كۆرۈش: 747|ئىنكاس: 5

مۇھەممەد ھوشۇر: ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئىجادىيەت سەۋىيەسى توغرىسىد [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1634
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 118
تۆھپە : 0
توردا: 21
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 13:34:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                              ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئىجادىيەت سەۋىيەسى توغرىسىدا

                                                           مۇھەممەد ھوشۇر

مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تارىختىكى ھەر قانداق بىر دەۋردىن غايەت زور قولايلاشقان بۈگۈنكى كۈندە ئەدەبىيات-سەنئىتىمىزنىڭ مەيلى قايسى ساھەسىگە نەزەر ئاغدۇرمايلى ماغدۇرسىزلىق ۋە بېقىندىلىقنىڭ تۇيدۇرماستىن بىر ئومۇمىي ھالەتكە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز. يۈرەكنىڭ بېغىشىغا تەگكەن قايسى بىر ناخشا، كۆز ئالدىڭىزدىن كەتمىگەن قايسى بىر رەسىم، ئۈچەيلىرىڭىزنى ئۈزۈۋەتكەن قايسى بىر ئېتوت، تەگسىز خىياللارغا غەرق قىلغان قايسى بىر شىئېر، ھەتتا ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتكەن قايسى  بىر رومان....ئەمەلىيەتتە باشقىلارنىڭ بولۇپ چىقىدۇ. بەلكىم كۆرگىنىڭىز ئەينەن كېلونلانغان ياكى ئۆزگەرتىپ قوراشتۇرۇلغان «مەھسۇلات»تۇر. بۇنداق چاغلاردا قەلبىڭىزنى تەسۋېرلىگۈسىز خورلۇق ۋە ئۈمىتسىزلىك چىرمايدۇ.  
دەرۋەقە، بۈگۈنكى دۇنيادا سىرتقى تەسىردىن تامامەن مۇستەسنا ھالدا يېڭىلىق يارىتىش مۈمكىن ئەمەس. يېڭى ئەسىردىن بۇيانقى ئەدەبىيات-سەنئىتىمىزمۇ ئەتراپىمىزدىكى قېرىنداش مىللەتلەر ۋە يات ئەللەرنىڭ تەييار تەجرىبىلىرىدىن قانغۇچە «ئوزۇق»لاندى. بىراق، 10 مىليۇندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىيات-سەنئىتىدە يەنە چوقۇم ئۆزىگە خاس جەزىبىدارلىق ۋە ئىجادكارلىق بولۇشى كېرەك. بۇ ھەقتە سوغۇققانلىق بىلەن ئويلانساق، بىزدىكى ئىجادىيەت قۇۋۋىتىنىڭ بارغانسىرى ئاجىزلىشىپ يېگىلەش ھالىتىگە كېلىپ قالغانلىقىنى تەن ئالماي تۇرالمايمىز.
تەقرىبىي ھېساپلاشلاردىن مەلۇمكى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىلىدا كىتاپ چىقىرالايدىغان ئالتە نەشرىياتتىن يىلغا چىقىۋاتقان ئەدەبىي كىتاپلارنىڭ سانى 35~40  پارچە ئەتراپىدا، بۇنىڭ ئىچىدە يېقىنىقى 5 يىلدىن بۇيان نەشىر قىلىنىۋاتقان رومانلارنىڭ سانى يىلىغا 15~20 پارچىغىچە بولىۋاتىدۇ، بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تەۋە ھەر دەرىجىلىك 11 ئەدەبىي ژورنالنىڭ يىللىق ئەسەر ئېلان قىلىش مىقدارى تەخمىنەن 2500 پارچە ئەتراپىدا، ئەگەر بۇنىڭغا بارلىق گېزىتلەرنىڭ ئەدەبىيات سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى قوشساق بۇ سان تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. ئەمدى بۇلارنىڭ ئىچىدە زادى قانچىلىك سەر خىل، ئېسىل ئەسەرلەر بار؟ جاۋابى ھەممىمىزگە ئايان- ناھايىتىمۇ ئاز!
«ئىجادىيەت»تىن ئىبارەت بۇ سۆز گەرچە ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە كەڭرى ئىشلىتىلسىمۇ بىراق ئۇ ئاللاقاچان ئۆز مەناسىنى يوقاتقان. بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئاشكارە ئېلان قىلىنغان، كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرىشىغا ۋە ئىتراپىغا ئېرىشكەنلىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى «ئىجادىيەت» ھېساپلانماقتا....ھەقىقىي مەنىدىكى ئىجادىيەتنىڭ يېڭىلىق، ئەسلىيلىك ۋە مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت تۈپ ئالاھىدىلىكلىرى ئۇنتۇلماقتا....
سۈپەتلىك ئەسەرلەرنىڭ يارىتىلىشى دەل مۇشۇ ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ ئىجادچانلىق روھىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئەگەر بىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بارلىق يازارمەنلەر بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى (تور ئەدبىياتىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) 50 مىڭ ئەتراپىدا دەپ پەرەز قىلساق ئەدەبىيات نوپۇسىمىزنىڭ ئومۇمىي نوپۇستا ئىگەللىگەن نىسبىتى تەخمىنەن %0.5 ئەتراپىدا بولىدۇ، بۇ خېلىلا چوڭ سان. بىراق بىزدە ئەدەبىياتنىڭ ئىجادىيلىقى ھەققىدە ئويلۇنۇش كەمچىل بولۇپكەلدى.
ئىجادچانلىق-ئەنئەنىۋى قاراش، كونا قائىدە، قىلىپلاشقان ئەندىزە ۋە بىكىنمە مۇناسىۋەتلەردىن ھالقىپ ئۆتۈپ ئەھمىيەتلىك يېڭى ئىددىيە، ئۆزگىچە شەكىل ۋە چوڭقۇر چۈشەنچىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىقتىدارى بولۇپ ئەسلىيلىكى، ئىلغارلىقى ۋە تەسەۋۋۇرچانلىقى بىلەن خارەكتېرلىنىدۇ. ئۇ بەدىئىي ئىجادىيەتنىڭ تۈپ ئېھتىياجىدۇر. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، نۆۋەتتە كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئۇچۇر، ئالاقە، تىبابەت، مىمارچىلىق قاتارلىق ساھەلەردە يۈز بېرىۋاتقان غايەت زور ماددى مۆجىزىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، مىللىي ئەدەبىياتىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان مەنىۋى يېڭىلىنىشلار تولىمۇ ئاستا ۋە تولىمۇ تېيىز بولماقتا....ئېلان قىلىنىۋاتقان كۆپلىگەن ئەسەرلەر ئىجادىيەتنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى بولغان ئەسلىيلىك ۋە مۇستەقىللىقتىن يىراق بولۇپ ئۇلارنى «بېقىندى» ياكى «نىمكەش» ئىجادىيەت دېيىشكە بولىدۇ....ئۇلاردا ئىپادىلىنىۋاتقىنى خەق ئېيتىپ بولغان پىكىر، خەق قوللانغان شەكىلنى قايتا-قايتا تەكرارالاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس....
مېنىڭچە، بارلىق سەنئەت شەكىللىرى ئىچىدە ئەدەبىياتنىڭ زېمىنى ئەڭ كەڭ بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئۇنىڭ تاينىش ۋاسىتىسى نىسبەتەن ئاز. بىر يازغۇچى ئۈچۈن تۇيغۇن قەلب ۋە ئاددى قەغەز قەلەملا كۇپايە. ئۇ رەڭنىڭ، شەكىلنىڭ، ئاۋازنىڭ، ھەرىكەتنىڭ چەكلىمىسىدىن خالىي. تىل سەنئىتىنىڭ ئىجادىيەت مۈمكىنچىلكى تەسەۋۋۇرىمىزدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن. بۇ ھەقتە فرانسىيە يازغۇچىسى مىران كوندىرا «پروزا ئىپادىلەش جەھەتتە چەكسىز ئەركىنلىككە ئىگە، بىراق ئۇ ئۆز تارىخىدا بۇ ئەركىنلىكتىن تولۇق بەھرلىنەلمىدى»دېسە يەنە بىر ئەنگىليەلىك يازغۇچى ھېنرىي جەمىس «ئوخشاش بىر پارچە ھېكايىنىڭ بەش مىليۇن خىلدىن ئارتۇق ئېيتىش ئۇسۇلى بار.» دەيدۇ....
يېڭى ئەسىردىن بۇيانقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پاقىراق ئەمما قانسىز، قايناق ئەمما جانسىز ھالىتى بىزگە چوڭ بىر سۇئال قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ جاۋابىنى يەنىلا يازغۇچىلارنىڭ كونكرىت ئىجادىيەت جەريانىدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت خاھىشىمىزدا مۇنداق 4 خىل ئەھۋال بىر قەدەر گەۋدىلىك بولماقتا:
بىرىنچىسى تەقلىدچىلىك:بۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بىر پۈتۈن تەرەققىيات مۇساپىسىدە كۆرۈلگەن ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى. مەيلى بەدىئىي ئەسەر يېزىقچىلىقىدا بولسۇن، مەيلى ئەدەبىيات تارىخي ۋە ئەدەبىيات نەزىريەسى تەتقىقاتىدا بولسۇن بۇ خىل باشقىلارغا قارا-قويۇق ئەگشىدىغان ۋە دورايدىغان خاھىشنىڭ بىر ئومۇمىيلىققا ئايلانغانلىقىنى بايقايمىز...ھەتتا بۇ خىل ھالەتنىڭ مەلۇم بىر كونكىرت شەخستىن ھالقىپ چوڭ ئەدەبىي ھادىسىلەرگە قەدەر كېڭەيگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز...مەسىلەن جاراھەت ئەدەبىياتى، يىلتىزىنى ئىزدەش، گۇڭگا شىئېر، مۇدىرنىزىم، سېھرىي رىئالىزىم، ئاياللار ئەدەبىياتى قاتارلىق ئەدەبىيات ھادىسىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئېقىمغا ئەگىشىپ يۈز بەرگەنلىكى، ئەكسىچە ئەدەبىيات تارىخمىزدا ئۆزىمىزگە خاس ئەدەبىي ھادىسىلەرنىڭ ناھايىتى ساناقلىق ئىكەنلىگى بىزنى چوڭقۇر ئەپسۇسلاندۇرماي تۇرالمايدۇ.
مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، تەقلىدچىلىك باشقىلارنىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلىدىن ئورنەك ئېلىش بولۇپ بەدىئىي تەپەككۈر سۈپىتى نىسبەتەن تۆۋەن بولغان قوبۇل قىلىشتۇر. بىزدە ئۇنىڭ داۋاملىشىشى ناھايىتى ئۇزۇن ۋە دائىرسى بەكلا كەڭ بولۇپ كەتتى.
ئىككىنچىسى بېكىنمىچىلىك: يەنى دۇنيا قانچىلىك ئۆزگىرىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۆزى مېڭىۋاتقان كونا يولدىن ۋاز كەچمەيدىغان، پىكىر تەكرارلىقى، شەكىل تەكرارلىقى، ئىپادىلەش تەكرارلىقىدىن قىلچە زېرىكمەيدىغان بىر خىل يېزىقچىلىق خاھىشى بولۇپ بۇ تۈردىكى ئەسەرلەردىن كېلىۋاتقان  تۇرمۇش  ۋە سەنئەت ھەققىدىكى چۈشەنچىلەر شۇ قەدەر يۈزە ۋە شۇ قەدەر ئاجىز. بۇلاردىن سىز ياكى ئەنئەنىنىڭ دۇردانىلىرىنى كۆرەلمەيسىز  ۋە ياكى خاسلىقنىڭ ئۇۋاقلىرىنى  ئۇچرىتالمايسىز....بىراق ئەدەبىياتىمىزدا ھەقىقەتەنمۇ خېلى كۆپ ساندا مۇشۇنداق ئەسەرلەر بار. ئۇلار پەقەت  ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى جۈملە ۋە ئابزاسلارغا ئايلاندۇرالىغىنى ئۈچۈنلا ئەدەبىيات كوچىسىنى ئاۋات قىلىپ يۈرىۋېرشىدۇ....بىكىنمىچىلىك ئەمەلىيەتتە ئادەت كۈچىدىن ھالقىيالمايۋاتقان ئېستىخيىلىك ئىنكار قىلىش بولۇپ بەدىئىي ئىجادىيەتنىڭ تۈپ قانۇنىيتگە زىت بىر خىل ئۇرۇنۇشتۇر.
ئۈچىنچىسى ئەگەشمىچىلىك: بۇ خىل يېزىقچىلىقتا ئىجادچانلىق يازغۇچىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ئىچكى ئېنىرگىيەسىدىن كەلمەستىن بەلكى تۈرلۈك نوپۇس ئىگىلىرى ۋە بىر تۈركۈم «مەشھۇر ئەسەرلەر»دىن كېلىدۇ. بەلكىم ئۇلارنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىدە بەزى ئۆزگچىلىكلەر بولۇشى مۈمكىن، بىراق مەزمۇنى يەنىلا باشقىلارنىڭ، ئۆزلىرى مەزمۇن يارىتالمايدۇ، ئىددىيە ئىشلەپچىقىرالمايدۇ.
ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئىمكانىيەتلىرى تىل، ماكان، زامان، ئىقتىساد قاتارلىق ئامىللارنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرىغان مەزگىللەردە بۇ خىل «ئەكىلىشپەرۋەرلىك»نىڭ ئۆزى زور يېڭىلىق ھېساپلانغان ۋە بىزنىڭ مەنىۋى، ئىجتىمائىي ھاياتىمىزدا كۆپلىگەن ئىجابىي روللارنى ئوينىغان ۋە ئوينىماقتا. ئەمما ئۇچۇرغا ئېرىشىش ۋە ئۇنىڭغا قارا قويۇق ئەگىشىشنىڭ ئۆزى يەنىلا بىر خىل «نىمكەش» ئىجادىيەتتۇر.
تۆتىنچىسى كۆچۈرمىچىلىك: 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا بىز بۇ خىل ئىللەت تەنقىد قىلىنغان ماقالىلارنى پات-پات ئۇچرىتىپ تۇراتتۇق... غايەت زور ئۇچۇر قورشاۋىدا تۇرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمىز زور خېرىسقا دۇچ كەلمەكتە...
بۇ خىل باشقىلارنىڭ ئىجادىيەت مېۋىسىنى مەزمۇن ۋە شەكىل بىلەن قوشۇپلا ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدىغان ئەخلاقسىز قىلمىش بارا-بارا كىشىلەرنىڭ دىققەت نەزىرىدىن كۆتىرىلمەكتە.بىراق ئۇ نۇسخىلاش، ئۆزگەرتىش، قوراشتۇرۇش، پەردازلاش قاتارلىق ھەر خىل نىقابلار بىلەن ھازىرقى ئىجادىيەت ئەمەلىيتىمىزدە يەنىلا تىمسىقلاپ يۈرمەكتە...
يۇقارقىلار بىر پۈتۈن ئەدەبىي ئىجادىيەت قوشۇنىمىزنىڭ ئومۇمىي ساپاسىدا كۆرۈلگەن بىر قەدەر تىپىك مەسىلىلەردۇر. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۆزىدىن ھالقىپ دۇنياغا يۈزلىنىشى ئۈچۈن چوقۇم كۈچلۈك ئىجادىيەت قۇۋۋىتىگە ئىگە  زور بىر تۈركۈم ئىقتىساسلىقلار بولۇشى كېرەك....
ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يەنە ناھايىتى ئاز ساندىكى تەكرارلىقتىن خالىي، ئەسلى مەنىدىكى بىر تۈركۈم ئىجادىيەت ئاۋانگارتلىرىمۇ بار....ئۇلار بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ غول ئۇمۇرتقىسىدۇر.
ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزى ئەزىلى ۋە ئەبىدى تەكرارلانماس بىر مەۋجۈدىيەتتۇر.شۇڭلاشقىمۇ ھەر بىر ئىجادكار ئۆزىنىڭ مۇستەقىل بىر گەۋدە ئىكەنلىگىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشى زۆرۈر. ئىنسان بەدىئي ئىجادىيەتتە ئۆز خاسلىقىغا قانچىكى يېقىنلىشىدىكەن، ئۇنىڭ ياراتقىنى شۇنچىلىك ساپ ۋە قىممەتلىك بولىدۇ. ھەقىقى مەنىدىكى ئىجادىي ئەسەرلەرنىڭ ھەتتا پەش-چېكىتلىرىدىنمۇ  بىر خىل ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.
كىشىنى ئەڭ سۆيۈندۈرىدىغىنى شۇكى، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئېچىۋېتىلگەن بىر ھالەت مەۋجۈد، جوڭگۇ ۋە چەتئەللەرنىڭ ئەدەبىيات سەنئەت ئېقىملىرى ۋە مۇۋەپپىقىيەتلىرى بىلەن كۆپلەپ توۇنۇشتۇق،خېلى كەڭ نەزەر دائىرىگە ئىگە بولدۇق. مانا ئەمدى ئۆزىمىزگە خاس بولغان تېخىمۇ يارقىن، تېخىمۇ چىن بىر ئىجادىي ئەدەبىيات بەرپا قىلىش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق نىشانىغا ئايلىنىش كېرەك....
[ بۇ يازمىنى شىراق تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2014-1-29 13:35 ]

[ بۇ يازمىنى شىراق تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2014-1-29 13:36 ]

[ بۇ يازمىنى Erchin تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2014-1-29 13:39 ]


Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1304
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3702
تۆھپە : 1
توردا: 637
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-19

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 17:20:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىنىڭ ياخشى يېزىلغانلىقى تېماتىك مەزمۇننىڭ دەل يورۇتۇلغانلىقىدىلا ئەمەس بىر پۈتۈن ئىجادىيەت ئەمىلىيىتى نەزەردە تۇتۇلغانلىقى،ئىجادىيەت ئۇقۇمىنىڭ ئەسلى مەنىسى تەكىتلەنگەنلىكى جەھەتتە كۆرۈلىدىكەن.ماقالىدىكى يېڭىلىق : ئەدەبىياتنى پەنگە چېتىۋىلىش،-قوشۇۋېلىش ئېزىقىشىدىن مۇستەسنا ھالدا ئەدەبىياتنى سەنئەت بىلەن باغلاپ-مۇناسىۋەتلەشتۈرۈش ناھايىتى ياخشى بوپتۇ.مەن سەنئەتكە يېقىنلاشقان قىسقا ھەجىمدىكى مېغىزلىق بۇ ماقالىنى كۆرۈپ خۇشال بولدۇم.ماكرۇلۇق نەزەر،ئۆتكۈر پىكىر،دەل قويۇلغان دىئاگنوز بەكمۇ جىپسلىشىپتۇ.ماقالە ئۆز ھەجىمىدىن ھالقىغان ناھايىتى كەڭ مەزمۇننى قايىل قىلارلىق نامايان قىپتۇ.

ماقالە ئاپتورىنىڭ قەلىمىگە يەنىمۇ ئۆتكۈرلۈك تىلەيمەن.

ھايات__ ئىككى يوقلۇق ئارىسىدا يېرىم بىر چەمبەر. ئىما ئاڭا كۈن ۋە ئاي پۈتتۈرگەن كۈن-تۈنلۈك سەپەر.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  176
يازما سانى: 262
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1087
تۆھپە : 0
توردا: 108
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 23:38:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى مۇھەممەت ھوشۇرنىڭ مۇشۇنداق قىممەتلىك ماقالىلىرىنى داۋاملىق ئوقۇپ تۇرساقكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن، ئۇنىڭ تەپەككۈرىگە تۈگىمەس ئىلھام قوشۇلۇپ تۇرسۇن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4387
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 239
تۆھپە : 0
توردا: 48
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 13:03:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوتتۇرغا قويۇلغان پىكىرلەر ھەقىقەتەن قايىل قىلارلىق بوپتۇ.بۇ جەھەتتە مەتبۇئاتلارنىڭ يىتەكلەش كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايتتى.بىراق بىزنىڭ بەزى مۇھەرىرلىرىمىزنىڭ يېڭى نەرسىلەرگە بولغان ئەندىشىسى زىيادە...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  248
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1576
تۆھپە : 0
توردا: 350
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 20:18:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       بۇ  ماقالىدىن بىزنى تەخىرسىز بىر ئىسلاھاتنىڭ كۈتۈپ تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.  نەچچە مىڭ يىللىق ئىجادىيەت تارىخغا ئىگە بولغان بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتى ئۆز مىللىيلىكىنى ساقلاپ قالالمىسا؛ ئەدەبىيات ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ دېگەن داۋراڭغا ئەگىشىپ شۇئار توۋلاپ يۈرگەن بىلەن  مۇئەييەن بىر ئەقىدىنىڭ ئىخلاسمەن مۇرىتلىرى بولغان خەلقنىڭ ياشامىدىكى جان - تومۇر  بولغان ئىتىقاد ئامىللىرى ئەكس ئەتتۈرۈلمىسە؛ قەدىمدىن بۇيان خىلمۇ خىل ھاكىمىيەتلەرگە شاھىت بولۇپ ياشىغان پۇخرالارنىڭ سىياسىي قاراشلىرىنى ئەدەبىيات چەتكە قاقسا؛  كۆپلىگەن مەدەنىي مىراسلارنىڭ ۋارسلىرى بولغان  ئاۋامنىڭ ئۆرپ -ئادەت ۋە ياشاش ئۇسۇللىرى ئەدەبىيات ئارقىلىق قوغداشقا ئېرىشەلمىسە؛  سىستېمىلىق پەلسەپە جەريانىغا ئىگە بولغان بۇ قەۋمنىڭ  دۇنيا ۋە كىشىلىك قاراشلىرى ئىجادىيەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپالمىسا؛ شانلىق تارىخ سەھىپىلىرىنى ياراتقان ئەجدادلارنىڭ سىماسى ۋە پائالىيەتلىرىنىڭ چىن تەرەپلىرى ئەدەبىياتتا ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈلمىسە ئەلۋەتتە ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان خاھىشلارنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىنى توسقىلى بولمايدۇ.
          ئۇيغۇر ئەدەبىياتى «خۇد ائۆلدى» (نىتىسى)  دەپ جۆيلۈسە «بەرھەق» دەپ دوست تارتىدىغان؛ «دۇنيا بىمەنىلىككە تولغان» (سارتىرى) دەپ  جار سالسا«ھەق راست» دەپ ئەگىشىۋىرىدىغان؛ «ھاياتلىق دېگەن بىر قۇرۇق نەرسە» (شۇپىنخاۋىر) دەپ سۆزلەپ يۈرسە «دۇرۇست» دەپ ئىشىنىۋىرىدىغان ئەدەبىيات ئەمەس. بەلكى ئۆزىنىڭ مىللىيلىكى، ئىتىقادىي، سىياسى، تارىخىي، مەدەنىيەت، دۇنيا قاراش ۋە كىشلىك تۇرمۇش قاراشلىرىغا ئىگە بولغان بىر خەلقنىڭ ئەدەبىياتى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى قانداقتۇر چاڭلاشما تايىپىلەرنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ كېتىۋاتقان ئەدەبىياتىدىن قارىغۇلارچە ئۆگىنىش بىلەن راۋاج تاپمايدۇ، بەلكى ئۆزىدىكى خاس ئىجادىيەت ئامىللار بىلەن دۇنيا ئەدەبىياتىدا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالايدۇ.
   
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بەگزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-30 20:19  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2249
يازما سانى: 787
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1495
تۆھپە : 2
توردا: 154
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-28

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 07:26:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەت ھوشۇرنىڭ بۇ ماقالىسى مەيلى پەلسەپىۋى چۇڭقۇرلۇق بولسۇن،مەيلى ئەدەبىيات
بۈيۈكلىكىدىن بولسۇن ھەم ئىخچام،ھەم مىغىزلىق،ھەم كىشىنى ئويغا سالىدىغان ھەم
ئەدەبىياتنىڭ سەنئەتلىك خۇسۇسىيەتلىرى جەھەتتىكى جەلپكارلىقىدىن بولسۇن ئۆزگىچىلىككە
ئىگە چىقىپتۇ...بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيەت ھەم تىتىملىق تەتقىقاتلىرىدىن داۋاملىق بىلىم
ئىلىپ تۇرۇشنى خالايمىز...ئۆزلىرىگە ئالىي تەشەككۈر...!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش