كۆرۈش: 453|ئىنكاس: 9

شېئىرىيەت دالاسىدىكى سەيياھ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5419
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 116
تۆھپە : 0
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-25 19:04:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                            شېئىرىيەت دالاسىدىكى سەيياھ
                                              ( خۇرشىد دەۋران شېئىرلىرى توغرىسىدا)

                                                           ھەزرىتىئەلى ئەلى

         ئۇيغۇر- ئۆزبېك شېئىرىيتىنى ئەسلىدە  پاسىلسىز شېئىرىيەت دېيىشكە بولىدۇ. لۇتفى، نەۋايى، مەشرەپ قاتارلىق نامايەندىلەر ھەر ئىككى  مىللەت ئەدەبىياتىدىكى پىشىۋالاردىن. ھەر ئىككى مىللەت  ئۇلاردىن  تەڭ بەھىرلىنىپ كەلگەن. لىكىن  دۇنيا يېقىنقى زامان تارىخىدىكى  بىر  قاتار سىياسىي ئۆزگىرىشلەر، سىياسى  پىلانلار جۇغراپىيەلىك  مەنىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ  ۋەزىيتىنى زور دەرجىدە ئۆزگەرتىۋەتتى. يېڭىدىن  بەلگىلەنگەن چىگىرا پاسىللار بۇ  جايدىكى قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى زور ئۈزۈپ دەرىجىدە  تاشلىدى. ئوخشىمىغان سىياسى تۈزۈلمە ئاستىدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى، پىسخىكىسى، ئىقتىسادى، تىل -يېزىقى شۇنداقلا مەدەنىيەتىدە نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلدى. ئەسلىدىكى  بىر گەۋدىلەشكەن ئىجتىمائىي ھايات ۋە مەدەنىيەتتىكى پەرقلەر زورىتىشقا باشلىدى.
بۈگۈنكى  كۈندە ئېنتېرنىت يىراقتىكى  كىشىلەرنىڭ ئارىلىقىنى  يېقىنلاشتۇردى ھەم  مۇناسىۋىتىنى  قويۇقلاشتۇردى. يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئېنتېرنېت ۋاستىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر-ئۆزبېك ئەدەبىيات- سەنئىتى زور  دەرجىدە ئۇچراشتى. ئۆزبېك ناخشىلىرى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا ئۇيغۇر ناخشىلىرى  بىلەن تەڭ ياڭرايدىغان ھالەت شەكىللەندى. جۈملىدىن بۇگۈنكى زامان ئۆزبېك  ئەدەبىياتىمۇ پەيدىنپەي كىرىشكە باشلىدى. ئەنە شۇ ئۈلگىلەردىن بىرى دەل خۇرشىد  دەۋران ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرىدۇر .
خۇرشىد دەۋران  شېئىرلىرى بىلەن  قاچان ئۇچراشقانلىقىم ئېنىق ئېسىمدە  يوق. لىكىن، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان  چاغلىرىمدا ئۇيغۇرچە   ژورناللاردا ئۇنىڭ بىر  قىسىم  شېئىرلىرىمى ئوقۇغالىقىم يادىمدا. شۇنىڭ بۇيان ئۇنىڭ شېئىرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ كېلىۋاتىمەن. ئۆتكەن   يىلى شىنجاڭ  يازغۇچىلار  تورىدا  يالقۇن ئەزىزى، مەسئۇد   ئەيسا  قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرىشى ئاستىدىكى   بىر  تۈركۈم  شېئىرلىرىنى ئوقۇدۇم.  ئارىلىقتىمۇ  يەنە بىر  قىسىم  شېئىرلىرىنى  ئوقۇشقا  مۇيەسسەر  بولدۇم. نەتىجىدە مەن  ئوقۇغان  خۇرشىد  دەۋران  شېئىرلىرى يۈز  پارچىدىن  ئاشتى.  بۇ يۈز پارچە شېئىر ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى بولۇشى مومكىن. ئەمما گاھىدا يۈز پارچە شېئىر ئەمەس، بىر پارچە شېئىرمۇ بىر شائىرنىڭ ئەينىكى بوپ قالىدۇ. بىز ئاشۇ بىر پارچە شېئىردىن شۇ شائىرنىڭ شېئىرىيەت ئۇسلۇبىنى ھېس قىلالايمىز. ئەلۋەتتە، يۈز پارچە شېئىر ئارقىلىق بىر شائىرنىڭ شېئىرلىرى ھەققىدە خېلى چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولغىلى بولۇشى مومكىن. بۇ  ئويلار   ئەلۋەتتە   شائىرنىڭ   يۈز   پارچە   ئەتراپىدىكى   شېئىرىدىن  تۇغۇلغان  ئويلاردۇر. بۇ بەلكىم خۇرشىد دەۋران شېئىرلىرىنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلمەسلىكى مومكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ شېئىرلارنىڭ كۆپىنچىسى شائىرنىڭ 20-30 ياش ئارىلىقىدىكى  شېئىرلىقرىدەك قىلاتتى. بۇ ياش ئادەتتە بىر شائىرنىڭ پىشىپ يېتىلىش باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. بەلكىم، ئەڭ نادىر ئەسەرلىرىمۇ مۇشۇ باسقۇچتا بارىلىققا كېلىشى مومكىن. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ شېئىرلارنىڭ ئۆزبېك شېئىرىيتىدە جۈملىدىن خۇرشىد دەۋران ئىجادىيتىدە قانچىلىك ئورۇن تۇتىدىغانلىقىمۇ ماڭا نامەلۇم. قانداقلا بولمىسۇن بۇ شېئىرلار تىما دائىرسىنىڭ كەڭلىكى، بەدىئىي ئۇسلۇبىنىڭ خىلمۇخىللىقى مېنى ھەيران قالدۇردى. شائىر گويا شېئىرىيەت دالاسىدىكى ئەركىن سەيياھتەك  تۇيۇلدى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەممە نەرسىدە شېئىرىي تۇيغۇ باردەك، ھەممە شېئىر مەنبەسىدەك قىلاتتى.
خۇرشىد  دەۋران  شېئىرلىرىنىڭ  تىما ئالاھىدىلىكى
1.خۇرشىد  دەۋران  شېئىرلىرى  كۈچلۈك، قىزغىن   ھېسيات   بىلەن   تويۇنغان.
بۇ مۇھەببەت نوقۇل قىز-ئوغۇل ئارىسىدىكى ئىسقى مۇھەببەت ئەمەس.بەلكى ۋەتەن مۇھەبىتى، ئاتا-ئانا، پەرزەنت ئوتتۇرسىدىكى قېرىنداشلىق مۇھەببىتى شۇنداقلا ھاياتقا، كەسىپكە بولغان مۇھەببەتتۇر. مۇھەببەت خۇرشىد دەۋران شېئىرلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ تىمىسىدەك قىلاتتى. ئۇ ئۆز مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىشتا نوقۇل ئۆزىنى مەركەز قىلىۋالمايدۇ. يەنى نەقىل ئېلىش ،ھادىسىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ماھىيەتكە ئۆتۈش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق شېئىرغا كۈچلۈك ھېكمەت تۈسى بېرىدۇ.
مەسىلەن: «ئاتلار  يىغلىغاندا» ناملىق  شېئىرىنى  كۆرۈپ   باقايلى.

ﺋﺎﺗﻼﺭ ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻧﻤﯘ ﺳﯩﺰ،
ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﯩﻐﻼﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﺋﺎﺕ،
ﺋﯘﺯﺍﻕ-ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻳﯩﻐﻼﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﺋﺎﺕ،
ﺋﺎﯞﺍﺯ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﺳﺘﯩﻦ ﻳﯩﻐﻼﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﺋﺎﺕ.
ﺋﯘﭼﯘﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻤﯘ ﺳﯩﺰ ﻗﯘﺷﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ؟
ﻗﺎﻧﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﻛﯜﻳﻠﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﺋﯘﭼﻘﺎﻧﺪﺍ ﻗﯘﺷﻨﯩﯔ،
ﺗﯘﻣﺸﯘﻗﻠﯩﺮﻯ ﻛﯜﻟﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﺋﯘﭼﻘﺎﻧﺪﺍ ﻗﯘﺷﻨﯩﯔ،
ﺋﺎﻳﺎﻏﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﺭ ﺋﯩﺴﺘﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﺋﯘﭼﻘﺎﻧﺪﺍ ﻗﯘﺷﻨﯩﯔ.  
ﺷﯘﯞﯗﻟﺪﺍﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻤﯘ ﺳﯩﺰ ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﻪﺭ ﻛﻪﺑﻰ؟
ﺋﯘﭼﯘﭖ ﻛﯧﺘﻪﻱ ﺩﻩﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﺑﺎھﺎﺭﺩﺍ ﺩﻩﺭﻩﺥ،
ﻗﯘﺑﺒﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺴﯩلاﺭﻛﻪﻥ ﻛﯜﺯ ﭘﻪﻳﺘﻰ ﺩﻩﺭﻩﺥ،
ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﻪﺭﻛﻪﻥ ﻗﯩﺶ ﭘﻪﺳﻠﻰ ﺩﻩﺭﻩﺥ.
ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﯘﻡ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ﺋﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ،
ﺯﯦﻤﯩﻨﻐﺎ ﺗﯧﯟﯨﻨﻐﯘﻡ ﻛﯧﻠﻪﺭ ﻗﯘﺵ ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﺪﻩﻙ،
ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯜﻡ ﻛﯧﻠﻪﺭ ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﻪﺭﺩﻩﻙ.

شائىر شېئىردا ئاۋال بىر قانچە ھادىسىۋىي ئىشلارنى بايان قىلىپ، ئاندىن ئۆزىنىڭ شۇلارغا ئوخشاش بولۇش ئىستىكىنى ئىپادىلەيدۇ.ھادىسىدىن ماھىيەتكە ئەپچىللىك بىلەن ئۆتۈپ، ئۆز تۇپرىقىنى ،ئۆز يىلتىزىنىى سۆيۈشتىن ئىبارەت ئىدىيەۋى-ھېسياتىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىنچىكە  ھادىسىلەرنى  بىر يەرگە جەم  قىلىپ،  ئۇنىڭدىن  ماھىيەتلىك  خۇلاسە  چىقىرىدۇ.
شائىر  يەنە «ئوغلۇم تۆمۈرگە» ناملىق شېئىردىمۇ ئاددى تەپسىلات ئارقىلىق كۈچلۈك ۋەتنپەرۋەرلىك ھېسياتىنى ،يۇرت مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدۇ.شائىر بۇ شېئىردا قارىماققا ئۆزىنىڭ خۇسۇدىي ئارزۇسىنى ئىپادىلەۋاتقاندەك قىلسىمۇ ،ئۇ بۇ گەپنى ئوغلىغىلا ئەمەس،بارلىق پەرزەنتلەرگە ئېيتىدۇ.
ياشلىقتىكى سۆيگۈ ھېسلىرى خۇرشىد دەۋران شېئىرلىرىدىكى مۇھەببەتنىڭ يەنە بىر قىسىمى.بۇ شېئىرلارنىڭ خېلى كۆپ قىسىمى مانا شۇ خىل سۆيگۈ ھېسلىرى بىلەن تويۇنغان.لىكىن خۇرشىد دەۋران شېئىرلىرىدىن بىرەر قىزنىڭ سىماسىنى كۆرۈش تەس.«ئەپسۇن» ناملىق  شېئىر  ناھايتى نەپىس، سىرلىق  تۈسكە  ئىگە بىر  پارچە  لىرىكا.  ئەمما ،  سۆيگۈ ئوبىيكتى   ناھايتى گۇڭگا . بۇ  بەلكى شائىرنىڭ ئۆزىگە خاس   گۈزەللىك   قارىشى   بولۇشى   مۇمكىن. «قىز   قوشىقى» ناملىق   شېئىردىمۇ  ناھايتى نازۇك بىر  ھېس  تۇيغۇ  بار. لىكىن قىز  ئوبرازى  مەۋھۇم. ئۇنىڭدىن  باشقا، «ۋىدا» (ئايرىلىش  دەپمۇ  تەرجىمە  قىلىنغان) «دەريا  يوقتۇر  چېچىڭدىن باشقا» قاتارلىق شېئىرلاردىمۇ  شائىرنىڭ  تەسەۋۋۇرىدىكى  قىزنىڭ سىماسى ئۇچرىمايدۇ.
قېرىنداشلىق مۇھەببىتى  بۇ  شېئىرلاردىكى مۇھەببەتنىڭ يەنە  بىر   قىسىمى. «ئاتام خاتىرىسىگە»، «ئېسىمدە يوق»، «بالىلىقتا ئېيتار ئىدىم» قاتارلىق شېئىرلاردىن كۈچلۈك قېرىنداشلىق مۇھەببىتى بالقىپ تۇرىدۇ.ھېسياتنى تۇرمۇش، ھايات قىسمەتلىرى ئىچىگە قويىدۇ.مۇبالىغە قىلماي ،چىن ھېسىيات ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى تەسىرلەندۈرىدۇ.
2.بالىلىق  ئەسلىمىلىرى
بالىلىق  ئەسلىمىلىرى  خۇرشىد  دەۋران  شېئىرلىرىنىڭ موھىم بىر  مەزمۇنى. مەن  بۇ شېئىرلاردىن  شائىرنى  ئۆزىگەسادىق  ئادەمكەن  دەپ  قارىدىم. ئۇ  بالىلىق  خاتىرىلىرىنى  شېئىردىن  ئىبارەت  نەپىس  شەكىل  ئارقىلىق  مەڭگۈلۈك  خاتىرىگە ئايلاندۇردى ئۇ بالىلىق   ئەسلىمىلىرىنى   شېئىرغا   قىستۇرۇش   ئارقىلىق   چوڭ   بولغاندىكى   تۇيغۇلىرى   بىلەن   سېلىشتۇرىدۇ   ياكى   چوڭ   بولغان ۋاقتىدىن   بالىلىقىنى  ئىزدەيدۇ.  بۇ   ئارقىلىق   شائىر  بىر   خىل «قايتىشتۇيغۇسى» نى  ئىپادىلەيدۇ. «پويىزدىكى   ۋەقە  ياكى   بالىلىقنىڭ  ئاۋازى»، «بالىلىق  ھەققىدە  شېئىر »، «بالىلىقتا   ئېيتا   ئىدىم» قاتارلىق  شېئىرلاردابالىلىق  تۇيغۇلىرى، بالىلىق   ئەسلىمىلىرىئىپادىلىنىدۇ.  « پويىزدىكى   ۋەقە  ياكى  بالىلىقنىڭ  ئاۋازى»  ناملىق  شېئىر ناھايتى  ياخشى  يېزىلغان  بىر  پارچە  شېئىردۇر . ئۇنىڭدىكى  ئەسلىمىلەر  ئوقۇرمەننى  بالىلىقنىڭ بىغۇبار چاغلىرىغا ئاپىرىپ سەيلە  قىلدۇرىدۇ. شېئىر  بىر  قەدەر  ئۇزانراق  بولۇپ، شېئىردا بالىلىقتىكى  بىر  قانچە  كۆرۈنۈش بار.

-توختا، توختىساڭچۇ،
نېچۈن مېنى تاشلاپ كېتىسەن،..
قەيەرلەرگە كېتىۋاتىسەن، بالام- بالىلىغىم.
مەن، ئاخىر ، سېنى بەكمۇ ... بەكمۇ سۆيۈمەن،
بىلىسەنغۇ، مېنى پەقەت سەن چۈشىنىسەن...
- نېمە ، قىلاي،
-ئۆزۈڭ مېنى تاشلاپ كېتىۋاتىسەن.
ئارقاڭدىن يۈگۈرسەم، يېتەلمەيمەن ئەمدى.
چۈنكى سەن قارىماي  گىياھقا، ئايغا،
ئالدىڭغا كۆز تاشلاپ چېپىپ  كېتىۋاتسەن.

شائىر  ئۆتۈپ  كەتكەن  بالىلىقىنى  ئەسلەيدۇ، بالىلىقىنى   سېغىنىدۇ.   شېئىرغا   قىستۇرۇلغان   بىر   قانچە   ئەسلىمە   ناھايتى   تەسىرلىك. شېئىرنىڭ داۋامىدا بالىلىقتا  بىر  كۈچۈك  باققانلىقى، قوشنىسىنىڭ  ئۇنى ئۆلتۈرۋەتكەنلىكى، قوشنىسىنىڭ   دېرىزىلىرىنى   سۇندۇرۇش   ئارقىلىق   قىساس   ئالغانلىقى. ئون   ئالتا   يېشىدا   ئۇرۇش  ھەققىدىكى  كىتابلارنى تولا ئوقۇپ، سومكىسىغا   كىتاب   ۋە  نان  سېلىپ  ئۇرۇش  قىلىش  ئۇچۈن ۋوگزالغان ماڭغانلىقى، قېرىنداشلىرى خېلى  يىراقتىن  ئۇرۇشنىڭ  تۇگىگەنلىكى،  بارماقچى   بولغان   ئىسپانىيەنىڭ   ناھايتى   يىراق   ئىكەنلىكىنى   ئېيتىپ   قايتۇرۇپ  كەلگەنلىكىنى دەيدۇ. بۇ   ئەسلىمىلەرنىڭ   شېئىردىكى   بايان   قىلىنىش   ھالىتى  ناھايتى  چىن  بولۇپ، شائىرنىڭ   تولۇپ   تاشقان  قىزغىن  ھېسياتىنى، ئۆزىنى   ئۇنتۇغان   ھالدىكى  روھى   ھالىتىنى ھېس قىلالايمىز.
3. تارىخى تۇيغۇ
تارىخ بىر مىللەتنىڭ  روھى  ئەينىكى، ئۇنىڭدىن  ئەجدادلارنى  كۆرىمىز، ئەجدادلارنىڭ ھايات  مۇساپىلىرىنى، جەبىر  -جاپالىرىنى، كۆكرەشلىرىنى  كۆرەلەمىز. تارىخنىڭ  شانۇ-شەۋكەتلىرىدىن پەخىرلىنىمىز، غورۇرلىنىمىز،  روھىمىز  كۆتۈرۈلىدۇ، تارىخنىڭ ئاچچىق  ساۋاقلىرىدىن ئازابلىنىمىز، ئىبرەت  ئالىمىز. ئۇ  كىيىنكىلەرگە ساۋاق، ئۆزىنى  تونۇش  پۇرسىتىنىتەمىن  ئېتىدۇ، ئۇيغۇر-ئۆزبېك  تارىخى چەمبەرچەس  باغلانغان ، يىلتىزداش  تارىخ خۇرشىد  دەۋران شېئىرلىرىدا  بۇ  خىل  ھالەت  روشەن  ئەكىس  ئېتىدۇ .مەسىلەن: بىز  «ئانا  تىل»، « بابۇر »  قاتارلىق  شېئىرلاردىن تونۇش  بولغان  تارىخى تۇيغۇغا  چۈمۈلىمىز.
4.ئەدەبىيات -سەنئەت  قاراشلىرى
شائىرنىڭ  دېققىتىمنى  ئالاھىدە  تارتقان  بىر  تەرىپى ئۆزىنىڭ  ئەدەبىيات-سەنئەت  قاراشلىرىنى ناھايتى  گۈزەل، ئىخچام شېئىرى  تىل  بىلەن ئىپادىلەپ  چىقىشى  بولدى. بۇلار  شېئىر  بولسىمۇ ئۇنىڭدىكى  پىكىرلەر ناھايتى  جانلىق، چوڭقۇر ئىدى .«ئەدەبىيات» ناملىق  شېئىرىنى كۆرۈپ باقايلى.

ئەدەبىيات -شېئىر، داستان  ئەمەس،
رومان  ئەمەس ، ھېكايە  ئەمەس .
ئەدەبىيات -ئۇ  بىر ئازاب ئىچرە ،
شىددەت  بىلەن  ئېلىنغان  نەپەس .
ئەدەبىيات - نە  مىسكىن  ئاھاڭ ،
نە بىر چوقان ،نە قايغۇلۇق  ئۈن .
ئەدەبىيات - ئانا  خەلق ئۈچۈن ،
ۋەتەن ئۈچۈن، سۆيگۈ ئۈچۈن  جەڭ .
ئەدەبىيات  چېتى  تىتىلغان ،
يازما  ئەمەس  قېلىنغان ئاسراپ .
ئەدەبىيات  دارغا  ئېسىلغان
بابا رەھىم مەشرەپ .

بۇ شېئىردا شائىرنىڭ  ئەدەبىيات  قارىشى  روشەن  ئەكىس ئەتكەن. بىز ئۇنىڭ  شېئىرلىرىنىڭ  تىما -مەزمۇنىنى  تەھلىل  قىلىپ  ئۆتتۇق . دەرۋەقە شېئىرنىڭ ئىككىنچى  كۈپلىتىدەئېيتىلغاندەك، ئۇ«ۋەتەن  ئۈچۈن، سۆيگۈ  ئۈچۈن، خەلق  ئۈچۈن»  يېزىۋاتقاندەك  قىلاتتى. بىز   يەنە   ئەدەبىياتنىڭ  « مىسكىن  ئاھاڭ، قايغۇلۇق   ئۈن »  ئەمەسلىكىنىمۇ   كىيىنكى   قاراشلىرىمىزدا ئىسپاتلاپ  ئۆتىمىز. بۇنىڭدىن  باشقا  شائىرنىڭ «سەنئەت»، «شېئىرىيەت»، «شېئىرىيەت   بۇ   قىيىن   ئىش  ئەمەس»   قاتارلىق  شېئىرلىرىدىمۇئەدەبىيات-سەنئەتتىما  قىلىنغان. بۇلارنىڭ   بەزىلىرىدە  چوڭقۇر  ئوي -پىكىر، كۆز   قاراش   ئىپادىلەنسە،  بەزىلىرىدە مۇشۇ  خىل  ئەسەرنىڭ   ۋايىغا   يەتكەندىكى   ھالىتى   زوقلانغۇچىلىق   نوقتىسىدا  تۇرۇپ ناھايتى  نەپىس  ئىپادىلەنگەن.
خۇرشىد  دەۋران شېئىرلىرىنىڭ  بەدىئى  ئالاھىدىلىكى
1.ئەركىن ئۇسلۇپ، يىنىك تىل، ئاددى قۇرۇلما
خۇرشىد دەۋران شېئىرلىرىنىڭ ئۇسلۇبى  ئەركىن، تىلى يىنىك، قورۇلمىسى  ئاددى. رېتىم ،مۇزىكىدارلىق بار، ئەمما  جىددى  ئەمەس. يىنىك، ئېنىق مەنە ئىزچىلىقىغا ئىگە. شېئىرىي جۈملىلەر مودېرنىستىك شېئىرلاردىكى نورمال لوگىكىنى  چەتكە قاقىدىغان تۇيغۇۋى تۈسكە  ئىگە بولۇشتىن كۆرە، ئېنىق مەنە  ئىزچىللىقىغا ئىگە. بۇ جەھەتتىن بۇ  شېئىرلار كۈچلۈك  ئەنئەنە ئاساسىغا  ئىگىدەك. دۇنياۋىي ئاۋانگارد شائىرلارنىڭ تەسىرىگە ئانچە  ئۇچرىمىغاندەك قىلاتتى. مىسرالاردىكى ئېنىق مەزمۇن، سۆزلەرنىڭ  نورمال سىنتاكسىسلىق مۇناسىۋىتى يىنىك شېئىرى تىل، ئاددى قورۇلمىنى  ھاسىل قىلغان. شېئىرلارنىڭ كۆپىنچىسى  قىسقا بولۇپ، ئومۇمەن  يەككە ئوي - پىكىرنى ئاساس قىلغان . شېئىرلارنىڭ مەنە قاتلىمى  روشەن، ئەمما،  تىز  باشلىنىپ ،تىز  ئاخىرلىشىدىغان ئالاھىدىلىككە  ئىگە ئەمەس. شېئىرلارنىڭ قۇرۇلمىسى  ئاددى، ئىخىچام  بولسىمۇ ناھايتى تاۋلانغان. شۇڭا  ئاددى قۇرۇلمىدا پۇختىلىق، چوڭقۇرلۇق ئەكىس  ئېتىدۇ.مەسىلەن :

          ئەپسۇن

گاھ كېچە، گاچ كۈندۈز ئەتمە مۇنتەزىر،
لېۋىمدە ئىستىگىن كىرىپىكلىرىڭنى،
مېنى سۆيگىن.
دېمىقىمنى گۈللەرنىڭ كۈيىگە تولدۇر،
قۇشلارغا ئۇۋا قىل مېنىڭ بۇغۇزۇمىنى،
مېنى سۆيگىن.
قوللۇرۇڭ چىرماشسۇن مىسلىسىز سېھىر،
ئەركىلەپ ـ ئەركىلەپ ئۆلتۈرگىن مېنى،
مېنى سۆيگىن.
ساكىن چۈشلىرىڭگە سەن مېنى يۇشۇر،
ھېچ كىمگە ھېچ قاچان بەرمىگىن مېنى،
مېنى سۆيگىن.

شېئىر  ناھايتى  ئىخچام. تىل  مۇناسىۋەتلىرى  مۇرەككەپ  ئەمەس. ئەمما ، سىرلىق  بىر  كەيپىيات  بار، شائىر خۇددى سۆيگۈ  ئۈچۈن ئەپسۇن  ئېيتىۋاتقاندەك، ئىچىدە  دۇئا-تىلاۋەت  قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ. بۇ  خىل  ئىپادىلەش  شېئىرنى ناھايتى  گۈزەل ، نەپىس تۈسكە ئىگە قىلغان. بۇنىڭدىن  باشقا « ۋىدا» ،«ساددا  شېئىر»  قاتارلىقلارمۇ ھەجىمىنىڭ قىسقىلىقى، قۇرۇلمىسىنىڭ ئاددىلىقى،مەنە سىغدۇرۇشچانلىقى بىلەن ئوقۇرمەننى  قايىل  قىلىدۇ. بۇ خىل تىل، شېئىر قۇرۇلمىسى بىزگە  ئېستىتىكاشۇناسلارنىڭ«گۈزەللىك ئاددىلىقتا»دېگەن قارىشىنى  ئېسىمىزگە سالىدۇ . لىكىن ،  بۇ  يەردىكى  گۈزەللىكنى  نوقۇل ئاددى  شەكىلدىن ئىزدىسەك  ئاقىلانىلىك  ئەمەس. موھىمى  شائىرنىڭ بەدىئى ئىستىداتى ،شائىرلىق  تالانتىدىنمۇ ئىزدەش  كىرەك. ئۇنىڭ  ئۈستىگە بۇ  شېئىر شەكىلدىكى  رېتىم ئىچكى نەپەس  رېتىمى  بىلەن  بىردەكلىككە  ئىگە
2. خەلق ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى
ئۇنىڭ  شېئىرلىرى  كۈچلۈك خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى   پۇرىقىغا   ئىگە. بولۇپمۇ خەلق قوشاقلىرىنىڭ تەسىرى بەك  كۈچلۈك. قوشاق  تىلى، قوشاق  شەكلى ئۇ  ئوزۇق ئالغان زور  مەنبە. مەن ئوقۇغان   خۇرشىد   دەۋران  شېئىرلىرىنىڭ   خېلى   كۆپ قىسىمى تىپىك خەلق قوشىقى شەكلىدە. مەسىلەن :«چۆلى ئىراق ياكى ئاداشقان كارۋان قىسسى»، «قار كەتتى»،« يىگىتلەرنىڭ دىل  ئوتىدىن» ،«باللادا»، «غوجى تەم-تەمنىڭ غەمكىن  قوشىقى»، «بار ئىكەن، يوق  ئىكەن»، «باھار، كۈنلەر» قاتارلىقلار خەلق قوشىقى شەكلى ۋە تىلىدا يېزىلغان.

ئاق دەريانىڭ قىزىنى
مىنگۈزۈپ ئاق تۇلپارغا،
ئېلىپ كەتتى  ئىزىنى
قارا دەريا تامانغا.

قارا دەريا، ئاق دەريا،
يىغلاپ-يىغلاپ باقتىم مەن.
قولۇم- مەجرۇھ، سوزالماي،
دولقۇنىڭدا ئاقتىم مەن
« غوجى تەم-تەمنىڭ غەمكىن قوشىقى» دىن

شېئىردىكى  كۈچلۈك  رېتىم، يەتتە بوغۇملۇق شېئىر شەكلى، ئەركىن  قاپىيە، چۈشۈنىشلىك  خەلق تىلى تىپىك خەلق قوشاقلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر. بۇ  شېئىرلاردىكى شېئىرىي تەم ئەنئەنە  ئۇنتۇلۇۋاتقان   بۇگۈنكى  كۈندە شائىرلارنى ئەنئەنىنى  قېزىش، ئەنئەنىۋى شېئىرىي شەكىلنى  راۋاجلاندۇرۇش ھەققىدە  ئويلاندۇرىدۇ .
3.زىيادە  چۇشكۈنلۈك، ئۇمىدسىزلىك  خاھىشى يوق
خۇرشىد  دەۋران شېئىرلىرىدا زىيادە چۇشكۈنلۈك، ئۇمىدسىزلىك  خاھىشى  يوق، ئەكسىچە،  ھەممە  نەرسىگە بولغان  قىزغىن مۇھەببەت بار. بۇگۈنكى زامان   ئۇيغۇر   شېئىرىيتىدە   بولۇپمۇ   ياشلارنىڭ   شېئىرىيتىدە  چۈشكۈنلۈك  ناھايتى  ئېغىر. شېئىرلاردىن دەرد-ھەسرەت، كۆز ياشلار توكۈلۈپ تۇرىدۇ. ھەممىدىن ۋاز  كېچىش، ھېچنىمىدىن ئۈمىد  كۈتمەسلىك ھەتتا ئۈمىد  دېگەن نەرسىنىڭ مەۋجۇتلىقىنىمۇ  ئىنكار قىلىش  دەرجىسىگە بارىدۇ. ئەلۋەتتە،  شائىرلىق   ئازابلىق  بىر  كوچا. لىكىن شائىر ئۆزىنىڭ  سەخسى  ئازابىنى تارتىشتىن بۆلەك، قېرىنداشلىرىنىڭ، مىللەتنىڭ، ۋەتەننىڭ شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق  ئازابىنى ئۈستىگە ئېلىشى كىرەك. خۇرشىد   دەۋران   شېئىرلىرىدا   ئازاب  بار، لىكىن  بۇ ئازاب خۇسۇسىي ئۈمىدسىزلىك، چۈشكۈنلۈك ئۈستىگە ئەمەس، بەلكى  ئۈمىد، ھاياتقا، مۇھەببەتكە  بولغان قىزغىنلىق، قىيالماسلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان.مەسىلەن : «ئاتام خاتىرىسىگە »، « ئېسىمدە  يوق» قاتارلىق  شېئىرلاردا ئازاب بار. يەنە كېلىپ  ھەقىقى ئازاب. لىكىن بۇ ئازاب چۈشكۈنلۈك، ئۈمىدسىزلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەمەس .مەسىلەن: «ئايرىلىش »(ۋىدا)ناملىق  شېئىرىنى  كۆرۈپ  باقايلى.

مەن سېنىڭدىن ئايرىلماقچىمەن،
يامغۇردەك ئەمەس
يامغۇر يەنە قايتىپ كېلىدۇ.
شامالدەك ئەمەس
شامال يەنە قايتىپ كېلىدۇ.
مەن سېنىڭدىن ئايرىلماقچىمەن
مۇھەببەت كەبى...

مەن مەزكۇر شېئىرنى تۇنجى ئوقۇغان ۋاقتىمدىلا ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم ھەم يادقىمۇ ئېلىۋالغان. گاھىدا سورۇنلاردا ئوقۇپمۇ قويغان. ئىشقىلىپ شېئىرنىڭ مەندە قالدۇرغان تەسىرى ناھايتى چوڭقۇر ئىدى. مەن «خوشلىشىش»، « ئايرىلىش» تېمىسىدىكى نۇرغۇن شېئىرلارنى ئوقۇغان. ئۇلاردىن ناھايتى ئازابلىق كەچۈرمىش، ئىچىگە سىغماي پارتىلاپ چىققان ھاياجان، پىغانلىق ھېسىيات گۈپۈلدەپ تۇراتتى. بۇنداق شېئىرلارنى ئوقۇش كىشىنى دەماللىققا تەسىرلەندۈرەتتى. ئەمما بۇ شېئىردا نە ئازابلىق كەچۈرمىش، نە چوڭقۇر ھاياجان، نە پىغانلىق ھېسيات كۆرۈنمەيتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى تاشلىۋىتىلىپ، ئايرىلىشتىن ئىبارەت ئاخىرىقى ھۆكۈم بىۋاستە ئوتتۇرغا چىققان.
شېئىردا ئايرىلىش قارارىغا كېلىشتىن ئىلگىرىكى كەچۈرمىشلەر تىلغا ئېلىنمىغان. ئۇلار ئازابلىق بولسۇن، گۈزەل بولسۇن ياكى ھەر ئىككىلىسى بولسۇن بەرىبىر شېئىرنىڭ ئارقىسىدىكى مەخپى ھېكايىلەر. لىكىن بۇ ھېكايىلەر پۈتۈنلەي ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەسەۋۋۇر بوشلۇقىغا قالدۇرۇلغان.
ئايرىلىش ئۇچراشماسلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ. «يامغۇر»، «شامال» ئۆتۈپ كېتىدۇ، لىكىن يەنە قايتىپ كېلىدۇ. «مۇھەببەت كەبى ئايرىلىش»بولغان تەقدىردىمۇ قايتا ئۇچرىشىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. موھىمى بۇ يەردىكى ئايرىلىش بىر خىل ئىچكى جەھەتتىكى ئايرىلىش يەنى مۇھەببەت رىشتىسىنى ئۇزۇپ تاشلاشتىن ئىبارەت روھى ئايرىلىش بولغان. بۇنداق بولغاندا ئۇلار قايتا ئۇچرىشىپ قالغان تەقدىردىمۇ سۆيگۈ ئورتاقلىقى بولمىغان ناتونۇشلاردۇر، ئۈزۈل-كىسىل ئايرىلىشتۇر. شائىر  مۇشۇنداق  ئايرىلىش ئالدىدا  ئازابلانمىغانمۇ ؟ ئۈمىدسىزلەنمىگەنمۇ ؟ شائىر  ھەممىنى  بىر-بىرلەپ  بايان  قىلىشتىن ساقلانغان  ھەمدە ئاداققى  قارارىنى  سېلىشتۇرما  ئۇسۇلىدىن  پايدىلىنىپ ناھايتى جايىدا ئوتتۇرىغا چىقارغان، ئازابنىڭ  قانچىلىكلىكىنى ئوقۇرمەننىڭ  قانداق  ھېس قىلىشىغا  قالدۇرغان. ئۆز ئازابىنى بىۋاستا  ھالدا  يىغلاڭغۇلارچە ئوتتۇرغا  تاشلاپ ئىچ  بوشاتمىغان.
ئومۇمەن، شائىرنىڭ سۆيگۈ لىرىكىلىرى  بولسۇن ياكى  باشقا تىمىدىكى  شېئىرلىرى  بولسۇن شائىرنىڭ  پۇتۈنلەي ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن، زەئىپ روھىنى كۆرەلمەيمىز. بەلكى ھاياتقا ،مۇھەببەتكە  بولغان ئىشەنچ، مەسئۇلىيەت، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھېس قىلىمز. بىز  بۇنىڭدىن شائىرنىڭ «ئەدەبىيات» ناملىق  شېئىرىدا ئەكىس  ئەتتۈرگەن روھىنى  ۋە  ئىجادىيەتتە شۇنىڭغا  ئەمەل  قىلىپ  كەلگەنلىكىنى  كۆرۈۋالالايمىز. ئۇ   شېئىرلىرىدا   كۆپرەك  ئارزۇ -ئۈمىدلىرىنى  ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئارزۇ -ئۈمىدلەر ئۇنى   ھاياتنى  قىزغىن سۆيۈشكە ،ئۈمىدۋار بولۇشقا  ئۈندەپ  تۇرىدىغاندەك ...
4.گۈزەل  تەسەۋۋۇر، گۈزەل  شېئىرىي موھىت
خۇرشىد  دەۋران  شېئىرلىرىدىكى  تەسەۋۋۇر، يارىتىلغان  شېئىرىي موھىت  ئۆزگىچە. بەزى  شېئىرلارنىڭ پۈتۈن  گەۋدىسى تەسەۋۋۇردىن پۈتكەن .مەسىلەن :

دەريا يوقتۇر چېچىڭدىن باشقا،
دولقۇنىدا ئاقاي دېسەم.
كۆزۈڭدىن باشقا يۇلتۇز يوقتۇر،
قاراي دېسەم، باقاي دېسەم.
«دەريا يوقتۇر چېچىڭدىن باشقا » دىن

چاچ - دەريا، كۆز -يۇلتۇز، مېھىر –كۈندۈز...بۇلار  ئوتتۇرسىدىكى  تەسەۋۋۇر بەك  گۈزەل. شائىر  ھېسياتىنى ئۇدۇل  ئىپادىلىمەستىن ئوخشاتما  تەسەۋۋۇر ئۇسۇلى  ئارقىلىق يوشۇرۇن ئەمما  گۈزەل  ئىپادە  قىلغان. ئىككىنچى  تەرەپتىن خۇرشىد  دەۋران شېئىرلىرىدا شېئىرىي  موھىت  ناھايتى  گۈزەل، خىيالى  مەنزىرلەر  بىلەن رىئاللىق  بىرگەۋدىلەشتۈرۈلۈپ، ھەر قانداق ئوقۇرمەننى  جەلىپ قىلىدىغان رومانتىك  دۇنيا  ھاسىل  قىلىدۇ .
ئۆز خىيالى بىلەن ياشاشنى ئىستەيدىغان نۇرغۇن شائىرلار ھەمىشە تۇرمۇش غايىلىرىنى روھى مەستخۇشلۇق ئىچىدە گۈزەل، رومانتىك شېئىرى مەنزىرىلەر ئۈستىگە قويۇۋالىدۇ. بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ ئۆزى خالايدىغان ھەقىقى تۇرمۇشى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئاشۇنداق بىر ھايات ئەمەلگە ئاشقان چاغدا خىيالدىكىدەك گۈزەل تۇيۇلماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى خىيالى دۇنياغا نىسبەتەن ئادەم ئۆزى رول ئالغۇچى ھەم كۈزەتكۈچى-ياندىن ھۇزۇرلانغۇچى بولالايدۇ. لىكىن باشتىن كەچۇرۋاتقان چاغدا بولسا ياندىن ھۇزۇرلىنىشتىن مەھرۇم قالىدۇ. گەرچە بىۋاستە ھوزۇرلىنىش مەۋجۇت بولسىمۇ، لىكىن ھەرىكەت، تاللاش خىيالىدىكىدەك، ئۆز ئىختىيارلىقىدەك  چەكلىمىسىز بولمايدۇ.

كەزسەڭ شەھەرنى
خىرە-شىرە كوچىلارنى
كەزسەڭ، قولىرىڭنى  يانچۇققا سېلىپ
لەۋلىرىڭدە ئىرىسە قارلار.
...
كىمگىدۇر  يوك  بەرسەڭ، كىمگىدۇر  سالام،
ئەمما ئۆزۈڭمۇ سەزمىسەڭ  بۇنى.
«قار ياغقان ئاخشام »دىن

مەزكۇر شېئىردىكى مەنزىرە گوياكى رومانتىك بىر كىنو كۆرۈنىشى. شېئىرى ئوبراز ۋە موھىت ھەرىكەتچان. ئۇنىڭدىن شەكىللەنگەن كارتىنا چوڭقۇر تۇرمۇش پۇرىقىغا ئىگە. رىئاللىقتا تامامەن يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بار. بەلكىم بۇ قارلىق كېچىنى ھەر بىرىمىز باشتىن كەچۇرۇپ باققان بولىشىمىز مومكىن . لىكىن تۇرمۇشتا شېئىردىكىدەك گۈزەل تەسىراتقا ئىگە بولغان بولىشىمىز ناتايىن. سەۋەبى، شېئىردىكى دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى تاللاش دەخلىسىز ، ئخىتىيارى بولىدۇ، رىئاللىق بولسا توسالغۇ -چەكلىمىلەرگە تولغان.
شېئىردىكىسى نەقەدەر گۈزەل كۆرۈنۈش، ئەگەر شائىرنى ئۆز تەسەۋۋۇرىدىكى بىر دۇنيانى تەسۋىرلەۋاتىدۇ دەپ قارىساق، ئۇنىڭغا شائىرنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتى، تەلپۈنىشى سىڭگەن بولىدۇ. مانا بۇ روھى ھالەت شېئىردىكى مەنىۋى ھالەتنى كىڭەيتىدۇ. شېئىرنىڭ  كىشىگە گۈزەل تۇيۇلىشىدىكى يەنە بىر موھىم سەۋەب: دەل شائىرنىڭ شېئىردىكى لىرىك ئوبرازنىڭ لىرىكىسىنى تىڭشىغۇچىنى ئىككىنچى شەخسكە،  ئوقۇرمەنگە يۈزلەندۈرىشى. شۇڭا شېئىرنى ئوقۇغان ھەر بىر ئوقۇرمەن ئۆزىنى شېئىردىكى موھىت ئىچىدىكى بىر پىرسوناژدەك ھېس قىلىدۇ. بىر پارچە شېئىرنىڭ مۇۋاپىقىيتى مەلۇم مەنىدە ئوقۇرمەننى ئۆزى ئىچىدىكى دۇنياغا ئېلىپ كېلەلىشىدۇر.
مانا  بۇ  شېئىرىيەت دالاسىدىكى  سەيياھ -خۇرشىد  دەۋراننىڭ  شېئىرىيەت دۇنياسى. بۇ پەقەت يۈز  پارچە ئەتراپىدىكى  شېئىرلىرىدىكى دۇنيا. خۇرشىد  دەۋران  بىر  دۇنياۋى  شائىر .ئۇنىڭ نۇرغۇن  شېئىر  توپلاملىرى بار، خەلىقئارالىق شېئىرىيەت مۇكاپاتلىرىغىمۇ   ئىېرىشكەن شائىر . بەلكىم بۇ  تەسىرات  ئۇنىڭ  شېئىرلىرىنىڭ ناھايتى   ئاز   بىر  قىسىمىنى   يورۇتۇپ   بەرگەن  بولۇشى مۇمكىن. مەن بۇ  تەسىراتىمدا  پەقەت بىر   ئوقۇرمەنلىك   مەجبۇرىيتىمنى  ئاز -تولا بولسىمۇ  ئادا  قىلىشقا  تىرىشتىم خالاس. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەر تېخىمۇ ئۇزاققا  سوزۇلغاي.

ئىزاھات : ماقالىدا  نەقىل  ئېلىنغان شېئىرلارنىڭ  ئۇيغۇرچىلاشتۇغۇچىسى يالقۇن ئەزىزى ،مەسئۇد ئېيسا ، ئەزىزى ، موھەممەت پولات  قاتارلىقلار

<ئاقسۇ ئەدەبىياتى> 2013-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-25 20:24  


Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 2683
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 10214
تۆھپە : 5
توردا: 672
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-28

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-25 22:24:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
»ئاقسۇ ئەدەبىياتى» دا ئوقۇغاندىلا ياقتۇرغان ئىدىم، يەنە بىر ئوقۇپ چىقتىم، يوللىغىنىڭزغا رەھمەت.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4207
يازما سانى: 455
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 753
تۆھپە : -1
توردا: 235
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-25 23:15:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىيات دارغا ېسىلغان مەشرەپ.....

نومۇسۇم غالىپ ئاھانەتلەر يېڭەلمەس ئۇنى...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2741
يازما سانى: 576
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1054
تۆھپە : 0
توردا: 192
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-28

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-25 23:17:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۆزبېكتە بار خۇرشىدە دەۋران،
ئۇيغۇردا بار رىسالەت مەردان.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1432
يازما سانى: 800
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3081
تۆھپە : 0
توردا: 124
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 02:59:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھېسيات بىلەن ئەمەس ئەقىل بىلەن سۆزلىگەندە ماقالە ياخشى يېزىلىپتۇ.
  ئۇيغۇردا كىم بار؟!
     بۇنىڭغا ۋاقىت ھەم ئەۋلادلار ھەقىقى سۆزىنى دېگۈسى...



دىلىڭ كۆيمىسۇن نائۈمۈتلىك بىلەن،
يۇرۇق كۈن توغۇلغاي قارا كېچىدىن.
                    -«دانالار خەزىنىسى»دىن

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  130
يازما سانى: 522
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1169
تۆھپە : 0
توردا: 386
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-18

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 15:33:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبنۇرى يوللىغان ۋاقتى  2014-1-25 23:17
ئۆزبېكتە بار خۇرشىدە دەۋران،
ئۇيغۇردا بار رىسالەت مە ...

خۇرشىد دەۋران شېئىرلىرىنى شائىر يالقۇن ئەزىزى يېقىندىن بېرى تولىمۇ گۈزەل رەۋىشتە تۇنۇشتۇردى.

  ماقالىمۇ ئوبدان يېزىلىپتۇ.

--لېكىن، ئىبنۇرىنىڭ يۇقارقى مەشھۇر قوشاقسىمان  گېپىدىن «رىسالەت مەردان بولغاچقىلا ئۇيغۇر بار بولدى» دېگەن گەپمۇ چىقىدۇ.
   سىزنىڭ رىسالەتنى ئۇچۇرىمەن دەپ ئۆچۈرمەكچى بولغانلىقىڭىز مېنى بەك ئەپسۇسلاندۇردى.

قەلبىمدە بىر دېڭىز بار، مەڭگۈ قۇرىماس!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5039
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 100
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 15:37:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبنۇرى يوللىغان ۋاقتى  2014-1-25 23:17
ئۆزبېكتە بار خۇرشىدە دەۋران،
ئۇيغۇردا بار رىسالەت مە ...

- ھازىرقى زامان يۇمۇرلىرىدىن تاللانما!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5510
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 745
تۆھپە : 0
توردا: 170
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 16:00:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىشان ئېنىق،يول راۋان بولسا مەخسەتكە ھامان يەتكىلى بولىدۇ.

قېرىپ قالساڭمۇ قال ھېرىپ قالما،يىتىم قالساڭمۇ قال غېرپ قالما.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1115
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1132
تۆھپە : -1
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 16:06:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    يېقىندىن بۇيان  شېئىرىيەت ئىلمىي ئۈستىدە دادىل قەلەم تەۋرىتىپ ئىجتىھات بىلەن ئىزدىنىۋاتىسىز، سىزنىڭ تېمىلىرىڭىزدىن كەلگۈسى ئىجادىيەت مېۋىلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ مول ھوسۇللۇق بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلدىم. ئىزدىنىشلىرىڭىز تېخىمۇ بەرىلەتلىك بولسۇن !!! سىزگە سالامەتلىك، تېخىمۇ كۆپ كۈچ قۇۋەت، ئويغاق ئەقىل تىلەيمەن !  

بىلوگىمغا ئەسەرلىرىمنى يوللىدۇم، كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قى

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2741
يازما سانى: 576
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1054
تۆھپە : 0
توردا: 192
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-28

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 17:10:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەيدائىيغا تەشەككۇر...

قاسىمجان ئوسمان؛- قېرىندىشىم!ـ ئارتۇقچە ئويلاپ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى خوراتماڭ...!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش