جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 970 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 400|ئىنكاس: 16

«يېڭىچە ساۋاتسىزلىق»: «تىل – يېزىق بايرىمى» تەسىس قىلىش كېرەكمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 161
تۆھپە : 3
توردا: 24
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 16:03:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«يېڭىچە ساۋاتسىزلىق»: جۇڭگۇدا «خەنزۇ تىل – يېزىق بايرىمى» تەسىس قىلىش كېرەكمۇ ؟!!

شىنخۇا ئاگىنتلىقىنىڭ 22-ئاپرىل شىئەن خەۋىرى:  بۈگۈنكى كۈندە خەت – چەكنىڭ ئورنىنى ئېلخەت، كۈندىلىك خاتىرىنىڭ ئورنىنى بلوگ، قەلەمنىڭ ئورنىنى كومپىيۇتېر كونۇپكا تاختىلىرى ئىگەللىمەكتە. شۇ سەۋەبتىن بىر تۈركۈم كىشىلەر خەنزۇچە خەت يېزىشنى ئۇنتۇپ قېلۋاتىدۇ. بەزىلەر خەنزۇ تىل – يېزىق مەدەنىيىتى يوقاپ كېتىۋاتىدۇ دېگەن قاراشنى ياقىلىماقتا.

بۇ خىل «يېڭىچە ساۋاتسىزلىق»نىڭ كۆزدە تۇتىۋاتقىنى خەت تونۇماسلىق بولماستىن، خەنزۇچە خەتنىڭ يېزىلىشىنى ئۇنتۇپ قېلىشتىن دېرەك بېرىدۇ. ئىككى مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، 80 پىرسەنت كىشىنىڭ قەلەمدە خەنزۇچە خەت يازغاندا خەتنى دەماللىق ئەسلىيەلمەيدىغانلىقى، 70 پىرسەنت كىشىنىڭ ئاساسەن قەلەم ئىشلەتمەيدىغانلىقى ئېنىقلانغان.

مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى :«ھازىر جوڭگۇدا چەتئەل تىلىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئانا تىلغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك ئومۇمىي خاھىشقا ئايلىنىپ قالدى. يەسلىدىن تارتىپ ئالىي مەكتەپكىچە ئىمىتھان ئۈچۈن ئىنگىلىزتىلى ئۆگىنىش دولقۇنى بار. خەنزۇ يېزىق مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسى. شۇڭا چوقۇم ‹خەنزۇ يېزىق بايرىمى› تەسىس قىلىش كېرەك» - دەپ قارىدى.

بۇ خىل قاراشنى شەنشى زىشۈي ناھىيىسىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى مۇدىرىمۇ ئالاھىدە تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ بۇ پىكىرنى ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ كىچىك ناھىيەدىكى بۇ بۈيۈك ئىشنى پۈتۈن جۇڭگودا ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويماقچىكەن. (خەنزۇچە خەۋەر ئادرىسى: http://www.chinanews.com/cul/2011/04-23/2993144.shtml)

ئويلىنىش ۋە سۇئاللار

جۇڭگو خەنزۇ جەمئىيىتىدىكى بۇ سادالار ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى قېرىنداشلارنىمۇ ئويغا سېلىشى مۇمكىن. ئانا تىلنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ ئالتىدىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىغان خەنزۇلار ئۆزىنىڭ تىل – يېزىق مەدەنىيىتىنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلغان يەردە، سىز بىزنىڭمۇ ئۆزىمىز ھەققىدە ئويلىنىپ قويىشىمىز كېرەكتۇ بەلكىم؟!!«تىل – يېزىق بايرىمى» تەسىس قىلىش تەسەۋۋۇرى بىزگىمۇ كېرەكمۇ؟ ئۇنداق بولمىغاندا، تۆۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاب بېرىپ باقايلى:

ئانا تىل – يېزىققا بولغان ھۆرمەتمۇ مىللەتنى, ئانا يۇرت - ۋەتەننى سۆيۈشتۇر! قېنى ئانا تىلىمىزنى سىز قانچىلىك قەدىرلەيسىز؟ مەن قانچىلىك قەدىرلىيەلەيمەن؟

بىر قانچە ئاددى سۇئال:

1.   سىز خەت چەك يوللىغاندا كونۋېرتقا ئادرىسنى ئۇيغۇرچە يازامسىز؟ (ئەمەلىيەتتە، ئاپتونۇم رايۇن تەۋەسىدە پوچتا يوللانمىلىرى ئۇيغۇرچە يوللانسا تامامەن بولىدۇ. بۇ ھەم قانۇنىي ئاساسقا ئىگە. سىزنىڭ، مېنىڭ ئۇيغۇرچە يازماسلىقىم بىلەن شۇ ئورگانلاردا ئۇيغۇرچە بىلىدىغانلار، جۈملىدىن ئۇيغۇر خىزمەتچىلەر كۈنسېرى ئازايماقتا. ئۇنداقتا، بىز قانچە ئۇيغۇرنىڭ ئىشسىز قىلىشىغا تۆھپە قوشتۇق؟!)

2.   سىز بانكا ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىنى ئىشلەتكەندە ئۇيغۇرچە مەشغۇلات قىلامسىز؟ (ھازىر ھەر قايسى بانكىلار ئۇيغۇرلار كۆپرەك جايلاشقان رايۇنلاردىكى مۇلازىمەت پونكىتلىرىنىڭ ئاپتۇماتىك ماشىنىلىرىغا ئۇيغۇرچە يېزىق سىستېمىسى قاچىلىغان. لېكىن مەن كۆپ ھاللاردا ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ ئۇنى ئىشلەتمەيۋاتقانلىقىنى بايقايمەن. بۇنىڭ ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنىڭ پۇل – مۇئامىلە ساھەسىدىكى ئورنىغا بولىدىغان تەسىرنى ئويلاپ كۆردىڭىزمۇ؟)

3.   سىز ئادەتتە باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا، خەنزۇچە ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەمسىز؟ (بۇ ئەھۋال بىزدە خېلى ئېغىرغۇ؟ مەنمۇ بۇنىڭدىن خالىي ئەمەس، ئەلۋەتتە. بېراق مەن ئانا تىلىمنى بۇنداق بۇزۇشنى، ئۇنىڭغا «ئاسىيلىق» قىلىشنى ھەرگىز خالىمايمەن. سىزچۇ؟ ئەمسە قانداق قىلايلى؟)

4.   سىز تورغا چىقىپ تېما يوللىغاندا، ئىنكاس يازغاندا ئىملايىڭىزغا قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىسىز؟ (يوللىغان تېمىلىرىڭىزنىڭ، ئىملايىڭىزنىڭ توغرىلىقىغا ئىشىنەمسىز؟)

5.    سىز ئانا تىلدىكى يۇمشاق دىتاللارنى جۈملىدىن، ئىلىكترونلۇق لۇغەتلەرنى ئىشلىتەمسىز؟ ئوخشاش شارائىتتا خەنزۇچە ماركىلىق ياكى چەتئەلنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالامسىز ياكى ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىمۇ؟ (ئىرپان، مۇئەللىم، ئەلكاتىپ، ئۇيغۇرسوفىت .... دېگەندەك ماركىلارنى بىلەمسىز؟)

6.   سىز بەلكىم ئىقتىسادىي ئەھۋالى نورمال بىر ئادەم بولىشىڭىز مۇمكىن. ئۇنداقتا سىز ئۆزىڭىزنىڭ كەسپىي ساھەسىدىكى ۋە ياكى باشقا ساھەدىكى ئۇيغۇرچە كىتابلارنى سېتىۋالامسىز؟ سىز قايسى ژۇرنالغا مۇشتىرى بولدىڭىز؟ قايسى گېزىتنى سېتىۋالىسىز؟ ئاشۇ ئۇيغۇرچە ژورناللارنىڭ ھۆكۈمەت بەرگەن ئازغىنە تەمىنات بىلەن بېسىلىپ چىقىپ، تۈزۈك تىراژ، مۇشتىرى توپلىيالماي يېتىپ قالاي، توختاپ قالاي دەۋاتقانلىقىنى(بولۇپمۇ يەرلىك ژورناللارنىڭ ئەھۋالى خېلى تۆۋەن) ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟  بۇ بىر ژورنال توختىسا، كەلگۈسىدىكى بالىڭىز، نەۋرىلىرىڭىزگە بىر مەكتەپنىڭ ئىشكى تاقالدى دېگەن گەپ. بۇنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟

7.   ئۆيىڭىزدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ سەمەرىسى ھېسابلىنىدىغان كىتابلاردىن قايسىلار بار؟ ئەۋلاتلىرىڭىزغا قانداق كىتابلارنى قالدۇرماقچىسىز؟ ( ‹قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى›، ‹قۇتادغۇبىلىك›، ‹تۈركىي تىللار دىۋانى›، ‹ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى›، ‹ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى›، ‹ئۇيغۇر ئەنئەنۋىي ئۆرپ - ئادەتلىرى›، ‹ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى›، ‹چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى›، ‹نەۋائىي ئەسەرلىرى›، ‹ياخشىلار باغچىسى› .... دېگەن كىتابلارنىڭ قايسىلىرى ئۆيىڭىزدە بار؟ خەنزۇچە قامۇسلارمۇ ئاز ئەمەس. لېكىن بىزنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىز؟)

8.   ئائىلىڭىزدە ئادەتتە ئۇيغۇرچە تېلېۋىزۇر كۆرەمسىز؟ ئۇيغۇرچە ياخشى پىلاستىنكىلارنى سېتىۋالامسىز؟(‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى›، ‹ئۇيغۇر مەشرەبلىرى› دېگەن پىلاستىنكىلار ئۆيىڭىزدە بارمۇ؟) بالىلىرىڭىزچۇ؟ بالىلىرىڭىز بىلەن قايسى تىلدا سۆزلىشىسىز؟ (مەن بەزى ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا خەنزۇتىلىنى ياخشى ئۆگىتىش ئۈچۈن خەنزۇچە سۆزلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمەن. بىلىپ قىلىڭ، ئانا تىلنى بىلمەي تۇرۇپ يەنە بىر تىلنى ياخشى ئۆگەنگىلى، ئۆگەنگەندىمۇ ئۇنى مۇۋاپىق ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. خەنزۇچە بىلگەنلىك ياخشى. لېكىن دۇنيادا ھازىر ئىككى مىليارد ئادەم خەنزۇتىلىنى بىلىدۇ. ئۇلاردىن سەل پەرىقلىنىدىغان يەنە بىر تىلنى يەنى ئانا تىلىنى بىلگەن ئادەمنىڭ بىر ئارتۇقچىلىقى بولماسمۇ؟! بۇنى ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟)

9.    بۇ سۇئال ئۆزىڭىزگە قالدى. قېنى ئويلىنىپ بېقىڭ. سىزنىڭ ئانا تىلىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىز قانداق؟!!

* s0 j2 N/ I7 |& k0 F

, h) K! g, R3 ?& v7 M3 F( {
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rasheed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-28 16:12  ( A6 N2 |( A. X3 k% H! y
) G6 F3 K$ j5 q: {( m

ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس، بەلكى بىر شېرىن مەسئۇلىيەت. _ رەشىد

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  320
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 289
تۆھپە : 1
توردا: 29
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 16:53:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ جايىدا قويۇلغان سۇئاللار بوپتۇ، مۇشۇ تورغا كىرىۋاتقان ھەربىر ئەقىل ئېگىسىنىڭ بۇ سۇئاللارغا ئەستايىدىل جاۋاپ تېپىشى قەرزدەك قىلىدۇ. مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە! كۆرگەنلەر باشقىلارغىمۇ تەۋسىيە قىلايلى!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  670
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 31
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 17:18:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىدە،بولۇپمۇ قوش تىل ئوقۇتىشى كۈچەيتىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئانا تىلنى كۈچەيتىش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇليىتى.ئانا تىلنى سۆيۈشنى بىلگەن  كىشى، باشقا تىللارنى سۆيەلەيدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 251
تۆھپە : 0
توردا: 48
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 19:29:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىمىز ئابدۇرېشىدنىڭ ناھايىتى ياخشى بىر تېمىنى يوللىغانلىقىدىن  تولىمۇ سۆيۈندىم، رەھمەت سىزگە!
, t" n* N5 n" E1 V
9 |  o' F. [3 R/ A0 Mئانا تىلىنى قەدىرلەش  شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ  قانچىلىك ۋىژدانلىق، قانچىلىق مەسئۇلىيەتچان،  قانچىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىكىنى بەلگىلەيدۇ.
) c% r2 p5 u! @, ^ئەلبەتتە ئانا تىلىمىزنى ھېچقانداق بىر كىشى ياكى بىر كۈچ  دىلىمىزدىن، تىلىمىزدىن يۇيۇپ ئېلىۋىتەلمەيدۇ، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنىڭ  قانچىلىك ئادەمىيلىكىمىزگە باغلىق ئىش. بۇ يازمىنى ئوقۇپ مۇنداق بىر ئىش ئېسىمدىن كەچتى:0 ]4 W/ N: l+ l( r: Y
1988- يىلى يولدىشىم  مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە يېرىم يىللىق خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ،  مەركىزىي پارتىيە مەكتەپتە  خەنزۇچە ئىسىمى بار بىر  ئۇيغۇرنىڭ خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ھەيرانلىق بىلەن دەپ بەرگەن ئىدى، ئۇ كىشى بېيجىڭدە تۇغۇلۇپ شۇ يەردە ئۆسۈپ يېتىلىپ، باشلانغۇچتىن تارتىپ ھەممە مەكتەپنى شۇ يەردە ئوقۇغانىكەن،  ئائىلىسىدىمۇ  ئۇيغۇرچە تىلدا سۆزلىشىش ئۇنچە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆز تىلىدا دېيىلگەن گەپلەرنى چۈشىنەلەيدىغان، بىراق سۆزلىيەلمەيدىغان بولۇپ قالغانىكەن،  ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ نېمىشكە  شۇنداق ئاتىلىدىغانلىقىنى  بۇ يەردە دەپ ئولتۇرمىدىم، ئەمما ئاتا - ئانىسى ئۇيغۇرىكەن.  ئەينى ۋاقىتتا بۇ كىشىگە تولىمۇ ئىچىم ئاغرىپ كەتكەن ئىدى.* U! b; ?+ R  g( ~) E
كېيىن بىر قېتىم  يولدىشىم يوق بىر ۋاقىتتا ئۆيىمىزگە بىر تېلېفون كەلدى، تېلېفوننى ئالسام خۇددى مەست ئادەمدەك بىرى يولدىشىمنى ئىزدەپ تېلېفون قىلىپتۇ، مەن ھۆرمەت يۈزىسىدىن يولدىشىمنىڭ يوقلۇقىنى چىرايلىقچە دېدىم، ئەمما ئۇ  يەنە مەن چۈشەنمەيدىغان بىر گەپلەرنى قىلىپ كەتتى، مەن ئۇنىڭغا گەپ قىلىش ئارتۇقچىمىكىن دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتىم، بىراق ئۇ تېلېفوننى قىلىۋەردى، مەن ئۇنىڭغا داۋاملىق ياخشى مۇئامىلىدە بولىۋېرىشكە ئامالسىز  قالدىم، چۈنكى ئۇنىڭ تىلى ئېغىر مەست بولۇپ قالغان كىشىدەك قولاشمايۋاتاتتى، ئاخىرى تېلېفوننىڭ سىمىنى چىقىرىۋېتىپ  بىراقلا قۇتۇلدۇم، كېيىن يولدىشىم قايتىپ كەلگەندە  بۇ گەپلەرنى دەپ بەردىم، ئەتىسى چۈشتە يولدىشىم،  رەتلىك كېيىنگەن زىيالىي سۈپەت بىر كىشى بىلەن ئۆيگە كىرىپ كەلدى، ئەسلىدە ئۇ كىشى ئاخشام تېلېفون قىلغان كىشى بولۇپ، خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇپ، ئۆز تىلىنى ئانچە كۆپ ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنى بۇزۇپ سۆزلەيدىكەن، شۇ سەۋەبتىن ئۇقۇشماسلىق يۈز بېرىپ، شۇنچە يىراقتىن كەلگەن مېھماننى بىر كېچە مېھمانخانىدا قونۇپ قېلىشقا سەۋەب بولۇپ قاپتىمەن، مەن ئەينى ۋاقىتتا ئۇ كىشىگە قىلىپ سالغان قوپاللىقىم ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىدىم، يەنە ئارقىدىن: سىزگە تولىمۇ ئىچىم ئاغرىدى، باللىرىڭىز بىلەن قانداق سۆزلىشەرسىز؟ چۈنكى سىز ئۇيغۇر ئەمەسمۇ؟ دېۋىدىم، ئۇ كىشى كۈلگەن ھالدا: باللىرىممۇ خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، دېگەن ئىدى." P: c! W7 v7 K& N$ l
   ئانا تىلىنى قەدىرلەش ھەر قانداق ئادەم ئۆگىتىپ قويىدىغان، ياكى مەجبۇرى ئەمەل قىلدۇرىدىغان ئىش ئەمەس، ئەقلى ھوشى جايىدا  ئادەم بولىدىكەن،  ئانا تىلى يوقۇلۇشنىڭ  ئاقىۋەتتە ئۆزىنىڭمۇ يوقۇلۇشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
( r0 N- P$ A& d5 Y' Xئۆز ئانا تىلىمىزنى قوغداش، ئاسراش، ساقلاپ قېلىش  دېگەن بۇ سۆزنى ھازىر  بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا خېلى كۆپ كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدۇق، بۇ كىشىنى سۆيۈندۈرگىدەك  ئىش، ھېچ بولمىسا بۇ گەپلەر  مۇشۇ تەرىقىدە دېيىلىۋەرسە، كېيىنچە جەمئىيەتلەشسە  ئۆزىمىزمۇ  بىلىپ- بىلمەي كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنىڭ ھاسىل بولغانلىقىنى كۆرۈمىز. دېمەك، ھەر بىر  ئۇيغۇر ئۆزىدىن باشلاپ ئەھمىيەت بەرسە، باللىرىغا ئانا تىلىمىزنى ساقلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ، مىللىتىمىزنىڭ تارىخ بېتىدىن ئۆچۈپ كەتمەسلىكىگە قوشقان ھەسسىمىز ئىكەنلكىنى بىلدۈرسەك،  ئانا تىلىمىزغا بولغان ھۆرمەت، مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەت  ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئېڭىدا يېتىلسە  بىز مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىمىز، ھېچ بولمىسا مەندە شۇنداق ئۈمىد بار. كۆپ سۆزلەپ كەتتىم، كەچۈرگەيسىلەر!
5 x- ^8 X# ^- g' Tئاخىردا ئىنىمىز ئابدۇرېشىدقا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ساجىدە سۇلايمان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-28 19:36  9 r2 |1 ]7 c2 ]4 z! m1 g

6 Y! Y4 ~. e* h, a2 r  d& d) L

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 461
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 885
تۆھپە : 1
توردا: 190
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 20:23:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىنىڭ يوللانغىنى ياخشى بوپتۇ. كەينىدىن قوشۇلغان موھىم سۇئاللار ئارقىلىق تېمىنىڭ ئەھمىيىتى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىلىپتۇ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 725
تۆھپە : 13
توردا: 133
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 20:35:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز خەت چەك يوللىغاندا كونۋېرتقا ئادرىسنى ئۇيغۇرچە يازامسىز؟ (ئەمەلىيەتتە، ئاپتونۇم رايۇن تەۋەسىدە پوچتا يوللانمىلىرى ئۇيغۇرچە يوللانسا تامامەن بولىدۇ. بۇ ھەم قانۇنىي ئاساسقا ئىگە. سىزنىڭ، مېنىڭ ئۇيغۇرچە يازماسلىقىم بىلەن شۇ ئورگانلاردا ئۇيغۇرچە بىلىدىغانلار، جۈملىدىن ئۇيغۇر خىزمەتچىلەر كۈنسېرى ئازايماقتا. ئۇنداقتا، بىز قانچە ئۇيغۇرنىڭ ئىشسىز قىلىشىغا تۆھپە قوشتۇق؟!)
8 |* s4 @$ h) G5 P) Q2 e# X9 o: S1 R  P) t' D
كىچىككىنە ئىشلاردىن باشلايلى تورداشلار. ئاتا تىل-يېزىقىمىزنىڭ يوقىلىشىغا، ئۇيغۇرچە خەت ‹‹تونۇيدىغانلار›› نىڭ خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىشىگە كىچىككىنە ياردىمىمىز بولۇپ قالار. ئاقىۋەتتە بىزنىڭ قۇتقۇزغىنىمىز يەنىلا ئۆزىمىز. # @) g; L- w! p: l+ q
مەن ئادەتتە ھەرقانداق ئورۇندا ئىمزايىمنى ئۇيغۇرچە تولدۇرىمەن.

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  39
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 433
تۆھپە : 7
توردا: 31
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 22:58:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىل ئوغلۇم تۇلۇقسىزدىن ئىنتاھان بېرەتتى ، ماڭا ئۇيغۇر تىلى كىتاپ بولسا تاپساق دىۋىدى ، مەن شۇنچە سۈرۈشتۈرۈپمۇ ئۇيغۇر تىلى كىتاپ تاپالمىدىم ، تولىمۇ مەيۇسلەندىم ....
7 @7 Q( q1 p, ?4 @# M) t6 ?ئانا تىلىمىزنى بىزگە ئۆگۈتدىغان بىر كىتاپ نىمە دەپ يوق بولىدۇ دەپ ئۆزەمگە كۆپ سۇئال قويدۇم ...
/ ]6 t& J0 H( l4 O% w' W6 B8 V تىل بايلىق ، ئەمما چۇقۇم ئانا تىلىنى بىلىش كېرەك .

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  112
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 226
تۆھپە : 4
توردا: 57
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 00:32:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇشۇ تىمىنىڭ  مۇنبەر باش بېتىدە ئوزۇنراق تۇرۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن .4 Z9 n* L2 G6 E$ z7 R7 H
راشىد ئەپەندىگە تەشەككۇر !

شىئېر جېنىمدۇر ، شىئېر  ۋىجدانىم،شىئېر قېنىمدۇر ، شىئېر گۈلخانىم.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 260
تۆھپە : 2
توردا: 55
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 10:25:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
、كىشىنى ئويغا سالغۇدەك سوئاللار بوپتۇ.! D+ Q* d6 J& F* b& f: k
مەن بۇرۇن شىنجاڭدا ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن پۇل ئالسام ئۇيغۇرچە مۇلازىمەتنى ئىشلىتەتتىم،تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ توختاپ قالغان بەزى دوستلىرىم:ئاداش،خەنزۇچە سەۋىيەڭ تۆۋەنلەپ كەتتىما؟دەپ قوياتتى.ئۇلارغا بىر تالاي سۆزلەپ ھارمايتتىم.يېقىندا ماۋۇ ئىچكىرىدىمۇ چوڭراق بانكىلارنىڭ ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدا ئۇيغۇرچە مۇلازىمەت بار بوپتۇ،بەكلا شادلاندىم.باشقا تىللارنى بىلىپ ھەق-دادىغا يېتىپ كەتسەكمۇ،يەنىلا ئانا تىلىمىزنى ئىشلىتەيلى،بىز ئىشلەتمىسەك باشقىلارمۇ ئىشلەتمىسە،ئۇنى كۆرگەزمە بۇيۇمى سۈپىتىدە تىزىپ قويامدۇق؟بىزدە،بولۇپمۇ ياشلاردا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتىدۇ.ئۇلارغا ئانا تىلنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك.- W' C% {/ A6 I8 ?  e
ماۋۇ گۇاڭدۇڭدىكىلەر گۇاڭدۇڭ تىلى ئىشلىتىدىغانلار ئازلاپ كەتتى، ھەممە يەردە خەنزۇ ئورتاق تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇپ،دەپ قاقشاۋاتىدۇ،بىز ئۇلاردىن ئۆگىنىپ قويساق بولىدۇ.5 L6 u" e  y! _# t. [8 \
' n: x: m  [+ n+ Z
بىر چاغدا ئاۋام تورىدا مۇنداق بىر جۈملە سۆز مودا بولغان ئىدى:
+ ^0 E8 I6 Y( N
0 c+ _5 }2 t5 i& r- O) L. {5 Tئەگەر كەلگۈسىدە ئۇيغۇر تىلى بىلىدىغان بالىدىن پەقەت بىرسى قالسا،ئۇ چوقۇم مېنىڭ بالام!
! i0 h8 y& L: t4 C+ z
, e( Q+ G4 c% W+ Y! tھەممىمىزدە مۇشۇ خىل روھ بولسا، ئۇيغۇرتىلى بىلىدىغان بالىدىن پەقەت بىرسى قالىدىغان كۈنلەر كەلمەيدۇ!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  106
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 180
تۆھپە : 4
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 13:52:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىنىڭ دىرىكتورى ، شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتىنىڭ ئوقوتقۇچىسى ئالىم ئەھەت مۇئەللىم بىر قېتىمىلىق لىكسىيە سۆزلەپ،  لىكسيە  ئاخىرلاشقاندا ئۇقۇغوچىلار سورغان سوئاللارغا جاۋاپ بەردى ، بىر ئۇقۇغۇچى ئالىم مۇئەللىمدىن ؛/ z" o7 O5 k6 B# J3 P4 l8 G
ئالىم مۇئەللىم  سىز  بايا كومپيوتىرمىزدا چۇقۇم ئۇيغۇرچە سىستىما بولىشىنىڭ  مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتىڭز سىزنىڭچە بولغاندا ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ كومپيوتىردا چۇقۇم  ئۇيغۇرچە سىستىما  بۇلۇشى كىرەكمۇ....؟؟؟
1 b" ^' @; s# x6 _
9 ]7 o4 g: m7 b0 u/ J5 ]8 Hئالىم مۇئەللىم كەسكىن قىلىپ ؛ سىزنىڭ  قانداق سىستىما ئىشلىتىشڭىز ئۆزڭىزگە باغلىق ، ئەمما مېنىڭ، مېنىڭ ئايالىمنىڭ، ۋە بالامنىڭ كومپيوتىردا چۇقۇم ئۇيغۇرچە سىستىما  بار .......... دەپ جاۋاپ بەرگەنئدى .* L! Z& y9 W- ]% b: R2 Y  o
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sadakat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-29 13:54  
$ d  L5 `* U3 U+ Y0 |$ n' p: k1 h7 i

قەدرىم ئۇتۇلگەندە مەن يوق

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 207
تۆھپە : 4
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 19:38:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     شۇنداق، ئۆزىمىزدىن باشلايلى. مەن يۇقارقى 9 سۇئالغا ئۆزۈم يالغۇز ئولتۇرۇپ ئۆزەمگە جاۋاپ بېرىپ باقتىم. راستىنى دېسەم، پوچتىدىن خەت سالغاندا ئادرىسلارنى خەنزۇچە يازىدىغان ئىشنى مەنمۇ قىلىپ كەپتىمەن. بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىۋېتىپ خىجىل بولدۇم. يەنە راستىنى دېسەم؛ مەن قەلەمدە خەتنى بەك چىرايلىق يازىمەن. ئۆزەمنىڭ خېتىگە ئۆزەمنىڭ زوقۇم كېلىدۇ. قەلەمدە خەت يازسام شۇنداق راھەت ھېس قىلىمەن...- V9 j( ?5 P' J1 m9 {0 q) i
    مۇنداق ئەھۋاللاردىن ئىچىم بەك سىقىلىدۇ: ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا...يېزىلغان ئۇيغۇرچە ئىلتىماسلىرىمىز ئۆتمەيدۇ. دوكلتلىرىمىز ئۆتمەيدۇ. يوغان باشلىرىمىز تەستەقلارنى خەنچە ئالامەت چىرايلىق سالىدۇ.* o7 Y2 j* F! p
   دۇختۇرخانىلىرىمىزدا رېتسىپلار خەنچە يېزىلىدۇ. نېمە كېسەللىكىمىزنى، قانداق دورا ئىچىۋاتقىنىمىزنى خۇدايىم بىلىدۇ.
% Z6 M# v" s' s) Y5 e' V6 h+ u   بانكىلىرىمىزدا ئۇيغۇرچە يېزىلغان چەكلىرىمىز قايتۇرۋېتىلىدۇ. قاتناش ساقچىلىرى ج خ، سوت، تەپتىش ئورۇنلىرىنىڭ جەرىمانە ئۇقتۇرۇشلىرىمۇ خەنچە...
+ h# k8 R3 |" t  سالاھىيەت گۇۋاھنامىلىرىمىزدىكى ئىسىملىرىمىز(ئۇيغۇرچە-خەنچە)%50 خاتا يېزىلىدۇ. قوشما ئىسىم ۋە پامىلىلىرىمىز قىسقارتىۋېتىلىدۇ.1 z9 S+ c# R" I6 b
باج تالۇنلىرى، كىنىشكا رەسمىيەتلەرنىڭ تالۇنلىرى، سوغۇرتا توختاملىرى ئۇيغۇرچە يېزىلمايدۇ....ئىشلار خېلى بار.% A% j( M; u+ A% Y+ R# ?- S% W
   ئەمدى، گېزىت-ژۇرنال، نەشرىياتلارغا ئەسەر قۇبۇل قىلغاندا «كومپىيوتېردا ئۇرۇپ ئەۋەتىش تەلەپ قىلىمايدۇ»دەپ چىرايلىق بېسىپ قويىدۇ-يۇ، لېكىن مۇشۇ كومپىيوتېردا ئۇرۇپ ئەۋەتىلمىگەن ئەسەرلەر ئاساسەن ئېلان قىلىمايدۇ. ئاڭلىسام ئەمدى نەشرىياتلارمۇ كپمپيوتېردا ئۇرۇپ ئەۋەتىلمىگەن ئاتالمىش ئارگناللارنى قۇبۇل قىلماسمىش.
* q- `; D7 l8 B. k   تېلېۋېزوردىن شۇنى كۆرۈپ قالدىم. ئىچكىرىدە ئۇلۇغلارنىڭ ئەسەرلىرى قوليازما ھالەتتە نەشرقىلىنىپ تارقىتىلىپتۇ، بىزدىمۇ قوليازما ھالەتتە كىتاب نەشرقىلىشقا بولماسمۇ؟!" b' J+ H# ]- u4 x9 U
      ئاۋۇ كىچىك بىر ناھىيىدىكى بىرسى تىل-يېزىق بايرىمىنى تەشەببۇس قىپتۇ، بىزنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىمىز نېمە ئىش قىلىدىغاندۇ؟
5 d3 f& B! e8 S0 |" W- b   زادى ئۆزىمىزدىن باشلايلى! يۇقارقى 9 سۇئالغا كۈندە 9 قېتىم جاۋاپ بېرەيلى!
- ~- G6 d& L" b& _9 [7 f  ئابدۇرەشد تېمىڭىزغا كۆپ رەخمەت.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  247
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 629
تۆھپە : 0
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 20:14:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
80-يىللاردىن باشلاپ زىيالىلاردا بالىلىرىنى خەنزۇ مەكتەپلىرىگە بېرىش مودا بوپتىكەن،«خەنزۇچىدا ئوقىسا نېنى پۈتۈن بولىدۇ »دىگەن بانا سەۋەپمىش.كىيىن قارىماققا بۇمۇ بوپ قالغاندەك بىلىنىپ بىرسىدىن بىرسى دوراپ،بارغانسىرى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى چۆلدەرەشكە باشلىغاندا بەزى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بىلەن خەنزۇ مەكتەپلىرى قوشىۋىتىلدىغان بولدى،دىمىسىمۇ بىر سىنىپتا ئون نەچچە بالا ئاران ئولتۇرسا،بوش قالغان ئورۇنلار زايا بوپ كەتسە بولمايدۇ-دە.چوڭاملىمۇ قاراپ باقسا بىزنىڭ خەنچە ئۈگۈنۈش ئارزۇيىمىز بەك يۇقىرى،پەللىمۇ پەللە ئاخىرى بىراقلا قوش تىل قىلىپ مۇرادىمىزغا يەتكۈزمەكچى بولدى.
* j- h7 O0 I7 U7 I' T- a1 oقانداق ئادەم تاپتىكىن مۇشۇ ،خەنچە بىلسە نېنى پۈتۈن بولىدۇ دىگەن گەپنى،كاۋاپچىنىڭ يېنىدا سېرىق ئاش،دىرىلداق،پۇرچاق ئۇيۇتمىسى سېتىۋاتقان توڭگاننىڭ ئانا تىلىمۇ،يېزىقىمۇ خەنچە ،شۇ بىزدەك يېرىم نان يەپ ياشاۋاتمامدۇ ئەنە.( @5 H7 P5 ?' c6 @
كىچىك باللىرىمىز خەنچە سۆزلەپ كەتسە مەسىتلىكىمىز كېلىپ ،خوش بۇلۇپ كېتەتۇق،مانا ئەمدى پىچاق گالغا تاقاشقىلى تۇرغان ئوخشايدۇ., a: A' d% P0 K+ C. T8 w
بىز بۇ يەردە ھەر قانچە قىلغان بىلەن ئا قوش تىلنى تاق تىلغا ئالماشتۇرمىسا ،بالىلارنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمۈت كۈتۈش تەس،بەك كۆڭۈل بولسە ئېنگىلىز تىلىغا قوشۇپ بىراقلا ئۈچ تىللىق قىلىپ قويمىدى يا!تېخىمۇ جاھانغا ماسلىشىپ نېنىمىز ئىككى بۇلۇپ كېتەتتى.; V5 c: m% E; D4 s; ~+ q, b

4 q0 p% I9 M3 ^, F( v/ `
! [' Q% \$ t2 w% Z& W- T* n$ h. [2 D( v& P7 i2 @* G

ئۆسەر يەرنىڭ باللىرى بىر-بىرىنى پالۋان دەر،
چۆكەر يەرنىڭ باللىرى بىر-بىرىنى گالۋاڭ دەر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  544
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 137
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 12:49:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ قىزىقارلىق ھەم ئېچىنىشلىق ئىش بۇندىن مىڭ يىللاربۇرۇن بوۋىمزمەھمۇدكاشغەرى ئەقىدە ئتىقاد تىلىمىز بولغان ئەرەب تىلىنى ئاناتىلىمىز تۈرۈك تىلى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ‹‹تۈرۈك تىلى بىلەن ئەرەب تىلى بەيگىگەچۈشكەن ئككى ئاتتەك كىتىۋاتىدۇ››دېگەن ئكەن بۇندىن بەشييۈز يىل ئلگىرى نەۋائى ھەزرەتلىرى تۈركى ھۈنەرىست دېگەن ئكەن .خوش،ئەمدى شۇدەرىجىدىكى پاساھەتلىك بىرتىل قانداق قىلىپ بۇ ئەسۋالغا چۈشۈپ قالدى ؟؟؟ مەن شۇنداق ئويلايمەن بىرى بىزدە مەھمۇد كاشغەرى ۋە نەۋائى ھەزرەتلىرىدەك پشقان تىل ئگللىرى يوق . يەنەبىرى بۇنداق تىل ئگللىرى بولسىمۇ ئۆزئاتىلنىڭ سېھرى كۈچىنى نامايەن قلغۇدەك ،ئاناتىلنىڭ بالاغىتىنى ئۆزخەلقىگە نامايەن قىلغۇدەك مۇۋاپىق سورۇن يوق ياكى يوق دىيەرلىك.يەنەبىرى بىزدە ئۆزئاناتىلىنى چىن مەنىسىدىن سۆيىدىغان كىشللىرىمىز ئاز ،بۇنداق بولىشىدا بىزدە ياراملىق ئانا تىل ئوقۇتقۇ چىللىرى كەمچىل چۈنكى دىيارىمىزنىڭ كۆپلىگەن يېزللىرىدا قوشتىلدا دەرىس ئۆتەلمەيدىغان ئو قۇتقۇچىلار ئلاجسز ئەدەبىيات دەرسى ئۆتىۋاتمامدۇ؟؟ئەدەبىيات ئوقۇتقۇ چىسىنىڭ قانچىلىك ھۆرمەتلىنىۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايانغۇ؟؟؟ئۇنىڭسىزمۇ ئالى مەكتەپنىڭ تىل -ئەدەبىيات كەسىپىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇتقۇچللىرىمىزمۇ ئۆزدەرسىنڭ ھۆدىسىدىن چىقالمايۋاتسا ؟؟؟؟؟مۇشۇنداق بولماي قانداق بولماقچىدى ؟؟؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  402
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 91
تۆھپە : 2
توردا: 11
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 00:16:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماقالە ئىكەن،بۇ مەسىلە ھەمىمىزنىڭ دىققىتىنى تارىتىشى كېرەك.بۇ تېمىنى يوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  210
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 80
تۆھپە : 0
توردا: 14
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 13:34:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىلى چىڭ سۇئاللاركەن بۇ... مەن بۇ تېمىنى پات-پات كۆرۈپ، ئۆزۈمگە سېگنال قىلىۋالسام بولغۇدەك....

كىتابخانىمىزغا بىر تۈركۈم تەۋەررۈك كىتابلار كىرگۈزۈلدى...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش