جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 970 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 130|ئىنكاس: 2

«يازغۇچىلار تورى» 2011-يىللىق كالىندارى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 161
تۆھپە : 3
توردا: 24
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 15:59:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«يازغۇچىلار تورى» 2011-يىللىق كالىندارى


* n' \7 |7 x& ~; P+ U$ i: E- Z8 k( b9 ~

{ 2011-يىلى يازغۇچىلار تورى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بىر تۈركۈم قەلەمكەشلەرنى ۋە ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنى ئۆزىگە رام قىلدى. دۇنيا ۋە جۇڭگۇ ئەدەبىياتىدىكى شۇنداقلا رايۇنىمىز ئەدەبىياتىغا ئالاقىدار كۆپلىگەن ئەدەبىي ئۇچۇرلاردىن تورداشلارنى خەۋەردار قىلدى. بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئارىسىدىن مەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئائىت ئۇچۇرلاردىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 2011-يىللىق كالىندارىنى تۇرغۇزۇپ باقتىم. بەلكىم تورداشلارغا ئەسلەتمە، پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ قالار. كەم قالغان، چۈشۈپ قالغان تەرەپلىرى بولسا ئالدىن ئۆزىرىلىكمەن. تورداشلارتولۇقلاپ قويسا بولىدۇ.}

9 n) V, ]3 n# Y7 `) R$ p


3 L1 @7 v' `* T. H, ]

2011-يىلى1-ئاينىڭ 6-كۈنى

ج ك پ نىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتى بىلەن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سىياسى كېڭەش «شىنجاڭ تارىخ ماتىرياللىرى» تەھرىر بۆلۈمى «ھايات كەچۈرمىشلىرىم ۋە ئەدەبىيات» تېمىسىدا ماقالە قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇشنى قارار قىلدى.


+ [; a6 X4 B, a

2011-يىلى 1-ئاينىڭ12-كۈنى

«‹مىللەتلەر ئەدەبىياتى› ژۇرنىلى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى»بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.


# z8 g* w& g4 r1 O: B3 T4 H7 C$ Z

2011-يىلى 1-ئاينىڭ13-كۈنى

يەكەن ناھىيلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، يەكەن ناھىيەلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى يىغىن ئېچىپ ناھىيەنىڭ «مەدەنىيەتتىكى كۈچلۈك ناھىيە» بولۇشىغا كۈچ قوشقان ياسىنجان سادىق،ئابدۇكېرىم قادىر، رىزۋانگۈل يۈسۈپ، ئايسىمە ئىدىرىس قاتارلىق تۆت نەپەر ياش يازغۇچى، شائىرنى مۇكاپاتلىدى.

9 @: x+ e7 D: a* _( @/ a# T

2011-يىلى 1-ئاينىڭ26-كۈنى

«شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ چاغاننى كۈتىۋېلىش چاي سۆھبىتى ۋە 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ «ياش يازغۇچىلار مۇكاپاتى»نى تارقىتىش مۇراسىمى»نى ئۆتكۈزدى.

+ m9 R! j/ `# j

2011-يىلى 1-ئاينىڭ26-كۈنى

يازغۇچى، تەزكىرەشۇناس، ئەدەبىي تەرجىمان، چاقچاقچى ،رۇس تىلى، قەدىمىي خەنزۇ يېزىقىغا كامىل تىلچى ئىسھاق باسىتى ئاكا ۋاپات بولدى.

2011-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى

ئاتۇش شەھىرىدە يازغۇچى، شائىر ئابلىمىت تۇردىنىڭ «قەلبتىن كۆچۈش» رومانىنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقىنى قۇتلۇقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن يازغۇچى ، قەلەمكەشلەر يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى.


2 _+ V8 R; _0 [  o' N

2011-يىلى 2 -ئاينىڭ 11-كۈنى

پىشقەدەم ئەدىب ئابدۇسالام توختى ئەپەندى ۋاپات بولدى.

1 h' v9 {9 P( k, i8 Y) a; v5 Y6 U

2011-يىلى 2 -ئاينىڭ 24-كۈنى

شائىر،تەتقىقاتچى، جامائەت ئەربابى ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى.


/ j$ e  ~- L  {* B

2011-يىلى 2 -ئاينىڭ 25-كۈنى

شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ 7-نۆۋەتلىك 5-قېتىملىق ھەيئەت رىياسەت يىغىنى چاقىرىلدى.

  K5 I/ s+ P. v

2011-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى

«شىنجاڭ يازغۇچىلار لېكسىيەخانىسى» پائالىيىتى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كۇتۇپخانىدا رەسمى باشلاندى. بۇ پائالىيەتتە، ياڭلەن، جوۋ تاۋ، جاۋ گۇاڭمىڭ،ئىمىن ئەھمىدى، ليۇ بىڭ، ئەكپەر مىجىت قاتارلىق داڭلىق ئەدىبلەر لېكسىيە سۆزلەپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.


1 Z5 V1 {6 `8 u( l1 {

2011-يىلى 3-ئاينىڭ6-كۈنى

قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، «قاراماي گېزىتى» تەھرىر بۆلۈمى تەشكىللەپ كېلىۋاتقان «دىيارىمىز سەرخىللىرى» قاراماي ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر ئەسەرلىرى مۇھاكىمە پائالىيىتىنىڭ توققۇزىنچى قېتىملىقى ـ «ئىبراھىم نىياز شىئېرىيەت ئىجادىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى» قاراماي شەھىرىدە ئېچىلدى.

& X# I$ F% f1 M( U

2011-يىل3-ئاينىڭ 31-كۈنى

قاراماي شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى بىلەن قاراماي يازغۇچىلار جەمئىيىتى 2- نۆۋەتلىك «قاراماي ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى»نى تارقىتىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇكاپات «ئەسەر مۇكاپاتى»، «شەرەپ مۇكاپاتى»، « يېڭى كۈچ مۇكاپاتى» ۋە «تۆھپە مۇكاپاتى» دىن ئىبارەت تۆت تۈر بويىچە تارقىتىلدى.


0 C% @7 ]1 Q$ B

2011-يىل 4-ئاينىڭ2-كۈنى

تالانتلىق ھازىر جاۋاب شائىر توختىمۇھەممەد تۇردى كېسەل سەۋەبى بىلەن خوتەندە ئالەمدىن ئۆتتى.


+ Q8 I. t" z  h; Z5 B* J0 Z3 n

2011-يىل 4-ئاينىڭ18-كۈنى

ئۇيغۇربالىلىرىنىڭ يېقىن دوستى،ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋىر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىسى، يازغۇچى،شائىر توختاش بەكرى ئەپەندى غۇلجا ناھىيەسىدە 74 يېشىدا ۋاپات بولدى.


: m& f2 t/ w$ P

2011-يىل 4-ئاينىڭ 21-كۈنى

«تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ تەشكىللىشىدە ئۈرۈمچىدە «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ ژۇرنال دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ  60 يىللىق خاتېرلەش ، جۇڭگوكوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش تېما قىلىنغان «تەھرىر ھەيئەتلەر ۋە ئاپتورلار سۆھبەت يىغىنى» ئېچىلدى.


2 c; H+ z; ~' g$ m; r2 A8 G& Y1 F$ s% N

2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى

قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەمكارلىقىدا «4-قېتىملىق شەھەر ئەدەبىياتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.

- G7 e9 J; |$ X5 k# D

2011-يىلى4-ئاينىڭ 28-كۈنى

شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتى، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، قاراماي ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «ئارسلان تالىپ ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

6 q7 |$ C% t8 V* f( a) E4 q0 N

2011-يىل 5-ئاينىڭ2-،3-كۈنى

تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ قەشقەر يەكەن بادام دوپپا مەدەنىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى  «مۇقام يۇرتى» — يەكەندە ئۆتكۈزۈلدى.

" C3 c: z( J3 v6 n' b

2011-يىل 5-ئاينىڭ 20-كۈنى

شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ «ئىجادىيەت، ماتىريال مەركىزى» بىر مەزگىللىك تەييارلىقلار ئارقىلىق يېقىندا رەسمى تۈردە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.


5 k( y4 N# }/ B3 U5 B2 P- A

2011-يىلى5-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە

تۇنجى نۆۋەتلىك كىتاپ ئوقۇش (ياش شائىرلار)كۇرسى» شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ شۈيشىگودىكى ئىجادىيەت، ماتىريال مەركىزى»دە ئۆتكۈزىلىدى.

  P' n( _# _" l, t1 h. V% Q/ |" a5 g

2011-يىل6-ئاينىڭ 5-كۈنى

ئىلىنىڭ پەخىرلىك شائىرى، ئىلى ئوبلاستلىق ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق باش كاتىپى، تارىخچى ئابدۇساتتار ناسىرى ئاكا 68 يېشىدا ۋاپات بولدى.


7 ]) `* s2 I, h7 I; B

2011-يىل 6-ئاينىڭ 8-كۈنى

شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتى شۇيشىگودىكى «ئىجادىيەت، ماتىريال مەركىزى» دە خىزمەت يىغىنى ئاچتى.

8 d- U' i$ J/ t

2011-يىلى6-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە

قاراقاش ناھىيىلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشىدە قاراقاش ناھىيىسىدىكى 30 گە يېقىن ئەدەبىيات-سەنئەت خادىمى ئۈچ كۈن قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ھەر قايسى يېزىلىرىدا زىيارەت ۋە تۇرمۇش ئۆگىنىشتە بولدى.


+ _8 a5 ~* A: c3 V$ ^/ Z+ \

2011-يىلى 6-ئاينىڭ17-كۈنى

چىرا ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى ناھىيە تەۋەسىدىكى ئاپتۇرلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قۇشۇشى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، تونۇلغان يازغۇچى تۇرسۇنجان مۇھەممەتنىڭ ئىجادىيەت مۇۋاپىيەتلىرىنى قۇتلۇقلاش،  مۇئەييەنلەشتۈرۈش مۇناسىۋىتىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ،  ئۇنىڭغا تون كەيدۈرۈلدى.

8 G5 s; k3 y' }* q$ k

2011-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە

شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتى ئەدەبىي تەرجىمانلار شۆبە جەمىئىيىتىنىڭ «3-قېتىملىق ئەدەبىي تەرجىمانلارنى تەربىيەلەش كۇرسى» يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ شۇيشىگودىكى «ئىجادىيەت، ماتىريال مەركىزى»دە ئېچىلدى.

& n( m; }4 S: t7 N& o& S

2011-يىل 6-ئاينىڭ 27-كۈنى

شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىىيىتىنىڭ 2011-يىللىق خىزمەت پىلانى بويىچە «شىنجاڭ يازغۇچىلارلۇغىتى»نى تۈزۈپ، نەشر قىلىش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى.

: i4 F- Z2 z# B' P. Z

2011-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنى

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى،نەسىرچى ئەنەيتۇللا قۇربان مۇئەللىم مېڭىگە قان چۈشۈش سەۋەبى بىلەن ئۈرۈمچىدە 53 يېشىدا ۋاپات بولدى.


. n. P& J* j  D5 m1 X' f1 h" g

2011-يىل 7-ئاينىڭ 2-كۈنى

كۇچا ناھىيىلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ، كۇچا ناھىيىلىك مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى، قابىل ئەدەبىيات - سەنئەت تەشكىلاتچىسى ئەخمەت تۆمۈر ئەپەندى يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن 59 يېشىدا ۋاپات بولدى.


. N0 h) G( v5 f) G9 C

2011-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە

«شىمالىي شىنجاڭ ياش يازغۇچىلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنى زىيارەت قىلىش،تۇرمۇش ئۈگىنىش پائالىيىتى» ئېلىپ بېرىلىدى.


. d, R9 M/ D+ Q2 L6 r

2011-يىلى7-ئاينىڭ 18-19-كۈنلىرى

لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇنىڭ باشلىقى بەي مىياۋ، ئوقۇتۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ شۈەن قاتارلىقلار  بۇ يىل 9-10 ئايلاردا ئېچىلىدىغان لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەرجىمە  ئالى مۇھاكىمە سىنىپى»نى تەشكىللەش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە قىسقا  خىزمەت زىيارىتىدە بولدى.

( q+ Z& I2 _$ \( }' b. l

2011-يىلى7-ئاينىڭ 22-كۈنى

«ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﻧﺪﯨﺪات ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮى، ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘدﯨﺮى، ژۇرنالىست ﺧﻪﻣﯩﺖ ﻧﯧﻐﻤﻪت ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن 45 ﻳﯧﺸﯩﺪاﺋﯜرۈﻣﭽﯩﺪە ۋاﭘﺎت ﺑﻮﻟﺪى.

+ y% F' M# [* N, z+ N3 R" R6 ~

2011-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى

شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتى بىلەن شاڭخەي يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى خىزمەت سۆھبەت يىغىنى «شىنجاڭ ئالىي مېھمانسارىيى»دا ئېچىلدى.


& `- [& P- O2 {5 p

2011- يىل 8 – ئاينىڭ 6 –كۈنى

تەتقىقاتچى،شائىر يۈسۈپ ھۈسەيىن(قەقىنۇس) ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ سەۋەبىدىن قەشقەردە ۋاپات بولدى.

- K6 l( v5 V8 D5 k/ d

2011- يىل 8 – ئاينىڭ 6 –كۈنى

شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ۋە قاراماي شەھەرلىك يازغۇچىلارجەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، تۆھپىكار مائارىپچى ۋە شائىرە ئامىنە دۆلەت خانىم 67 يېشىدا قارامايدا ئالەمدىن ئۆتتى.

% v0 R/ o% H* v. Q

2011- يىل 8 – ئاينىڭ 27 –كۈنى

ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئازاد سۇلتان ئەپەندى خوتەندىن قايتىش سەپىرىدە كۇچادىكى بىرقىسىم ئەدىبلەر بىلەن قىسقا سۆھبەتتە بولدى.

& |# h7 Y) ^7 n- T( S/ N$ \& P2 H

2011- يىل 8 – ئاينىڭ 27 –كۈنى

شېئىرىيەت پەرۋانىسى، ئەدىبە ھاياتنوپۇس مۇھەممەد قازا قىلدى.


2 o- r* u: b( t8 K% z0 l

2011-يىلى9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە

6-نۆۋەتلىك ياش يازغۇچىلار كىتاپ ئوقۇش (ئەدەبىي ئوبزورچىلىق)كۇرسى» شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ شۈيشىگودىكى ئىجادىيەت، ماتىريال مەركىزى»دە ئۆتكۈزىلىدى.

2 k' `! d- w+ {4 w# S

9-ئاينىڭ 17-كۈنى

يازغۇچىلار لېكسىيەخانىسىدا ئىمىن ئەھمىدى ئاكا «ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشى» ھەققىدە سۆزلىدى.


; z* ]: y6 U1 M( u

2011-يىلى9-ئاينىڭ 17-كۈنى

لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى «ئەدەبى تەرجىمە شىنجاڭ ئالى تەتقىقات سىنىپى»نىڭ 44 نەپەر ئوقۇغۇچىسى بېيجىڭغا قاراپ ئاتلاندى.

0 _5 b/ v1 a; {5 g1 w

9-ئاينىڭ 19- كۈنى

قاراقاش ناھىيىلىك پارتىكوم ۋە ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى قاراقاش ناھىيىسىدە تۆھپىكار ئەدىبلەرنى مۇكاپاتلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.


( |4 [& ~8 {1 F2 v8 Q+ x( ]

9-ئاينىڭ 24-كۈنى

يازغۇچىلارلېكسىيەخانىسىدا ئاتاقلىق ئەدىب، تەتقىقاتچى، ئەدەبىي تەرجىمان ليۇ بىڭ ئەپەندى «تۈركىي تىللار دىۋانى» توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.


; d, D/ l7 ]; n/ b  \) p0 Z# n

2011-يىلى9-ئاينىڭ 26-كۈنى

ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 7- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.


2 D. X& c1 a4 p) W2 N

2011- يىلى 9-ئاينىڭ 26- كۈنى

قاراقاش ناھىيىلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى قاراقاشتىكى ئاپتۇرلارنى زىيارەت پائالىيىتىگە تەشكىللىدى.


9 @$ F6 A4 j* c: Y* b

2011-يىلى10-ئاينىڭ 12-كۈنى

18-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى تارقىتىش يىغىنى، ئەركىن روزى ئاخبارات يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.


/ ]! ]3 s8 D9 s, t5 U. B( T

2011-يىلى10-ئاينىڭ 13-كۈنى

3-نۆۋەتلىك «ئەركىن روزى ئەدەبىي ئاخبارات مۇكاپاتى»نى تارقىتىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.


! u* f7 ]* m9 a" R# U4 V$ `

2011-يىلى10-ئاينىڭ 17-كۈنى

ئۇيغۇرخەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى، ئىقتىدارلىق تەتقىقاتچى يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامىي كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئاقسۇ شەھىرىدە ۋاپات بولدى.

- f% ?! q/ v" M% g

2011-يىلى10-ئاينىڭ 20-كۈنى

تالانتلىق شائىرىمىز ـ زاھىرئابدۇراخمان ئالەمدىن ئۆتتى.


' B2 {. r. l: ~' f( o

2011-يىل 10-ئاينىڭ 24-كۈنى

ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى يولغا قويغان  «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە تەرجىمە ئەسەرلەر قۇرۇلۇشى»نىڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىدە تەسىس قىلغان ئىشخانىسى رەسمى ئىش باشلىدى.

% m4 l* L) X, B( u. H% U

2011-يىل10-ئاينىڭ 28-كۈنى

چەرچەن ناھىيەسىدە « كروران» ژورنىلىنىڭ  ياشقەلەمكەشلەر چەرچەندە ئۇچرىشىش يىغىنى ۋە «بۈركۈت پەرۋازى» مۇكاپاتى تارقىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.


- A# n8 m( o  g" ~  e- B4 y7 O8 d$ C

2011-يىل 11-ئاينىڭ1-كۈنى

ئۈرۈمچىدە «جۇڭگو ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتى»نىڭ تەشكىللىشى ۋە يېتەكچىلىكىدە «نەۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى تەبرىكلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنى» ئېچىلدى.

: ~; i9 M8 D3 m/ k

2011-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى

شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە شىنجاڭ ياشلار _ئۆسمۈرلەر نەشرياتىنىڭ يېقىندىن ھەمكارلىشىشى بىلەن چاقىرىلغان «ئالىمجان ئىسمائىل ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» «شىنجاڭ ئاخبارات سارىيى» يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

2011-يىل 11-ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە

«تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن «تارىم» ژۇرنىلىدىكى مۇھەررىرلەر ۋە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن«تارىم» ئاپتورلىرى بولۇپ 20 نەپەر شائىر، يازغۇچىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «‹تارىم› سەپىرى» ــ جەنۇبىي جۇڭگو زىيارىتى پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.


0 q. V+ \, ]& O/ x

11-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن26-كۈنىگىچە

شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىدىن 18 نەپەر ۋەكىل جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك 8-قۇرۇلتىيىغا قاتناشتى.


/ J, f' @+ r/ b/ f# k0 ~8 Z5 V

2011-يىلى 12-ئاينىڭ 16-، 19- ، 21-كۈنلىرى

جايلارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاپتۇنۇم رايونلۇق ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ «خوشاللىق يەتكۈزۈش، ئاساسى قاتلاملارغا بېرىش» پائالىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش روھىغا ئاساسەن يازغۇچىلار جەمئىيىتى قەشقەر،ئاقسۇ،  كۇچاردا ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تىللىرى بويىچە «شىنجاڭ يازغۇچىلار لېكسىيەخانىسى» پائالىيىتىنى ئېلىپ باردى. جەمىي ئالتەمەيدان لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، قاتناشقان ئادەم 1000 دىن ئاشتى.


5 G( j0 g& j+ c; w- n  X

2011-يىل 12-ئاينىڭ 16–كۈنى

كۇچا ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ناھىيىلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسىدىكى رەھبەرلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە «كۈسەن مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ 2010-يىللىق «چىمەنزار ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى باھالاش، مۇكاپات تارقىتىش يىغىنى چاقىرىلدى.

7 L7 e) p4 H1 }# @( B# b% n

2011- يىل 12-ئاينىڭ 17-كۈنى

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات -سەنئەتچىلەر  سۆھبەت يىغىنى ئاقسۇ مەمۇرى مەھكىمىنىڭ يىغىن زالىدا ئېچىلدى.


$ `, [1 A0 X) ^; Q) h- l: K

2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى

كۇچا ناھىيەلىك ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 2-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى كۇچا ناھىيەلىك مېھمانسارايدا ئېچىلدى.

+ z: v; E$ |, t& d

8 o9 r# u; n/ D0 j& i2 L4 {

9 v6 ]) C$ D: N7 G

تامام!

; U0 H4 w2 T! Z

* Y1 R1 m5 d/ Z) l+ N

ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس، بەلكى بىر شېرىن مەسئۇلىيەت. _ رەشىد

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  558
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 158
تۆھپە : 2
توردا: 35
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 22:32:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى رەتلەپ ، كۆپچىلىككە سۇنغان ئەجرىڭىزگە ھەشقاللا !  

ھايات - مەڭگۈلۈك ناخشا ، ئەمما  ئۇنىڭ مۇقۇم نوتىسى ۋە ۋايىغا يەتكەن ئاھاڭى بولمايدۇ .

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  475
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 57
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 17:28:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كالىندار ساقلاپ قويۇش قىممىتىگە ئىگە بوپتۇ. ھەريىلى مۇشۇنداق داۋاملاشسا نېمە دېگەن ياخشى-ھە! شائىر مامۇت زايىتنىڭ ۋاپات بولغان ۋاقتى ئۇنتۇلۇپ قالدىمۇ قانداق؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش