كۆرۈش: 716|ئىنكاس: 10

ۋەھىمىلىك قان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 10
تېللا: 1183
تۆھپە : 0
توردا: 605
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 22:40:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ۋەھىمىلىك قان

                                         (كىنو سېنارىيىسى)



                                    1  -كۆرۈنۈش :چوڭ كوچا

    ماشىنىلار ئايىغى ئۈزۈلمەستىن ئۆتۈۋاتقان چوڭ كوچا،كوچىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى ئېگىز بىنالارنىڭ ئارىسىدىن كۆرۈنگەن غەربكە ئولتۇرىۋاتقان كۈن نۇرى.شۇ ۋاقىتتا بىر قىزىل رەڭلىك پىكاپ ماشىنىلار ئارىسىدىن چىقىپ كېلىپ بىر كۆپ قەۋەتلىك سودا سارىيىنىڭ ئالدىدا توختايدۇ.پىكاپنى ھەيدەپ كەلگەن ئابلەت سائىتىگە قاراپ قويۇپ ،پىكاپتىن چۈشمەي بىرسىنى ساقلاۋاتقان ھالەتتە ئولتۇرىدۇ.بىر دەمدىن كېيىن سودا ساراي ئىشىكىدىن ئىشتىن چۈشكەن خىزمەتچىلەر چىقىشقا باشلايدۇ.ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مودا كېيىنىۋالغان ياش ھەم چىرايلىق قىز ئايگۈل خىزمەتداشلىرى بىلەن پاراڭلاشقاچ مېڭىپ،يول بويىدىكى پىكاپتا ئۆزىگە قاراپ ئولتۇرغان ئابلەتكە دىققەت قىلماستىن ئۆتۈپ كېتىدۇ.بۇ چاغدا ئابلەت پىكاپتىن چۈشۈپ ئايگۈلنى چاقىرىدۇ.

   ئابلەت: ئايگۈل !...

   ئايگۈل كەينىگە قاراپ ئۆزىگە قاراپ تۇرغان ئابلەتنى كۆرىدۇ ۋە يېنىدىكى ئىككى قىز بىلەن خوشلىشىپ

ئابلەتنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ.

    ئابلەت :ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟(ئايگۈلنىڭ كۆزىگە قارايدۇ)

     ئايگۈل:ياخشى تۇردۇم.قاچان كەلدىڭىز؟

   ئابلەت:ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپلا سىز بىلەن كۆرۈشەي دەپ ئۇدۇل بۇ يەرگە كېلىشىم...ئون بەش كۈن ئىچىدە مېنى ئۇنتۇپلا كېتىپسىز،مېنىڭ سىزنى ساقلاۋاتقانلىقىمنىمۇ سەزمەي قاراپمۇ قويماي ئۆتۈپ كېتىۋاتىسىز.

    ئايگۈل :ئۇنداق ئەمەس ،سىزنى كۆرمەي قاپتىمەن.

    ئابلەتئايگۈلگە يىقىن كېلىپ ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ ،سەل ھاياجانلانغان ھالەتتە)مېنى سېغىندىڭىزمۇ ؟

     ئايگۈلئەتراپقا مۇنداقلا قاراپ قويۇپ،ئابلەتكە شو؟خلۇق بىلەن نەزەر سېلىپ)كۆز لىرىيمدىن بىلمىدىڭىزمۇ؟...

      ئابلەت:بەك ياخشى بولدى!ھازىردىن باشلاپ سىزنىڭ بارلىق ۋاقتىڭىز ماڭا تەئەللۇق...سىز نېمە ئىش قىلىشنى ئويلاۋاتىسىز؟

      ئايگۈل:سىز يېنىمدا تۇرسىڭىز مەن ھېچنەرسىنى ئويلىيالمايمەن...(ئابلەتنىڭ كۈلكىسىنىڭ ئۆچكەنلىكىنى كۆرۈپ)مەن ئۈچۈن ھەممىنى سىز ئويلايسىز ئەمەسمۇ.ھازىردىن باشلاپ مەن ئۆزۈمنى سىزگە تاپشۇردۇم(شۇنداق دەپ ئەركىلىگەن قىياپەتتە ئابلەتنىڭ قولىغا يىنىككىنە ئۇرۇپ قويىدۇ)

     ئابلەت:توغرا دەيسىز ،سىز بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇنلا مەن ھەممىنى ئويلاپ قويغان (دەپ ئايگۈلنىڭ كۆزىگە مەنىلىك قىلىپ كۆز قىسىپ قاراپ قويىدۇ.ئاندىن ئەتراپقا قاراپ قويۇپ)مېنىڭ قورسىقىم ئاچ ، سىزنىڭمۇ بىرەر نەرسە يېگۈڭىز باردۇ؟

        ئايگۈل:مەيلىڭىز.

      ئابلەت: مەلىكەم ،قېنى پىكاپقا مەرھەممەت!

                                                2 - كۆرۈنۈش:رېستۇران

    ئابلەت ئايگۈلنى باشلاپ بىر رېستۇران ئىچىگە كىرىپ كېلىدۇ،رېستۇراننىڭ ۋالىلداپ رەڭدار چىراقلار

يېنىپ تۇرغان سەھنىسىدە بىر قىز ناخشا ئوقۇۋاتىدۇ،بەزىلەر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ تاماق يەۋاتقان ،بەزىلەر ئۇسۇل ئويناۋاتقان ھالەتتە.ئابلەت بىلەن ئايگۈل بىر جىمجىت ئايرىمخانىغا كىرىپ ئولتۇرىدۇ.

   ئابلەتقورۇما تېزىملىكىگە قاراپ)سىزنىڭ نېمە يىگۈڭىز بار؟(دەپ ئايگۈلگە قاراپ تۇرىدۇ)

   ئايگۈل:مېنى بىلىسىزغۇ،ئۆزىڭىز بىلىپ بۇيرىتىۋېرىڭ.

   شۇ ۋاقىتتا كۈتكۈچى كىرىدۇ.

    ئابلەتكۈتكۈچىگە قاراپ)چوڭ تەخسىلىك توخۇ گۆشى ،بىلىق،زىق كاۋاپ،يەنە بىر نەچچە سوغۇق سەي بولسۇن؛ئاق ھاراقتىن بىر بوتۇلكا،قىزىل ھاراقتىن بىر بوتۇلكا...(ئۇ شۇنداق دەپ ئايگۈلگە قارايدۇ،ئايگۈل بىر نەرسە دېمەيدۇ.كۈتكۈچى چىقىپ كېتىدۇ)

   ئايگۈل:مەن ھاراق ئىچمەيمەن،سىزمۇ ئازراق ئىچىڭ.مەست بولۇپ قالسىڭىز يۆلىيەلمەي قالماي يەنە.

   ئابلەت :بۈگۈن ئىككىمىز قانغۇچە ئىچىپ بىر -بىرىمىزنى تەبرىكلەيلى.سىز چوقۇم ئىچىسىز...

   ئايگۈل:قەتئىي ئىچمەيمەن.(كۈلۈپ قويىدۇ)تېخى خوتۇنىڭىزغىمۇ بۇ خىل تەلەپپۇزدا بۇيرۇق قىلالمايدىغانسىز...

  ئابلەت:خوتۇنىمغا ئۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.بىراق بۈگۈن ئىككىمىز گە بىر-بىرىمىزنى تەبرىكلەشتىن ئۆتەر كۆڭۈللۈك ئىش يوق.

   ئايگۈل:تەبرىكلىگۈدەك نېمە ئىش بار ئىدى؟...كۆپ پۇل تاپتىڭىزمۇ ياكى مەن بىلمەيدىغان باشقا بىر ئىش بارمۇ؟

    ئابلەتھەسرەتلىك قىياپەتتە)بۇنداق دەپ مېنى ئازاپلىماڭ قەدىرلىكىم.ئىككىمىزنىڭ بىر -بىرىمىز  بىلەن تونىشىپ ئۆزئارا سۆيگۈ شارابى تۇتتىۋاتقىنىمىزغا بۈگۈن توپتوغرا ئۈچ يىل توشتى، سىز مۇشۇ كۈننىمۇ ئۇنتۇپ قاپسىز.

    شۇ ۋاقىتتا كۈتكۈچى قورىمىلارنى ۋە ئىككى بوتۇلكا ھاراقنى كۆتۈرۈپ كىرىپ ئۈستەلگە تىزىپ قويۇپ چىقىپ كېتىدۇ.

    ئايگۈلبوتۇلكىلارنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ ئۆزىگە قىزىل ھاراقتىن ،ئابلەتكە ئاق ھاراقتىن قۇيۇپ قەدەھنى كۆتۈرىدۇ)

    ئابلەت:باياتتىن ئىچمەيمەن دەۋاتاتتىڭىز ئەمدى ئالدىراپ قالدىڭىزغۇ؟(دەپ ھەم كۈلۈپ،ھەم ھەيران بولۇپ ئايگۈلگە قاراپ قالىدۇ)

    ئايگۈل:قېنى كۆتۈرەيلى!...ئابلەت ،مېنىڭ بۇرۇنقى ئۇنتۇشۇم ۋە كېيىنكى ئۇنتۇشۇم ئۈچۈن مېنى كەچۈرۈڭ!بۈگۈن بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بىرگە بولىشىمىز بولۇپ قالسۇن.

    ئابلەتقولىغا رومكىنى ئالغان ھالەتتە چۆچۈشتىن كۆزلىرى چوڭىيىپ )نېمە دەۋاتىسىز؟...

   ئايگۈل:ئەمدى ئىككىمىزنىڭ بىر-بىرىمىزدىن ئايرىلىدىغان ۋاقىت بولدى.

   ئابلەت:نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەيسىز؟مەندىن زىرىكىپ بولدىڭىز؟...

   ئايگۈل:ياق، سىزدىن زىرىكمىدىم ئۆزۈمدىن زىرىكتىم.ئۈچيىلدىن بېرى كۆڭۈللۈك ئارلىشىپ كەلدۇق.

ئەمما بۈگۈنگە كېلىپ بۇنداق نورمالسىز مۇناسىۋەتتىن قورقۇپ قالدىم...ھەر دائىم ئوغۇرلۇق قىلىۋاتقان ئادەمدەك ئەندىشىدە يۈرۈيمەن.

  ئابلەت:ياق،سىز يالغان ئېيتىۋاتىسىز،سىزگە چوقۇم بىر ئىش بوپتۇ.سىز مەندىن بىر نەرسىنى يۇشۇرىۋاتقاندەك  قىلىسىز.زادى نېمە ئىش بولدى؟ مېنى ياخشى كۆرمەيدىغان بوپ قالدىڭىزمۇ؟

   ئايگۈل:ئۇنداق ئەمەس،مەن سىزنى ھېلىھەم ياخشى كۆرۈمەن،ئەمما (ئۇ قولىدىكى ئۈستەلدە قويۇپ سەل توختايدۇ)سىز ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىنى نورمالسىز ھېس قىلمىدىڭىزمۇ؟مېنىڭ نېمە ئۈچۈن نورمالسىز دەۋاتقىنىمنى چۈشىنىۋاتامسىز؟...مەن بۇنداق مەخپىي تۇرمۇشتىن بارغانسىرى قورقۇنچ،ئۈمۈدسىزلىك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.خۇددى بەكمۇ سەتلىشىپ ئۆيدىكىلەرگە ،تونۇشلارغا قارىغۇدەك يۈزۈم قالمىغاندەك

...سىز ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى مەڭگۈ ئاشكارىلانماي قىپ قالىدۇ دەپ قارامسىز؟

   ئابلەتقولىدىكى رومكىدىكى ھاراقنى بىر كۆتۈرۈپلا ئىچىۋېتىپ)ئۇنداق قارىمايمەن.مەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىككىمىزنىڭ بىر -بىرىمىزدىن ئايرىلىپ ئكز يولىمىزغا ماڭىدىغانلىقىمىزنى بىلسەممۇ،ئەمما مەن سىزگە چوڭقۇر رىشتە بىلەن باغشلىنىپ قالغان ،ئىككىمىز ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئۆتۈۋاتقان بۇ ۋاقىتتا بۇنداق خىيالغا كېلىپ قالىدىغانلىقىڭىزنى ئويلىماپتىكەنمەن.سىز مېنىڭ ئەھۋالىمنى تولۇق بىلىسىز،بەلكىم سىز ئىككىمىز توي قىلمىغاندىكىن بۇرۇنراق ئۆز يولىمىزغا ماڭايلى،مەنمۇ تەقدىر پىشانەمگە پۈتكەن ئادەمنى تىزراق تىپىۋالاي ،دەپ ئويلىغانسىز..

   ئايگۈلئەبلەتنىڭ ئاخىرقى سۆزىگە نارازىلىق بىلەن بېشىنى چايقاپ قاراپ)مەن بىلىمەن،سىز ئايالىڭىز بىلەن ئاجرىشىپ كېتىمەن دېسىڭىز باللىرىڭىزدىن،قېيىنئاتىڭىزنىڭ شىركىتىدىكى خىزمىتىڭىزدىن ھەم كىرىم مەنبەيىڭىزدىن ئايرىلىپ قالىسىز،ھەم سىزنىڭمۇ ئۇنداق قىلغۇڭىز يوق.

  ئابلەت:سىز بۇنى بۇرۇنلا بىلەتتىڭىز،ئەمىسە ھازىر نېمە ئۈچۈن بۇنبداق دەپ تۇرىۋالىسىز؟بىز ئۆز ۋاقتىدا

،ھەر ئىككىلىمىز ئەمدى ئايرىلىپ كېتەيلى دەپ ئۆز-ئارا كېلىشىىپ ئاندىن ئايرىلىپ كېتىدىغانغا ۋەدىلەشكەن...

   داۋامى بار ،ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ.


idraksoft

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1221
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3093
تۆھپە : 1
توردا: 548
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 23:28:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە  ياخشى يېزىلغاندەك قىلىدۇ.ئاخىرى بېرىلىپ كۆرۈلگەندىن كىيىن  تەپسىلى پىكىر بەرگىلى بولىدۇ ئەلۋەتتە.
    بۇ سەھىپىنىڭ تەسىس قىلىنغىنى ياخشى بوپتۇ. كونا مۇنبەردە بۇ سەھىپە يوق ئىدى.يەنە بىر نەچچە سەھىپە قېتىلىپتۇ.بۇ ئەھۋال مۇنبەرنىڭ مۇكەللىككە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.شۇنداقلا تورداشلارنىڭ نەزرى ۋە قىزىقىشىنى كەڭ دائىرلىك بولۇشقا،خىلمۇ-خىللىق،رەڭدارلىقتىن بەھىر ئېلىشقا،زوقلانغۇچىلارنىڭ زوقلىنىش ئىقدارى،سەۋىيىسىنى يۇقۇرى كۆتىرىشكە يېتەكلەۋاتقانلىقىنى،تېخىمۇ موھىمى مۇنبەردىكى قەلەمكەشلەرنى شئېىريەت،پىروزا بولۇپمۇ شئېىريەتتىن ئىبارەت بىرلا يولدا قىستىلۋالماي ئەدەبىياتنىڭ خىلمۇ-تۈرلىرىدە قەلەم تەۋرىتىشكە رىغبەتلەندۈرۋاتقانلىقىنى،ئۇيغۇر ئەدەبىياتنى ئەتراپلىق يۈكسەلدۈرۈشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.بۇ مۇنبەر باشقۇرغۇچىلارنىڭ مۇنبەرنى نورمال يولغا قۇيۇپلا قالماي يەنە ماكرۇ جەھەتتە مۇكەمەل ئىش قىلىشقا قەدەم باسقانلىقىدۇر.ئۇلارنىڭ پاراسىتى داۋاملىق ئۆتكۈرلەشكەي.ھەرقايسى سەھىپىلەر بويىچە قەلەم تەۋرەتكۈچىلەر كۆپەيگەي.مۇنبەرنىڭ رەڭدارلىقى جۇلالانغاي!

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  147
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 498
تۆھپە : 0
توردا: 115
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 14:36:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



داۋامى

   ئايگۈل:توغرا،مەن ئەمدى ئىككىمىز ئايرىلىپ كېتىدىغان ۋاقىت بولدى دەپ دەپ قارايمەن.ئۈچ يىللىق بەختكە ۋە شادخوراملىققا تولغان كۈنلەر مەڭگۈ بىزنىڭ ئەسلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.مۇناسىۋىتىمىزنى يەنە ئۇزۇنغا سوزىۋەتسەك بىز ئۈچۈن ئەسلىمە بولىدىغىنى شاتلىق ئەمەس بەلكى ھەسرەت-نادامەت، كۆڭۈلسىزلىكلەر  بولۇشى مۇمكىن.

    ئابلەت:سىز بەك رەھىمسىز ئىكەنسىز...

    ئايگۈل:مەن رەھىمسىز ئەمەس تەقدىر رەھىمسىز.(ئابلەتنىڭ رومكىسىغا ھاراق قۇيۇپ،ئۆزىنىڭ رومكىسىنى قولىغا ئالىدۇ)كېلىڭ ئابلەت،بىز كۆڭۈللۈك ئۆتكەن كۈنلىرىمىزنى گۈزەل ئەسلىمىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ،بىز-بىرىمىزنى خۇشال ئۇزىتىش ئۈچۈن كۆتۈرەيلى.

   ئابلەت :سىز راست گەپ قىلىڭ،مېنىڭ ئايالىمدىن ئاجرىشىشىمنى تەلەپ قىلامسىز؟

   ئايگۈل:رومكىنى كۆتۈرۈڭ...قېنى خوش ئەمىسە!(ھاراقنى ئىچىپ رومكىنى قويغاندىن كېيىن)ئەسلا ئۇنداق ئەمەس،مەن ئەزەلدىن سىز بىلەن توي قىلىش خىيالىدا بولۇپ باقمىدىم.ئەگەر سىز تەنھا بولۇپ قالغان بولسىڭىزمۇ سىز بىلەن توي قىلىشنى ئوخشاشلا خالىمىغان بولاتتىم.ھازىرقىدەك ئايالىڭىزنى ئالداۋاتقان يەردە مېنى ئالدىماي قويارمىدىڭىز.(چاخچاق قىلغان قىياپەتتە كۈلۈپ قويىدۇ)

   ئابلەت:ئايگۈل چاخچاق قىلماڭ...مېنىڭ سىزدىن ھازىرلا ئايرىلىشقا يۈرىكىم چىدىمايدۇ.ئايگۈل مېنى بۇنداق ئازاپ دېڭىزىغا تاشلىماڭ.

    ئايگۈل:مەن ھەممە ئىشنى چىرايلىق باشلاپ،چىرايلىق ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالايمەن.سىزنىڭچە ئۈچ يىلدىن بىرى كۈنلىرىمىز كۆڭلىمىز رازى بولغۇدەك كۆڭۈللۈك ئۆتمىدىمۇ؟

    ئابلەت:ئىنتايىن كۆڭۈللۈك،مەڭگۈ كېچەلمىگۈدەك دەڭا.

    ئايگۈل:ئەمىسە بىز يەنە قاچانغىچە مۇشۇنداق يۇشۇرۇن كۆرۈشۈپ يۈرۈيمىز؟تاكى ئىشلىرىمىز باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئاشكارا بولۇپ ئىككىمىز شەرمەندە بولغۇچىما؟ياق،مېنىڭ ئۇنداق كۈنلەرگە قالغۇم يوق.سىز يەنە كۆڭۈلنىڭ كەينىگە جاھىللىق قىلىۋەرمەڭ،ئەمدى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرايلى.كېيىن بىر-بىرىمىزنى يوللاردا ئۇچرىتىپ قالساق ئۆچمەنلىك بىلەن ئەمەس،ئەكسىچە كۈلكە بىلەن بىر-بىرىمىزگە قارىيالايدىغان بولايلى.

   ئابلەت:سىز راستىنلا بر قارارغا كېلىپ بولغان ئوخشىمامسىز؟

   ئايگۈل:ھەئە،مەن بۇندىن كېيىن سىزنى خىيالىمدىلا كۆرۈشنى خالايمەن.

    ئابلەت:بوپتۇ،مەن سىز بىلەن توي قىلىپ سىزنى ئۆيۈمگە ئېلىپ كېتەلمىگەندىكىن ئارتۇق تەلەپ قويۇشقىمۇ ھەققىم يوق.

   ئايگۈل:ئابلەت ،ئۇنداق دېمەڭ.ھەممە ئىشلار كۆڭلىمىزگە ئايان.نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ھەر ئىككىلىمىز ئىنتايىن سەمىمى ھەم قىزغىن بولدۇق.سىز پۇلنىڭ كۆزىگە قاراپ ئولتۇرماي ماڭا مەرتلىك بىلەن كۆپ ياردەم قىلدىڭىز،مەنمۇ ئۆزۈمنى تامامەن سىزگە تاپشۇردۇم.بىز دېيىشىدىغان سۆزلىرىمىزنى ئىشىمىزنىڭ بېشىدا ئوچۇق دېيىشىۋالغان بولغاچقا ئۈچيىلدىن بېرى ئوتتۇرىمىزدا ھېچقانداق تالاش-تارتىش ياكى كۆڭۈلسىزلىكلەر سادىر بولمىدى.مەن ئۆتكەن ئۈچيىللىق تۇرمۇشىمدىن قىلچە ئەپسۇسلانمايمەن.ياكى سىز، سىز ئۈچۈن كۆپ بەدەل تۆلىدىم،ئىرىشكەنلىرىم ئاز بولۇپ قالدى،دەپ قارامسىز؟

   ئابلەت:بۇ گەپلىرىڭىزنى قويۇڭ،سىز مېنىڭ سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمنى سەزمىدىڭىزمۇ؟ مۇشۇ ھالەتتە سىزدىن ئايرىلىپ قالسام سىزسىز قانداق كۈن ئۆتكۈزۈشنى تەسەۋۇر قىلالمايمەن.

   ئايگۈل:ماڭىمۇ بۇنداق قارارغا كېلىش ئاسانغا چۈشمىدى، مېنىڭمۇ كۆڭلۈم يېرىم.بىزگە ئوخشاش كىشىلەرنىڭ  تەقدىرى دائىم بۇنداق چىرايلىق بولىۋەرمەيدۇ.بىراق ھەرقانچە كۆڭۈللۈك ئويۇننىڭمۇ ئاخىرلىشىدغان ۋاقتى بولىدۇ.

    ئابلەتخىيال بىلەن سەل تۇرىۋىلىپ)بولىدۇ،مەن سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىزگە ماقۇل بولاي،ئەمما،سىزمۇ مېنىڭ بىر تەلىۋىمگە ماقۇل بولىشىڭىز كىرەك.

     ئايگۈل:قانداق تەلەپ؟

     ئابلەت:مەن ئۈچ يىلدىن بېرى سىز بىلەن ئارلىشىپ كۆنۈپ قالدىم،ئەمدى كېلىپ سىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمنى بۇنداق بىراقلا كەسكىن ئۈزىۋىتىشكە يۈرىكىم ھەرگىزمۇ چىدىمايدۇ،ئۇنداق قىلىش مېنىڭ قولۇمدىنمۇ كەلمەيدۇ.ئىككىمىزنىڭ كۆرۈشىدىغان ۋاقتنىڭ ئارلىقىنى ئۇزارتىپ ،ئاستا-ئاستا ئايرىلىشقا يېرىم يىل ۋاقىت بېرىڭ.

     ئايگۈل:بوپتۇ،ئىككىمىزنىڭ چىرايلىق خوشلىشىش پۇرسىتى بولۇپ قالسۇن،ئەمما ۋاقتى بىر ئاي بولسۇن.

    ئابلەت:بىر ئاي!سىز مېنى تىزراق ئۆلسۇن دېمەكچىمۇ؟ئېيتىڭە ،بۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ يۈرىكىڭىز ئىچىشمامدۇ؟

     ئايگۈل:مەن دەيدىغاننى دەپ بولدۇم.يەنىلا دەيدىغىنىم شۇ:ئىككىمىز ئايرىلىدىغان مىنۇتلاردا يۈرىكىمىزدە بىر-بىرىمىز ھەققىدە گۈزەل تەسىراتلار قىپ قالسۇن.

     ئابلەت:مەن سىزدەك تاش يۈرەك قىزنى كۆرۈپ باقمىغان(ئايگۈل بۇ گەپكە نارازىلىق بىلەن قارايدۇ) بوپتۇ ،سىزنىڭ دېگىنىڭىزگىمۇ كۆنمەي ئامال يوق ئوخشايدۇ(رومكىلارنى قولىغا ئېلىپ)قېنى ،كۆتۈرەيلى...

خوش،ئاخىرلاشقان گۈزەل كۈنلەر!

     ئايگۈلسىرلىق قاراپ)ياق،بۈگۈنىمىز ئۈچۈن كۆتۈرەيلى.

                                  3- كۆرۈنۈش.ئايگۈلنىڭ ئۆيى ،كېيىنكى كۈنى ئەتىگەن.

    تاڭ سەھەر.ئۆي ئىچىدە بىر بۇلۇڭدا كىيىم ئىشكاۋى،بىر تەرەپتە گىرىم ئۈستىلى،دېرىزىگە يىقىن جايدا قوش كىشىلىك كارۋات.كارۋاتتا يالىڭاچ مۆرىلىرى ئېچىلىپ قالغان ئابلەت بىلەن ئايگۈل بىرگە ياتقان ھالەتتە.دېرىزە پەردىلىرىدىن ئۆتۈپ تۆكۈلۈپ تۇرغان كۈن نۇرى ئۇلارنى يورۇتقان.ئايگۈل قىمىرلاپ كۆزىنى ئۇۋىلاپ يېنىدا ياتقان ئابلەتكە قارايدۇ،ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇخلاش كىيىمى بىلەن تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كېتىدۇ.ئۇزۇن ئۆتمەي مۇنچىدىكى شارقىرىغان سۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ.سەلدىن كېيىن يۇيۇنۇپ بېشىغا لۆڭگە ئورىۋالغان ئايگۈل چىقىدۇ.ئابلەتكا قاراپ ئۇنىڭ تېخىچە مىدىرلىماي ياتقانلىقىنى كۆرۈپ،كېلىپ ئۇنى ئويغىتىدۇ.

    ئايگۈل:ئابلەت،ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ قەدىرلىكىم.(ئابلەت قىمىرلىماي ياتقاندىن كېيىن كېلىپ ئۇنىڭ ئىڭىكىدىن تۇتۇپ بوشقىنە مىدىرلىتىدۇ)قېنى كۆزىڭىزنى ئېچىڭ.

    ئابلەتكۆزىنى ئاچماي قىمىرلاپ قويۇپ)سائەت قانچە بولدى؟

    ئايگۈل:سائەت يەتتدىن ئاشتى(ئۇ شۇنداق دەپ بېرىپ دېرىزە پەردىلىرىنى ئېچىۋىتىدۇ)

    ئابلەتيورۇقتىن كۆزىنى قاچۇرۇپ)خىل بىر ۋاق بوپ قاپتۇ،بىراق پۇت-قولۇمدا زادى ماغدۇر يوق،تۇرغۇم كەلمەيۋاتىدۇ.(ئۇ كۆزىنى يۇمۇپ يەنە ئۇىلاش ئۈچۈن ياتىدۇ)

     ئايگۈل:بولدى قىلىڭ،ئاخشام قالتىس ئىدىڭىزغۇ.قېنى،كۆزىڭىزنى ئېچىڭ(ئۇ شۇنداق دەپ كارۋاتنىڭ قىشىغا كېلىپ ئابلەتنىڭ يوتقىنىنى يېرىم ئېچىۋېتىدۇ)ھېلى ئايالىڭىز بىلەن كۆرۈشكەندە بېرىدىغان جاۋابىڭىزنى ئويلىۋىلىڭ.

     ئابلەتكۆزىنى ئاچماي تۇرۇپ)ئىچكىردىن بۈگۈن كەلدىم دېسەم ئۇ ئىشىنىدۇ.

     ئايگۈلئابلەتنىڭ قۇلىقىىدىن بوشقىنە تارتىپ)كىم بىلىدۇ،بەلكىم كەينىڭىزدىن ماراپ بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرەمدۇ تېخى.

    ئابلەتكۆزىنى لاپپىدە ئېچىپ)مۇمكىن ئەمەس،ئۇ ھېچنەرسىنى بىلمەيدۇ.بولمىسا ئۇ بۇ ۋاققىچە بىر نەرسە دېگەن بولاتتى.

     ئايگۈل:شۇنداقتىمۇ شىرىن چۈشىڭىزنى ئاخىرلاشتۇرۇڭ،مەن ئىشقا بېرىشىم كىرەك.

      ئابلەتئورنىدىن تۇرۇپ ئولتۇرۇپ)زادى نېمە بولدۇمكى،يىقىندىن بېرى پات-پات قىزىپ قىلىۋاتىمەن.(دەپ پىشانىسىنى تۇتۇپ كۆرۈدۇ)

     ئايگۈلكىيىملىرىنى كىيگەچ)كىم بىلىدۇ،بارغان يېرىڭىزدىن بۇزۇق خوتۇنلارنىڭ كېسىلىىنى يۇقتۇرۇپ كەلدىڭىزمۇ تېخى...

      ئابلەت:يوقىلاڭ گەپلەرنى قىلماڭا،سىز ماڭا ئىشەنمىگەچكە مۇناسىۋېتىمىزنى ئۈزەيلى دەۋاتقان ئوخشايسىز.ئەمما ،مەن بۇ ئۆمرۈمدە ئايالىمنى چىقىرىۋەتكەندە سىزدىن باشقا ئىككىنچى بىر ئايالنىڭ قولىنىڭ ئۇچىنى تۇتۇپ باققان ئادەم ئەمەسمەن.

   ئايگۈلئابلەتنىڭ قولىنى تۇتۇپ)ھوي ،راستىنلا قىزىپ قالغاندەك قىلىسىزغۇ؟ھازىرلا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈتىپ بېقىڭ.

    ئابلەتكۈلۈپ)سىز ماڭا مۇشۇنداق دائىم مېھرىبانلىق قىلىپ تۇرسىڭىز دوختۇرخانىغا بېرىشىمنىڭ ھاجىتى يوق.بەلكىم سىز ئايرىلىپ كېتەيلى دېگەنلىكىڭىزدىن كۆڭلىم يېرىم بولۇپ ئاغرىپ قالغان بولۇشۇم مۇمكىن.

     ئايگۈل:ئەمدى خامخىيالنى تاشلاڭ،تۈنۈگۈن كەچ دېيىشكەنلىرىمىز ھېساپ.بىز ئايرىلىپ كېتىدىغان بۇ بىر ئاي ئىچىدە يەنە كۆرۈشەلەيدىغان پۇرسىتىمىز پەقەت ئۈچ قېتىملا.

     ئابلەت:نېمە ،بۇ بەك ئازغۇ؟ ئەگەر مەن دوختۇرخانىدا يېتىپ قالسام مېنى يوقلاپ بېرىشىڭىز بۇنىڭ سىرتىدا بولىدۇ،شۇنداقمۇ؟

     ئايگۈل:تاش يۈرەكلىكىم ئۈچۈن كەچۈرۈڭ،ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالسىڭىزمۇ سىزنى يوقلاپ بارالمايمەن.بىز ئاز كۆرۈشسەك رىشتىمىزنى تىز ئۈزۈشكە پايدىلىق.ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ سىزنىڭ ئۆيۈڭىزدىكىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالغۇم يوق.

    ئابلەت:ئاھ ،خۇدا! بۇ سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلىغۇچە كېچىدىن قوينىڭىزدا ئۆلۈپ قالسام بولماسمىدى!

    ئايگۈل:مېنى قورقۇتماڭ...قېنى تىز بولۇڭ(دەپ ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ كارۋاتتىن چۈشۈرىدۇ)

    ئابلەت ئورنىدىن تۇرۇپ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ چىقىدۇ.بۇ ۋاقىتتا ئايگۈل كىيىملىرىنى كېيىپ تەييار بولىدۇ،ئابلەتمۇ كىيىملىرىنى كېيىدۇ.

     ئابلەت:راست،ئۇنتۇپ قاپتىمەن.سىزگە بىر سوۋغات ئالغاچ كەلگەن ئىدىم(دەپ يانچۇقىدىن بىر قۇتىنى ئالىدۇ)قېنى ئېلىڭ.

      ئايگۈلقۇتىنى ئېلىپ ئېچىپ كۆرۈدۇ)ۋاي-ۋۇي،بەك ئىسىل زۇنناركەنغۇ!قانچە پۇلغا ئالدىڭىز؟

      ئابلەت:ئاشىقى بەرگەن سوۋغاتنىڭ پۇلىنى سورىمايدىغان.

     ئايگۈل:رەھمەت!...كېچىدىن مېنىڭ كارۋېتىمدا ياتمىغان بولسىڭىز بۇ سوۋغاتنى بەرمەيدىكەنسىزدە.

      ئابلەت:ماڭا ئۇۋال قىلماڭ ،ئاخشام تاماق يەۋېتىپ دېگەن سۆزلىرىڭىز مېنى ئازاپلاپ ئېسىمدىن كەتكۈزىۋەتتى،شۇڭا بېرىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.بولمىسا تۈنۈگۈنلا ئۇنى سىز بەرگەن بولاتتىم.

    ئايگۈل:چاخچاق قىلىپ قويدۇم.ماڭا بەرگەن بارلىق سوۋغاتلىرىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپ رەھمەت!بۇ سىز ماڭا بەرگەن ئەڭ ئاخىرقى سوۋغات بولۇپ قالسۇن...بىر ئايدىن كېيىن بىز ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا ماڭا بەرگەن سوۋغاتلىرىڭىز ئۈچۈن ئىچىڭىزدە مېنى مىڭنى تىللارسىز بەلكىم...

    ئابلەت:ماڭا بۇنداق دېگۈچە پىچاقتىن بىرنى بېرىپ «يۈرىكىڭنى كۆرسەت»دېسىڭىزچۇ،شۇ چاغدا ئاندىن مېنىڭ ئوتتەك قىزغىن ،سەمىمى يۈرىكىمنى كۆرۈپ بۇنداق گەپلەرنى دېمىگەن بولاتتىڭىز.

    ئايگۈل:بولدى،ئوينىشىپ دەپ قويدۇم.سىزنى رەنجىتكەن سۆزلىرىم ۋە ئىشلىرىم ئۈچۈن مېنى ئەپۇ قىلىڭ!

     ئابلەت:مېنىڭ راستىنلا قىشىڭىزدىن كەتكۈم يوق.(ئۇ شۇنداق دەپ بېرىپ ئۆزىنى كارۋاتقا تاشلاپ ياتىدۇ)بەزىدە بۇ ئۆيدىن كەتمەي ياتسامكەن دەپ ئويلاپ كېتىمەن.

     ئايگۈل:بولدى،تولا ئويناشماڭ،ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ.(ئايگۈل كېلىپ ئابلەتنىڭ قولىدىن تارتىپ ئۇنى تۇغۇزىدۇ)قولىڭىز راستىنلا قىزىق تۇرىدۇ،ھازىرلا بېرىپ دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ...ئېسىڭىزدە بولسۇن،بىز يەنە ئۈچ قېتىم كۆرۈشكەندىن كېيىن مەڭگۈ بىر -بىرىمىزنى ئىزدىمەيمىز.بۇندىن كېيىن ئۆزىڭىزنى تۇتىۋىلىپ ئۆز سالاھىيىتىڭىزغا ماس كەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلماڭ.ئايالىڭىز بىلەن مۇناسىۋېتىڭىزنى تېخىمۇ ياخشىلاپ ،كېيىن يەنە تالاغا قارايدىغان ئىشلارنى قىلىپ يۈرمەڭ .مەن سىزنىڭ باللىرىڭىزنى يىتىم قىلىشىڭىزنى ئارزۇ قىلمايمەن...

     ئابلەت:ھازىرچە بۇنداق ۋىدالىشىش سۆزلىرىنى قىلىشقا ئالدىرىماي تۇرۇڭ،بۇنداق گەپلەرنى دېيىشنىڭ ۋاقتى كېلىدۇ.

     ئايگۈل:بولىدۇ.بىر گەپنى ئوچۇق دەپ قوياي،بۇندىن كېيىنكى ئۈچ قېتىملىق كۆرۈشۈشتە چوقۇم ئالدىدىن كېلىشىۋىلىپ ئاندىن كۆرۈشىمىز...ئەمدى،خوش!

    ئابلەت:ئىھ،تاش يۈرەك قىز،خوش!(ئابلەت شۇنداق دەپ ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭىدۇ،ئىشىك تۈۋىگە كېلىپ توختايدۇ)مېنى سۆيۈپ ئۇزىتىپ قويمامسىز؟

    ئايگۈلئۆز قولىغا سۆيۈپ ،قولىنى ئابلەتكە سۇنۇپ)ئەمدى مېڭىڭ،مۇشۇنداق بولسا كۆڭلىڭىز مەندىن تىزراق سوۋۇيدۇ.

    ئابلەت ئۈمۈدسىز ھالەتتە ئىشىكتىن چىقىپ كېتىدۇ.

                                            4 -كۆرۈنۈش.ئابلەتنىڭ ئۆيى

     ئابلەت ماشىنىسىنى ھەيدەپ بىر دوقمۇشتىن قايرىلىپ ماشىنىلار توپى ئارىسىدا ماڭىدۇ.ئدخىرسىدا بىر بىنانىڭ ئالدىغا كېلىپ ماشىنىسىنى توختىتىدۇ.ماشىنىدىن چۈشۈپ بىناغا چىقىپ بىر ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيگە كىرىدۇ.ئۆي ئىچىگە قاراپ ھېچكىم يوقلىغىنى كۆرۈپ،سافاغا كېلىپ ئولتۇرىدۇ.ئۈستەلدىكى رەسىم جازىسىدىكى ئىككى ئوغلىنىڭ سۈرىتىنى قولىغا ئالىدۇ.سۈرەتكە بىردەم ئۈنسىز قاراپ ئولتۇرىدۇ.

     ئابلەت:باللىرىممۇ چوڭ بولۇپ قاپتۇ...راستىنلا ئۇ ئىشلارنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ۋاقىت بولىدىمىكىن... ۋاقىت نېمە دېگەن تىز ئۆتكەن...يىگىتلەر ھەرقاچان ئاپىسى بىلەن مەكتەپتە.يەنە قىزىپ تۇرىمەن،دوختۇخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈتۈپ باقاي.(ئابلەت ئۆزىگە سۆزلەپ ،قولىدىكى سۈرەتنى قويۇپ سىتقا ماڭىدۇ)

                                   5 -دوختۇرخانا

      ئابلەت دوختۇرخانىغا كېلىپ ئالدى بىلەن نومۇر ئېلىش ئورنىغا كېلىپ نومۇر ئالىدۇ،ئاندىن ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدىكى دوختۇرنىڭ ئالدىغا كىرىدۇ.دوختۇر بىلەن بىر دەم سۆزلىشىدۇ،سىرتقا چىقىپ قان ئېلىش بۆلۈمىگە بارىدۇ.قان ئالدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن دوختۇرنىڭ ئالدىغا كىرىدۇ.دوختۇر ئۇنىڭ قولىدىكى قەغەزگە قاراپ«ئەتە ئەتىگەندە كېلىڭ ،قان تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئەتە چىقىدۇ»دەيدۇ.ئابلەت دوختۇر بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ كېتىدۇ.

                      6-كۆرۈنۈش.ئابلەت ئىشلەيدىغان شىركەت

      ئابلەت ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېلىپ بىر بىنانىڭ ئالدىدا توختىتىپ ماشىنىدىن چۈشىدۇ.بىناغا كىرىپ ئۇچراشقان خىزمەتداشلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.ئۇلار «دىرىكتور ،ياخشىمۇ سىز!قايتىپ كەپسىز»دېيىشىدۇ ،   

ئابلەت«ياخشى ،قايتىپ كەلدىم»دەپ جاۋاپ بەرگەچ ،«باش دىرىكتور ئىشخانىسى»دېگەن خېتى بار قېيىن ئاتىسىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىدۇ.

    قېيىن ئاتىسى:قېنى ،كېلىڭ ئوغلۇم .قاچان قايتىپ كەلدىڭىز؟(دەپ ئۇنى سافادا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ)

   ئابلەت:چۈشنىڭ ئالدىدا قايتىپ كەلدىم(جاۋاپ بەرگەچ كۆرۈشۈپ كېلىپ سافادا ئولتۇرىدۇ)

    قېيىن ئاتىسى:ئايتۇرھەم بالىلار بىلەن كۆرۈشتىڭىزمۇ؟(ئابلەتنىڭ چىرايىغا دىققەت بىلەن قاراپ)چىرايىڭىز ئوبدان ئەمەس ئاغرىپ قالمىقانسىز؟

     ئابلەت:ئۆيگە بارسام ئۇلار يوق ئىكەن...سەل بىئاراملىق ھېس قىلىپ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈتۈپ كېلىشىم.

     قېيىن ئاتىسى:دوختۇرخانىغا باردىڭىز؟دوختۇرلار نېمە دەيدۇ؟

     ئابلەت:تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئەتە ئەتىگەندە چىقىدىكەن.

     قېيىن ئاتىسى:قاراشقىمۇ بەك چارچاپ قالغاندەك قىلىسىز،ئەڭ ياخشىسى ھازىرلا ئۆيگە قايتىپ ئارام ئېلىڭ.

     ئابلەت:بولىدۇ(چىقىپ كېتىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇپ)بۇ قېتىمقى ئىچكىرىدىن كەلتۈرۈلگەن ماللارنىڭ بازىرى قانداقراك بولىۋاتىدۇ؟

   قېيىن ئاتىسى:ئىنتايىن ياخشى.بۇ قېتىم ماللارنى ياخشى تاللاپسىز...سىز شىركەت ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقاردىڭىز،(كېلىپ ئابلەتنىڭ مۆرىسىگە يىنىككىنە ئۇرۇپ)شىركەتتە سىزنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىڭىز بار ئوغلۇم .سىزدەك تىرىشچان ،ئىقتىدارلىق،يىراقنى كۆرەر ياشلار بولغاچقا شىركەت يەنىمۇ روناق تاپىدۇ.سىز ئەمدى بىر مەزگىل ئارام ئېلىپ داۋالانغاچ باللىرىڭىز بىلەن بىرگە بولۇڭ.سىز كەتكەندىن بېرى ئەنۋەر بىلەن ئەركىن سىزنى قاچان كېلىدۇ،دەپ ھەر كۈنى بىر قېتىم تېلېفون بېرىپ تۇردى.بۇ ئىككى يىگىت سىزگە بەك ئامراق.

     ئابلەت:مېنىڭ يەنە بىر يېڭى پىلانىم بار ئىدى...

     قېيىن ئاتىسى:بولدى ئوغلۇم،سىز ھازىرچە ياخشى ئارام ئېلىپ داۋالىنىڭ.ۋاقتىنچە خىزمەتنى ئويلىماڭ، يېڭى پىلانىڭىز توغۇرلۇق سىز دەم ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئوبدان سۆزلىشىمىز.راست،ھەقاچان ئەركىنگە ۋېلىشپىت ئەكىلىشنى ئۇنتۇپ قالدىڭىز.ئۇ تېلېفوندا سىزگىمۇ دېگەن بولۇشى مۇمكىن...

    ئابلەت:ئۇنتۇپ قاپتىمەن...

     قېيىن ئاتىسى:ئەمىسە ھازىرلا بازاردىن بىرنى سېتىۋېلىپ قايتىڭ.

      ئابلەت:بولىدۇ،خوش دادا!

   قېيىن ئاتىسى:خوش ئوغلۇم!(ئابلەت چىقىپ كېتىش ئۈچۈن ئىشىكنى ئاچىدۇ)توختاپ تۇرۇڭ،ئەتە كېسىلىڭىز ئىنىقلانغاندا ماڭا تېلېفون بېرىۋېتىڭ.

    ئابلەت:ماقۇل(چىقىپ كېتىدۇ)

                                  7 -كۆرۈنۈش .ئابلەتنىڭ ئۆيى

    ئابلەت بالىلار ۋېلىسپىتىدىن بىرنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە كىرىدۇ.ۋېلىسپىتنى ئىشىك تۈۋىدىلا قويۇپ ئكزى ئىچكىركى ئۆيگە كىرىپ تاماكا چېكىپ بىر دەم ئولتۇرىدۇ.كېيىن كارۋاتقا چىقىپ ياتىدۇسەلدىن كېيىن ئىشىك ئېچىلىپ ئۆيگە ئايتۇرسۇن كىرىدۇ.

    ئايتۇرسۇن:ۋېلىسپىت!(دەپ سىرتقا قاراپ چاقىرىدۇ)باللىرىم تىز بولۇڭلار!داداڭلار قايتىپ كەپتۇ.

    ئەنۋەر:دادام قېنى؟(دەپ ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىرىدۇ)

     ئەركىنئۆيگە كىرىپ)دادام قېنى؟ماڭا ۋېلىسپىت ئەكپتىمۇ؟

    ئەنۋەر:ئەكەپتۇ،قارىغىن شۇنداق چىرايلىق ئىكەن(باللىرى ۋېلىسپىتكە قارىشىپ تۇرغاندا ئايتۇرسۇن ئىچكىركى ئۆيگە كىرىپ ،كارۋاتتا ياتقان ئابلەتنى كۆرۈپ جىمغىنە كەينىگە يانىدۇ)

    ئەركىن:ئاپا ،قاراڭە،ۋېلىسپىتىم بەك چىرايلىق ئىكەن.

    ئايتۇرسۇن:باللىرىم بوشراق سۆزلەڭلار،داداڭلار ئارام ئېلىپ يېتىپتۇ.

    ئەنۋەر:دادام ئۆيدە بارمىكەن؟

    ئايتۇرسۇن«باركەن»دېگەن مەنىدە بېشىنى لىڭشىتىدۇ.

     ئەركىن:ئاكا قارىغىنە ،ماۋۇ يېرى ئەجەپ چىرايلىق ئىكەن(دەيدۇ ۋېلىسپىتىنىڭ ئۇ يەر-بۇيېرىنى سىلاپ)

    ئەنۋەر:تورمۇزىمۇ قالتىس چىڭكەن.

     ئىككىيلەن ۋېلىسپىتىنى كۆرۈۋاتقاندە ئابلەت ئاستا چىقىپ كېلىدۇ.

     ئابلەت:يىگىتلەر ،ياخشىمۇ سىلەر!

     ئەنۋەر:دادا!

     ئەركىن:دادا!

     ئابلەتيۈگۈرۈپ كەلگەن باللىرىنى باغرىغات بېسىپ)مېنى سېغىندىڭلارمۇ؟(دەپ ئايتۇرسۇنغا قاراپ قويىدۇ.ئايتۇرسۇن مىيىغىدا سۇس كۈلۈپ قويۇپ ،چاپىنىنى سېلىپ ئۆي ئىچىنى رەتلەش بىلەن بولۇپ ئابلەت بىلەن كارى بولمايدۇ.

   ئەركىن:مەن سىزنى بەك سېغىندىم..

     ئەنۋەر؛دادا ،بۇ قېتىم بەك ئۇزۇندا كەلدىڭىز.

    ئابلەت:مېنىڭمۇ سىلەرنى كۆرگۈم كېلىپ بەك ئالدىرىدىم،بىراق ئىشلىرىم تىز تۈگىگىلى ئۇنىمىدى.

    ئەركىن:دادا ،مەن ۋېلىسپىتىمنى ھەيدەپ باقسام بولامدۇ؟

    ئابلەت:ئەلۋەتتە بولىدۇ.چوڭ بولغۇچە ساقلىساڭ ساڭا كىچىك كېلىپ قالىدۇ.

    ئەركىن:ئەمىسە ھازىرلا پەسكە چۈشۈپ ھەيدەيمەن(ئۇ شۇنداق دەپ ۋېلىسپىتىنىڭ قىشىغا كېلىدۇ)

    ئابلەتئەنۋەرگە قاراپ)سەن بىرگە چىق ،ئۇكاڭ يىقىلىپ بىرەر يېرىنى زەخمىلەندۈرىۋالمىسۇن.

     ئىككى بالا بىرلىكتە سىرتقا قاراپ ماڭىدۇ.

     ئايتۇرسۇن:باللىرىم ،چوڭ يولغا چىقماڭلار ،بىنا ئالدىدىكى يولدا ئويناڭلار .

     ئەركىن،ئەنۋەر:بولىدۇ،ئاپا.(بالىلار چىقىپ كېتىدۇ)

     ئايتۇرسۇنئابلەتكە قاراپ)بۈگۈن ئەجەپ ئۆيدە بولىدىغانغا ۋاقتىڭىز چىقىپتۇ-ھە؟

     ئابلەت:نېمە دېگىنىڭ بۇ؟مەن ئۆز ئۆيۈمدە تۇرمايدىغاندەك گەپ قىلىۋاتىسەنغۇ؟

     ئايتۇرسۇن:ئىشقىلىپ بەك ئۇزۇن بولدى،بالىلار چوڭ بولغانسىرى سىز بۇ ئۆيدىن يىراقلاپ كېتىۋاتىسىز.بالىلارنىڭ ئېسىڭىزدە بار-يوقلىغىنىمۇ بىلەىلى بولمايدۇ.(ئۇ شۇنداق دەپ ھارغىن قىياپەتتە كېلىپ سافادا ئولتۇرىدۇ)

    ئابلەت؛قىزىق گەپ قىلىىدىكەنسەن،مەن ھەر ۋاقىت بالىلارنىڭ كەينىدە يۈرۈيدىغانغا بىكار ئادەم بولمىسام.مەن شۇ سودا...

    ئايتۇرسۇن ئابلەتنىڭ گىپىنى بۆلۈپ)بولدى،مەن سىزنىڭ شۇنداق دەيدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم،سىز دائىم شۇ سودا ئىشلىرى ئۈچۈن ئالدىراش .بۇ سودا ئىشلىرىڭىز يەنە قانداق ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ،مەن بۇلارنى بىلمەيمەن.بىراق ،سىز مۇشۇنداق قىلىپ نېمىلەرگە ئىرىشىپ ،نېمىلەردىن ئايرىلىپ قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى ئويلاپ باقسىڭىز بولىدۇ.

    ئابلەتئايتۇرسۇننىڭ قىشىغا كېلىپ) مەن نېمىگە ئىرىشىپ ،نېمىدىن ئايرىلىپ قاپتىمەن؟

     ئايتۇرسۇن:بۇنى مېنىڭ دېيىشىمنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ئۆزىڭىز يوقىتىپ قويغان نەرسىلەرنى ئۆزىڭىز ھېس قىلالمىسىڭىز ،مەن دېسەممۇ بەرىبىر چۈشەنمەيسىز.مەن ئۆز ۋاقتىدا سىز ئوقۇتقۇچىلىقنى تاشلاپ دادام بىلەن سودا قىلىشقا چۈشكىنىڭىزدە ،ئىككىمىزنىڭ كۈنلەرنىڭ مۇشۇنداق باشقا-باشقا يولغا قاراپ ماڭغان ئادەمەلەردىن بولۇپ قالىدىغانلىقىمىزنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.

    ئابلەت:سېنىڭ دېگىنىڭ قايسى يول؟ئەمىلىيەتتە ئىككىمىز يەنىلا بىر ئۆيدە ئىناق ئۆتۈۋاتىمىزغۇ.

    ئايتۇرسۇن:بولدىلا،مەن بۇرۇن سىز بىلەن بۇ ھەقتە سۆزلىشىپ كۆرۈشنى ئويلىغان بولساممۇ ،ئەمما ئوچۇق -يورۇقلۇق بىلەن كەڭ-كۈشادە سۆزلىشىدىغانغا پۇرسەت بولمىدى.بىراق ئەمدى ۋاقتى ئۆتكەندە كۆڭۈللەرنى زىدە قىلىپ ئۆزىمىزنى ئازاپلىغاننىڭ پايدىسى يوق.مەن بۇرۇنمۇ سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزغا ئارلاشمىغان ،بۇندىن كېيىنمۇ ئارلاشمايمەن.كۆڭلىڭىىز خالىغان ئىشلىرىڭىزنى قىلىۋېرىڭ.

    ئابلەت:نېمىلەرنى دەۋاتىسەن؟قانداقسىگە ۋاقتى ئۆتكەن بولسۇن؟بۇندىن كېيىن سىلەر بىلەن كۆپراق بىرگە بولسام بولىدىغۇ.

   ئايتۇرسۇن:ئەمدى بۇنداق قىلغىنىڭىزنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟سىز ئاللىقاچان بىزدىن يىراقلاپ كېتىپ بولغان كۆڭلىڭىزنى قايتۇرۇپ ئەكىلىۋالالمايسىز.مەن سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى قىينىماي راست گەپ قىلىشىڭىزنى كۈتىۋاتىمەن.(ئۇ شۇنداق دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدۇ)

     ئابلەت: ئايتۇرسۇن ئېسىڭ جايىدۇمۇ سېنىڭ؟زادى نېمىلەرنى دەۋاتىسەن؟

     ئايتۇرسۇنتوختاپ ئابلەتكە اقراپ)سۆزلىرىمنى چۈشەنمىدىڭىز؟

     ئابلەت:نېمىلەرنى دەۋاتقانلىغىڭنى ھېچ ئۇقالمىدىم؟

     ئايتۇرسۇن:بوپتۇ ئەمىسە.مەن سىزگە راست گەپنى دېسەم،سىز مېنى بەك ساددا ياكى دۆت ھېساپلايسىز؛

ئۆزىڭىزنىڭ مەندىن يۇشۇرۇنچە باشقا ئاياللار بىلەن نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنلىكىڭىزنىمېنى قىلچە بىلمەيدۇ،ھېچنەرسىنى سېزەلمەيدۇ،چاندۇرمىدىم دەپ ئويلايسىز.بىراق بىز بىر ئۆيدە ياشاۋاتقىلى ئون يىلدىن ئاشقان تۇرسا ،مەن سىزنىڭ قانداق ئىشلار بىلەن قانداق ھېسياتتا بولىدىغانلىقىڭىزنى، سىزدە قانداق ئۆزگىرىشلەرنڭ سادىر بولىدىغانلىقىنى ئىنتايىن ياخشى چۈشىنىمەن...مەن سىزنىڭ باشقا ئاياللار بىلەن ناشايان ئىش قىلىپ يۈرگىنىڭىزنى بۇرۇنلا سەزگەن ...سىز بىر نامەلۇم ئايال ئىزچىل ئارلىشىپ كېلىۋاتىسىز..مەن دەسلەپ بۇنى سەزەەن ۋاقتىمدا ،سىزنى ھۇشىنى تېپقۋالار،بالىلار يىتىم بولۇپ قالمىسۇن،دەپ سىزنى كەچۈرىۋېتىش خىيالىدا ئۈزۈمنى بېسىۋالدىم.سىزنى مېنىڭ ئالدىمدا،دادامنىڭ ئالدىدا نومۇستا قىلىپ يۈزى چۈشۈپ كەتمىسۇن ،دەپ قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى يۈزىڭىزگە سالمىدىم.لېكىن ، ئەپسۇس!سىز بالىلارچە خامخىياللىرىڭىز بىلەن قىلىۋاتقان ئىشىڭىزدىن نومۇس قىلىپ كەينىڭىزگە يېنىش ئۇياقتا تۇرسۇن،ئەكسىچە ،مېنى ھېچنەرسىنى بىلمەيدۇ،دەپ ئۆز يولىڭىزدا مېڭىۋېرىپ بىزدىن بارغانسىرى يىراقلاپ كەتتىڭىز.سىز بىر خىل نورمال ئەرلەرگە خاس تۇرمۇشىڭىزنى يوقىتىپ قويغانلىقىڭىزنى سەزمىدىڭىزمۇ؟...سىز ھازىرغىچە مېنى ئاشۇ نومۇسسىزلىقلىرىڭىزنى قىلچە سەزمىدى،قى؛چە چاندۇرمىدىم،دەپ ئويلايسىز،شۇنداقمۇ؟...ساددىلىققۇ بۇ(ئۇ ئابلەتكە قارىغىنىچە بېشى چۈشۈپ كەتكەن ئابلەتكە قاراپ سافادا ئولتۇرىدۇ.كۆزىنى يۇمۇپ سەل تۇرىۋالىدۇ،كۆزىنى ئېچىپ ئابلەتكە قارايدۇ)مەن بۇ ئىشلار توغرىسىدا سىز بىلەن بۇنداق سۆزلىشىپ قىلىشنى ئويلىمىغان،سىزنى ئاشۇ يولدىن يېنىپ كەلسىكەن،كەچۈرىۋېتەي،دەپ ئويلىغان.بۈگۈنگە كېلىپ مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر خامخىيال ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم.مەن ...مەن ھەممىدىن ۋاز كەچتىم.لېكىن ...(ئىسەدەپ تۇرۇپ)لېكىن ئاشۇ سەبىي باللىرىمنىڭ يۈرىكىن ىزىدە قىلماي دەپ سىزگە ھېچنەرسە دېمىدىم...مەن سىزنىڭ بىر كۈنى ئاجرىشايلى دېيىشىڭىزنى كۈتىۋاتىمەن...(دەپ ياشلىرىنى سۈرىتىدۇ)

   ئابلەت:ۋاي،خۇدايىم!سەن نېمىلەرنى دەۋاتىسەن؟مەن سەن بىلەن مەڭگۈ ئاجراشمايمەن.

    ئايتۇرسۇن:مەن بايا سىزگە دېدىم،مەن ئەمدى سىز بىلەن تالىشىپ ئولتۇرۇشنى خالىمايمەن.ئەرلەر ھەرقانچە ئەقىللىق بولۇپ كەتكىنى بىلەن ئۆزىنى ياخشى كۆرۈدىغان بىر ئايالدىن ئۆزىنىڭ ھېسيات ۋە باشقا جەھەتتىكى كىچىككىنەك ئۆزگىرىشلىرىنى،ئەسلىدىكىگە ئوخشىماي قالغان تەرەپلىرىنى ،قىلىۋاتقان ياسالمىلىق،ساختىپەزلىكلىرىنى ئەسلا يۇشۇرۇپ قالالمايدۇ.سىزنىڭ قەلبىڭىز ئاللىقاچان ماڭا تەئەللۇق بولماي قالدى،مېنىڭ قەلبىممۇ شۇنداق ؛ئەمدى ئۇنىڭدا سىزگە مەنسۇپ ھېچقانداق ھېسيات يوق ...سىز بىلەمسىز ،مېنىڭ قەلبىم ھازىر جەڭدىن كېيىنكى بىر خارابىلىككە ئوخشاپ قالدى(ئۇ شۇنداق دەپ ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى ئېتىپ ئولتۇرىدۇ)

    ئابلەت:سەن بەك گۇمانخور بولۇپ كېتىپسەن،ھېچ ئاساسسىزلا گەپ قىلىۋاتىسەن.

     ئايتۇرسۇنبېشىنى كۆتۈرۈپ)بولدى،ئەمدى سىز بىلەن تالاشقۇدەك ماغدۇرۇم يوق.چىقىپ تامىغىمنى ئېتەي،سىزمۇ نېمە قىلىش توغرىسىدا تىزراى بىر قارارغا كېلەرسىز(ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭىدۇ)

    ئابلەت:توختاپ تۇر...

     ئايتۇرسۇن:سىز نېمە دېمەكچى؟يەنە مېنى گۇمانخورلۇق قىلىۋاتىسەن دېمەكچىمۇ؟مەن سىزنىڭ ئۆزىڭىز بىلمەستىن سەزدۈرۈپ قويغان ئىشلىرىڭىزنى سىزگە يەنە سۆزلەپ ،چۈشەندۈرۈپ ئىسپاتلاپ يۈرۈشنى خالىمايمەن ھەم مەندىن كەچۈرۈم سوراپ يالۋۇرۇشىڭىزنىمۇ ئۈمۈد قىلمايمەن.بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا قىلغان سۆزلىرىڭىزنىڭ ھەم ئىشلىرىڭىزنىڭ مەن ئۈچۈن زادى ئەھمىيىتى يوق.پەقەت ئاشۇ سەبىي باللىرىم ئۈچۈن...(دەپ بېشىنى كۆتۈرەلمەي ئولتۇرۇپ قالغان ئابلەتكە قاراپ سەل تۇرۇپ قىلىپ ،ئۇ گەپ قىلمىغاندىن كېيىن چىقىپ كېتىدۇ)

   ئابلەتبېشىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كېتىۋاتقان ئايتۇرسۇننىڭ كەينىدىن قاراپ قويۇپ،ئۆزىنى كەينىگە تاشلاپ ئولتۇرۇپ ،ئۆز-ئۆزىگە دېەيدۇ)ئۇ راستىنلا بىلىپ قالغان ئوخشايدۇ.مە نزادى قانداق چاندۇرۇپ قويغان بولغىدىم؟...ئۇ راستىنلا بەك ئۈمۈدسىزلىنىپ كېتىپتۇ.ياق،مەن ئايتۇرسۇندىن،باللىرىمدىن ئايرىلىپ قالسام بولمايدۇ...ئايگۈل مەن ئۈچۈن پەقەت بىر قىستۇرما كۈي...مەن ...مەن...


   8-كۆرۈنۈش.ئابلەتنىڭ ئۆيى كېيىنكى كۈنى ئەتىگەن

    ئايتۇرسۇنبالىلىرىنىڭ بوقچىسىنى ئېلىپ بېرىۋىتىپ)قېنى تىز بولۇڭلار باللىرىم،تۆۋەنگە چۈشكەچ تۇرۇڭلار،مەن كەينىڭلاردىنلا چۈشىمەن.

    ئەركىن:دادام تېخىچە ئورنىدىن تۇرماپتىغۇ؟

    ئايتۇرسۇن:داداڭلار بۈگۈن ئىشقا بارماي دەم ئالىدىكەن.

     ئەنۋەرئىشىك تۈۋىگە كېلىپ) ئەركىن تىز بول!

     ئەركىن:ئاكا ،توختا.(ئىككى بالا بىرلىكتە چىقىپ كېتىدۇ)

    ئايتۇرسۇنئابلەت ياتقان ئۆيگە كىرىدۇ،ئابلەت قىمىرلىماي ياتىدۇ)ئەھۋالىڭىز قانداقراق؟ئەتىگەندە دوختۇرخانىغا بارىمەن دەۋاتاتتىڭىز...

    ئابلەتبېشىنى كۆتۈرۈپ ئورنىدىن تۇرىدۇ)ھېلى بارىمەن...بەدىنىم يەنىلا قىزىق،پۇت-قولۇم ماغدۇرسىز..

    ئايتۇرسۇن:بوپتۇ ئەمىسە...ناشتىلىقنى تەييار قىلىپ قويدۇم...مەن ماڭدىم.

    ئابلەت:مەن ئۆلۈپ قالساممۇ قىلچە پەرۋا قىلمايدىغان ئوخشىمامسەن؟

     ئايتۇرسۇنپەرۋاسىز ھالەتتە)مەن يەنىلا سىزنىڭ خوتۇنىڭىز،قانداق گىپىڭىز بولسا قۇلىقىم سىزدە.(ئابلەتكە قاراپ قويىدۇ)

    ئابلەتئايتۇرسۇنغا بىردەم جىمىدە قاراپ تۇرىۋېتىپ) بوپتۇ مېڭىۋەرگىن.چۈشتە مەن مەكتەپكە سىلەرنى ئالغىلى باراي،بالىلارنى ئېلىپ بېرىپ بىرەر يەردە تاماق يەپ كېلەيلى.

    ئايتۇرسۇن:بولىدۇ.مەن كەتتىم.(ئۇ چىقىپ كېتىدۇ.ئابلەت شۇ پىتى بىردەم ئولتۇرۇپ قالىدۇ)

  9-كۆرۈنۈش.دوختۇرخانا

   دوختۇرخانا بۆلۈمىدە ئاق خالاتلىق بىر دوختۇر بىر پارچە قەغەزگە قاراۋاتقان،ئابلەت ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرىدۇ.دوختۇر  بىر جىددى ھالەتتە ئابلەتكە قارايدۇ.

    ئابلەت:دوختۇر ،تەكشۈرۈش نەتىجىسى قانداق چىقىپتۇ؟

     دوختۇرئابلەتنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بەرمەي ئۇنىڭ تۇرقىغا تەپسىلى قاراپ چىقىپ)كېسىلىڭىز ھازىرچە ئىنىقلاندى،بىراق مېنىڭ سىزدىن سورايدىغان بىر نەچچە سوئالىم بار؟

   ئابلەت:قېنى سوراڭ.

    دوختۇر:سىز زەھەرلىك چىكىملىك چېكەمسىز؟ يەنى زەھەرلىك چېكىملىكنى تومۇرىڭىزغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرامسىز؟

    ئابلەت:زەھەرلىك چېكىملىك؟ياق ،مەن تامكىلا چېكىمەن.(دەپ كۈلىدۇ،كەينىدىن تۇرۇپ قىلىپ)دوختۇر مېنىەڭ كېسىلىم زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىكەن؟

    دوختۇر:ئالدى بىلەن مېنىڭ سوئالىمغا جاۋاپ بېرىپ بولۇڭ.سىز يىقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە ئادەتتىكى ئۆلچەمسىز ،مۇنتىزىم بولمىغا دوختۇرخانىلاردا ياكى داۋالاش ئورۇنلىرىدا ئوكۇل سالدۇرغانمىدىڭىز؟

     ئابلەت:مەن ئالتە يىلدە بۇرۇن مۇشۇ دوختۇرخانىدا زۇكام ئوكۇلى سالدۇرغاندىن بېرى ئوكۇل سالدۇرۇپ باقمىدىم.

    دوختۇر:ئۇنداقتا سىز سىرتتا قالايمىقان ئاياللار بىلەن ناشايان ئىشلارنى قىلىدىكەنسىز،شۇنداقمۇ؟

    ئابلەتھەيرانلىق بىلەن)نېمىلەرنى دەيدىغانسىز...

    دوختۇر:چۈنكى سىزدە كۆرۈلگەن كېسەل ئاساسلىقى شۇ يوللار بىلەن يۇقۇدۇ...

    ئابلەتجىددىلەشكەن بىر ھالەتتە)نېمە...مەن ئەيدىز كېسىلىگە ئوخشاش  كېسەل بولۇپ قالغان ئوخشىمامدىمەن؟

    دوختۇر:دەل توغرا پەرەز قىلدىڭىز.

     ئابلەت:دوختۇر ئادەمنى قورقۇتماڭ...

     دوختۇر:بۇ كېسەل مېدىتسىنادا ئىرىشمە ئىممونىتېت كەمتۈكلۈك يىغما ئالامىتى دەپ ئاتىلىدۇ.سىز ھازىر ئايدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىپسىز،ئەيدىز ۋىروسى ئاساسلىقى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ

قېنى بىلەن ئۇچرىشىش -يەنى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن بىر شىپىرىس ئوكۇل يىڭنىسىنى ئورتاق ئىشلىتىش،ياكى شۇنداق كىشىلەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق يۇقۇدۇ.سىزنىڭ قېنىڭىز دەسلەپكى قەدەمدە ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ بىكىتىلدى.بىراق بۇ سىزنى ئەيدىز كېسىلى بولدىڭىز ،دېگەنلىك ئەمەس...سىز ھازىرلا بۇنداق ئۈمۈدسىزلىنىپ كەتمەڭ.ئەيدىز ۋىروسىنى ئۈزۈل -كېسىل كونتىرول قىلغىلى بولمىسىمۇ،ھەم ئەيدىز كېسىلىنى داۋالىيالايدىغان دورىلار تېخى كەشىپ قىلىنمىغان بولسىمۇ،ئەمما ،مەلۇم بىر مەزگىل ئەيدىز ۋىروسىنىڭ تېز سۈرئەتتە كېڭىيىپ كېتىشىنى چەكلەپ ،ئۆمۈرنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئەڭ تىز بولغاندا ئالتە ئايدا،ئاستا بولغاندىمۇ بەش يىلدىن ئون يىلغىچە ۋاقىت بولغاندا ئاندىن ئەيدىز كېسىلى بولىدۇ.سىز ھازىردىن باشلاپ دوختۇرخانىدا يېتىپ مۇنتىزىم ئۇسۇلدا داۋالىنىشىڭىز كىرەك.سىز ياخشى روسھىي ھالىتىڭىزنى ساقلاپ بىزگە ماسلىشىڭ...بىز قەتئىي مەخپىيەتلىكنى ساقلايمىز.

    ئابلەت:...مەن راستىنلا ئەيدىز كېسىلى بولۇپ قالدىممۇ؟..(ۋەھىمە ئىچىدە ئۆز -ئۆزىگە گەپ قىلىپ ،بىردىن دوختۇرغا قارايدۇ)مەن ئۆلۈپ كېتىمەن؟...دوختۇر مەن راستىنلا ئەيدىز كېسىلى بولۇپ قاپتىمەنمۇ؟

    دوختۇر:قېنىڭىز ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان،ھازىرچە ئەيدىز ۋىروسىنى يوقىتالايدىغان دورىلار مەيدانغا كەلمىدى،شۇڭا سىزنى ئەيدىز كېسىلى بولدىڭىز دېگەن گەپ ...سىز ئۈمۈدۋار بولۇڭ،بۇ دۇنيادا ياشىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كېتىدۇ.سىز روھىي كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەپ،نورمالنى تۇرمۇش تەرتىۋىڭىزنى ساقلاپ داۋالىنىشقا ئوبدان ماسلاشسىڭىز ھاياتىڭىزنى چوقۇم ئۇزارتقىلى بولىدۇ.ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملاندى دېگەنلىك ھازىرلا ئۆلۈپ كېتىدۇ دېگەنلىك ئەمەس.ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئىچىدە ئون نەچچە يىللاپ ئۆمۈر كۆرگەنلەر بار .

    ئابلەت :مەن ئەمدى قانداق قىلىشىم كىرەك؟...دوختۇر بۇ كېسەل راستىنلا سىز دېگەن ئاشۇ يوللار بىلەن يۇقامدۇ؟

     دوختۇر:ئومۇمەن شۇنداق .سىز ھازىردىن باشلاپ دوختۇرخانىدا يېتىپ مۇنتىزىم داۋالىنىشىڭىز كىرەك.

     ئابلەت:مەن...مەن ...(گاڭگىرىغان ھالەتتە نېمە دېيىشنى ،نېمە قىلىشنى بىلمەي ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدۇ)

      دوختۇر:سىز روھىڭىزنى چۈشۈرمەي ئۈمۈدۋار بولۇڭ،بۇنىڭ بەدىنىڭىزنىڭ ۋىروسقا قارشى ئىممونىت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا كۆپ پايدىسى بار.

     ئابلەت:مەن...مەن شۇنداق قىلىمەن.

      دوختۇر:مەن سىزگە دوختۇرخانىدا يېتىش رەسمىيىتى بىجىرىپ بېرەيمۇ؟

      ئابلەتدوختۇرغا قاراپ سەل تۇرۇپ قىلىپ)دوختۇر ماڭا ئازراق ۋاقىت بېرىڭ،مەن ئۆيۈمگە بېرىپ كېلىشىم كىرەك.

      دوختۇر:بېرىپ كېلىڭ.روھىڭىزنى چۈشۈرمەڭ،سىز ھازىر پەقەت ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى، ئەيدىز كېسىلى ئەمەس.ئەھۋالىڭىزنى ئۇنداق ئېغىر دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.

      ئابلەت:مەن شۇنداق قىلىمەن دوختۇر...(ئۇ ئەس-ھۇشىنى يوقاتقان بىر ھالەتتە دوختۇرخانىدىن چىقىپ كېتىدۇ.)

                    10 -كۆرۈنۈش.چوڭ كوچا،ئابلەت ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېتىۋاتقان

      ئابلەتماشىنىسىنى ھەيدەپ كېتىۋاتقاچ ئۆزىگە ئۆزى سۆزلەيدۇ.كۆزلىرى نورمالسىز ھالەتتە چەكچەيگەن.)مەن ئەيدىز كېسىلى بوپ قاپتىمەن،بۇ كېسەل ئۇزۇن ئۆتمەي مېنىڭ جېنىمنى ئالىدۇ...ئاھ ،خۇدا!...مەن ئەمدى كۈننىڭ سىرىقىنى كۆرەلمەيدىغان بولدۇم...توغرا،بۇ كېسەل ماڭا زادى قانداق يۇققان بولغىدى؟مەن زەھەرلىك چېكىملىك چەكمىسەم...توغرا،ئاياللار ئارقىلىق...ياق ،ئايتۇرسۇن ھەرگىز ماڭا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلمايدۇ،مېنى ئالدىمايدۇ.لېكىن،لېكىن ئايگۈل!...ئۇ پەقەت مېنىڭ پۇللىرىمنى دەپ مېنىڭ دېگىمنى قىلدى،ئۇنى مېنىڭ قىشىمغا كەلتۈرگىنى مەن ئەمەس مېنىڭ پۇلۇم !توغرا،مېنى ئالدىغىنى چوقۇم ئاشۇ شۇ.ئۇ ئەيدىز كېسىلى بار بىرەرسى بىلەن بىرگە يېتىپ ئۇ كېسەلنى ماڭا يۇقتۇرغان گەپ ... ئايگۈل!...سەن،سەن ئۇچىغا چىققان بىر بۇزۇق!...مەن ئۆلۈمەن،ئەمدى ...سەنمۇ ئۆلىسەن...ياق ،مەن بۇ نىجىس كېسەلنى كۆتۈرۈپ ياشىيالمايمەن.ئەمدى مېنىڭ ھاياتىم ...ئاخىرلىشىشى كىرەك...مەن بۇ ھالەتتە ھېچكىمنىڭ يۈزىگە قارىيالمايمەن...سەن چوقۇم مەندىن بۇرۇن ئۆلۈشۈڭ كىرەك..(ئۇ شۇنداق دەپ بىر ئەسەبىي ھالەتتە ماشىنىسىنى تېخىمۇ تىز ھەيدەيدۇ)

                         11 - كۆرۈنۈش.ئايگۈل ئىش لەۋاتقان سودا سارىيى

    ئابلەت ماشىنىسىن ھەيدەپ كېلىپ يول بويىدا توختىتىدۇ.كۆزلىرى چەكچەيگەن جىددى بىر قىياپەتتە ماشىنىسىدىن چۈشۈپ ،سودا سارايغا كىرىدۇ.سودا ساراي ئىچىگە مۇنداقلا بىر قاراپ چىقىپ،ئۇدۇل ئايگۈل ئىشلەۋاتقان پۇكەينىڭ ئالدىغا كېلىدۇ.ئايگۈل ئۇنى كۆرۈپ خىرىدارلارغا نەرسە ئېلىپ بەرگەچ ئابلەتكە بىپەرۋالىق بىلەن قاراپ قويىدۇ.ئابلەت بولسا پۇكەينىڭ ئالدىدا كۆزلىرىنى چەكچەيتكەن پىتى جىممىدە ئۇنىڭغا قاراپ تۇرىدۇ.ئايگۈل خىرىدارغا بىر نەرسىلەرنى دېگەچ ،ئابلەتكە خاپا بولغان قىياپەتتە قاراپ قويىدۇ.خىرىدارلار ئايگۈلنىڭ ئالدىغا كېلىپ-كېتىپ تۇرىدۇ،ئابلەت بولسا يەنە بۇرۇنقىدەك جىددى ،كۆزلىرى چەكچەيگەن بىر ھالەتتە ئايگۈلغا قارىغىنىچە تۇرىۋېرتىدۇ.ئايگۈلمۇ ئۇنىڭغا بىر نەچچە قېتىم ئاچچىقلانغان ھالەتتە قاراپ قويىدۇ.ئابلەت ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرىغا پەرۋا قىلمايدۇ.

     ئايگۈلئۇ ئابلەتنىڭ بىرەر جىددىي ئىش بىلەن كەلگەنلىكىنى ،ھالتىنىڭ نورمالسىز ئىكەنلىگىنى سېزىپ،ئارسالدى بولغان ھالەتتە ئۇنىڭ قىشىغا كېلىدۇ)بۇ يەرگە نېمە دەپ كەلدىڭىز؟سىز گىپىڭىزدە تۇرمايدىكەنسىز...

   ئابلەتئايگۈل تەرەپكە سەل ئېگىلىپ ،غەزەپلىك ئاۋازدا پەس قىلىپ)ئېغىزىڭىزنى يۇمۇڭ! ھازىرلا مەن بىلەن مېڭىڭ،تىز بولۇڭ!

    ئايگۈل:مەن بۇيرۇق قىلىدىغانغا خوتۇنىڭىز ئەمەس.(ئۇ شۇنداق دەپ بىپەرۋا ھالەتتە خىرىدارنىڭ ئالدىغا كېتىدۇ)

    ئابلەتئايگۈلنىڭ قىشىغا كېلىپ ،ئۇنىڭ قىشىدىكى خىرىدار كەتكەندە)خوتۇنۇم بولمىسىڭىزمۇ ئاشنامسىز.سەتلىشىپ قالمايلى دېسىڭىز دەرھاك بىر سائەتلىك رۇخسەت ئېلىپ مەن بىلەن مېڭىڭ...بولمىسا قوپاللىق بىلەن سۆرەپ چىقىمەن...بەلكىم ئۇنىڭدىن چوڭراق ئىش بولۇشىمۇ مۇمكىن...

    ئايگۈلئۇ ئابلەتكە قاراپ بىردەم تۇرۇپ ئۇنىڭ نورمالسىز ،بىر ئەسەبىي ھالەتتە ئىكەنلىگىنى شۇ چاغدا بىلىپ)نېمە ئىش بولدى؟ئەجەپ جىددىغۇ؟

    ئابلەت:نېمە ئىشلىغىنى ئۆيگە بارغاندا بىلىسىز.تىز بولۇڭ،بولمىسا مەن قولىڭىزدىن تارتىپ سۆرەپ چىقىمەن...(سەل تۇرۇپ)تىز بولۇشىڭىز  كىرەك، مەن سىرتتا ماشىنامدا ساقلاپ تۇراي.

    ئايگۈل:ھەرقانداق گەپ بولسا مۇشۇ يەردە دېسىڭىز بولمامدۇ؟...

    ئابلەت:بولمايدۇ.تىز بولۇڭ...

    ئايگۈل:بولىدۇ، ئەمىسە مېنى سىرتتا ساقلاپ تۇرۇڭ.(بۇنىڭلىق بىلەن ئابلەت چىقىپ كېتىدۇ،ئايگۈل بىر تەرەپكە ماڭىدۇ)

                           12 -كۆرۈنۈش.چوڭ يول ،ئابلەتنىڭ ماشىنىسى

     ئابلەت ماشىنىسىنى ھەيدەپ ماڭىدۇ.ئايگۈل ئۇنىڭ يېنىدا رەنجىگەن ھالەتتە ئولتۇرىدۇ.ئۇ پات-پات ئاچچىقلانغان ھالەتتە ئابلەتكە قاراپ قويىدۇ،ئابلەت ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي ماشىنىسىنى تىز ھەيدەۋېرىدۇ.

    ئايگۈلئاچچىقلانغان ھالەتتە)ماشىنىڭىزنى ئاستا ھەيدەڭ!ھەرقانچە جىددى ئىش بولسىمۇ مېنىڭ ھازىرلا قاتناش ھادىسسىگە ئۇچىرغۇم يوق...(ئابلەت ئۇنىڭغا جاۋاپ بەرمەي يەنە شۇنداق ئەسەبىي بىر ھالەتتە ماشىنىسىنى ھەيدەۋېرىدۇ.)مەن سىزنى بۇنداق قىلىدۇ دەپ ئويلىماپتىكەنمەن...تۇرقىڭىزدىن خۇددى قىيامەت قايىم بولۇپ ئۆلۈدىغاندەك ئەسەبىلىشىپسىز.

     ئابلەت:توغرا ،ئىككىمىز بىرگە ئۆلۈمىز.(ئايگۈلگە قاراپ قويىدۇ)

     ئايگۈل:ساراڭدەك گەپ قىلماڭە.ئۆلگىڭىز بولسا ئۆزىڭىز ئۆلۈۋېرىڭ .مېنىڭ ئۆلگۈم يوق...زادى نېمە ئىش بولدى؟...قېنى دېمەمسىز؟...

     ئابلەت:ئالدىرماي تۇرۇڭ،نېمە ئىشلىغىنى ھېلى ئۆيگە بارغاندا بىلىسىز.(نەپرەت بىلەن ئايگۈلگە قاراپ قويىدۇ)

                                             13 - كۆرۈنۈش.ئايگۈلنىڭ ئۆيى

   ئايگۈل ئالدىدا،ئابلەت كەينىدە ئايگۈلنىڭ ئۆيىگە كىرىدۇ.ئۆيگە كىرىش بىلەن تەڭ ئابلەت ئىشىكنى ئىچىدىن ئېتىۋېتىدۇ.ئايگۈل ئاچچىقلانغان ھالەتتە ئۆزىنى كارۋاتقا تاشلاپ ئولتۇرىدۇ.ئابلەت بۇ چاغدا ئايگۈلگە قاراپ غەزەپلىك قىياپەتتە ئاستا قەدەملەر يىقىنلاپ كېلىدۇ.

     ئايگۈل:نېمانداق سەت قارايسىز؟گىپىڭىزنى دېمەمسىز؟

     ئابلەت:ۋۇ ،بۇزۇق!(ئابلەت شۇنداق دەپ ئايگۈلنىڭ يۈزىگە بىر شاپىلاق سالىدۇ.ئايگۈل«ۋاي»دەپ ۋارقىراپ قورقۇنچ ئىچىدە ئابلەتكە قاراپ قالىدۇ)قېنى ئېيت،سەن يەنە مەندىن باشقا كىم بىلەن بىرگە ياتتىڭ؟

    ئايگۈلۋەھىمە ئىچىدە)سەن مېنى ئۇرىۋاتىسەنغۇ؟مەن سېنىڭ خوتۇنۇڭ ئەمەس!

     ئابلەت:سەن مېنىڭ خوتۇنۇم ئەمەس ،ئەمما مەن ساڭا سەمىمى مۇئامىلە قىلىپ چىن كۆڭلۈمنى بەردىم.لېكىن سەن نېمە قىلدىڭ،شۇنى بىلەمسەن؟سەن مېنى ئالداپ ئەيدىز كېسىلى بار بۇزۇقلار بىلەن بىرگە يېتىپ بۇ نىجىس كېسەلنى ماڭا يۇقتۇردۇڭ...دوختۇر مېنى ئەيدىز كېسىلى بولۇپ قاپسەن دەيدۇ!...

    ئايگۈل:نېمە؟(چلاچىگەن ئاۋازدا)ئەيدىز كېلىسى؟سىزدە ئەيدىز كېسىلى بارمىكەن؟

     ئابلەت:شۇنداق!...(يۇقۇرغا قاراپ)ئاھ،خۇدا!مەن نېمە قىلىپ قويدۇم-ھە؟...(ئايگۈلگە قارايدۇ)قېنى تىز ئېيت!،سەن يەنە كىم بىلەن بىرگە ياتتىڭ؟ئاشۇ ئادەم بىزگە ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرۇپتۇ.سەن شۇنى بىلەمسەن،ئەيدىز كېسىلىنىڭ داۋاسى يوق.بۇنداق كېسەل بولۇپ قالغان ئادەم ئۇزۇن ياشىيالماي ئۆلۈپ كېتىدۇ...بۇ دېگەن ئەيدىز كېسىلى بىلەمسەن؟!...بىزنىڭ قېنىمىزغا ئەزرائىل كىرىپ بولدى دېگەن گەپ ... مېنى بۇ ھالغا كەلتۈرگەن كىشى مەندىن بۇرۇن ئكلۈشى كىرەك.قېنى تىز ئېيت!(ئابلەت شۇ گەپ بىلەن ئايگۈلنىڭ ئىككى مۆرىسىدىن تۇتۇپ سىلكىشلەيدۇ)

     ئايگۈلئەس-ھۇشىنى يوقاتقان ھالەتتە)مەن...مەن بىلمەيمەن.

     ئابلەت:ھەي پاسكىنا !تىز ئېيت دەۋاتىمەن.نېمىگە ھاڭۋىقىپ ئولتۇرىسەن؟...ئۇ كىم؟(ئابلەت ئۇنى يەنە سىلكىشلەيدۇ)سەن بىلەمسەن،مەن ئەيدىز كېسىلى بولغاندىكىن بۇ كېسەل چوقۇم ئايالىمغىمۇ يۇقتى.بىز ئۆلۈمىز،باللىرىمىز بولسا دادىسىز،ئانىسىز قارا يىتىم بولۇپ قالىدۇ...(كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلىرى تۆكۈلىدۇ)بۇ نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق!...مېنىڭ نۇرغۇن ئارزۇلىرىم بار ئىدى،مەن ياشاشنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتىم.ئەمما ،ھازىر ھەممىسى تۈگىدى...ئەمدى سەن(ئابلەت شۇنداق ئايگۈلنى ئولتۇرغان كارۋىتىغا ئىتتىرۋېتىدۇ.ئايگۈل بولسا ھاڭۋاققان پىتى تورۇسقا قارىغىنىچە يېتىپ قالىدۇ.ئابلەت ئاشخانىغا كىرىپ پىچاقتىن بىرنى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ.ئايگۈلنى تارتىپ تۇرغۇزۇپ پىچاقنى ئۇنىڭغا تەڭلەيدۇ)

قېنى ئېيت،بولمىسا سېنى ھازىرلا بوغۇزلىۋېتىمەن.

     ئايگۈلئەس-ھۇشىنى يىغىپ ئابلەتكە يۈزلىنىپ)بوپتۇ ،ئۆلتۈرۈڭ.ئەمما، مەن سىزگە ئېيتىپ قوياي، مەن مۇشۇ  ئۆمرۈمگىچە كېلىپ سىزدىن باشقا بىرەر ئەرگە بىرەر يېرىمنى تۇتقۇزغىنىم يوق.مەن سىزنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرۈپ ئارلاشقىنىم ئۈچۈن ،سىز مېنى ھەرقاندا ئادەمنىڭ كەينىدىن ماڭىدىغان جالاپ دەپ ئويلاپ قالدىڭىزما؟...مېنى بۇنداق ھاقارەت قىلغۇچە ئۆلتۈرۈپلاۋىتىڭ.(ئايگۈل ئۆكسۈپ يىغلايدۇ)... مەن سىزدىن باشقا ئادەم بىلەن بىرگە ياتمىسام بۇ كېسەلنى نەدىن ئەكىلىپ سىزگە يۇقتۇرغىدەكمەن؟ بىراق سىزنىڭ مەندىن باشقا بىرگە ياتىدىغان ئايالىڭىز بار...

     ئابلەت:ئايالىمنى چىشلەپ تارتما!...بۇ كېسەل چوقۇم مەندىن ئايالىمغىمۇ يۇقۇپ بولدى...

     ئايگۈل:ئېسىت!ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن،ئەقىدەمگە يىغلايمەن.سىز ئايالىڭىزنىڭ بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى بىلىپ قىلىپ سىزدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن باشقا ئەرلەر بىلەن ياتمىغانلىقىغا ھۆددە قىلالامسىز؟...

       ئابلەت:ئاغزىڭنى يۇم!بولمىسا  ھازىرلا بوينىڭنى ئۈزىۋېتىمەن...

       ئايگۈل:شۇنداق قىلىڭ .سىزنى ياخشى كۆرۈپ قوينىڭىزدا يېتىپ ،ئاخىرسىدا سىزنىڭ قولىڭىزدا ئۆلۈدىغان ئىش بولسا مەن بۇنىڭغا رازى..بىراق شۇنى ئىنىق بىلىۋېلىڭ،مەندە ئەيدىز كېسىلى بولسا بۇ كېسەلنى مەن سىزگە ئەمەس،بەلكى ،سىز ماڭا يۇقتۇرغان بولىسىز...ئاھ،خۇدا!(ئۇ ئابلەتنىڭ بىردىن ئۆزىنىڭ سۆزلىرىدىن گۇمانلىنىپ خىيالغا پىتىپ تۇرۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئەسەبىلىك بىلەن ئۆكسۈپ يىغلايدۇ)ھۇ،ھۇ،ھۇ...مەن سىزنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرەي،سىز بولسىڭىز ماڭا ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرۇپ قويۇڭ،يەنە بۇنى مەندىن كۆرۈڭ...جاھاندا بۇنىڭدىن ئۆتەر ۋىژدانسىزلىق،رەھىمسىزلىك بولامدۇ ... بولدى،مېنى ئۆلتۈرىۋېتىڭ.ئەيدىز كېسىلىمۇ بەرىبىر مېنىڭ جېنىمنى ئالىدۇ...ھۇ،ھۇ،ھۇ(ئۇ ۋارقىراپ يىغلاغقا چۈشىدۇ)

    ئابلەت:ئاغزىڭنى يۇم!...(ئۇ شۇ گەپ بىلەن تۇرۇپ قىلىپ ئايالىنىڭ«ئىككىمىزنىڭ كۈنلەرنىڭ بېرىدە مۇشۇنداق باشقا-باشقا يولغا ماڭغان ئادەملەردىن بولۇپ قالىدىغانلىقىمىزنى ئويلىماپتىكەنمەن..»«كۆڭلىڭىز خالىغان ئىشلارنى قىلىڭ ..»«مەن سىزنىڭ باشقا ئاياللار بىلەن قالايمىقان ئارلىشىپ يۈرىۋاتقىنىڭىزنى بىلسەممۇ...»«مەن ھەممىدىن ۋاز كەچتىم...»«،مەن سىزنىڭ ئاجرىشايلى دېيىشىڭىزنى كۈتىۋاتىمەن...»«بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا قىلغان سۆزلەر ۋە ئىشلارنىڭ مەن ئۈچۈن ئەھمىيىتى يوق...»ئابلەت بۇ سۆزلەرنى ئەسلىگەنسىرى چىرايىنى چوڭقۇر گۇمانلىنىش ئالامەتلىرى ئىگەللەيدۇ.)ئۇ مېنى ئالدىغانمىدۇ؟(دەپ ئۆزىگە پىچىرلايدۇ)

    ئايگۈل:سىز ئالدىغان ئادەمنىڭ سىزنى ئالدىمايدىغانلىقىغا ھېچكىم ھۆددە قىلالمايدۇ...

    ئابلەت:ئاغزىڭنى يۇم!(دەپ ئايگۈلنىڭ ياقىسىدىن ئالىدۇ)...سەن يالغان گەپلەر بىلەن مېنى ئالداۋاتىسەن...

    ئايگۈل:كىم كىمنى ئالدىغانلىقىنى بىر خۇدالا بىلىدۇ(ئابلەت بۇ گەپ بىلەن ئىككىلىنىش ئىچىدە ئايگۈلنىڭ ياقىسىدىن قويىۋېتىدۇ)...قېنى مېنى ئۆلتۈرگىڭىز بولسا ئۆلتۈرىۋېرىڭ...بىراق،بىراق مېنى ناھەق ئۆلتۈرىسىز .

    ئابلەتئۇ سەل ئويلىنىپ تۇرىۋالغاندىن كېيىن)ئالدىرماي تۇر،مەن ھەممىنى ئىنىقلايمەن.قايسىڭ مېنى ئالدىغان بولساڭ ئالدى بىلەن شۇنى ئۆلتۈرىمەن. (ئۇ قولىدىكى پىچاقنى يانچۇقىغا سېلىپ ئىشىك تەرەپكە ماڭىدۇ.ئىشىكنىڭ قىشىغا كېلىپ ئايگۈلگە قاراپ توختايدۇ.)ئوتتۇرىمىزدىكى ئىشلارنى چىرايلىق بىر تەرەپ بولسۇن دېسەڭ مېنى مۇشۇ ئۆيدە ساقلاپ تۇر،چۈشەندىڭمۇ؟  

    ئايگۈل:خاتىرجەم بېرىۋېرىڭ،مېنىڭ قورقۇنچام يوق ،ھېچيەرگە كەتمەيمەن...

    ئابلەت ئۇنىڭغا غەزەپلىك قاراپ قويۇپ چىقىپ كېتىدۇ.

داۋامى بار


   13 -كۆرۈنۈش.يولدا

     ئابلەتجىددى ھالەتتە ماشىنىسىنى ھەيدەپ ماڭىدۇ.ئەسەبىلىشىشتىن كۆزلىرى چەكچەيگەن، جاۋغايلىرى تارتىشقان،يۈز مۇسكۇللىرى تىتىرگەن.چىرايى تۇرۇپ غەزەپتىن تۈرۈلسە،تۇرۇپ ئۈمۈدسىزلىكتىن كۆزلىرى قىسىلىپ پارقىراپ كېتىدۇ؛يۈزىگە ياش تامچىلىرى سىرغىپ چۈشىدۇ.شۇ ھالەتتە سۆزلەپ-سۆزلەپ قويىدۇ)ئەيدىز كېسىلى...مەن ھەممىنى ئىنىقلايمەن...ئايتۇرسۇن سەن مېنى ئالدىدىڭما...سەن راستىنلا  مېنىڭ قىلغان ئىشىمنى بىلىپ قىلىپ ،سەن قىلغاننى مەنمۇ قىلالايمەن دەپ شۇنداقمۇ قىلغان سەنمۇ ... خەپ! ...مەن ھەممىنى بىر -بىرلەپ ئىنىقلاپ ،كىم مېنى نۇشۇ كۈنگە قالدۇرغان بولسا ئاۋال شۇنى دوزاققا يولغا سالىمەن...مەنمۇ ئۆلۈدىغانغا  تەييار بولۇپ بولدۇم.مەن چوقۇم شۇنداق قىلىمەن...چوقۇم...

                                      14 -كۆرۈنۈش.ئايگۈلنىڭ ئۆيى

     ئايگۈلئابلەت چىقىپ كەتكەندىن كېيىن خىلى ئۇزۇنغىچە كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ جىمغىنە ئولتۇرۇپ قالىدۇ.كېيىن ئېسىنى يىغىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆز ئۆزىگە سۆزلەيدۇ)ئاھ،خۇدا!...مەنمۇ ئەيدىز كېسىلى بوپ قالغاندىمەنمۇ؟مەن مۇشۇنداق ياش تۇرۇپلا ئۆلۈپ كېتىمەنمۇ؟...ياق،مېنىڭ ئۆلگۈم يوق!(ئۇ ئۆكسۈپ يىغلاپ كېتىدۇ)توغرا،بۇ كېسەل زادى كىمدىن يۇقتى؟..ئابلەت شۇنداق كېسەل بولغانكەن چوقۇم مەندىمۇ بار دېگەن گەپ .ئېسىت!ياشلىقىم...مىجىت!سەن زەھەرلىك چېكىملىك چېكىسەن،بۇ كېسەلنى چوقۇم سەن يۇقتۇردۇڭ...مەن مىجىتنى تېپىشىم كىرەك(ئۇ شۇنداق دەپ ئالدىراپ ئۈستەلدىكى تېلېفوننىڭ ئالدىغا كېلىدۇ)

                               15 -كۆرۈنۈش.ئايتۇرسۇن ئىشلەيدىغان مەكتەپ

    ئابلەت:ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېلىپ مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ يىنىدا توختىتىدۇ.ئۆزى ماشىنىدىن چۈشۈپ دەرۋازا ئالدىغا كېلىپ مەكتەپ ئىچىگە قارايدۇ.مەكتەپ ئىچىدە بالىلار خۇشال ئويناپ يۈرىشىدۇ.ئابلەت ئالدىراشلىق بىلەن ھەر تەرەپكە قارايدۇ،ھېچ يەردە ئۇنىڭ باللىرى ،ياكى ئايالى كۆرۈنمەيدۇ.ئابلەت يانچۇقىدىن تاماكا ئېلىپ لېۋىگە قىستۇرۇپ ئوت تۇتاشتۇرىدۇ.

                                  16 -كۆرۈنۈش،ئايگۈلنىڭ ئۆيى

    ئايگۈلتېلېفوندا سۆزلىشىۋاتىدۇ)شۇنداق،مەن ئايگۈل...مىجىتنى چاقىرىپ قويغان بولسىڭىز...مەن ساقلاپ تۇراي...ۋەي،مىجىتما؟...مەن ئايگۈل...ياخشى تۇردۇم.قىشىمغا تىز كەلگەن بولساڭ...توغرا موھىم ئىش بار...مېنىڭ ئۆيۈمگە كەل...ماقۇل مەن ساقلاپ تۇراي..(تېلېفوننى قويىدۇ)

                            17 -كۆرۈنۈش.ئايتۇرسۇن ئىشلەيدىغان مەكتەپنىڭ ئالدى

    ئابلەتدەرۋازىدىن سەل يىراقتا ئۇيان-بۇيان ماڭغاچ چېكىپ بولغان تاماكىسىنى يەرگە تاشلاپ دەسسەيدۇ.ئاندىن دەېۋازىغا يىقىن كېلىپ مەكتەپ ئىچىگە قارايدۇ،شۇ چاغدا ئوغلى ئەنۋەر بىر تەرەپتىن پەيدا بولۇپ دەرۋازا ئالدىدىكى دادىسىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ)

    ئەنۋەر:دادا...

    ئابلەت:ئەنۋەر ،بالام تىز بېرىپ ئاپاڭنى چاقىرىپ كەلگىن.

    ئەنۋەر:ماقۇل،مەن ھازىرلا ئاپامنى چاقىراي...(ئەنۋەر كېتىدۇ)

    بىردەمدىن كېيىن ئايتۇرسۇن پەيدا بولۇپ دەرۋازا ئالدىدىكى ئابلەتنى كۆرۈپ دەرۋازىدىن چىقىدۇ

    ئايتۇرسۇن:بۇرۇن كەپسىزغۇ،چۈشلۈك تاماققا خىلى ۋاقىت بار...نېمە ئىش بولدى؟ېدوختۇرخانىغا باردىڭىزمۇ؟

     ئابلەت:ئازراق ئىش چىقىپ قالدى،ياردەملەشمىسەڭ بولمايدۇ.بېرىپ بىرەر سائەتلىك رۇخسەت ئېلىپ كەلسەڭ(ئۇ شۇنداق دەپ قولاشمىغان كۈلكىسى بىلەن چىرايىدىكى جىدىلىكنى بېسىشقا ئۇرىنىدۇ)

   ئايتۇرسۇن:رۇخسەت سورامدىم؟قانداق ئىش چىقىپ قالدى؟

    ئابلەت:دوختۇرلار كېسىلىڭىز ئېغىركەن ،دوختۇرخانىدا يېتىشىڭىز كىرەك دەيدۇ.شۇڭا ئۆيگە بېرىپ نەرسە-كىرەكلىرىمنى تەييارلىشىپ بېرىپ ،مەن ياتاققا ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن قايتىپ كەلسەڭ.

    ئايتۇرسۇنئەنسىرەش بىلەن)ۋاي خۇدايىم!شۇنداق ئېغىرما؟نېمە كېسەل بولۇپ قاپسىز؟

    ئابلەت؛تىز بول.قالدى گەپلەرنى ئۆيگە بارغاندا دېيىشەيلى...

    ئايتۇرسۇن:ئەمىسە تۇرۇپ تۇرۇڭ،مەن ھازىرلا مۇدىردىن رۇخسەت ئېلىپ كېلەي.

     ئابلەت:بولىدۇ،ماشىنام ئەنە(ماشىنىسىنى كۆرسىتىدۇ)مەن ماشىنىدا ساقلاي.

     ئايتۇرسۇن ماشىنىغا قاراپ قويۇپ مەكتەپ ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ.

                           18 - كۆرۈنۈغش.ئايگۈلنىڭ ئۆيى

    ئايگۈلئۆي ئىچىدە جىددىلەشكەن ھالەتتە ئۇيان-بۇيان ماڭىدۇ.چىرايىدىن ئازاپلانغان ۋە ئۈمۈدسىزلەنگەن ھېسيات ئەكىس ئېتىدۇ.ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەيدۇ)مىجىت،سەن راستىنلا مېنى تۈگەشتۈردۈڭما؟  

...ھەممىنى قىلغىنى شۇ زەھەرلىك چېكىملىك...ئاھ، قورقۇنچلىق ئەيدىز كېسىلى!...

                   19 - كۆرۈنۈش.ئابلەتنىڭ ئۆيى

   ئابلەت بىلەن ئايتۇرسۇن بىرلىكتە ئۆيىگە كىرىدۇ.ئابلەت ھېچنەرسە دېمەستىن ئايتۇرسۇننىڭ چىرايىغا قاراپ قويۇپ بېرىپ سافادا ئولتۇرىدۇ.ئايتۇرسۇن ئۇنىڭغا قاراپ قالىدۇ.

    ئايتۇرسۇن:نېمە كېسەل بولۇپ قاپسىز؟نېمىلەرنى تەييارلاپ بېرەي؟

    ئابلەت:ئولتۇرغىن ،ئىككىمىز چىرايلىق سۆزلىشەيلى(دەپ بىر تال تاماكا ئېلىپ ئوت تۇتاشتۇرىدۇ)

    ئايتۇرسۇن:سۆزلىشەيلى؟نېمىنى سۆزلىشىمىز؟...بايا كېسىلىم ئېغىركەن دەۋاتاتتىڭىزغۇ؟

    ئابلەتقوللىرى تىترگەن ھالەتتە تامكىسىنى لېۋىگە تەستە قىستۇرۇپ قاتتىق-قاتتىق شورايدۇ. كۆزلىرىگە ياش كېلىپ چىرايىنى غەزەپلىنىش ئىپادىسى قاپلايدۇ.كۆزلىرىنى ئايالىدىن ئېلىپ قېچىپ ،يەنە قايتىدىن ئۇنىڭغا قارايدۇ)ھېچنىمەگە ئالدىراشنىڭ ھاجىتى .مەن...مەن... ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قاپتىمەن.بۇ كېسەلنى سەن ماڭا يۇقتۇرۇپسەن.

    ئايتۇرسۇن:ئەقلىڭىز جايىدىمۇ سىزنىڭ؟!مەندە ھېچقانداق كېسەل بولمىسا سىزگە قانداق يۇقتۇرغۇدەكمەن؟...

    ئابلەتئورنىدىن تۇرۇپ قولىدىكى تاماكىسىنى يەرگە ئاتىدۇ)توغرا،ھازىر مېنىڭ ئەقلىم جايىدا ئەمەس،مەن ئېلىشىپ قالاي دېدىم.چۈنكى مەن...ئەيدىز كېسىلى بولۇپ قاپتىمەن...

    ئايتۇرسۇن؛ئەيدىز كېسىلى(چۆچۈش بىلەن ئېغىزىنى تۇتۇپ قاراپ قالىدۇ)...ۋاي خۇدايىم!نېمە دەۋاتىسىز؟دوختۇرلار شۇنداق دېدى؟...تەكشۈرۈش نەتىجىسى شۇنداق چىقتى؟

    ئابلەت:تولا ئويۇن ئوينىما...(كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ ئايتۇرسۇننىڭ ئالدىغا كېلىدۇ)مەن تېخى سېنى بىر پاك ياخشى ئايال دەپ ئىشىنىپ يۈرۈپتىمەن.سەن ئەسلى بىر زەھەرخەندە ...بۇزۇق ئىكەنسەن!سەن جېنىڭ بىلەن ئويناشقۇچە ،ئۆزۈڭ دېەەندەك بالىلارنى بولسىمۇ ئويلاپ قويساڭ بولماسمىدى.ھەر ئىككىلىمىز ئەيدىز كېسىلى بىلەن...

    ئايتۇرسۇنئابلەتنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ)مېنى ھاقارەتلىگۈچى بولماڭ.مەن ھېچاچان سىزگە يۈز كېلەلمەيدىغان ۋىژدانىمغا خىلاپ ئىشلارنى قىلغىنىم يوق .

    ئابلەت:ئەمىسە بۇ كېسەلنى نەدىن يۇقتۇردۇڭ؟ئەيدىز كېسىلى بار بىر نېمىلەر بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلمىساڭ زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغان ئوخشىمامسەن؟

     ئايتۇرسۇن:ئېغىزىڭىزنى يۇمۇڭ!(خىيال بىلەن تۇرۇپ قىلىپ)سىز ئۆزىڭىزنىڭ بۇزۇقچىلىقلىرىڭىزدىن يۇققان كېسەلنى مەندىن كۆرۈۋاتامسىز؟...ئاھ،خۇدا !بۇ كېسەل ماڭىمۇ يۇققان بولۇشى مۇمكىن...

      ئابلەتېارقىراپ)ئەمدى ۋايسىغىنىڭ بىلەن قىلچە پايدىسى يوق!...سەن ئەمدى راست گەپ قىلى،سەن مېنىڭ ئايگۈل بىلەن بولغان ئىشىمنى بىلىپ قىلىپ (سەن بۇنى سەزەەنلىكىڭنى ئېيتقان)مەندىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئەيدىز كېسىلى بار بىر نېمىلەر ئارلاشقان بولۇشىڭ مۇمكىن.قېنى ئېيت،ئۇ كىم؟

   ئايتۇرسۇن:ئابلەت،مەن سىزنى بۇ قەدەر نومۇسسىز بوپ كېتىدۇ دەپ ئويلىماپتىكەنمەن.ئايگۈل دېگەن سىزنىڭ ئاشنىڭىزمۇ؟بۇ كېسەلنى شۇنىڭدىن يۇقتۇرىۋاپسىزدە.

    ئابلەت:جۆيلىمە!ئۇ ماڭا ئىنتايىن سادىق.سەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھەرقانداق ئىشنىڭ سەن ئۈچۈن ئەھمىيىتى يوقلىغىنى ئېيتقان ئىدىڭ،بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا سېنىمۇ بۇزۇقچىلىق قىلمىدى،دېگىلكى بولمايدۇ...

    ئايتۇرسۇنۋارقىراپ ئابلەتنىڭ گىپىنى بۆلىۋىتىدۇ)ماڭا ھاقارەت قىلغۇچى بولما!مەن ساڭا خوتۇن بولغاندىن باشقا ئىككىنچى بىر ئەر بىلەن ئارلاشقىنىم يوق.سېنىڭ بۇندا قرەزىل،نومۇسسىز ئەبلەخ ئىكەنلىكىڭنى بىلگەن بولسام بۇرۇنلا شۇنداق قىلىپ ساڭا كۆرسىتىپ قويغان بولاتتىم.

    ئابلەت:راست گىپىڭنى دېدىڭ ھە!(ئۇ كېلىپ ئايتۇرسۇننىڭ مۆرىسىدىن قاماللاپ تۇتۇپ،ئو ڭ قولىغا يانچۇقىدىكى پىچاقنى ئالىدۇ)قېنى تىز ئېيت،سەن بۇ كېسەلنى كىمدىن يۇقتۇرۇپ كەلدىڭ؟

    ئايتۇرسۇن:پىچاقنى نىرى تارتىڭ ،مەن بۇ نېمىڭىزدىن قورقۇپ قالمايمەن،ھەم قىلمىغان ئىشنى ئۈستۈمگە ئالالمايمەن...سىز ئۆزىڭىز قىلغان-ئەتكەنلىرىڭىزنىڭ جازاسىنى تاتىپسىز؛سىزنى خۇدا ئۇرۇپتۇ.

   ئابلەت:خۇدا مېنىلام ئەمەس سېنى ئۇرىدۇ.ۋۇ پاسكىنا!ئېيتامسەن -يوق؟بولمىسا مەن سېنى ھازىرلا ئۆلتۈرىۋېتىمەن.(ئۇ شۇنداق دەپ پىچاقنى كۆتۈرۈپ ياۋۇزلۇق بىلەن ئايتۇرسۇنغا قارايدۇ.)

   ئايتۇرسۇن:ئابلەت...(ئۇ تىركىشىپ ئابلەتنىڭ قولىدىن چىقىپ كەتمەكچى بولىدۇ)

    ئابلەت:دېمىسەڭ مانا ئەمىسە...(ئۇ بىرلا ۋارقىراپ قولىدىكى پىچاقنى ئايتۇرسۇننىڭ قورسىقىغا تىقىۋىتىدۇ.ئايتۇرسۇن«ئاھ..»دەپ نالە قىلىپ ،كۆزلىرى يوغىناپ ئابلەتكە قارايدۇ.قان ئېقىۋاتقان قورسىقىنى تۇتۇپ سەنتۈرىلىپ ،،ئۈستەلدىكى ئىككى ئوغلىنىڭ رەسىمى بار جاھازىنى ئۈرۈۋىتىدۇ،ئاندىن جاھازا بىلەن

تەڭ يەرگە يىقىلىپ چۈشىدۇ.ئايتۇرسۇن يەردە ياتقان پىتى ئىككى قېتىم سىلكىنگەندىن كېيىن جىمىپ قالىدۇ.ئابلەت ئەسەبىلەشكەن،كۆزلىرى چەكچەيگەن ھالەتتە بىردە يەردە ياتقان ئايتۇرسۇنغا ،بىردە سۇنۇپ كەتكەن جاھازىدىن چىقىپ قالغان سۈرەتكە قارايدۇ.ئايتۇرسۇننىڭ قورسىقىدىن ئېقىۋاتقان قانغا قاراپ-قاراپ قويۇپ ئىككى ئوغلىنىڭ سۈرىتىنى قولىغا ئالىدۇ.ئاندىن ئۈمۈدسىز ،قايغۇلۇق ھالەتتە رەسىمگە ئۆي ئىچىگە ،ئاخىرسىدا يەردە ياتقان ئايتۇرسۇنغا قاراپ قويۇۇپ ،سۈرەتنى يانچۇقىغا سالغاچ ئىشىك تەرەپكە ماڭىدۇ.ئىشىكنى ئېچىپ يەردە ياتقان ئايتۇرسۇنغا قاراپ سەل تۇرۇپ قىلىپ ئاندىن چىقىپ كېتىپ ئىشكنى ياپىدۇ.

داۋامى بار.  

  20 -كۆرۈنۈش.ئايگۈلنىڭ ئۆيى

   ئايگۈل يۈزىنى چاڭگاللاپ جىممىدە ئولتۇرىدۇ.بىر چاغدا ئىشىك تىرىقلاپ ئېچىلىپ مىجىت ئۆيگە كىرىدۇ.ئايگۈل چۆچۈپ بېشىنى كۆتۈرۈپ مىجىتكە قارايدۇ.مىجىت چاچ-ساقاللىرى ئۆسۈپ كەتكەن ،ئۆزى قورايدەك ئورۇق ،نىمجان ھالەتتىكى بىر يىگىت.ئايگۈل ئورنىدىن تۇرۇپ مىجىتنىڭ قىشىغا كېلىدۇ.

    ئايگۈل:سە زەھەرلىك چېكىملىك تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىن چىققاندىن كېيىن يەنە زەھەرلىك چېكىملىك

چېكىپسەندە؟

    مىجىت:شۇنداق(پەرۋاسىزلىق بىلەن جاۋاپ بېرىدۇ)

    ئايگۈل:نېمە ئۈچۈن؟سېنىڭ ئۆلگۈڭ كەلگەن ئوخشىمامدۇ؟

     مىجىت:مېنىڭ ياشىغۇم بار ،ئەمما ،مەن ئەمدى ئۆلۈپ كېتىمەن.شۇڭا ئۆلۈمىمنى كۈتۈپ يۈرگەندىن كۆرە ،خىيالىمغا نېمە كەلسە شۇنى قىلىپ ياشاي دېدىم.

    ئايگۈل:سەندە ئەيدىز كېسىلى بارمۇ؟

    مىجىتپىسىڭڭىدە كۈلۈپ قويۇپ)ساڭا يۇقۇپتىمۇ؟دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكسۈرۈتتىڭمۇ؟

    ئايگۈل:ئەسلىدە بۇ كېسەلنى سەن تارقىتىپتىكەنسەندە،سەن بەك رەزىل ئىكەنسەن!مەن سەن ئۈچۈن قانچىلىك قۇربانلىقلارنى بەردىم-ھە،سەن بۇنى بىلەمسەن؟مەن سېنى بەكلا ياخشى كۆرگەچكە زەھەرلىك چېكىملىك پاتقىقىدىن تارتىپ چىقىراي دەپ ئويلىدىم؛سەن داۋالىنىپ ئۇ بىر نېمىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلغىنىڭدا شاد-خورام توي قىلارمىز،دەپ خورلۇقلارغا چىداپ پۇل تېپىپ بۇ ئۆينى سېتىۋالدىم.سېنىڭ داۋالىنىشىڭ ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن پۇللىرىمنى سەرپ قىلدىم.بىراق...(ئۆكسۈپ يىغلاپ تۇرۇپ)بىراق سەن مېنى نابۇت قىپسەن...

    مىجىت:ئاشناڭ بەرگەن پۇللار...

    ئايگۈل:توغرا ،مەن نېمە قىلسام سېنى دەپ قىلدىم.ئۆزۈم قىلچە ياخشى كۆرمەيدىغان بىر ئەرگە ئاشنا بولۇپ ئۇنىڭ پۇلى بىلەن سېنى قۇتقۇزماقچى بولدۇم...ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدىكى ھېلىقى كۈن يادىڭدا بارمۇ؟

ئۆيۈڭگە بارسام سەن ئۆلەر ھالەتتە يېتىپسەن،يالغۇز ئاناڭ بېشىڭدا يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ.سېنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئاناڭدىمۇ،مەندىمۇ  پۇل يوق.سەن زەھەرلىك چېكىملىك چېكىپ شۇنداق بولۇپ قاپتىكەنسەن، سېنىڭ شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كېتىشىڭگە قاراپ تۇرۇشقا يۈرىكىم چىدىمىدى.ماڭا سۆز تاشلاپ يىقىنچىلىق قىلىپ يۈرگەن ئابلەتتىن پۇل ئېلىپ سېنى دوختۇرخانىدا ياتقۇزدۇم.كېيىن زەھەرلىك چېكىملىك تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىن قېچىپ چىقىپسەن.يەنە زەھەر چەكتىڭ،يەنە ياتتىڭ.يەنە زەھەرلىك چېكىملىك چەكتىڭ...بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل كەتتى،بىلەمسەن شۇنى.مەن ساڭا ئەللىكمىڭ يۈئەندىن كۆپراق پۇل خەجلىدىم.شۇ پۇللار بولمىغان بولسا سەن بۇ كەمگىچە ياشىيالمىغان بولاتتىڭ..،ئاھ،خۇدا!مېنىڭ ساڭا سەرپ قىلغىنىم پۇللا ئەمەس ،مېنىڭ مۇھاببىتىم،ياشلىق باھارىم ،ھاياتىم ئىدىغۇ؟!..

    مىجىت:سەن مېنىڭ خىروئىن ئېلىپ چېكىشىمگە ياردەم قىلدىڭ.

    ئايگۈل:سەن...سەن بەك نومۇسسىز ئىكەنسەن.مەن ئار-نومۇسنى قايرىپ قويۇپ بىر ئەرگە ئاشنا بولۇپ ئۇنىڭ پۇلى بىلەن سېنى قۇتقۇزماقچى بولسام ،لېكىن سەن...(ئۇ سۆزلىيەلمەي ئۆكسۈپ يىغلاپ كېتىدۇ)

    مىجىت:لېكىن سەن ئۇنداق قىلماسلىقىڭ كىرەك ئىدى.

    ئايگۈل:مەن نېمە قىلسام سەن ئۈچۈن قىلدىم.سەن بىر ئەر تۇرۇپ ياخشى كۆرگەن قىزىڭنىڭ تېنىنى سېتىپ تاپقان پۇلىغا زەھەر چېكىسەن،ئازراق بولسىمۇ نومۇس قىلىپ ،ئايگۈلنىڭ مۇشۇ كۈنگە قىلىشىغا مەن سەۋەپچى،مەن زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشتىن ئۆزۈمنى تارتسام ئۇ بۇ خاتا ئىشنى قىلمايدىغان بولىدۇ، دېگەنلەرنى خىيالىڭغا كەلتۈرۈپمۇ قويمايسەن.ئەرلىك غۇرۇرۇڭ بارمۇ سېنىڭ زادى؟...قانچە ئۆلۈدىغان ئىش بولسىمۇ بىر ئەركەكلەرچە مەردانىلىق بىلەن ئۆلۈشنى ئويلاپ باقمىدىڭمۇ-ھە؟...مېنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈردىڭغۇ سەن...ھۇ،ھۇ،ھۇ..(ئۇ ئۈن سېلىپ يىغلاشقا باشلايدۇ)

                                       21 -كۆرۈنۈش .يول

      ئابلەتئۇ يەنە كۆزلىرى چەكچەيگە،بىر ئەسەبىي ھالەتتە ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋاتقان.تۇرۇپ-تۇرۇپ كوچىدا كېتىۋاتقانلارغا گۇمان ۋە غەزەپ بىلەن قاراپ قويىدۇ.ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەيدۇ)ئايگۈل،راست بۇ كېسەل سىزگىمۇ يۇققانمىدۇ؟...مەن بىلدىم،ئايتۇرسۇننىڭ ئىقرار قىلغۇسى كەلمدى؛بۇ كېسەلنى چوقۇم شۇ يۇقتۇرۇپ كەلگەن ...نېمە ئىشلار بولۇپ كەتتى-ھە!...ئايتۇرسۇن ،سەن ئۆزۈڭگىمۇ ،ماڭىمۇ قىلدىڭ...ئايگۈل مەن سىزنى خاتا ئەيىپلەپتىمەن.سىزمۇ چوقۇم تەكشۈرۈتىپ بېقىشىڭىز كىرەك.مەن سىزنى ياخشى كۆرۈمەن...مەن سىزنى ھازىرلا دوختۇرخانىغا ئېلىپ باراي...

                                  22 -كۆرۈنۈش.ئايگۈلنىڭ ئۆيى

     مىجىتيىغلاپ ئولتۇرغان ئايگۈلگە قاراپ بىردەم تۇرىدۇ،ئاندىن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرىدۇ)سېنى ئويلامدىم؟(ئۆزىچە كۈلىدۇ)خۇمارىم تۇتۇپ كەتكەندە يۈرىكىمنىمۇ سېتىشقا رازى بولىدىغان تۇرسام...(بېشىنى تۆۋەن قىلىدۇ)راسىت،مەن بۇرۇن سېنى ئويلىغان .سېنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن،قەلبىمدە سېنىڭ گۈزەل ،پاك ئوبرازىڭنى ساقلاپ قىلىش ھەم سېنى ئۆزۈمنىڭ زىيىنىغا ئۇچراتماسلىق ئۈچۈن سەندىن يىراقلاشتىم؛ئەمدى سەن بىلەن كۆرۈشكۈم يوق ،بۇندىن كېيىن مېنى ئىزدىمەي ئۆزۈڭ بىلگەن يولغا ماڭ.مەندەك چۈشكۈنلەشكەن ئادەمنى ئەمدى ئىزدمە،دېدىم.بىراق سېنىڭ مېنىڭ دېگەنلىرىم بىلەن كارىڭ بولماي مېنى يەنە ئىزدەپ كەلدىڭ،پۇلمۇ بەردىڭ.مەن سېنىڭ بۇ ئىشىڭدىن ھەم خۇشال بولدۇم ،ھەم ئازاپلاندىم.قاتتىق ئىرادىگە كېلىپ بۇ ئىشتىن قولۇمنى ئۈزەي دەپ ئويلىدىم. بىراق شۇ ۋاقىتتا ...(ئۇ ئەلەملىك كۈلكە بىلەن بېشىنى چايقايدۇ)مەن ئەيدىز كېسىلى بولۇپ قالغانلىقىمنى ھەم سېنىڭ ئابلەتنىڭ پۇلىنى دەپ ئۇنىڭ بىلەن خۇپىيانە ئارلىشىۋاتقانلىقىڭنى ئۇقۇپ ھەممىىدىن كۆڭلۈم يېنىپ كەتتى...مەن ياخشى كۆرۈدىغان ،مەن ئاسراپ قىلىشنى ئويلايدىغان قىز  پۇلنى دەپ باشقىلار بىلەن كارۋاتقا چىقىدىغان جالاپقا ئايلاندى؛ئۆزى ياخشى كۆرۈدىغان يىگىتىگە ،توي كۈنىگىچە چىداڭ ،دەپ بەرگىلى ئۇنىمىغان ئامانىتىنى باشقىلارغا بېرىۋەتتى...(ئۇ ئۆزىنى مەسخىرە قىلىپ كۈلىدۇ)مەن بۇنىڭلىق بىلەن نېمىنى ئويلايمەن،كىمگە كۆڭۈل بۆلىمەن...مەن ئۈچۈن چېكىملىك خۇمارىمنى قاندۇرۇشتىن باشقا ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ ئارزۇ قىلغۇچىلىكى قالمىدى.ھەممىنى قىلغان شۇ پۇل بولغاندىكىن ،مەن بۇ كېسەلنى ساڭا ،سەن ئارقىلىق ئاشناڭغا يۇقتۇرۇشنى ئويلىغانتىم.(ئۇ شۇ گەپ بىلەن ئايگۈلگە قاراپ كۈلۈپ قويىدۇ)

    ئايگۈلبېشىنى كۆتۈرۈپ مىجىتقا قارايدۇ)ۋۇ،ئۆلگۈر !مەن سېنى قۇتقۇزۇپ قالاي ،دەپ ئويلىسام،سەن مېنى ئۆلۈمگە ئىتتىرىپسەن.سەن مېنى ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ بۇنداق قەستلەشكە يۈرىكىڭ قانداق چىدىدى؟ۋىژدانىڭ قانداق چىدىدى؟

     مىجىت:سېنى ياخشى كۆرگەچكە مەن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلۈپ كەتسەم باشقىلارغا ئاشنا بولغىنىڭدىن كۆرە،كەينىمدىنلا ئۇ دۇنياغا بېرىپ ماڭا ھەمرا بولۇيشىڭنى خالاپ قالدىم.

     ئايگۈل:مېنىڭ ئۆلگۈم يوق ،مېنىڭ ئۆلگۈم يوق!...ھۇ،ھۇ،ھۇ(يىغلاپ ۋارقىراشقا باشلايدۇ)

     مىجىت:بولدى،ئۆزۈڭنى قىينىما.ئىككىمىز ئۇزۇن ياشىيالمايمىز،شۇڭا جۇغلاپ قويغان پۇللىرىڭ بولسا ئېلىپ چىق ،ئۆلۈپ كەتكۈچە ئەركىن ياشىۋالايلى.

     ئايگۈلكېلىپ مىجىتنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىدۇ)مەن ئۆلمەيمەن،،مەن ئەيدىز كېسىلى ئەمەس.مەن تېخى يەنە ياشايمەن...

     مىجىتئۇنىڭ قولىنى ئاجىرتىۋىتىدۇ)سەن دوختۇرغا تەكشۈرۈتتىڭمۇ؟

      ئايگۈليىغىسىنى توختىتىپ ،سەل تۇرۇپ)ياق،ئابلەت تەكشۈرۈتىپتىكەن،دوختۇر ئۇنى ئەيدىز كېسىلى بولۇپ قاپسىز ،دەپتۇ.ئۇ مېنى سودا سارىيىدىن مەجبۇرى ئېلىپ كېلىپ ،بۇ كېسەلنى ماڭا سەن يۇقتۇرۇپسەن ،دەپ تاس قالدى ئۆلتۈرىۋەتكىلى .مەن ئۇنى ئالداپ ئارانلا قۇتۇلدۇم ،ئايالىغا دۆڭگەپ قويدۇم...ئۇ ئۆزىنىڭ ئەيدىز كېسىلى بولۇپ قالغانلىقىنى ئۇقۇپ بەكلا ئەسەبىلىشىپتۇ،خۇددى بىر ساراڭغىلا ئوخشاپ قاپتۇ.

    مىجىت:قالتىس!مەن بۇ كېسەلنى ساڭا يۇقتۇرسام ،سەن بۇ كېسەلنى ئابلەتكە ھەم ئايالىغا يۇقتۇرۇپسەن.

     ئايگۈل:ۋۇ نومۇسسىز!بۇ كېسەلنىڭ ئاساسى يۇقتۇرغۇچىسى سەن.

     مىجىت:بولدى قەدىرلىكىم،مېنىڭ ۋۇجۇدۇمنى ھەم قېنىمنى ئاللىقاچان ئەيدىز كېسىلى بىلەن زەھەرلىك چېكىملىك قاپلاپ بولدى.ئۆلۈدىغان ۋاقتىمغا ئۇزۇن قالمىدى،سەن بىلەن تالىشىپ ئولتۇرغۇدەك ماغدۇرۇممۇ ھەم ۋاقتىممۇ يوق.ساڭا شۇنى ئەسكەرتىپ قوياي،سەنمۇ ماڭا ئوخشاش ئۇزۇن ياشىيالمايسەن. شۇڭا ئاخىرقى نەچچە كۈنلۈك ئۆمرۈڭدە خۇشال ياشايدىغانننىڭ ئىشىنى قىل.

    ئايگۈل:كۆزۈمدىن يوقال ،ۋۇ نىجىس!

    مىجىت:ئۇنداقتا خوش،قەدىرلىكىم!ئەمدى ئۇدۇنياغا بارغاندا كۆرۈشەيلى.(ئۇ شۇنداق دەپ ئىشىك تەرەپكە ماڭىدۇ)

     ئايگۈل:مىجىت توختاپ تۇر...مېنىڭ ئۆلگۈم يوق ،ماڭا ياردەم قىل.(دەپ يىىلىنغان ھالەتتە كۆز يېشى قىلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ)مەن بۇ كېسەلدىن ساقىيشىم كىرەك،مېنى قۇتقۇزىۋال!

    مىجىتقايتىپ كېلىپ ئايگۈلنى يىنىككىنە قۇچاقلاپ تەسەللى بېرىدۇ)بولدى قىل جېنىم.ئەمدى بىزگە ھېچقانداق قۇتۇلۇش يولى يوق.(ئايگۈل ئۇنىڭ مۆرىسىگە بېشىنى قويۇپ ئۆكسۈپ يىغلاشقا باشلايدۇ)

    ئابلەتشۇ چاغدا ئابلەت ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ ،ئىككىيلەنگە قاراپ تۇرۇپ قالىدۇ.ئايگۈل بېشىنى كۆتۈرۈپ چۆچۈش بىلەن يىغىسىنى توختىتىپ مىجىتتىن يىراقلىشىپ ئابلەتكە قاراپ قالىدۇ.ئابلەت ئالدى بىلەن ئايگۈلگە ،ئاندىن مىجىتكە مىختەك تىكىلىپ قارايدۇ.مىجىت كەينىگە بۇرۇلۇپ ئابلەتنى كۆرۈپ پەرۋاسىزلىق بىلەن قاراپ قويىدۇ.ئابلەت ئايگۈلدىن سورايدۇ)بۇ كىم؟

    ئايگۈل:ئۇ...ئۇ (دۇدۇقلاپ جاۋاپ بېرىدۇ)بىر تونۇشۇم.

    مىجىت:سىز ئابلەتقۇ؟بولدى قەدىرلىكىم،نېمىگە تەمتىرەيسىز؟يىگىتىم دەۋەرسىڭىز بولىدىغۇ.

    ئايگۈل:مىجىت!...

    ئابلەتمىجىتقا قاراپ)سەن بۇ يەرگە نېمە دەپ كەلدىڭ؟

    مىجىت:ئۈچىمىزنىڭ ئەيدىز كېسىلى بولغانلىقنى تەبرىكلىگىلى.

     ئابلەت:ۋۇ ئىتنىڭ بالىسى!(ئۇ مىجىتنىڭ قىشىغا كېلىپ بىر مۇشت بىلەن ئۇنى كەينىگە ئۇچىرىۋىتىدۇ.بۇ چاغدا ئايگۈل سىرتقا قاچماقچى بولىدۇ،ئابلەت ئۇنىڭ كەينىدىن تاپ باستۇرۇپ كېلىپ بىرلا تارتىپ ئۇنى يىقىتىۋىتىدۇ.ئاندىن بېرىپ ئىشىكنى ئىچىدىن ئېتىۋىتىدۇ.مىجىت ئاستا ئۆمىلەپ قوپۇپ ئولتۇرىدۇ،ئابلەت مىجىتقا قاراپ قويۇپ ،يەردە يىقىلىپ ياتقان ئەيگۈلنىڭ قىشىغا كېلىپ زوڭزىيىپ ئولتۇرىدۇ)ماڭا بۇ ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ قوي!(دەيدۇ قەھرى بىلەن بۇيرۇق قىلىپ )

    ئايگۈلقورقۇنچ ئىچىدە)ئۇ يالغان ئېيتىدۇ،مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىم يوق.ئۇ زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولۇپ قاپتىكەن ،مەندىن پۇل سوراپ كەپتۇ.

     ئابلەتمىجىتكە قارايدۇ)سەن زەھەرلىك چېكىملىك چېكەمسەن؟

     مىجىت:شۇنداق.

     ئابلەت:سەندە ئەيدىز كېسىلى بار،شۇنداقمۇ؟

     مىجىت:سىز بۇ كېسەلنى يۇقتۇرىۋالغان بولسىڭىز بۇنى ئۆزىڭىزدىن كۆرۈڭ.خەقنىڭ سۆيگىنىنى تارتىۋىلىپ ئاياق-ئاستى قىلغاچقا  جازايىڭىز شۇ.

     ئابلەتئايگۈلگە قاراپ)ئۇنىڭ دېگەنلىرى راستمۇ؟

     ئايگۈل:ئۇنىڭغا ئىشەنمەڭ،ئۇ يالغان ئېيتىۋاتىدۇ.

     مىجىت:بولدىلا ئايگۈل،ھەممىمىز ئۆلۈدىغان تۇرساق يەنە يالغان گەپ قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى.ھازىر مەن قورۇققۇدەك ھېچنەرسە قالمىدى.مەن سىزگە دېسەم(دەپ ئابلەتكە يۈزلىنىدۇ)ئايگۈل ئىككىمىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە بىرگە ئوقۇغان ،بىر-بىرىمىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتۇق.مەن زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشكە ئۈگۈنۈپ قالغاچقا ،ئۇ سىزگە ئاشنا بولۇپ پۇلىڭىز ئارقىلىق مېنى داۋالىتىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدى...

    ئابلەت؛(ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ)ۋۇ ،ھايۋانلار!بۇ كېسەل ئەسلىدە سەنلەر ئارقىلىق يۇقۇپتىكەندە. سەن  پاسكىنا يالغان سۆزلەپ مېنى گۇمانغا سېلىپ بۇنى ئايالىمغا دۆڭگەپ قويىپسەن.مەن...مەن ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتتىم.مەن ئۇنىڭغا ئۇۋال قىپتىمەن.ئاھ ،خۇدا!...بۇ نېمە ئۈچۈن؟بۇ تەڭرىمنىڭ مېنى جازالىغىنىمۇ؟مېنىڭ ئىككى ئوغلۇم...(ئۇ نالە قىلىپ يانچۇقىدىكى ئىككى ئوغلىنىڭ سۈرىتىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا ئازاپ ۋە ئۆكۈنۈش بىلەن قارايدۇ.بۇ ۋاقىتتا مىجىت بىلەن ئايگۈل  تەڭلا ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىك تەرەپكە قاراپ قاچىدۇ.ئابلەت ئۇلارغا قاراپ يانچۇقىدىن پىچاقنى ئېلىپ ئۇلارنى قوغلاپ كېلىپ ،ئىشىكنى ئاچالماي قالغان مىجىتنىڭ بىلىكىگە پىچاقنى تىقىۋىتىدۇ.)

   مىجىت:ۋايجان...( ئۇ ئاغرىقتىن ۋارقىراپ ئۆزىنى كەينىگە ئاتىدۇ)

   ئايگۈل:قۇتقۇزۇڭلار!(دەپ ئۇنىنىڭ بارىچە ۋارقىرايدۇ)

   ئابلەتبىر مۇشىت بىلەن ئايگۈلنى كەينىگە ئۇچىرىۋېىتىپ )ئاغزىڭنى يۇم پاسكىنا!يەنە قايسىڭ ۋارقىرايدىكەنسەن ئالدى بىلەن شۇنى ئۆلتۈرىمەن.(ئۇ پىچاقنى شىلتىپ ئۇلارغا ھەيۋە قىلىدۇ.مىجىت بىلەن ئايگۈل قورقۇنچ ئىچىدە ئۈن-تىنسىز كەينىگە ئۆمىلەيدۇ)بولدى،قېنى ئاۋۇ يەرگە بېرىپ تۇرۇش!

    مىجىتئورنىدىن تۇرۇپ قان ئېقىۋاتقان بىلىكىنى تۇتۇپ كەينىگە يانغاچ)جېنىم ئاكا مېنى ئۆلتۈرمەڭ!مەن ئەيدىز كېسىلى بولۇپ قالغان بولساممۇ بۇنداق تىز ئۆلۈپ كەتكۈم يوق .

     ئابلەت:ئەمىسە قېنى ئېيت،بۇ كېسەلنى نەدىن يۇقتۇردۇڭ؟راستىڭنى ئېيت!

      مىجىت:بۇ كېسەل ماڭا زەھەرلىك چېكىملىكنى شىپىرىس بىلەن تومۇرۇمغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرغاندا يۇقۇپ قالغان،كىمدىن يۇققانلىغىنى ئىنىق بىلمەيمەن.

    ئابلەت:قەيەردە؟ كىملەر بىلەن ئۇرغان؟

    مىجىت:بىر زەھەرلىك چېكىملىك ساتقۇچىنىڭ ئۆيىدە،كىملەر ئىكەنلىكى ئېسىمدە يوق.

    ئابلەت:ئۇ زەھەرلىك چېكىملىك ساتقۇچىنىڭ ئۆيى قەيەردە؟

     مىجىت:جەنۇبىي چوڭ كوچىدىكى ئەخمەت بايۋەتچىنىڭ ئۆيى ،205 -نومۇرلۇق ئۆي.

    ئابلەت؛دېگەنلىرىڭ پۈتۈنلەي راستمۇ؟

    مىجىت:دېگەنلىرىم پۈتۈنلەي راست.مېنى ئەمدى كەتكىلى قويۇڭ،بېرىپ قولۇمنى تاڭدۇرمىسام ئۆلۈپ قالىمەن .   

     ئابلەت:سەندەك نومۇسسىز ئەبلەخنىڭ ياشىغىنىنىڭ نېمە پايدىسى.(ئۇ پىچاقنى كۆتۈرىدۇ)

     مىجىت:ياق...(ئابلەت كېلىپ پىچاقنى ئۇنى قورسىقىغا تىقىۋىتىدۇ.)قۇتقۇزۇڭلار!...(ئابلەت پىچاقنى يەنە كەينى -كەينىدىن ئۈچ قېتىم ئۇنىڭ كۆكرىكىگە سانچىيدۇ.مىجىتنىڭ ئۈنى ئۆچۈپ يەرگە يىقىلىپ ئۆلىدۇ. ئايگۈل«ۋاي..»دەپ ۋارقىراپ توختاپ قالىدۇ.ئابلەت قانلىق پىچاقنى كۆتۈرگەن پىتى مىجىتنىڭ جەسىتىگە قاراپ بىردەم تۇرىدۇ.مىجىت قىمىرلىمىغاندىن كېيىن ئۇ ئايگۈلگە قارايدۇ.

     ئايگۈلئىككى قولىدا ئېغىزىنى ئەتكەن پىتى كۆزلىرى چەكچىيىپ مىجىتنىڭ جەسىتىگە قاراپ تۇرۇپ قالىدۇ.ئابلەت ئۇنىڭ قاراپ يىقىنلاپ كېلىدۇ)ياق،ئۇنداق قىلماڭ!..(ئۇ قاچماقچى بولىدۇ،ئابلەت ئىككى سەكرەپلا ئۇنىڭ قىشىغا كېلىپ ئۇنى يىقىتىپ بېسىۋالىدۇ.)

    ئابلەت:سەن مېنى ئالداپ ئايالىمنىڭ جىنىغا زامىن بولدۇڭ،ئۇ ناھەق ئۆلۈپ كەتتى.سەن بەك رەزىل ئىكەنسەن .ئەمدى سەنمۇ ئۆلۈسەن...

    ئايگۈل:ياق،مېنى ئۆلتۈرمەڭ.مەن ئۆتۈپ قالاي !...

    ئابلەت:مۇمكىن ئەمەس.سەن ئىككى ئوغلۇمنى يىتىم قالدۇردۇڭ(ئۇ شۇنداق دەپ قولىدىكى ئىككى ئوغلىنىڭ رەسىمىگە قارايدۇ.)كۆردۈڭمۇ؟(ئۇ قولىدىكى سۈرەتنى ئايگۈلگە كۆرسىتىدۇ) ئۇلار ئىنتايىن ئوماق سەبىي بالىلار ئىدى.مەن ئۇلارنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتىم، ئەمەسمۇ!..ئاھ...جېنىم باللىرىم!...مېنى كەچۈرۈڭلار!مەن سىلەرگە يۈز كېلەلمەيمەن.(رەسىمگە قاراپ سەل تۇرۇپ قالىدۇ)خوش باللىرىم!مەن تۈگەشتىم.مەن بۇ رەزىللەرنى ئۆلتۈرۈپ بولۇپ ئاندىن ئۆزۈممۇ ئۆلۈمەن.

    ئايگۈل:ئابلەت ،ئۆتۈنۈپ قالاي مېنى ئۆلتۈرمەڭ...بىرگە ئۆتكۈزگەن كۈنلەرنىڭ خاتىرسىنى قىلىڭ!مېنىڭ ئۆلگۈم يوق...

     ئابلەت:كىمنىڭ ئۆلگۈسى بار -ھە؟...بىراق سەن ئۆلمىسەڭ بولمايدۇ.،سەن ئۆلۈشكە تېگىشلىك...(ئايگۈل ئورنىدىن تۇرۇپ قېچىش ئۈچۈن تىركىشىدۇ.ئابلەت قولىدىكى رەسىمنى تاشلىۋىتىپ بىر قولى بىلەن ئايگۈلنى مەھكەم بېسىۋىلىپ يەنە بىر قولىدىكى پىچاقنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ئايگۈلنىڭ كۆكسىگە سانچىيدۇ.ئايگۈل«ئا...»دەپلا ئۇنى ئۆچىدۇ.ئابلەت ئۇنىڭغا يەنە ئىككى قېتىم پىچاق سانچىغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرىدۇ.ئاندىن قولىدىكى ،پىچاقتىكى قان يۇقىنى ئايگۈلنىڭ كىيىمىگە سۈرىتىۋىتىپ مىجىتنىڭ جەسىتىگە قاراپ قويىدۇ.سەل خىيال بىلەن تۇرۇپ قىلىپ)ئەخمەت بايۋەتچە،نۆۋەت ئەمدى ساڭا كەلدى.(دەپ ئايگۈلنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كېتىدۇ)

داۋامى بار...  


    23 - كۆرۈنۈش.ئايتۇرسۇن ئىشلەيدىغان مەكتەپ

    ئەنۋەر ساۋاقداشلىرى بىلەن توپ ئويناۋاتقاندا بىر ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭ قىشىغا كېلىدۇ.

    ئوقۇتقۇچى:ئەنۋەر بۇياققا كەلگىنە،ئاپاڭ بىر سائەتلىك رۇخسەت ئېلىپ كەتكەنتى،بىراق ھازىر ئىككى   سائەت بولدى،تېخىچە قايتىپ كەلمىدى.سەن ھازىرلا ئۆيۈڭگە بېرىپ كېلەمسەن؟

    ئەنۋەر:بولىدۇ مۇئەللىم.

    ئوقۇتقۇچى:ئەمىسە تىز بېرىپ كەل.يولدادىققەت قىل!

    ئەنۋەركېتىۋىتىپ كەينىگە قاراپ جاۋاپ بېرىدۇ)بولىدۇ...

                                         24 -كۆرۈنۈش.ئابلەتنىڭ ئۆيى

    ئەنۋەرئۇ ئۆيىگە يۈگۈرۈپ كىرىدۇ،ئاپىسىنىڭ يەردە ياتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ قىشىغا كېلىدۇ)ئاپا سىزگە نېمە بولدى؟(ئۇ شۇنداق دەپ ئايتۇرسۇننىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ئۇنىۇ قانغا بويىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىدۇ.يەردە ئايتۇرسۇن ئۆمىلىگەندىكى قان ئىزلىرى كۆرۈنىدۇ)ئاپا كۆزىڭىزنى ئېچىڭ!...(ئۇ ئاپىسىنى مىدىرلىتىپ بېقىپ ئۇ كۆزىنى ئاچمىغاندىن كېيىن سىرتقا يۈگرەيدۇ)ئاپا...

                                  25 -كۆرۈنۈش.دوختۇرخانا

   رازىۋىتچىكلار باشلىقى ئابدۇللا ئىككى ساقچىنى ئەگشتۈرۈپ بىر دوختۇرنىڭ ئالدىغا كىرىدۇ.

    ئابدۇللادوختۇر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ)دوختۇر،ئايتۇرسۇننىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟

    دوختۇر:قان كۆپ چىقىپ كېتىپتۇ،دوختۇرخانىغا ئەكىلىشتىمۇ بەك كېچىكىپتۇ.شۇنداقتىمۇ بارلىق تىرىشچانلىقىمىز بىلەن جىددى قۇتقۇزىۋاتىمىز.

   ئابدۇللا:ھايات قىلىش مۇمكىنچىلىك قانچىلىك؟

   دوختۇر:ھازىر بۇ ھەقتە كېسىپ بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ.

   ئابدۇللا:بولىدۇ،ھەر قانداق بىر ئەھۋال بولسا بىزگە ۋاقتىدا خەۋەر قىلىڭ.ساقچىلارنىڭ رۇخسىتىسىز دوختۇرلاردىن باشقا ھەرقانداق ئادەمنى ئايتۇرسۇننىڭ يېنىغا كىرگۈزمىسىڭىز.

    دوختۇر:بىز چوقۇم شۇنداق قىلىمىز.

    ئابدۇللايېنىدىكى ساقچىغا قاراپ)سىز بۇ يەردە قىلىپ ئايتۇرسۇننىڭ ئەھۋالىنى بىزگە يەتكۈزگەچ ئۇنىڭ بىخەتەرلىگىنى قوغداڭ.مەن ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى بىلەن كۆرۈشكەچ ئەھۋالنى باشلىققا مەلۇم قىلاي.

   ئا ساقچى:بولىدۇ(ئابدۇللا يەنە بىر ساقچى بىلەن چىقىپ كېتىدۇ)

                       26 -كۆرۈنۈش .ساقچى ئىدارىسى

    ئابدۇللا يەنە بىر ساقچى بىلەن باشلىقنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىدۇ.

    باشلىق:قانداق بولدى؟يارىلانغۇچى قۇتقۇزىۋىلىندىمۇ؟قانچىلىك ئەھۋال ئىگەللىيەلدىڭلار؟

    ئابدۇللا:ئايتۇرسۇننى دوختۇرلار جىددى قۇتقۇزىۋاتىدۇ،ئۇنىڭ ھايات قىلىش ياكى قالماسلىقىغا دوختۇرلار ھازىر بىر نەرسە دېيەلمەيدىكەن.بىز ئىگەللىگەن ئەھۋاللار مۇنداق:ئايتۇرسۇننى ئېرى بىر سائەتلىك رۇخسەت ئالدۇرۇپ ئۆيگە ئېلىپ كەتكەنكەن.بۇنىڭ سەۋەبى ئايتۇرسۇننىڭ ئېرى ئابلەت كېسەل بولۇپ قىلىپ دوختۇرخانىدا ياتماقچى بولغانكەن.ئەسلىدە ئابلەت ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ،ئۇ بۇنى بۈگۈن ئەتىگەن دوختۇرخانىدا ئۇقۇپ،بۇنى ئۆيدىكىلەرگە خەۋەر قىلىپ بولۇپ دوختۇرخانىدا ياتاقتا يېتىپ داۋالانماقچى بولغانكەن.بىز ئىگەللىگەن ئەھۋاللار مۇشۇنچىلىك.مېنىڭ پەرىزىمچە ئايتۇرسۇننىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى ئابلەتنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى ھەم پىچاقنىمۇ ئابلەت تىقىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن .ئابلەتنى تاپالساقلا ھەممە ئىش ئايدىڭلىشىدۇ.

    باشلىق:ئابلەتنى تاپالدىڭلارمۇ؟

    ئابدۇللا:ئابلەت قېيىن ئاتىسىنىڭ شىركىتىدە ئىشلەيدىكەن ،ئىككى ساقچى شۇ يەرگە كەتتى.

    باشلىق:ئەمىسە ئابلەتنى ئىزدەشنى جىددىلەشتۈرۈڭلار...(شۇ ۋاقىتتا تېلېفون جىرىڭلايدۇ،باشلىق تېلېفوننى ئالىدۇ)ۋەي!...مەن شۇ ...شۇنداق...ھە؟...مەن ھازىرلا ئادەم ئەۋەتىمەن...نەخ مەيداننى قوغداڭلار...بولىدۇ(تېلېفوننى قويۇپ ئابدۇللاغا قارايدۇ)دەېھال ئاتلىنىڭلار،ئوتتۇرا يولدىكى 602 -نومۇرلۇق ئۆيدە ئىككى جەسەت بايقىلىپتۇ.تىز بېرىپ نەخ مەيداننى تەكشۈرۈڭلار.

   ئابدۇللا:بولىدۇ باشلىق!(چىقىپ كېتىدۇ.

                               27 - كۆرۈنۈش.ئايگۈلنىڭ ئۆيى

    ئابدۇللا  بىر نەچچە ساقچى بىلەن ئۆي ئىچىدىكى ئايگۈل بىلەن مىجىتنىڭ جەسىدىنى تەكشۈرىدۇ. رەسىمگە تارتىدۇ.ئابدۇللا يەردىن تېپىۋالغان ئىككى ئوغۇلنىڭ سۈرىتىنى قولىغا ئېلىپ ،يىغلاپ تۇرغان ئەنۋەرنى ھەم ئايتۇرسۇننىڭ ئۆيىدىكى چىلىق پكەتكەن رەسىم جاھازىسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۇرىدۇ.ئىككى جەسەتنى نوسۇلكىغا سېلىپ ئېلىپ ماڭغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ كەينىدىن چىقىپ كېتىدۇ.

                         28 -كۆرۈنۈش.ساقچى ئىدارىسى

    ئابدۇللاساقچى باشلىقىغا )بۇ رەسىم ئۆلگۈچى ئايگۈلنىڭ يېنىدىن تىپىلدى.سۈرەتنى ساقچى باشلىقىغا بېرىدۇ)سۈرەتتىكى بۇ بالىلار ئابلەت بىلەن ئايتۇرسۇننىڭ باللىرى ئىكەن،سۈرەتتە ئابلەتنىڭ بارماق ئىزى بار ئىكەن.ئايگۈلنىڭ ئۆيىدە ئۆلگۈچى مىجىت بولسا زەھەرلىك چېكىملىك چېكىۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولغان ،ھەم ئەيدىس كېسىلى بولۇپ قالغۇچى ئىكەن.مىجىتنىڭ تۆت يېرىگە،ئايگۈلنىڭ ئۈچ يېرىگە پىچاق تىقىلغان.ئۇ ئىككىيلەن بىلەن ئايتۇرسۇنغا تىقىلغان پىچاقنىڭ جاراھەت ئىزى ئوخشاش.يەنى بىر پىچاق ئىشلىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن .مېنىڭچە ئۇلارنى ئابلەت ئۆلتۈرگەن.

    باشلىق:بىزگە كىرىكى پەرەز ئەمەس ئىسپات.ئابلەت بىلەن مىجىت،ئايگۈلنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار ئىكەن ،بۇنى ئىنىقلىيالدىڭلارمۇ؟

   ئابدۇللا:ئىنىقلىدۇق،ئايگۈل ئابلەتنىڭ ئاشنىسى ئىكەن.مىجىت بولسا ئايگۈلنىڭ يۈرگەن يىگىتى ئىكەن .

    باشلىق:ئۇنداق بولسا پەرىزىڭىز توغرىدەك قىلىدۇ.بۇ قاتىللىقلار نى ئەبلەت قىلغان بولۇشى جەزمەن ھەم بۇ قاتىللىق ئەيدىز كېسىلى ھەم يەنە زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.مۇشۇنى يىپ ئۇچى قىلىپ ئابلەتنى دەرھال تېپىش كىرەك.

   ئابدۇللا:مېنىڭچىمۇ شۇنداق..

    باشلىق:سىز ھازىرنىڭ ئۆزىدە كۆپراق ساقچى تەشكىللەپ ئابلەتنى ئىزدەشنى جىددىلەشتۈرۈپ دەرھال ئۇنى تېپىڭ.بەلكىم ئۇ يەنە قاتىللىق قىلىشى مۇمكىن.

   ئابدۇللا:بولىدۇ باشلىق...

                                       29 -كۆرۈنۈش.يول

    ئابلەت ماشىنىسىنى ئاستا ھەيدىگەچ يول بويىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئىشىك نومۇرىغا قارايدۇ.خىلى ماڭغاندىن كېيىن «205 »دەپ نومۇرى بار بىر ئىشىك كۆزگە تاشلىنىپ ،ئابلەت ماشىنىسىنى توختىتىپ يەرگە چۈشىدۇ.

                   30 -كۆرۈنۈش.ئەخمەت بايۋەتچىنىڭ ئۆيى

   ئەخمەت بايۋەتچى شىرىكى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرىدۇ.

    شىرىكى:شۇنداق بايۋەتچى،ھازىرقى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا ئىشىمىز چاتاق،بىرەر تەدبىر قوللانمىساق بولمىغۇدەك...

    ئەخمەت:مەنمۇ سەل ئەنسىرەپ تۇرىۋاتىمەن،سېنىڭ دېگنىڭدەك قىلايلى.بۈگۈندىن باشلاپ سودىمىزنى توختىتايلى،ماللارنى يۆتكىۋەتكەندىن كېيىن باشقا يەرلەرگە كېتىپ بىر مەزگىل ساقچىلارنىڭ كۆزىدىن يىراق يۈرەيلى.كېيىن ئەھۋالغا قاراپ بىر ئىش قىلارمىز.سەن دەرھال ماللارنى ھېلىقى جايغا يۆتكىۋەت،مەن باشقا ئىشلارنى توغۇرلاي.

    شىرىكى:بولىدۇ(ئۇ شۇنداق دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا چىقىش ئۈچۈن ماڭىدۇ.شۇ چاغدائۆيگە ئابلەت كىرىدۇ.ئىككىيلەن ئۇنىڭغا چۆچۈپ قاراپ قالىدۇ)

   ئابلەت:ئەخمەت بايۋەتچىنىڭ ئۆيى مۇشۇمۇ؟

   شىرىكى:نېمە ئىشىڭىز بار ئىدى؟

   ئابلەت:مەن ئازراق خىروئىن سېتىۋالماقچى ئىدىم.

   ئەخمەتقوپال ئاۋازدا)بېشىڭىز ئايلىنىپ قاپتۇ،بۇ ئۇنداق نەرسە يوق .قانداق دېگەن گەپ بۇ...

    ئابلەت:سەن ئەخمەت بايۋەتچىمۇ؟

    شىرىكى:يوقال! سەندەك ساراڭ بىلەن بىزنىڭ ئىشىمىز يوق...

    ئابلەتشىرىكىنى كاپلا قىلىپ تۇتىۋىلىپ يېنىدىن پىچاقنى چىقىرىپ ئۇنىڭ گىلىگە تەڭلەيدۇ)ئۆلمەي دېسەڭ تىز ئېيت!ئەخمەت بايۋەتچى دېگەن سەنمۇ ؟

   شىرىكىقورقۇپ تىترەپ)يا...ياق،مەن ئەمەس.ئۇ ...ئۇ (دەپ ئەخمەت بايۋەتچىنى كۆرسىتىپ قويىدۇ)

    ئەخمەت:سەن نېمە ئادەم؟نېمە دەپ چاتاق چىقىرىسەن؟...

    ئابلەت:مەنما؟مەن سېنىڭ جېنىڭنى ئالىدىغان ئەزرائىل!(ئابلەت تۇتۇپ تۇرغان ئادەمنى ئىتتىرۋېتىپ ئەخمەتكە يىقىنلىشىدۇ)

   ئەخمەت:سەن، سەن نېمە قىلاي دەيسەن؟ماڭا يىقىنلاشما...تىز ساقچى چاقىر(دەپ شىرىكىگە ۋارقىرايدۇ،شىرىكى ئابلەت ئۆزىگە دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىرتقا قېچىپ چىقىپ كېتىدۇ)

    ئابلەت:سەن بۇ يەردە خىروئىن چېكىدىغان مىجىتنى بىلەمسەن؟سەن ئۆيۈڭدە خىروئىن سېتىپلا قالماي ئەيدىز كېسىلى تارقاتتىڭ .بۇ كېسەل مىجىتتتىن ئايگۈلگە ،ئايگۈلدىن ماڭا .ئاندىن ئايالىمغا يۇقتى.مەن ھەممىسىنى ئۆلتۈرىۋەتتىم.ئىككى ئوغلۇم يىتىم قالدى...مەن ئەمدى بۇ ئىشنىڭ باش جىنايەتچىسى بولغان سېنى ئۆلتۈرىۋىتىمەن،سەن ئەمدى قېچىپ قۇتۇلالمايسەن...(ئابلەت شۇنداق ئەخمەتكە ئېتىلىدۇ.ئەخمەت شۇ ھامان ئالدىدىكى چاي ئۈستىلىنى ئابلەتنىڭ ئالدىغا ئۆرۈۋىتىدۇ،ئابلەت پۇتلىشىپ يقىلىپ چۈشىدۇ.شۇ پۇرسەتتە ئەخمەت سىرتقا قاچىدۇ.ئابلەت ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ماڭىدۇ)

داۋامى بار...
  31 -كۆرۈنۈش.چوڭ يول

   ئەخمەت چوڭ يولدا قېچىپ ماڭىدۇ،ئابلەت ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلايدۇ.ئابلەت ئەخمەتكە يېتىشىۋالاي دېگەندە ،ئەخمەت يولنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە قاچقاچ <مېنى قۇتقۇزۇڭلار!..قاتىل ...>دەپ توۋلايدۇ.ئابلەت<توختا مەن سېنى ئۆلتۈرىمەن ...سەن ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالامايسەن...>دەپ ئۇنىڭ كەينىدىن قالماي قوغلايدۇ.ئۇلار شۇنداق بىرسى قېچىپ ،بىرسى قوغلاپ كېتىۋاتقاندا بىر ساقچى ماشىنىسى كېلىپ قىلىپ ،ئۇلارنىڭ قىشىدا توختاپ ،ئابدۇللا باشچىلىقىدىكى بىر نەچچە ساقچى ماشىنىدىن چۈشىدۇ. ئۇلار  قوغلىشىۋاتقان ئابلەت بىلەن ئەخمەتنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كېلىپ ئۇلارنى تۇتىۋالىدۇ.

   ئابلەت:مېنى قويىۋىتىڭلار ...مەن ئۇنى ئۆلتۈرىمەن...مەن ئۇنى ئۆلتۈرىمەن ...(دەپ ساقچىنىڭ قولىدىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن يۇلقۇنىدۇ.

   ئابدۇللا:ئۇلارنى دەرھال ئېلىپ مېڭىڭلار (دەپ بۇيرۇق قىلىدۇ،ساقچىلار ئۇلارنىڭ قولىغا كويزا سېلىپ ماشىنا تەرەپكە ئېلىپ ماڭىدۇ)

                                          32 -كۆرۈنۈش.ساقچى ئىدارىسىنىڭ سوراقخانىسى

    ئابلەت سوراقخانىدا قولغا كويزا سېلىنغان ھالەتتە بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ئۈستەلنىڭ ئالدىدا ئولتۇرىدۇ، ئىككى ساقچى ئىشىك تۈۋىدە قاراپ تۇرىدۇ.شۇ چاغدا سوراقخانىغا رازىۋىتچىك ئابدۇللا كىرىدۇ.

    ئابدۇللا؛(ئابلەتنىڭ قىشىغا كېلىپ)سەن ئايالىڭنى نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈردۈڭ؟

    ئابلەتبىردەم جىم ئولتۇرغاندىن كېيىن بېشىنى كۆتۈرۈپ جاۋاپ بېرىدۇ)ئەسلىدە ئەيدىز كېسىلىنى ئايگۈل ماڭا يۇقتۇرۇپتىكەن،بىراق ئۇ مېنى ئالداپ ،بۇ كېسەلنى ئايالىڭىزدىن يۇقتۇرىۋاپسىز،دېدى.مەن ئۇنىڭ يالغان گىپىگە ئىشىنىپ ...ئايتۇرسۇننى ئۆلتۈرىۋېتىپتىمەن...بۇ كېسەلنى ئەسلىدە ماڭا ئۇلار يۇقتۇرۇپتىكەن...(دەپ بېشىنى تۆۋەن سالىدۇ)

    ئابدۇللا:ئايالىڭغا بىر پىچاق تىقىپتىكەنسەن ،ئۇ تېخى ھايات ،ئۇ قۇتقۇزىۋېلىندى.

     ئابلەت:نېمە؟...ئايتۇرسۇن ئۇ ھاياتما؟...

     ئابدۇللا:شۇنداق،ئۇ ھايات .ئايتۇرسۇن ساقىيىپ كېتىدۇ.ئۇ ئەيدىز ۋىروسى بىلەنمۇ يۇقۇملانماپتۇئ

     ئابلەت:ئاھ،خۇدا!ساڭا مىڭ قەتلە شۇكۈرى...باللىرىمنى ئاپىسىدىن بولسىمۇ ئايرىماپسەن... ھا،ھا،ھا... (دەپ يىغلاپ نالە قىلىپ يۇقۇرغا قارايدۇ)...مەن خاتا قىپتىمەن.مەن ئەمدى پۈتۈنلەي تۈگەشتىم...باللىرىم ،مېنى كەچۈرۈڭلار!...مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭلار...(دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدۇ)مېنى ئېتىۋىتىڭلار  ...مېنىڭ ياشىغۇم يوق...مەن ھېچكىمنىڭ يۈزىگە قارىيالمايمەن(دەپ ۋارقىراشقا باشلايدۇ.ساقچىلار كېلىپ ئۇنى تۇتۇپ ئولتۇرغۇزماقچى بولىدۇ.شۇ يەردە قاراڭغۇلۇق پەيدا بولۇپ <ئەيدىز كېسىلى!...ئەيدىز كېسىلى!>دېگەن ئازاپلىق ،ۋەھىمىلىك ئاۋاز ياڭرايدۇ)

    فىلىم مۇشۇ يەردە ئاخىرلىشىدۇ.

    تۈگىدى.








   IP:خاتىرلەندى      2012


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  159
يازما سانى: 455
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1425
تۆھپە : 0
توردا: 233
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 21:07:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ ،كېنوسىنى كۆرگەندەك ھالەتتە ئولتۇرۇپ ئوقۇپ چىقتىم ،قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي !

ئۆزۈم قۇرغان مەخپىي ئىبادەتخانەمنى چۆكتۈرگۈچى
مېنى ئۇيقۇدىن مەھرۇم قىلغۇچى
مېنى يۇلۇپ يەرگە ئاتقۇچى _
نىڭ ئ

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  130
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 759
تۆھپە : 0
توردا: 218
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 21:51:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ كىنونى تۈزۈك كۆرەي دەيمەن.

http://bbs.xjmukam.cn/thread.php?fid=91
بۇ يەردە، شېئىرىيەتكە قەدەم ئېلىڭ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  147
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 498
تۆھپە : 0
توردا: 115
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 12:27:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ياقتۇرغىنىڭلارغا رەھمەت!

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1913
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5679
تۆھپە : 8
توردا: 407
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 01:26:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سىنارىيە تېخى كىنو قىلىپ ئىشلەنمىگەندۇ؟

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2777
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 22
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 20:47:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ي.ت.توغراق يوللىغان ۋاقتى  2013-5-19 01:26
بۇ سىنارىيە تېخى كىنو قىلىپ ئىشلەنمىگەندۇ؟

ياق تېخى .لېكىن مەن شۇ ئارزۇدا...

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1913
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5679
تۆھپە : 8
توردا: 407
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 21:14:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېزراق كىنو قىلىپ ئىشلىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2419
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 238
تۆھپە : 0
توردا: 21
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-11 17:56:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىددىيلىشىپ  قولۇم خەتكە بارماي قالدى ،     نېمە دىيىشىمنى   بىلەلمىدىم.
ئاللاھ  ھەممىمىزگە قانائەت ئاتاھ قىلسۇن!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3320
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 67
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 10:27:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بۇ سىناريەدىكى مەزمۇنلار بەك ئادى بۇلۇپ قاپتۇ . ھەجىمى بىر ئاز قىسقىكەن ئۇنۇڭدىكى پىرسۇناژ تەسۋىرى .موھىت ئورۇن تەسۋرې تار دائىردە چەكلىنىپ قاپتۇ .شۇ ڭا بۇ سىناريەگە مىنىڭچە بولسا يەنە بىر ئىشلەپ بېقېڭە چۇقۇم ياخشى قىلىلايسىز .ئاقساقالىق قىلىپ قويدۇم ئەيىپكە بۇيىمغايسىز

ئاۋال ئادەم بول . ئاندىن ماڭماقچى بولغان يۇلۇڭنى تاللا!!!!!!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش