ھەپتىنىڭ سەككىزىنچى كۈنى
5 x( k& D6 S; Q; A: {ئىزگۈ تىلەك
- T4 i9 m" b" g0 Kھېرىسمەن ئەمەستۇر كۆڭلۈم سوۋغىغا،
تىلىكىم سۆيۈلۈش ۋە سۈيۈش پەقەت.
مىسكىنلىك قەلبىمدىن يۇقىلار ئاخىر
يۈرىكىڭ سۆيگۈمگە تولغاندا بىر رەت.
, _. [; [$ B6 H/ w6 }, ^8 G. b4 ^6 ]1 O" j0 `$ p& u& C1 d" n
ئاي- يىللاپ كەلمىسەڭ مەيلى يېنىمغا ،
كۆمۈپ قوي روھىمنى يۈرەككە چوڭقۇر.
مەن ئۈچۈن لىرىكا يازمايلا قويغىن،
كۇپايە سالام خەت بولسىلا بىر قۇر.
: k, T( t' ~- V. ^: U& t9 g$ b! W0 T k" c7 i; L& j8 n
ئەسلەپ تۇر ھەر جايدا چەكمىگىن ھەسرەت ،
ئەيلىمە مەن ئۈچۈن جېنىڭنى پىدا.
كەل ئاستا كۆزۈمنى يۇمدۇرۇپ قويغىن،
ۋۇجۇدۇم روھىمدىن بولغاندا جۇدا.
$ B$ U4 K# Y& H
ھەپتىنىڭ سەككىزىنچى كۈنى
8 e- L _$ x8 ^0 L6 S3 W1 Y9 I3 m
ئۆتۈپ كەتتىى دۈشەنبە تىنىچ،
ئىدارىدا، ئىشخانىدىلا.
سەيشەنبىدە كەلدى تەكشۈرۈش،
بارالمىدىم يەنە قېشىڭغا.
$ e: \# r; Q& C
9 l) u) U4 P* P K! Y+ aچارشەنبىمۇ چاقماقتەك گويا،
قېچىپ كەتتى بەرمەستىن تۇتۇق.
پەيشەنبىدە ئېزىتقۇ شەيتان،
مەي ئۇزاتتى كوزىسى پۇچۇق.
) \; ~2 a% g8 J
$ K( f4 o6 I+ ?. K' z N: Y
كىملەرگىدۇ جۈمە دىگەنمۇ،
بۇلار ئىكەن شۇنچە جىلۋىگەر.
شەنبىنىڭمۇ شېكىرى بەزى،
بوپ قالاركەن گوياكى زەھەر.
. T3 A8 a$ [2 A3 O$ e% \
' f( Y5 {- B% N7 K! I, n* `يەكشەنبىدە بازار ئارىلاپ،
تالدى كۆزلەر، تالجىقتى يۈرەك.
ئالالمىدىم ساڭا ھېچ سوۋغا،
بىلەلمىدىم نېمىلەر كېرەك؟
! I0 E3 G0 O; v- N( I- ?
) r( Q% S! c# c* zسېغىنىشقا تولغاندا قەلبىم،
بولار چوقۇم ھەپتىگە سەككىز.
مەن بارىمەن شۇ چاغ يېنىڭغا،
رەنجىمىگىن مېنىڭدىن ھەرگىز.
; G3 l" P m4 `2 d. n6 y/ }بىر تامچە ياش
, \$ p1 z2 S; w) v* r6 e/ n sدوستلار بىلەن جەم بولۇشقان پەيتلەردە،
تەشۋىش ئىچرە كۆتۈرمەيمەن زادى باش.
دەيدۇ ئۇلار «سەن تەڭداشسىز بەختلىك»،
ئەمما كۆزۈم پىنھان تۆكەر تامچە ياش.
- e0 q/ ], O% s0 K
* d3 m% B0 }! S+ J' S+ r8 [* K) ]
كۆزلىرىمدىن سىرغىغىنى ياش ئەمەس،
يۈرىگىمدىن ئېقىۋاتقان ئىسسىق قان.
كەچمىشلىرىم گويا سىرلىق رىۋايەت،
ئۇلار تەكرار ئالدىنىشتىن يارالغان.
0 x' R2 J: i. c* J- [0 b8 [" ~& r! w* a1 s
لەۋلىرىمدە ئۇسسۇل ئوينار تەبەسسۇم،
چانىغىمدا تۇرسىمۇ ياش لىغىرلاپ.
بەخت ئاخىر ماڭا نېسىپ بولار دەپ،
ياشاپ يۈردۈم چۈمۈلىدەك مىدىرلاپ.
0 G- n$ u3 G6 s
ئىزگۈ تىلەك
" D# d' J% s; lبىر سەۋدا چۈشتىغۇ مىسكىن بېشىمغا،
سۆيگۈم بار قەلبىمدە كىمدۇر بىرىنى.
ئەيلەشكە رازىمەن جاننى تەسەددۇق،
سالماستىن باشقىغا كۆزنىڭ قىرىنى.
* Y3 I$ b( D4 H4 `! u) S1 C
+ ]5 {1 ^7 i t0 D$ o# Jسۆيۈلگۈم بار يەنە شۇنچە ئەسەبى،
سۆيسە ئۇ ئاخىرقى تىنىقىغىچە.
ئاھ، لېكىن باغرىمدا تولغىنار ياستۇق،
نەقەدەر ئازاپلىق بۇ تەنھا كېچە.
4 k+ S9 _* f0 T1 t
يىرتىلغان سۈرەت
( [3 i! R; x% gئۆرتەندى يۈرىگىم دوستۇم ئۆيىدە،
يىرتىلغان سۈرەتنى كۆرۈپ ئەشۇ دەم.
شۇم قىسمەت شاھىدى ئۇشبۇ رەسىمنىڭ،
يىرتىلغان يېرىدىن تۇزۇيتتى ئەلەم.
* X( e/ O% ~' Z8 [! c
9 Z5 z( i6 i# s5 q! W9 x, G7 C/ Z4 T
بىر جۈپ قىز-يىگىتنىڭ مۇھەببىتىدىن،
ئەستىلىك ئەمەسمۇ ئەسلى ئۇ سۈرەت.
سۆيگۈنى خار ئەيلەپ رەھىمسىزلەرچە،
يىرتىشقا كىملەرمۇ قىلغاندۇ جۈرئەت؟
8 ~( H1 V: H, y6 ?& X; _" V
% W& O# I. n: e; K3 t3 D# C1 lيىرتىلغان شۇ سۈرەت سۆزلەپ ھەممىنى،
ھەسرەتلىك كەچمىشتىن بېرىدۇ دېرەك.
نە رەسىم قولۇمدا ئىڭراۋاتقىنى،
قانلىرى تامچىلاپ تۇرغان جۈپ يۈرەك.
, @9 p0 ]4 P, q; c(«تارىم» ژورنىلىنىڭ 2008- يىللىق سانىدا ئېلان قىلىنغان)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-7 13:19 + @* z$ l3 c8 C+ G$ G; g
& `! V" G6 q+ l% ?0 M