كۆرۈش: 208|ئىنكاس: 6

ناۋائى غەزەللىرى (1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6
يازما سانى: 336
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2340
تۆھپە : 0
توردا: 445
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-30

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 00:43:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ناۋائى غەزەللىرى (1)
1
سىنسا كۆڭلۈمدە ئوقۇڭ، سۈرتۈب ئىسسىغ قاندىن ئاڭا،
پەي مەسەللىك چىرماغايمەن رىشتەئى جاندىن ئاڭا.

بادەئى لەئلىڭ مىزاجى روھپەرۋەردۇر بەسى،
گويىيا مەمزۇج ئېتىبسەن ئابىھەيۋاندىن ئاڭا.

ئوقى كۆڭلۈم شوئلەسىن گاھ ساكىن ئەتتى، گاھ تېز،
گاھ ئوتۇن بولدى، گاھى سۇ ئۇردى پەيكاندىن ئاڭا.

دەردۇ غەم بوستانىنىڭ تاۋۇسىدۇر كۆڭلۈم قۇشى،
گۈل بولۇپ جىسمىمدا كەسكەن نەئل ھەرياندىن ئاڭا.

نى كەبۇتەر يىتە ئالۇر ئول قۇياشقا، يا نەسىم،
ئەي كۆڭۈل ھالىڭنى ئىئلام ئەيلە ئەفغاندىن ئاڭا.

كۆزگە تا كىردى خەيالىڭ، ساۋۇغ ئاھىم ۋەھمىدىن
باغلامىشمەن قۇريا ھەر سارى مۇژگاندىن ئاڭا.

ئەي نەۋائى، يىغلىماق ئاھىمغە تەسكىن بەرمەدى،
ۋەھ، بۇنى ئوتدۇركى، يوق تەسىرى توپاندىن ئاڭا.
2
ۋەھكى، ھەجرىڭ ئوتى جىسمى ناتەۋانىم ئۆرتەدى،
ناتەۋان جىسمىمغە تۈشكەن شوئلە جانىم ئۆرتەدى.

قوزغابان كۆڭلۈم ئالاخانۇ ئالامان ئەيلەدى،
نى ئالاخانۇ ئالامان، خانۇمانىم ئۆرتەدى.

بەرقى ئىشقىڭ چۈنكى تۈشتى خانۇمانىم بولدى كۈل،
تۈرفە ئوت ئەردىكى پەيداۋۇ نىھانىم ئۆرتەدى.

دىمە ئىشقىڭ نەيلەدىكىم، روزگارىڭدۇر قارا،
ئۆرتەدى، ئەي قاتىلى نامىھرىبانىم ئۆرتەدى.

لەئل مەھلول ئەيلەگەندىن ئوت ياقىپ خاشاك ئىلە،
ھەجر جانىم كۆيدۈرۈپ، جىسمىمدە قانىم ئۆرتەدى.

بولماسا نامۇنىشانىم ئەيب قىلماڭكىم، فىراق
روزگار ئەۋراقىدا نامۇنىشانىم ئۆرتەدى.

شامى ھەجرىدە شەفەق كۆرسەڭ نەۋائى، بىل يېقىن
كىم، فەلەكنى شوئلەئى ئاھۇفىغانىم ئۆرتەدى.

3
ھەجر ئارا قالمىشمەن، ئەي ساقى، لەبالەب جام بەر،
دەمبەدەم شوئلەمغە سۇ قۇيماق بىلە ئارام بەر.

بىر يۈزى گۈل فۇرقەتى ئەشكىمنى رەڭگىن ئەيلەمىش،
ساغەرى گۈلرەڭ ئىچىدە بادەئى گۈلفام بەر.

ئەي سالامەت ئەھلى، ئۆت مەيخانەدىن، يا مەن كەبى،
مەيغە سەججادىڭ گەرەۋ قوي، تەرك نىكۇنام بەر.

دەيردىن سەرخۇش چىقىپ يۈز ناز ئىلە ئەي موغبەچە،
ئەھلى تەقۋا ئىچرە ئوت سال بالىشى ئىسلام بەر.

تارتتىم يىللەر خۇمارى ھەجر ئارا ناكاملىق،
رەھم ئەتىب بىر قەتلە لەڭلىك بادەسىدىن كام بەر.

تەلبەلىكدىن بىلمەدىم، نى ئەرز قىلدىم، ئەي رەسول،
تەڭرى ھەققى، ئاللىدا ئەيتۇردە سەن ئەندام بەر.

ئەي نەۋائى، سەن گەداغە ئۇيلە سيم ئەندامدىن
ۋەسلنىڭ ئىمكانى يوق، تەركى خىيالى خام بەر.

4
ساقىيا، مەن يۇتماغان خۇنابى ھىجران قالدىمۇ،
بەرمەسەڭ مەي ئەمدى قان يۇتماققا ئىمكان قالدىمۇ؟

ئەيكى، دەرسەن ئىستەسەڭ ۋەسلىمنى جان قىلغىل فىدا،
مۇنى سور ئەۋۋەلكى، ھەجرىڭدىن ماڭا جان قالدىمۇ؟

ئىشق مەخفى قالماس ئاخىر، ئەي كۆڭۈل، كۆپ چەكمە جان،
مەن ھەم ئەۋۋەل كۆپ ياشۇردۇم، كۆركى، پىنھان قالدىمۇ؟

چەكتىلەر مەجرۇھ كۆڭلۈمدىن خەدەنگىن كۈچ بىلە،
بارى، ئەي جان، مۇژدەئى بەرگىلكى، پەيكان قالدىمۇ؟

كۆرگەچ ئول ئاينى جۇنۇندىنكىم يىقىلدىم، ئەي رەفىق،
تەڭرى ئۈچۈن ئەيتكىم ھالىمغە ھەيران قالدىمۇ؟

ئەي كۆڭۈل، بۇ گۈلشەن ئەترافىغە باقكىم، غۇنچەئى
كىم كۆڭۈل جەمئ ئەيلەدى، بولماي پەرىشان قالدىمۇ؟

ئەي نەۋائى، قاچماغىل ھەمدەملىغىمدىن، كۆركى، يار
گەر ساڭا مىھرىن كەم ئەتتى، بىزگە يەكسان قالدىمۇ؟

5
ئايەتى «ۋەششەمسى» خۇرشىد ئوزارىدىن ئوقۇ،
سۈرەئى «ۋەللەيلى» خەتتى مۇشكبارىدىن ئوقۇ.

قامەتىڭ شەۋقى شەھىد ئەتكەتلەر ئاسارىن ئەگەر،
بىلمەسەڭ ھەرقايسىنىڭ مىيلى مەزارىدىن ئوقۇ.

ئول قۇياش رۇخسارىيۇ سارىغ يۈزىنىڭ شەرھىنى
سەفھەئى خۇرشىد خەتتى زەر نىگارىدىن ئوقۇ.

ئوت تۇتاشقان كۆڭلۈم ئەھۋالىن دىسەڭكىم ئاڭلايىن،
ئول خۇتۇتىكىم بولۇر پەيدا شەرارىدىن ئوقۇ.

سەبزەئى خەت بىرلە بۇ گۈلشەن ۋەفاسىز ئىركەنىن
كىلكى قۇدرەت يازدى، رەيھانى بەھارىدىن ئوقۇ.

بادەغەم دەفئى قىلۇر كەيفىييەتىن دىسەڭ بىلەي،
ئول ئىلىككە جامى ئەرقامى كەنارىدىن ئوقۇ.

ئىستەسەڭ دەردى جۇنۇن، ئاچىب نەۋائى دەفتەرىن
تەلبەلىك شەرھىنى تاپىب ھالى زارىدىن ئوقۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-8 00:45  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  177
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2733
تۆھپە : 0
توردا: 680
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-30

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 01:03:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  39
يازما سانى: 828
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2232
تۆھپە : 3
توردا: 185
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-26

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 01:12:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما يوللىغان قوللىرىڭىزغا دەت كەلمىسۇن. ساقلىۋالدىم رۇخسەتنى كۈتمەيلا.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  244
يازما سانى: 834
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3388
تۆھپە : -1
توردا: 587
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 02:33:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قىممەتلىك  بەدئى  ئەڭگۈشتەردىن بىزنى  خەۋەردار قىلغىنىڭىزدىن سۈيۈندۈم.

قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغان تورداشلارنىڭ  بەزى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ياكى ئەسەر تەرجىمىسىنى  دەپ بىرىشىنى بەكمۇ ئۈمىد  قىلاتتىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۆتتاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-8 02:34  


ئادەم ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خۇشاللىق،ئەڭ زور بەخت ئۆزىنىڭ مەنىۋى كۈچىنى باشقىلارغا تەغدىم قىلىشتۇر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3833
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 816
تۆھپە : 0
توردا: 101
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 04:46:04 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت مۇئەللىم

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  68
يازما سانى: 369
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1181
تۆھپە : 0
توردا: 212
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 12:09:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئاداش ، بۇ غەزەللەرنى يېنىشلاپ  ئوقۇپ ، ھەززىتى ناۋائىنىڭ بۈيۈك ئىستىداتىغا يەنە بىر قېتىم ئاپىرىم ئېيتتىم . ناۋائى دېمەك ، غەزەل دېمەكتۇر... مەن شۇنداق ئويلاردا بولىمەن . ئىلاھىم ، غەزەلچىلىككە كۈچ قېتىۋاتقان شائىر دوستلارغا ساغلاملىق ، ئىلھام تىلەيمەن ... يوللاپ تۇرارسەن ئاغىنە ... مەنبەنىمۇ كەينىگە ئەسكەرتىپ قويغىن .

شېىئر مېنىىڭ ئاسمىنىم ...!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2741
يازما سانى: 576
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1054
تۆھپە : 0
توردا: 192
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-28

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 16:07:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئالاھىدىدىننىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش