- UID
- 5362
- QQ
- 1104662603
- ھوقۇقى
- 255
- ھەقىقىي ئىسمى
- ماھى
- يازما
- 185
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 491
- تىزىملاتقان
- 2014-1-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-29
- توردا
- 40 سائەت
|
|
|
|
|
رىۋايەت
بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا،
خىياللارنىڭ نېرىسىدا،
ئويناپ يۈرۈپ بىر بالا،
كەلسە كۆلنىڭ بويىغا،
تۇرار ئىكەن بىر بېلىق،
تەلمۈرگەنچە ئۇنىڭغا.
بالا تولا خۇش بولۇپ،
تال ئېتىنى چاپتۇرۇپ.
كېتىپ قاپتۇ ئۆيىگە،
بىر قارماق تاپماق بولۇپ.
يولدا خامان ئۇچراپتۇ،
تولۇق ئۇنى تۇتۇۋاپتۇ.
يولدا بىر قىز ئۇچراپتۇ،
يۈرىكىنى ئۇتىۋاپتۇ.
يىللار بەكمۇ قۇتراپتۇ،
ياشلىقىنى يونۇۋاپتۇ.
كۆلدە بېلىق شۇنچە يىل،
ساقلاپتۇ ئۇ بالىنى.
قىيناپ ئۇنى تىت-تىتلىق،
قويماپتۇ ھېچ ھالىنى.
ئايلىنىپتۇ ئۇ بېلىق،
سۇدا ئالتۇن بېلىققا.
(ۋاقىت ئەجەب قۇدرەتلىك،
سەت ئىكەن چىرايلىققا.)
ساقلا، ساقلا ئۇ بېلىق،
ھېرىپ قاپتۇ قانۇنىيەت،
كېتىپ قاپتۇ ئۇ ئاخىرى،
كەلمەسكە مەڭگۈ-ئەبەد.
بوۋاي بولغان شۇ بالا،
زېرىكىشى بەك تولا.
ئاستا مېڭىپ بىر كۈنى،
كەپتۇ كۆلنىڭ بويىغا.
توكۇلدىتىپ ھاسىنى،
كەلسە كۆلنىڭ بويىغا.
تاشقا ئايلانغان بىر بېلىق،
ئۈزەر ئىكەن ئورماندا...
1991-يىلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا رۇمەيسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-5 19:30
|
|
|
|
|
|
|