بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئىچىم شۇنداق ئاچچىق بولۇپ كەتتى. مەن گەرچە ئەنۋەر يۈنۈس ئەپەندىم بىلەن دىدارلىشىپ باقمىغان بولساممۇ توردا خېلى پىكىرلىشىپ تۇراتتۇق.ئوزقۇت كىتاپخانىسى مېنىڭ داۋاملىق كىتاپ سېتىۋىلىش ئورنۇم ئىدى ئەنۋەر مۇئەلىم مېنىڭ تاللىغان كىتاپلىرىمنى دىگەن ۋاقىتتا ماڭا سېلىپ بېرەتتى . كونا خېرىدارىم دەپ « كەچمىش» دىگەن كىتاپنى سوۋغا قىلغان ئىدى . ئۇ ئېسىل ئادەم ئىدى ئەپسۇس ھاياتى تولىمۇ قىسقا بولدى .خەيىر تەغدىرگە ئامال يوق مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي ئۇرۇق - تۇققانلىرىغا سەۋىرلىك تىلەيمەن.
|