جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1351 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 205|ئىنكاس: 5

ئادىل تۇنىياز ۋە ئۇنىڭ «ئاۋازى» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 1117
تۆھپە : 11
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 23:34:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                  
                  ئادىل تۇنىياز  ۋە ئۇنىڭ «ئاۋازى»

                     نىياز مۇھەممەت

(شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنستىتۇتى 2010-يىللىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ ماگىستىرانتى)


摘  要]阿迪力•吐尼亚孜是维吾尔当代文学中的重要诗人之一。本论通过解读他的有些诗歌,简要论述他的诗歌创作特点、独特性与其诗歌中的文化层次。
[关键词]阿迪力•吐尼亚孜;诗歌创作;初探

1. كىرىش
بۇنىڭدىن 13 يىل ئىلگىرى ئادىل تۇنىيازنىڭ «سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى ئۇقۇشقا مۇۋەپپەق بولدۇم. شۇ چاغدىكى تەسىراتىم بويىچە بولغاندا مەندەك دېھقان ئائىلىسىدە چوڭ بولغان بىر ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن بۇ توپلامدىكى بىر قىسىم شېئىرلار يېزامنىڭ، جۈملىدىن مەن چوڭ بولغان كەنتنىڭ گۈزەل بىر تېز سىزمىسى بولسا، يەنە بىر قىسىملىرى ئادىل تۇنىيازنىڭ سۆزى بويىچە «دەل كۆڭلۈمدىكى گەپنى دېگەن»دەك تەسىر قالدۇرغانىدى. شۇ ھاياجاننىڭ تۈرتكىسىدە ئەينى ۋاقىتتا بۇ شېئىرلار توپلىمىنى خاتىرەمگە كۆچۈرۈپ چىققانىدىم.
ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ شېئىرىيەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم ۋە باشقا شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئۇقۇشقا باشلىدىم. شېئىرىيەتتىن زوق ئېلىش سەپىرىمنى دەل ئادىل تۇنىيازنىڭ شۇ توپلىمى باشلاپ بەرگەنىدى.
2. شائىر ۋە ئىجادىيەت
قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە شائىر توغرىسىدىكى تەبىرلەر خىلمۇخىل بولۇپ، شائىر ـ ياسىغۇچى، ھۈنەرۋەن، ئىجاد قىلغۇچى، ئەۋلىيا... قاتارلىق ناملار بىلەن تەرىپلىنىپ كەلگەن. قانداق ئاتىلىشىدىن قەتئىينەزەر «پەقەت شائىرلا ئاسمان-زېمىن ئوتتۇرىسىدىكى نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشەپ باققان، بولۇپمۇ ساماۋى ئىشلارنى...»[1]. شۇنداق، شائىرلار ئۆز شېئىرلىرى ئارقىلىق ئۆزى تەۋە بولغان توپتىكى باشقا كىشىلەردىن پەرقلىنىدۇ ۋە ھاياتلىقنىڭ دەقىقە ئىچىدىكى مەڭگۈلۈكنى، چەكلىك ماكاندىكى چەكسىزلىكنى ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ.
ئۇيغۇرلار پارلاق مەدەنىيىتى بىلەن تارىخنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىغا باش ئەگمەي، دەۋر چاقىنى بۈگۈنگىچە ئۇلاپ كەلدى. شېئىرىيەتكە باي مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېسىل شېئىرلارنى ياراتتى.
ئادىل تۇنىياز دەل بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى مەن ياقتۇرىدىغان شائىرلارنىڭ بىرى.
ۋەتەنپەرۋەر شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر «كۆكتە يۇلتۇزلار يانار، يەردە پەقەت شائىرلا يانار» دېگەن بايانى ئارقىلىق شائىر ۋە شائىرلىق مەسئۇلىيىتى ھەققىدە بىزگە بېشارەت بەرگەن. ھەقىقەتەن دەۋرنىڭ شائىرى سانالغان كىشىلەر كۆكتىكى يۇلتۇزلارغا ئوخشاش كېچە ئاسمىنىنى يورۇتۇپ، تۇرمۇشقا گۈزەللىك، ھاياتقا نىشان بەلگىلەپ بېرىدۇ. زېمىنىدىكى چاقناش پەيدا بولغان جايدا شېئىر روياپقا چىقىدۇ.
ئادىل تۇنىياز «بارلىق شېئىر ئوقۇيدىغانلارنىڭ شائىرى»[2] بولۇش ئۈچۈن ئىزچىل تۈرىدە «خەلق ئۈچۈن، شېئىرىيەت پەرىشتىسى ئۈچۈن، ھەتتا بەزىدە ھېچكىم كىرەلمەيدىغان تەنھالىق قەسىرىدىكى ئۆزى ئۈچۈن»[3] شېئىر يېزىۋاتقان شائىرلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ «سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا» (1992-يىل)، «بويتاق شائىرنىڭ مەخپىيىتى» (1998-يىل)، «چۈمبەلدىكى كۆز» (2003-يىل)، «دېڭىزدىكى كوچا» (2006-يىل) قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى، «پەيغەمبەر دىيارىدىكى كېچىلەر» (2006-يىلى) ناملىق ماقالىلەر توپلىمى نەشىر قىلىنغان.
3. شائىرنىڭ ئاۋازى
شائىر ئادىل تۇنىياز ئۆزى ئېيتقاندەك، ئۇنىڭ ھەربىر مىسرا شېئىرى ئۇنىڭ ئاۋازى. گېرمانىيەلىك شائىر ۋە خەنزۇشۇناس تەتقىقاتچى كۇبىن ئۆزىنىڭ «20-ئەسىر جۇڭگو ئەدەبىيات تارىخى» دېگەن كىتابىدا: «مېنىڭ ئەسەر باھالاشتىكى ئاساسىم ـ تىل ماھارىتى، شەكىل ئالاھىدىلىكى ۋە شەخسى ئاڭ جەھەتتىكى سىڭىشىش كۈچى قاتارلىق ئۈچ خىل ئادەتلەنگەن ئۆلچەمدۇر.»[4] دەپ ئېيتقان. مېنىڭ بۇ يەردە بۇ گەپنى تىلغا ئېلىشىم ھەرگىزمۇ بارلىق ئەسەرگە بۇ ئۆلچەمنى قوللىنىش كېرەك دېگەنلىكىم ئەمەس (ھەر كىشىنىڭ ئۆز ئىختىيارى). ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئۆزگىچە يول تۇتقان بۇ شائىرنىڭ ئاۋازى ھەققىدىكى قىسقىچە بايانلىرىمنىڭ چېچىلاڭغۇ بولۇپ قالماسلىقنى نەزەردە تۇتۇپ، مۇلاھىزەمنى ئۈچ جەھەتكە يىغىنچاقلاپ ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن:
1) تىل ماھارىتى. بۇ يەردىكى تىل ماھارىتى ئەمەلىيەتتە شائىرنىڭ شېئىرىدىكى شېئىرىي تىل مەسىلىسىدۇر. فىرانسىيە شائىرى چارلىز بودلېر شېئىر ـ «بىر-بىرىگە يات شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا مۇناسىۋەت قۇرۇش»[5] دېگەن ئىدى. شۇنداق، شېئىر دەل سۆز تىزمىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يۈكسەك پەللىسىنى ئىزدەيدۇ. شائىرنىڭ بۇ يەردىكى ماھارىتى تىل ئىشلىتىش ماھارىتىدۇر.
(1) ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرىدا قوشاق، چۆچەك، بالىلار ئويۇنلىرى ۋە باشقا فولكلور مەنبەلىرىدىكى  تىل بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان:
...    ...
كۆكتىن تامغاندەك،
يەردىن ئۈنگەندەك،
                  («كوچىدىكى ئادەمدىن»دىن)
ئاق تاش، كۆك تاش
دەريادىكى سۈزۈك تاش
ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟
                 («مېنىڭ ئادرېسىم»دىن)
بۇرۇن بۇرۇندا،
نۇرغۇن- نۇرغۇن چۆچىكىم بولغان.
چۆچەكلەردە،
توخۇ-توشقان، ئۆردىكىم بولغان.
               («چۆچەكلىرىم»دىن)
بار ئىكەن بىر مەلىكە
بار ئىكەنمىش ئالتۇن قونچىقى...
               («ئالتۇن قونچاقلىق مەلىكە»دىن)
شائىر يۇقىرىقى مىسرالىرىدا ئېغىز  ئەدەبىياتىمىزدىكى تىل بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، شېئىرلىرىغا بىرخىل ئەپسانىۋى مۇھىت ئاتا قىلغان. شائىرنىڭ تىل ئىشلىتىش ماھارىتى يېڭى بىر شېئىرىي كەيپىيات ۋە مەنە پەللىسى ياراتقان.
(2) ئادىل تۇنىياز يېنىك، ئاددىي، ئوبرازلىق تىللارنى ئىشلىتىپ، شېئىرنىڭ ئۆزىدىكى تۇيغۇ تىلى ئارقىلىق، ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن ماسلاشقان رىتىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان:
ۋاقىت،
كېتىۋاتقان ئېرىپ تامچىلاپ
ئۆگزىدىكى قىش پەسلىمۇ-يا؟
                   («ۋاقىتنىڭ سىرتىدا»دىن)
سالام سۆيۈملۈك يېزا بازىرىدىكى
پەردازسىز، گىرىمسىز بوۋاقتەك دۇنيا
سالام، تۈندىكى ھەممە-ھەممىگە.
                («كىچىككىنە يېزا بازىرى»دىن)
مەن يىپ ئېشىپ ئانا تىلىمدىن
بۇ شېئىرنى توقۇپ ئەتلەستەك
ئەلگە سوغا قىلدىم دىلىمدىن.
                    («ئەتلەس»تىن)
شائىر يۇقىرىدىكى ئىچكى رىتىم پەيدا قىلالايدىغان شېئىرلىرى ئارقىلىق ئوقۇرمەنگە كەڭ ۋە چوڭقۇر شېئىرىي مۇھىت ھازىرلاپ بەرگەن. بۇ خىل ماھارەت ئوقۇرمەننىڭ تەپەككۇر لەززىسىنى ئەركىن زاماننى ئىزدەش تەشنالىقىغا ئېرىشتۈرەلەيدۇ.
2) شەكىل ئالاھىدىلىكى. ئەدەبىيات ئىجاد قىلىش سەنئىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھاياتلىقنى خىلمۇخىل ژانىرلاردا ئىپادىلەپ كەلدى. «شېئىرىيەت ـ ھەممە ھۇزۇرلىنىشنىڭ، ھەممە راھەتلىنىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى»[6] بولۇپ، ھاياتلىق پەللىسىنى ھەرىكەتچان رەسىم ھالىتىدە كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىدۇ. ھەممە شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىكى شەكىل ئوخشاش بولىۋەرمەيدۇ. بۇ يەردىكى شەكىل ئېستېتىك مەنىدىكى مۇتلەق ھەرىكەتچان جەرياننىڭ نىسپىي تۇراقلاشقان ھالىتىدىن ئىبارەت.
ئادىل تۇنىيازنىڭ شېئىرلىرى شەكىل ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن باشقا شېئىرلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ «ئۆڭمەيدىغان رەڭگى» بار. «بەدىئىي شەكىل ئېستېتىك ئاڭنىڭ پەيدا بولۇش شەكلى، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇش ۋە ياشاش شەكلى»[7] بولۇپ، ئادىل تۇنىيازنىڭ شېئىرلىرىدا مۇقىم شەكىل ئۇقۇمى بۇزۇپ تاشلىنىپ، ئىچكى رىتىمدىن ھاسىل بولغان يېڭى بىر شېئىرىي شەكىل ئوقۇرمەنگە ئەركىن بوشلۇق بەخش ئەتكەن. ھەر بىر مىسراسىدىكى يېڭى سۈرەتلەردىن ھاسىل بولغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئالبومى ئوقۇرمەنلەرنى يېڭى مەنزىللەرگە باشلايدۇ:
سېۋىتىنى قويۇپ بېشىغا،
گىردە سېتىپ يۈرگەن بىر بالا
تاڭ سەھەردە ئۆتتى يېنىمدىن.
قۇشلار
ھارۋا
سۇمبۇل چاچلىق ئايال،
يەنە بىر ئايال،
كۆز،
ئەتلەس كۆڭلەك،
ساقال،
تاڭ سەھەردە ئۆتتى يېنىمدىن.
               («قەشقەردىكى يەرشارى»دىن)
ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرى كۆپ ھاللاردا سىرلىق ئوردىغا ياكى گۈزەل بىر باغچىگە ئوخشاش ئوقۇرمەننى ئۆزىمۇ تۇيماستىن ساياھەت قىلىشقا يېتىلەپ كىرىدۇ. شېئىرلارنىڭ بەزىلىرىدە بىرقانچە مىسرا، ھەتتا بىر سۆز بىلەنلا يېڭى كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق ئوقۇرمەننىڭ شېئىرىي كەيپىياتىغا ئەسىر قىلىدۇ. بۇ خىل شەكىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىك شائىرنىڭ خاسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ جەھەتتە شائىر ئۆز خاسلىقنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئەدىبلىرىمىزنىڭ بىرسىدۇر.
3) سىڭىشىش كۈچى. بۇ يەردىكى سىڭىشىش كۈچى دەل شېئىرنىڭ قايتا يارىلىش جەريانىدۇر. بىراۋ شېئىرنى پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا يازغان بولسا، ئۇنى مەتبۇئات يۈزىدە ئېلان قىلىپ باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشمىغان ھەم باشقىلار تەرىپىدىن شائىر دەپمۇ ئاتالمىغان بولاتتى. شائىر شېئىرىنى ئېلان قىلغان ۋاقىتتا شېئىر ئورتاق ئىجادىيەتكە ئايلىنىدۇ. ھەربىر ھەۋەسكار شېئىرىيەت بوشلۇقىغا ئۈزۈپ كىرىپ سەيلە قىلىدۇ ۋە دۇردانىلەرنى ئىزدەيدۇ. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا شېئىردىكى ماھارەت سىڭىشىش كۈچىنى پەيدا قىلىدۇ. ھەربىر ئادەمنىڭ شېئىردىن ھۇزۇرلىنىش سەۋىيەسى ئوخشاش بولمايدۇ. بۇ ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ ئامىللارغا باغلىق. «شېئىر مەنە بىلەن چىڭدالغان تىل»[8] بولۇپ، ئوقۇلۇش (قايتا يارىلىش) جەريانىدا، ئۆزىگە خىلمۇخىل ئېستېتىك مەنىلەرنى يۈكلەيدۇ. مەنىلەرنىڭ قانداق بولىشى شېئىرنىڭ سىڭىشىش كۈچى ۋە ئوقۇرمەننىڭ سىڭدۈرۈش كۈچىنىڭ مۇناسىۋىتىگە باغلىق.
ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرىدىكى سىڭىشىش كۈچى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان شېئىرىيەتنىڭ مەنە سەپىرىنى تۆۋەندىكى جەھەتلەردىن كۆرۈش مۇمكىن:
(1) كەڭ ۋە چوڭقۇر شېئىرىي مۇھىتتىن تامغان ۋەتەنپەرۋەرلىك. شائىر بالىلارغا خاس چۈچۈك تىلى، چۆچەكلەرسىمان شېئىرىي ئوبرازلىرى ۋە كىنو ئېكرانىدىكى چاتما كۆرۈنۈشلەردەك باغلانما تەسەۋۋۇرلىرى ئارقىلىق، ھەر قەدەمدە بىر شېئىرىي مۇھىت يارىتىپ، ۋەتەن مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگەن. ئاشۇ تېمىپ تۇرغان مۇھەببەت ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىنىڭ، خەلقىنىڭ، تۇرمۇشنىڭ دەقىقە ئىچىدىكى مەڭگۈلۈك سېماسىنى ئالدىمىزغا يېتىلەپ كەلگەن:
ھەج قىلىپ مەككىگە بارساڭ مۇبادا،
تۇيۇلار يۇرتۇڭدا قالغاندەك خۇدا.
مۇبادا دوزاختا بولسىمۇ ۋەتەن،
مەڭگۈ بىر مۇھاجىر جەننەتكىمۇ سەن.
                  («قەشقەردىكى يەرشارى»دىن)
چۈش كۆرمەكتە
سېغىز پۇرىقى،
دەريا قېنى چاك-چاك يېرىلغان.
يېرىقلىرىدا رىۋايەتتىكى
كۆمتۈرۈلگەن شەھەر يورۇقى.
                  («تارىم دەرياسى»دىن)
(2) تەنھالىق تۇيغۇسىدىكى «مەن» ۋە مىللەت پىسخىكىسى. «شائىر ئۈچۈن تەنھالىق بولۇشى كېرەك»[9] دەل مۇشۇ تەنھالىق شائىرنى شېئىرىيەت قەسىرىدىن چىقىپ ئەركىن سەيلە قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرىدا ئىپادىلەنگەن تەنھالىق كەچمىشلىرى، غېرىبلىق تۇيغۇسى يالغۇز شائىرنىڭلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۆزى تەۋە توپتىكى ئىجتىمائىي رېئاللىقنىڭ ئىنكاسى سۈپىتىدە تەپەككۇر بوشلۇقىمىزدا نامايان بولىدۇ. «... بىر شائىرنىڭ يازغىنى ئەقىلگە سىغمايدىغان نەرسە بولۇپ، ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم چۈشەنمىسە، بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالدۇر. ئەگەر ئۇنىڭ يازغىنى تامامەن ئەقىلگە سىغىدىغان نەرسە بولۇپ، ئۇنى ھەرقانداق ئادەم چۈشىنىدىغان بولۇپ كەتسە، بۇ تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالدۇر»[10]. ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرى ئاتا قىلغان مەنە سەپىرى دەل مۇشۇ ئىككى قاتلام ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، بىر قارىسا، شېئىرىيەتنىڭ گۇڭگىلىقى بىلەن، يەنە بىر قارىسا ئاددىي گۈزەللىكى بىلەن بىزنى كەڭ ۋە چوڭقۇر مەنىلەر سەپىرىگە باشلايدۇ.
«ئۇيغۇرلار ـ ئەر مىللەت. ئۇيغۇرلارنىڭ سەلتەنىتى ئەرنىڭ سەلتەنىتى. ئۇيغۇرنىڭ تىراگېدىيەسى ـ ئەرنىڭ تىراگېدىيەسى.»[11] ئادىل تۇنىياز ئۇيغۇر شائىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز مىللىتىگە بولغان مۇھەببىتىنى مىللەت پىسخىكىسىغا، ۋەتەن تارىخىغا بولغان قاراشلىرىنى شېئىرىي كەڭلىك ئىچىگە چېچىۋەتكەن. شېئىرلىرىدا دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان قەشقەر، غېرىبلىق، مەسچىت، ئەر، ئايال، جىنسىيەت، ... قاتارلىق ئۇقۇملار ئارقىلىق ئۆز مىللىتىنىڭ ياشاش پىسخىكىسىنى، ھاياتلىق قارىشىنى، مۇرەككەپ دىنىي چۈشەنچىسىنى ئالدىمىزغا تاشلايدۇ:
دېرىزىدە
شارقىراتما غېرىبلىق.
                («چۈشتىن كېيىن»دىن)
ئەر
ئايال تولۇق بىلىپ يەتمىگەن
مەڭگۈ ئۆچۈپ قالمايدىغان ئوت.
               («ئەركەكلەر قېنى سىلەر؟»دىن)
ئۆمۈچۈك تورىدەك غېرىبسىنىشنى
قاراڭغۇ ئۆيلەردەك يالغۇز قېلىشنى
ئۈمىدسىز شېئىردەك يىغلامسىراشنى
ئۆگەنگۈم يوق ئىدى، يوق ئىدى زادى.
                    («غېرىبلىق»تىن)
شائىر ئېيتىپ ئۆتكەندەك «ئەر ئۈچۈن دۇنيادىكى ھەممە نەرسە ئاياللىشىدۇ». شۇ سەۋەبتىن، ئەر ئاشۇ ئايالغا (ھەممە نەرسىگە) ئېرىشىش ئۈچۈن دائىم كۈرەش قىلىدۇ. بىراق، دۇنيا ئەرنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالمىغاندا، ئەر ھامان يېنىپ تۇرۇشى كېرەك. بۇ يەردىكى ئەرنىڭ سىمۋوللۇق مەنىسى ئەر تەۋە بولغان مىللەتتۇر.
(3) ئالاھىدە تۇيغۇ ئارقىلىق شېئىرىيەتتىكى مۇتلەق مەۋجۇتلۇق بىلەن ماكان پەيتىدىكى ئادەم مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەپ، دىنىي كەيپىيات ئىچىدىكى شېئىرىي قاتلام نامايان قىلىنغان.
ئادىل تۇنىياز ئۆز شېئىرلىرىدا ئالاھىدە تۇيغۇلىرى ئارقىلىق سىرلىق بىر شېئىرىي كەيپىيات ھاسىل قىلغان. بۇ خىل كەيپىيات دەل تىل بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن بولمايدىغان مۇتلەق مەۋجۇتلۇق تەرىپىدىن بەخشەندە قىلىنغان. دەل مۇشۇ بەخشەندە تۈپەيلى شائىر مەڭگۈ يەتكىلى بولمايدىغان ئاشۇ بۈيۈكلۈككە سېغىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شائىرنىڭ شېئىرىيەت پەرىشتىسى بىلەن خۇدا ئوتتۇرىسىدا دىيالوگى پەيدا بولىدۇ.
ئۇيغۇر مىللىتى تارىختىكى ئەڭ كۆپ دىن يەڭگۈشلىگەن مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزگىچە بىر مەدەنىيەت تىندۇرمىسىغا ئىگە. شۇ ۋەجىدىن مەدەنىيەت پىسخىكىسىدا دىنىي تەسىرنىڭ مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. ئادىل تۇنىياز ئۇيغۇر مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنى شېئىرىيەت بىلەن سىزىپ بېرىش جەريانىدا بۇ نۇقتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان:
سالام ئىشىكنى غىچىرلاپ ئېچىپ
ئىبادەتكە ماڭغان بوۋايغا.
                («كىچىككىنە يېزا بازىرى»دىن)
كەبىدە ئەرەب
قىبلە تۆت تەرەپ
يۈزلەنگەن ئادەم-ئادەمگە.
ئادەم قەلبى چەكسىز ئالەمگە

ئالەمدىن كەلگەن ئاۋازسىز سادا
ئەكس ئېتەر زېمىندا، سۇدا.
                          («دېڭىزدىكى كوچا»دىن)
بىز بىلىمىز ھالاكەت نېمە
بىزنى قالدى ئارقىدا دېمە.

نۇرلىرىنى سېپەر ئەگىم ئاي،
باغ سەيلىسى، مەسچىت شولىسى
جىمىرلىغان تېرەكلىك يولدا
توۋلاپ ياڭراق سۆيگۈ ناخشىسى
كېلەر ئۇيغۇر يۈرىكى قولدا.
     («قەدىمكى مىللەتنىڭ شوخلۇقلىرى»دىن)
شائىرنىڭ تۇرمۇش سەرگۈزەشتىسىگە ئاساسلانغاندىمۇ، بالىلىق دەۋردىكى جەنۇبنىڭ دىنىي كەيپىياتى، قويۇق يېزا تۇرمۇشى، ئوقۇش جەريانىدىكى چەت ئەلنىڭ زامانىۋىلىق ئىچىدىكى جۇلالىنىپ تۇرغان دىنىي مەدەنىيىتى شائىرنىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ھەربىر شېئىرىدا شائىرنىڭ ئۆزىمۇ، ئۆزى تەۋە بولغان مىللەتنىڭ تەقدىرى، دىنىي ئېتىقادىمۇ، تەبىئەت ۋە جەمئىيەتنىڭ گۈزەللىكى ۋە خۇنۇكلىرىمۇ بار. مانا بۇ شائىر شېئىرلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى.
4. تۈگەنچە
بۇ ئاددىي يازمام ئارقىلىق شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ ئىجادىيىتىنى باھالاپ بېرەلىشىم مۇمكىن ئەمەس، بىراق بىر ھەۋەسكار بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن ياقتۇرىدىغان شائىر ھەققىدىكى تەسىراتلىرىمنى يېزىپ چىقتىم.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ بىرقىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن سەۋىيەسىنى ئۈزۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تەرجىمە يولى بىلەن باشقىلاردىن ئۆگىنىشى ھەم  باشقىلارغا ئۆزىنى نامايان قىلىشى كېرەك. ئۆز ئارتۇقچىلىقىمىز بىلەن باشقىلارنى قايىل قىلالىساق، ئەدىبىياتىمىزمۇ جۇڭگودىكى، دۇنيادىكى تېگىشلىك ئورنىنى تاپقان بولاتتى. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەن: يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆز نەتىجىلىرى ئارقىلىق چوقۇم تېگىشلىك ئورنىنى تاپالايدۇ.
ئىزاھات:
[1] نىتىزى: «زوروئاستىر شۇنداق دەيدۇ»، 155-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999-يىلى نەشرى.
[2]،[3] ئادىل تۇنىياز: «پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر» 108-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004-يىل 3-ئاي، 1-نەشرى.
[4] كۇبىن: «20-ئەسىر جۇڭگو ئەدەبىيات تارىخى» 2 –بەت، شەرقى جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2008-يىل 9-ئاي، خەنزۇچە نەشرى.
[5] ئەخمەتجان ئوسماننىڭ «تەڭرىتاغ» 1991-يىللىق 6- سان 78-بەتتىكى «شېئىر مەسىلىلىرى» ماقالىسىدىكى نەقىل.
[6] چىڭگىز ئايتماتوف: «مەشھۇر ئەدىبلەرنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدە ئېيتقانلىرى» 25-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1991-يىل 9-ئاي نەشرى.
[7] باتۇر روزى: «شېئىرىيەتتە ئادەم»، تەڭرىتاغ ژۇرنىلى، 1991-يىل 6-سان، 84 –بەت.
[8]  ئېزراپوند: ئەخمەتجان ئوسماننىڭ «شېئىر مەسىلىلىرى» ماقالىسىدىكى نەقىل «تەڭرىتاغ» 1991-يىل 6-سان، 80-بەت.
[11] [9] ئادىل تۇنىياز: «پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004-يىل 3-ئاي، 1-نەشرى، 277-بەت.
[10] پابلۇ نىرۇدا: «مەشھۇر ئەدىبلەرنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدە ئېيتقانلىرى» 25-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1991-يىل 9-ئاي نەشرى.
پايدىلانمىلار:
1. ئادىل تۇنىياز: «پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004-يىل، 3-ئاي، 1-نەشرى.
2. ئادىل تۇنىياز: «بويتاق شائىرنىڭ مەخپىيىتى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1998-يىل 6-ئاي، 1-نەشرى.
3. ئادىل تۇنىياز: «چۈمبەلدىكى كۆز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 11-ئاي، 1- نەشرى.
4. ئادىل تۇنىياز: «دېڭىزدىكى كوچا»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2006-يىل 3-ئاي، 1-نەشرى.
5. «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى 1991-يىل 5-،6-سان.
6. مورتىمېر ئادلېر: «غەرىبنىڭ تەپەككۇرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2006-يىل نەشرى.
7. كۇبىن: «20-ئەسىر جۇڭگو ئەدەبىيات تارىخى»، شەرقىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2008-يىل 9-ئاي، خەنزۇچە نەشرى.
8. نىتىزى: «زوروئاستىر شۇنداق دەيدۇ»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999-يىلى نەشرى.
9. «مەشھۇر ئەدىبلەرنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدە ئېيتقانلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1991-يىل 9-ئاي نەشرى.

تەھرىرلىگۈچى: ئابدۇرېھىم زۇنۇن

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 1117
تۆھپە : 11
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 12:20:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ئادىلجاننىڭ شېئىرىيەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى خېلى ياخشى ئىپادىلەپ بېرەلىگەن ماقالە.

ئۆزۈڭدىن چوڭلارغا چاقچاق قىلما ئابرويىڭنى يوقتىسەن،

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  232
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 973
تۆھپە : 10
توردا: 117
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 22:55:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىل تۇنىياز ئۆزىگە خاس يول تۇتقان شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى . ئاللاھ بۇ ئاكىمىزغا ھەر ۋاقىت يار -يۆلەك بولسۇن !!!

ئاتاسى بارمۇ توشقاننىڭ ؟
ئاناسى بارمۇ توشقاننىڭ ؟
بۇ يۇرتتا نىمەسى بار -
مېنىڭدەك بەختى قاچقاننىڭ ؟

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  605
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 58
تۆھپە : 0
توردا: 5
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 00:30:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىل تۇنىياز تىل ئۇسلۇپ، تىل قۇرۇلمىسى جەھەتتە مۇئەييەن  شەكىلدە شېئىريەت قەلئەسى ياسالىغان جاپاكەش شائىرلىرىمىزنىڭ بىرسى ، مەن ئۇنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىگە قايىل ، ئۇنىڭغا سالامەتلىك تىلەيمەن ...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 1117
تۆھپە : 11
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 09:51:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايچىن يوللىغان ۋاقتى  2012-4-28 22:55
ئادىل تۇنىياز ئۆزىگە خاس يول تۇتقان شائىرلىرىمىزنىڭ ب ...

   ئايچىن، توغرا دەيسىز. ئەسلىي بىز بۇ خىلدىكى ئوبزۇرلارنى ئىشلەيمەيتتۇق. بىرى سىز دېگەندەك... يەنە بىرى، ماقالىنىمۇ خېلى مۇكەممەل يازغان. شۇڭا...

ئۆزۈڭدىن چوڭلارغا چاقچاق قىلما ئابرويىڭنى يوقتىسەن،

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 1117
تۆھپە : 11
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 19:57:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatmuhammat يوللىغان ۋاقتى  2012-4-29 00:30
ئادىل تۇنىياز تىل ئۇسلۇپ، تىل قۇرۇلمىسى جەھەتتە مۇئەي ...

    ماقالىنى تورغا يوللىغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شائىرغا ۋە ماقالە ئاپتورغا ۋاكالىتەن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن.

ئۆزۈڭدىن چوڭلارغا چاقچاق قىلما ئابرويىڭنى يوقتىسەن،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش