلخانىسىغا بېرىپ باش كونسۇل زىلاتىكىن بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەۋەتتى ھەمدە جىن شۇرېن بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن: «شىنجاڭ سوۋېت تاشقى كېلىشىمى» ئاساسىدا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆزئارا دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 11- ئايغا كەلگەندە، شېڭ شىسەي چېن دېلى، ياۋ شىيۇڭ قاتارلىق ئىككى كىشىنى موسكۋاغا ئەۋەتىپ بىۋاسىتە ياردەم سورىدى. شۇ يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ماجۇڭيىڭ ئۈرۈمچىنى قاتتىق مۇھاسىرىگە ئالدى. ئىلىدىكى جاڭ پېييۈەنمۇ ماجۇڭيىڭغا ماسلىشىپ ئۆلكە مەركىزى ئۈرۈمچىنى مۇھاسىرىگە ئالدى. بۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىيەت ئىنتايىن جىددىي بولغانلىقتىن، شېڭ شېسەي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ياردەم سورىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ شېڭ شىسەينىڭ تەلىپىنى ماقۇل كۆرۈپ، ھەربىي جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى زامانىۋى قوراللار بىلەن قوراللاندۇردى. كېيىن يەنە ھاۋا ئارمىيەسى، تانكا، بىرونېۋىك قىسىملىرىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدىكى چوڭ قوشۇن كىرگۈزۈپ، شېڭ شىسەيگە ياردەم بەردى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەسكەر كىرگۈزۈشى بىلەن شېڭ شېسەي ماجۇڭيىڭ، جاڭپېييۈەننى مەغلۇپ قىلىپ ئۈرۈمچىنى قىيىن ۋەزىيەتتىن قۇتۇلدۇردى. 1934-يىلىغا كەلگەندە، شېڭ شىسەي يەنە كومپارتىيە ئەزاسى جاڭ يىۋۇنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەۋەتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۆزىنى قورال–ياراق، ئوق–دورا بىلەن قوراللاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە ئۆزىنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، جاڭنى موسكۋاغا ئەۋەتىپ، ئۆزىنى كومپارتىيەگە كىرىشكە تونۇشتۇرۇشنى ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر تۈركۈم كوممۇنىست كادىرلارنى ئەۋەتىپ شىنجاڭنىڭ خىزمىتىگە قاتناشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ ئۇنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، شىنجاڭغا بىر تۈركۈم مۇتەخەسسىس، ئىنژېنېر، مەسلىھەتچىلەرنى ئەۋەتىپ زاۋۇت، مەكتەپ قۇرۇشقا ياردەملىشىش بىلەن بىرىگە ئىقتىسادىي جەھەتتە شىنجاڭغا 50 مىليون رۇبلى قەرز پۇل بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ياردەم بەردى. ماجۇڭيىڭنى مەغلۇپ قىلىشتا سوۋېت ئىتتىپاقى مۇھىم رول ئوينىغاچقا، شىنجاڭغا زور بىر تۈركۈم ئىختىساس ئىگىلىرىنى ئەۋەتكەنلىكتىن، سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ تەسىر كۈچى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ئىجتىمائىي قاتلاملىرىغىچە سىڭىپ كىردى. شۇڭا، شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئىچكى قىسىمدا بەزى ئىلغار تەدبىرلەرنى قوللاندى. 1934-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى «مىللەتلەر باراۋەر بولۇش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىككە كاپالەتلىك قىلىش، يېزىلارغا ياردەم بېرىش، مالىيەنى تەرتىپكە سېلىش، ئەمەلدارلارنى پاكلاشتۇرۇش، مائارىپنى كەڭ يولغا قويۇش، ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇش، ئەدلىيە ئىشلىرىنى ياخشىلاش» قاتارلىق سەككىز ماددىلىق خىتابنامىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1935-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى «توققۇز تۈرلۈك يېڭى ۋەزىپە»نى ئوتتۇرىغا قويدى. يەنە شۇ يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە بەزى ئىلغار زاتلارنىڭ ياردىمى بىلەن «سەككىز ماددىلىق خىتابنامە»، «توققۇز تۈرلۈك يېڭى ۋەزىپە» ئاساسىدا «جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يېقىن ئۆتۈش، مىللەتلەر باراۋەر بولۇش، پاك بولۇش، تىنچلىقنى ساقلاش، قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش» قاتارلىق ئالتە بۈيۈك سىياسەتنى ئوتتۇرىغا قويدى. شېڭ شىسەي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشى شېڭ شىسەي بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى بىرلىكسەپ مۇناسىۋېتىنىڭ شەكىللىنىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتتى. 1934-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭدا جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ئۇيۇشمىسى قۇرۇلۇپ، ئالتە بۈيۈك سىياسەتنى ئىجرا قىلىدىغان سىياسىي تەشكىلات قۇرۇلدى، شېڭ شىسەي كومىتېت باشلىقى بولدى. سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن بىر تۈركۈم كوممۇنىستلار جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىغا كىردى. 1935-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى «1-ئاۋغۇست خىتابنامىسى»نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، شېڭ شىسەي ئۇنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە 1937-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە تېلېگرامما يوللاپ، ئۆزىنىڭ «يەتتە ماددىلىق ۋەتەننى قۇتقۇزۇش پىروگراممىسى» ـ (1) مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى قېرىنداشلار بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىپ جۇڭگونى قۇتۇلدۇرۇش؛ (2) ئىچكى ئۇرۇشنى توختىتىپ، جاھانگىرلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ۋە جۇڭگونى بۆلىشىۋېلىشىغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش؛ (3) پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى قېرىنداشلار بىر نىيەتكە كېلىپ بارلىق ۋەتەن خائىنلىرى بىلەن كۈرەش قىلىش؛ (4) جاھانگىرلارغا قارشى تۇرمايدىغان بارلىق سىياسەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ (5) قەتئىي ھالدا چەت ئەلنىڭ ئىقتىسادىي تاجاۋۇزى، ئەتكەسچىلىك بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىش؛ (6) بارلىق كۈچلەرنى ئىشقا سېلىپ مەملىكىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، يېزا ئىگىلىكى، سانائىتى ۋە سودىسىنى راۋاجلاندۇرۇش؛ (7)  چوقۇم سۇن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ ۋەسىيەتلىرىگە ئەمەل قىلىپ، دۇنيادا ئۆزلىرى بىلەن باراۋەر مۇناسىۋەتتە بولىدىغان مىللەتلەر بىلەن جۇڭگونى ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇ يىلى 12-ئايغا كەلگەندە، شىئەن ۋەقەسى يۈز بېرىپ، گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيەنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ھەمكارلىقى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. بۇ كومپارتىيە بىلەن شېڭ شىسەينىڭ مىللىي بىرلىكسەپ ئورنىتىشىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەردى.
1937-يىلى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئومۇميۈزلۈك پارتلىغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياپونغا قارشى ئۇرۇش توغرىسىدا ئومۇمىي مۇراجاتنامە ئېلان قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى قېرىنداشلارنى ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك چاقىرىق قىلدى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتىمۇ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدا پارتىيەمىزنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپ تەشەببۇسىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى پارتىيەنىڭ ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىكسېپى رەسمىي شەكىللەندى. ئەمما، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا بىر تەرەپلىمە قارشى تۇرغانلىقى سەۋەبلىك جۇڭگونىڭ دېڭىز بويى رايونلىرى ۋە مەركىزىي قىسمى تەدرىجىي ھالدا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى ۋە غەربىي جەنۇب ۋە غەربىي شىمال تەدرىجىي ھالدا ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئارقا سېپى بولۇپ قالدى، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئۇنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشتا باشقا ئۆلكە، رايونلار ئوينىيالمايدىغان مۇھىم رول ئوينىشىنى بەلگىلىدى. شىنجاڭ سوتسىيالىستىك دۆلەت سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوشنا بولغانلىقتىن، ئەينى ۋاقىتتىكى شارائىتتا فاشىزمغا قارشى ھەر قايسى ئەل خەلىقلىرىنىڭ جۇڭگوغا قىلغان ياردەملىرى، شۇنداقلا سوۋېت ھۆكۈمىتى ۋە سوۋېت خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىغا قىلغان ماددىي ۋە مەنىۋى ياردەملىرى پەقەت شىنجاڭ ئارقىلىقلا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە توشۇلاتتى. شۇڭا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقئارالىق قاتناش يولنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن شېڭ شىسەي بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ئېھتىياجلىق بولدى ھەمدە 1936-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ شېڭ شىسەي بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا باشلىدى. شېڭ شىسەينىڭ غەربكە يۈرۈش قىلغۇچى قىسىملارنىڭ ئۈرۈمچىگە كىرىشكە قوشۇلۇشى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى بىرلىكسەپنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. 1937-يىلى ئىشچى–دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسىنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلغۇچى قىسىملىرى خېشى كارىدورىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى چىن يۈۋەنگە ئادەم تەشكىللەپ شىنجاڭغا بېرىپ غەربكە يۈرۈش قىلغان قىزىل ئارمىيەنى كۈتۈۋېلىش ھەمدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە شېڭ شىسەي بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىشىپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپ ئۈستىدە بىۋاسىتە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا يوليورۇق بەرگەندىن كېيىن، چېن يۈۋەن قاتارلىق بەش كىشى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە كېلىپ شېڭ شىسەي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالدىن خىزمەت ئىشلىشى نەتىجىسىدە، سۆھبەت ئوڭۇشلۇق بولۇپ، كېلىشىم ھاسىل قىلىندى ھەمدە غەربكە يۈرۈش قىلغان قىسىملار شىنجاڭغا كىرىپ ئورۇنلاشتى. 1937-يىلىغا كەلگەندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە 8-ئارمىيە ئىش بېجىرىش ئورنى قۇرۇشنى قارار قىلدى ھەمدە شېڭ شىسەينىڭ سىرتقا قارىتا ئاشكارا ۋىۋىسكا ئاسماسلىق، پەقەت «3-مېھمانخانا» دەپ ئاتاش شەرتى ئاستىدا ئۈرۈمچىدە 8-ئارمىيە ئىش بېجىرىش ئورنىنى قۇردى. بۇ ئورۇننىڭ قۇرۇلۇشى شىنجاڭدا ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپنىڭ رەسىمى قۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
2. شىنجاڭدا قۇرۇلغان ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپنىڭ ئالاھىدىلىكى
شىنجاڭدا قۇرۇلغان ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپ پۈتۈن مەملىكەتتە قۇرۇلغان ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپنىڭ مۇھىم تەشكىلىي قىسمى بولۇپ، شىنجاڭدا قۇرۇلغان ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپ مەملىكەتلىك ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپ بىلەن نۇرغۇن ئورتاقلىققا ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، يەنە ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭنىڭ مۇرەككەپ سىياسىي ۋەزىيىتى شىنجاڭدا قۇرۇلغان ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپنى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغان بولۇپ، بۇ ئالاھىدىلىكلەر تۆۋەندىكى جەھەتلەردىن ئىپادىلىندۇ:
1) شىنجاڭدا قۇرۇلغان ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپ ئورتاق پىروگراممىغا ۋە ئورتاق تەشكىلىي شەكىلگە ئىگە بولۇپ، بۇ شىنجاڭدا قۇرۇلغان ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپنىڭ مەملىكەت بويىچە قۇرۇلغان مىللىي بىرلىكسەپكە ئوخشىمايدىغان روشەن بىر ئالاھىدىلىكى. مەملىكەت بويىچە قۇرۇلغان ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپ ئورتاق پىروگراممىغا ئىگە بولمىغانىدى. ئەمما، شىنجاڭدا قۇرۇلغان ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپ ئورتاق پىروگراممىغا ئىگە بولۇپ، بۇ ئورتاق پىروگرامما شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن تۈزگەن ئالتە بۈيۈك سىياسىتىدىن ئىبارەت ئىدى. ئالتە بۈيۈك سىياسەتنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، شېڭ شىسەي ئوتتۇرىغا قويغان جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دوست بولۇش، خەلقنى تىنچلاندۇرۇش، دىيانەتلىك بولۇش، تىنچلىقنى ساقلاش، قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت ئالتە بۈيۈك سىياسىتى شۇ مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولغانلىقتىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن شېڭ شىسەي ئوتتۇرىسىدا مىللىي بىرلىكسەپ مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتا ئورتاق پىروگراممىلىق رولنى ئوينىغانىدى. شۇڭا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭدا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان رايونلارغا ئوخشاش پارتىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەكىتلىمىدى، بەلكى بۇ مەزگىلدە شىنجاڭغا كەلگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارى، خىزمەتچى خادىملىرى ۋە ئادەتتىكى بۆلۈم ئەزالىق سالاھىيىتى بىلەن شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ئاشكارا خىزمەت ئىشلىدى.
شىنجاڭدا قۇرۇلغان ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپ ئالاھىدە تەشكىلىي شەكىلگە ئىگە بولغان بولۇپ، شىنجاڭغا خىزمەتكە كەلگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرى شىنجاڭدا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەر تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە قاتنىشىش بىلەن بىرگە يەنە شىنجاڭدا قۇرۇلغان ئاممىۋى تەشكىلات «جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ئۇيۇشمىسى»نى جاھانگىرلىككە قارشى تۇرىدىغان مىللىي بىرلىكسەپ تەشكىلاتىغا ئۆزگەرتتى. مەملىكەت بويىچە قۇرۇلغان ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپ گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيە ئىككى پارتىيەنىڭ ھەمكارلىقىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيە ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ سىياسىي ھوقۇقى ۋە ئارمىيەسى بار، ئەمما بىرلىككە كەلگەن تەشكىلىي شەكلى يوق ئىدى. ئەمما، شىنجاڭدا قۇرۇلغان مىللىي بىرلىكسەپ بولسا، ئالاھىدە تەشكىلىي شەكىلگە ئىگە بولۇپ، ئالتە بۈيۈك سىياسەت بەلگىلەنگەندىن كېيىن جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ئۇيۇشمىسى ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جاھانگىرلىككە قارشى تەشۋىقاتنى كېڭەيتىپ، ئالتە بۈيۈك سىياسەتنى ھەقىقىي ئىجرا قىلىشىنى مەقسەت قىلىدىغان سىياسىي تەشكىلات بولۇپ قالدى. 1938-يىلى جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ئۇيۇشمىسى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەندىن كېيىن، كومپارتىيە ئەزاسى خۇۋاڭ خۇچېڭ بۇ ئۇيۇشمىنىڭ باش كاتىپى بولۇپ بەلگىلەندى. شىنجاڭغا خىزمەتكە كەلگەن كۆپ ساندىكى كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە «يېڭى ئەسكەرلەر لاگېرى»دىن يېتىشىپ چىققان كادىرلارنىڭ ھەممىسى جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ئۇيۇشمىسىغا قاتناشتى. كومپارتىيە ئەزالىرى ئۇيۇشمىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلغاندىن كېيىن، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بويىچە ئاممىغا نۇرغۇن تەشكىلاتچىلىق ۋە تەشۋىقاتچىلىق خىزمىتى ئىشلىدى. بۇندىن باشقا يەنە «جاھانگىرلىككە قارشى سەپ» ناملىق ژۇرنال تەسىس قىلىپ بىر قىسىم ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ بېسىپ ماركسىزم–لېنىنىزم ئاساسلىرىنى تەشۋىق قىلدى. 1938-1939-يىللىرى كۆپ قېتىم ئالتۇن، كۈمۈش، پۇل، كىيىم–كېچەكتىن ئىبارەت ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىش پائالىيىتى قوزغاپ كەڭ خەلق ئاممىسىنى ياپونغا قارشى ئالدىنقى سەپكە ياردەم قىلىشقا چاقىرىق قىلدى. گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان رايونلاردا بولسا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى دېموكراتىيەنى بېسىپ، جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ئۇيۇشمىسىغا ئوخشاش بىرەر ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ بولۇشىغا يول قويمايتتى.
2) شىنجاڭدا قۇرۇلغان ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونالنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا قۇرۇلغان بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونال ئورتاق رەھبەرلىك قىلاتتى، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى قارار چىقىرىش ھوقۇقى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونالدا ئىدى. بۇ شىنجاڭدا قۇرۇلغان ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپنىڭ مەملىكەت بويىچە قۇرۇلغان مىللىي بىرلىكسەپكە ئوخشىمايدىغان يەنە بىر  ئالاھىدىلىكى. مەملىكەت خاراكتېرلىك ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپتە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن–ئاخىر ئۆز–ئۆزىگە خوجا بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغان بولۇپ، كوممۇنىستىك پارتىيە ئىدىيە، سىياسىي، تەشكىلىي ۋە ھەربىي جەھەتتە مۇستەقىللىقنى ساقلىغانىدى. كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونالنىڭ يوليورۇقىنى توغرا بولسا ئاڭلايتتى، خاتا بولسا ئاڭلىمايتتى. ئەمما، شىنجاڭدا قۇرۇلغان مىللىي بىرلىكسەپ مۇناسىۋىتىدە بولسا، پۈتۈنلەي كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونالنىڭ يوليورۇقىنى ئاڭلىدى. بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەب پارتىيەمىزنىڭ شېڭ شىسەي بىلەن قۇرغان مىللىي بىرلىكسەپ مۇناسىۋىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقى مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، شىنجاڭدا قۇرۇلغان مىللىي بىرلىكسەپ ئەمەلىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن شېڭ شىسەي ئوتتۇرىسىدا قۇرۇلغانىدى. كومپارتىيە بىلەن شېڭ شىسەي ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي بىرلىكسەپ مۇناسىۋىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرىدا ۋاسىتىچىلىك رول ئوينىشىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭدىكى ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك بولۇپ، ئۈرۈمچىدە كونسۇلخانا تەسىس قىلغان ھەمدە شىنجاڭغا 300دىن كۆپرەك مۇتەخەسسىس، تېخنىك خادىملارنى ئەۋەتكەنىدى، يەنە كېلىپ قىزىل 8-پولك قۇمۇلغا ئورۇنلاشقان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ چوڭ ئىشىكىنى قوغداپ تۇرۇۋاتاتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئېلىپ ئېيتقاندا، شىنجاڭ بىلەن يەنئەننىڭ ئارىلىقى يىراق، قاتناش قۇلايسىز، ئارىلىقتىكى رايونلار گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئىدى. شۇڭا، شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونالنىڭ ھەمكارلىشىشنى بەلگىلىگەنىدى.
3) شىنجاڭدا قۇرۇلغان ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپ مۇناسىۋىتىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى خىزمەت ۋەزىپىسى ۋە خىزمەت فاڭجېنى ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن ئوخشىمايتتى. بۇ شىنجاڭدا قۇرۇلغان ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپنىڭ مەملىكەت بويىچە قۇرۇلغان مىللىي بىرلىكسەپكە ئوخشىمايدىغان يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ئىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن شىنجاڭدىكى خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى: (1) قانداق قىلغاندا شىنجاڭنى ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇپ، جاھانگىرلارنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؛ (2) قانداق قىلغاندا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئارقا سېپى بىلەن خەلقئارا قاتناش لىنىيەسىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؛ (3)  قانداق قىلغاندا ئارقىدا قالغان بۇ جەمئىيەتنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى تىنچ، بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ. يۇقىرىقى ئۈچ تۈرلۈك ۋەزىپىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ ۋەزىپىلەر ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان رايونلاردىكى خىزمەت ۋەزىپىلىرىگە روشەن ئوخشىمايدۇ.
بۇ مەزگىلدە يەنە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭدا «ئۈچنى قىلماسلىق» فاڭجېنىنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ يەردە دېيىلگەن «ئۈچنى قىلماسلىق» ئاساسلىقى شىنجاڭغا خىزمەتكە كەلگەن كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ئۆز سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىماسلىق، شىنجاڭدا كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ تەشكىلاتىنى تەرەققىي قىلدۇرماسلىق، شىنجاڭدا كوممۇنىزم ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلماسلىقتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ فاڭجېن ئەمەلىيەتتە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونال تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونالنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرىگە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ئۈچنى قىلماسلىق سىياسىتىگىمۇ ئەمەل قىلغانىدى. بۇ سىياسەتلەرمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا شىنجاڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارىتا ناھايىتى چوڭ مۇستەقىل خاراكتېرىنى ئىپادىلىسىمۇ، لېكىن يەنىلا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان بىر ئۆلكە ئىدى. شېڭ شىسەي ئۆزنىڭ قارا نىيىتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ گومىنداڭنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى توسقان بولسىمۇ، لېكىن كۆرۈنۈشتە بولسىمۇ شىنجاڭنى گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى دائىرىسىدىكى بىر ئۆلكە دەپ قاراپ، چۇڭچىڭغا ۋەكىل ئەۋەتىپ ئۇزاق مەزگىل تۇرغۇزغانىدى. مۇشۇنداق شارائىتتا كوممۇنىستىك پارتىيە شىنجاڭدا ئاشكارا پائالىيەت ئېلىپ بارسا جىياڭ جېشىنىڭ ئۆزىنى ئەيىبلىشىدىن قورقاتتى. يەنە بىر جەھەتتىن، ئېلىپ ئېيتقاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ جىياڭ جېشى ھۆكۈمىتىنى قوللايتتى ھەمدە كومپارتىيەنىڭ شىنجاڭدا ئاشكارا پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ سوۋېت جىياڭ جېشى مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيتتى. شۇڭا، سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ شىنجاڭدا پارتىيە تەشكىلى قۇرۇپ ئاشكارا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى قوللىمايتتى.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، 30-يىللاردا شىنجاڭدا شەكىللەنگەن ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇش بىلەن بىرگە يەنە يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتۈلگەندەك بىر قاتار ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغانىدى. پارتىيەمىز شېڭ شىسەي بىلەن بولغان بىرلىكسەپ مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنى ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ مۇھىم ئارقا سەپ بازىسىغا ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە خەلقئارالىق قاتناش لىنىيەسىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. شىنجاڭغا خىزمەت ئىشلەشكە كەلگەن كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا ياپونغا قارشى تۇرۇش تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭدا كەڭ كۆلەملىك ئىئانە توپلاش پائالىيىتى قوزغاپ ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا نۇرغۇنلىغان ماددىي بۇيۇملارنىڭ ئىئانە قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ جەرياندا شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، ئىقتىساد قاتارلىق جەھەتلەردىن يۈكسىلىشىگە زور تۆھپىلەرنى قوشتى.
پايدىلانمىلار:
1. «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى» (3-قىسىم)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1989-يىلى (ئۇيغۇرچە) نەشرى.
2. جوۋ خوڭ: «مىنگو دەۋرىدىكى شىنجاڭ جەمئىيىتى تەتقىقاتى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2005-يىلى (خەنزۇچە) نەشرى.
3. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھەيئەتلەر كومىتېتى پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى: «ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى شىنجاڭ»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1995-يىلى (خەنزۇچە) نەشرى.
4. چېن خۇيشېڭ، چېن چاۋ: «مىنگو دەۋرىدىكى شىنجاڭ تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2007-يىلى (خەنزۇچە) نەشرى.
5. ليۇ زىشىياۋ: «ئۇيغۇر تارىخى» (2-قىسىم)، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى، 1996-يىلى (خەنزۇچە) نەشرى.
6. «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك سانلىرى.
بېكىتكۈچى: تارىخ پەنلىرى پىروفېسورى رەھمۇتۇللا ھەسەن
تەھرىرلىگۈچى: ئابدۇرېھىم زۇنۇن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-30 23:06  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 1117
تۆھپە : 11
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 22:05:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ ماقالىنىمۇ كۆرۈپ قويۇڭلار!

ئۆزۈڭدىن چوڭلارغا چاقچاق قىلما ئابرويىڭنى يوقتىسەن،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش