كۆرۈش: 223|ئىنكاس: 5

ئا.ئابدۇراخمان: بالىلار مېنى ئەپۇ قىلىڭلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5023
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 194
تۆھپە : 0
توردا: 76
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 12:26:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                بالىلار مېنى ئەپۇ قىلىڭلار
                                   ئابدۇغۇپۇر ئابدۇراخمان
                                           (ھېكايە)
ماتىرياللىرىمنى رەتلەۋاتقىنىمدا رەڭگى سارغىيىپ چۆرىسى يىرتىلغان بىر كونۋېرت قولۇمغا چىقتى. يۈرىكىم «جىغ» قىلىپ يۈزۈم قىزىرىپ كەتتى.بۇ كونۋېرتنىڭ ئىچىدە بىر نەچچە بەتلىك خەت بار.بۇ خەت بۇندىن ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى ياش ۋاقتىمدا بىر ئوقۇغۇچۇم ماڭا يازغان خەت.مەن بۇ خەتنى ئوقۇشتىن،ئۇ خەتتە يېزىلغان ئىشلارنى ئەسكە ئېلىشتىن خىجىل بولىمەن. لېكىن بۇ خەتنى تا بۈگۈنگە قەدەر قىممەتلىك ماتىرياللار قاتارىدا ساقلاپ كېلىۋاتىمەن.بۇ خەت ئۆز ھاياتىمدا ئۆتكۈزگەن بىر سەۋەنلىكنىڭ خاتىرىسى...
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى يېڭى پۈتتۈرگەن ۋاقتىم ئىدى.تەشكىل مېنى ناھيىمىزنىڭ چېتىدىكى بىر يېزىنىڭ باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى.مەن يېزىغا مېڭىشتىن بىرقانچە كۈن بۇرۇن ناھىيىلىك دوختۇرخانىدا ھارۋىكەشلىك قىلىدىغان تاغام ئالاھىدە ئۆيىمىزگە كېلىپ ماڭا مەسلىھەت بەردى:
  ــ ئەپەندىچىلىك قىلىش ئاسان ئىش ئەمەس جۇمۇ!؟ بىر توپ چاتاقچىلارنى باشقۇرۇپ بىلىم ئۆگىتىدىغان گەپ.ئۇلار ئالدىڭدا كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ،شىلىكلىتىپ بۇرنىنى تارتىپ ئولتۇرغىنى بىلەن ئارىسىدا نى-نى تومۇرچىلار بار.ئۇلارغا چىشىڭنىڭ ئېقىنى كۆرسىتىپ، تومۇرىڭنى شۇنداقلا تۇتقۇزۇپ قويدۇڭما، بولدى،سېنى مايمۇن قىلىپ ئوينىتىدۇ.ئىككىلا كۈندە ئىناۋىتىڭنى تۆكۈپ بىر تىيىنغا ئالماس قىلىۋىتىدۇ.بىسمىلا دەپ ھە دېگەندىلا سىنىپقا كىرىپ ھوشيار بول، قاپىقىڭنى تۈرۈپ ئوچۇق چىراي ئاچما،بولمىسا...
تاغامنىڭ دېگەنلىرىنى ئېسىمدە مەھكەم ساقلىدىم.تەقسىملەنگەن مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن مەكتەپ رەھبەرلىكى مېنى بىر سىنىپقا ۋاقىتلىق سىنىپ مۇدىرى بولۇشقا ھەم ئۇ سىنىپنىڭ ئاساسلىق دەرسلىرىنى ئۆتۈشكە بەلگىلىدى.مەن بىسمىللا دەپ بىرىنچى سائەتلىك دەرسكە كىرگەندىن باشلاپلا تاغامنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆردۈم.لېكىن ئاز كۈن ئۆتمەيلا مەن مەسئۇل بولغان بۇ سىنىپتا مەكتەپكە كەلمەيدىغان ئوقۇغۇچىلار كۆپىيىشكە باشلىدى.مەكتەپ مۇدىرى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن مېنى چاقىرتىۋىلىپ:
ــ سىنىپىڭىزدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بەك ئازىيىپ كېتىۋىتىپتۇ.بۇ نېمە ئۈچۈن؟ــ دېدى.
  ــ بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۇقالمىدىم،ــ دېدىم مەن ئۆزەممۇ بۇ ئىشقا ھەيران بولۇپ.
  ــ مەكتەپكە كەلمىگەن بالىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئاتا-ئانىسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈڭ،بالىلارنى دەرسكە تولۇق قاتناشتۇرۇشقا تىرىشىڭ! ــ دېدى مۇدىر كەسكىن قىلىپ.
شۇنداق قىلىپ مەن ھەر كۈنى مەكتەپكە كەلمىگەن بالىلارنىڭ ئۆيىگە قاتىرايدىغان بولدۇم.بۇنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن دېگەندەك بولمىدى.
  ــ سىز مەسئۇل بولۇۋاتقان بۇ سىنىپ مەكتىپىمىز بويىچە ئىلغار سىنىپلارنىڭ بىرى ئىدى، ـ دېدى مەكتەپ مۇدىرى يەنە بىر كۈنى مېنى بۆلۈمگە چاقىرىپ،ــ ئەمدى بۇ قانداق بولۇپ كېتىۋاتىدۇ؟بۇنىڭ سەۋەبى زادى نەدە؟بۇنى ئوبدان ئويلىشىپ سەۋەبىنى تېز تېپىپ چىقىڭ! بولمىسا بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋېتى سىزگىمۇ ياخشى ئەمەس...
  مەن گاڭگىراپ قالدىم. قانچە گاڭگىرىغانسىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە توختىماي چاپاتتىم. مانا شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر ئوقۇغۇچى ماڭا بىر پارچە خەت ئەكىلىپ بەردى.بۇ خەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن ھەممە ئىش ماڭا ئايان بولدى.ئۇ مۇنداق يېزىلغاندى:
   «ھېمىت مۇئەللىم،ھېلىقى كۈنى سىز بىزنىڭ ئۆيدىن خاپا بولۇپ قايىتتىڭىز،شۇ كۈنى مەن دالاندا دەرسلىك كىتابلىرىمنى ئوقۇپ ئولتۇراتتىم. ئاپام ئىچكىرى ئۆيدە تام قوشنىمىز گۆھەرخان ھەدەم بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى.تۇيۇقسىزلا دەرۋازىنىڭ ئۇرۇلغان ئاۋازى ئاڭلاندى(بىز قويلار تالاغا چىقىپ كەتمىسۇن دەپ دەرۋازىنى داۋاملىق ئىچىدىن زەنجىرلەپ قوياتتۇق).ئاپام ماڭا:«چىقىپ قاراپ باقە كىم كەلدىكىن؟»دېدى.مەن ئۆيدىن تېز يۈگۈرۈپ چىقىپ دەرۋازا ئالدىغا باردىم.ئىلىپ قويۇلغان زەنجىرگە قولۇمنى ئۇزىتىۋىتىپ ھەرقاچانكى ئادىتىم بويىچە دەرۋازىنىڭ ئىككى قانىتىنىڭ ئارىسىدىكى يوچۇقتىن قارىغاندىم،دەرۋازا ئالدىدا سىز تۇرۇپسىز.شۇ ھامان خۇددى بىرسى ئىتتىرۋەتكەندەك زەنجىرگە سوزۇلغان قولۇم ئىتتىكلا تۆۋەنگە چۈشۈپ كەتتى.ئويلاپمۇ تۇرماي ئارقامغا قاچتىم-دە، دەرۋازىنىڭ يېنىدىكى كۆمۈرخانىگە مۆكۈۋىلىپ ماراپ تۇردۇم.خېلى ۋاقىت ئۆتتى.سىز دەرۋازىنى يەنە قاتتىق ئۇردىڭىز.بۇنىڭدىن سىزنىڭ خاپا بولغانلىقىىڭىز بىلىنىپ تۇراتتى.چۈنكى سىز مېنىڭ دەرۋازا ئاچقىلى بارغانلىقىمنى ۋە سىزنى كۆرۈپ ئاچماي قاچقانلىقىمنى كۆردىڭىز.بۇنىڭ ئۈچۈن ئاچچىقىڭىز كەلمەي قالمايتتى.ئازدىن كېيىن ئاپام چىقىپ دەرۋازىنى ئاچتى.ئىككىڭلار بولار-بولماي سالاملاشقاندىن كېيىن ئاپام سىزگە سوئال نەزىرىدە تىكىلدى.چۈنكى ئۇ تېخى سىزنى تونۇمايتتى.سىز ئاپامغا ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇردىڭىز:
  ــ مەن جامالنىڭ مۇئەللىمى بولىمەن.بۇ مەكتەپكە يېقىندا كەلدىم.
  ــ ھە...،ياخشى،ياخشى بوپتۇ.قېنى ئۆيگە كىرىڭا!؟ـ دېدى ئاپام خوشاللىق بىلەن يۈزلىرىگە كۈلكە يۈگۈرۈتۈپ،ــ جامال بىزگە يېڭى مۇئەللىم كەلدى دېگەندى،شۇ سىز ئىكەنسىزدە ؟
  سىز ھويلىغا كىردىڭىز،لېكىن ئاپامنىڭ شۇنچە زورلىغىنىغا قارىماستىن ئۆيگە كىرگىلى ئۇنىمىدىڭىز.قولىڭىزنى يانچۇقىڭىزغا سالغان ھالەتتە ئاپامغا قادىلىپ تۇرۇپ سۆزلىدىڭىز:
  ــ جامال ئۈچ-تۆت كۈندىن بېرى مەكتەپكە بارمىدى.بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەي دەپ كەلگەن ئىدىم.لېكىن،ھازىر ئۇ ئىشىك ئاچقىلى كېلىپ مېنى كۆرۈپلا قېچىپ كەتتى.ئۇنىڭ نېمە قىلغىنى؟
  ــ سىزنى كۆرۈپ قاچتىمۇ ئۇ؟ــ دېدى ئاپام ھەيران بولۇپ،ــ ئۇ بالا نېمىشقا ئۇنداق قىلغاندۇ؟...ئۇنى دەرۋازا ئېچىشقا بۇيرۇپ مانا كىرەر، ئەنە كىرەر،دەپ ئولتۇرۇۋىرىپتىمەن، قارىسام دەرۋازا يەنە ئۇرىلىۋاتىدۇ.ئاخىرى ئۆزەم...
  ئاپام گېپىنى تۈگەتمەيلا ھويلىنىڭ ئۇياق-بۇيىقىغا قارىدى.كۆزۈم سىلەردە .لېكىن يۈرۈكۈم قاتتىق دۈپۈلدەشكە باشلىدى.مەن سىزنىڭ مېنى مۇشۇ ھالدا كۆرۈپ قېلىشىڭىزنى ھەرگىز خالىمايتتىم.سىز يەنە ئاپامدىن سورىدىڭىز:
  ــ ئۇ نېمىشقا مەكتەپكە بارمىدى؟
  ــ بۇنىڭ سەۋەبىنى مەنمۇ بىلەلمىدىم بولمىسا خېلى قىستاپ سورىدىم،ئېيىتمىدى.مەكتەپكە بېرىشقا زورلىسام زادى ئۇنىمىدى.قورقۇتۇپ باقتىم.كۆزىنىڭ سۈيىنى ئېقىتقىلى تۇردى ئاخىرى «بوپتۇ،بىر كۈنى بىر گەپ بولار»، دېدىم،ــ دېدى ئاپام.
   ــ ئۆزىڭىز بارغىلى قويماي گۇنانى جامالغا دۆڭگەپ قويۇۋاتقان بولماڭ يەنە،ــ دېدىڭىز سىز ئاپامغا تەھدىت سېلىۋاتقان ئاھاڭدا،ــ ئەگەر شۇنداق قىلسىڭىز كېيىن ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ جۇمۇڭ!؟ بالىسىنى مەكتەپكە بارغىلى قويمىغانلارغا جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ.بۇنى ئالدىن ئېيتىپ قوياي.
  ــ توۋا دەڭا ئەپەندىم، مەن بالىسىنى مەكتەپكە بارغىلى قويمايدىغانلاردىن ئەمەس. مەن ئۆزەم ئېلىپنى «تاياق» دەيدىغان قارا تۈرۈك. بالىنىڭ دادىسىمۇ كىچىكىدە ئوقۇماپتىكەن، بۇلتۇر ئۆلۈپ كەتتى.رەھمەتلىك جان ئۈزۈش ئالدىدا: «ھەرقانچە قىينالساڭمۇ بالىنى ئوقۇشسىز قويما، ئوقۇت. بىزدەك بولۇپ قالمىسۇن»دەپ ۋەسىيەت قىلغاندى. شۇڭا ئۇنى جېنىم كەتسىمۇ ئوقۇتاي دەپ نېيەت قىلغان.بالام بۇرۇن مەكتەپكە بېرىشقا بەك ئامراقتى.مۇئەللىمنى ماختاپ ئاغزى تىنمايتتى.ھازىر نېمىشقا بۇنداق بولۇپ قالغانلىقىغا ئۆزۈممۇ ھەيران.نەچچە كۈندىن بېرى چىۋىن يەۋالغاندەك بولۇپ قالدىم دەڭا، مانا ئەمىسە دەپ ئۇرۇپ قوياي دېسەم تېخى.
  ــ نېمە قىلسىڭىز قىلىپ بالىڭىزنى مەكتەپكە ئەۋەتىپ بېرىڭ! ـدېدىڭىز سىز،ــ بولمىسا كېيىن ھېساپ بېرەلمەي قالىسىز.
  ئاپام نىمىدۇر دېمەكچى بولۇپ ئاغزىنى ئۈمـەللىگــەندى، ئاڭغىچە سىــز كېتىــپ قالدىڭىز.
   مۇئەللىم ! مـــەن نېمىشقــا مەكتەپكــە بارمىدىم؟  نېمىشقا سىزدىن قاچىدىغان بولۇپ قالدىم؟
ئەسلىدە مەن مەكتەپكە بارمايدىغان، مۇئەللىمنى كۆرسەم قاچىدىغان ئوقۇغۇچى ئەمەس ئىدىم.ئاناممۇ ئۆز بالىسىنى ئوقۇتمايدىغان ئەسكى ئانىلاردىن ئەمەس ئىدى. مەن مەكتەپنى ئۆز ئۆيۈمدەك ياخشى كۆرەتتىم.ھەر كۈنى مەكتەپكە بالىلاردىن ئەتىگەن باراتتىم.دەرسنى قېتىرقىنىپ ئاڭلايتتىم،تاپشۇرۇقلارنى تولۇق ھەم توغرا ئىشلەيتتىم.ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز تۇققانلىرىمدەك يېقىن كۆرەتتىم.ئۇلارغا ئۆزەمنىڭ كۆڭلىدىكى گەپلىرىمنى دەۋىرەتتىم.ئۇلاردىن ئايرىلغۇم كەلمەيتتى. بولۇپمۇ بىزنىڭ سىنىپ تەربىيىچىمىز مېھرىنسا مۇئەللىم ماڭا خۇددى ئۆزەمنىڭ ھەدەمدەك تۇيۇلاتتى...
  ھېمىت مۇئەللىم،ھەممە گۇناھ مېنىڭ كالپۇكىمنىڭ كەمتۈك بولغانلىقىدا.سىزمۇ بىلىسىز ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنىڭ قانداق شەكىلدە تۇغۇلىشىنى ئۆزى بەلگىلەپ ئالالمايدىكەن.مېيىپ ھالەتتە تۇغۇلىشىنى ھەم خالىمايدۇ.مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ئۈستۈنكى كالپۇكۇمنىڭ بۇنداق يىرىق ھالەتتە بولۇپ قېلىشىنى خالىمايتتىم.لېكىن ئامال قانچە،شۇنداق تۇغۇلۇپ قاپتىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەينەككە قاراشتىنمۇ قورقىمەن.تاسادىپىي ئەينەككە قاراپ قالغان چاغلىرىمدا: «خۇدا!نېمىشقا مېنى مۇشۇنداق كەمتۈك ياراتقانسەن!نېمىشقا ھە!؟»دەپ نالە قىلىپ زارلىنىپ،تۇغۇلۇپ قالغىنىمغا مىڭ بىر پۇشايمان قىلىمەن. لېكىن بۇ توغۇرلۇق ئاپامغا ھېچنېمە دىمەيمەن.چۈنكى بىر قېتىم بىر بالا مېنىڭ كالپۇكىمنى زاڭلىق قىلغاندائاپامغا ئېيتىپ يىغلىغانتىم،ئاپام ئازاپلىنىپ بىرقانچە كۈنگىچە يىغلاپ يۈرگەندى.شۇ چاغدا ئاپام كالپۇكىمنى دوختۇرلارغا كۆرسىتىپ ئوپىراتسىيە قىلدۇرۇپ ئوڭشىتاي دېگەنىدى،بىراق،بۇ يەرنىڭ دوختۇرلىرى ئۇنداق قىلالمايدىكەن. ئىچكىرىگە ئاپىراي دېگەندى ئۇنىڭغا جىق پۇل كېتىدىكىن،ئامال بولمىدى. شۇندىن كېيىن ئۇنىڭ ئالدىدا كالپۇكۇم توغۇرلۇق سۆزلىمەيدىغان بولدۇم.
ئۇ،بىرىنچى سىنىپقا يېڭى كىرگەن ۋاقتىم ئىدى.كېيىن سىنىپ مەسئۇلىمىز مېھرىنسا مۇئەللىم بالىلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا يىغىن ئاچقان ئىدى. شۇندىن باشلاپ بالىلار مېنى مازاق قىلمايدىغان بولدى. مەنمۇ ئېھتىيات قىلىپ ئۇلارغا كۆپ ئارلاشمايتتىم. چاقچاقلاشمايتتىم.چوڭ بولغانسېرى«بىرسى يەنە شۇنداق دەپ قالمىغىدى» دەپ ئەنسىرەيتتىم. ئەمما مەكتەپتە مېھرىنسا مۇئەللىمدەك غەمخۇرچى بولغاچقا كۆڭلۈمنى توق تۇتۇپ يۈرىدىغان بولدۇم. چۈنكى ئۇ بىر-بىرىمىزنى ھۆرمەتلەشكە ئۆگىتەتتى.ئۆزىمۇ ھېچقايسىمىزغا قوپال مۇئامىلە قىلمايتتى.بىراق ئۇ ئاغرىپ بالنىستتا يېتىپ قېلىپ ئورنىغا سىز سىنىپ تەربىيىچى بولدىڭىز ھەم دەرسكە كىردىڭىز.بىز سىزدىنمۇ مېھرىنسا مۇئەللىمدە بولغاندەك ئىللىق مېھىر-مۇھەببەت كۈتكەندۇق.ئەپسۇسكى...........
  مەن بۇ يەردە ھېسسىياتىمنى ئىپادىلەشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان سۆز تاپالمايۋاتىمەن.شۇڭا كۆپ چېكىت قويدۇم.بۇ چېكىتلەرنىڭ ئورنىدا مەن دېمەكچى بولغان نۇرغۇن سۆزلەر بار.ئۇنى ئۆزىڭىز ھېس قىلىپ چۈشۈنىۋالارسىز.
    شۇنداق قىلىپ سىز بىرىنچى سائەتلىك دەرستە سىنىپقا كىردىڭىز.ئاۋۋال ئىككى قولىڭىزنى يانچۇقىڭىزغا سېلىپ پارتىلارنى ئارىلاپ چىقتىڭىز.ئاندىن دوسكا ئالدىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئۈستىلى ئالدىغا كېلىپ ھەممىمىزگە بىر-بىرلەپ قارىدىڭىز. سىنىپ ئىچى جىم-جىتلىققا چۆمگەن،ھەممىمىز سىزگە تىكىلگەندۇق.بىز سىزنىڭ تىزرەك سۆزلىشىڭىزنى كۈتەتتۇق، لېكىن سىز يەنىلا سۆزلىمەي بىزنى كۆزىتىشىڭىزنى داۋاملاشتۇردىڭىز.قاش-قاپاقلىرىڭىز قاتتىق تۈرۈلگەن بولۇپ ھازىرلا بىرسى بىلەن سوقۇشىدىغاندەك ئەلپازدا ئىدىڭىز.سىنىپنىڭ ئىچىدىكى جىملىق ئاستا-ئاستا جىددىلىككە ئۆزگەردى. ئاخىرى ئوتتۇرا قاتاردىكى پارتىدىن يېنىك پىچىرلاش ئاڭلاندى.سىزنىڭ كۆزلىرىڭىز دەرغەزەپ بىلەن دەرھال شۇ ياققا تاشلاندى.چىرايىڭىزدا قاتتىق تېرىككەندەك ھالەت پەيدا بولدى.دەرھال بېگىز بارمىقىڭىزنى پىچىرلاش ئاڭلانغان تەرەپكە شىلتىپ ۋاقىردىڭىز:
  ــ ھەي!بۈركۈت بۇرۇن،تۇرە ئورنۇڭدىن!
ھەممىمىزنىڭ كۆزى قولىڭىزنى شىلتىپ ۋارقىرىغان تەرەپكە تىكىلدى.ئابدۇقادىر دېگەن بالائورنىدىن تۇردى.ئۇنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتكەندى.
  ــ ھە ئېيتە!؟ــ دەپ ۋاقىردىڭىز سىز،نېمە پىچىر-پىچىر بۇ،بۇ يەردە ئېشەك سودىسى بولۇۋاتامدا؟يە ئاناڭنى ئىمىپ كەلگىڭ كېلىۋاتامدۇ؟...
ئابدۇقادىر ھاڭ-تاڭ بولغىنىچە ئۈنچىقماستىن كۆزىنى يەرگە تىكىپ تۇرىۋەردى:
  ــ قوللىرىڭنى تۈز تۇتۇپ دەرس تۈگىگىچە تىك تۇر،ــ دەپ ئۇنى تۇرغۇزۇپ قويۇپ بىزگە ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇردىڭىز:
  ــ قېنى ئەمىسە ھەممىڭ بۇ ياققا قاراش،مەن ئالدى بىلەن ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. ئىسمىم ھېمىت.دادامنىڭ ئىسمى مۇسايۇپ. ئۆزەم جۇڭگو گىراژدانى.كەسپىم ئوقۇتقۇچى. تەققى-تۇرقۇم مانا ھازىر سىلەر كۆرۈپ تۇرغاندەك. مىجەز-خۇلقۇم كەسكىنلىككە مايىل، سىنىپىڭلاردا بەزى تومۇرچىلار بار ئوخشايدۇ. ئۇلار بەلكىم مېنىڭ تومۇرۇمنى تۇتۇپ باقماقچى بولۇۋاتقاندۇ. ئۇنداقلارغا ھازىرلا ئېيتىپ قوياي، ئاۋارە بولمايلا قويۇڭلار، زىيان تارتىپ قالىسىلەر،مەن سىلەر ئويلىغاندەكلەردىن ئەمەسمەن.مەنچۇ،سىلەر تۇرماق خېلى-خېلى چوڭ ئادەملەرگىمۇ تومۇرۇمنى تۇتقۇزغان بەندە ئەمەسمەن...
   شۇنداق قىلىپ بىرىنچى سائەتلىك دەرس ئۆتۈپ كەتتى.لېكىن شۇ سائەتتىن باشلاپ سىز ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ قويغان ھېلىقى قاڭشا بۇرۇن بالىنىڭ ئابدۇقادىر دېگەن ئىسمى«بۈركۈت بۇرۇن»غا ئالماشتى.ئىككىنچى كۈنىدىكى ئەھۋال بىرىنچى كۈنىدىكىدىنمۇ بەتتەر بولدى.سىز سىنىپقا كىرىپ بىر نەچچە مىنۇت ئۆتە-ئۆتمەيلا بۇلۇڭدىكى پارتىدا ئولتۇرغان قىزغا ۋاقىردىڭىز:
   ــ ھەي بۇلۇڭ،دىققەت قىلىڭ!
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەپىزە ئىسىملىك بۇ قىزنىڭ بېشى يەرگە چۈشۈپ كەتتى.
  دەرس سۆزلەۋىتىپ ئازدىن كېيىن يەنە بىر بالىغا ۋاقىردىڭىز:
ــ ھەي مىس باش ئاداش!بېشىڭنى موكىدەك ئۇياقتىن-بۇياققا بۇرىماي ماياققا قارا!
    شۇنداق قىلىپ ئىككىنچى كۈنىدىكى دەرستە ھەپىزە«بۇلۇڭ»دېگەن لەقەمگە،قۇربانتاي ئىسىملىك سېرىق چاچلىق بالا«مىس باش»دېگەن لەقەمگە ئېگە بولدى.
    شۇندىن كېيىن مەنمۇ قورقۇشقا باشلىدىم.مېنىڭ كالپۇكۇم،بۇ يۇمران قەلبىمنى ئازابلىغۇچى كەمتۈك كالپۇكۇم سىزنىڭ ئاغزىڭىزغا چىقىپ قالسا قانداقمۇ قىلارمەن دەپ يۈرۈكىم پوك-پوك ئىدى.بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن مەن پۈتۈن دىققىتىمنى يىغىپ تۈپ-تۈز ئولتۇرۇشقا تىرىشتىم.لېكىن قانداقتۇربىر ۋەھىمە ئىچىمگە كىرىۋىلىپ،سىز سۆزلىگەن دەرس ئازىراقمۇ مېڭەمگە چۈشمىدى.قانچە قىلغىنىم بىلەنمۇ ئاخىرى مەن يولۇقۇشتىن قورۇققان ئەھۋال يۈز بەردى.
بىر كۈنى سىز دەرس باشلاش ئالدىدا دەرسلىك كىتاپنى ئېلىپ مەلۇم بىر بېتىنى ئېچىشنى بۇيرۇدىڭىز مەن دەككە-دۈككە ئىچىدە قورقۇپ كىتابنى ئاچتىم.لېكىن تولىمۇ جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىمدىن قولۇم تىترەپ كېتىپ كىتاپ پارتا ئاستىغا چۈشۈپ كەتتى.ئالدىراپ ئېڭىشىپ كىتابنى ئالدىم.ئۆرە بولۇشۇم بىلەنلا مەن ئۈچۈن ئەڭ دەھشەتلىك سۆز ئاڭلاندى:
  ــ ھەي توشقان كالپۇك،پارتىنىڭ ئاستىدا نېمە قىلىۋاتىسەن؟بۆجەن تۇتۇۋاتامسەن يە؟
  ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھاڭ-تاڭ بولغان ھالدا بۇرۇلۇپ ماڭا قارىدى.ئۇلارنىڭ قورقۇشتىن چەكچىيىپ كەتكەن كۆزلىرىدە بىر خىل ئوڭايسىزلىنىش ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. قۇلاقلىرىم غۇڭۇلداپ كەتتى.گويا يەر تەۋرەپ ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسە سىلكىنىۋاتقاندەك، ئەقلىم ئىشلەشتىن توختاپ قالغاندەك،ئۆزەمنىڭ نەدە تۇرغانلىقىنىمۇ ئۇنتۇدۇم. كۆزلىرىمدىن ياش چىقارماي ئىچىمدە قاتتىق يىغلىدىم. مۇئەللىم، مېنىڭ شۇ مىنۇتتا قانداق ئازابلانغانلىغىمنى ھېس قىلالامسىز؟ ياق،ياق،سىزنىڭ ھېس قىلالىشىڭىىز مۇتلەق مۈمكىن ئەمەس،سىزنىڭ بۇنى ھېس قىلىپ يەتكۈدەك ئەقلى-ھوشىڭىز، يۈرىكىڭىز يوق. شۇ تاپتا مەنلا ئەمەس پۈتۈن سىنىپ سىزدىن ئۈنسىز نەپرەتلەنمەكتە...
شۇ سائەتلىك دەرس ۋاقتىنىڭ توشۇشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتتۈم.بىلەمسىز،باشقا چاغلاردا مۇئەللىمنىڭ كۆپرەك سۆزلىشىنى، ۋاقىتنىڭ ئاستا ئۆتۈشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم . لېكىن شۇ سائەتتىكى ھەر بىر مىنۇت ۋاقىت ماڭا بىر يىلدەك بىلىندى. مەن كالپۇكۇمنىڭ ئەشۇنداق «توشقان كالپۇك» بولۇپ  قالغىنى ئۈچۈن تەقدىرنى قاغىدىم. كىچىكىمدە ئۆلۈپلا قالسام بوپتىكەن،دەپ ئويلىدىم.
  ئاخىرى قوڭغۇراق چېلىندى.سىز سىنىپتىن چىقىپ كېتىشىڭىز بىلەنلا تالاغا قاراپ ئۆزەمنى ئاتتىم. مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئوقتەك چىققان پېتى ماشىنىلار ئۆتۈپ تۇرغان چوڭ يولغا قاراپ يۈگۈردۈم.يولنىڭ ئوتتۇرسىدىن ئۆتۈپ
كېتىۋاتقىنىمدا قۇلاقنى يارغىدەك غىچىرلىغان ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇشتۇمتۇتلا بىر ماشىنىنىڭ تورمۇزلىنىپ، يولنىڭ چېتىدىكى يوغان تېرەككە تاقىلىپ توختىغانلىقىنى،چاچلىرى پاخپىيىپ كەتكەن بىر كىشىنىڭ كابىنكىدىن بېشىنى چىقىرىپ كۆزلىرىنى ئالايتىپ مېنى تىللاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.ئاياقلىرىم مىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەپتۇ.بۇ بىنا دوختۇرخانا. سۆيۈملۈك مۇئەلىمىم مېھرىنسا ھەدەم مۇشۇ يەردە داۋالىنىۋاتىدۇ.
  مەن سېستىرالارنىڭ يېنىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ،مېھرىنسا مۇئەللىم ياتقان ياتاققا كىردىم. ئۇ ياستۇقتىن كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇپ قوللۇرۇمنى تۇتتى.ئەھۋال سورىدى.مەن يىغلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئۆزەمنى قاتتىق بېسىۋالدىم،ئۇنىڭ بىلەن ئۇزاقراق سۆزلۈشۈپ ئولتۇرغۇم بارئىدى. لېكىن،سىستىرالار رۇخسەت قىلىمايدىكەن ئاخىرى مەن ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇم،خوشلۇشۇپ ئىشىكنىڭ تۈۋىگە بېرىپ:
   ــ مۇئەللىم،مەن بۈگۈندىن باشلاپ سىز ساقىيىپ چىققىچە مەكتەپكە بارمايمەن.سىز چاققانراق ساقىيىڭ،ــ دېدىم-دە،ئىشىكتىن ئۇچقاندەك چىقىپ كەتتىم.لېكىن نېمىشقا مەكتەپكە بارمايدىغانلىقىمنى ئۇنىڭغا ئېيتىشنى خالىمىدىم.«توشقان كالپۇك»بولساممۇ ئاغرىق ياتقان كىشىنى بىئارام قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغۇچىلىكىم بارئىدى...
  شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە بىر بېسىپ-ئىككى بېسىپ باردىم. ئەتىسى مەكتەپكە بارمىدىم. ئاپام بۇنىڭ سەۋەبىنى قاتتىق تۇرۇپ سورىدى، ئېيىتمىدىم. يەنىلا سىزنى يامان ئاتلىق قىلغۇم كەلمىدى. ئاپام: «مەكتەپكە بارمىساڭ ئۇرىمەن» دەپ قورقۇتۇپمۇ باقتى.بارغىلى ئۇنىمىدىم. ئۇرسىمۇ مەيلى ئىدى. بەرىبىر بارمايتتىم.  بۇ ئىش ئۆتۈپ ئۈچ كۈندىن كېيىن سىز بىزنىڭ ئۆيگە كەلدىڭىز...
  مۇئەللىم گېپىم شۇ.ئەمدى مېنى چاقىرىپ كەلمەڭ!مېھرىنسا مۇئەللىم كەلگەچە ئۆيدە ئۆگىنىپ تۇراي.
سىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن:  
                                             جامال  »
  بۇ خەتنى ئوقۇپ بولۇپ قاتتىق ئازابلاندىم. لېكىن،جامال قاتارلىق مەن رەنجىتكەن ساۋاقداشلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن ئەپۇ سوراشقا جۈرئىتىم يەتمىدى.شۇ ۋاقىتتا ۋۇجۇدۇمدا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان قارغۇ غورۇر، تېتىقسىز ھاكاۋۇرلۇق بۇنداق قىلىشىمغا يول قويمىغان بولسا كېرەك.بۇ ئىشتىن كېيىن ئاز ۋاقىت ئۆتمەيلا ئوقۇشقا كەتتىم.بىر نەچچە يىلغىچە باشقا دەرسلەر قاتارىدا پىداگوگىكا ۋە پىسخولۇگىيەنى تىرىشىپ تەتقىق قىلىپ ئوقۇغۇچى تەربىيىلەشنىنڭ ئىلمي ھەم ئىنچىكە ئىش ئىكىنلىكىنى چۈشەندىم ۋە  بۇنى قانچە چوڭقۇر چۈشەنگەنسېرى ھېلىقى سەۋەنلىكلىرىم ئۈچۈن جامال ۋە باشقا ئوقۇغۇچىلىرىم ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئالدىدا شۇنچە چوڭقۇر خىجالەتچىلىك ھېس قىلىمەن.ھەر دائىم شۇ سەۋەنلىكىم ئېسىمگە كەلسىلا قەلبىمدىن كۈچلۈك بىر سادا ياڭرايدۇ.
  سۆيۈملۈك بالىلار،مېنى ئەپۇ قىلىڭلار!   

ئۈچئۇن خۇيزۇ يېزا ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ«ئانا تۇپراق»نامىدىكى مەكتەپ دەرسلىكىدىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-30 13:46  


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4784
يازما سانى: 895
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3886
تۆھپە : 0
توردا: 504
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-31 21:40:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم  .

مەن ھازىر  يېڭى تېمىلار ، يېڭى ئىنكاسلىق تېمىلار ۋە ئايلىق  تېمىلارنى  كۈرۈپ چىقتىم

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5510
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 745
تۆھپە : 0
توردا: 170
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-31 23:12:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق ۋە پەقەت،
بولدۇممۇ چىكىمەن جاپا مۇشەققەت.
ۋە لىكىن ئۇقۇتقۇچىنىڭ ھىمايىسىدە،
ئوقوغۇچى بولوپ ئۆتسەم دەيمەن تا ئەبەت.

قېرىپ قالساڭمۇ قال ھېرىپ قالما،يىتىم قالساڭمۇ قال غېرپ قالما.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1502
يازما سانى: 351
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2059
تۆھپە : 0
توردا: 172
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-29

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 14:11:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ياخشى بالىلار ھېكايىسى.
رەھمەت.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1025
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 170
تۆھپە : 0
توردا: 45
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-2-25

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 14:41:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچى،شائىر ئابدۇغۇپۇر ئابدۇراخمان ئاكىمىزنىڭ باشقا ئەسەرلىرى بولسا يەنە يوللاپ قويساڭلار بوپتىكەن.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3889
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 46
تۆھپە : 0
توردا: 9
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 19:55:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن، ماڭا بەكمۇ چوڭقۇر تەسىر قىلدى.
پەقەت ئوقۇتقۇچىلارلا ئەمەس، بىز ئاتا -ئانا  بولغۇچىلارمۇ بالا تەربىيىسىدە مانا مۇشۇنداق نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشىمىز، باللىلىرىمىز ئالدىدىكى ئۆزىمىزنىڭ ئوبرازىنى يەنىمۇ جۇلالاندۇرىشىمىز لازىم.
ماڭا ئابلىز ھەسەن مۇئەللىمنىڭ بالا تەربىيىسى دىگەن لىكسىيەسى بەكمۇ تەسىر قىلغان ئىدى، بۇ ھىكايىنى ئوقۇۋېتىپ ئەشۇ لىكسىيەنىڭ مەزمۇنى يادىمغا كېلىپ قالدى،بىز مەيلى نىمىلا ئىش قىلمايلى ، ئاتا- ئانا بولغان ئىكەنمىز ،ھەممىمىز يەنىلا  بىر ئوقۇتقۇچى، بالا تەربىيلىگۈچى، شۇڭا ھەممىمىز دىققەت قىلايلى.
مۇشۇنداق ياخشى بىر ئەسەرنى يازغان ئاپتۇرنىڭ قولىغا دەرت كەلمىسۇن،.

ئۈزۈڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي. سەن ‹‹خەق كىم دىيىشتىن ئاۋۋال، 'ئۆزۈڭدىن مەن كىم ››دەپ سورا.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش