جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1394 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 166|ئىنكاس: 11

يۈرىكىم ئاغرىيدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  551
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 84
تۆھپە : 0
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 00:24:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يۈرىكىم ئاغرىيدۇ
پاتىگۈل نىياز ئىپارە

8.gif


يۈرىكىم ئاغرىيدۇ ئاغرىيدۇ ئېزىپ،
بىر ئاچچىق ئازاپتا، سىزەلمەس ھىچكىم.
باغرىغا ھىجراننى تاڭغانچە ئۈنسىز،
ئايال يوق مىنىڭدەك ياشىغان بەلكىم.



مىھرىڭگە زار بولۇپ يېرىلدى باغرىم،
يوقلۇقنىڭ دەشتىدە چىكىمەن  پەريات.
پىنھاندا سەن ئۈچۈن سىرغىغان ئاچچىق،
بىر تامچە يىشىمدا ئالەمچە ھەسرەت.



ئاھلىرىم كۆيدۈردى قاقاس تۈنلەرنى،
ئۆزۈمنى كۆندۈردۈم ياشاشقا ئاخىر.
مۇزلىغان قەلبىمگە ئارماننى كۆمدۈم،
يۇمۇلغان كۆزۈمدە رىئاللىق زاھىر.



تارتىمەن سەنسىزلىك دەردىنى چەكسىز،
بۇ ماڭا قىسمەتتىن بېرىلگەن ئىنئام.
ئاھ...!يەنە مەن سېنى تاللىشىم ئىنىق،
ھاياتتا مەن ئەگەر قايتا يارالسام.
اۋاۋېاې.jpg

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ipare تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-29 00:37  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  120
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 295
تۆھپە : 2
توردا: 56
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 03:17:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ھەم خەلقىمنىڭ بىر تال سۆڭىكى،
شېئىر ئوچىقىدا مەھكەم  قېتىشقان.
يىرتىلسا يۇرتۇمنىڭ ئەخلاق رومالى،
تەئەللۇق يۈرۈكۈم بەكمۇ ئېچىشقان.

بۇ دۇنياغا كەلدۇق.ھېلىلا كىتىمىز.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 172
تۆھپە : 0
توردا: 26
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 08:47:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەھەردىلا تاتلىق بىر يۈرەك مېۋىسىگە ئېغىز تېگىپتىمەن،شۇنداق يېنىك تىل،تاتلىق شېئىرى كەيپىيات ھەم شىرىن ئازاپ...
بەركەتلىك بولۇڭ!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  301
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 378
تۆھپە : 1
توردا: 146
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 09:24:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈرتىمەن ھىجراننىڭ كۆز ياشلىرىنى،
باغرىمدا ئاقىدۇ  چۇڭقۇر بىر ئاغرىق.
بۇ يەردە ھەممىمىز ئېغىر دەردمەنلەر،
ئارمانلار دەشتىدە يۈرەكلەر يېرىق.

مېھىرگە تەشنادۇر قەلىبلەر شۇنچە،
ساداقەت پىنھاندا  يىغلايدۇ ئۆكسۈپ.
ھەر تامچە كۆز ياشتا مىڭ دەريا ھەسرەت،
ئاھلاردىن تاغلارنىڭ بېلى پۈكۈلۈپ .

سەنسىزلىك بەك ئېغىر ، تىللار چەلەڭگۈچ،
مىڭ ئارمان ئاھ ئوچۇق كەتكەن كۆزلەردە...
قىساسلار ئازاپتا يۈرىيدۇ ئېزىپ،
يۈرەكلەر يىغلايدۇ ھىجران چۆلىدە.

مۇسۇبەت باسقاندەك ھەممىلا يەرنى،
گۈلىستان گۈرىستان بولغاندەك گويا،
يۈرەكلەر يىغلايدۇ ئۇندەك ئېزىلىپ،
دەردلەردىن سەكپارە تىترەيدۇ دۇنيا.

قاملاشمىسىمۇ ئەگىشىپ قويدۇم .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  334
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 658
تۆھپە : 18
توردا: 102
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 10:35:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەردلەردىن سەكپارە تىترىسە دۇنيا،
دەرتلەرگە داۋانى بەرگۇسى ئېگەم.
پوچتىدىن ئەۋەتتىم داۋايى مىشكى،
بو دورا ئەڭ ئېسىل يۇرەككە مەلھەم.


داۋايى مىشكى-ئۇيغۇر تىبابەتنىڭ دارىسى

گۇھەر ياتىدو سايدا قازمىسا

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 311
تۆھپە : 2
توردا: 70
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 11:07:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن بىر قانچە مەتبۇئاتتا ،پاتىگۈل نىياز توقسۇن دېگەن نامدا بىر قانچە لىرىكىلارنى ئوقۇغانتىم، بىلمىدىم،سىز شۇمۇ ،ھەدە؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  314
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 340
تۆھپە : 10
توردا: 34
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 11:55:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىپارەنىڭ لىرىكىسغا ئۇلانغان يۇلغۇننىڭ ئىلھاملىرىمۇ ياخشى چىقىپتۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  314
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 340
تۆھپە : 10
توردا: 34
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 11:55:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىپارەنىڭ لىرىكىسغا ئۇلانغان يۇلغۇننىڭ ئىلھاملىرىمۇ ياخشى چىقىپتۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  133
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 106
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 12:52:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارلاق يوللىغان ۋاقتى  2012-4-29 11:07
بۇرۇن بىر قانچە مەتبۇئاتتا ،پاتىگۈل نىياز توقسۇن دېگە ...

پاشاگۇل نىياز توقسۇندۇ ؟ ئۇ قۇچقاچ كونا مۇنبەردە بارتى ، ھېلىقى ‹بۇ قىزنى شائىرە دىيىشكە بولامدۇ؟› دەپ تېما يوللاپ نۇرغۇن بەس مۇنازىرىگە سەۋەپ بولغان .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  106
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 322
تۆھپە : 4
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 12:52:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


مىھرىڭگە زار بولۇپ يېرىلدى باغرىم،
يوقلۇقنىڭ دەشتىدە چىكىمەن  پەريات.
پىنھاندا سەن ئۈچۈن سىرغىغان ئاچچىق،
بىر تامچە يىشىمدا ئالەمچە ھەسرەت.

   بۇ كوپلىتىنى قايتا ئىشلىسىڭىز بولغىدەك !
مەن مۇنداق ئۆزگەرتىپ باقىتىم .....






مىھرىڭگە زار بولۇپ يېرىلدى باغرىم،
يوقلۇقنىڭ دەشتىدە چىكىمەن  پەريات.

قانىغان لىۋىمنى چىشلىدىم يەنە ،
كۆزۇمگە مىھرىسىز كۆرۈندى ھايات .




قەدرىم ئۇتۇلگەندە مەن يوق

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1010
تۆھپە : 8
توردا: 65
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 13:45:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىڭلىم ئىپارە، رېئاللىقتىن كەلگەن، ساپ تۇيغۇدىن پۈتۈلگەن لىرىكىڭىزدىن سۆيۈندۈم!  سەمىمىي، ساپ تۇيغۇلىرىڭىزنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرايلى!

Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 311
تۆھپە : 2
توردا: 70
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 14:30:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۈكۈر يوللىغان ۋاقتى  2012-4-29 12:52
پاشاگۇل نىياز توقسۇندۇ ؟ ئۇ قۇچقاچ كونا مۇنبەردە بارت ...

مەن خاتا ئەستە ساقلىۋاپتىمەن....ئەمدى يادىمغا كەلدى،ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش