كۆرۈش: 270|ئىنكاس: 0

ئابلىمىت ئابلەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 709
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 3092
تۆھپە : 236
توردا: 1546
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-31

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 09:31:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

untitled.bmp


ئابلىمىت ئابلەت ،(ئۆزبېك) 1972- يىلى 4- ئايدا يەكەن ناھىيە يەكەن بازىرىدا ئۆزبىك زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان،  1995-يىلى شىنجاڭ رادىئو- تېلىۋېزىيە پىداگوگىكا ئىنىستىىتوتىنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىنى  پۈتتۈرگەن. ئىشقول يىزا، يەكەن بازىرىدا  باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى، يەكەن بازارلىق پارتكومنىڭ  تەشۋىقات كادىرى، بازارلىق ئىتتىپاق كومىتىتىنىڭ شۇجىسى قاتارلىق  خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. 2001-يىلى 5- ئايدىن 2003-يىلى 1- ئايغىچە  قۇمۇل شەھرىدە ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشتا تۇرغان. 2003-يىلى 5- ئايدىن ھازىرغىچە  يەكەن ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىدا كاتىب بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
    «تارىم»، «قۇمۇل ئەدەبىياتى»، «يېڭى قاشتېشى»، «كروران»، « قەشقەر ئەدەبىياتى»، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر»، «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا  ئەسەرلىرى   ئېلان قىلىنغان. «ئېھتىرام گۈلدەستىسى» ماۋزۇلۇق ماقالىسى مەركىزىي خەلق ردىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش باشلانغانلىقىنىڭ  50 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپاتلىق رادىئو ماقالىسى مۇسابىقىسىدە 3-دەرىجىگە ئېرىشكەن  ھەم «قەلبتىن قەلبكە يول» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن.  ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئۆزبېك مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتى، قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى، يەكەن ناھىيىلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى. 2010-يىلى 3- ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن.

ئەزالىق كېنىشكە نومۇرى: 20021285


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش