تەسلىمنامە
مېھرىگۈل ئابلىز نەزەر
% }7 R7 f8 Z3 f" V: t3 j: o1 b V" } x! s& Q# `0 t+ |3 s
ھەممە ئادەمنىڭ قەلبىدە بىردىن ئوغرى بار
لېكىن ئۇلار ئوغرىلانغانلىقىنى ئەتەي يوشۇرىدۇ
يۇشۇرۇش ئۈچۈن شېئىر يازىدۇ ياكى شېئىر ئوقۇيدۇ
ئوغرىنىڭ پەيلى يامان
ئادەملەر ئۆز دەردى بىلەن قالغاندا
ئازابتىن ئۆزگە ھەممە نېمىنى ئوغرىلاپ كېتىۋېرىدۇ
1 F- \+ p; ?9 g2 n: V: k5 M
/ c$ V- r. u/ |- z$ B1 u3 @% zئۇ خىيالىمغا قوشۇپ ئۇيقۇمنى ئوغرىلايدۇ
كىشىلەر قاراڭغۇلۇقنى كېچە دەۋالغان چاغدا
مەن نۇردەك يورۇيمەن
بىر قولۇمدا چوۋۇلغان چاچلىرىمنى ئوڭشاپ قويغاچ
يەنە بىر قولۇمدا يۈرىكىمنى قاماللاپ
تەسلىمنامىنى قانداق يېزىش ھەققىدە باش قاتتۇرىمەن
كېچىش ۋە قىيالماسلىق ئارىسىدا تەمتىرەپ يۈرۈپ
كۆزۈمدىن سىرغىغان قاندا يېزىپ چىقىمەن
ئەخمەقلەرچە گېزىت- ژورنال، تورلارغا يوللاپ
چاۋامنى چىتقا يايىمەن
باشقىلار ئاغزىغا كەلگەنچە جۆيلىسە
مېيىغىمدا كۈلۈپ قويىمەن
گاھىدا دېۋەڭلەرگە مەستلىكىم كېلىدۇ
گالۋاڭراق بولغان ياخشىمىكىن دەپمۇ قالىمەن
ئىجادىيەت ھەمىشە ئاشىقلىق بىلەن بىللە كېلىدۇ،
شۇڭا دەيمەن، شېئىر ئاشىقنىڭ ئىقرارنامىسى
, a" V0 L) B$ }* U3 E$ r+ L$ k/ ~6 S" W3 L
يۈزى قېلىن ئوغرى
خىجىل بولماي كارۋىتىمنىڭ بېشىغا كېلىۋالىدۇ
يۈزلىرىمگە سۆيىدۇ
چاچلىرىمنى تارتىدۇ
مېنى غىدىقلايدۇ
بەدىنىمگە چىڭ چاپلىشىپ
تىرەم بىلەن گۆشۈم ئارىسىدا مېڭىپ يۈرىدۇ
تىرەمنى شىلىۋېتىمەن
گۆشۈمنى كېسىۋېتىمەن
ئۇ بەك بىزەڭ
چاپلاشتىمۇ بولدى، جېنىم بىلەن چىقىدۇ.
ھەتتا ئۇ مېنى ئۆلگىلىمۇ قويمايدۇ...
1 j' h! u. H% A8 g* t
" y; Z( [# ]9 F% Uئىزدىگۈچى بىلەن ئىزدەلگۈچى
مەلۇم بىر يولدا جىممىدە ئۆتۈشۈپ كېتىدۇ
خۇددى ئۇ ئۇخلاۋاتقاندا
مەن قار كەبى ئۆگزىسىگە يېغىپ،
ئۇ ئويغانغاندا ئىرىپ كەتكەندەك
چارچىدىم، يەنە ياغقۇدەك ھالىم قالمىدى.
ئۇھسىنىپ ئاستا ماڭىمەن ئىزدەلگۈچى سىياقىدا
ئېھتىمال
ئەمدى ئۇ يەردە ئەبەدىل ئەبەد قار ياغمايدۇ
# A( L- [6 i9 @% m: b1 ^5 L+ Q
% \1 O( g( ]3 `4 J! l+ z6 dقەپەزدە بۇقۇلداپ سايرايدۇ قەلبىم
ئىشىك ئوچۇق
لېكىن چىقىپ كەتمەيدۇ
ئىنىقكى بۇ بىر گۈزەل ئېزىقىش
نەقەدەر ھوزۇر ھە سۆيگۈنىڭ ئازابلىرىنى
تاتلىق ھېسقا ئايلاندۇرۇپ ياشاشنى بىلىش
, F. }3 o ~# `2 w) q- U* s' D
" P+ C( p7 \% z6 Lكىشىلەر كۈندۈز دەۋالغان كېچەم يىتىپ كەلمەكتە
ئۇخلاش كېرەك
يەنە ئۇزاقراق ياشاش ئۈچۈن
ۋە بىرسىنى ئاداققىچە سۆيۈش ئۈچۈن
سۆيگۈنىڭ گېپى چىقسىلا
ئەسەبىيلىكىم تۇتۇپ كېتىدۇ
ئاندىن ئۆزۈمنىڭ بىر دوختۇرغا مۇھتاج بولىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلىمەن
پىسخىكا دوختۇرىغا
لېكىن مەن ئۇنىڭغا راست گەپ قىلمايمەن
يامان بولسا مېنى داۋالاپ ساقايتسۇن
ئىشىق كېسلى جېنىمنى ئالماستا...