gulbeden يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 03:31
ئوبزۇر دېمەكلىككە بىر ئاز يۈزەكى يېزىلىپ قالدىمۇ قاند ...
شېئىر بولۇپ تۆكەي مۇھەببەت
ئاق قەغەزدەك ياتار يىيىلىپ،
كالېنداردىن تۆكۈلگەن ئاق قار.
ئايىمدىن قالمىغاچ ئىزنا،
مۇئەمما بوپ ئاتالدىم تەكرار.
مۇھەببەت بار يۈرىكىمدە لىق،
بېرەلمىدىم ھېچكىمگە ئەمما.
كۆيۈپ تۇرغان روھىم يېلىنجاپ،
ئايىغىمغا يىقىلدى ساما.
دەقىقىلەر ياغار سىمىلداپ،
شېئىرىمدىكى جىمجىت دالىغا.
سۆيەي دەيمەن ئۆزۈمنى چەكسىز،
سۈكۈتلەرنى كۆمۈپ دالىغا.
قەدەملەر تولغىنىپ مۇڭلۇق،
ياش تۆكىدۇ يىڭى يىل غەمكىن.
بىغەم كۈلكە ئۇرۇلۇپ ھەريان،
كونا يىلغا سانجىلار ئەركىن.
شېئىر بولۇپ كۆيەر كەچمىشىم،
شېئىر بولۇپ سويۇلار يىللار.
سۆيگۈ بولۇپ تۇغۇلغان شېئىر،
قۇچىقىدا ئېرىيدۇ دىللار.
«ھېچكىم»بولۇپ ئۆتكۈم يوق پەقەت،
نۇر بوپ سىڭەي تامام جانلارغا.
شېئىر بولۇپ تۆكەي مۇھەببەت،
«ئاق قار گۈلى»سالغان داغلارغا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا رۇمەيسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-5 11:10