«ئۆزقۇت كىتابخانىسى»نىڭ مەسئۇلى ئەنۋەر يۇنۇس ئۆزقۇت ۋاپات بولدى
ئەمەتجان قۇربان ئۇرغۇنىڭ بۇنىڭدىن 10سائەت بۇرۇن يوللىغان ئىنكاسى:
ئەنۋەر يۇنۇس ، سىز قېنى ؟ بۇ شۇم خەۋەر راستمۇ  ؟ سىزنى تېخى 3 سائەت ئالدىدا  قازا قىلدى دەيدۇ، بۇ  نىمە گەپ ؟ ماڭا : - ياق ، بۇ  خەۋەر يالغان ، نەدىن تاپتىڭىز بۇ قۇرۇق گەپنى؟! - دەڭ ! 
ئەنۋەرجان، كىتاپخانىڭىزغا كىتاپ ئەكەلگىلى  يىراق شەھەرلەرگە كەتتىڭىزمۇ   يا ؟ مەن شۇنداق دەپ ئويلاپ تۇراي؟  يېڭى كىتاپنىڭ خەۋېرىنى ئاڭلسىڭىزلا شۇ ھامان زاكاس بۇيرۇتۇپ تېلفۇن قىلاتتىڭىز؟ 
     ئەنۋەرجان ، تورغا  چىقىپ  ماڭا بىر كۆرۈنۈپ قويۇڭە دوستۇم ؟ پۇت -قوللۇرۇم تېترەپ،مېڭەم سېقىراۋاتىدۇ، سىز ئەمدى كورۇنمىسىڭىز مەن ئارتۇقچە گۇمانلىنىپ قالىمەن.   تېز بولۇڭ ،ماڭا  ئىنكاس  يېزىڭ؟!...پۇچۇركىڭىزنى بىر كۆرەي؟...؟   ئەنۋەرجان ، يوقاپ كەتتىڭىزغۇ ؟ .... 
ياسىنجان ئوسمان ئەركزاتنىڭ  3سائەت بۇرۇن يوللىغان ئىنكاسى:
ئەلۋىدا!!!! مەن قەشقەر ئەدىبلىرى ئالاقە-ئۇچۇر گورۇھى ۋە يازغۇچىلار  چ چ توپىدىكى ئۇچۇرلار ئارقىلىق قەلەمكەش دوستۇم، مەرىپەتۋەر ئەدىب، خېلى غوللۇق ئەدەبىي تەرجىمان ئەنۋەر يۇنۇس ئۆزقۇتنىڭ 2014-يىل 24-يانۋار كەچتە قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، بەك بىئارام بولدۇم. قازاغا رىزا....
 
 
   2009-يىل 19-فېۋرال ئاپتونۇم رايونىمىز بويىچە خوتەندە ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھاكىمە يىغنىدا  خېلى كۆپ قەلەمكەش-تەتقىقاتچىلار دىدار-مۇلاقەتتە بولغانتۇق. شۇ ۋاقىتتىكى خاتىرە سۈرەتتىن بىرنى يوللاپ قويغۇم كەلدى.
    سۈرەتتە: سولدىن-ئوڭغا: ئەنۋەر يۇنۇس ئۆزقۇت، ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار، ياسىنجان ئوسمان ئەركزات، ئۆمەرجان ئوبۇل ئۆزتۇغ  (2009-يىل 19-فېۋرال، خوتەن )
يوللىغۇچىدىن:
باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ تېمىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق قىلىپ، يوللاپ، تەستىقلاپ قويۇشۇڭلارنى سورايمەن.
م.توختى سەببەت. 2014-يىلى1-ئاينىڭ25-كۈنى