ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت 1972 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى پىچان ناھىيىسىنىڭ تۇيۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1992 ـ يىلى تۇرپان ۋىلايەتلىك دارىمۇئەللىمىننى پۈتتۈرگەن. ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ 1998 ـ يىلى تىل ـ ئەدەبىيات كەسپى بۇيىچە تولۇق كۇرس دىپلومى ئالغان. 1992 ـ يىلى خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان پىچان ناھىيە تۇيۇق مەركىزىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى، ئىلمىي مۇدىر، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۈجىسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 2000 ـ يىلى 8 ـ ئايدىن بۇيان تۇرپان ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. 2004 ـ يىلى تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «كەسپ ۋە ئەخلاقتا تەڭ يېتىلگەن مۇنەۋۋەر يازغۇچى»، 2005 ـ يىلى تۇرپان ۋىلايىتى بويىچە «10 مۇنەۋۋەر» ياش بولۇپ مۇكاپاتلانغان. ئۇ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى. ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت 1989 ـ يىلى «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «مەن دوستلۇققا يارىمايمەنمۇ؟» نامىلق ھېكايىسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە قەدەم قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ«ئۆلۈم ۋەھىمىسى» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى، «چاڭ باسقان ئالتۇن» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، «تاشقا ئايلانغان كۆز ـ يېشى» ناملىق رومانى، «تىل ـ ئەدەبىيات تەكرار يېتەكچىسى» ناملىق ئوقۇتۇش پايدىلىنىش ماتېرىيالى، «ئىناق دوستلار» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى، «بالىلىقتا سوئال كۆپ» ناملىق رومانى ، «سېۋەتچىلىك ۋە بورىچىلىق» ناملىق پەن ـ تېخنىكا ئوقۇشلىقى، «كۆز يېشىدا ئېچىلغان گۈل» ناملىق رومانى، «پادىچى ۋاڭ» ناملىق تارىخىي رومانى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، شىنجاڭ ياشلار ـ ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
|