كۆرۈش: 393|ئىنكاس: 0

پەرھات كازىمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 709
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 3092
تۆھپە : 236
توردا: 1546
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-11-1

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 09:19:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

untitled.bmp


پەرھات كازىمى 1970-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى پىچان ناھىيىسىنىڭ دالانكارىز يېزا،  يۈسۈپباي چوڭكارىزىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1991 -يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، 1999-يىلى 9-ئايغىچە پىچان ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1999-يىلى 9-ئايدىن 2007-يىلى 9-ئايغىچە پىچان ناھىيىلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.
    پەرھات كازىمى «تۇرپان» ژۇرنىلىنىڭ 1988-يىلى2-سانىدا ئېلان قىلغان «ئارزۇ» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە كىرگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللاردا «ئاپرېلدىكى لۈكچۈن سەھىرى»، «ئىدىقۇتنىڭ يېشىل  يۈرىكى»، «ئۈمىد قوڭغۇرىقى»، «كۈز-كارىز دالاسى»، «بىر يۇتۇم سۇ»، «ئەپسۇس، ئوماق قۇشۇم»، «مېنىڭ ناخشام»... قاتارلىق  300 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، نەسىر  ئېلان قىلغان؛ «يىلان مۈڭگۈزى»، «ئۆڭمەس مۇھەببەت»، «كۆزىنى ئېچىش»، «ئالتۇن پاجىئەسى»، «ناجىيە»، «ماندالىن كۈيى»... قاتارلىق  30پارچىغا يېقىن چوڭلار تۇرمۇش ھېكايە- پوۋېستلىرىنى؛ «بىر پۇتلۇق بالا»، «كونا قەلەمدان»، «مىس قازان»،  «شەبنەم»،  «يېشىل كىيىملىك پەرىزات»، «قارلىغاچ ئايىم ۋە ئوردا ئويۇنى»... قاتارلىق 55 پارچە بالىلار ھېكايىلىرىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تىل، تارىخ تەتقىقاتىدىمۇ ئىزدىنىپ «كارىز ناملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى»، «سىركىپ ۋە ئۇيغۇر كۇلالچىلىقى»، «كارىز ۋە كارىزچىلىق ئاتالغۇلىرى»، «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىدىكى خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى توغرىسىدا»، «كارىز مەدەنىيىتىگە دائىر بايانلار» ... قاتارلىق15پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى.
ئۇنىڭ ھازىرغىچە،«بوۋام ۋە ئۈجمە دەرىخى»،«ئوغرى ئاتىلىپ قالغان قىز» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى «ئۈمىدۋار بالا» ناملىق رومانى نەشر قىلىنغان. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشر قىلغان بالىلار ھېكايىلىرى كوللېكتىپ توپلىمى «ئوسما ئوغرىسى» غا « بوۋاي بولۇشنى خالايدىغان بالا» ماۋزۇدا ئالتە پارچە ھېكايىسى كىرگۈزۈلگەن. 12-14-نۆۋەتلىك شىنجاڭ «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ۋە كۆپ قېتىم «تۇرپان»، «قۇمۇل ئەدەبىياتى»ژۇرناللارى ئۇيۇشتۇرغان باشقا ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن.
     ئۇ ھازىر پىچان ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، پىچان ناھىيىلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.




كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش