‹‹ئەلتۇغ بالىلار ئەدەبىي ئىجادىيەت سىنىپى›› ئەسەرلىرى
قوزىچاق
رىزۋانگۈل مەمتىمىن
(يەكەن ناھىيە 4-ئوتتۇرا مەكتەپ 8-يىللىق 8-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى)
قوزىچىقىم، قوزىچاق،
مەن ساڭا ئامراق.
كەلگىن بىللە ئوينايلى،
سەكرىشىپ، تاقلاپ.
قوزىچىقىم، قوزىچاق،
يۈگرە ئاستىراق.
دۈم چۈشمىگىن پۇتلىشىپ،
بوپ قالما پاناق.
قوزىچىقىم، قوزىچاق،
سەن بەكمۇ ئوماق.
بىللە رەسىم سىزايلى،
بېرىپ رەڭ-بوياق.
قوزىچىقىم، قوزىچاق،
ئاچتىمۇ قورساق؟
ساڭا يۇمران چۆپ بېرەي،
يەۋالغىن تېزراق!
***********
ئەتلەس
ئەرشىدىن ياسىن
(يەكەن ناھىيە 6-ئوتتۇرا مەكتەپ 8-يىللىق 10-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى)
ئۇيغۇر ئەتلىسى،
ئەجەبمۇ كۆركەم.
دەپ قالار ھەممە:
ئۇنى بىر كۆرسەم!
چاقنايدۇ ئۇندىن،
ئەجداد مېھنىتى.
ھەر بىر گۈلىدە،
ئەقىل-ھېكمىتى.
بارچە يۈرەكتە،
قوزغار زوق-ھەۋەس.
شۇڭلاشقا دەيمەن:
پەخرىمدۇر ئەتلەس!
***************
بادام دوپپا
ئەلشىر ئىمىننىياز
(يەكەن ناھىيە 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 1-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى)
ئانام تىكىپ بىر دوپپا،
سوۋغا قىلدى كىيگىن دەپ.
-رەھمەت!- دېدىم بېشىمغا
كېلىپ قالدى خۇيمۇ ئەپ.
ئۇنى كۆرۈپ دوستلىرىم،
ماختاپ زوقلىنىپ.
دېدى: -ئەجداد مىراسى،
كەتتى ئەجەب نۇرلىنىپ.
دېدىم:-بادام دوپپىلىق،
جەسۇر ئۇيغۇر ئوغلىمەن.
مىراسىنى ئەجدادنىڭ،
قەدىرلەيمەن، سۆيىمەن!
******************
ئانا
دىلنارقىز ئابدۇللا
(يەكەن ناھىيەلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپ 7-يىللىق 2-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى)
قەدىردانىم جان ئانا،
مېھىر بېرىپ باقتىڭىز.
ئوتىمىزدا يېلىنجاپ،
سۈيىمىزدە ئاقتىڭىز.
بىلدۈرىمەن ئېھتىرام،
سىزگە ئوتلۇق يۈرەكتىن.
ئەجرىڭىزنى ئاقلايمەن،
گۈللەر تاقاپ شەرەپتىن.
*****************
چىمەن دوپپا
دىلرەبا تاھىر
(يەكەن ناھىيە 5-ئوتتۇرا مەكتەپ 8-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى)
تارىۋالدىم چېچىمنى،
ئۇششاق ئۆرۈپ قىرىق تال.
كىيدىم چىمەن دوپپىنى،
پىشانەمگە چېكىپ خال.
ھۆسىن قوشتى ھۆسنۈمگە،
چىمەن دوپپا جۇلاسى.
ئەكىس ئەتكەن ئۇنىڭدا،
ئۇلۇغ ئەجداد سىماسى.
جۇلالايدۇ بېشىمدا،
چىمەن گۈللۈك زەر دوپپام.
چۈنكى تىككەن ئەمەسمۇ،
كۆڭۈل قويۇپ جان مومام!
********
كۈيلەيمەن سېنى
ئەخمەتجان مەمەت
(يەكەن ناھىيە دامسى يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ 9-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى)
ئانا يۇرتۇم كۈيلەيمەن سېنى،
يۈرىكىمدىن ياغدۇرۇپ ئالقىش.
بولغاچ سەندەك يۆلەنچۈكىمىز،
باردۇر بىزدە داۋانلار ھالقىش.
بەردىڭ بىزگە سېخىيلىق بىلەن،
ھاياتلىقنىڭ نېمەتلىرىنى.
روھىمىزنى كەلدىڭ پەرۋىشلەپ،
بىلدۇق ھايات ھېكمەتلىرىنى.
شاد مۇقامنىڭ ياڭراپ ئەل ئارا،
شۆھرىتىڭنى قىلار نامايەن.
گۈللىتىشكە سېنى بىر ئكمۈر،
يۈرىكىمدە بىر ئۇلۇغ ئارمان!
*********************
مۇئەللىم
نازاكەت نۇرمۇھەممەد
(يەكەن ناھىيە 2-ئوتتۇرا مەكتەپ 8-يىللىق 11-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى)
ئۇلۇغ ئىنسان روھىنىڭ،
ئىنژىنىرى مۇئەللىم.
يۈرەكلەرگە ئاقىدۇ،
ئوتلۇق مېھرى، مۇئەللىم.
مەرىپەتتىن دىلىمغا،
ئۇرۇق تەردىڭ، مۇئەللىم.
دىلدىن رەھمەت ئېيتىمەن،
بىلىم بەردىڭ مۇئەللىم.
********************
ئالتۇن بالىلىق
رۇخسارى
(يەكەن ناھىيە 6-باشلانغۇچ مەكتەپ 5-يىللىق 9-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى)
ماڭا بەك تاتلىق،
ئالتۇن بالىلىق.
چۈنكى ئۇنىڭدا،
كۆپتۇر خۇشاللىق.
ئوينايمەن تاقلاپ،
ئاسلاننى قوغلاپ.
قوزام ئات ماڭا،
قالمايمەن چارچاپ.
توخۇ تۇخۇمى،
مەندەن قاچالماس.
كېپىنەكلەرمۇ،
يىراق ئۇچالماس.
شۇڭا دەيمەنغۇ،
بالىلىق تاتلىق.
يەتسەڭ قەدرىگە،
بېرەر ئۇ شادلىق.
**************
مەكتىپىم
ئارافات ئەركىن
(يەكەن ناھىيە 6-ئوتتۇرا مەكتەپ 7-يىللىق 2-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى)
ئانا مەكتەپ قوينىدا،
خۇشال-خورام ئوقۇيمىز.
پارلاق گۈزەل ئەتىگە،
دادىل قەدەم تاشلايمىز.
قاناتلىنىپ پەن بىلەن،
مەنزىلسىرى ئۆرلەيمىز.
ئانا مەكتەپ قوينىنى،
گۈل -چېچەككە پۈركەيمىز.
**********************
چېچەك ۋە مەن
گۈلچېھرە تۇرغۇن
(يەكەن ناھىيە 6-ئوتتۇرا مەكتەپ 8-يىللىق 2-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى)
باھار كېلىپ باغلاردا،
پۇراق چاچتى چېەكلەر.
ئۇنىڭ خۇشبۇي ھىدىدىن،
كۈلدى سانسىز يۈرەكلەر.
گۈلزارىدا ۋەتەننىڭ،
مەنمۇ چېچەك ئېچىلغان.
مېۋە بەرسەم خەلقىمگە،
قالار مەندە نە ئارمان؟!
*****************************
(بۇ شېئىرلار ‹‹يەكەن ئەدەبىياتى›› ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 1-سانىدا، «پەرۋاز» ژۇرنىلى، «تارىم غۇنچىلىرى»، «شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان)
يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-5 01:13