كۆرۈش: 784|ئىنكاس: 23

«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ26-يانۋار«ئەدەبىيات گۈلزارى» بېتىنىڭ مۇندەرىجىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2158
يازما سانى: 1442
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 4208
تۆھپە : 0
توردا: 904
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-31

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 21:24:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ26-يانۋار«ئەدەبىيات گۈلزارى» بېتىنىڭ مۇندەرىجىسى
مەسئۇل مۇھەررىر:جۈرئەت كامىل
مۇھەررىر:ئابدۇلھەي ئابدۇلھەق
كوررېكتور:رەيھانگۈل خۇدابەردى

شېئىرىيەت:
ئاشۇنداق چىداملىق تاشيولچى دېگەن................ ئەكبەر ئابدۇرېشىت
ئىككى شېئىر........... ...........................يالقۇن ئەزىزى
ئىزگۈ ئارمان قۇچقان خىياللار........................ئۈمىدجان قادىرى
كەچكۈزدىكى رەڭ...........................سائادەت ساتتار ئايتۇغ
دىلنى ئالدى شېرىن تىنىقلار.......................مەھمۇد ھېيت مەھدى
نەسىر گۈلىستانى
مەن تاشيولچى................................نۇرىمانگۈل ۋاھىت
مەجنۇن خىياللار...........................ئابلەت مۇھەممەت كۈيزار

فوتو سۈرەت
يول«مۇئەككەل»لىرى....................ئۆركەش جاپپار
«پېشانەڭ ئوڭ بولغاي»......................ئابلىز ئابدۇللا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تىمسال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-27 21:28  


Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2158
يازما سانى: 1442
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 4208
تۆھپە : 0
توردا: 904
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-31

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 21:36:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىزگۈ ئارمان قۇچقان خىياللار
ئۈمىدجان قادىرى
يۇرتۇمدىكى دەريا
ئىڭڭەيىمدىن قىرىققا قەدەر،
ياشاپ كەلدىم سېنىڭ بويۇڭدا.
ئارمانلىرىم سۈزۈك جىلۋىگەر،
خۇي-پەيلىممۇ چىقتى خۇيۇڭدا.

دولقۇنۇڭدىن ئىرادەم ھاسىل،
بۇژغۇنلىرىڭ سۆيگۈمنى تۇغقان.
تورالمايدۇ يولۇمنى پاسىل،
بۇ ئۇدۇممۇ سېنىڭدىن يۇققان.

ئېھ،توختىماس يۇرتۇم دەرياسى،
پەقەت ھارماس كارۋانسەن گويا.
چۆلدە قالغان مەشۇق زىباسى،
ئاشىقتىكى ئارمانسەن گويا.

مەن تەۋەللۇت سېنىڭ بويۇڭدا،
يەنە بىر كۈن ئۆلۈپ كېتەرمەن.
ھامان بىر كۈن ۋىسال تويۇڭدا،
شادلىنارمەن كۈلۈپ كېتەرمەن.
ئەللەي كۈيى
زېمىن مۈگدەر سۈكۈت ئىچىدە،
ھۇجرىدا چۈش كۆرەر تۇلۇنئاي.
بىر ئۆي يورۇق،تىمتاس كېچىدە،
ئەللەي ئېيتار ئانا ئۇخلىماي.

ئۈشبۇ كۈينى ئاڭلاپ شاماللار،
رۇجەك تامان ئۇرۇلار بىھۇش.
ئىزگۈ ئارمان قۇچقان خىياللار،
دىل-ۋۇجۇدنى ئەيلەيدۇ مەستخۇش.

بۆشۈك تەۋرەر لەرزان تىنىمسىز،
يۇمران تىنىق بۇندا تويۇنغان.
شۈنچە زىلال،شۇنچىلىك شەكسىز،
ئانا مېھرى بىلەن يۇيۇنغان.

ھاياجانلىق ئىلھامغا پېتىپ،
سۈرەت سىزار شائىر قەلىمى.
سۆيگۈ بىلەن كېلىدۇ يېتېپ،
زىيا قۇچقان تاڭنىڭ قەدىمى.
دوستلارغا تىلەك
جان-تېنىمنى ساتساڭلار مەيلى،
سىرلىرىمنى ساتماڭلار دوستلار.
يولىمىسۇن نامەردلەر پەيلى،
پىنھاندىن ئوق ئاتماڭلار دوستلا.

ساپ دىللارغا پىچاق بىلىسەم،
سالامىمنى كۆرمەڭلار قۇبۇل.
ئۆزۈم ئۈچۈن باھار تىلىسەم،
كاچكۇل تامان تاشلاڭلار ئۇدۇل.

ئەلنىڭ يۈكى،ئاۋام ئىشىنى،
ئالالمىسام زىممەمگە ئەگەر،
تامام ئېتىپ نۇرنىڭ ئىشكىنى،
يولاتماڭلار ھويلامغا سەھەر.

دوستلار ھامان كېتىمىز بىر كۈن،
ھايات بىلەن خوشلىشىپ،ئۆلۈپ.
ئەل ئالدىدا بولماستىن زەبۇن،
ياشايلى بىز كۈلدۈرۈپ،كۈلۈپ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تىمسال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-27 21:38  


Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 2683
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 10214
تۆھپە : 5
توردا: 672
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-28

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 00:44:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سان گېزىت ۋە ئەسىرىق ئېلان قىلىنغان ئاپتۇرلارنى مۇبارەكلەيمەن.

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 1695
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 10299
تۆھپە : 3
توردا: 1087
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-31

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 00:47:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سان گېزىتتە  ئەسىرى ئېلان قىلىنغان سائادەت ساتتار قاتارلىق ئاپتۇرلارنى مۇبارەكلەيمەن!

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2158
يازما سانى: 1442
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 4208
تۆھپە : 0
توردا: 904
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-31

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 00:58:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرلىرى ئىلان قىلىنغان ئاپتۇرلارنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىنى ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 1695
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 10299
تۆھپە : 3
توردا: 1087
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-31

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 01:09:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كەچكۈز رەڭگى-غېرىپ رەڭ

سائادەت ساتتار ئايتۇغ

كىلەلمىدىڭ،بارالمىدىم ھېچ،
ئۆتتى تالاي دىدارسىز كۈنلەر.
قۇۋۇقتىكى بىچارە دەمدەر،
بەكمۇ مىسكىن بىر كۈيدە ئۈنلەر.

چۈشسە ياپراق كۆڭلۈممۇ يېرىم،
كەچكۈزدىكى غېرىپ رەڭلەردەك.
مىسكىن دۇنيا، ئۈنسىز ياشلىرىم،
ئاقار يەنە قانچە يىل سەلدەك؟

ياش ئەمەستۇر كۆزدىن ئاققىنى،
تۇز سۈيىدەك قىرتاق بىر ئازاپ.
ھېجران دىلنى ئەزدى توختىماي،
سۆيۈلمىدۇق ئىنتىلىپ ياشاپ.

تىلەپ كەلدۇق شىرىن دەملەرنى،
ھەر كېچىسى باھارنى چۈشەپ.
ئۆتۈپ كەتتى شۇنچە ئاي-يىللار،
سۆيۈلمىدۇق سۆيۈشنى ئىستەپ.

شىنجاڭ گېزىتى2014-26-يانۋار


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1115
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1132
تۆھپە : -1
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 01:26:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تىمسال ئەپەندىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت، بۇ ساندا ئەسىرى ئېلان قىلىنغان بارلىق دوسىتلارغا مۇبارەك بولسۇن !

بىلوگىمغا ئەسەرلىرىمنى يوللىدۇم، كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قى

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59
يازما سانى: 476
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1475
تۆھپە : 0
توردا: 389
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 09:48:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرى ئېلان قىلىنغان ئاپتۇرلارغا مۇبارەك.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2761
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 248
تۆھپە : 0
توردا: 18
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 11:43:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرى ئېلان قىلىنغان ئاپتۇرلارغا مۇبارەك.

ھەممىمىزگە بەخىت يار بولغاي!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1558
يازما سانى: 404
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1056
تۆھپە : 0
توردا: 140
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 13:48:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەبرىكلەيمەن،

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  396
يازما سانى: 514
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3297
تۆھپە : 0
توردا: 375
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-29

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 15:49:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەجنۇن خىياللار

( نەسىر)


ئابلەت مۇھەممەد كۈيزار


1
گۈلزارلىق باغلاردا سېنىڭ سىمايىڭ بار. سەن ھۈپپىدە پۇرەكلىگەن قىزىلگۈلگە ئوخشايسەن. بەرگىڭدە مۇھەببەت، مۇھەببەتنىڭ ھەربىر ئىسسىق تىنىقلىرى مېنى كۆيدۈرۈپ تۇرىدۇ. كۆيۈشلىرىم ساڭا چەكسىز ھارارەت.  
باھار تەبەسسۇم قىلغان بىپايان ساھىلدا ئىككىمىزنىڭ دەريادىن چوڭقۇر ھېكايىمىز بار. كۆزۈڭ سۈزۈك تەسۋىرلەرگە تولغان. يۈرىكىڭ لىرىك پىچىرلىغان. قەدەملىرىڭدە سەلكىننىڭ مېھىرلىك تىلەكلىرى شىۋىرلايدۇ.
نىگاھىڭ بوستانىدا زۇمرەت قەترە بولۇپ قۇيۇلغىنىمدا، قاقاس بوز تۇپراق ياپيېشىل ئورمانزارغا ئايلاندى. ياپراقلىرىڭدا مېنىڭ قەلىب سۆزلىرىم بار.
2
   قۇشلار قەلبىنى سۆزلىگەن سۆيۈملۈك دەملەر ئېسىڭدىمۇ؟ ئەسلىمىلىرىڭ مېىنىڭ جەريانىم بىلەن تولغان. يۈرىكىڭ مېنىڭ ئىزلىرىم بىلەن بىپايان يوللارغا مۇھەببەتلىك باققان. ئىنتىزارلىق تامچىغان لەۋلىرىڭدە مېنىڭ ئىسمىم تەكرارلانغان.ئاھ! دەپ ئاسمانغا كۆز تاشلىغىنىڭدا مەن بەخت يۇلتۇزى بولۇپ ئاشىقلىق نۇرلىرىمنى ساڭىلا تاراتقان.
  ئاپئاق سەھەرىستان بىزگە ۋىسال قەلئەسى! كەل سېنى ئەبەدىيلىككە باغىرىمغا بېسىۋالاي. باغرىمدا نازاكەتلىك تۇلۇنغا ئايلان. ئايدىڭلىرىڭدا كۆك كۈي مەۋجۇدلۇق زېمىنلىرىغا ئۆزلۈك جۇلاسىنى بەرسۇن!

3
  كۆڭۈل بوستانىڭدا سۆيۈملۈك ئارسلانىڭغا ئايلانغىنىمدىن بىرى چەكسىز بەخىتلىكمەن! سەن ماڭا بىغۇبار ۋۇجۇدۇڭدا بولغانكى ھەممە، ھەممەڭنى، بىر جېنىڭ بىلەن ئەمەس، مىڭ جېنىڭ بىلەن بەردىڭ. مەۋجۇدلۇق ئالىمىمدە بارلىقىم بولۇپ ھاياتىمدەك پارلىدىڭ. پارلاشلىرىڭدا سەۋدالىقىم تارىم دولقۇنىدەك ئۇلغايدى.
ساڭا بىقارار مەجنۇنلۇقۇمدىن گۈزەل نەقىشلەرنى چىكىپ بەخىت قولۋىقى ياسىدىم. بۇ قولۋاققا ئىككىمىزلا سىغىمىز.
4
كۆز ياشلىرىڭ ئېقىنغا ئايلىنىشتىن بۇرۇن باغرىمغا ۋۇجۇدۇڭ بىلەن سىڭىپ كەت ئاپپىقىم!
غەم كەلكۈنلىرى قەھرى بىلەن باستۇرۇپ يۈرىكىڭنى ئارامسىزلاندۇرۇۋاتقان كۈنلەرگە ھامان خاتىمە بېرىپ، بەخىت قەلئەسىدە مۇھەببەتلىك تىنىقلىرىمىز بىلەن يۈرەكلىرىمىزنى ئوقۇپ ياشايدىغان ۋىسال دەملىرىمىز كېلىدۇ. سەھەر بىزگە ئاپئاق تىلەكلىرىنى ھەدىيە قىلىدۇ. سەھەرىستان تامان سۈزۈك قەدەملەرنى بېسىپ جۇلالىق يۇلتۇزغا ئايلىنىپ كېتىمىز.
ساداقەت بىلەن لەۋ سوزغان گۈللەر ئۆمرىمىزگە خۇشپۇراق. ھاياتىمىزغا چەكسىز مەنا!
5
بارلىق خىياللىرىمنىڭ سەندىن باشلىنىپ داۋاملىشىۋاتقىنىدىن خۇرسەنمەن.
ۋاز كىچىش_  ھەقىقى ئەركەكنىڭ قەلبىدە بىخلىنىدىغان ساپ روھ ئەمەس!
سېنىڭ باغلىرىڭ مەن ئۈچۈن خۇشپۇراق رەيھان. سېنىڭ سۆيگۈڭ مەن ئۈچۈن تەختىگاھ. سېنىڭ خىياللىرىڭ مەن ئۈچۈن چەكسىز پەرۋاز! سېنىڭ تىنىقلىرىڭ مەن ئۈچۈن ئەقىدە بۇلىقى!
ماڭا كىچىش ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆزلىمە. كىچىشكە ئايلانغان سۆزلىرىڭ سۈزۈك سەھەرنىڭ ئاتەش تىلەكلىرىگە ئايلىنىپ سۆيگۈ ئېقىنى ۋۇجۇدۇڭنى چۇلغاپ تۇرسۇن! سەن ماڭا ئايلان، مەن ساڭىلا بېغىشلىنىپ جاسارەتكە تولاي.
سېنىڭ ئوتتەك باغرىڭغا باش قويغىنىمدا يۈرىكىمنىڭ سوقۇشلىرىدا سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭ تەۋرىمىدىمۇ؟ ھارارەتتىن لاۋۇلدىمىدىمۇ؟ ئۆزۈڭنى گۈلخاندا كۆيۈۋاتقاندەك سەزمىدىڭمۇ؟
يۈرىكىمىز سۆيگۈدە ياشىرىدۇ مەلىكەم!

2013- 10


گۈل ئۈزسەڭ سەھەردە ئۈز،
چولپان كېلۇر كۆز قېسىپ!
         
                                        __ ئاپتۇرى نامەلۇم

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  114
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1118
تۆھپە : 19
توردا: 212
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-30

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 16:25:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسرى ئېلان قىلىنغلارغا مۇبارەك بولسۇن!

كىملىك سالاھىيتىمىز ئۈستىدە ئىزدىنەيلى

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2261
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 465
تۆھپە : 0
توردا: 62
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-26

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 16:54:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈمىدجان قاتارلىق ئەسىرى ئېلان قىلىنغان بارلىق ئاپتۇرلارنىڭ ئىجادىيىتىگە بەرىكەت تىلەيمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  497
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 448
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-22

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 17:00:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سائادەت ساتتار ئايتۇغ، مەھمۇد ھېيىت مەھدى، ئابلەت مۇھەممەد كۈيزار قاتارلىق ئەزىزلەرنى مۇبارەكلەيمەن. قەلەم تۇلپارىڭلار ھەمىشە چاپچىپ تۇرغاي...

ھەر قانداق ئىش نىيەتكە باغلىق بولىدۇ. ئۆزۈڭنى ئاۋۋال ئۆزۈڭ ھۆرمەت قىلمىساڭ، باشقىلار ئەسلا ھۆرمەت قىلمايدۇ

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3756
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 280
تۆھپە : 0
توردا: 64
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 17:41:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈيزار ئىنىمنىڭ« مەجنۇن خىيالار»ى مىنى مەجنۇنلۇققا باشلاپ كىردى!.ئايتۇغنىڭ «كۈزدىكى رەڭ»لىرى ماڭاغېرىپلىق دۇنياسىنىڭ ھوزۇرىنى سۈردۈردى!ئۈمىدجان قادىرىنىڭ ئىزگۈ ئارمانلىرى ئىزگۈ ھىسلىرىمنى قوزغاتتى!.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش