كۆرۈش: 394|ئىنكاس: 0

ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 675
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2400
تۆھپە : 232
توردا: 1458
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-1

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 00:34:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

untitled.bmp


ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت 1972 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى پىچان ناھىيىسىنىڭ تۇيۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1992 ـ يىلى تۇرپان ۋىلايەتلىك دارىمۇئەللىمىننى پۈتتۈرگەن. ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ 1998 ـ يىلى تىل ـ ئەدەبىيات كەسپى بۇيىچە تولۇق كۇرس دىپلومى ئالغان. 1992 ـ يىلى خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان پىچان ناھىيە تۇيۇق مەركىزىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى، ئىلمىي مۇدىر، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۈجىسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 2000 ـ يىلى 8 ـ ئايدىن بۇيان تۇرپان ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. 2004 ـ يىلى تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «كەسپ ۋە ئەخلاقتا تەڭ يېتىلگەن مۇنەۋۋەر يازغۇچى»،  2005 ـ يىلى تۇرپان ۋىلايىتى بويىچە «10 مۇنەۋۋەر» ياش بولۇپ مۇكاپاتلانغان.

   ئۇ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى.

   ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت 1989 ـ يىلى «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «مەن دوستلۇققا يارىمايمەنمۇ؟» نامىلق ھېكايىسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە قەدەم قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ«ئۆلۈم ۋەھىمىسى» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى،  «چاڭ باسقان ئالتۇن» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، «تاشقا ئايلانغان كۆز ـ يېشى» ناملىق رومانى، «تىل ـ ئەدەبىيات تەكرار يېتەكچىسى» ناملىق ئوقۇتۇش پايدىلىنىش ماتېرىيالى، «ئىناق دوستلار» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى، «بالىلىقتا سوئال كۆپ» ناملىق رومانى ، «سېۋەتچىلىك ۋە بورىچىلىق» ناملىق پەن ـ تېخنىكا ئوقۇشلىقى، «كۆز يېشىدا ئېچىلغان گۈل» ناملىق رومانى، «پادىچى ۋاڭ»  ناملىق تارىخىي رومانى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، شىنجاڭ ياشلار ـ ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.  



باھا سۆز

admin  بۇ ئەدىبنىڭ ئىجادىيتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن !  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 20:59:34
www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش