كۆرۈش: 168|ئىنكاس: 3

ئابدۇلئېزىز ئىسمائىل :پادىچى بالا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 2683
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 10214
تۆھپە : 5
توردا: 672
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-28

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-25 12:22:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پادىچى بالا

ھېكايە

ئابدۇلئېزىز ئىسمائىل



         ۋىجىك ئۇچىسىغا كىرلەشكەن پوررەڭ بوغماق چاپان،  كېلەڭسىز ئۇزۇن ئىشتان كىيگەن،  ئۆسكىلەڭ چاچلىرى قاغا چاڭگىسىدەك پاخپايغان،  جۈدەڭگۈ چىرايى ساماندەك سېرىق 11 – 12 ياشلاردىكى بىر ئوغۇل بالا مەھەللە ئارقىسىدىكى پايانسىز سازلىقتا تەنھا مال بېقىۋاتاتتى.  ئالا – يېشىل ئوت – چۆپ قۇلاقلىرىدىكى مۇنچاق – مۇنچاق شەبنەملەر سەھەر قوياشىنىڭ ساغۇچ نۇرىدا مەرۋايىتتەك يالتىرايتتى.  كەچ كۈزنىڭ نەمخۇش سوغ شامىلى بىچارە بالىنىڭ يېلىڭ ئۇچىسىغا يىڭنىدەك سانجىلاتتى.  
        ئۇ بالا رەجەپ بىدىكنىڭ ئوغلى رەھىمجان ئىدى.  رەجەپ بىدىك بۇندىن بىر يىل مۇقەددەم كېسەلجان دىلكەش ئايالىنى مەجبۇرى قويىۋىتىپ،  ھېنىپەم دېگەن تىلى بال،  دىلى زەھەر جۇۋاننى ئەمرىگە ئالغاندى.  ئۇ ۋىجدانسىز دادا قارا نىيەت،  مەككار خۇتۇننىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن ئوغلىنى ئوقۇشتىن توختىتىپ،  تۆت ئايدىن بۇيان مال باققۇزىۋاتاتتى.  مۇئەللىملەر بىر قانچە قېتىم كېلىپ،  رەجەپ بىدىككە قىلمىغان تەنبىھ – نەسىھەتلىرى قالمىدى.  لېكىن ئۇ، -بالا ئۆزەمنىڭ،  ئوقۇتامدىم،  مال باقتۇرامدىم نېمە كارىڭلار،  دېھقان بالىسى ئوقۇپ ئەرشىئالاغا چىقامتى. . .   دەپ توڭ تېگىپ ئوغلىنى مەكتەپكە ئېبەرتمىدى.  رەھىمجانمۇ، -سېلەردىن خوش بولۇپ كېتەي،  مېنى ئوقۇغىلى قويۇڭلار. . .  دەپ دادىسى بىلەن ئۆگەي ئانىسىغا تالاي قېتىم يىغلاپ يېلىندى.  لېكىن ئۇلار، -كۆزۈڭنىڭ يۇندىسىنى ئېقىتىپ تولا چىشىمىزغا تەگمەي مېلىڭنى باق،  يەنە ئوقۇشنىڭ گېپىنى چىقارساڭ تىلىڭنى كېسىۋالىمىز!...  دەپ ئۇرۇپ-تىللاپ،  ئۇنىڭ گۈزەل ئارزۇسىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۇپ كېلىۋاتاتتى.  
        بىچارە رەھمىجان ھەر كۈنى مال باققاچ مەھەللىدىكى بالىلارنىڭ شاد – خۇرام مەكتەپكە ماڭغىنىنى كۆرگەندە،  سەبىئى يۈرىكى پىچاقتا تىلغاندەك ئېچىشىپ،  ئۆكسۈپ يىغلاپ كېتەتتى.  ئاتا – ئانىسىنىڭ رەھىمسىزلىكىگە ئىچى – ئىچىدىن نەپرەتلىنەتتى.  ئۇ تالاي كۈنلەرنى ئاشۇنداق دەرد – ئازاپ ئىچىدە مال بېقىپ ئۆتكۈزدى.  لېكىن،  يۈكسەك غايە،  ئىشەنچىدە خۇپىيانە دەرس تەكرارلاشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.  
        ئۆيدە ياۋۇز ئايال پادىشاھتەك ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان ئۆگەي ئانىنىڭ تىللاپ – دۆشكەللىشى بىلەن رەھىمجان بۈگۈن قاق سەھەردە مال باققىلى كەلگەندى.  ئۇ قوي – ئۆچكىلەرنى ئىختىيارى ئوتلاشقا قويىۋىتىپ،  قوينىغا خۇپىيانە سېلىۋالغان خەنزۇ تىلى كىتابنى ئالدى – دە،  ياپراقلىرى ئوتقاشتەك قىزارغان بىر كۈنلۈكسىمان يۇلغۇن دەرىخى ئاستىدا دۈگدۈيۈپ ئولتۇرۇپ،  پۈتۈن زېھنى بىلەن تېكىست ياد ئېلىشقا باشلىدى.  ئۇ ئاتا – ئانىسىنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ۋەھىم يەپ،  پات – پات تۆت ئەتىراپقا ئالاقىزادىلىك بىلەن قارايتتى.  
        -رەھىمجان ئاداش،  مال باققاچ يەنە دەرس ئۆگەنگىلى تۇرۇپسەن – ھە؟ !
        ئۇ توك سوققاندەك چاچراپ تۇرۇپ كەتتى.  پارتىداش ساۋاقدىشى مەردانجان ئۇنىڭغا ھېسداشلىق نەزىرىدە قاراپ تۇراتتى.  
        -مال باقماي نېمە ئىش قىلاتتىم؟ -دېدى رەھىمجان كۆزلىرىگە لۆممىدە ياش ئېلىپ، -ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزمەي دەپ خەنزۇ تىلى ئۆگەنگىلى تۇردۇم.  
        -بەك تىرىشچان جۇمۇ سەن،  تاش يۈرەك داداڭ بىلەن ھازازۇل ئۆگەي ئاناڭ ئوقۇغىلى قويغان بولسا كەلگۈسىدە چۇقۇم ئالىم بولاتتىڭ.  ساۋاقداشلار سېنى بەك سېغىندى.  مۇئەللىممۇ دائىم سېنىڭ تەرىپىڭنى قىلىدۇ.  
        -ئوقۇيمەن دېسەم ئاتا – ئانام ئۇرۇپ – تىللىسا،  مەندە نېمە ئامال بار دەيسەن؟  مۇئەللىم بىلەن ساۋاقداشلىرىمنى مېنىڭمۇ بەك كۆرگۈم كەلدى.  
        -ئەمدى بۇ ئازاپتىن سەل قۇتۇلىدىغان بولدۇڭ، -دېدى مەردانجان قەتئى ئىشەنچى بىلەن.  
        -بۇ. . .   بۇ. . .   نېمە دېگىنىڭ ئاداش؟  
        مەردانجان ئازراق دېمىنى ئېلىۋىلىپ،  شادىيانە كەيپىياتتا سۆزگە كىرىشتى:  
        -تۆنۈگۈن مەكتەپتە ناھىيە،  يېزا باشلىقلىرى،  ھەر قايسى كەنتنىڭ سېكىرتارلىرى قاتناشقان داغدۇغىلىق چوڭ يىغىن ئېچىلدى.  يىغىندا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ دېيىشىچە،  ھازىر مەكتىۋىمىزدە توختىۋالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 200 دىن ئېشىپ كېتىپتۇ.  شۇڭا ناھىيە ھاكىمى باللىرىنى مەكتەپكە ئىبەرتىمىگەن ئاتا – ئانىلارغا ئىقتىسادى جەھەتتىن جېرىمانە قويۇشنى،  بۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنى مۇجبۇرى مائارىپ قانۇنى بويىچە قاتتىق جازالاشنى ئۇقتۇردى.  
        -ئەجەپ بەلەن بوپتۇ!  – رەھىمجان خوشاللىقتىن چاۋاك چېلىپ،  ئۇچۇرۇم بولغان قۇشقاچ بالىسىدەك چۇرقىراپلا كەتتى، -ئۇلار بۇرۇنراق شۇنداق قىلغان بولسا،  شۇنچە كۆپ بالا ئوقۇشسىز قالمايتتى.  ئەمدى مەنمۇ مۇرادىمغا يېتىدىغان بولدۇم.  يۈرە ھازىرلا بېرىپ بۇ ئىشنى كەنت باشلىقىغا دەيلى.  
        -ماقۇل،  يۈرە ئەمىسە.  
        ئىككەيلەن شۇئان ھەر تەرەپكە چېچىلىپ كەتكەن قوي – ئۆچكىلەرنى يىغىپ،  سۈرۈشكىنىچە مەھەللىگە چاپتى.  ئۇلار كەنت قورۇسى ئالدىغا كېلىپ قاققان قۇزۇقتەك قېتىپلا قالدى.  رەجەپ بىدىك بىر توپ كىشىلەر ئارىسىدا داد – پەرياد ئۇرىۋاتاتتى:  
        -ھېنىپەم دېگەن بەدنىيەت قانجۇق 20 نەچچە يىلدىن بۇيان يىمەي،  كىيمەي مىڭ بىر جاپادا يىققان 50 مىڭ كوي پۇلۇمنى ئوغۇرلاپ قېچىپ كېتىپتۇ.  ئۇ مەلئۇننىڭ شېرىن – شىكەر گەپلىرىگە ئالدىنىپ مېھرىبان ئايالىمنى خورلاپ قويىۋەتكەننىڭ قىساسىنى تارتتىم.  بۇ دەرتكە چىداپ تۇرسام يېزا باشلىقى،  ئوغلۇڭنى تۆت ئاي مەكتەپكە ئىبەرتمىگەن گۇناھىڭ ئۈچۈن 2000 سوم جىرمانە تۆلەيسەن،  دەيدۇ.  ھەممىسى ئاشۇ دەييۇزنىڭ كاساپىتى.  خالايىق،  مەن ئەمدى قانداق قىلىمەن؟ !...   
        رەھىمجان دادىسىنىڭ ئېچىنىشلىق نالى – پەريادىغا چىداپ تۇرالماي بىردىن كىشىلەر توپىنى يېرىپ، -دادا،  جېىنىم دادا!  – دەپ ھۆڭرەپ يىغلىغىنىچە دادىسىغا ئېسىلدى.  رەجەپ بىدىك ئوغلىنى مەھكەم قۇچاقلاپ،  ئۇنىڭدىن يېنىچ – يېنىچلاپ ئەپۇ سورايتتى.  تۇرۇپ يېزا باشلىقىدىن گۇناھىنى تىلەپ ھۆركىرەپ يىغلايتتى.  بۇ بەخىتسىز ئاتا – بالىنىڭ يىغا – نالىسى ئەل – جامائەتنىڭ يۈرىكىنى ئېزىپ خۇن قىلىۋەتتى.  يېزا باشلىقى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگەن كادىر – ساقچىلارنىڭمۇ ئىچى سىرىلىپ،  ئازاپلىق مۇڭغا پاتقاندى.  
        -رەجەپ قارى،  سەۋىر قىلسىلا، -دېدى يېزا باشلىقى ئۇلۇغ – كىچىك تىنىپ، -سېلىنى بۇ بالا – قازاغا يولىقار دەپ خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرمەپتىكەنمىز.  بۇرۇنقى ئاياللىرى بىلەن يارىشىپ،  ئوغۇللىرىنى مەكتەپكە تۇلۇق ئىبەرتىپ بەرسىلە جېرىمانە ئالمايمىز.  خاتىرجەم بولسىلا،  يېزىلىق ساقچىخانىدىكىلەر ھېلىقى قاپ يۈرەك خۇتۇننى قايدىن بولمىسۇن تۇتۇپ كېلىپ پۇللىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ بېرىدۇ.  
        يېزا باشلىقى دەرتمەن رەجەپ بىدىكنىڭ كۆڭلىگە بىر ھازا تەسەللىي بېرىپ،  ئاندىن ھەمراھلىرى بىلەن جىپقا ئولتۇرۇپ باشقا كەنتلەرگە يۈرۈپ كەتتى.  
        رەجەپ بىدىك قىلمىشىغا قاتتىق پۇشايمان يەپ، رەھىمجاننىڭ ئۆز ئانىسى بىلەن يارىشىۋالدى. ئوغلىنىمۇ ئەتىسىدىن باشلاپ مەكتەپكە تۇلۇق ئېبەرتتى. يېزىلىق ساقچىخانىدىكى كادىر – ساقچىلار 10 كۈندىن كېيىن ھېنىپەنى ئۈرۈمچىدىن تۇتۇپ كېلىپ،  ئۇنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن قولغا ئالدى. ئۇ شۇم نىيەت خۇتۇن ئۈچ مىڭ سومنى خەجلەپ بولغاندى.ساقچىلار قالدى47 مىڭ سومنى ئۇنىڭدىن قايتۇرىۋىلىپ رەجەپ بىدىككە بەردى.  
        ئادەمنىڭ بۇرنىغا سۇ كىرمىگىچە ئوڭشالمىغىنىدەك، رەجەپ بىدىك ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، كېسەلچان ئايالىنى داۋالىتىپ ساقايتتى. شۇندىن بۇيان بىر ئائىلە كىشىلىرى بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈردى.رەھىمجانمۇ خاتىرجەم ئوقۇش شارائىتىغا ئىگە بولدى.

























بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-25 18:34  


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1136
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 70
تۆھپە : 0
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-25 18:00:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلىپتۇ ،رەخمەت ئەسىرىڭىزگە!!

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزنى  يۈكسەكلىككە ئېلىپ چىقايلى!! كەسپىمنىڭ ئۇيغۇر تىلى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن.

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 1695
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 10299
تۆھپە : 3
توردا: 1082
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-30

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 00:07:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما يوللۇغۇچىغا رەھمەت.

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 2683
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 10214
تۆھپە : 5
توردا: 672
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-28

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 21:36:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇلئېزىز ئىسمائىل مۇئەللىمگە نىسبەتەن رەخمەت.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش