- UID
- 1717
- QQ
- 1565943265
- ھوقۇقى
- 255
- يازما
- 15
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 108
- تىزىملاتقان
- 2013-1-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-28
- توردا
- 17 سائەت
|
|
|
|
|
ئەلۋىدا، ئۆزقۇت * q4 a4 a; \+ _0 d' l
# T# E- d0 E6 _5 Y& g
يۇرتىمىز بارچۇقنىڭ مىسكىن ئاسمىنى يەنە بىر قېتىم كۆزىنى ياشلىدى. چۈنكى، ئۇ تېخى تۈنۈگۈنلا ئۆزىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلانى بىلەن مەڭگۈگە خەيرىلەشتى. مەرىپەت گۈلشەنىمىزدىكى ئەڭ پۇراقلىق گۈل بىمەھەل سولدى، تۈمەنلىگەن مەسۇم قەلبلەرگە قەھرىتاننىڭ جۇد-سوغۇقلىرى بۆسۈپ كىردى. مەرھۇمنىڭ مېھرىبان ھەمراھى، قىلىقلىرى ۋە چۈچۈك تىللىرى بىلەن كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىغان ئىككى يۈرەك پارىسى ئۆمۈرلۈك ھىجران ئازابىغا بەندلەندى. ئۇ تۇتقان قەلەم، كىتاب-ماتېرىياللار بويۇنلىرىنى قىسىشقىنىچە ئىگىسىنىڭ قايتىپ كېلىپ ئۆزلىرىنى قايتا قولىغا ئېلىشىنى ئىستەشتى. دەرسخانىدا توختىماي ۋىچىرلىشىدىغان قۇشقاچلار ئۇستازىنىڭ مۇنبەردىكى قىياپەتلىرىنى سېغىنىپ شۈكلەپ قېلىشتى. مىڭ مۇشەققەتتە بەرپا قىلىنغان، ناھىيەمىزنىڭ ئىلمىي كەيپىياتىغا بۆلەكچىلا جانلىنىش ئېلىپ كەلگەن «ئۆزقۇت كىتابخانىسى» ھاياتىي كۈچ بەخش ئەتكۈچى رەھنەماسىدىن ئايرىلدى. شۇنداق، ئۆزقۇت كەتتى، مەرھۇم بىلەن تونۇشىدىغان ياكى يىراقتىن بىلىشىدىغان تالاي كىشىلەر بۇ زاتنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى پەزىلىتى، دىيانىتى ۋە ئىجتىھاتى ھەققىدە كۆپ تەرىپلەرنى قىلىشتى، ياشلا ئۇزاپ قالغىنىغا ئىچى ئاغرىپ چوڭقۇر قايغۇغا چۆكتى، ھەتتاكى ئىختىيارسىز كۆزياش قىلىشتى. * ^4 D( i. R! x; e9 ?
مائارىپچى، ئەدەبىي تەرجىمان، مارالبېشى «ئۆزقۇت كىتابخانىسى»نىڭ مەسئۇلى ئەنۋەر يۇنۇس ئۆزقۇت، 1979-يىلى مارالبېشى ناھىيەسى يېڭىئۆستەڭ يېزىسىدا ئۇقۇمۇشلۇق دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1995-يىلىغىچە باشلانغۇچ ۋە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيەسىنى ئۆز يېزىسىدا قۇبۇل قىلغان. شۇ يىلى 9-ئايدىن 1997-يىلى 6-ئايغىچە مارالبېشى ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە تولۇق ئوتتۇرا تەربىيەسىنى ئالغان. 2001-يىلى 6-ئايدا خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى تىل-ئەدەبىيات كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، مارالبېشى ناھىيەلىك سېرىقبۇيا بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە تەخسىملەنگەن. 2004-يىلى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن مارالبېشى ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىلىپ كېلىپ ھازىرغىچە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ناھىيەمىزنىڭ مائارىپ سېپىدىكى مۇنەۋۋەر باغۋەنلەردىن بولۇپ قالغانىدى.% \3 {5 Q* M7 o9 g5 e
ئەنۋەر يۇنۇس ئۆزقۇت ئىجادىيەت سېپىدىمۇ ئىزچىل مېھنەت سىڭدۈرۈۋاتقان ئىجتىھاتلىق قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىرغىچە «جۇڭگو مىللەتلىرى»، «شىنجاڭ مەدەنىيتى»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، « خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژورنىلى»، «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» قاتارلىق ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردا 150پارچىدىن ئارتۇق ئەدەبىي تەرجىمە، ھېكايە، نەسىر ۋە ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلدۇرغان. بىرقانچە كىتابنىڭ تەرجىمە خىزمىتىگە قاتناشقان. بۇنىڭدىن باشقا، بىر پارچە ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە سېلىشتۇرما ماقالىلەر توپلىمى نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئۇ تەرجىمە قىلغان بىر قىسىم ئەسەرلەر كىتابخانىلار ئارىسىدا مۇئەييەن تەسىر پەيدا قىلغانىدى.
1 V2 ~% }+ D5 l" D+ |; d. }7 }( a
# w" m6 ^* p& `* g" r* Oئەنۋەر يۇنۇس ئۆزقۇت يەنە «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»نىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى ئىدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى مەمتىمىن ياقۇپ كۆكتۇغ بىلەن ئېلىپ بارغان « مەن نېمە ئۈچۈن كىتابخانا ئاچتىم» ناملىق سۆھبەت خاتىرىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مۇنبەردە نۇرغۇنلىغان ياخشى ئىنكاسلارغا نائىل بولغانىدى.
6 }' j" l- X0 wئەنۋەر يۇنۇس ئۆزقۇت تەلەپچان باغۋەن، ئىجتىھاتلىق ئەدىب بولغاندىن سىرت، تولىمۇ ئىلم سۆيەر كىشى ئىدى. شۇنداق بولغاچمىكىن، نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلار ئالدىدىمۇ دەس تۇرۇپ ئۆزىنىڭ كىتابخانا ئېچىشتەك ئارزۇسىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرغانىدى. يەنە تېخى «ئۆزقۇت كىتابخانىسى» تور بېتىنى قۇرۇپ سىسېتىمىلاشقان مۇلازىمەت تۈرىنى ئاچقانىدى ھەمدە مۇشۇ تەرەپتىكى بوشلۇقنى تولدۇرغانىدى. s/ [( D: U! c6 D7 t" f
ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس...مەرھۇمنىڭ ئارمانلىرى تېخ كۆپ ئىدى، كۆڭلىگە پۈككەنلىرى يۈكسەك ئىدى. ئۇنىڭ ئارىمىزدىن بالدۇرلا كېتىپ قىلىشى ناھىيەمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، مەدەنىيەت-سەنئەت ئىشلىرى ئۈچۈنمۇ چوڭ توقىتىش بولدى.
" H& G. W1 ^/ j( t L; tخەير، ئۇستاز! بىز سىزنى مەڭگۈ يادلايمىز!!! ) t* M: r O9 `- a
( E% R6 D' g6 e& z. b بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-26 11:05
' s( B( i2 @& V
& x3 v, n" q: _
|
|
|
|
|
|
|