يوق
5 W4 J" Z3 z% c1 Jھەممە ئىشلارنىڭ كۆڭلۈڭدىكىدەك بولىشى ياخشى ئىشمۇ ئەمەس
ھەممە ئىشلارنىڭ كۆڭلۈڭدىكىدەك بولماي قېلىشىمۇ يامان ئىش ئەمەس
ھەممە تەملەرنى بىر- بىرلەپ تېتىپ چىقىسەن
ھاياجان ، شۈبھە، قورقۇنچ ۋە ۋەھىمە ..
" T) J2 r1 \& J! j$ W; vھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ تەمدىن باشقا
خەيرىلىك ياكى خەيرىسىزلىكنىڭ نېمە ئەھمىيىتى ؟
بىز ھەممىمىز خەيرىلىك بولسىكەن دەپ تىلەپ باقىمىز
لېكىن خەيرىلىكنى ئۇزاق زامان تۇتۇپ قالالايتتىڭمۇ ؟
! ]4 h1 Z. _# o, x; j
ياش ئوتتۇزدىن ئاشمىغۇچە ھېچنىمىنى ھەقىقى ھىس قىلمايسەن
بىر- بىرلەپ تارتقۇزۇپ قۇيۇشقا باشلايسەن
ئىچىڭ ئاھۇ زارغا توشسا نېمە بوپتۇ ؟
سەن بوش ياشايمەن دەپ ئويلىغانمىتىڭ ؟
& |7 r/ g4 H6 X( n: H
ھەركىمدە مىڭ دوزاق كۈلۈپ يۈرگىنى بىلەن
ھەركىمدە مىڭ شەيتان بېسىپ يۈرگىنى بىلەن
ھېچكىم سېنىڭدىنمۇ ئارتۇقمەن، دېيەلمەيدۇ
ھەر كىم جان قايغۇسىدا قالغان كەبى بىر قايغۇدا
4 E4 T1 w* p+ }; P; r: Cياشىغانچە يەڭگىللەيمەن دېگەنمىتىڭ ؟
گۇناھ ئۆتكۈزگەنچە ئېغىرلاۋاتساڭ
ھەتتا بىر تال چۈمۈلىنى دەسسىۋېلىشمۇ گۇناھ تۇرسا
سەن قانداقچە يەڭىگىل ياشىيالايمەن دەپ ئويلاپ قالدىڭ ؟
0 ~9 Z4 m, @. ?$ @% }/ S Z3 R7 gقانچە ئېغىر بولغانچە تەستە باسىسەن
قانچە تەستە باسساڭ شۇنچە چوڭقۇر ئىز قالىدۇ
ئىزلىرىڭ ياشاپ باققانلىقىڭنىڭ ئىسپاتى
ئەسلى گۇناھ تۇيغۇسى بىر ھەدىيە ئەمەسمۇ ؟
( `" f, H. K7 U: Z
مەيلى ھەركىمدىن ئېغىر قەدەم ئال
مەيلى ھەركىمدىن ئېغىر ياشا
ھەركىمدىن يەڭگىل بولىسەن
يەڭگىل بولغىنىڭدا ..
7 K6 c3 b g) ]5 C/ {* @4 F8 z
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulbeden تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-8 11:23
6 `! ?% ^+ a1 d3 C3 x! ?$ j+ x6 ]% k! R5 b; j" k5 l