نازلى يوللىغان ۋاقتى 2014-10-9 18:06
بۇ تېمىنى ياخشى يوللاپلا . ھازىر ئەسەرلىرىمىزلا ئەمەس ...
سىزنىڭ ئىملاغا دىققەت قىلىدىغىنىڭىزنى سۆزلىرىڭىزدىن بىلگىلى بولىدۇ. ئايتماتوپفنىڭ : «كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ، ئانا تىلىنى ئۇنتۇش جىنايەت» دېگەن مەشھۇر سۆزى بار. ئۇ بىر ئۆمۈر رۇس تىل-يېزىقىدا يېزىقچىلىق قىلغان يازغۇچى بولۇپ، ئاۋۇ گەپنى ئۆز ئەمەلىيتىدىن خۇلاسسىلىگەنلىكى ئېنىق. شۇڭا كەلگۈسىدە پۇشايمان قىلماسلىقىمىز ئۈچۈن، ھازىردىن باشلاپ خەنزۇ تىلى بىلەن ئانا تىلغا تەڭ ئېتىبار بېرىشىمىز ۋە ئانا تىلنىڭ ئىملا قائىدىسىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. سىزگە كۆپ رەھمەت!