يازغۇچىلار تورى

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى ۋە ئۇنىڭ رولى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-4-12 17:16:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرائوپ ئۇستاز كۆڭلىمىزدىكى گەپنى دەپتۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-12 17:18  


ۋاقتى: 2014-4-29 21:31:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايىتى قىممەتلىك ماتىريال ئىكەن بۇ!

ۋاقتى: 2014-5-1 20:51:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئەمدى كۆرۈپتىمەن....ھەقىقەتەن قىممەتلىك ماتېرىيال ئىكەن. بولۇپمۇ بىزدەك ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىدا ساۋات چىقارغانلار ئۈچۈن. مۇئەللىمگە ۋە ئوغلان530غا رەھمەت.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-6 00:59:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



             تاگور: «ئانا تىلدا دېيىلگەن سەپسەتە ئۆز گە تىلدا دېيىلگەن ھېكمەتتىن ئۇلۇغ» دېگەنىكەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-23 10:35:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




                     ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقى توغرىسىدا


يېڭى تارىخىي شارائىتتا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يىزىق خىزمىتى يېڭى خىرىسقا يۈزلەندى. ئىدىيەۋى تۇنۇش جەھەتتە، بەزى رايونلار ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يىزىقنىڭ قىممىتى، رولى ۋە ئەھمىيىتىگە نىسبەتەن مۇجمەل تونۇشتا بولدى. بەزى يولداشلار ئارىسىدا «ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يىزىقى كارغا كەلمەيدۇ، ئۇنى ئۆگىنىش يۈك بولىدۇ...» دېگەندەك قاراشلار ھەمىشە پەيدا بولماقتا؛ ئاز سانلىق مللەتلەر تىل-يېزىق سىياسىتىنى تۈزۈش جەھەتتە، ئايرىم جايلاردا قانۇننى ۋە سىياسەتىنى ھۆرمەتلىمەيدىغان ئەھۋاللا كۆرۈلمەكتە. مىللەتلەر تىل-يىزىق خىزمىتى جەھەتتە، ئىلىم-پەننى، تىل-يېزىقنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ھەمدە ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتنى ھۆرمەتلىمەي، سوبيېكتىپ ھۆكۈم چىقىردىغان؛ ئالدىراقسانلىق بىلەن قارىغۇلارچە ئىلگىرىلەيدىغان خاھىش ھەم ئۇسۇللار ئايرىم جايلاردا، شۇنداقلا بەزى كىشىلەر ئارىسىدا بىر ئاز باش كۆتۈرۈ قالدى؛ «قۇش تىل» مائارىپىنىڭ ئەسلىي مەنىسى ۋە كېڭىيىشىنى چۈشىنىشى ئەتراپلىق ۋە توغرا بولمىغانلىقتىن، بىر قىسىم ئادەملەر تونۇش جەھەتتە،  بىر تەرەپلىمىلىك قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى ۋە باشقىلار.
ئۇلار نۆۋەتتىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتمەكتە. بۇ مەسلىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىنمايدىغان، ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمايدىغان بولسا، ئىناقسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، مىللەتلەر ئۆز تىل- يىزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسلىسگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، چوڭقۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ توغرا يېتەكلەش، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق ـــ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ۋە شارائىت يارىتىش كېرەك.  
ماركسىزملىق مىللەتلەر باراۋەرلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتىنىڭ يېتەكچى فاڭجىنىنى پۇختا ئىگەللەش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىق مەسىلىسى مىللەتلەر مەسلىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقى ئۈستىدىكى قاراش ھەم سىياسەتلەر ماركسىزملىق مىللەت قارىشى، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ مۇھىم گەۋدىلىنىشى ۋە مۇھىم بەلگىسى.  لېنىن مۇنداق كۆرسەتكەن: «كىمكى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى ۋە تىل باراۋەرلىكىنى ئېتراپ قىلمىسا، قوغدىمىسا ۋە بارلىق مىللىي زۇلۇمغا، باراۋەرسىزلىك ھادىسىلىرىگە قارشى كۈرەش قىلمىسا، ئۇ ماركىسىزىمچى ئەمەس، ھەتتا دېمۇكراتىزمچىمۇ ئەمەس.»  پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىمىز ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ ۋە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى.
1934-يىلى، ماۋزىدۇڭ 2-قىتىملىق سوۋېتلەر قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا: «سوۋېتلەر ھاكىمىيىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ۋە تىل-يېزىقىىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن. 1945- يىلى، «بىرلەشمە ھۆكۈمەت ھەققىدە» ناملىق ئەسىرىدە: «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە دىنىي ئىتىقادى ھۆرمەتلىنىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن.
دېڭ شياپىڭ تېبەتكە يۈرۈش قىلىش توغرىسىدىكى «ئون سىياسەت»تە : «تېبەتكە يۈرۈش قىلىش تېبەت مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقى ۋە مەكتەپ مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.» دەپ ئوتتۇرىغا  قويغان.
1989-يىلى، جياڭ زېمىن مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى يىغىنىدا: «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ھوقۇق مەنپەئەتى ۋە تىل-يېزىق جەھەتتىكى باراۋەرلىك ھوقۇقىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى ھۆرمەتلەش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.
1992-يىلى، ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.»
مىللەتنىڭ  تىل-يىزىقى ـــ مىللەتنىڭ يادرولۇق قىممىتىدۇر. تىل-يېزىق مەسلىسى ئوبدان ھەل قىلىنمىسا، مىللەتلەر ئارىسىدا تالاش-تارتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى ھۆرمەتلەش ـــ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ھۆرمەتلىگەنلىك بولۇپ، بۇ مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىدا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ جەھەتتە، سوۋىت ئىتتىپاقىدا 130 مىللەت، 120  نەچچە خىل تىل بارئىدى. لېنىن خېلى بۇرۇنلا ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «بىز بىر نۇقتىنى قولىمايمىز، ئۇ بۇلسىمۇ مەجبۇرلاش نۇقتىسى. بىز كالتەك بىلەن كىشىلەرنى جەننەتكە ھەيدەشنى قوللىمايمىز، چۈنكى سەن مەدەنىيەت توغرىسىدا ھەر قانچە چىرايلىق، يېقىملىق سۆزلەرنى قىلغىنىڭ بىلەن، دۆلەت تىلى مەجبۇرلاش ۋە قاتتىق بۇلۇش تەركىبنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مېنڭچە، ئۇلۇغ ھەم سەلتەنەتلىك رۇس تىلىنى كالتەك ئارقىلىق كىشىلەرنى مەجبۇرلاشنىڭ زۆرۈريىتى يوق... ھالبۇكى، مەجبۇرلاش (كالتەكلەش) بىر خىل ئاقىۋەتنى پەيدا قىلىدۇ، يەنى ئۇلۇغ ھەم سەلتەنەتلىك رۇس تىلىنى مەجبۇرلاش ۋاستىسى بىلەن باشقا مىللەتلەر گۇرۇھىغا سىڭدۇرگىلى بولمايدۇ. تېخمۇ مۇھىمى، ئۇنداق قىلىش يەنە كېلىپ دۇشمەنلىشىش كەيپىياتىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاز بولمىغان يېڭى سۈركۈلۈشلەرنى ھەمدە ئىناقسىزلىق ـــ ئارازچىلىقلارنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ ۋە باشقىلىقلار. ئەمما، لېنىندىن كېيىن«رۇس تىلىنى بىلمەيدىغانلار ھەقىقىي لېنىنزمچى بولالمايدۇ» دېگەن ئىدىيەنىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، رۇس تىلىنى ئۆگىنىش ئۇزاق مۇددەتكىچە مەجبۇرىي يولغا قويۇلۇپ، باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلى تېگىشلىك دەرىجىدە ئېتىبارغا ئېلىنمىغان. دىمەك، تىل مەسلىسى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ كېتىشنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بېرىدۇر. سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، ھەرقايسى مۇستەقىل ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئەڭ  ئاۋالقى ئىنكاسلىرىنىڭ بىرى شۇ يولدىكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تىل-يېزىق قانۇنلىرىنى تۈزۈپ، ئۆز تىل-يېزىقلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى تىل-يېزىقىغا ئايلاندۇردى. چېخسلوۋاكىيەنىڭ ئايرىلىپ چىقىشمۇ، ئاساسلىق مىللەت ھېسابلانغان چېخ مىللىتىنىڭ سلوۋاك مىللىتىىنڭ ئۆز تىل-يېزىقى ۋە ئەدەبىياتىنى ئىشلىتىشنى ھۆرمەتلىمىگەنلىكى بىلەن ئىنتايىن چوڭ مۇناسىۋەتلىك . يۇقىرىدىكىدەك ئەك ئاچچىق ساۋاقلار تىل-يېزىقنىڭ پىسخىكىلىق رولىغا، سىياسىي رولىغا ۋە تەلىم-تەربىيە رولىغا سەل قارىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپلىق قىلىنىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھېسىياتىغا ئازار بېرىلگەنلىكتىن كېلىپ چىققان. شۇنىڭ ئۈچۈن، مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتىدە، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئارزۇسىنى ھۆرمەتلەش كېرەك، ئورۇنلۇق ئىشلارنى قىلىش، ئورۇنسىز ئىشلاردىن ساقلىنىشنىڭ ئۆزىلا تېخىمۇ ئورۇنلۇق ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈندۇر.

    دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومېتىتى مۇئارىپ پەن- تېخنىكا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى تيەن لىيگاڭنىڭ ماقالىسىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-24 18:52:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ لايىھىنىڭ مەزمۇنى




1. كىرىش

2. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى
3. بۇ لايىھىدىكى ھەرپلەرنىڭ نامى، شەكلى ۋە سانى، شۇنداقلا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەشتىكى ئىلمىي ۋە تېخنىكىلىق ئاساسلار
4. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسىنىڭ قىسقىچە ئىملا قائىدىسى

5. بۇ لايىھىدىكى ھەرپلەرنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىغا جايلىشىشى
6. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تېكىستلەر بىلەن لاتىن ھەرپلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن تېكىستلەرنى بىر-بىرىگە ئايلاندۇرۇش يۇمشاق ماتېرىيالى (چۈشۈرۈش ، بۇ پروگراممىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن كومپيۇتېرىڭىزدا Microsoft .NET Framework 3.5 بولىشى كېرەك)


1. كىرىش

ئۇيغۇرلار قاراخانىيلار دەۋرىدىن باشلاپ (ئىدىقۇت خانلىقى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن سىرت) ئەرەب يېزىقىنى قوبۇل قىلغاندىن تارتىپ، تاكى 1965-يىلى 1-ئايغىچە بولغان مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە، بۇ يېزىقنى پەيدىنپەي ئىسلاھ قىلىپ، ئىزچىل قوللىنىپ كەلگەن. 1965-يىلى 1-ئايغا كەلگەندە، بۇ يېزىق  ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىنى 1982-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 17 يىل رەسمىي قوللانغان. 1984-يىلىدىن باشلاپ ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئۇنى بۈگۈنگە قەدەر  قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

ھازىر قوللىنىۋاتقان ئۇيغۇر يېزىقى جەمئىي 32 ھەرپتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سەككىزى سوزۇق تاۋۇشنى، 24 ى ئۈزۈك تاۋۇشنى ئىپادىلەيدۇ.



2. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى
   يېزىق مەدەنىي جەمئىيەتنىڭ بەلگىسى. شۇنداقلا جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلار تارىختا يېزىق قوللىنىشتا نۇرغۇن ئەگرى-توقاي تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى بېشىدىن كەچۈردى. تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار يېزىق قوللانغان ئۇزۇن ۋاقىت جەريانىدا خىلمۇخىل ئېھتىياج تۈپەيلىدىن كۆپ قېتىملاپ يېزىق ئۆزگەرتكەن. بۇ ئۆزگەرتىشلەر كۆپ ھاللاردا شۇ يېزىقلارنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇش، ئەلالاشتۇرۇش ئۈستىدىكى ئادەتتىكى ئىسلاھات بولماستىن، بەلكى ئەسلىدىكى يېزىقنى تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى بىر يېزىقنى دەسسىتىش بىلەن تاماملانغان ئىسلاھات بولغان.

بىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلار مەدەنىيەتكە قەدەم قويغان ۋاقىتتىن باشلاپلا ئۆز تىل-يېزىقىنى ئۆز دەۋرىگە لايىقلاشتۇرۇپ كۈندىلىك تۇرمۇش، ئشلەپچىقىرىش، پەن-مائارىپ ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا مۇناسىپ ئىشلىتىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقتىن پايدىلىنىش تارىخى ئۇزۇن، يېزىق قوللىنىش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى زور بولسىمۇ، تارىختىكى كۆپ قېتىملىق يېزىق ئۆزگەرتىشلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۈزۈكچىلىك، كېيىنكىسىنىڭ ئالدىنقىسىنى ئىنكار قىلىشى قاتارلىق ئامىللار شۇنچە پارلاق يېزىق مەدەنىيىتىگە ئىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەن-مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسىلىشىگە زور دەرىجىدە توسالغۇ بولغان. يېقىنقى 70-80 يىل مابەينىدە، بولۇپمۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋىي ئاڭ ۋە زامانىۋىي پەن-تېخنىكىغا بولغان تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، يېزىقنىڭ رولى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلۇشقا باشلىدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالى ۋە ئىنتېرنېت تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتى، ئىشخانا خىزمەتلىرىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇملىشىشى دۇنيا مىقياسىدا ئىنقىلاب خاراكتېرلىق ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن دەۋر تەرەققىياتىنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەر يېزىقىغا بولغان تەلىپىمۇ كۈنسايىن كۈچىيىپ باردى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن مىللەتلەر ئارقا-ئارقىدىن ئۆز يېزىقلىرىنى كومپيۇتېر تېخنىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېزىقنىڭ ئۇچۇر دەۋرىدىكى ئۆزگىچە ئۈنۈمىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىشقا باشلىدى. ئۇيغۇر يېزىقىنى كومپيۇتېرغا تونۇتۇش ۋە ئۇنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ خىزمەت قىلىش ئىشى گەرچە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىلا باشلىنىپ، كۆپلىگەن نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، بۇ ساھەدىكى نەتىجىلەر ئاساسەن يېزىق بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرچە يۇمشاق ماتېرىياللاردا ئوخشاش ئۆلچەم قوللىنىلمىغاچقا، يەنى ئۆلچەملىك ھەرپ نۇسخىلىرى، خەت شەكىللىرى ۋە كودى بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىدا بىرتۇتاش قوللىنىلمىغاچقا، بۇ يۇمشاق ماتېرىياللار بىر-بىرىنى قوللىماي كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ھەر ساھە خىزمەتلىرىمىزدىكى رولىنى بەلگىلىك چەكلەپ كەلگەنىدى. ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇچۇرلارنى يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرى ۋە بازار ئىگىلىكىدە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تارقىتىش ئۈچۈن ھازىر بەزى شەخسلەر، شىركەتلەر ۋە ئايرىم ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلات ناملىرى، ماركا ناملىرى، تور بېكەت ئىسىملىرى، تور ئۇچۇرلىرى قاتارلىقلارنى ئۇيغۇر يېزىقىغا قوشۇمچە قىلىپ، قېلىپلاشمىغان لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەپ يەتكۈزىۋاتىدۇ (مەسىلەن: Qinnuri, HANATLAS, www.xabnam.com, ALDOS, IHLAS... دېگەندەك). نۆۋەتتە جەمئىيىتىمىزدە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى  لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەشنىڭ بىرنەچچە خىل لايىھىسى قىسمەن ساھەلەردە قوللىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ لايىھىنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتى ئورگانلىرى تەرىپىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن يەرلىك ياكى دۆلەتلىك ئۆلچىمى، خەت شەكلى، ھەرپ نۇسخىلىرى، ئىملا قائىدىسى بولمىغاچقا، يېزىلىشى ھەر خىل، ھەرپ شەكىللىرىمۇ قالايمىقان بولماقتا.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پەن-تەتقىقات خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن 2000- 2001- يىللىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىرقانچە قېتىم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك تىل-يېزىق خادىملىرى، كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسلىرى قاتناشقان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، مۇزاكىرە، مۇھاكىمە ئارقىلىق بۇ مەسىلە توغرىسىدا مەلۇم ئورتاق خۇلاسىمۇ چىقارغانىدى. ئەمما تۈرلۈك ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسى  ئىلمىي ۋە تېخنىكىلىق جەھەتتىن ھازىرغا قەدەر بىرلىككە كەلتۈرۈلمىگەنىدى. شۇنداق بولسىمۇ، جەمئىيىتىمىزدىكى ھەر ساھە كىشىلىرى، بولۇپمۇ بىر قىسىم ياشلار بىرقانچە يۈرۈش ئاتالمىش ‏«ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى» ۋە «ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى‏» نى (بۇنداق ئاتاش توغرا ئەمەس) تەشۋىق قىلماقتا  ۋە زۆرۈر بولغان ئايرىم ساھەلەردە قوللانماقتا. مانا بۇ ئەھۋاللار بىزدىن ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەيدىغان يۇقىرىقىدەك ئۇسۇللارنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى جىددىي تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. بۇ خىل زۆرۈرىيەت تۈرتكىسىدە، كومىتېتىمىز جەمئىيەت تەكشۈرۈش ۋە ئاممىدىن پىكىر ئېلىش ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ۋە ئورگانلارغا بۇ خىزمەتنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇشتۇردى. دۆلەتلىك تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى قاتارلىق ئورگانلار بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ، قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى. نەتىجىدە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىش خىزمىتى دۆلەتلىك تەتقىقات تېمىسى سۈپىتىدە كومىتېتىمىزنىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلدى (بۇ تېمىنىڭ تەستىق نومۇرى: MZ115—68). نۆۋەتتە كومىتېتىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملار ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتە دەلىللەش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىپ كۆپچىلىككە سۇندى. شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، بۇ لايىھە پەقەتلا بىر تەتقىقات نەتىجىسىدىنلا ئىبارەت بولۇپ، ئونى زۆرۈر تېپىلغان ئايرىم ساھەلەردە بىر خىل ياردەمچى ۋاسىتە سۈپىتىدە قوللىنىشقىلا بولىدۇ، ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىشكە ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ.


3. بۇ لايىھىدىكى ھەرپلەرنىڭ نامى، شەكلى ۋە سانى، شۇنداقلا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەشتىكى ئىلمىي ۋە تېخنىكىلىق ئاساسلار
  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق كىشىلەر ئىشلىتىپ بىرقەدەر ئادەتلەنگەن، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش ئۈلگىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ تۆۋەندىكى لايىھىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بۇ لايىھىدىكى ھەرپلەرنىڭ نامى، سانى ۋە ئېلىپبە تەرتىپى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنىڭ نامى، سانى ۋە ئېلىپبە تەرتىپى بىلەن ئوخشاش. بۇ لايىھىدە ھەرپلەرنىڭ پەقەتلا باسما نۇسخىسىنىڭ چوڭ، كىچىك شەكىللىرى قوبۇل قىلىندى. بۇ لايىھە  ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىلمىيلىك پرىنسىپىگە ئاساسەن كومپيۇتېرنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ئىنگلىزچە 25 (جەمئىي 26 ھەرپ بار) ھەرپ ۋە كېڭەيتىلگەن رايوندىكى قىسمەن لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدا، ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر تاۋۇشقا بىر ھەرپ بولۇش تەلىپى بويىچە بېكىتىلدى.


بۇ لايىھىنىڭ ئېلىپبە جەدۋېلى




  ئىلمىيلىك جەھەتتە:

بۇ لايىھىدە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ھەرپ بەلگىلەشتىكى ئاساسىي پرىنسىپى بولغان بىر ھەرپ بىر تاۋۇشنى ئىپادىلەش نىشانى  ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

  تېخنىكىلىق جەھەتتە:

  1) بۇ لايىھىدە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى 32 ھەرپنىڭ 29 ى كومپيۇتېرنىڭ كۇنۇبكا تاختىسىدىكى 25 لاتىن  ھەرپى بىلەن ئىپادىلىنىپ، قالغان ئۈچ ھەرپ (ئۆ، ئۈ، ئې، يەنى Ëë, Üü, Öö) لاتىن ھەرپلىرىنىڭ كېڭەيتىلگەن رايونىدىن تاللاندى.
2) بۇ لايىھىدىكى  «ئا، ئە، ب، پ، ت، ج، چ، خ، د، ر، ز، س، ش، غ، ف، ق، ك، گ، ڭ، ل، م، ن، ھ، ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ، ۋ، ئې، ئى، ي» قاتارلىق 31 تاۋۇشنى

«Aa, Ee,Bb, Pp, Tt, Jj, Ch ch, Xx,Dd, Rr, Zz, Ss, Shsh, Ghgh‏, Ff, Qq, Kk, Gg, Ngng, Ll, Mm, Nn, Hh, Oo, Uu, Öö,Üü, Ww, Ëë, Ii, Yy»
قاتارلىق لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادە قىلىش خەلقئارادىكى كۆپ تىللاردا بىرقەدەر قېلىپلىشىپ بىرلىككە كەلگەن بولغاچقا، بۇ ھەرپلەر بىلەن يۇقىرىقى تاۋۇشلار ئىپادە قىلىندى. بۇنداق بولغاندا بىزنىڭ  لاتىن يېزىقىنى قوللىنىدىغان باشقا تىللارنى ئۆگىنىشىمىزگە، باشقىلارنىڭمۇ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشىگە مەلۇم  جەھەتتىن ياردىمى بولىدۇ.

3) «چ» بىلەن «غ» تاۋۇشى ئۇيغۇر تىلىدا نىسبەتەن كۆپ قوللىنىدىغان تاۋۇش بولسىمۇ، «چ» تاۋۇشى ئۈچۈن «Ch,ch» قوشما ھەرپى، «غ» تاۋۇشى ئۈچۈن «Gh,gh‏» قوشما ھەرپى  ياسالدى. چۈنكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلەر ئۇيغۇرچە تېكىستلەرنى لاتىنچە ھەرپلەر بىلەن ئىپادىلىگەندە، «چ» ۋە ‏«غ‏» تاۋۇشلرىنى «Ch,ch» ۋە ‏«Gh,gh‏» قوشما ھەرپى بىلەن ئىپادە قىلىشقا ئادەتلەندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلقئارادىمۇ يۇقىرىقى بەلگە بىلەن‏ بۇ ئىككى تاۋۇشنى ئىپادە قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز ئادەت كۈچىگە ھۆرمەت قىلغان ۋە خەلقئارا بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىغان ئاساستا مۇشۇ قوشما ھەرپلەرنى تاللىدۇق.

4) بۇ لايىھىدە ‏«ژ‏» ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپى ئۈچۈن ‏«Zh,zh‏» قوشما ھەرپى ياسالدى. چۈنكى ‏«ژ‏» ئۇيغۇر يېزىقىدا ئىنتايىن ئاز ئىشلىتىلىدىغان ھەرپ بولغاچقا، ئۇنىڭغا قوشما ھەرپ ياسالسا، ئىملا ۋە تەلەپپۇزدا باشقا ھەرپلەر بىلەن توقۇنۇشمايدۇ.

5) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ‏«ئۆ، ئۈ، ئې‏» ھەرپلىرى ئۈچۈن لاتىن ھەرپلىرىنىڭ كېڭەيتىلگەن رايونىدىن ‏«Ëë, Üü, Öö» ھەرپلىرىنى تاللىدۇق. چۈنكى خەلقئارالىق ترانسكرىپسىيىدە ۋە باشقا بەزى يېزىقلاردا بۇ ھەرپلەر بىلەن  يۇقىرىقى تاۋۇشلارنى ئىپادىلەش ئادەت بولغان.
بۇ لايىھىدىن ئۆرنەك

  Yëqinda, bir zhurnaldin ëlimizning melum bir ölkiside yüz bergen ajayip tesirlik bir hëkayini oqup, ümidning adem üchün hemmidin muhim orunda turidighanliqini hës qilghandek boldum .
Aldinqi esirning 70-yillirida ëlimizning melum ölkisidiki chet, taghliq bir bazarda bir dëhqan ghelite bir xil këselge giriptar bolup qaptu. Dëhqanning kësilige nahiye we bazardiki doxturlar hëch amal qilalmaptu. Chünki, ular ezeldin bundaq këselni uchritip baqmighaniken, shuning bilen dëhqan ölkilik dohturxanigha bëriptu. Doxturlar uning kësilini tekshürüp körgendin këyin intayin heyran qaptu. Chünki, uning kësili az uchraydighan kësellik iken. Uni chet’eldin import qilin’ghan bir xil dora bilenla dawalighili bolidiken, lëkin tüp yiltizidin yoqatqili bolmaydiken, uning üstige bu xil këselge giriptar bolghan kishi köp bolghanda aran bir yërim yilla yashiyalaydiken. Tëximu epsuslinarliq yëri, bu dëhqan ölkilik dohturhanigha ketkende, uning yurtida yene alte adem bu xil këselge giriptar bolghan iken. Ularning hemmisi ghurbetchilikte kün ötküzidiken, hetta ölke merkizige bërishqa këtidighan yol kirasighimu chiqinalmaydiken.

4. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسىنىڭ قىسقىچە ئىملا قائىدىسى

ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسىنىڭ ئىملاسىنى ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسى بويىچە قوللىنىشقا ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. مۇشۇ زۆرۈرىيەتتىن بۇ لايىھىنىڭمۇ قىسقىچە ئىملا قائىدىسى تۈزۈپ چىقىلدى.  

بۇ لايىھىنىڭ ئىملا قائىدىسى ئومۇمىي جەھەتتىن ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسى بىلەن ئوخشاش. ئەمما ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ھەرپلىرى، يېزىلىش يۆنىلىشى بىلەن لاتىن يېزىقىنىڭ ھەرپلىرى ۋە يېزىلىش يۆنىلىشى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان تېكىستلەرنى بۇ لايىھە بىلەن ئىپادە قىلىشقا توغرا كەلگەندە (ياكى ئەكسىچە بولغاندا)، بەزىبىر ئىملا مەسىلىلىرىگە يولۇقۇشىمىز تەبىئىي. يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن بۇ قىسقىچە ئىملا قائىدىسى تۈزۈلۈپ، پەرقلىق نۇقتىلار كۆرسىتىلدى.  
بۇ لايىھىنىڭ ئىملا قائىدىسى بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلىنىدىغان نۇقتىلار تۆۋەندىكىچە:



1) سۆز تەركىبىدە ئالدىنقى بوغۇم ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلىشىپ، كېيىنكى بوغۇم سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغان بولسا، بۇنداق بوغۇملارنى ئالدىنقى بوغۇمدىن ئايرىش ئۈچۈن ئالدىنقى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ئوڭ تەرەپ يۇقىرىسىغا بوغۇم ئايرىش بەلگىسى«’» قويۇلىدۇ.
مەسىلەن:
tash'eynek, tel'et, qel'e, sen'et, ün'alghu, kir'alghu, yen'en, chang'en...
2) سۆز تەركىبىدە ئىككى بوغۇمغا تەۋە بولغان «n» بىلەن «n»، «g» بىلەن «gh» ۋە «z» بىلەن «h» ھەرپلىرى قاتار كېلىپ قالغاندا، بۇلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىش ئۈچۈن ئالدىنقى بوغۇمدىكى «n» ۋە «z» تاۋۇشلىرىنىڭ ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قىسمىغا بوغۇم ئايرىش بەلگىسى «’» قويۇلىدۇ.  
مەسىلەن:

ten'ge, kün'ge, ögen'gen, qilin'ghan, qamchilan'ghan  ez'her,mez'hep, Öz'hal......


3) جۈملىنىڭ باش ھەرپى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ.

مەسىلەن:

(1)Misir tarixida ular‏» sikoslar‏ «dep atilidu ....................................
   Ariyanlarning bundaq zor türkümde köchüshini zadi nëme keltürüp chiqardi?
(2) Jem'iyette xilmuxil kesp mewjut, muhimi kespni toghra tallash.
4) كىشى ئىسىملىرى، يەر-جاي ناملىرى، ھەر خىل ماركا، مەھسۇلات ناملىرى، لوزۇنكا، ماۋزۇ، ئىدارە-ئورگان، تەشكىلات ناملىرى قاتارلىقلارنى بۇ لايىھە بىلەن يېزىشقا توغرا كەلسە، بۇ سۆزلەرنىڭ باش ھەرپى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ ياكى ھەممە ھەرپلىرىنى چوڭ ھەرپ بىلەن يازسىمۇ بولىدۇ.

باش ھەرپى چوڭ يېزىلغانلىرى:

Yüsüp Xas Hajip, Shinjang Uyghur Aptonom Rayoni, Birleshken Döletler Teshkilati, Mehmud Kashigheri Tughulghanliqining Ming Yilliqini Tebriklesh Yighini, Shinjang Xelq Neshriyati
ھەممە ھەرپلىرى چوڭ يېزىلغانلىرى:

    YÜSÜP XAS HAJIP, SHINJANG UYGHUR APTONOM RAYONI, BIRLESHKEN DÖLETLER TESHKILATI, MEHMUD KASHIGHERI TUGHULGHANLIQINING MING YILLIQINI TEBRIKLESH YIGHINI, SHINJANG XELQ NESHRIYATI...
5) ھەرپ بويىچە قىسقارتىلغان سۆزلەر چوڭ ھەرپ بىلەن ئۇلاپ يېزىلىدۇ.

مەسىلەن:

     SM---santimëtir, BDT----- Birleshken Döletler Teshkilati
JXI---Jamaet Hewpsizlik Idarisi,  SHUAR--- Shinjang Uyghur Aptonom Rayoni
6) بوغۇم بويىچە قىسقارتىلغان سۆزلەرنىڭ بىرىنچى ھەرپى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ.

مەسىلەن:

Obkom--- Oblastliq Komitët, Partkom---- Partiye Komitëti
7) پاراگراف بەلگىسى ساندىن كېيىن يېزىلىدۇ. پاراگراف بەلگىسىدىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ.

مەسىلەن:

1§.           2§.           3§.        4§.         5§.         6§.          7§.
8) تىنىش بەلگىلىرىدىن سوئال بەلگىسى «?»، پەش «,»، چېكىتلىك پەش «;» لەر بۇ لايىھىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە قوللىنىلىدۇ.



5. بۇ لايىھىدىكى ھەرپلەرنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىغا جايلىشىشى

     بۇ لايىھىدىكى ئىنگلىزچە كۇنۇپكا تاختىسىدا بولمىغان «ئۆ، ئۈ، ئې» (Ü, Ö Ë,) قاتارلىق ئۈچ ھەرپنىڭ كۇنۇپكىدىكى ئورنى ۋە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
   ئىنگلىزچىنىڭ خەلقئارالىق كىرگۈزۈش ئۇسۇلى (English international key board layout, 美国英语__国际) نى قاچىلاپ، تاللىغاندىن كېيىن «ئۆ، ئۈ، ئې» (Ë,Ü,Ö) ھەرپلىرىنى تۆۋەندىكى بىرىكمە كۇنۇپكىلارنى بېسىش ئارقىلىق چىقىرالايسىز.
Shift+"+U

Shift+"+E

Shift+"+O


6. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تېكىستلەر بىلەن لاتىن ھەرپلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن تېكىستلەرنى بىر-بىرىگە ئايلاندۇرۇش يۇمشاق ماتېرىيالى

بۇ يۇمشاق ماتېرىيال ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان تېكىستلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادە قىلىشتا ياكى لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدىكى بۇ لايىھە بىلەن يېزىلغان تېكىستلەرنى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئاپتوماتىك ئايلاندۇرۇشتا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ يۇمشاق  ماتېرىيال تېكىستلەرنىڭ مەيلى قايسى خىل ھەرپلەر بىلەن ئىپادە قىلىنىشىدىن قەتئىينەزەر ئىملانىڭ توغرا، تىنىش بەلگىلىرىنىڭ جايىدا قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداق بولغاندىلا بىر-بىرىگە ئايلاندۇرۇلغان تېكىستنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.   







«ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسى» نى تەكشۈرۈپ بېكىتىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-24 18:57:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-25 13:18:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىلە يوللىغان ۋاقتى  2014-4-29 21:31
بۇ ناھايىتى قىممەتلىك ماتىريال ئىكەن بۇ!




          شۇنداق، بۇنىڭ قىممەتلىك ماتېرىيال ئىكىنلىكىنى بىلگەندىن كېيىنكى گەپ قانداق ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا. بۇنى ئۆگەنمەسلىك ــ تاماقنى ئوخشۇتۇپ ئېتىپ يېمىگەنگە باراۋەر. ھەممىمىز ئۆگىنەيلى ۋە ئىزچىللاشتۇرايلى!

ۋاقتى: 2014-5-29 03:56:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن !

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-8 18:39:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
م.توختى سەببەت يوللىغان ۋاقتى  2014-5-1 20:51
مەنمۇ ئەمدى كۆرۈپتىمەن....ھەقىقەتەن قىممەتلىك ماتېرىيا ...





           لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىدا ساۋات چىقارغانلارنىڭمۇ ناھايىتى نۇرغۇنلىرى ئىملا قائىدىسىنى ئۆگىنىپ، ھەتتا يېزىقلارنى، ئۇنىڭ ئۆزگىرىشلىرىنى تەتقىق قىلىپ بىر يەرلەرگە ئېلىپ باردى. كۈندە مۇشۇ يېزىق بىلەن ھەپىلىشىدىغان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھازىرغىچە ئىملايىمىزنى بىلمەي، ئىملا ئۆزگەرتىدىغان ئالىملاردىن قاقشاپ يۈرگىنىگە ھەيرانمەن.
         ئىملا ئۆزگەرتىدىغانلار ئىشى يوق بېشىغا توپا سورۇپ قېلىپ ياكى باشقلارغا تەسلىك پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئىملا قائىدىسىنى ئۆزگەرتمەيدۇ، بەلكى بىرلەمچى تىلنىڭ تەرەققىياتىغا ئىككىلەمچى تىل (يېزىق) نىڭ سۈرئىتى يېتىشەلمىگەندە ياكى تەتۈرىسى يۈز بەرگەندە، ئۇنى تېخىمۇ ياخشىلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ ئۆزگەرتىدۇ. شۇڭا ئۆزىمىزنى مىللەتنىڭ بايراقدارلىرى ھېسابلايدىغان زىيالىيلار ئۆزگىرىشنىڭ قانۇنىيىتىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا ماسلىشىپ ۋە ئۆگىنىپ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، بايراقدار بولىشىمىز لازىم (بۇ نەقىل ئىنكاسچىغا دېيىلگەن گەپلەر ئەمەس).

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-12 11:09:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىلە يوللىغان ۋاقتى  2014-4-29 21:31
بۇ ناھايىتى قىممەتلىك ماتىريال ئىكەن بۇ!




             بۇ ناھايىتى قىممىتى بار ماتېرىيال بولغاچقا، بۇ يەرگە يوللاندى. بولمىسا يوللىغىلى بولامتى؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-12 11:19  


ۋاقتى: 2014-6-16 17:14:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسەلەم مۇئەللىم، يېزىقچىللىرى بەركەتلىك بولغاي.

ۋاقتى: 2014-7-13 16:43:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئانا تىلىم ياشىسۇن »دەپ بار ئاۋازىمىز بىلەن توۋلىغاندىن كۆرە،ئىملا قائىدىسىگە ئەھمىيەت بەرسەك بولىدۇ.

ۋاقتى: 2014-7-26 03:06:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى پات-پات ئوقۇپ قويايلى!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-15 19:13:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Wolkani يوللىغان ۋاقتى  2014-5-29 03:56
مۇبارەك بولسۇن !




             بىرگە بولسۇن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش