. F8 Z/ p8 X5 m% @; @- O قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن قوللىشى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئاخبارات-نەشىريات ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، بۇ يىل 3- ئايدىن باشلاپ ئۇنۋېرسال ئەدەبىي ژورنال «قەشقەر مەدەنىيتى» نەشىر قىلىنىپ ھەقسىز تارقىتىلماقچى. نۆۋەتتە ژورنالنىڭ 1- سانى ئۈچۈن رايۇنىمىز تەۋەسىدىكى ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرى جىددى قوبۇل قىلىنىۋاتىدۇ.
6 v: L( g& p: _) { بۇ ژورنالدا ئاساسلىقى «قەشقەرشۇناسلىق»، «قەشقەر گۈلزارى»، «پىروزا باغچىسى»، «نەسىرلەر گۈلىستانى»، «ئەدەبىي مۇلاھىزە»، «تەقرىز»، «ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز»، «ئەدپ-سەنئەتكارلىرىمىز»، «نەزىرىمدىكى قەشقەر»، «چەتئەللىكلەر نەزىرىدىكى قەشقەر»، «مەدەنىيەت-سەنئەت»، «قەشقەر تەسىراتلىرى»، «قەشقەر كوچىلىرى»، «تەرجىمە سالۇنى» قاتارلىق كۆپ خىل سەھىپىلەر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت، تارىخ، ئەدەبىيات، جۇغراپىيە، مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك، سەنئەت، ساياھەتچىلىك، يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كىچەك، ئۆرىپ-ئادەت قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋاللىرى كۆپ خىل ژانىردىكى ئەسەرلەر ئارقىلىق، كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇلىدۇ. ژورنالنىڭ 1- سانى بۇ يىلقى نەۋرۇز بايرىمىدا تارقىتىلىدۇ، ژورنال پەسىللىك ئۇنۋېرسال ئەدەبىي ژورنىلى بولۇپ، ئاپتونۇم رايۇنىمىز دائىرسىگە ھەقسىز تارقىتىلىدۇ. كەڭ ئاپتورلارنىڭ بىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى قارشى ئالىمىز. ژورنىلىمىزغا ئەسىرى ئېلان قىلىنغان ئاپتورلارغا قەلەم ھەققى بىرىلگەندىن سىرت، ژورنال پوچتا ئارقىلىق ئېۋەرتىپ بىرىلىدۇ.
5 ]5 L( P1 w+ A# l! G& R ژورنالنىڭ ئەسەر قوبۇل قىلىش ئېلخەت ئادرىسى:
$ w) m5 I: l! ~* ^6 M% Y; M( e+ \: ^% B3 \& z
tumankol@126.com
4 M2 ^7 R) I# I
- m+ P9 H4 Z! D/ ?( E7 G قەشقەر توغرىسىدا ئەسەر يازغان ۋە يېزىۋاتقان ئاپتورلارنىڭ ئەسەر ئېۋەرتىشىنى قارشى ئالىمىز. ژورنىلىمىزنى قىزىقىپ ئوقۇشنى خالايدىغان ئاپتورلارنىڭ تەپسىلىي ئاردىسىنى ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
+ t6 G2 N+ o) K. O" z0 x' K, Z U9 r; h% V